جىگدە چېچىگىنىڭ قانداق رولى بار؟
جىگدە چېچىگىنىڭ قانداق رولى بار؟ نېمىلەرگە پايدا قىلىپ، نېمىلەرگە زىيان قىلىدۇ؟ بەزىلەر جىگدە چېچىكىنى پۇرىما بولمايدۇ دەيدىكەن بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ جىگدە چېچىكى ھەققىدە بىلىدىغانلار قانچىلىك بىلسەڭلەر كۆپرەك چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار؟ جىگدە چېچىگى ھەققىدە ماتىرىيال لازىم بولۇپ قالدى. مۇشۇ ھەقتە ماتىرىيال مەنبەسى بولسا تەمىنلىگەن بولساڭلار. ھىسيات قوزغايدۇ. پۇراپ باقسىڭىزلام بىلىسىز. قىزلار پۇرىسا تىخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدىكەن دەيدىغۇئاندىن ھەسىلى پايدا قىلىدۇ شۇ جىگدە چىچىكىدىن يەنە گۇلقەن ياسايدىكەن ، نېرۋا ئەسەپ ئاشقازانلارغا پايدا قىلىدىكەن
بۇنى بويىغا يەتمىگەن توي قىلمىغان قىزلارغا پۇراتماسلىق كېرەك . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Nanqipi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-6 13:43
يىقىندىن بىرى ئاغىچامنىڭ بىر ئىشلاغا تازا مەيلى يوق بوپ قاغانتى. پۇرۇتۇپ سىناپ باقسام بوغۇدەك. ئاڭلىمىغان گەپنى ئاڭلىدىمغۇ بۈگۈن جىگدە چىچىگى گۇل قەنتىنىڭ تەبىئىيتى ھۆل ئىسسىق،مىڭە،يۇرەك،باھنى قوۋەتلەش رولى بار...يەنە نىرۋىنى قۇۋەتلەش،ئاياللىق ھورمۇنى تەڭشەش قاتارلىق................. بۇ تېمىغا چۈشكەن ئىنكاسلار سەل قېلىندەك قىلامدۇ نېمە؟ مەن ھېلىراق بىر تېما يازاي Nanqipi يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 13:38 static/image/common/back.gif
يىقىندىن بىرى ئاغىچامنىڭ بىر ئىشلاغا تازا مەيلى يوق ب ...
:lol ئىپارخاندىن جىگىدە چىچىگىنىڭ پۇرقى كىلەرمىش تۈزۈك پاراڭ قىلىڭلار بەزىڭلار ... ماۋۇ ئاممۋى سورۇن zaghra يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 12:23 static/image/common/back.gif
ھىسيات قوزغايدۇ. پۇراپ باقسىڭىزلام بىلىسىز. قىزلار پۇر ...
باھنى قوزغايدۇ دىمەكچىما سىز؟ چوڭلاردىن قۇرۇت-قوڭغۇزلارنى ئۆلتۈرىدۇ دەپ ئاڭلىغان،
جىگدە چىچەكلىگەندە، ئاشخانا تاملىرىغا ئېسىپ قويسا، ھەسەن-شىرىك، چۇسا قاتارلىق زىيانداشلانى ئۆلتۈرىدۇ دىگەندەك ئىسىمدە . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sabira تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-6 15:20
جىگدىدە ناھايىتى كۆپ قەنت ماددىسى بار، بولۇپمۇ نان جىگدىسىدىكى قەنت ماددىسى 50-60 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدۇ.
بەزى جايلاردا جىگدە ئاشقازان كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا، ئىچ ئۆتكۈنى توختىتىشقا،سىركىگە چىلىنىپ كۈندە بىر قانچە قېتىم 10-20 تامچىدىن ئىچىش ئارقىلىق بەدەننى قۇۋەتلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.
جىگدە چىچىگى گۈلقەنتى ئەر-ئاياللاردىكى بەل ۋە بۆرەك، بالىياتقۇ، ئاشقازان سۇۋۇپ ئاجىزلاشقان، ۋە ئاياللاردىكى بەزى ئۆزىگە خاس كىسەللىكلەرگەئىشلىتىلىدۇ.
«جىگدە پۇراپ قاپتۇ»دىسە بوۋىلار
تويىمىز يىقىنكەن دەيمىز شادلىقتا
ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات كىتابىدا مۇشۇنداق بىر شىئىر بولىدىغان رەھىم قاسىمنىڭمۇ ئەيتاۋۇر ئالما چىچىگى باغدا ،
يۇلغۇن چىچىگى سايدا .
قىز قاچۇر يىگىت قوغلار ،
جىگدە پۇرىغان چاغدا . جىگدە چىچىگى ئېقىش سېرىق رەڭدە ، خۇش پۇراقلىق چېچەكتۇر.
2-دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسيىتى: مىڭىنى قۇۋەتلەش، ئەر ۋە ئاياللار ئاغرىقلىرى، يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرگە مۇداپىئە قىلىش خۇسۇسيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىش ئورنى: ھەرخىل مىڭە كىسەللىكلىرى، كۆكرەك ئاغرىقلىرى، ھاسىراش، ھۆمىدەش، دىمى تۇتۇلۇش، ئۆپكە جاراھەتلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئاشقازاننى قۇۋەتلەيدۇ، باھنى قۇۋەتلەيدۇ،جىگەرنىڭ ، تالنىڭ تۇسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ،يەللەرنى تارقىتىدۇ، بەزگەك كىسىلى، تالنىڭ بۇزۇلغىنىغا مەنپەئەت قىلىدۇ، ئۇ ئادەتتە شەربەت قىلىپ ئىچىشكە بىرىلىدۇ، سۇقۇپ خېمىر قىلىپ جاراھەتلەرگە تاڭسا پايدا قىلىدۇ،ھۆلى تېپىلمىسا قۇرۇقنى ئىشلەتسمۇ بولىدۇ،ئۇنى قاينىتىپ يېغى چىقىرىلىدۇ،مۇپاسىل، پەي سۇسلاپ كەتكەنلەرگە ھەم چاچ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ياغلىنىدۇ،گۈلىدىن چىقىرىلغان ئەرەق( چىلانمىسىنى پارغا ئايلاندۇرۇپ ئېلىنغان سۇ) مەيدىدىكى يەللەرنى تارقىتىدۇ. جىگدە چېچىگىنىڭ پۇرىقى ماڭا رېيەكسىيە قىلىدۇ، يەنى بېشىم ئاغرىيدۇ. tadubeg يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 13:57 static/image/common/back.gif
بۇ تېمىغا چۈشكەن ئىنكاسلار سەل قېلىندەك قىلامدۇ نېمە؟
بۇ تېمىغا مانا دەل كىرىپ قاپسىز، جىگدە چېچىگى توغرىسىدىكى پاراڭلار بىزدە ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولسا كېرەك، بىز چوڭ بولساقمۇ شۇنداق پاراڭلار بولىدىغان، قىزلارنى «جىگدە پۇراپ قاپتۇ»، «جىگدە سېسىقىدا (جىگدە چېچىگى پۇرىقىنى دىمەكچى) قىزلار تۇرالمايدۇ»....دىگەندەك. سەۋەبى جىگدە چېچىگى پۇرىقى ئاياللارنىڭ ھېسىياتىنى قوزغىۋىتەرمىش..... بۇنداق پاراڭلارنى كۈلكە-چاخچاق بىلەن ئۆتكۈزۈۋىتەتتۇق، لىكىن ھەقىقەتەن ئاشۇنداق ئىش (ئاشۇنداق ئۈنۈم) بارمۇ-يوق بۇتوغرىلىق ئىلمى ھۆكۈم ئاڭلاپ باقمىغان. بۇ ئەسلىدىنلا ھەكىمگە خاس پاراڭ ئېدى، مانا ئەمدى سىزدىن كەلسۇن! كىتابلاردا بۇنى ئاساسى سۆزلەنمىگەن پەقەت دىققەت قىلىدىغان ئىشلار قاتارىدا بويىغا يەتمىگەن قىزلارغا پۇراتماسلىق كېرەك دىيىگەن.
بەت:
[1]
2