Qismet يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 09:51:16

«IT كەسپى ۋە ھەمكارلىق» لېكسىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇيۇشتۇرۇلدى

«IT كەسپى ۋە ھەمكارلىق» تېمىسىدىكى لېكسىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇيۇشتۇرۇلدى
   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر!
   بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى «IT كەسپى ۋە ھەمكارلىق» تېمىسىدا لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلگەن ئىدى.
   بۇ لېكسىيە 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى دەل ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۆزىمىز ئويلىغاندىنمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق. بىزگە بۇ ھەقتە تېلېفون قىلغانلار، ھەمكارلىشىشنى ئىستىگەنلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى. بەزى شىركەتلەر بىلەن مۇشۇ بىر-ئىككى كۈن ئىچىدە ھەمكارلىق توختامى تۈزىدىغانغا كېلىشتۇق.
   قىسقىسى، ھەمكارلىق بىزگە ھەقىقەتەن زۆرۈر ئىكەن. ھەمكارلىقنى چۈشىنىدىغانلار، خالايدىغانلار سىلەر -بىز ئويلىغاندىنمۇ كۆپ ئىكەن.
   لېكسىيەگە كارخانىلارنىڭ قانۇنىي ۋەكىللىرى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەردىكى دوكتورلىرى، پىروگراممېرلار، ئىدارە-ئورۇنلارنىڭ خادىملىرى، تېلېۋىزىيە، رادىيو، تور قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، شىركىتىمىزدىكى بىر قىسىم خىزمەتچىلەر، پىروگراممېر تەربىيەلەش سىنىپىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى قاتارلىق 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
   لېكسىيە ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن قارلۇق شىركىتىگە، لېكسىيەگە قاتنىشىپ بەرگەن بارلىق قېرىنداشلارغا رەھمەت ئېيتىمىز.
   لېكسىيە ئۈچ كۈنلۈك بايرام مەزگىلىگە توغرىلاشقانلىقى ئۈچۈن، تېلېۋىزىيە ۋە تور ئاخبارات ئورۇنلىرى مۇخبىر ئەۋەتكەن بولسىمۇ، كەسپىي كامېرا ۋە ئوپېراتور ئەۋەتەلمىدى. شۇڭا لېكسىيە جەريانىدىكى سىن ۋە سۈرەتلەر ئۆزىمىزدىكى ئۈسكۈنىلەر بىلەن سىنغا ۋە سۈرەتكە ئېلىندى. كامېرا، ئاپپارات ۋە ئوپېراتورلىرىمىز كەسپىي بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن، سىن ۋە سۈرەتنىڭ سۈپىتى بىر قەدەر تۆۋەن. شۇنداقتىمۇ يەنىلا سىلەرنىڭ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنۇلدى. ئەپۇ نەزىرىڭلار بىلەن قارىغايسىلەر، رەھمەت!

http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/0.jpg
لېكسىيە ئۇچۇرى بېرىلگەن دېكىراتسىيە

http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/1.jpg
ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، مەزكۇر لېكسىيەنىڭ تەشكىللىگۈچىسى، پىروگراممېر ئەمەتجان رۇسۇل «IT كەسپى ۋە ھەمكارلىق» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىمەكتە.

http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/2.jpg
ئەمەتجان رۇسۇل لېكسىيە سۆزلىمەكتە.

http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/3.jpg
ئەمەتجان رۇسۇل لېكسىيە سۆزلىمەكتە.
http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/4.jpg
ئەمەتجان رۇسۇل لېكسىيە سۆزلىمەكتە.
http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/5.jpg
ئەمەتجان رۇسۇل لېكسىيە سۆزلىمەكتە.
http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/6.jpg
ئەمەتجان رۇسۇل لېكسىيە سۆزلىمەكتە.
http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/7.jpg
ئەمەتجان رۇسۇل لېكسىيە سۆزلىمەكتە
http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/8.jpg
لېكسىيەدىن كېيىن شىنجاڭ ئەلچىن مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، مەستىر مەجىك سېھىرگەرلەر كۇلۇبىنىڭ قۇرغۇچىسى، 2012-يىللىق جۇڭگودىكى 24 داڭلىق سېھىرگەرنىڭ بىرى ئەنۋەر ئازاد ئەلچىن ئېسىل نومۇرلىرى ئارقىلىق، لېكسىيە ئەھلىنىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويدى.

http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/9.jpg
ئەنۋەر ئازاد ئەلچىن نومۇر ئورۇنلىماقتا.

http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/10.jpg
ئەنۋەر ئازاد ئەلچىن نومۇر ئورۇنلىماقتا (ئۈرۈمچى يەلتاپان ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئابلەتجان ئىسمايىل ماسلىشىپ بەردى.)

http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/11.jpg
ئەنۋەر ئازاد ئەلچىن نومۇر ئورۇنلىماقتا (ئۈرۈمچى ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى، يۈكسەل بىلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەلقەم ئىلھام يۈكسەل ماسلىشىپ بەردى. ئەنۋەرنىڭ «قايسىڭلاردا 100 يۈەنلىك پۇل بار؟ مەن بىر پۇلنى ئىككى پۇلغا ئايلاندۇرۇپ بېرىمەن» دېگەن گېپىدىن ھاياجانلىنىپ مەيدانغا چۈشكەن يۈكسەل نومۇردىن كېيىنكى ئىككى پۇلغا (بىر يۈەنلىكتىن ئىككى) قاراپ ئازاپلىق كۈلمەكتە.)
http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/12.jpg
شىنجاڭ ئۆزتۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە باش دىرېكتورى، «ئۆزتۈرك ئاسپىرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى» نىڭ باش پىلانلىغۇچىسى، «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى بايرىمى»نىڭ تەشەببۇسچىسى، ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرىنىڭ ئاساسچىسى تاھىر ئىمىن ھازىرقى زاماندىكى ھەمكارلىق ئۇقۇمى ھەققىدە سۆز قىلماقتا.

http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/13.jpg
تاھىر ئىمىن سۆز قىلماقتا.

http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/14.jpg
شىنجاڭ ئابىدە بىيو–تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئوبۇلھەسەن باغداش شىركىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ھەمكارلىق ھەققىدە سۆز قىلماقتا.

http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/15.jpg
شىنجاڭ مەغرىب سودا چەكلىك شىركىتى، مىراس كىيىمچىلىكىنىڭ باش دىرېكتورى قەمىردىن ھاجىم IT كارخانىلىرى بىلەن باشقا كەسىپتىكى كارخانىلارنىڭ قانداق ئۇسۇلدا ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكى ھەققىدە سۆز قىلماقتا.
http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/16.jpg
قەمىردىن ھاجىم سۆز قىلماقتا.

http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/17.jpg
شىنجاڭ مۇئەللىم ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئەخمەتجان نورۇز IT ساھەسى، جۈملىدىن ئېلېكتىرون ساھەسى ۋە ھەمكارلىق ھەققىدە سۆز قىلماقتا.

http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/18.jpg
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىدىن دوكتور ئابدۇسالام شۈكۈر نۇھ ئۆزىنىڭ تەتقىقات خىزمىتى بىلەن IT كەسپى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش ھەققىدە سۆز قىلماقتا.
http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/19.jpg
شىنجاڭ تەقۋا خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، ئەزھەرى ئەلەمشاھ مۇھەممەد ئۆزىنىڭ كەسىپ قارىشىنى چۆرىدەپ، ھەمكارلىق ھەققىدە سۆز قىلماقتا.

http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/20.jpg
ئەلەمشاھ مۇھەممەد سۆز قىلماقتا.

http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/21.jpg
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى، پىروگراممېر ئابدۇرېشىت نىياز 10 نەچچە يىل ئاۋالقى ۋە ھازىرقى تور تەرەققىياتىنى سېلىشتۇرۇپ، سۆز قىلماقتا.

http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/22.jpg
ئابدۇرېشىت نىياز سۆز قىلماقتا.

http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/23.jpg
زامانىمىزدىكى ئاۋانگارت ياشلارنىڭ بىرى، مىسرانىم ئۇنىۋېرسال تور بېكىتىنىڭ مەسئۇلى ئابابەكرى مۇختار ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش جەريانى، مىسرانىم تورىنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانى ۋە بۇ جەرياندىكى كەچمىشلىرى ھەققىدە سۆز قىلماقتا.

http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/24.jpg
ئۈرۈمچى ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى، يۈكسەل بىلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەلقەم ئىلھام يۈكسەل كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىش جەريانىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن سۆزلىمەكتە.

http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/25.jpg
شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى «ياشلىق مىلودىيەسى» پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى پاتىگۈل ئاۋۇت لېكسىيەگە رىياسەتچىلىك قىلماقتا.

http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/26.jpg
پاتىگۈل ئاۋۇت لېكسىيەگە رىياسەتچىلىك قىلماقتا.

http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/27.jpg
ئوپېراتورىمىز خىزمەتتە.

http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/28.jpg
لېكسىيە ئەھلى لېكسىيە ئاڭلىماقتا.

http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/29.jpg
لېكسىيە ئەھلى لېكسىيە ئاڭلىماقتا.
http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/30.jpg
لېكسىيە ئەھلى لېكسىيە ئاڭلىماقتا.

http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/31.jpg
لېكسىيە ئەھلى لېكسىيە ئاڭلىماقتا.
http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/32.jpg
لېكسىيە ئەھلى لېكسىيە ئاڭلىماقتا.
http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/33.jpg
لېكسىيە ئەھلى ئەنۋەرنىڭ نومۇرىدىن ھۇزۇرلانماقتا.
http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/34.jpg
لېكسىيە ئەھلى لېكسىيە ئاڭلىماقتا.
http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/35.jpg
لېكسىيە ئەھلى لېكسىيە ئاڭلىماقتا.
http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/36.jpg
لېكسىيە ئەھلى لېكسىيە ئاڭلىماقتا.
http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/37.jpg
لېكسىيە ئەھلى لېكسىيە ئاڭلىماقتا.
http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/38.jpg
لېكسىيە ئەھلى لېكسىيە ئاڭلىماقتا.
http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/39.jpg
لېكسىيە ئەھلى لېكسىيە ئاڭلىماقتا.
http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/40.jpg
لېكسىيە ئەھلى لېكسىيە ئاڭلىماقتا.
http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/41.jpg
لېكسىيە ئەھلى تاھىر ئىمىننىڭ سۆزىنى ئاڭلىماقتا.
http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/42.jpg
IT كەسىپ ئەھلىلىرىدىن ئەمەتجان رۇسۇل (كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى شىركىتى)، ئەخمەتجان نورۇز (مۇئەللىم شىركىتى)، ئابدۇرېشىت نىياز (ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى)، مۇھەممەت تۇرسۇن (ئەلنۇر شىركىتى) ۋە ئابابەكرى مۇختار (مىسرانىم ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى) دىن باشقىلار ئادەم كۆپ سورۇندا گەپ قىلىشتىن تارتىندى بولغاي، سۆز قىلغىلى چىقمىدى. بۇنىڭدىن ئەپسۇسلانغان ئەمەتجان رۇسۇل تېگى يوق خىياللارغا چۆمدى. ئەخمەتجان نورۇز ئەمەتجان رۇسۇلغا قاراپ، سىرلىق كۈلۈمسىرەپ قويدى.
http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/43.jpg
بىر قىسىم لېكسىيە ئەھلى خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/04/44.jpg
«IT كەسپى ۋە ھەمكارلىق» لېكسىيەسىدە تىلغا ئېلىنغان، ئەمەتجان رۇسۇلنىڭ ئىشخانىسىغا ئېسىلغان بىل.گەيتىس، ستىۋې.جوبس، ھوشۇر ئىسلام ۋە ئالىم ئەھەت قاتارلىق IT پېشۋالىرىنىڭ سۈرىتى

   مەنبە: http://bbs.xjcfan.com/thread-3979-1-1.html
بەت: [1]
: «IT كەسپى ۋە ھەمكارلىق» لېكسىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇيۇشتۇرۇلدى