Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-5-5 23:44:40

قۇتيار شوپۇرلۇق ئىمتىھان سىستېمىسىنىڭ تور نۇسخىسى ئېلان قىلىندى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Kulke تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-6 00:13

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار
قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىمىز نەچچە ئاي جاپالىق تىرىشىش نەتىجىسىدە بۇنىڭدىن بىر نەچچە ئاي بۇرۇن قۇتيار 2014- يىللىق شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان سىستېمىلىرىنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسى، يانفون نۇسخىسى ۋە يۈرۈشلۈك كىتابلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدۇق. ھەمدە شۇ چاغدا مەزكۇر سىستېمىنىڭ تور نۇسخىسىنى ئىشلەۋاتقانلىقىمىز ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. مانا بۈگۈن بۇ سىستېمىنىڭ تور نۇسخىسىمۇ دەسلەپكى قەدەمدە پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ سىستېما ھەققىدە كۆپ سۆزلىمىسەكمۇ بولار، چۈنكى ئالدىنقى تېمىلاردا سىستېما ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ۋە مەزمۇنلاردىن خەۋەردار بولغان ئىدىڭلار. بۇ سىستېمىمىزمۇ شۇ سىستېمىلارغا ئوخشاش، ھەممە يەرلىرى ئاساسەن ئوخشايدۇ.ئەڭ مۇھىمى سوئال ئامبىرى كومپيۇتېر ۋە يانفون نۇسخىلىرى بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش، پەقەت ئىشلىتىدىغان مۇھىتىلا ئوخشىمايدۇ.

بۇ تور نۇسخىسىنى ياساشتىن مەقسەد
بىرىنچىدىن: سۇپا ئاتلاش، ھەممە ئادەم Windows مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلىتىپ كېتىشى ناتايىن، ئەتراپىمىزدا باشقا مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىدىغانلارمۇ كۆپ.
ئىككىنچىدىن:ئەركىن ئىشلىتىش، بىرلا قېتىم سېتىۋېلىپ ئىشلىتىش قېتىم سانى تۈگىگۈچە ئۆيدە، ئىشخانىداۋە باشقا تور بار مۇھىتلاردا سىستېمىنى كۆپ ئورۇندا ئىشلىتىش.
ئۈچىنچىدىن:كومپيۇتېرى يوق، يانفونى Android سىستېمىلىق ئەمەس، تورخانىغا تولا كىرىۋالىدىغان، تورچى دوستلارغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش.
مەزكۇر تور نۇسخىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى سىزدە پەقەت بىر دانە كومپيۇتېر (قايسى ماركىلىق، قانداق سىستېمىلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەڭ كامىدا بىر تور كۆرگۈچ بولىشى كېرەك) ھەمدە شۇ كومپيۇتېرغا ئۇلاغلىق سىملىق ياكى سىمسىز تور بولسىلا سىز بۇ سىستېمىنى بىمالال ئىشلىتىپ كېتەلەيسىز.
ئۇنىڭدىن باشقا مۇھىت ، سۇپا ئاتلاش بۇ سىستېمىمىزنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى، يەنى مەزكۇر تور نۇسخىسى ھازىرغىچە تۆۋەندىكى تور كۆرگۈلەردەنورمال خىزمەت قىلالايدۇ
IE6, IE7, IE8, IE9, IE10, IE11، Google Chrome، FireFox، Opera(Presto)، Safari قاتارلىقلار.
بۇ سىستېما تور كۆرگۈچكە تاينىپ ئىشلەيدىغان بولغاچ مەشغۇلات سىستېمىسى Linuxياكى MacOS Xبولغان دوستلىرىمىزمۇ ئەنسىرىمەي سېتىۋالسا بولىدۇ، بىزنىڭمۇ تور نۇسخىسىنى ياساشتىن مەقسەدمۇ دەل كۆپ سۇپىدا ئىشلەيدىغان قىلىش.

ئۇنداقتا مەزكۇر تور نۇسخا شوپۇرلۇق سىستېمىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
كىرىش كۆزنىكى

يۇقارقى كۆزنەكتىن سىز مەزكۇر سىستېمىغا كىرسىڭىز بولىدۇ. بۇ يەردە 2 خىل تاللاش بار.
سىزدە كىرىش كۆزنىكىگە ماس بولغان كارتا ۋە مەخپىي نومۇر بولسا بىۋاسىتە بسىپ كىرپلا سىستېمىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ناۋادا يوق بولۇپ قالسا. ياندىكى «ئەگەردە قولىڭىزدا كارتا نومۇرى بولمىسا بۇ يەرنى بېسىڭ» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ توردا بىۋاسىتە سېتىۋالسىڭىزلا بولىدۇ.
بۇ مەشغۇلاتلارنىڭ ھەممىسى ئاپتوماتىك ئېلىپ بېرىلدۇ. سىز بىز بىلەن ئالاقە قىلماي تۇرۇپمۇ ئالىپاي ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇپ بولۇپلا مەزكۇر سىستېمىنى سېتىۋالالايسىز. يەنى كارتا نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرنى پۇل تاپشۇرغاندىن كېيىنلا ئالالايسىز.
قەدەم باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىدەك:






پۇل تۆلەش بېتى ئوڭۇشلۇق بولغاندىن كېيىنلا ئۇ بەتنى ئۆچۈرۋەتمەي نەچچە سېكۇنت ساقلسىڭىز كارتا نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرغا ئېرىشىسىز.

مانا بۇ سىز ئېرىشمەكچى بولغان كارتا نومۇرى شۇ.
بۇ توردىن سېتىۋېلىش ئۇسۇلى. يەنە بىر خىل ئۇسۇل مۇشۇ كارتىنىڭ ھەقىقىيسىنى بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ ياكى ھەرقايسى ۋاكالەتچىلەردىن سېتىۋېلىش ئۇسۇلىدۇر. بۇنىڭدا قولىڭىزغا ئادەتتىكى بانكا كارتىسىغا ئوخشاش قاتتىق بولغان ئۈستىدىكىدەك رەسىملىك بىر كارتا بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدا كارتا نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇر بار. ئۇ نومۇرنى قولدا جىجىلاپ چىقىرىپ شۇ ئارقىلىق سىستېمىغا كىرىسىز.

ئەمدى بۇ مەشغۇلاتلارنى تاماملاپ بولغاندىن كېىن بىۋاسىتە كىرىپ سوئال ئىشلىسڭىز بولىدۇ.










مانا بۇ ئىمتىھان بېرىش ۋە مەشىق قىلىش جەريانىدىكى كۆرۈنۈشلەر.
بۇ سىستېمىنىڭ بىر تۇتاش باھاسى 50 يۈەن. سىز 50 يۈەن تاپشۇرۇپلا بۇ سىستېمىنى 200 قېتىم ئىشلىتەلەيسىز. ۋاقىت چېكى يوق ئەمما قېتىم چېكى بار. بىر قېتىم كىرىش كۆزنىكىگە كىرىپ نومۇر باسسىڭىزلا بىر قېتىمغا ھېسابلىنىپ ماڭىدۇ. ۋاقىت، زامان ۋە ماكان چەكلىمىسى يوق. سىستېما تاللىمايدۇ، مەيلى ئالما كومپيۇتېرى بولسۇن ياكىLinux سىستېمىسى بار كومپيۇتېر بولسۇن ئىنتېرنېتقا ئۇلانغان بولسا بىمالال سوئال ئىشلەپ ماڭالايسىز. (7 سۇڭدىن چوڭ iPad تە نورمال ئىشلىتىش ئۇزۇنغا قالمايلا ئەمەلگە ئاشماقچى ، iPad بار دوستلارنىڭمۇ سېتىۋېلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.)

خوش ئۇنداق بولسا بۇ سىستېمىمىز بىلەنمۇ بىرەر قۇر تونۇشۇپ چىقتۇق. ئەمدى ئاساسلىق گەپكە كەلسەك، بىز ئىنسان، خاتالىقتىن خالىي ئەمەس. مەيلى بۇرۇن ئېلان قىلغان كومپيۇتېر نۇسخىسى، يانفون نۇسخىسى ۋە يۈرۈشلۈك كىتابلىرىمىزدا بولسا ئاز تولا خاتالىقلار بولۇشى تەبئىي. لېكىن بىز خاتالىقنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ تۇرۇپ، يەنىلا ھەرقايسى كۇرسانتلارنىڭ ئويلاپ تۇرۇپ ئىنچىكىلىك بىلەن بۇ سىستېمىلارنى پۈتتۈرپ بازارغا سالدۇق.بۇ سىستېمىنىڭ تەرجىمىسى، ئىملاسى ۋە باشقا سۈپەت جەھەتتە بۇنىڭدىن بۇرۇنقى بۇ تۈردىكى سىستېمىلاردىن ياخشى دېيەلەيمىز.
ئىشلەتكۈچىلىرىمىزنىڭئۆزىنىڭ ئەمەلىي مۇھىتىغا ۋە ئەھۋالىغا قاراپ،ە ھەرقايسى نۇسخىدىكى سىستېمىلىرىمىزنىئۆزى خالىغانچە تاللاپ سېتىۋېلىپ، تىرىشىپ ئۆگەنسىلا شوپۇرلۇق ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ مۇنەۋەر بىر شوپۇر بولۇپ چىقالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
بىز ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەڭ ياخشى شوپۇرلۇق سىستېمىسىنى ياسىغۇچى بولماسلىقىمىز مۇمكىن، ئەمما بىز شۇنداق بولۇشقا تىرىشىمىز ۋە تىرىشىۋاتىمىز. سىزلا تىرىشسىڭىز بىز سىزگە ئەڭ قولايلىق شوپۇرلۇق ئۆگىنىش سىستېمىلىرىنى يېڭىلاپ تەييار قىلالايمىز.

بۇ شوپۇرلۇق سىستېمىسىنىڭ كېيىنكى يېڭىقلىرى:
1 - ھەرقايسى ۋىلايەتلەردىكى مەكتەپلەرنى تاللاپ تۇرۇپ سوئال ئىشلەش ئىقتىدارى قوشۇلىدۇ.
.....
......
...... قالغان تۈرلەر ھازىرچە مەخپىي، ئۆزۈر.

سىستېمىغا كىرىش ئادرېسى:
http://tor.shopurluq.com ياكىhttp://tor.xopurluk.com

ھۆرمەت بىلەن: قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى
قۇتيار تور بېكىتى
ئاقسۇ قۇتيار كومپيۇتېر شىركىتى

2014-يىلى باھار ئېيىنىڭ 6-كۈنى

heqteyur يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 11:21:48

سىستېما پەچەت چىقىپتۇ، بۈگۈنكىدەك ھەممە نەرسە تورغا يۈكلىنىۋاتقان كۈندە ناھايىتى ياخشى مەھسۇلات بوپتۇ، شوپۇرلۇق نەزەرىيۋى بىلىملەرنى تورلا بولسا شوپۇرلۇق سىستېمىسىنى قاچىلايمەن دەپ ئاۋارە بولمايلا ئېچىلا كۆرگىلى بوپتۇ مانا، نېمە دېگەن قولايلىق ئىش بۇ. قوللايمىز، داۋاملىق تىرىشىڭلار ئەزىمەتلەر.

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 11:40:25

ياخشى چىقىپتۇ{:112:}

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 11:40:56

جاپا چەكتىڭلار، سىلەرگە رەھمەت.
ئىشلىتىش قېتىم سانى سەل ئاز بوپ قالدىمۇ نېمە؟
پۇل پورتمالدىن كىرگەندىن كېيىن، ئىشلىتىش قېتىم سانى پورتمالدىن چىقمىغاندىكىن سەل كۆپەيتىپ قويساڭلا بولارمۇ؟{:87:}

uyghurbez يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 12:17:57

ئەسسلاممۇ ئەلەيكۇم باللار ماڭا ئازراق مەسلەھەت بەرسەڭلار ،مەن يىقىندا بىر سانتانا 2000 ماشىنا ئالاي دىگەن ئىدىم ، بىر تونۇشنىڭ باتتى شۇنى ئالماقچى بۇلۇۋاتقان ماشىنا 2000-يىلىنىڭ ئىكەن ،ماتۇرى چاۋرىن ماتۇركەن قۇش يىقىلغۇلۇق، گاز تۇڭى دۇدەن گاز ئىكەن،ماشىنىڭ ئۇرۇلغان يەرلىرى باركەن يىزىبەنلىرى ئۇرلىپ ئىچىگە ئازراق كىرىپ كىتىپتۇ ،باھاسىنى 16مىڭدىن كام يۇق دەيدۇ ،ماڭا مەسلەھەت بەرسەڭلار ماشىنا مۇۋاپىقمۇ ياكى ئورە توختاپ قاپتۇمۇ ؟
سانتانا 2000 دىگەن ماشىنا قانداراق ماشىنا مەن يىڭى شۇپۇر شۇڭا ئىلىپ قۇل كۇندۇرەي دىگەن ئىدىم ..سايمانلىرى ئەزانمۇ

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 12:27:57

newstar يوللىغان ۋاقتى2014-5-6 11:40 static/image/common/back.gif
جاپا چەكتىڭلار، سىلەرگە رەھمەت.
ئىشلىتىش قېتىم سانى سە ...

ئىشلىتىش قېتىم سانىنىمۇ ئويلاشتۇق. ئىمتىھانغا ئوبدانلا 10-20 قېتىم كۆرۈپلا كىرسە 1-پەن ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كېتىشىدە گەپ يوق. 4 -پەنگىمۇ ھەم شۇنداق. 200 قېتىمنى توشتۇرۇشقىمۇ خېلى ۋاقىت كېتىدۇ دەيمەن.

function يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 15:04:33

باھاسى مۇۋاپىق بوپتۇ.
بەت: [1]
: قۇتيار شوپۇرلۇق ئىمتىھان سىستېمىسىنىڭ تور نۇسخىسى ئېلان قىلىندى