SIRLIK يوللانغان ۋاقتى 2014-5-5 15:16:21

ئۇيغۇر دوپپىسى

ئۇيغۇر دوپپىسى   
مىللىتىمنىڭ بەلگىسى پەخرى ئۇيغۇر دوپپىسى،
قايىل ئېتەر ھەممىنى سېھرى ئۇيغۇر دوپپىسى،
نۇر چاچىدۇ كىيگەننىڭ چېھرى ئۇيغۇر دوپپىسى،
تاشلىۋەتسەڭ تاشىدۇ قەھرى ئۇيغۇر دوپپىسى،
يېقىلمايدۇ مەڭگۈگە  تەختى ئۇيغۇر  دوپپىسى.

يەتتە ياشتىن يەتمىش ياش يارىشىسەن ھەممىگە،
غۇنچە كەبى قىزلارنىڭ ھۆسۈن قوشۇپ ھۆسنىگە،
قوشۇلسا ئاڭا ئەتلەس ھەم كېلىدۇ گۈل گۈلىگە،
سېنى  كىيسە  بوۋايمۇ  ئىشەنمەيدۇ  كۆزىگە،
ئايرىپ تۇرار ئۆزگىدىن پەرقى  ئۇيغۇر دوپپىسى.

چىمەن،بادام ،مارجان دەپ ئىسىملىرىڭ ئۆزگىچە،
ھۈنەرۋەنلەر قولىدىن پۈتۈپ چىققان نۇر ئۈنچە،
كىيەر شۇڭا قەدىرلەپ يىرتىلغان شۇ كۈنگىچە،
ھەمرايىسەن سەيياھنىڭ مەنزىللەرگە يەتكۈچە،
بىباھادۇر بىلگەنگە  نەرقى  ئۇيغۇر دوپپىسى.

لېكىن ئەپسۇس بەزىلەر كۆزلىرىڭنى ياشلىدى،
مەتۇلارنىڭ ئىشى دەپ سېنى چۆرۈپ تاشلىدى،
سېنى كىيگەن بېشىنى تۈزەشتۈردى، ‹‹تاز››لىدى،
بويۇن قىستىڭ قازناقتا   ئەتىۋارىڭ  ئازلىدى ،
سۆزلەپ كەلسە يەنە بار  دەردى ئۇيغۇر دوپپىسى.

ئەجدادىمىز قەدىرلەپ كىيىپ كەلگەن ئىدىغۇ،
زەررىچىلىك نۇقسانمۇ تېپىلمايدۇ سەندىغۇ،
ئويلاپ باقماي ئەسلىنى ساڭا زۇلۇم قىلدىغۇ ،
كىيمەسلىككە باھانە ،سەۋەپ زادى  نېمىدۇ؟
خارلانمىسۇن تاشلىنىپ قەدرى  ئۇيغۇر دوپپىسى.

بۈگۈن سېنىڭ بايرىمىڭ خۇشال بولغىن شادلانغىن،
كەلگۈسىگە ،ئەتىگە ئۈمىد  بىلەن   ئاتلانغىن،
جۇلالىنىپ  تېخىمۇ  كۆڭۈللەردە  نۇرلانغىن ،
ئۇنتۇلمىغىن ھەرگىزمۇ،داستان كەبى يادلانغىن ،
مىللىتىمگە تۇتاشقان  قەلبى  ئۇيغۇر دوپپىسى .

مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم
2014-5-5  



tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-5-5 17:48:06

ناھايتىمۇ ياخشى شىئېر بوپتۇ ، سىزگە كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن ، سۆز - ئىبارىلەر دەل جايىنى تېپىپتۇ . ئاپرىن  

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-5-5 18:30:07

دوپپا - مېنىڭ كىملىكىمدۇر، مەن دوپپام بىلەنلا ئۇيغۇرمەن.

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 19:03:47

شېئىر ياخشى يېزىلىپتۇ. لىكىن مۇشۇ دوپپا بايرىمنى دەپلا دوپپا كىيىشنى مەن ئانچە ياقتۇرمايمەن.

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 05:24:21

باشقا ۋاقىتتا تاشلاپ قۇيدىغان كىيىمما بۇ؟.. بۇ ئىمىزگۈ سېلىپ ئالداشمۇ يا دوپپىنى
بەت: [1]
: ئۇيغۇر دوپپىسى