ئۇيغۇر خەتتاتلىقى يۇمشاق دىتالىدىن يادەم سورايمەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tadubeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-5 14:56يېقىنياقى بىكارچىلىقتا بالىلارغا دەپ يۈرۈپ ،ئىزدىنىشقا ئەزا بۇلىۋېدىم ،بۇرۇن بىلىمەي قالغانلىرىمنى بىلىۋالدىم ،دەلتىلەردىن ئىزا مۇ ئىشتىۋالدىم .قۇرۇق سۆلەت نانقېپىلاردىن ئاھانەتمۇ ئىشتىۋالدىم .قارىسام كەسپىي جەھەتتە بىلىمىم ئوبدانلا بار ئىكەن .لىكىن،مۇشۇ ئاناتىل ھەققىدىكى بىلىمىم يوق دىيەرلىككەن . ئىملايىممۇ تازا دۇرۇس ئەمەس .خەتلىرىممۇ كۆركەم ئەمەس .شۇڭا بىلىدىغانلار بولسا مۇشۇ كومپىيۇتىردا خۇش خەت ،ھۆسىن خەت يازىدىغان يۇمشاق دىتال بولسا ،قېرىداشلارنىڭ تەپسىلى تەلىمىنى ئايىماسلىغىنى ئۈمىت قىلىمەن بىكارچىلقتا ياكى ئالدىراشچىلىقتا كومپىيۇتىردا ئاناتىل گۈزەللىگىدىن ھوزۇرلىناي دېگەن ئىدىم .
ھۆرمەت بىلەن :دىللانى كومپيۇتېردا ھۆسنىخەت يازىدىغان دېتال يوق. شۇ قولدا يېزىپ ئۇنى سىكاننېرلاپ ياكى يانفون ئاپپاراتى ئارقىلىق رەسىمگە تارتىپ ئەكىرىپ شۇ ھۆسنىخەتنى Photoshop ئارقىلىق كېسىپ ئېپ گۈزەللەشتۈرۈپ ئىشلىتىسىز. مۇشۇ ھۆسنخەت كومپيۇتىردىكى بىر بوشلۇقكەن . چوڭاملار خەت نۇسخىسى ياسىسا بولىتى.. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Control تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-5 18:21
ھۆسىنخەت يازىدىغان دېتال يوق، قولىڭىزدا يېزىپ كومپىيۇتېرغا ئەكىرىپ ئاندىن ھۆسىنخەت ئەسىرى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولىدۇ. لېكىن مەيۈسلەنمەڭ، ھۆسىنخەت يېزىش ۋە كىسىپ تەھرىرلەشتە يەتكۈدەك ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى بار. tanha19 يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 16:26 static/image/common/back.gif
مۇشۇ ھۆسنخەت كومپيۇتىردىكى بىر بوشلۇقكەن . چوڭاملار خ ...
كىم دەيدۇ خەت نۇسقىسى يوق دەپ؟ ئۇيغۇر خەتتاتلىقىدىكى 12 ئاساسلىق خەت نۇسقىسىنىڭ تەسۋىرىي خەت نۇسقىسىدىن باشقا ھەممىسى ئەلكاتىپ بىلەن Ukij دا تولۇق بار 1. پارسچە ۋە ئەرەبچە ناھايىتى ئېسىل خەت نۇسخىلىرى بار.
2. ukij دىمۇ ھۆسىنخەت نۇسخىلىرى تولۇق. تەئىلىق،كەسمە،دىۋانى،سۇلۇس ھەممىسى بار،بىراق ئۇلاپ يازغاندا يەنىلا قولدا يازغاندەك نەپىس چىقمايدۇ ھەم چىقماسلىقى كېرەك.
3. مېنىڭ شۇ خەت نۇسخىلىرىنى ياسىغۇچى ئۇستازلارنىڭ ئەمگىكىنى كۆزگە ئىلماسلىق مەقسىدىم يوق،ئەكىسچە ئۇلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە ئۆمرىگە بەرىكەت تىلەيمەن.
4. نۇرغۇن ھەرپلەرنى بىۋاستە فوتوشوپتا ياسىۋېلىپ،ئۇلاپ ئىشلىتىدىغان «كومپىيوتېر خەتتاتلىرى»مۇ بار ئارىمىزدا.
5. ھۆسىنخەتكە ئىشتىياق باغلاپ ئۆگىنەي دېسىڭىز، ئەرشىدىن رىشىت راشىد ، سۇلايمان ئىسمايىل خالى ۋە كېرىم خوجا قاتارلىق ئۇستازلار ئەڭ ئاقىلانە تاللاشتۇر.
خەت ئىچىدە ئاسان ئۈگەنگىلى بولىدىغىنى شۇنداقلا ماڭا ئەڭ يارايدىغىنى تەئىلىق خەت نۇسقىسى. تەئىلىق خەت نۇسخىسىنى كىم ئاسان دەيدۇ؟ تەئلىق خەت نۇسخىسى قارىماققا ئەركىن تارتىپ يېزىلىدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە تەئلىق خەت نۇسخىسىنى ئۆلچەملىك يېزىش خېلىلا تەس. شۇڭا ھازىرغىچە تەئلىق خەت نۇسخىسى كەڭ خەتتاتلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ مەشىق قىلىدىغان، ۋە ماھارىتىنى كۆرسىتىدىغان مۇھىم خەت نۇسخىسى بولۇپ كەلمەكتە. خەتتاتلىق يۇمشاق دېتالى دەپ قالدىڭىز، ئەمدى سىزدىن سوراپ باقسام : خەتتاتلىق دېگەن نېمە؟
مېنىڭ يۈزەكى چۈشەنچەمدە خەتتاتلىق يېزىقنىڭ سەنئەتلىك شەكىلدە ئىپادىلىنىپ يېزىلىشى.
ئەمدى شۇنداق بولغانىكەن، كومپيۇتېردا خەتتاتلىق قىلىمەن دېسىڭىز بۇنىڭغا مەخسۇس خەتتاتلىق يۇمشاق دېتالى كەتمەيدۇ، خەتتاتلىقتىن مەلۇم سەۋىيىڭىز بولسا، ئۆز ۋاقتىدا Corel شىركىتى Adobe شىركىتىگە سېتىلىپ كەتمەس ۋاقتىدا Corel Painter دەپ بىر يۇمشاق دېتال چىقارغان، ئۇ دېتالدا نەچچە ئون خىل قەلەم، چوتكا، نەچچە ئونمىڭ خىل رەڭنى خالىغانچە تاللىغىلى بولىدۇ، كومپيۇتېرىڭىزغا كىرگۈزۈش تاختىسىدىن بىرنى سەپلەپ، شۇ دېتال بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، ھۆسۈن خەت يېزىپ باقسىڭىز ئېھتىمال بولۇپ قالىدۇ. گەرچە يوقۇردا ئېيتىلغاندەك خەتتاتلىق سەنئىتى قەغەز ۋە قەلەمنى ئاساس قىلغان يېزىق سەنئىتى بولسىمۇ، بىراق كۆپخىل شارائىت ۋە ئېھتىياجلار تۈپەيلىدىن ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكىنلەردە يېزىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئېھتىياجىنى يەنىلا نەزەردىن ساقىت قىلىشقا، ئنىكار قىلىشقا بولمايدۇ، مەسىلە ئوتتۇرغا قويۇلغانكەن ئۇنى ھەل قىلىش ئۈسىتدە ئىزدىنىش ئاقىلانىلىك، تەجىربىسى بارلار تەجىربەڭلارنى، تېخنىكاڭلار بارلار تېخىنىكاڭلارنى چىقىرىپ چارە ئويلاپ باقمايلىمۇ تورداشلار؟.
newstarقالدۇرغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن مۇنۇ كىرگۈزۈش تاختىسى ۋە رەسىم سىزىش تاختىلىرىنى كۆرۈپ باقتىم، بىراق ئېھتىياجدىن چىقالامدۇ بىلمىدىم.
http://detail.tmall.com/item.htm?spm=a230r.1.14.2.zIpVPy&id=20319001454&ad_id=&am_id=&cm_id=140105335569ed55e27b&pm_id=&sku_properties=
http://detail.tmall.com/item.htm?spm=a230r.1.14.4.LmUTjF&id=26078444363&ad_id=&am_id=&cm_id=140105335569ed55e27b&pm_id= ھۆسنخەت روھ ۋە جىسىمدىن تەركىپ تاپىدۇ، روھىدىن ئايرىلغان يەنى كومپيۇتېر دىتاللىرىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەنگەن ھۆسنخەتلەرنىڭ جىسمى بار روھى يوق بولىدۇ.
تەئلىق خەت قارىماققا ئاسان كۆرۈنگەن بىلەن يازماق تەسكەن، ماڭا سۇلۇس ئاسان كۆرۈنۈۋاتىدۇ :funk: 1.ئىرشاد بىلوگىدىكى ماۋۇ قىسقا فىلىم سزھەقىقەتەن بىر كۆرۈپ بېقىشقا ئەرزىيدىكەن.
فىلىم ئىسمى: خەت بىر مەدەنىيەت سىزىقى | Hat bir medeniyet çizgisi (ئۇيغۇرچە خەتلىك )
http://www.irshad.cn/?p=873
2. تاۋباۋدىكى مىجىتقەلەم سېتىلىدىغان دۇككان
دۇككان نامى: d
ئادرىسى: http://item.taobao.com/item.htm?spm=a230r.7195193.1997079397.9.Z25nLH&id=15875853423
بەت:
[1]