5-ئاينىڭ 5-كۈنى
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تورداشلار ! ھەممەيلەنننىڭ دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن !ئاز بولسىمۇ بۇ شېئىرىمنى ھوزۇرىڭلارغا سۇندۇم، تەلىم بەرگەيسىلەر ...5-ئاينىڭ 5-كۈنى
( ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىغا بېغىشلايمەن)
بىلەمسىلەر بۈگۈن قانداق كۈن ؟
5-ئاينىڭ 5-كۈنى ،
"جەڭگىۋار"نىڭ تۇغۇلغان كۈنى .
بىلەمسىلەر زادى قانداق كۈن؟!
ئاڭلانمىدى ھېچكىمنىڭ ئۈنى .
كۆرۈپتىمەن تۈنۈگۈن كېچىدە ،
شۇنچە تاتلىق ئاجايىپ بىر چۈش .
...
دوپپا كېيگەن ئۇيغۇرۇم بىلەن ،
گۈلزارلىققا ئايلانغان دۇنيا .
ھەممە يەردە بايرام قاينىمى ،
شوخ يىگىتلەر سالماقتا ساما .
دېدىم شۇنداق ھاياجان بىلەن ،
يەنە كىمدە بۇنداق بايرام بار .
ماڭا ئاتاپ تىككەن دوپپاڭنى ،
شوخ ناز بىلەن ئېلىپ كەلگىن يار .
...
كۆرگەنلىرىم چۈش ئىكەن ئەسلى ،
قاچان كېلەر شۇ دوپپا پەسلى .
تۇرار ئىدى شۇ توپىلىق يولدا ،
دوپپا كېيگەن نەۋرىسى بىلەن ،
بەكمۇ مىسكىن بىر ئۇيغۇر بوۋاي .
چۈنكى ئوغلى دوپپىنى تاشلاپ ،
مەدەنىيەتلىك بوپ كەتتى ھاي-ھاي!
قاتنىمىسا بوپتۇ ترامۋاي ،
كۈلۈپ تۇرغىن سۆيۈملىك بوۋاي .
مەنمۇ سېنىڭ ئۆز ئوغلۇڭغۇ ،
ئانام تىككەن شۇ دوپپام بىلەن ،
مەن ئۆيۈڭگە ئۇيغۇرچە باراي .
ئۇيغۇر دېگەن ئۇيغۇرغا مېھمان ،
چىن سۆزۈمنى ئاڭلا ،قىز-ئوغلان .
گۈل چېكىلگەن شۇ بادام دوپپا ،
گىلەم دوپپا ،
چىمەن دوپپا ،
چىكەن دوپپا ،
...
شۇنچە مەيۈس تامغا ئېسىلغان ،
تامغا ئەمەس دارغا ئېسىلغان .
دوپپا ئەمەس تامنىڭ زىننىتى ،
دوپپا دېگەن ئۇيغۇر قىممىتى .
ياڭراپ كەتتى شۇنداق بىر سادا ،
دوپپا دېگەن ئۇيغۇرنىڭ ئەسلى .
قەيەردىسەن ؟زادى قەيەردە ؟!
ئوغۇز ئەۋلادى
ئۇيغۇرنىڭ نەسلى !
5-ئاينىڭ 5-كۈنى ،
ئانام تىككەن دوپپامنى كېيىپ ،
ئايلانماقچى بولدۇم دۇنيانى .
بىلەمسىلەر بۈگۈن قانداق كۈن ؟
5-ئاينىڭ 5- كۈنى ،
«ماركىس»نىڭ ھەم تۇغۇلغان كۈنى .
بىلەمسىلەر زادى قانداق كۈن ؟!
ئاڭلىنارمۇ ئۇيغۇرنىڭ ئۈنى .
2010- يىلى 5-ئاينىڭ 5- كۈنى ،(شاڭخەي)
مەنبە:جەڭگىۋار (ئۆز قەلىمىم )
)(ئىلگىرى يازغان شېئىرىم ئىدى، بۈگۈنكىدەك قۇتلۇق كۈندە ھوزۇرىڭلارغا سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم، تەلىملىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر...)
دوپپىنى دوپپا بايرىمىدىلا كېيىپ ،سېلىۋەتكۈچىلەر - ئەمەلىيەتتە دوپپىنى تەبرىكلەش تۈگۈل مەسخىرە قىلغۇچىلاردۇر ، دوپپىنى ھەركۈنى كەيگۈچىلەر داۋراڭسىز ھەركۈنى دوپپا بايرىمى ئۆتكۈزگۈچىلەردۇر! ئەنە ئاشۇلارغا بارىكاللا! «دوپپا بايرىمى» مىللىي باش كىيىمىمىزنىڭ يوقۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بارلىققا كەلگەن. لېكىن دوپپىمىز پەقەت مۇشۇ «بايرام»كۈنىلا مەۋجۇد بولۇپ، باشقا 364كۈندە ئۆيدە توپا بىسىپ تۇرۇپ قالسا بۇ «بايرام»نىڭ ھىچ ئەھمىيىتى قالمايدۇ. ئەكسىچە ئەنئەنىۋىي كىيىم مەدىنىيىتىمىزگە يامان تەسىر ئېلىپ كىلىدىغان بىر كۈن بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. دوپپىنى مانا مۇشۇنداق كەيسە خانىم-قىزلىرىمىزغا بەكىرەك يارىشامدىكىن دەيمەن
http://bbs.izdinix.com/data/attachment/forum/201405/05/104113mq2lfqdh2hqhaqfh.png دوپپىنى مەن كۈندە كىيسەم بىژكىم بىژمە دىمەيدۇ، شەلىكلە بژكۈن دوپپا كىيىپ قويسا بايرام بوپكېتىدىكەنيا ~؟ رەخمەت بەك ياخشى چىقىپتۇ، قۇلىىڭىزگە دەرت كەلمىسۇن. دوپپا بايرىمى دىمەي ، دوپپا مەدەنىيتى كۈنى دەپ ئالساق ياخشى بولاتتى.ئەمەلىيەتكىمۇ ئۇيغۇن بولاتتى دەپ ئويلايمەن مىنىڭغۇ ئىككى دوپپام بار ئىدى .ئىسسىقتا كەيمىسەم ،بىرى كېيىۋالسىڭىز بولمامدۇ دىۋىدى ،كەيدىم بەكمۇ ئىسسق ئەمەسكەن .تازا ياراشتى پىنسىيە كىيىمىم بىلەن . Uyghur يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 11:33 static/image/common/back.gif
دوپپىنى دوپپا بايرىمىدىلا كېيىپ ،سېلىۋەتكۈچىلەر - ئەم ...
مېنىڭ كۈندە دوپپا كىيىپ يۈرۈيدىغانلىقىمنى بىلىۋاپلىدە! :lol
رەھمەت خەلقىم ، مېنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىگە:lol بىر زات ھەكىمنىمۇ پات-پات ماختاپ تۇرساق بولىدىكەن ئەسلى.
مۇنبەردە كۆرۈنمىگىلى ئۇزۇن بولغان مانا بۆگۈن بىر ماختاش بىلەنلا پەيدا بولدى. asalam يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 12:19 static/image/common/back.gif
دوپپىنى مەن كۈندە كىيسەم بىژكىم بىژمە دىمەيدۇ، شەلىكل ...
داۋاملىق كىيەممەيدىغانلار بار ئەمەسمۇ ، بايرامدا ھەممىمىز كەيسەك . . . 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ،بىلەمسىلەر بۈگۈن قانداق كۈن؟ "جەڭگىۋار"نىڭ تۇغۇلغان كۈنى .بىلەمسىلەر زادى قانداق كۈن؟!ئاڭلانمىدى ھېچكىمنىڭ ئۈنى .تۈنۈگۈن كېچىدە ،شۇنچە تاتلىق ئاجايىپ بىر چۈش كۆرۈپتىمەن ....دوپپا كېيگەن ئۇيغۇرۇم بىلەن ،دۇنيا گۈلزارلىققا ئايلانغان .ھەممە يەردە بايرام قاينىمى ،شوخ يىگىتلەرساما سالماقتا .ھاياجان بىلەن شۇنداق دېدىم ،يەنە كىمدە بۇنداق بايرام بار .يار،شوخ ناز بىلەن ماڭا ئاتاپ تىككەن دوپپاڭنى ئېلىپ كەلگىن .... كۆرگەنلىرىم چۈش ئىكەن ئەسلى ،قاچان كېلەر شۇ دوپپا پەسلى .شۇ توپىلىق يولدا ،بەكمۇ مىسكىن بىر ئۇيغۇر بوۋاي بىلەن دوپپا كېيگەن نەۋرىسى تۇرار ئىدى .چۈنكى ئوغلى دوپپىنى تاشلاپ ،مەدەنىيەتلىك بوپ كەتتى ھاي-ھاي!ترامۋاي قاتنىمىسا بوپتۇ سېنىڭ ئۆز ئوغلۇڭغۇ مەنمۇ،ئانام تىككەن شۇ دوپپام بىلەن ، ئۆيۈڭگە ئۇيغۇرچە باراي مەن.ئۇيغۇر دېگەن ئۇيغۇرغا مېھمان ،كۈلۈپ تۇرغىن سۆيۈملىك بوۋاي. شۇنداق بىر سادا،ياڭراپ كەتتى قىز-ئوغلان چىن سۆزۈمنى ئاڭلا . گۈل چېكىلگەن شۇ بادام دوپپا ،گىلەم دوپپا ،چىمەن دوپپا ،چىكەن دوپپا ،...شۇنچە مەيۈس تامغا ئېسىلغان ،تامغا ئەمەس دارغا ئېسىلغان دوپپا، تامنىڭ زىننىتى ئەمەس ،دوپپا دېگەن ئۇيغۇر قىممىتى .،دوپپا دېگەن ئۇيغۇرنىڭ ئەسلى .قەيەردىسەن ؟زادى قەيەردە ؟!ئوغۇز ئەۋلادى ئۇيغۇرنىڭ نەسلى !-ئاينىڭ 5-كۈنى ،ئانام تىككەن دوپپامنى كېيىپ ،ئايلانماقچى بولدۇم دۇنيانى .بىلەمسىلەر بۈگۈن قانداق كۈن ؟5 -ئاينىڭ 5- كۈنى ،«ماركىس»نىڭ ھەم تۇغۇلغان كۈنى . بىلەمسىلەر زادى قانداق كۈن ؟!ئاڭلىنارمۇ ئۇيغۇرنىڭ ئۈنى .
2010- يىلى 5-ئاينىڭ 5- كۈنى ،(شاڭخەي)
مەنبە:جەڭگىۋار (ئۆز قەلىمىم )
ئېسىل شېئىركەن دوپپا بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن !
دوپپا بايرىمىغا مۇبارەك ! بۇ شېئرنى جىكنىڭ فورلىملاسىغا سىلىپ باققانتىم،چۇشەندۇرۇش بەرمەيلا بىسىۋىتىپ قاپتىمەن ئىنكاسىم ئوچۇرلۇپتىدە شېئىر ھەقىقەتەن چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، پاساھەتلىك چىقىپتۇ.شېئىر يازغان قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن. لىكىن مەنمۇ دوپپىمىزنى مۇشۇ كۈندىلا كەيسەك، باشقا چاغلاردا كەيمىسەك بۇ كۈن راستىنلا «بايرام» تۈسىنى ئېلىپ قالامدىكىن دىگەن قاراشتا. بولسا ھەر ۋاقىت كەيسەك باشقىلارغىمۇ «غەلىتە» كۆرۈنمەيتتى. مەن يۇقارقى دوسلارنىڭ پىكرىگە تولۇق قوشۇلىدىغانلىقىمنى ئىنىق بىلدۈرىمەن ، ناھايتىمۇ ياخشى پىكىر بوپتۇ . بۈەۈندىن باشلاپ دوپپا كەيمىگەنلەر تولۇق كېيىپ يۈرەيلى ، باشقىلار ‹‹ ھە بۇ ئۇيغۇر ئىكەن ، بېشىغا كېيىۋالغېنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي باش كىيىمى ئىكەن ، بۇ باش كىيىمنى كېيىش نورمال ئىش ئىكەن ئەمەسمۇ ، ئىچى قوتۇرلۇق قىلىپ نەچچە ۋاقتىن بېرى كۆزىگە كېرىشىۋاپتۇق ؟ ›› دەپ قالسۇن ، دوپپىمىزنى ئۆزىمىز قەدىرلىمىسەك باشقىلارنىڭ كارى يوق ، ئۇلارچە بولسا ھەممىمىز چاچلىرىمىزنى ئالا -يېشىل بوياپ ، تېقىملىرىمىزنى ئېچىپ قويۇپ يېرىم يالىڭاچ بوپكەتسەك ... توغرا دەيسىلەر كۆپچىلىك، دوپپا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي، ئەنئەنىۋىي كىيىم - كېچەك مەدەنىيىتىنىڭ يارقىن نامايەندىسى بولۇپلا قالماستىن ئۇيغۇرلارنىڭ غورۇرى ۋە كىملىكىدۇ، بۈگۈنكىدەك «دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» دىلا كىملىكىمىزنى تونۇپ باشقا چاغدا تاشلاپ قويۇشنىڭ ئۆزى ئەڭ ئېغىر غورۇرسىزلىق ھېسابلىنىدۇ.
بەت:
[1]
2