Bigaan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 13:07:25

گەردىشىن پەلەك زارە (بىگان )

گەردىشىن پەلەك زارە
ئىدى ئەسل بىچارە كۈندۈز يا تۈنۈم،
مۇھەببەتسىز ھەتتا يوقتى تېلىم كى ئۈنۈم،
غايىبىتىن پەيدا بولۇپ ئۇرۇلدى پەلەك
شۇندىن سون ئۆتمەكتە ئول گەردىشىن كۈنۈم.

كىم ئەۋەتتىكىن شۇ ئىنساننى يانىمغا،
ئاھ! ئۇكى سىرتماق سالدى جانىمغا،
خار ھاياتىم باشلىنىپ شۇندىن بېرى
ھىچ بېرى نەزەر سالماس زارۇ -دادىمغا.

مەن نادانمەن  كۆڭۈل بېرىپ زىيادە،
ئۆتمىدى ھىچ كۈنلىرىم  كەڭرى ئازادە،
سۆيگۈ ئۈچۈن دوغا تىكىپ بارىمنى مەن
بولمىدىم ئاشىق بولدۇمكى ئەلەمزادە.

بىراۋلاردا نە كۆڭۈل يوقكەن نە سۆزى،
ئىزلىدىم كۆپ مېنى ئىزلەشكە يوقتۇر كۆزى،
يانىدا تۇرسام دەقىقە كۇپايە دىلىم خۇش
كى بىۋاپا شۇنچە ساقلىسام يوقتۇر ئۆزى.

ئەنە شۇ ۋەسىل دەشتى ئۆتتى يىللار،
گاھ ئەلەمدە يارلىنىپ قاتتى دىللار،
يۈرەكلەر ئالدانغاچ ئازغۇن سۆيگۈگە
ئاقلاشقا يول يوقتۇر سۆزلەرگە تىللار.  

گەر مۇھەببەت بەرمىدى مەيلىكى بىراق،
قالدۇردى ئەمما ئۇ ھەقتىن خۇش پۇراق،
شۈكرىلەر رەببىمگە، بەرگەچ ھىدايەت
كۆپ ئازغۇنلۇقتىن بولدۇم مەن يىراق.

شۇندىمۇ ئىگىز -پەس دەلدەڭشىپ يۈرۈپ،
گاھ پۇرسەت كەتتى  قۇرۇق خىياللار سۈرۈپ،
پۇشايمان قىلماققا دەۋا يوق يا ئامال يوق
گاھى كەسكىن بولالمىدىم يەڭلىرىم تۈرۈپ.

شۇل گەردىشىن ئايلاندۇرۇپ ئول باشىمنى،
بەلكى پەلەك -تەقدىر ئالدى كۆپ ياشىمنى،
رەھمانىم،راھىمىم ھىممىتى چەكسىزكەن
تولدۇردى ئەزىز قېرىنداشقا يان -قاشىمنى.

غايىبانە قىلغان دۇئاسى ئىجابەت بولۇپ،
يەتتىمە ئول كۈنلەرگە ئۈمۈدۋار بولۇپ،
ئاتا -ئانام ھەمكى چۈشەنمەكتە قەلبىمنى
يۈزلەندى ھاياتىم تىنىچ بەختىيار بولۇپ.

ھەمدۇلەر ئاللاھقا خاس شۈكرى كەلتۈرەي،
چىن قەلبىتىن ئەبەدىي مەن ئىمان كەلتۈرەي،
يەتكۈزسۇن رازىلىق كۆزلەپ قەدەم بېسىشقا
رەسۇل ئەكرەم ئۈچۈن جانىم پىدا كەلتۈرەي.

مەندىن ئىبرەتى بولسۇن ئىي دوست خالايىق!
مۇسۇلمانغا دۇنيا سۆيگۈسى ئەسلا نالايىق،
مۇھەببەت نىمە ئۇ ھەقتۇر، ئاللاھ سۆيگۈدۇر
راببىم قىلغاي ھەركىمنى ئىمانۇ شەرم-ھايالىق.

بايان ئەيلىسەم تۈگەرمۇ ئول پەلەك  گەردىشىم،
كەتكەنلەر كەلسەڭ يانىمغا  بولغىن قولدىشىم،
ئاللاھ دىسەك بىز ھەقتىن يانمىغان بولساقلا بىز
ھامان ئۇ ھەم سەن ھەق يولىدا مېنىڭ يولدىشىم.

رەھمەت قىلسۇن ئاللاھىم مېنى سۆيگەنلىرىگە،
ئەجىر بەرسۇن دۇئا بىرلە ئەسلەپ كۆيگەنلىرىگە،
جەننەت ئاتا قىلسۇن بىزلەرنى ئۇندا ھەمراھ قىلسۇن
قىيىن ئەھۋالىمدا تەسەللىي كۆڭۈل بۆلگەنلىرىگە.

«ئەسسالامۇئەلەيكۇم »دەپ سالام بەر دېدى ئاللاھ،
سالام بىرلە ئاياغلاشسۇن سۆزۈم «ۋەرەھمەتۇللاھ »،
«ۋەبارەكاتۇھۇ»تولۇق سالام مۇھەببەت قوشۇپ
ئىمانىمىز ئامان بولسۇن خەير تامام ئىنشائاللاھ.
- ئىبنى تۇرغۇن يەك زىيائى(بىگان)
2013-يىل 10-ئاينىڭ 22-كۈنى سەيشەنبە

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 14:19:12

كىلاسسىك شائىرلاردەك يىزىۋىتىپسىز، شئېرنى ئوقۇپ بىر تالاي يىللار ئىلگىرى ئوتكەن شائېرمىكى دەپ ئويلاپتىمەن .

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 16:04:09

قەلەملىرگە بەركەت تىلەيمەن بىگان قېرىندىشىم

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 16:07:02

ئۈزمەي يازسىڭىز، بىر كۈنلەردە ئۇيغۇر 13 مۇقامى بولۇپ قالامدۇ نېمە؟

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 16:18:59

سىز ئەھمەد زىيائىنىڭ ئەۋلادىما ؟  مۇشۇ كىلاسسىك ئىسمىڭىزنىمۇ بىر چۈشەندۈرۋەتسىڭىز بولاتتى ـ
شىئىرنى ياخشى يىزىپسىز ، مەن تىخى يىقىندا بايقالغان يادىكارلىقلارمىكى دەپتىمەن

Bigaan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 16:41:57

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-5-4 16:18 static/image/common/back.gif
سىز ئەھمەد زىيائىنىڭ ئەۋلادىما ؟  مۇشۇ كىلاسسىك ئىسمىڭ ...

ئەسلىي ئىدى تەخەللۇس يەك -بىرلا مەن نۇر -زىيا ،
تارقېتىپ زەررە يورۇقلۇق كى  كېزىپ مەۋھۇم دۇنيا ،
سوراپ قالدىڭىز بىگان -مۇسافىر ،ناتۇنۇش ھەم جۇدادۇر
ئاچماق ئىستىمەكتۇرمەن ھەقكە قەلب ئىشىكى قىيا.

گەر ئەمەسمەن پۇشتى بولالمىساممۇ مىسلى ئەھمەد زىيائى ،
ئۆزۈمگە خاس بولغايمەن ھەقتىن ئۈندۈرۈپ ئىسلام گىياھى ،
نىسىپ ئەيلىسە راببىم بەرگەي ئىلم - مەرىپەتتىن مەنپەئەت
مەيلىكى ھەتتا ھەق ئۈچۈن بولغاي تەسەددۇق جانىم پىدائىي.

Tewpik يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 16:51:45

قەلەم قۇۋۋىتىڭىز كۈچلۈككەن داۋاملىق تىرشىڭ

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 19:39:41

ئوقۇشىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن !

function يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 20:22:06

ئى، كى .... دېگەندەكلەرنى قېتىپ شېئىر يازسا كىلاسسىك بولامدا؟

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 23:34:26

گەر ئەمەسمەن پۇشتى بولالمىساممۇ مىسلى ئەھمەد زىيائى ،
ئۆزۈمگە خاس بولغايمەن ھەقتىن ئۈندۈرۈپ ئىسلام گىياھى ،

......................................
ئىسىل  مىسرا ،ئىسىل  جاۋاپ !

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 23:42:37

بۇ شېئىر ماڭا ياقىتى.{:112:}

ئەنىۋەر جۇلا خېلى ياخشى تەھلىل قىلىپ قوياتتى شىئېرلارنى، ئالدىراش ئوخشىمامدا، بۇ تېمىدا كۆرۈنمەيدۇ؟
شىئېر گۇڭگا بولمىسا كۆرمەمدۇ يا؟:lol

تېمىنى قىزىتقاچ شىئېر ۋە شائىر توغرىسىدا جىدەل ئوينىساق بولاتتى.{:87:}

sad~da يوللانغان ۋاقتى 2014-5-5 09:02:37

راس گەپ قىلسام مۇشۇنداق شىئىرلارنى سەل تەستە چۈشۈنىمەن :shutup:

akida525 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-5 11:44:37

ياخشى يېزىلىپتۇ.

Bigaan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-5 13:02:13

Jengchi يوللىغان ۋاقتى  2014-5-4 19:39 static/image/common/back.gif
ئوقۇشىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن !

دىگىنىڭلا كەلسۇن

Bigaan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-5 13:12:17

sad~da يوللىغان ۋاقتى  2014-5-5 09:02 static/image/common/back.gif
راس گەپ قىلسام مۇشۇنداق شىئىرلارنى سەل تەستە چۈشۈنىمە ...

{:170:}
قىيىن ئەمەستۇر چۈنكى يازغىنىم ئۇيغۇر تىل ،
بولسىلا چۈشەنمەككە تېرىشچان شۇ دىل ،
تەپەككۇر بولغاچ سىزنىڭ بەئەيىن ساددا
ئەي قېرىندىشىم كۆڭۈل سۆزۈم بۇ بىل.

zuwansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-5 13:14:51

مۇشۇنداق شېئىرلارغا ھەيران قالىمەن، قانداق ئادەملەر مۇشۇنداق سۆزگە باي كېلىدىغاندۇ!؟

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2014-5-5 13:46:28

‏بىز كىچىكىمىزدە مۇشۇنداق كىلاسسىك مەنىدىكى شېئىرلارنى ئوقۇپ چوڭ بولغان، خۇدانى ياد ئېتىپ يازغان ياخشى شېئىركەن.
‏ئارسلان قېرىندىشىمنىڭ بەك ئىچى پۇشۇپ قالغان بولسا ئۇزۇن تېلېۋېزىيە تىياتىرىدىن بىرنى تېپىپ كۆرسۇن.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-5-5 14:15:50

enwerjula يوللىغان ۋاقتى  2014-5-5 13:46 static/image/common/back.gif
‏بىز كىچىكىمىزدە مۇشۇنداق كىلاسسىك مەنىدىكى شېئىرلار ...

ئارانلا ئىككى قۇر ئىنكاس يازىدىغان گەپما؟:lol
سېلىنى ياد ئېتىپ تۇرىدىغان مۇنبەرداشلارنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن، كۆپرەك گەپ قىلىپ بەرمەمسىلەر دەيمەن.

faruk01 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-5 15:06:10

ئەسسامۇ ئەلەيكۇم بىگان ئالامەت چىقىپتۇ  بۇ شېئىر تەسەۋۋۇرغا بايكەن سىز


رەھمەت قىلسۇن ئاللاھىم مېنى سۆيگەنلىرىگە،
ئەجىر بەرسۇن دۇئا بىرلە ئەسلەپ كۆيگەنلىرىگە،
جەننەت ئاتا قىلسۇن بىزلەرنى ئۇندا ھەمراھ قىلسۇن
قىيىن ئەھۋالىمدا تەسەللىي كۆڭۈل بۆلگەنلىرىگە


بۇلۇپمۇ مۇشۇ كۇپلىت بەك ياخشى چىقىپتۇ

Bigaan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-5 15:42:54

faruk01 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-5 15:06 static/image/common/back.gif
ئەسسامۇ ئەلەيكۇم بىگان ئالامەت چىقىپتۇ  بۇ شېئىر تەسەۋ ...

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھ
تەسەۋۋۇر ئەمەس سۆزلىنىۋاتقىنى ئەمەلىيەت ... رەھمەت ماختىۋەتتىڭىز...
شىئىردا دىيىلگەندەك دۇئا قىپ تۇرارسىز
بەت: [1] 2
: گەردىشىن پەلەك زارە (بىگان )