waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 12:13:06

شىرئەلىجان خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولدى

   ئۇيغۇر ۋاسكىتبول تورىنىڭ 3-ماي خەۋىرى؛   2014-يىلى5-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچ،  خوتەن ۋىلايەتلىك ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتى، خوتەن ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتى تەشكىللىگەن  « خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » نىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچى خوتەن شەھرىدىكى خوتەن ۋىلايەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پەن تىخنىكا مەدىنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەت مەرگىزى ۋاسكىتبول مەيدانىدا  ئىلىپ بىرىلدى.
  بۇ قىتىمقى خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ  مۇسابىقىسىگە، يىقىندا دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تاللانغان، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى،  پەخىرلىك ئۇيغۇر ۋاسكىتبول چولپانىمىز شىرئەلىجان مۇختەر، قىرغىز يىگىتى قىرانبەك،  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى مەردان تۇرسۇن، شەنشى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئۇيغۇر ئەزاسى مۇرات ئادىلجان، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ سابىق ئەزاسى خەن لىي، شىنجاڭ ئۇنۋىرستىتى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى خاستېرقاتارلىق داڭلىق ۋاسكىتبولچىلىرىمىز خوتەندىكى مىللى كارخانىلار تەشكىللىگەن كوماندىلارغا تەكلىپ قىلىنىپ  مۇسابىقىگە قاتناشتى.
  بۈگۈن كەچ  ئىلىپ بىرىلغان  ھەل قىلغۇچ  مۇسابىقىدە  شىرئەلىجان مۇختەر، مۇرات ئادىلجان، خەنلىي يىتەكچىلىگىدىكى  ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتى كوماندىسى 87-73 نەتىجە  بىلەن مەردان تۇرسۇن يىتەكچىلىكىدىكى خوتەن ئوۋلوبا ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.  ئۈچۇنچىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە  خوتەن يىڭى ھايات دۇختۇرخانىسى كوماندىسى  89- 82 نەتىجە بىلەن   قىرغىز يىگىتى قىرانبەك يىتەكچىلىگىدىكى خوتەن دىلپاك كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.
    2014-يىلى4-ئاينىڭ 28-كۈندىن 5-ئاينىڭ 3-كۈنگىچە ئىلىپ بىرىلغان «خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى» قىزغىن كەيپىيات ۋە ھاياجان ئىچىدە ئاخىرلاشتى.  بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە  ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتى كوماندىسى چىمپىيۇنلۇققا، خوتەن ئوۋلوبا ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى كوماندىسى ئىككىنچىلىككە، خوتەن يىڭى ھايات دۇختۇرخانىسى كوماندىسى  ئۈچۇنچىلىككە ئىرىشتى. نەتىجىگە ئىرىشكەن كوماندىلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا 30 مىڭ يۈەن، 20 مىڭ يۈەن، 10 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى.

ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە پۈتۈن مەيدان سېن فىلىمى
  بىرىنچى چارەك مۇسابىقە سېن كۈرۈنىشى

http://player.56.com/v_MTEzMzIxOTIy.swf

ئىككىنچى چارەك مۇسابىقە سېن كۈرۈنىشى

http://player.56.com/v_MTEzMzIzMzY4.swf

ئۈچۈنچى چارەك مۇسابىقە سېن كۈرۈنىشى

http://player.56.com/v_MTEzMzIyNjY1.swf

تۆتىنچى چارەك مۇسابىقە سېن كۈرۈنىشى

http://player.56.com/v_MTEzMzIzOTYw.swf

ئۈچۇنچىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسى سېن فىلىمى

http://player.56.com/v_MTEzMzIxMTA5.swf

مۇسابىقىگە ئالاقىدار سۈرەتلەر



ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 18:38:03

يۇقرى ئېنىقلىقتىكى سۈرەتلەر بولسا بوپتىكەنتۇق. بولسا چولپانلارنى ئايرىم زىيارەت قىلىپ دىگەندەك،ئۆتكۈزگەن مۇسابىقەڭلەر دىيارىمىزنىڭ NBA سى بولۇپ قالار ئىدى.

function يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 20:20:42

شىرئەلىجان بوكسۇر مۇسابىقىسى ئوينىمغاندۇ ئۆزى يالغۇز چېمپىيۇن بولىدىغان، شىرئەلىجان يېتەكلەپ ماڭغان كوماندا چېمپىيۇن بولدى دېمەمسىلەر باللا

Seyyah99 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 20:39:58

      تاماشىبىنلارمۇ ئاز ئەمەستەك قىلىدۇ  .
     تېمىنىڭ تېمىسى يالغۇز بىر ئادەملا چىمپىيون بولغاندەك تۇيغۇر بىرىدىكەن   .

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 21:35:05

بۇ مۇسابىقىلەرنىڭ خېتىدىن باشقا، يەنە رەسىم- فىلىملىرىنىڭ چىقىشى ئول ياخشى بىر باشلىنىش!
بەت: [1]
: شىرئەلىجان خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولدى