tashadem يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 14:52:35

ئاق پىلدەك تاغلار (ھېكايە)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tashadem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-3 14:55

]ئاق پىلدەك تاغلار (ھېكايە)
ئېرنېسىت ھېمىڭۋاي(ئامېرىكا)

تەرجىمە قىلغۇچى: دېڭىز

ئىبرو① دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇتاش كەتكەن ئاپئاق چوقىلار ،بۇتەرىپىدە دەل-دەرەخ يوق ئوچۇقچىلق تاشلىنىپ ياتاتتى . ئىككى رىلىس ئارىسىدىكى قۇياش كۆيدۈرۈپتۇرغان بىكەت ،بىكەتكە يانداپ سېلىنغان دىمىقچىلىققا تولغان ، ئۆينىڭ ئوچۇق ئىشىكىگە چىۋىن توسۇش ئۈچۈن بامبۇك مىلەڭزە تارتىپ قويۇلغاندى .قاۋاق قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقان بۇ ئۆينىڭ سىرتىدىكى سالقىن يەرگە قويۇلغان ئۈستەل يىنىدا ھىلىقى ئامېرىكىلىق بىرگە كەلگەن قىز بىلەن ئولتۇراتتى .ھاۋا ناھايتى ئىسسىق .بارسىلونا ②دىن كىلىدىغان تىز پويىز يەنە 40 مىنۇتتا يىتىپ كىلەتتى .بۇ بىكەتتە 2 مىنىۇت تۇرغاندىن كىيىن يەنە مادرىدقا يۇرۇپ كىتەتتى .
نىمە ئىچىمىز ؟ــ سورىدى قىز شىلەپىسىنى ئۈستەلگە قويغاچ .
ھاۋا ناھايتى ئىسسىپ كەتتى ،ــ دىدى ئەر .
ــ پىۋا ئىچەيلى .
ــDoscerveza③
دىدى ئەر ئىچىگە قاراپ .
چوڭ ئىستاكاندىمۇ ؟ ــ دىدى بىر ئايال ئىشىكىتىن بىشىنى چىقىرىپ .
-        ھەئە ، چوڭ ئىستاكاندا ئككىنى .
ھىلىقى ئايالچوڭ ئىستاكاندا ئىككى ئىستاكان پىۋا بىلەن ئاسىتىغا قويىدىغان تەگلىكنى ئەكىلىپ ئۈستەلگە قويدى .ئاندىن ئەرگە ۋە ھىلىقى قىزغا قاراپ قويدى . قىز يىراقتىكى تاغلارغا تىكىلىپ ئولتۇراتتى . قۇياش تەپتىدە ئاقىرىپ كەتكەن تاغلار،كۈلرەڭ يىزا دالاسى قاغجىراپ ياتاتتى ،

-        ئاۋۇ تاغلار قارىماققا بىرتوپ پىلغا ئوخشايدىكەن ، ـ دىدى قىز .
-        مەن ئەزەلدىن پىلنى كۆرۈپ باقمىغان . دىدى ئەر پىۋىنى گۈپپىدە كۆتۈرۈۋىتىپ .
-        ئۇنداق ئەمەستۇ .
-        بەلكىم كۆرگەندىمەن ،ـ سىزنىڭ ئۇنداقئەمەستۇدىگەن گپىڭىز ھىچنىمىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەلمەيدۇ .
قىز بامبۇك مىلەڭزىگە قاراپ قويدى،
-        مىلەڭزىدىكىنىمە خەتلەر ئىكەن ؟
-        AnisdelToro④
-        بىر خىل ئىچىملىك .
-        ئىچىپ باقايلىمۇ ؟
-        ئەر مىلەڭزىگە قاراپ ۋاقىرىدى .
-        ھىلىقى ئايال چىقىپ كەلدى .
-        جەمئىي تۆت رىئال ⑤
-        بىزگە يەنە ئىككى ئىستاكان AnisdelToro
ئەكىلىپ بىرىڭ .
-        سۇ ئارىلاشتۇرامدىم ؟
-        سىزنىڭكىگە سۇ ئارىلاشتۇرسۇنمۇ ؟
-        بىلمەيمەيمەن ،دىدى قىز ، - سۇ ئارىلاشتۇرسا ئىچىشلىك بولامدۇ ؟
-        ئىچىشلىك بولىدۇ .
-        سۇ ئارىلاشتۇرامدىمەن ؟
-        شۇنداق ، ئارىلاشتۇرۇڭ .
-        بۇ ھاراقنىڭ تەمى چۈچۈكبۇيىنىڭكىدەكلا شىرىن ئىكەن ،- دىدى قىز .
-        كۆپ نەرسىلەرنىڭ تەمى موشۇنداق بولىدۇ .
-        راستىنلا ،- دىدى قىز .- نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ تەمى چۈچۈكبۇيىنىكىدەك شىرىن بولىدىكەن . بولۇپمۇ ئادەمنىڭ ئۇزۇندىن بىرى ئىنتىزار بولغان نەرسىلىرى ،موشۇ ھاراقتەك شىرىن بولىدىكەن .
-          بولدى، بۇنداق گەپلەرنى دىيشمەيلى
-        گەپنى ئاۋال ئۆزىڭىز باشلىدىڭىزغۇ ؟ - دىدى قىز . – بايا شۇنداق كۆڭلۈم كۆتۈرلۈپ قالغانتى، كەيپىمنى ئۇچۇرىۋەتتىڭىز .
-        ماقۇل ئەمىسە ، كۆڭۈلنى كۆتۈرىدىغان گەپلەرنى قىلىشايلى .
-        مەن بايا ئاۋۇ تاغلارنى خىيال قىلىۋاتاتتىم . ئۇلار قارىماققا بىر توپ ئاق پىلغا ئوخشايدىكەن . ئوخشىتىشىم جايىدابولدىمۇ ؟
-        دەل جايىدا ئوخشاتتىڭىز .
-        ئىچىپ باقمىغان ئىچىملىكنى ئىچىپ بىقىش تەكلىپىنىمۇ مەن بەردىم .بىز بۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچە ، ئىچىپ باقمىغان ئىچىملىكلەرنى تىتىپ باقساق بولمامدۇ ؟
-        مىنىڭچە بولىدۇ .
قىز يەنىلا يىراقتىكى تاغلارغا نەزەر سالدى .
-        بۇتاغلار ناھايتى گۈزەل، - دىدىئۇ . قارىماققا ئاق پىلغىمۇ بەك ئوخشاپ كەتمەيدىكەن ،مەن بايا ئورمانلارنىڭ ئارىسىدىن قارىسا ئۇ تاغلار ئاپئاق كۆرۈنىدىكەن دىمەكچى ئىدىم .
-       يەنە بىر ئىستاكاندىن ئىچەمدۇق ؟
-        ماقۇل .
ئىسسق شامال ئۇرۇلغانمىلەڭزەئۈستەلنى سىيپاپ ئۆتتى .
-بۇ پىۋا مۇزدەك سوغۇقكەن ، تەمىمىۇ يامان ئەمەس .
- تەمى بەك ياخشىكەن،-دىدى قىز .
- بۇ راستىلا ناھايتى ئاددى بىر ئوپراتسىيە گىگ - دىدى ئەر ، ھەتتا ئۇنى ئوپراتسىيە دىمىسەكمۇ بولىدۇ .
قىز ئۈستەلنىڭ پۇتىنىڭ يىنىغا تىكىلىپ ئولتۇراتتى .
سىزنىڭ ئۇنىڭغا پىسەنىت قىلمايدىغانلقىڭىزنى بىلەتتىم . گىگ .ئۇنىڭ راستىنلا قورۇققىدەك يىرى يوق . پەقەت ھاۋانى سۈمۈرۈپ بەرسىلا بولىدۇ .
قىز ئۈندىمىدى .
سىزگە ھەمراھ بولۇپ بارىمەن ،ئاخىرغىچە يىنىڭىزدا بولىمەن ،ئۇلار پەقەت ھاۋانى ماڭدۇرۋەتسىلا ھەممە ئىش نورماللىشىدۇ .
-        ئۇندىن كىيىن قانداق قىلىمىز ؟
-        بۇرۇنقىدەك ياخشى ھالىتىمىزگە قايتىمىز
-        نىمىشقا بۇنداق ئويلىدىڭىز ؟
-        چۈنكى بۇئىش بىزنى بەكلا پاراكەندە قىلىۋەتتى ،موشۇ ئىش سەۋەبىدىن بىز پەقەتلا ئىچىلالمىدۇق .
قىز مىلەڭزىگە قارىدى ۋە ئىككى تىزىق مارجاندەك بامبۇك دانچىلىرىنى تۇتتى ،
-بۇ گىپىڭىزچە بۇنىڭدىن كىيىن ھىچ نەرسە كۆڭلىمىزنى يىرىم قىلالمايدىكەندە .
- بىزنىڭ بەخىتلىك بولالايدىغانلىقىمىزنى بىلىمەن .قورقماڭ مەن تونۇيدىغان نۇرغۇن كىشىلەرمۇبۇنداق ئوپراتسىيەنى قىلدۇرۇپ باققان .
-مەنمۇ موشۇنداق ئوپراتسىيە قىلغۇزغانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى تونۇيمەن ، - دىدى قىز ، ئوپراتىسىيەدىن كىيىنئۇلار بۇرۇنقىدەكلا خۇشال –خۇرام يۈرىۋەرگەن .
- بوپتۇ ، - دىدى ئەر ،ئەگەر ئوپراتسىيە قىلدۇرغىڭىز بولمىسا ، ئۆزىڭىزنى مەجبۇرلىماڭ .ئەگەر سىزنىڭ قىلدۇرغىڭىز بولمىسا، مەنمۇ سىزنى مەجبۇرلىمايمەن . بىراق مىنىڭ بىلىشىمچە بۇخىل ئوپراتسىيە سىزگە بەكلا مۇاپىق ئىدى .
- مىنىڭ ئوپراتسىيە قىلدۇرۇشۇمنى راستىلا ئۈمىد قىلامسىز ؟
-مىنىڭچە بۇ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك چارە.ئەگەر سىزنىڭ چىن كۆڭلىڭىزدىن قىلدۇرغىڭىز بولمىسا ، مەنمۇ سىزنى قەتئىي مەجبۇرلىمايمەن .
- ئەگەر مەن ئوپتراتسىيە قىلغۇزسام خۇشال بولىسىز ،ئىشلاربۇرۇنقىدەكلا بۇلىدۇ . مىنى سۆيىسىز شۇنداقمۇ ؟
- سىزنى ھازىرمۇ سۆيىمەن .بۇنى سىزمۇ بىلىسز.
-بىلىمەن ، ئەگەر ئوپراتسىيە قىلغۇزسام ،ناۋادا مەلۇم بىرەر نەرسىنى ئاق پىلغا ئوخشاتساممۇ ، يەنىلاياخشى كۆرەمسىز؟
- ياخشى كۆرىمەن .ئەمەلىيەتتە ھازىرمۇ مەن ياخشى كۆرىدىغان گەپلەرنى قىلىۋاتىسىز ، پەقەت زىھنىمنى يىغالمايۋاتىمەن ، كۆڭلۈم پاراكەندە چىغىدا ئاشۇنداق ئۆزگىرىپ قالىمەن ، بۇنى سىزمۇ بىلىسىز .
- ئەگەر مەن ئوپراتسيە قىلغۇزسام كۆڭلىڭىز پاراكەندە بولمايدىكەندە؟
- بۇ ئىش ئۈچۈن كۆڭلۈم پاراكەندە بولۇۋاتقىنى يوق ،ئوپراتسىيە ناھايتى ئاددى تۇرسا .
- ئۇنداقتا مەن ئوپراتسىيە قىلغۇزۇشنى قارار قىلدىم . چۈنكى ، ئۆزۈمنىڭ قانداق بولۇپ كىتىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيمەن.
- نىمە دىمەكچى سىز؟
- ئۆزۈمگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيمەن دىمەكچى .
- بىراق، مەن كۆڭۈل بۆلىمەن .
ھەئە ، شۇنداق . مەن ئۆزۈمگە كۆڭۈل بۆلمەيمەن . ئوپراتسىيە قىلدۇرىمەن .شۇنداق قىلساملا ھەممە ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولۇپ كىتىدۇ .
-        ئەگەر سىز بۇنداق ئويلىغان بولسىڭىز ، مەن ئوپراتسىيە قىلدۇرۇشقا قوشۇلمايمەن .
قىز ئورنىدىن تۇرۇپ بىكەتنىڭ ئاياغ باردى .تۈمۈر يولنىڭ ئۇدۇلىدا ئىبرو دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا ئىتىزلىق ۋە ئورمانلىق بارئىدى . يىراقتا ، دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە .ئىگىز – پەس تاغلار قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى .بىرتوپ ئاق بۇلۇت ئىتىزلىققا سايە تاشلاپ ئۆتتى .قىز ئورمانلار ئارسىدىن دەريانى كۆردى .
-        ئەسلىدە بىز بۇلاردىن قانغۇدەك ھوزۇر لانساق بولاتتى ،- دىدى قىز ،- ئەسلىدە بىز ھاياتتىكى بارلىق راھەت-پاراغەتتىنبەھرىمەن بولساق بولاتتى.
-        بىراق بىرنەچچە كۈندى بىرى بىزكۈنىلىرىمىزنى ئارامخۇدا ئۆتكۈزەلمىدۇق .
-        نىمە دىدىڭىز ؟
-        ھاياتتىكى خۇشاللىقلاردىن تولۇق بەھرىمەن بولساق بولاتتى .
-        بۇنى بىزمۇ قىلايمىزغۇ .
-        ياق .قىلالمايمىز .
-        بىز پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولالايمىز .
-        ياق . بولالمايمىز .
-        ھەممە يەرنى ئايلىنىپ كەلسەك بولىدىغۇ .
-        ياق .بۇ دۇنيا بىزگە تەئەللۇق ئەمەس .
-        بۇ دۇنيا بىزنىڭ .
-        ياق ئۇلار ھەممىنى ئىلپ كەتتى ،سىز ئۇنەرسىلەرنى مەڭگۈلۈك يوقاتتىڭىز .
-        بىراق ئۇلار ھىچ نەرسىنى ئىلىپ كەتكىنى يوق .
-        قىنى قاراپ باقارمىز .
-        سايىگە قايتىپ كىتەيلى ، - دىدى ئەر ،- سىز بۇنداق ئويلىمىسىڭىز بولاتتى .
-        نىمىشقا ئۇنداق ئويلىمىغۇدەكمەن ،- دىدى قىز ،ھەممىسى راسىت تۇرسا .
-        سىزنى قىلغۇسى يوق ھەرقانداقئىشلارنى قىلمىسىكەن دەيمەن .
-        ياكى ئۆزۈمگە پايدىسى يوق ئىشلارنى ، -دىدى قىز .بىلىمەن ،يەنە بىر ئىستاكاندىن پىۋا ئىچمەيلىمۇ ؟
-        بولىدۇ . بىراق شۇنى چۈشىنىشىڭىز كىرەك....
-        چۈشەندىم ،- دىدى قىز . بۇ توغىرىسىدا پاراڭلاشمىساق بولامدۇ ؟
ئۇلار ئۈستەلنىڭ يىنىغا كىلىپ ئولتۇردى .قىز قۇرۇپ كەتكەن دەريا ۋادىسىغا ۋە ئۇدۇلدىكى تاغلارغا قارىدى .ئەر قىز بىلەن ئۈستەلگە قاراپ ئولتۇراتتى .
-        بىلىشىڭىز كىرەك . –دىدى ئەر ، ئەگەر ئوپراتسىيە قىلدۇرغىڭىز بولمىسا ،سىزنى چوقۇم قىلدۇر دىمەيمەن ،ئاخىرغىچە سەۋىر قىلىمەن ئەگەر بۇئىش سىزگە شۇنداق مۇھىم بولدىغان بولسا .
-        ئەجىبا سىزگە مۇھىم ئەمەسمۇ . بىز تىخى تاقابىل تۇرالايمىزغۇ .
-        ئەلۋەتتە مۇھىم . ماڭا سىزدىن باشقا ئادەمنىڭ لازىمى يوق .يەنە كىلىپ بۇى ئوپراتسىينىڭ شۇنداق ئاددىلىقىنى بىلىدىغان تۇرسام .
-        ئاددىيلىقىنى ئەلۋەتتە بىلىسز- دە .
-       نىمىلا دىمەڭ بۇنىڭ ھەقىقەتەن موشۇنداق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىمەن .
-        ھازىر مەن ئۈچۈن نىمە ئىش قىلىپ بىرەلەيسىز ؟
-        ھەرقانداق ئىشنى قىلىپ بىرەلەيمەن .
-        ئەمىسە سىزدىن ئۆتۈنەي، سىزگە يالۋۇراي ، سىزدىن تىلەي...... بۇ ئىشلارنى قايتا تىلغا ئالمايلى بولامدۇ ؟
-        ئەر ئۈندىمەي ، بىكەتنىڭ تىمىغا يۆلەپ قويۇلغان سومكىلارغا،سومكا ئۈستىدىكى قونۇپ ئۆتكەن بارلىق مىھمانخانىلارنىڭ بەلگىلىرىگە قاراپ ئولتۇراتتى.
-        مەن سىزنى ئوپراتسىيە قلدۇرمىسىكەن دەيمەن ،-دىدى ئەر ،قىلدۇرسىڭىز ،قىلدۇرمىسىڭىز ماڭا بەرىبىر .
-        يەنە گەپ قىلىدىغان بولسىڭىز مەن ۋارقىرايمەن .
ھىلىقى ئايال ئىككى ئىستاكان پىۋىنى كۆتۈرۈپ مىلەڭزىنى قايرىۋىتپ چىقىپ كەلدى ۋە ئىستاكاننى ھۆل تەگلىككە قويۇپ : پويىز بەش مىنىۇتتا كىلىدۇ ،-دىدى .
-        ئۇنىمە دەيدۇ؟ سورىدى قىز ،
-        پويىز بەش مىنۇتتا كىلىدۇ دەيدۇ .
قىزرەھمەت دىگەن مەنىدە ھىلقى ئايالغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدى .
-سومكىلارنى بىكەتتكە ئاپرىۋىتپ كىلەي،دىدى ئەرقىزغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ . - ئاندىن پىۋىنى ئىچىۋىتەرمىز .
ئەر ئىغىر ئككى ساياھەتچىلەر سومكىسىنى كۆتۈرۈپ بىكەتنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ،رىلىسنىڭ ئۇتەرىپىگە قويدى .رىلىسنىڭ پويىز كىلىدىغان تەرىپىگە قارىدى .لىكىن پويىز كۆرۈنمەيتىتى .ئۇ قايتقىنىدا ،قاۋاقتىن ئۆتۈپ كىتىۋىتىپ ،پويىز ساقلاۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھاراق ئىچىۋاتقانلىقنى كۆردى .ئۇ پۇكەيدىن بىر ئىستاكان بەدىيان ھارىقى ئالدى .ھەم ئەتراپتىكىلەرگە سەپسالدى .ھەممەيلەن پويىزنىڭ كىلىشىنى جىمجىت كۈتۈۋاتاتتى. ئۇ مىلەڭزىنى قايرىپ چىقىپ كەلدى .ئۈستەل يىنىدا ئولتۇرغان قىز ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىردى .
-        قانداقراق ھىس قىلىۋاتىسىز ؟ - سورىدى ئەر .
-        شۇنداق ياخشى،-دىدى قىز ،ھىچيىرىم ئاغرىمىدى .ئۆزۈم شۇنداق ياخشى .

①        ئىبرو دەرياسى ئىسپانىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىن ئىقىپ ئوتتۇرا دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ .
②        بارسىلونا ئىسپانىيەنىدىكى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شىمالى قىرغىقىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ سودا پورتى.
③       . "Doscervezas
④        ئىسپانچە ئىككى ئىستاكان پىۋا دىگەن مەنىدە
AnisdelToro
⑤        بىر خىل ئىچىملىك
⑥        رىيال . ئىسپانىيە ۋە لاتىن ئامرىكىسدا بۇرۇن ئىشلەتكەن بىرخىل كۈمۈش پۇل

   ئاپتورنىڭ ئىنگىلىزچە ‹‹كىلمانجورودىكى قار ›› نامىلق كىتابىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: دېڭىز

مەزكۇر ھېكايە تۈمەنباغ ئۈندىدار سالونىدىن يۆتكەپ كېلىندى ھەرقانداق شەخس ۋە توربەتنىڭ رۇخسىتىمىزنى ئالماي كۆچۈرۈپ تارقىتىشى قارشى ئېلىنمايدۇ .
سالون نومۇرىمىز : Tumenbagh

http://bbs.izdinix.com/data/attachment/forum/201405/01/0956545t2y2s3xysxtexzt.jpg.thumb.jpg

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 16:52:41

كىلمانجورو ئافرىقىدىكى تانزانىيەنىڭ شەرقى شىمال قىسمىغا توغراكېلىدۇ. شەرقى ئافرىقا يېرىلمىسىنىڭ جەنۇبىغا160 كىلمىتىر كېلىدۇ. دىڭىز يۈزىدىن ئىگزلىكى 5892 مىتىر كىلىدۇ، ئافرىقدىكى ئەڭ ئىگىزچوققا. ئۇ ئۈچ دانە ئۆلگەن يانار تاغدىن تەركىپ تاپقان

akida525 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 17:50:48

تۈگىدىما؟ ھېچنىمىنى چۈشەنمىدىما

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 17:59:31

تاش ئۆزى چۈشۈنىدۇ :lol

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 21:44:37

بەلكىم ئاپتۇر ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغاندۇ؟:funk:

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 11:29:02

ئېرنېسىت ھېمىڭۋايناھايىتى جىددىچىلىكتە ھىكايە يىزىشقا ئامىراق ئىكەنمىش،
ئەگەر ھىكايە يىزىۋاتقان ۋاقىتتا كىچىك تەرىتى قىستاپ كەتسە بىر پۇتىنى كوتۇرۇپ تۇرۇپ
ھىكايىسىنى تۇگىتىۋەتكەندىن كىيىن خالاغا بارارمىش، مۇشۇنداق بولغاندا جۇملىنى قىسقا يىزىشقا پايدىسى بولارمىش
سىزمۇ مۇشۇنداق ئاڭلىغانمۇ تاش ئادەم ؟

taz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 11:31:17

بەزى ئوقۇرمەنلەرگە ھەقىقەتەن ئامال يوق. ئەسەرنىڭ ئاخىرىغا مەركىزى ئىدىيەسى، تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى دىگەنلەرنى يازمىسا چۈشەنمەيدۇ

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 11:40:10

ئېرنېست ھېمىڭۋاي (1899-1961)، ئامېرىكىلىق يازغۇچى، ئۇنىڭ ئائىلە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ بىر ئىجتىمائىي پائالىيەتچى بولۇپ، مۇخبىر سالاھىيىتىدە 1- دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشىغا قاتناشقان؛ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40- يىللىرى جۇڭگوغا كېلىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى خەۋەر قىلغان. ئۇنىڭ 1926-يىلى يازغان «قۇياش ئاۋالقىدەكلا كۆتۈرۈلمەكتە» ناملىق ئىنتايىن مۇھىم بولغان تۇنجى رومانى «تېڭىرقىغان بىر ئەۋلاتلار» ئېقىمىدىكى ۋەكىللىك ئەسىرى ھېساپلىنىدۇ. 1929- يىلى يازغان«ئەلۋىدا قۇرال» ناملىق رومانى ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش تېمىسىدىكى كاتتا ئەسىرىدۇر، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ 1940- يىلى يېزىلغان «ماتەم سىگنالى كىم ئۈچۈن چېلىندى» ناملىق ئەسىرىنى ئۇنىڭ ۋەكىللىك خارەكتىرلىك ئەسىرى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ نۇرغۇن ھېكايە-پوۋېستلىرى، مەسىلەن «قاتىل»، «مەغلۇپ قىلغىلى بولمايدىغان ئادەم» ۋە «كىلىمانجىرودىكى قار» ناملىق ھېكايە-پوۋېستلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ياختۇرىشىغا سازاۋەر ئەسەرلىرىدۇر؛ ئۇ 1952- يىلى يازغان «بوۋاي ۋە دېڭىز» ناملىق ئەسىرى بىلەن 1954- يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
تۆۋەندە بىز ئۇنىڭ ياندىن كۈزۈتۈش ئۇسۇلى بويىچە ئۆز پېرسۇناژلىرىنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا ھېچقانداق ئارىلاشماي، پەقەت ئۇلارنىڭ دىئالوگلىرىنى ئەينەن خاتىرىلەش ئارقىلىقلا چوڭقۇر ئىدىيىۋى توقۇنۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن «قاتىل» ناملىق ھېكايىسىنى تونۇشتۇردۇق.
ھېنرىنىڭ ئاشخانىسىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، ئىككى ئادەم كىرىپ كەلدى. ئۇلار پۇكەينىڭ ئالدىدا ئولتۇردى.
- نېمە يەيسىلەر؟- سورىدى جورجى ئۇلاردىن.
- مەن بىلمىدىم،- دېدى ئۇلارنىڭ بىرى،- ئار، نېمە يىگۈڭ بار؟
- مەنمۇ بىلمىدىم،- دېدى ئار.
- مەنمۇ نېمە يىگۈم كەلگەنلىكىنى بىلەلمەيۋاتىمەن.
تالاغا ئاستا-ئاستا قاراڭغۇ چۈشتى. دەرىزە سىرتىدىكى كوچا چىرىقى ياندى. پۇكەينىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ئىككىيلەن تاماق تىزىملىكىنى كۆرۈشكە باشلىدى. نىك ئادامس پۇكەينىڭ ئۇ بۇرجىكىدە ئولتۇرۇپ ئۇلارغا قارىدى. ئۇلار كىرگەندە، ئۇ جورجى بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى.
- مەن ئالما قىيامى بىلەن ياڭيۇ سۈركەلگەن چوشقا دۈمبىسى كاۋىپى يەيمەن،- دېدى بىرىنچى ئادەم.
- بۇ تاماقنى بىز تېخى تەييارلاپ بولالمىدۇق.
- ئۇنداقتا نېمە دەپ تاماق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ قويىسىلەر؟
- ئۇ دېگەن زىياپەت تامىقى،- دېدى جورجى چۈشەندۈرۈپ، سائەت 6 دە كەلسىڭىز چىقىرالايمىز.
جورجى پۇكەينىڭ كەينىدىكى تام سائىتىگە قارىدى.
- سائەت 5 بوپتۇ.
- سائەت 5 تىن 20 ئۆتۈپتىغۇ،- دېدى ئىككىنچى ئادەم.
- 20 مىنۇت بىردەمدە ئۆتۈپ كېتىدۇ.
- ھەي، نەس باسقۇر سائەت،- دېدى بىرىنچى ئادەم،- يەنە يىگۈدەك قانداق نەرسەڭلار بار؟
- گۆش قىستۇرۇلغان بولكىدەك نەرسىلەر بار،- دېدى جورجى، - ياكى توخۇ پاچىقى، تۇزلانغان گۆش، چوشقا جىگىرى، كالا سىڭىرى ئەكىلىپ بەرسەممۇ بولىدۇ.
- ماڭا قايماق بىلەن ياڭيۇ سۈركەلگەن توخۇ گۆشى ئەكىلىپ بەر.
- ئۇ دېگەن زىياپەت تامىقى.
- بىز نېمىنى بۇيرىساق شۇ زىياپەت تامىقى، شۇنداقمۇ؟ سىلەر بۇ ئامال بىلەن بىزنى يولغا سالماقچى.
- مەن سىلەرگە توخۇ پاچىقى، تۇزلانغان گۆش، جىگەر ئەكىلىپ بەرسەم بولىدىغۇ.
- مەن توخۇ پاچىقى يەي،- دېدى ئار ئىسىملىك ئۇ ئادەم. ئۇ بېشىغا شىلەپە، ئۇچىسىغا بىر تەرىپىلا تۈگمىلىك قارا پىلاش كىيىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ يۈزى كىچىك ھەم ئاق بولۇپ، لەۋلىرى چىڭ يۇمۇلۇپ تۇراتتى. ئو يىپەك رەختنى پەلەي ئورنىدا قولىغا يۆگىۋالغان ئىدى.
- مەن تۇزلانغان گۆش يەي،- دېدى يەنە بىر ئادەم. ئۇنىڭ تەن قۇرۇلىشى ئار بىلەن پەرقلىنىپ كەتمەيتتى. ئىككىيلەننىڭ چىرايى ئوخشاشمايتتى، لېكىن قوشگېزەكتەك ئوپ-ئوخشاش كىيىنىۋالغان ئىدى. ھەر ئىككىسىنىڭ بەدىنىگە كىيىۋالغان پىلاشى لىققىدە كېلىپ قالغان ئىدى. ئىككىيلەن ئالدى تەرەپتە ئولتۇرغاچقا بىلىكىنى پۇكەينىڭ ئۈستىگە قويۇۋالغان ئىدى.
- ئىچكۈدەك نېمە بار؟- سورىدى ئار.
- ئاق پىۋا، زەنجىۋىل پىۋىسى بار،- دېدى جورجى.
- مەن سەندىن ئىچكۈدەك بىر نەرسە بارمۇ دەپ سوراۋاتىمەن؟
- مەن بايا ئېيتقان ئىچىملىكلا بار.
- بۇ بەك قىزىق شەھەركەن،- دېدى يەنە بىر ئادەم،- ئۇلار بۇنى نېمە دەپ ئاتايتتى؟
- قىزىق نۇقتا.
- ئاڭلىغانمىدىڭ؟- دەپ سورىدى ئار دوستىدىن.
- ياق،- دېدى ئۇنىڭ دوستى.
- بۈگۈن ئاخشام بۇ يەردە نېمە قىلاي دەۋاتىسەن؟- سورىدى ئار.
- ئۇلار بۇ يەردە كەچلىك تاماق يەيدۇ،- دېدى ئۇنىڭ دوستى،-ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەرگە كېلىپ چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىشىدۇ.
- شۇنداق،- دېدى جورجى.
- سېنىڭچە شۇنداق بولارمۇ؟- دەپ سورىدى ئار جورجىدىن.
- ئەلۋەتتە.
- سەن بەك ئەقىللىق يىگىت ئوخشىمامسەن؟
- ئەلۋەتتە،- دېدى جورجى.
- ياق، سەن ئەقىللىق ئەمەس،- دېدى يەنە بىر پەتەك ئادەم،- ئار، ئۇ ئەقىللىقتەك قىلامدۇ؟
- ئۇ بىر كالۋا،- دېدى ئار. ئۇ ئۆرۈلۈپ بېرىپ نېكتىن سورىدى:
- سېنىڭ ئىسمىڭ نېمە؟
- ئادامس.
- يەنە بىر ئەقىللىق يىگىت،- دېدى ئار،- مەيكىس، ئۇ ئەقىللىق يىگىتتەك قىلامدۇ؟
- بۇ شەھەردە ساپلا ئەقىللىق يىگىتلەر بار،- دېدى مەيكىس.
جورجى ئىككى چوڭ تەخسىنى پۇكەينىڭ ئۈستىگە قويدى، ئۇنىڭ بىرسىدە توخۇ پاچىقى، يەنە بىرسىدە تۇزلانغان گۆش بار ئىدى. ئۇ يەنە ئىككى كىچىك تەخسىدە مايدا قورۇلغان ياڭيۇ ئېپكەلدى، ئاندىن بۇ يەرگە قارايدىغان ئاشخانا ئۆينىڭ ئىشىكىنى تاقىدى.
- ئاۋۇ تەخسىدىكى سېنىڭمۇ؟- سورىدى ئار.
- ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟
- توخۇ پاچىقى.
- راستىنلا ئەقىللىق يىگىتكەنسەن،- دېدى مەيكىس. ئۇ سۈرۈلۈپ بېرىپ، توخۇ پاچىقىنى ئالدىغا تارتتى. ئىككىيلەن قولىدىكى پەلەينى ئېلىۋەتمەي يىيىشكە باشلىدى. جورجى ئۇلارنىڭ يىگىنىگە قاراپ ئولتۇردى.
- نېمىگە قارايسەن؟- دېدى مەيكىس جورجىغا قاراپ.
- قارىمىدىم.
- ماڭە نېرى، سەن ماڭا قارىدىڭ.
- مەيكىس، يىگىت بەلكى قىزىقسىنىپ قارىغاندۇ،- دېدى ئار.
جورجى كۈلۈپ كەتتى.
- كۈلمە،- دېدى مەيكىس ئۇنىڭغا،- كۈلگىدەك بىر ئىش بولغىنى يوق، بىلدىڭمۇ؟
- بولىدۇ،- دېدى جورجى.
- ئۇ بولىدىكەن،- دېدى مەيكىس ئارغا ئۆرىلىپ قاراپ. ئۇ بولىدىكەن، بۇ يىگىت يامان ئەمەسكەن.
- ھە، ئۇنىڭ ئەقلى بار ئىكەن.
شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن تامىقىنى يىيىشنى داۋاملاشتۇردى.
- پۇكەينىڭ ئۇ تەرىپىدە ئولتۇرغان زېرەك يىگىتنىڭ ئىسمى نېمە؟- دەپ سورىدى ئار مەيكىستىن.
- ھېي ئەقىللىق يىگىت،- دېدى مەيكىس نېكقا قاراپ،- سەن دوستۇڭ بىلەن پۇكەينىڭ ئارقىسىدا ئويناپ تۇرغىن.
- نېمىش بولدى؟- سورىدى نىك.
- ھېچ ئىش بولمىدى.
- ئەڭ ياخشىسى بۇ يەردىن كەت ئەقىللىق يىگىت،- دېدى ئار. شۇنىڭ بىلەن نىك پۇكەينىڭ ئارقىسىغا ئۆتتى.
- نىمىش بولدى؟- سورىدى جورجى.
- سەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق،- دېدى ئار،- ئاشخانا ئۆينىڭ ئىچىدە كىم بار؟
- نېگىر.
- سەن دەۋاتقان ئۇ نېگىر نىمىش قىلىدۇ؟
- ئاشپەز.
- ئۇنى چاقىر.
- نىمىش بولدى؟
- ئۇنى بۇ يەرگە چاقىر.
- بىزنىڭ ھازىر قەيەردە تۇرىۋاتقىنىمىزنى ئويلاپ باقتىڭمۇ؟
- قەيەردە تۇرىۋاتقىنىمىز ھەر ئىككىمىزگە ناھىيىتى ئايان،- دېدى ھېلىقى مەيكىس ئىسىملىك ئادەم،- تۇرقىمىزدىن ئەخمەق كۆرۈنەمدىكەنمىز؟
- گېپىڭدىن بىراز ئەخمەقلىق چىقىپ تۇرىدۇ.- دېدى ئار،- ئۇ ئەخمەق بىلەن نېمە دەپ گەپ تالىشىسەن؟
-گېپىمنى ئاڭلا،- دېدى ئۇ جورجىغا، بېرىپ ئاۋۇ نېگىرغا ئېيت، بۇ يەرگە كىرسۇن.
- سىز ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلماقچى؟
- ھېچ ئىش يوق. ئەقىللىق يىگىت، كاللاڭنى ئىشلىتىپ ئويلاپ باققىن، بىزنىڭ نېگىردە نېمە ئىشىمىز بولسۇن؟
جورجى ئاشخانا ئۆينىڭ كىچىك دەرىزىنى ئاچتى.
- سام،- دەپ توۋلىدى ئۇ،- بۇ يەرگە كىرە.
ئاشخانىغا تۇتىشىدىغان ئىشىك ئېچىلىپ، ئۇ نېگىر كىرىپ كەلدى.
- نېمە ئىش؟- سورىدى ئۇ.
پۇكەينىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ئۇ ئىككىيلەن تەڭلا ئۇنىڭغا نەزەر تاشلىدى.
- بولىدۇ، نېگىر ئاغىينە. سەن ئەشۇ جايدا تۇر،- دېدى ئار.
نېگىر سام پەرتۇق تارتقان ھالدا ئۇ يەردە تۇرۇپ پۇكەينىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان بۇ ئىككى باتۇرغا قارىدى.
- ماقۇل، ئەپەندىم،- دېدى ئۇ.
ئار ئولتۇرغان ئورۇندىقىدىن پەسكە چۈشتى.
- مەن نېگىر ۋە ئاۋۇ ئەقىللىق يىگىت بىلەن بىللە ئاشخانىغا كىرىپ باقاي،-دېدى ئۇ،- ئاندىن،- نېگىر بۇرادەر، ئاشخانىغا كىرگىن، ئەقىللىق يىگىت، سەنمۇ بىللە كىرگىن،- دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەتەك نىك بىلەن ئاشپەز سامغا ئەگىشىپ ئاشخانا ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. ئۇلار ئاشخانىغا كىرگەندىن كېيىن ئىشىكنى ئەتتى. مەيكىس ئىسىملىك ئۇ ئادەم جورجىنىڭ ئۇدۇلىدىكى پۇكەينىڭ ئالدىدا داۋاملىق ئولتۇردى. ئۇ جورجىغا قاراپمۇ قويماي پۇكەينىڭ ئارقىسىدىكى تام ئەينەككە قارىدى. ئەسلىدىكى ھېنرىنىڭ قاۋاقخانىسى ھازىر ئاشخانا قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن ئىدى.
- ھەي ئەقىللىق يىگىت،- دېدى مەيكىس تام ئەينەكتىن كۆزىنى ئۈزمەي،- نىمىشقا گەپ قىلمايسەن؟
- بۇ يەردە نېمىش قىلماقچىسىلەر؟
- ھەي ئار،- دېدى مەيكىس توۋلاپ،- ئەقىللىق يىگىتنىڭ نىمىش قىلماقچى ئىكەنلىكىمىزنى بىلگۈسى باركەن.
- نىمىشقا ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرمەيسەن؟- دېدى ئار ئاشخانا ئىچىدە تۇرۇپ توۋلاپ.
- سەن ئېيتىپ باقە، بىز نىمىش قىلماقچىكەنمىز؟
- مەن بىلمەيمەن.
- قانداق ئويلاۋاتىسەن؟
مەيكىس گەپ قىلىۋاتقاندا كۆزىنى ئەينەكتىن ئۈزمىدى.
- دېگۈم يوق.
- ھەي، ئار، ئەقىللىق يىگىت دەيدۇ، ئۇ بۇ يەردە نىمىش قىلىدىغىنىمىز توغرىلىق ئويلىغىنىنى دېگۈسى يوقكەن؟
- بولىدۇ، ئاڭلىدىم،- دېدى ئار ئاشخانا ئۆي ئىچىدە تۇرۇپ. ئاندىن ئۇ ئاشخانا ئۆينىڭ كىچىك دەرىزىسىنى قولى بىلەن ئىتتىرىپ ئېچىپ، تەخسە بىلەن گىلاس شەربىتى بار قۇتىنى ئۇ يەردىن ئاشخانا ئۆي ئىچىگە كىرگۈزمەكچى بولدى.
- ئاڭلا ئەقىللىق يىگىت،- دېدى ئۇ جورجىغا،- ئارىلىقىڭ سەل يىراقراق بولسۇن.
- سەن سولغا ئازراق يۆتكەلگىن مەيكىس،- دېدى ئۇ يەنە كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشكۈچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرىۋاتقان سۈرەتكە تارتقۇچىدەك.
جورجى بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمىدى.
- ئاڭلا،- دېدى مەيكىس،- بىز بىر شىۋېتسىيەلىكنى ئۆلتۈرمەكچى، سەن ئوئىل ئاندېرسېن ئىسىملىك بىر شىۋېتسىيەلىك دارازىنى تونۇمسەن؟
- تونۇيمەن.
- ئۇ ھەر كۈنى كەچتە بۇ يەرگە كېلىپ تاماق يەيدۇ، شۇنداقمۇ؟
- ئۇ ئارىلاپ كېلىدۇ.
- ئۇ سائەت 6 دە كېلىدۇ، شۇنداقمۇ؟
- ئەگەر كەلگۈدەك بولسا.
- بۇنى بىز بىلىمىز ئەقىلىق يىگىت،- دېدى مەيكىس،- باشقا پاراڭ بولسا قىلمامسەن؟ بەزىدە كىنومۇ كۆرۈپ قويىدىغانسەن؟
- بىر قېتىم كۆرگەن.
- سەن چوقۇم نۇرغۇن قېتىم كىنو كۆرگىلى باردىڭ، سىلەردەك ئەقىللىق ياشلار كىنو كۆرسە بەك ياخشى.
- سىلەر نىمىشقا ئوئىل ئاندېرسېننى ئۆلتۈرمەكچى بولىسىلەر؟ ئۇلار سىلەرگە بىرەر يامانلىق قىلغانمۇ؟
- ئۇ بىزگە يامانلىق قىلغۇدەك بىرەر پۇرسەتكىمۇ ئېرىشمىگەن، بىزنى كۆرۈپمۇ باقمىغان.
- ئۇ بىزنى پەقەت بىر قېتىملا كۆرگەن،- دېدى ئار ئاشخانا ئۆي ئىچىدە تۇرۇپ.
- ئۇنداقتا، ئۇنى نىمىشقا ئۆلتۈرىسىلەر؟
- بىر دوستىمىزغا ۋەكالىتەن ئۆلتۈرىمىز، بۇنى ئۇ ھاۋالە قىلغان ئەقىللىق يىگىت.
- ئاغزىڭنى يۇم،- دېدى ئار ئاشخانا ئۆي ئىچىدە تۇرۇپ،- ئاناڭنى، سەن بەك كۆپ سۆزلىۋەتتىڭ.
- شۇ ئەمەسمۇ، مەن ئەقىللىق يىگىت بىلەن كۆڭۈللۈك سۆزلىشىۋاتىمەن. شۇنداققۇ ئەقىللىق يىگىت.
- ئاناڭنى، سەن بەك كۆپ سۆزلىۋەتتىڭ،- دېدى ئار،- نېگىر بىلەن ماۋۇ ئەقىللىق يىگىت ئۆزلىرى كۆڭۈللۈك ھىس قىلسا ھېساپ. مەن بۇ ئىككىسىنى مۇناستېردىكى بىر جۈپ مۇناخنى باغلىغاندەك باغلاپ قويدۇم.
- مېنىڭچە سەن ئۆزەڭنى بىر مۇناستېرنىڭ ئىچىدە تۇرغاندەك ھىس قىلىپ قاپسەن-دە؟
- سەن بىلمەيسەن.
- سەن ئەسلىدىنلا مۇناستېرنىڭ ئىچىدىكى ئادەمگە ئوخشايسەن، سەن ئۇ يەردىن كەلگەن.
جورجى بېشىنى كۆتۈرۈپ سائەتكە قارىدى.
- ئەگەر خېرىدارلار كەلسە سەن ئۇلارغا ئاشپەز يوق دېگىن، يەنە سورىسا ئۇلارغا ۋەكالىتەن ئاشخانىغا كىرىپ تاماقنى ئۆزەم ئېتىپ بېرىمەن دېگىن، چۈشەندىڭمۇ، ئەقىللىق يىگىت.
- چۈشەندىم،- دېدى جورجى،- كېيىن بىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىسىلەر؟
- ئەھۋالغا قارايمىز-دە،- دېدى مەيكىس،- نۇرغۇن ئىشلار باشتا ئۇقۇشماسلىقتىن بولىدۇ، بۇ ئىشمۇ شۇنداق.
جورجى بېشىنى كۆتۈرۈپ سائەتكە قارىدى. سائەت 6 دىن چارەك ئۆتكەن ئىدى. رەستىگە قارايدىغان چوڭ ئىشىك ئېچىلىپ، بىر تىرامۋاي شوپېرى كىرىپ كەلدى.
- ھەي جورجى، يىگۈدەك كەچلىك تاماق بارمۇ؟- سورىدى ئۇ.
- سام چىقىپ كەتكەن، يېرىم سائەتتىن كېيىن قايتىپ كېلەرمىكىن،- دېدى جورجى.
- ئۇنداقتا مەن كوچىنىڭ ئۇ بېشىغا بارسام بولغۇدەك،- دېدى شوپۇر. جورجى سائەتكە قارىدى. ھازىر سائەت 6 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەن ئىدى.
- ئىنتايىن ياخشى قىلدىڭ، ئەقىللىق يىگىت، سەن ھەقىقەتەن ئېسىلزادىكەنسەن،- دېدى مەيكىس.
- ئۇ مېنىڭ تاپانچا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرىۋېتىشىمنى بىلىدۇ،- دېدى ئار ئاشخانا ئۆي ئىچىدە تۇرۇپ.
- ياق،- دېدى مەيكىس،- ئۇنداق دېسەڭ بولمايدۇ. ئەقىللىق يىگىت ئوبدانكەن. بۇ ئىنتايىن ئوڭلۇق يىگىتكەن، مەن ئامراق بولۇپ قالدىم.
سائەت 6 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە جورجى دېدى:
- ئۇ كەلمىدى.
- ئاشخانىدا ئىككى ئادەم كىردى. جورجى ئاشخانىغا كىرىپ بىر خېرىدارغا ئۇ ئېلىپ چىقىپ كەتمەكچى بولغان توخۇ پاچىقى قىستۇرۇلغان بولكىنى ئېپچىقىپ بەرمەكچى بولدى، ئۇ ئارنىڭ شىلەپىسىنى دوقىسىغا قىڭغىر كىيىپ، ئارقا ئىشىكنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغىنىنى، پاينىكى ھەرىدىتىۋېتىلگەن تاپانچىسىنىڭ ئاغزىنى ئىشكاپقا تىرەپ قويغانلىقىنى كۆردى. نىك بىلەن ئاشپەز تامنىڭ بۇلۇڭىدا ئۆزئارا دۈمبىسىنى قىلىپ باغلاپ قويۇلغان، ئاغزىغا لۆڭگە تىقىلغان ئىدى. جورجى گۆش قىستۇرۇلغان بولكىنى تەييارلاپ، مايلىق قەغەزگە ئوراپ، بىر خالتىغا سالدى-دە، ئاندىن ئۇنى زالغا ئېلىپ چىقتى، ھېلىقى كىشى پۇلىنى تۆلىگەندىن كېيىن ئۇنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
- ئەقىللىق يىگىت ھەممە ئىشنى قاملاشتۇرالايدىكەن،- دېدى مەيكىس،- ئۇ تاماق ئېتەلەيدىكەن، ھەممە ئىشنى قىلالايدىكەن. ئەقىللىق يىگىت، سەن بىر قىز بالىنى ئوبدان خوتۇن قىلىپ تەربىيىلەپ چىقالىغۇدەكسەن.
- دوستىڭىز ئوئىل ئاندېرسېن كەلمەيدىغان ئوخشىمامدۇ؟
- بىز يەنە 10 مىنۇت ساقلايلى،- دېدى مەيكىس.
مەيكىس ئەينەك بىلەن ھېلىقى سائەتكە يەنە دىققەت قىلدى، سائەت ئىستىرىلكىسى 7 نى كۆرسۈتۈپ تۇراتتى، بىر دەمدە يەنە 5 مىنۇت ئۆتۈپ كەتتى.
- چىقە ئار،- دېدى مەيكىس،- ئەمدى قايتايلى، ئۇ كەلمىدى.
- ئەڭ ياخشىسى يەنە 5 مىنۇت ساقلايلى،- دېدى ئار ئاشخانا ئۆي ئىچىدە تۇرۇپ.
5 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، بىر ئادەم كىرىپ كەلدى، جورجى ئۇنىڭغا ئاشپەزنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.
- نىمىشقا باشقا ئاشپەز تاپمايسىلەر؟ سەن ئاشخانا ئاچمامسەن؟- دېدى ئۇ ئادەم ۋە گېپىنى دەپ بولۇپلا بۇ يەردىن كەتتى.
- چىقە، ئار،- دېدى مەيكىس.
- ماۋۇ ئىككى ئەقىللىق يىگىت بىلەن ئاۋۇ نېگىرنى قانداق قىلىمىز؟
-ئۇلار ئىنتايىن ئىشەنچلىك.
- سەن مۇشۇنداق ئويلامسەن؟
- ئەلۋەتتە، بىزگە ئەمدى ھېچ ئىش بولمايدۇ.
- چاخچاق قىلما،- دېدى ئار،- بىپەرۋالىق قىلىۋاتىسەن، سەن بەك كۆپ گەپنى قىلىۋەتتىڭ.
-يائاللا، بۇ يەردە جىددىلەشكۈدەك نېمە بار، ئىككىمىز پەقەت بىر كۆڭۈل ئاچقان بولدۇق، ئۇنداق ئەمەسمۇ؟
- قانداق بولۇشتىن قەتئىنەزەر، سەن گەپنى بەك كۆپ دەۋەتتىڭ،- دېدى ئار. ئۇ ئاشخانا ئۆيدىن چىقتى. پاينىكى ھەرىدەلگەن تاپانچىسى ئۇنىڭ تولىمۇ تار كېلىپ قالغان پىلاشى ئىچىدىن جىندەك چىقىپ قالغان ئىدى.ئۇ پەلەي تاقىغان قولى بىلەن كىيىمىنى بىر قۇر تۈزەشتۈرۈپ قويدى.
- يەنە كۆرۈشەرمىز، ئەقىللىق يىگىت،- دېدى ئۇ جورجىغا،- بەك تەلىيىڭ باركەن.
- راستىنلا تەلىيىڭ باركەن،- دېدى مەيكىس،- سەن چوقۇم ئات بەيگىسىگە پۇل تىك ئەقىللىق يىگىت.
بۇ ئىككىيلەن ئىشىكتىن چىقىپ ماڭدى. جورجى دەرىزىدىن ئۇلارنىڭ چىراق نۇرى ئاستىدا كوچىنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتكىنىنى كۆردى. ئۇلارنىڭ تارغىنە پىلاشى بىلەن شىلەپىسى ئۇلارنى بىر جۈپ سېرىكچىلەردەك كۆرسىتىپ تۇراتتى. جورجى ئىشىك تەرەپكە بۇرۇلدى-دە، ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ نىك بىلەن ئاشپەزنى باغلاقتىن بوشاتتى.
- ئۇنداق ئىش ئىككىنچى بېشىمغا كەلمىسۇن،- دېدى سام.
- ئۇنداق ئىش مېنىڭ بېشىمغىمۇ كەلمىسۇن،- دەپ ئورنىدىن تۇردى نىك. ئۇ ئىلگىرى باشقىلار تەرىپىدىن لۆڭگىنى ئاغزىغا تىقىپ قويىدىغان ئىشقا يولۇقۇپ باقمىغان ئىدى.
- ماڭا ئېيتقىن،زادى نېمە ئىشكەن بۇ؟- دېدى ئۇ ھەمدە قولىدىكى لۆڭگىنى تاشلىۋەتمەكچى بولدى.
- ئۇلار ئويىل ئاندېرسېننى ئۆلتۈرمەكچىكەن،- دېدى جورجى،- ئۇ كىرىپ تاماق يەۋاتقان ۋاختىدا تاپانچا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرمەكچىكەن.
- ئويىل ئاندېرسېننىما؟
- توغرا.
ئاشپەز باش بارمىقى بىلەن ئۇنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ:
-ئۇلار كەتتىمۇ؟- دەپ سورىدى.
- شۇنداق، ئۇلار كەتتى،- دېدى جورجى.
- بۇ ئىشتىن خۇشال بولمىدىم، ئازراقمۇ خۇشال بولمىدىم،- دېدى ئاشپەز.
-گېپىمنى ئاڭلا،- دېدى جورجى نىكقا،- ئەڭ ياخشىسى سەن ئويىل ئاندېرسېننىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنى كۆرۈپ كەلگىن.
- بولىدۇ.
- ئەڭ ياخشىسى بۇ ئىش توغرىلىق ئۇنىڭدىن ھېچنېمىنى سورىما،- دېدى سام،- ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭدىن يىراقراق تۇر.
- ئەگەر بارغۇڭ كەلمىسە بارما،- دېدى جورجى.
- بۇ ئىشقا چېتىلىپ قالساڭ ساڭا ھېچقانداق پايدىسى يوق، يەنىلا ئارىلاشما.
- مەن ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ كېلەي،- دېدى نىك جورجىغا،- ئۇ قەيەردە ئولتۇرىدۇ؟
ئاشپەز يۈزىنى ئارقىسىغا قىلدى.
- كىچىك بالىلار بىر ئىشنى قىلماقچى بولسا ھەمىشە بىلەرمەنلىك قىلىدىكەن،- دېدى ئۇ غۇدۇراپ.
- ئۇ ھېسكىينىڭ داچىسىدا ئۇلتۇرىدۇ،- دېدى جورجى نىكقا.
- مەن ئۇ يەرگە بېرىپ كېلەي.
- تالادىكى كوچا چىرىقى قۇرۇق دەرەخ شاخلىرىنى يورۇتۇپ تۇراتتى. نىك تىرامۋاي يولىغا چۈشۈپ مېڭىپ، بىر تال كوچا چىرىقى يورۇتۇپ تۇرغان جايدىن ئەگىلىپ، بىر كىچىك كوچىغا قاراپ ماڭدى. بۇ كوچىدىكى 3- كورپۇس دەل ھېسكىينىڭ داچىسى ئىدى. نىك ئىككى باسقۇچلۇق پەلەمپەيدىن چىققاندىن كېيىن ئىشىك قوڭغۇرىقىنى باستى، ئىشىك ئالدىغا بىر ئايال كەلدى.
- ئويىل ئاندېرسېن بۇ يەردە ئولتۇرامدۇ؟
- ئۇنىڭدا ئىشىڭىز بارمىدى؟
- شۇنداق، ئەگەر ئۇ ئۆيىدە بولۇپ قالسا.
نىك ئۇ ئايالغا ئەگىشىپ بىر پەلەمپەيدىن چىققاندىن كېيىن، بىر كارىدورنىڭ ئاياق تەرىپىگىچە كەلدى. ئايال ئىشىكنى چەكتى.
- كىم؟
- بىرسى سىز بىلەن كۆرۈشمەكچىكەن ئاندېرسېن ئەپەندىم،- دېدى ئۇ ئايال.
- مەن نىك ئادامىس.
- كىرگىن.
نىك ئىشىكنى ئىتتىرىپ ئۆينىڭ ئىچىگە كىردى. ئويىل ئاندېرسېن تولۇق كىيىنگەن ھالەتتە كارىۋاتتا ياتاتتى. ئۇ ئىلگىرى ئېغىر دەرىجىلىك بوكىسچى ئىدى. ئۇنىڭ بويىنىڭ ئۇزۇنلىقى ئۇ كارىۋاتنىڭ ئۇزۇنلىقى بىلەن تەڭ ئىدى. ئۇ بېشىنى ئىككى ياستۇقنىڭ ئۈستىگە قويغان ئىدى. ئۇ نىكقا قاراپمۇ قويمىدى.
- نېمە ئىش بولدى؟
- مەن ھېنرىنىڭ ئاشخانىسىدا ئىشلەيمەن،- دېدى نىك،- ئىككى ئەبلەخ كىرىپ مەن بىلەن ئاشپەزنى باغلاپ قويدى، ئۇلار سىزنى ئۆلتۈرمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ بۇ گەپنى باشقىلار ئاڭلىسا چۆچۈپ كېتىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى.
ئويىل ئاندېرسېن بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمىدى.
- ئۇلار ئىككىمىزنى ئاشخانىغا سولىۋالدى،- دېدى نىك گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ،- ئۇلار سىز ئاشخانىمىزغا كەلگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىزنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى.
ئويىل ئاندېرسېن تامغا قارىغىنىچە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى.
- جورجى بۇ ئىشنى سىزگە ئۇختۇرۇپ قويۇشۇمنى توغرا تاپتى.
- بۇ ئىشقا مېنىڭ ھېچقانداق ئامالىم يوق،- دېدى ئويىل ئاندېرسېن.
- مەن ئۇلارنىڭ تەقى-تۇرقىنىڭ قانداقلىقىنى ئېيتىپ بېرەي.
-مېنىڭ ئۇلارنىڭ تەقى-تۇرقىنىڭ قانداقلىقىنى بىلگۈم يوق،- دېدى ئويىل ئاندېرسېن تامغا قاراپ،- بۇ ئىشنى ماڭا ئۇختۇرغىنىڭغا رەھمەت.
- ئەرزىمەيدۇ.
نىك كارىۋاتتا ياتقان بۇ يوغان ئادەمگە قارىدى.
- ساقچىغا مەلۇم قىلايمۇ؟
- ياق، ئۇنىڭ ھېچنېمىگە پايدىسى يوق،- دېدى ئويىل ئاندېرسېن.
- مەن قىلىپ بېرەلىگۈدەك قانداق ئىش بار.
- يوق، ھېچقانداق ئىش يوق.
- قەستەن قورقمىغان قىياپەتكە كىرىۋالمىغانسىز؟
- ياق، مەن قورقمىغان قىياپەتكە كىرىۋالمىدىم.
ئويىل ئاندېرسېن تامنىڭ ئۇ تەرىپىگە قاراپ ئۆرۈلۈپ يېتىۋالدى.
- بىردىن-بىر ئىش شۇكى،- دېدى ئۇ تامغا قاراپ سۆزلەپ،- مەن يەنىلا تالاغا چىقمىسام بولغۇدەك، مەن بىر كۈن تالاغا چىقمىدىم.
- سىز شەھەر سىرتىغا چىقالمامسىز؟
- ياق،-دېدى ئويىل ئاندېرسېن،- مەن ئەمدى قېچىپ يۈرۈشنى خالىمايمەن.
- سىز بىر ئامال قىلىپ بۇ ئىشقا خاتىمە بېرىشنى ئويلىمامسىز؟
- قىلالمايمەن، مەن ئۇلارنىڭ چىشىغا تېگىپ قويدۇم،- دېدى ئۇ يەنىلا خوشياقمىغاندەك تەلەپپۇزدا،- بىرەر ياخشى ئامالمۇ يوق، سەل تۇرۇپ تالاغا چىقىشىممۇ مۈمكىن.
- ئۇنداقتا مەن جورجىنىڭ قېشىغا قايتاي،- دېدى نىك.
- ئامان بول،- دېدى ئويىل ئاندېرسېن نىكقا قاراپمۇ قويماي،- بۇ يەرگە كەلگىنىڭگە رەھمەت.
نىك ئىشىكتىن چىقتى. ئۇ ئىشىكنى ئېتىۋېتىپ، ئويىل ئاندېرسېننىڭ پۈتۈن كىيىنگەن ھالدا تامدىن كۆزىنى ئۈزمەي ياتقىنىنى كۆردى.
- ئۇ پۈتۈن بىر كۈن تالاغا چىقمىدى،- دېدى ئۆي ئىگىسى ئايال،- مەن ئۇنى ساقسىز بولۇپ قالدىمىكىن دەپ ئويلىدىم. ئۇنىڭغا «ئاندېرسېن ئەپەندىم، كۈزنىڭ بۇنداق ياخشى ھاۋاسىدا بىردەم ھاۋا يەپ كىرسىڭىز بولمامدۇ دېسەم ئۇ ئۇنىمىدى.
- ئۇ تالاغا چىقىشنى خالىمايدۇ.
- مەن خۇددى ئۆزۈم ساقسىز بولۇپ قالغاندەك ئۇنىڭ ساقسىزلىقىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن،- دېدى ئۇ ئايال، - ئۇ ئىنتايىن ياخشى ئادەم، بىلەمسىز، ئۇ بىر بوكسيۇرچى.
- بىلىمەن.
- ئەگەر ئۇنىڭ يۈزىدىكى ئۇ ئالامەتلەرنى كۆرمىسىڭىز ئۇنىڭ بوكسيۇرچى ئىكەنلىگىنى ھەرگىزمۇ بىلەلمەيسىز،- دېدى ئايال. ئىككىيلەن دەرۋازىنىڭ يېنىدا پاراڭلاشتى،- ئۇ ئادەم ھەقىقەتەن مۇلايىم.
- بولىدۇ، خەيرلىك كەچ، ھېسكىي خانىم،- دېدى نىك.
- مەن ھېسكىي خانىم ئەمەس،- دېدى ئۇ ئايال،- بۇ داچا ئۇنىڭ. مەن پەقەت ئۇنىڭ غوجىدارى. مەن بېل خانىم.
- بولىدۇ، خەيرلىك كەچ بېل خانىم،- دېدى نىك.
- خەيرلىك كەچ.
نىك قاراڭغۇ كوچىدىن چىراق يورۇپ تۇرغان كوچا دوقمۇشىغا چىقتى ۋە تىرامۋاي يولىنى بويلاپ مېڭىپ ھېنرىنىڭ رېستۇرانىغا قايتىپ كەلدى. جورجى پۇكەينىڭ ئارقىسىدا ئىدى.
- ئويىلنى كۆردۈڭمۇ؟
-كۆردۈم، ئۇ ياتىقىدا ئىكەن، سىرتقا چىقىشنى خالىمايدىكەن.
بۇ چاغدا نىك ئاشخانا ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىۋاتقاچقا، پەقەت ئۇنىڭ ئاۋازىلا ئاڭلاندى.
- مېنىڭ ئەمدى ھېچنېمىنى ئاڭلىغۇم يوق،-دېدى ئۇ، ئاندىن ئىشىكنى گۈپپىدە تاقىدى.
- سەن ئۇ ئىشنى ئۇنىڭغا ئېيتىڭمۇ؟- سورىدى جورجى.
- ئەلۋەتتە. مەن ئۇنىڭغا ئېيتتىم، لېكىن ئۇ ھەممىنى بىلىدىكەن.
- ئۇنداقتا ئۇ قانداق قىلىشنى ئويلاۋېتىپتۇ؟
- ھېچقانداق قىلىشنى ئويلىماپتۇ.
- ئۇ چوقۇم قىمار جېدىلىگە چېتىلىپ قاپتۇ.
- مەنمۇ شۇنداق ئويلىدىم،- دېدى نىك.
- ئىش راستىنلا چاتاق.
- ئىش ھەقىقەتەن بەك قورقۇنچلىق،- دېدى نىك.
ئىككىيلەن ئەمدى قايتا گەپ قىلىشمىدى، جورجى بىر لۆڭگىنى ئېلىپ، پۇكەينى سۈرتۈشكە باشلىدى.
- مەن ئۇنىڭ زادى نېمە ئىش قىلىپ قويغىنىنى بىلەلمىدىم؟- دېدى نىك.
- بىرەرسىنى ئالدىغان گەپ. ئۇلار مۇشۇنى دەپ ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى.
- مەن بۇ بازاردىن كېتىمەن،- دېدى نىك.
- بولىدۇ،- دېدى جورجى،- بۇ بىر ئاقىلانە ئىش.
-مەن ئويلاشقا تاقەت قىلالمايمەن، ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىشىنى بىلىپ ياتىقىدا ساقلاپ تۇرۇپتۇ، بەكمۇ قورققۇنچلىق،- دېدى نىك.
-بولدى قىل،- دېدى جورجى،- ئەڭ ياخشىسى بۇ ئىشنى باشقا جايغا بېرىپ ئويلانغىن.
تۈگىدى

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 19:29:52

چۇشۇنەلمىدىم بىر خىل بۇرۇختۇرما كەيپىيات

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 08:46:22

بۇ ھېكايىنى يوللاپ بەرگۈچىگە رەھمەت
بەت: [1]
: ئاق پىلدەك تاغلار (ھېكايە)