مەۋقەسىزلەر سەنئەتكار ئەمەس
مەۋقەسىزلەر سەنئەتكار ئەمەسمەقسۇت ئەمىن ئەركيار
كۆكتە ئۇچۇپ يەتمىش ئىككى خىل،
ئۆزگەرگەننى يازدى ۋۇچېڭئېن.
بۇ يۇرتلارغا كەلگەن بولغايمۇ،
مايمۇن دەيدۇ ئادەمنى دارۋېن.
مەۋقەسىزلەر سەنئەتكار ئەمەس،
گاھى دىندار،گاھى پىيەنچۈك.
قولدا چاپان،ئاغزىدا«ئىمان»،
دىن ۋە مىللەت پۇختا يۆلەنچۈك.
سەنئەت ئەسلى پاكىزە كەسىپ،
«چىنلىق» تۇغقان ۋەقەسى باردۇر.
بۇلغىماڭلار ئەل سەنئىتىنى،
سەنئەتكارنىڭ مەۋقەسى باردۇر.
بەدىيلىك دەپ توقۇماق توغرا،
ئىزدىنىڭلار توقۇپ ھارماڭلار!
ئالدامچىلىق ـ دېنى يوق قىسماق،
«ھەۋەسكارلار» چوقۇپ قالماڭلار.
سەنئەت- گۆھەر،سەنئەت-نىجاتلىق،
سەنئەت يولى ئەمەستۇر ئاسان.
چىن سەنئەتكار ئەلنىڭ تۇمۇرى،
دۇنياسىنى تاپقاندا قاچان! سەنئەتكارلار قانداق مەۋقەدە بولۇش كىرەك ؟ ناچارنى دەسسىۋەتتىم ... نىمە بۇ ... ... مەنىسى خېلى چوڭقۇرئىكەن بۇ يازمىنىڭ. جۈملىلەر مەجبۇرى قىسىلۋالغاندەك بىلىندى سىزنىڭ بۇ يەردىكى سەنئەت دىگىنىڭىز ناخشا ئۇسۇلنى كۆرسىتەمدۇ ؟ ئەگەر شۇ بولسا ئۇنىڭدىن باشقا نىجاتلىق يوللىرىمىز نۇرغۇن ! تېمىنىڭ ئاستىدا ئەلا 1 دەپ تۇرامدۇ؟ ئاشۇنى مانا مەن باستىم،بىرنىلا باسالايدىكەنمەن،ئەپسۇس...
مۇشۇنداق شېئىرلارغا ئىشتىھايىم ئېسىل. گەپ كونا بولسىمۇ، مەزمۇن يېڭى،تىل كەسكىن، كەيپىيات ساپ.
ئېسىل!!!
يېڭى بىر چاپانچىلىقنى بايقىشىمىز ۋە ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەكمۇ قانداق،يەنى مەلۇم كىشىنىڭ ياكى مەلۇم بىر توپنىڭ ئەمەس،بەلكى ئۆزىدىكى ساختىپەز،ئاڭقاۋ «مەن»نىڭ چاپىنىنى كۆتۈرىدىغان. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tewpik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-4 00:18
سەنئەت نىجاتلىق ،نىجاتلىق دىگەن سۆز مۇناسىپ كەلمەي قالدىمۇ ؟؟ لاينى كېسەك قويۇپ ئوي سالسىمۇ ، يا بولمىسا داڭگال قىلىپ خەنىڭ بېشىغا ئاتسىمۇ بولىدۇ . ئۆي سېلىپ بەرگىچە داڭگال قىلىپ باش ـ كۆزىنى يېرىپ قوغلاپ چىقارماقنى ئەۋزەل كۆردىغىنىنى كىم بىلمەيدۇ :funk: گەپبارجان ھاياتكەنسىلە ھە :funk::lol:lol:lol gapbar يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 00:44 static/image/common/back.gif
لاينى كېسەك قويۇپ ئوي سالسىمۇ ، يا بولمىسا داڭگال قىلى ...
تىگى ھاڭدەك چوڭقۇر ئىنكاسلىنى يازماڭلار .:lol سەۋىيىمىز يەتمەي قالىتكەن. كەچۈرۈڭلار مەيخۇر بۇرادەر ، لاي ئاغان ئازگال ھاڭدەك كۆرۈنۈپ كەتكىنىگە قارىغاندا ئاخشام ئارلاشتۇرۇپ ئوينىغان ئوخشايسىلە ـ ھە ، كەيپى تارقىغاندا يەنە بىر قاراپ باقامسىلە ـ يا :lol ياخشى شىئېر ئىكەن ، ھەر قانداق بىر سەنئەتكار ئۇ مەيلى رەسسام بولسۇن ياكى يازغۇچى چوقۇمكى : ئۇ روياپقا چىقارغان شۇ ئەسەردە مەلۇم ياخشى ئىددىيە ، ياخشى ئىشلارنى ، گۈزەللىكنى تەسۋېرلەپ كىشىلەرگە زوق ئاتا قىلىش بىلەن بىللە شۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى ھەقىيقىي گۈزەللىكنى ، ياخشى - ياماننى پەرىق ئېتىشكە يېتەكلىيەلىسە ئاندىن بۇ ئەسەرنىڭ ھوزۇرلىنىش ھەم پايدىلىنىش قىممىتى ئۆز جايىنى تاپقان بولىدۇ . ( شىئېردىكى نىجاتلىق دىگەن سۆز تازا جايىنى تاپالماپتۇ ، يەنىمۇ تېرىشىڭ ) سەنئەت بولمىسا دۇنيانىڭ مەزىسى بولمايدۇ، دېمەكچى. سەنئەت دېسە تۇرسۇنئاي ئىبراھىم بىلەن غالىپ غوپۇرنىڭ «ئىگىلىدۇ قاس-قاس بەللىرىڭىز»دېگەن ناخشا-ئۇسسۇلىنى ئويلىۋالساڭلار بولمايدۇ. ئالدى بىلەن خۇدا دۇنيانى سەنئەتلىك ياراتتى. تەبىئەت بىر نادىر سەنئەت ئەسىرى، بىپايان سۇ دېڭىزدا دولقۇنلىنىپ تۇرىدۇ، سۇ مالىكۇلالىلىرى بىلەن دەرىزىگە چاپلاشقان قىراۋ ۋە قار گۈلى ئىنتايىن نەپس بىر سەنئەت ئەسىرى.
ئىنسانلارنىڭ تىلى بىر سەنئەت، كىيىمى بىر سەنئەت، يۈرىمى بىر سەنئەت، ئىلىم-پېنى ھەم سەنئەت، بارچە ھاياتلىق چىرايلىق بولسام دەيدۇ، چىرايلىق كۆرسەم، چىرايلىق ئاڭلىسام، چىرايلىق ئىشلىسەم، چىرايلىق يىسەم دەيدۇ. سەنئىتى بولمىغان نەرسىنىڭ خېرىدارى بولمايدۇ. ئىنسان ھەممە نەرسىدىن سەنئەت ئىزدەيدۇ، سەنئەت ۋە سەنئەت تۇيغۇسى بولمىغان نەرسىدىن يىراق قاچىدۇ...
سەنئەت-نىجاتلىق يولى. توغرا گەپ.
لېكىن، مۇنۇ شېئىر جېكنىڭ شېىر يېزىش قانۇنىغا ئوڭاي چۈشۈپ قالغۇدەك. بەك ئۇدۇل، قۇرغاق بوپ قاپتۇ.
سەل سەنئەتلىك يازايلى شېئىر دېگەننى.
بەت:
[1]