waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 10:08:00

خوتەن ئۇدۇن ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى يىرىم ھەل قىلغۇچقا كىردى

  ئۇيغۇر ۋاسكىتبول تورىنىڭ 2-ماي خەۋىرى؛   2014-يىلى5-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ،  خوتەن ۋىلايەتلىك ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتى، خوتەن ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتى تەشكىللىگەن  « خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » نىڭ يىرىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچى خوتەن شەھرىدىكى خوتەن ۋىلايەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پەن تىخنىكا مەدىنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەت مەرگىزى ۋاسكىتبول مەيدانىدا  ئىلىپ بىرىلدى.
    بۇ قىتىمقى ئەل ئىچى تەكلىپ مۇسابىقىسىگە، يىقىندا دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تاللانغان، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى،  پەخىرلىك ئۇيغۇر ۋاسكىتبول چولپانىمىز شىرئەلىجان مۇختەر، قىرغىز يىگىتى قىرانبەك،  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى مەردان تۇرسۇن، شەنشى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئۇيغۇر ئەزاسى مۇرات ئادىلجان، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ سابىق ئەزاسى خەن لىي، شىنجاڭ ئۇنۋىرستىتى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى خاستېرقاتارلىق داڭلىق ۋاسكىتبولچىلىرىمىز تەكلىپ قىلغان كوماندىلارغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشتى.
  بۈگۈن كەچ  ئىلىپ بىرىلغان يىرىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدىكى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە  شىرئەلىجان مۇختەر، مۇرات ئادىلجان، خەنلىي يىتەكچىلىگىدىكى  ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتى كوماندىسى 81-69 نەتىجە  بىلەن خوتەن يىڭى ھايات دۇختۇرخانىسى كوماندىسىنى، مەردان تۇرسۇن يىتەكچىلىكىدىكى خوتەن ئوۋلوبا ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى كوماندىسى  72- 64 نەتىجە بىلەن   قىرغىز يىگىتى قىرانبەك يىتەكچىلىگىدىكى خوتەن دىلپاك كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.
    مۇسابىقە ۋاقىت ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىۋى بۇيىچە، 3-ماي ئۇرۈمچى ۋاختى كەچ 00؛7 - 30؛10 غىچە بۇ قىتىمقى « خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » نىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچى ئىلىپ بىرىلىپ، شىرئەلىجان مۇختەر، مۇرات ئادىلجان، خەنلىي يىتەكچىلىگىدىكى  ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتى كوماندىسى بىلەن مەردان تۇرسۇن يىتەكچىلىكىدىكى خوتەن ئوۋلوبا ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى كوماندىسى  چىمپىيۇنلۇقنى، قىرانبەك يىتەكچىلىگىدىكى خوتەن دىلپاك كوماندىسى بىلەن خوتەن يىڭى ھايات دۇختۇرخانىسى كوماندىسى ئۈچۈنچىلىكنى تالىشىدۇ.

شىرئەلىجان مۇختەر يىتەكچىلىگىدىكى  ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتى كوماندىسى بىلەن  خوتەن يىڭى ھايات دۇختۇرخانىسى  كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئىلىپ بىرىلغان مۇسابىقە پۈتۈن مەيدان سېن فىلىمى
  بىرىنچى چارەك مۇسابىقە سېن كۈرۈنىشى

http://player.56.com/v_MTEzMjUzODk5.swf

ئىككىنچى چارەك مۇسابىقە سېن كۈرۈنىشى

http://player.56.com/v_MTEzMjU0NDcw.swf

ئۈچۈنچى چارەك مۇسابىقە سېن كۈرۈنىشى

http://player.56.com/v_MTEzMjU0OTQ5.swf

تۆتىنچى چارەك مۇسابىقە سېن كۈرۈنىشى

http://player.56.com/v_MTEzMjU1MzI5.swf

قىرانبەك يىتەكچىلىگىدىكى خوتەن دىلپاك كوماندىسى بىلەن مەردان تۇرسۇن يىتەكچىلىكىدىكى خوتەن ئوۋلوبا ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى كوماندىسى  ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان مۇسابىقە سېن فىلىمى

http://player.56.com/v_MTEzMjU1ODY2.swf

http://player.56.com/v_MTEzMjU2MDQ4.swf

مۇسابىقىگە ئالاقىدار سۈرەتلەر



ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php


enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 23:43:26

سىن تۇتۇقراقكەن، شىر ۇكامنى پەرق ېـتەلمىدىم،20-نومۇر شۇما؟
بەت: [1]
: خوتەن ئۇدۇن ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى يىرىم ھەل قىلغۇچقا كىردى