mykariz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 22:01:38

(كارىزى) 1936-يىلى كۇچادا ئېلىپ بارغان زور تۇتقۇن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mykariz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-2 22:05  

شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتى 1936-يىلىدىن باشلاپ كۇچادا ئېلىپ بارغان زور تۇتقۇن

ئەھەت نايۇپ

(بۇ ئەسەر تارىخشۇناس شېرىپ خۇشتار ئەپەندى تەرىپىدىن تۈزۈتۈلۈپ ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، «شىنجاڭ تارىخ-مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ 2013-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان)

ھاياتىمدا كۆرگەن، ئىشلىگەن، ئاڭلىغان ئىشلاردىن ئەسلىمە:
[مەن ئەسلىدە كۇچارلىق. 1913-يىلى كۇچادا ئىچىلغان 6 سىنىپلىق تۇنجى پەننىي مەكتەپنىڭ كېيىنكى قارارىدا ئوقۇغان. 1934-يىلى كۇچادا ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغاندا كۇچار 2-قارار دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىردىم. ئوقۇش جەريانىدا دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچى ئابلىمىت ھاجى نىيازى دېگەن كىشى، زوردىن شىرىپ، مەمتىمىن بايىز ۋە مەن (ئەھەت نايۇپ)نى نۇقتىلىق تەربىيلىدى. ئۇ ھەر كۈنى دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن، مېنىڭ ئۇيغۇر ئۇيۇشمىغا ئېلىپ باراتتى. مېنىڭ كۆزۈم شۇ يەردە ئىچىلدى. مەن ئۆز تەرجىمە ھالىمنى كۆرگەن، قىلغان، ئاڭلىغان ھاياتلىق سەپەرىمنى- ئۇيغۇر ئاقارتىش ئۇيۇشمىدىن باشلىدىم]

1934-يىلى كۇچادا ئۇيغۇر مەدەنى ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغاندا، ئابدۇللەمباي رەئىس، موللامۇھەممەت ھاجىم مۇئاۋىن رەئىش قوشۇمچە مائارىپ مۇدىرى ئىدى. ئابدۇلھىمىتخان مەخسۇم سابىرى باش كاتىپ، ئابۇلھىمىتخان ھاجى نىيازى ياردەمچى كاتىپ ئىدى. ئابدۇلھىمىتخان مەخسۇم يەنە دارىلمۇئەللىمىننىڭ مۇدىرلىقىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغانىدى. بۇ كىشى ئۇستا خەتتاپ بولۇپ، ئۆزى ھۆسنى خەت دەرسى ئۆتەتتى. 1935-يىلى مەن دارىلمۇئەللىمىن 2-قارارغا ئوقۇشقا كىردىم. ئابدۇلھىمىتخان مەخسۇم دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن زوردۇن شېرىپ، مەمتىمىن بايىز ۋە مەن ئۈچىمىزگە نۇقتىلىق تەلىم بەرگەنىدى. ئابدۇلھىمىتخان ھاجى نىيازى ھەركۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن، مېنى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىغا بىرگە ئېلىپ باراتتى. ئىدارە-جەمئىيەت، مەكتەپلەرگە يازىدىغان خەت ئالاقىلەرگە ئابدۇلھىمىتخان ھاجى نىيازى كۇپىيە تارتىپ ماڭا بېرەتتى. مەن ئاق كۆچۈرۈپ تەييارلايتتىم. ناماز شام بولۇشى بىلەن كاتىبات ئىشخانىسىغا 300 ۋاتلىق بىر گازۋاي چىراغ، رەئىس ئىشخانىسىخا 500 ۋاتلىق 2 گازۋاي چىراغ يېقىلاتتى. شۇ كۈنلەردە ھەركۈنى ئاخشىمى نامازشامدىن كېيىن رەئىس ئىشخانىسىغا ئادەم كىلىشكە باشلايتتى. چوڭ دەرۋازىنى تاقاپ، كىچىك ئىشىكنى يېىپ قوياتتى. ئىشىكنىڭ ئىچى تەرىپىدە ئۇيۇشما ئىشچىسى تۆمۈر ئەپەندى پۇستتا تۇراتتى. كەلگەن كىشى كىچىك ئىشىكنى چېكەتتى. تۆمۈر ئەپەندى ئىشىكنى ئېچىپ، «ھە، كىرسىلە» دېگەندىن كېيىن كەلگەن كىشى ئىچىكىرىگە كىرەتتى. قارىغاندا تۆمۈر ئەپەندى مەجلىسكە قاتنىشىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇنىسا كېرەك. تۇنۇمىغان كىشىنى كىرگۈزمەيتتى. بۇ ۋاقىت 1935-يىلى 9-ئايلار ئىدى. ھەركۈنى خۇپتەندىن كېيىن، رەئىس ئابدۇللەمباي، موللامۇھەممەت ھاجى، ئابدۇلھىمىتخان مەخسۇم، تۇرسۇن ئەپەندىم(تەكتى خوتەنلىك)، ناسىر ھاجىم، ئىسلامباي، نەجمىدىن ھاجىم، مەمتىمىن شاڭزۇڭ، مۇسايىپ شاڭزۇڭ، تىيىپ شاڭزۇڭ، ھېكىم شاڭزۇڭ، ھاشىم قازى ئاخۇنۇم، يۇنۇس ئاخۇنباي، مالىيە مۇدىرى ھىمىت ئاخۇن، ھامۇت ھاجىم، ساي بۇيىدىن ئەھرۇللاخان شاڭزۇڭ، رۇزەم دۆببىگى، مامۇت بەگ، رىزايۇپ ئەپەندىم، ساۋۇت ئاخۇن (سۆگەت كوچىدىن)، توختى ھاجىم (ئارقا سايباغدىن) قاتارلىق 20 نەچچە كىشى بىردىن، ئىككىدىن كېلىپ، چوڭ ئىشخانىسىغا يىغىلاتتى. بۇ ناھايىتى مەخپىي مەجلىس بولۇپ، كۆپىنچە ئابدۇللەمباي رىياسەتچىلىك قىلاتتى. توختى ھاجىم مەجلىسنىڭ بىردىن-بىر مۇھىم ئادىمى بولۇپ، مەجلىستە توختى ھاجىم كۆپرەك سۆزلەيتتى. ئۇ توغرىسى 30، ئۇزۇنلۇقى 70-80cm  كېلىدىغان ئاق قەغەزگە يېزىلغان بىر پارچە خەتنى ئوقۇپ تۇرۇپ سۆزلەيتتى. توختى ھاجىم 50 ياشتىن ئاشقان قارامتۇل، ئېگىزرەك كىشى بولۇپ، ئارقا سايباغدا ئېسىل ئىمارەت، باغ-ھويلىسىدا بار ئىدى. ئۈرۈمچى بىلەن كۇچا ئارىلىقىدا سودىگەرچىلىك قىلىپ خېلى بېيىغان، نامى بار، دىنى جەھەتتە خەت ساۋادى تولۇق، كىچىكرەك مەستچتكە ئىمام بولغۇچىلىك دىنى مەلۇماتى بار كىشى ئىدى. توختى ھاجى سۆزلىگەندە ھەممەيلەن دىققەت بىلەن ئاڭلايتتى. بىزنىڭ ئىشخانىمىز بىلەن رەئىس ئىشخانىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ئىشىك بولۇپ، بەزىدە ئوچۇق تۇراتتى. بەزىدە يېپىلىپ قالاتتى. ئۇلار بىز ئىككىمىزدىن ئانچە تارتىنىپ كەتمەيتتى. مەن كىچىك بولغاچقا رەئىس ئىشخانىسىغا پەقەت كىرمەيتتىم. ئابدۇلھىمىتخان ھاجى نىيازى خەت ئالاقىلەرگە ئىمزا قويدۇرۇش ئۈچۈن كىرىپ چىقىپ تۇراتتى. كەچ سائەت  11لەردە مەجلىس ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇلار بىردىن ئىككىدىن تارقىلىپ چىقىپ كېتەتتى. ئابدۇلھىمىتخان بىلەن ئىككىمىز سائەت 12 بىلەن ئۆيىمىزگە كېتەتتۇق. بۇ مەجلىس بىرئايدەك داۋام قىلدى. بەزىدە بۇ مەجلىسكە ئىلگىرى كېلىپ باقمىغان 3-4 نەپەر يوچۇن  ئادەم كېلىپ قاتنىشاتتى. بىر كۈنى مەن ئابدۇلھىمىتخاندىن «ئاۋۇ يېڭى كەلگەن ئادەملەر نەدىن كەلگەن ئادەملەردۇ؟» دەپ سورىسام، ئابدۇلھىمىتخان «بىرسىنى تونىدۇم، ئىككىنچىسىنى تونىمىدىم. ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ئادەملە بولسا كېرەك» دەپ قويدى. 1935-يىلى 11-ئايلاردا ئابدۇللەمباي كۇچاغا ھاكىم بولدى. ئۇيۇشمىدىكى رەئىسلىك ئورۇن ۋاقىتلىق بوش قالدى. مەن يەنە 2-3 ئاي ئىشلىدىم. ئاڭغىچە 1936-يىلى كىرىپ قالدى. شۇ چاغدا كۇچادا 6 سىنىپلىق ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلدى. مەن دارىلمۇئەللىمننى پۈتتۈرۈپ ئوتتۇرا مەكتەپكە مۇئەللىم بولدۇم. 1936-يىلىنىڭ باشلىرىدا توختى ھاجىم تويۇقسىزلا يوقاپ كەتتى. بەزىلەر قولغا ئېلىنىپ كىتىپتىمىش دېيىشتى. ئەمەلىيەتتە مەخپىي ئۈرۈمچىگە كەتكەن ئىكەن. توختى ھاجىم يوقاپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، 1936-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە ئۈچ كېچە كۇچادا زور تۇتقۇن قىلىش ۋەقىئەسى يۈز بەردى. بۇ قېتىمقى  تۇتقۇن قىلىشتا كۇچادىن 100 دەك ئادەم ھەپىسىگە ئېلىنىپ كەتتى. بۇ قېتىمقى چوڭ تۇتقۇنىغا كۇچا ناھيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ شۇ ۋاقىتىدىكى باشلىقى زۇپەر مۇناسىپ بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلدى.
1936-يىلى كۇچا ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى ھازىرقى كۇچا ناھىيە كونا شەھەردىكى ساقساقنىڭ شىمالىدىكى جادارىن①نىڭ شەخسىي قوراسىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغانىدى. زۇپەر تاتار بولۇپ، بۇرۇن چۆچەكتە تۇرغان ئىكەن. زۇپەر كۇچا ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىگە باشلىق بولۇپ تۇرغاندا ئۇنىڭ قول ئاستىدا 20 نەپەر ساقچى ئوفىتسىر، 30 نەپەر ساقچى ئەسكەر بار ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا ئابدۇللا ئۆمەرۇپ②قوماندانلىقىدىكى ئاتلىق پولىك زۇپەرنىڭ ئارقا تىرىگى ئىدى. بۇ پولىك ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز ۋە ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل قىلىنغان. 1934-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدىكى يامان سۇ ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭغا كىرىپ، 1935-يىلى كۇچاغا كېلىپ ئورۇنلاشقانىدى. بۇ پولىكنىڭ روتا كوماندىرى مەھەممەت ئەھمىدوۋ بىر روتا ئەسكەر بىلەن ئابدۇللا دۆببىگى(جادارىن) نىڭ ئارقا بېغىدا ساقچى ئىدارىسىنى قوغداپ تۇراتتى. مەھەممەتجان لىيەنجاڭنىڭ روتىسىدا قىرغىز ئىبراي③ پەيجاڭ(ئىزۋۇت كوماندىرى)، شايارلىق ئابدىقادىر پەيجاڭلار بار ئىدى. بۇلار ئادەم تۇتقىلى چىققانلارنى قوغداپ بىللە چىقاتتى. زۇپەرنىڭ تەيىنلىشى بىلەن ساقچى ئىدارىسىدىن ئادەم تۇتۇشقا مەسئۇل بولغانلار ھۇشۇر ھاجىم، قەشقەرلىك ئۇبۇلقاسىم قاسىموۋ، كورلىلىق ئۆمەر ساۋۇت قاتارلىق ساقچى ئوفىتسىرلىرى ئىدى. ھوشۇرھاجى توقسۇلۇق چوڭ باي ۋە چوڭ ئاخۇن ئابدۇزارى موپتى ھاجىمنىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، تۇنجى قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرۈپ كېلىپ، ئۈرۈمچىدە دۇبەن مەھكىمىسىدە ئېچىلغان 3 ئايلىق ئالاھىدە ساقچى ئوفىتسىرلار كۇرسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، كۇچا ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىگە ئەۋەتكەنىدى. ئادەم تۇتقىلى چىققانلار 2-3 نەپەر ساقچى ئەسكەر بىلەن بىر قوراغا كىرسە، شۇ ئانلا بىر پەي ئەسكەر شۇ قۇرۇنىڭ ئەتراپىنى مۇھاسىرە قىلىپ تۇراتتى. قولغا ئېلىنغانلارنىڭ بالا-چاقىلىرىنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسلانغاندا ھۇشۇرھاجىم ئادەم تۇتقىلى بارغان ئۆيلەر كۆپرەك، ئۇبۇلقاسىم شۇن گۈەن بىلەن ئۆمەر سابىت سۇن گۈەن بىر ئالاھىدىلىكى قولغا ئېلىنىدىغان ئادەمگە ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇن، بالا-چاقىلىرىغا ناھايىتى سىلىق مۇئامىلە قىلغان. ئۇلارنى قورقۇتمىغان. قولغا ئالىدىغان ئادەم ئۆيىدە يوق بولۇپ قالسا، «سەن ئېرىڭنى تېپىپ بېرىسەن» دەپ ۋارقىراپ جاقىرمىغان. بەلكى «ئۆيگە كەلسە بىزگە خەۋەر بەرسىلە، ياكى ئۆزى ساقچى ئىدارىسىگە بارسۇن، جۇيجاڭنىڭ سۆزى بار ئىكەن» دەپ ئېيتىپ قويۇپلا قايتىپ كەتكەن. ئەمما ھۇشۇرھاجىمدىن باشقىلىرى بەكمۇ قوپاللىق قىلغان. قولغا ئېلىنىدىغان ئادەمنىڭ ئۆيىگە كىرگەن ھامان قولغا ئېلىنغان كىشىنىڭ قولىغا كويزا سېلىپ، ئاغىزىنى لۆڭگە بىلەن تېڭىۋېتىپ، خوتۇن، بالا-چاقىلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر ئۆيگە سولىۋېتىپ، بىر-بىرىگە چېتىپ باغلاپ «ئاۋازىڭنى چىقىرىشساڭ ئېتىۋېتىمەن» دەپ تەھدىت سېلىپ، ئىشىككە پوست قويۇپ، قولۇپ سېلىپ ئاندىن ئۆي ئىچىنى تىتماكاتاڭ قىلىپ ئاقتۇرۇپ، پۈتۈن خەت-چەكلەرنى، پۇل-پۇچەكلەرنى، ساندۇقتىن چىققان ئالتۇن، كۆمۈشلەرنىمۇ تاتارغا تىقىپ ئېلىپ كەتكەن.
1935-يىللىرى كۇچادا خەلق ئىچىدە:«ھازىر ھۆكۈمەت خەلق ئىچىگە مىسا (قۇلاق) قويۇپتۇ. بۇلار چايخانا، ئاشپۇزۇللارغا، توي-تۆكۈن، مەرىكىلەرگە، يىغىن-چۆگۈنلەرگە بېرىپ ھۆكۈمەتنىڭ ئالدى كەينىدە ئۆسەك سۆز قىلغانلارنى كۆزىتىپ، ھۆكۈمەتكە مەخپى مەلۇم قىلىدىكەن. ئاندىن كېيىن ئۇلارنى ساقچى ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى تۇتۇپ كېتىدىكەن. قىغدۆڭلىك ياسىن پۇچۇق، گۈلباغلىق توقاجاڭجۇڭ، مەپىكەش ئامبال تاز(ئىسمى ئېنىق ئەمەس) مىسا پوبتىمىش-ئەپەندىلەر ئىچىگە پاختا بازىرىلىق سىدىق ئەپەندىنى مىسا قىلىپ قويپتىمىش» دېگەن گەپ سۆزلەر ئېقىپ يۈرگەن.
1936-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ كۇچادا تۇتقۇن قىلىنغانلار ئاساسەن يۇرت چوڭلىرى، چوڭ بايلار، چوڭ ئاخۇنلار ۋە زىيالىيلار ئىدى.
1936-يىلى 3-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغانلار:
1) ئابدۇللەمباي: 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا كۇچادا ئۆتكەن مەشھۇر باي ئۆمەر ھاجىمنىڭ كىچىك ئوغلى بولۇپ، ئاتىسىنىڭ مىراسى ۋە سودا ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلغان چوڭ باي ئىدى. خېلىلا چوڭ يۇڭ زاۋۇتى بار ئىدى. ئابدۇللەمباي 1934-يىلى كۇچا ناھىيىسىدە ئۇيغۇر مەدەنى ئاقارتى ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغاندا ئۇيۇشمىنىڭ رەئىسى بولغان. 1935-يىلى كۇچا ناھىيىسىگە ھاكىم بولغانىدى. قولغا ئېلىنغاندا 40 ياش ئەتراپىدا ئىدى.
2) ناسىر ھاجىم: ئەسلى يۇرتى قەشقەردىن بولۇپ، كۇچادىكى2-دەرىجىلىك بايلاردىن ئىدى. قەشقەردە ناھايىتى يۇقىرى ئابرويغا ئىگە ئىدى.
3) ئەمەت ھاجى: ئەسلى قەشقەردىن بولۇپ، كۇچادىن چوڭ بايلارنىڭ بىرى ئىدى. بۇ كىشىنىڭ ھازىرقى ئىشخىلا يېزا كۆك گۇمباز كەنتىنىڭ ساي بۇيى تەرىپىدە 1500 دەك ئىشچى ئىشلەيدىغان يۇڭ زاۋۇتى بار ئىدى.
4) ھاشىم قازى ئاخۇنۇم: كۇچا ناھىيە كونا شەھەر ساقساقتىن، دىنى بىلىمى چوڭقۇر، سۆزمەن، يۈرەكلىك ئادەم ئىدى. يىغىنلاردا كۇچادىكى دىنى زاتلارغا ۋاكالىتەن سۆزگە چىقاتتى. بەك ئورۇنلۇق سۆزلەيتتى.
5) مەرەم غوجا: 1864-يىلى كۇچادا قۇرۇلغان راشىدىن خان ھاكىمىيىتى دەۋرىدە مىس كان ئېچىپ پۇل قويدۇرغان غېنىزات غوجامنىڭ ئوغلى.
6) ھامۇت مەلىۋى داموللام: كۇچا ناھىيە ئۇزۇن يېزىسىدىن، ياش ۋاقتىدا ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدىكى دىۋىبەند دارىل ئولۇمدا 10 نەچچە يىل ئوقۇپ مەكتەپ پۈتتۈرۈپ، مەۋلىۋى داموللا ئۇنۋانى بىلەن 1930-يىلى ئەتراپىدا كۇچاغا كەلگەن. 1935-يىلى كۇچادا دارىل مۇئەللىمىنگە مۇئەللىم بولۇپ، ھەرھەپتىدە 4 سائەت دىنى دەرس بېرەتتى. شۇ ۋاقتىدا مەنمۇ ئوقۇيتتۇم. ئولتۇرىغى قىغدۆڭدىكى مىجىت قازى ئاخۇنۇمنىڭ مەدرىسىدە ئىدى. شۇ ۋاقىتتا ھامۇت مەۋلىۋى داموللام 40 نەچچە ياشتا بار ئىدى. كۇچادىكى چوڭ تۇتقۇن بولغان كۈنلەردە ۋاقىتلىق ساقساقتا ئولتۇرۇۋاتقان ئىكەن. ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئادەملىرى كېچىسى ئادەم تۇتقىلى بارغاندا، ھامۇت مەۋلىۋى داموللام ئۆيىدە يوق ئىكەن. بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندە، ھامۇت مەۋلىۋى داموللام تون سەرپايلىرىنى كىيىپ، ئېتىغا مېنىپ ئاش ۋاقتى بىلەن ساقچى ئىدارىسىغا بېرىپ، ئۆزىنى مەلۇم قىلغان ھەم شۇ يەردىلا قولغا ئېلىنغان. بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۈرمىدىن چىقىپ،كۇچاغا يېنىپ كەلگەن.
7) مىجىت قازى ئاخۇنۇم: كۇچا شەھەر ئىچىدىن بولۇپ، باش ۋاقتىدا قەشقەردە دىنى مەدرىستە ئوقۇغان. قوشۇمچە تۈركىيە ئالىي مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن چوڭ زىيالىيلاردا ئوقۇغان. 1924-يىلى ئەتراپىدا كۇچاغا قايتىپ كەلگەن. كېيىن مەھكىمە شەر ئىگە قازى بولغان.
8) ئابلىمىتخان مەخسۇم سابىرى: ئاكىسى مىجىت قازى ئاخۇنۇم بىلەن بىرگە قەشقەردە بىر ئىككى يىل مەدرىستە ئوقۇغاندىن كېيىن، مەدرىستىن چىقىپ مەجىددىن ئەپەندى، ھىسامىدىن ئەپەندى، ئىھسان تەۋپىق ئەپەندى، ئەھمەد فەرىد ئابباس قاتارلىق تۈركىيە زىيالىلىرىدا كۆپرەك ئوقۇغان. بولۇپمۇ، قەشقەردە بىر ئىككى يىل مەخسۇس مۇفىردات ئوقۇپ ئىنتايىن چىرايلىق ھۆسىن خەت يېزىشنى ئۆگەنگەن. كېيىن ئاتۇشقا چىقىپ مەمتىلى ئەپەندىمدىن 2-3 ئاي تەلىم ئالغان. كۇچاغا كەلگەندىن كېيىن خانىقا جامەسىنىڭ ئىچى-تېشىدىكى ھۆسنى خەتلەرنى يېزىپ، داڭ چىقارغان. 1933-يىلى 1-ئايدا ئابدۇلھىمىت خان مەخسۇمنىڭ تەشەببۇسى ۋە يېتەكچىلىكى بىلەن كۇچادا دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى قۇرۇلۇپ، 2 يىل ئىچىدە كۇچاغا 300 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن. كۇچا مائارىپىغا ناھايىتى زور تۆھپە قوشقان. ئابدۇلھىمىت جان مەخسۇم 1936-يىلى 3-ئايدىكى چوڭ تۇتقۇندا كۇچا ساقساقتىكى ئۆيىدىن قولغا ئېلىنىپ كەتكەن. 1943-يىلى ئۈرۈمچىدە تۈرمىدىن چىقىپ، غۇلجىغا كېتىپ 1944-يىلى غۇلجىدا بەزگەك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان.
9) خۇدىياردا موللام: مەشھۇر مۇرەتتەپ قارى بولۇپ، قەشقەردە ئۇزۇن يىل تۇرغان. كۇچاغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، كۇچادىن ئۆيلەنگەن. 1936-يىلى 3-ئايدا قەشقەرگە بارماق بولۇپ يولغا چىققاندا كۇچا بىلەن باي ئوتتۇرىسىدىكى داۋاندىن تۇتۇپ كەلگەن.
10) نەقى قارى ھاجى سۇپى زادە: ئەسلى قەشقەردىن بولۇپ، تۈركىيىنىڭ ئىستانبول شەھىرىدە ئوقۇغان ھەم بىر قانچە يىل تۇرغان. 1920-يىلى ئەتراپىدا قەشقەرگە قايتىپ كەتكەن. قەشقەردە نامى چىققان مەشھۇر ئادەم ئىدى. 1936-يىلى بۇ كىشى تۇرپانغا بارماقچى بولۇپ، قەشقەردىن يولغا چىقىپ، كۇچادىن ئۆتۈشتە بىر نەچچە كۈن تۇرغان ناھايىتى كۆپ ئادەملەر ئۇ كىشى بىلەن كۆرۈشگىلى بارغان. شۇ ۋاقتىدا بىر كېچىسى زۇپەرنىڭ ئادەملىرى رەستىدىكى ئابدۇۋاھىت ھاجىمنىڭ سارىيىدىن قولغا ئېلىپ كەتكەن.
11) ئىبراھىم ئەپەندى: ئەسلى ئاتۇشتىن، ئاتۇشتىكى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ 1-قاراردىكى شاگىرتلىرىدىن ئىدى. بۇ كىشى 1934-يىلى كۇچادا قۇرۇلغان تۆمۈرغازى مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان.
12) مەۋلانجان ئەپەندى: ئەسلى ئاتۇشتىن بولۇپ، 1934-يىلى كۇچادا قۇرۇلغان تۆمۈرغازى مەكىتىپىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى ئىدى. بۇ كىشى ئىبراھىم ئەپەندى بىلەن بىرگە قولغا ئېلىنىپ كەتكەن.
13) ئەمرۇللاخان شاڭرۇڭ: ئەسلى قەشقەر كونا شەھەردىن. شۇ ۋاقتىمدىكى ئوتتۇرغى كۇچا پاختا بازىرىدا بولۇپ، ئاتاقلىق بايلاردىن ئىدى. بۇ ئادەم كۇچانىڭ پىلە غوزىكىنى سېتىۋېلىپ، قەشقەرگە يۆتكەپ يىپەك تارتقۇزۇپ ھىندىستانغا چىقىراتتى. بۇ كىشىنىڭ خېلى ئوبدان پەننى بىلىم سەۋىيىسى بولۇپ، مائارىپپەرۋەر ئادەم بولغاچقا 1934-يىلى قىلىچ ئاتام مەسجىتنىڭ 200-300 كۋادرات ۋەخپى يېرىگە ئۆزىنىڭ 200-300 كۋادرات مېتىر شەخسىي يېرىنى قوشۇپ، ئۆزپۇلى بىلەن 3 سىنىپلىق بىر باشلانغۇچ مەكتەپ، ئىككى ئائىلىلىك ئوقۇتقۇچىلار ياتىقى سالدۇرۇپ، ئىككى نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىپ، 100دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەپتەر-قەلەملىرىنى تەمىنلەپ، كۇچا مائارىپى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان ئىدى. بۇ ئادەمنىڭ ئولتۇرقى مەكتەپكە يېقىن بولغاچقا ھەركۈنى دېگىدەك سىنىپقا كىرىپ، «ياخشى ئوقۇڭلار، بىلىم ئېلىڭلار، كەلگۈسىدە ئالىم بولۇڭلار» دەپ نەسىھەت قىلىپ تۇراتتى.
14) مامۇت بەگ: كۇچا كونا شەھەر ناغراخانىدىن،
15) سالاھىدىن ئاخۇن: (ئۆزبېك) ئەسلى ئەنجاندىن 1917-يىلى سوۋېت ئۆكتەبىر ئىنقىلابى مەزگىلدە قىرغىزلار بىلەن بىرگە قەشقەرگە كېلىپ، كېيىن كۇچا شەھەر ئىچىدىكى ناغرىخانىدا ئولتۇراقلاشقان. بۇ ئادەم باي ئەمەس ئىدى. بىراق ئۇنىڭ كۆرگەن-بىلگەنلىرى كۆپ بولغاچقا، مەسجىت ئالدىدا نەزىر-چىراق، يىغىن-چۆگۈنلاردا بۇخارا، نەمەنگان، سەمەرقەنت ئالىملىرىنىڭ گەپلىرىنى ۋە شۇ يەردە بولغان سوقۇش توغرىسىدىكى ھىكايىلەرنى سۆزلەپ بېرەتتى.
16) موللا مەھەممەت ھاجىم: ئەسلى ئاتۇشتىن، 1934-يىلى كۇچا ناھىيىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغاندا مۇئاۋىن رەئىس، قوشۇمچە مائارىپ مۇدىرى بولغان.
17) تۇرسۇن ئەپەندى: ئەسلى خوتەندىن. كۇچا دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان.
18) ئابدۇجاپپار ئەپەندى: ئەسلى ئاتۇشتىن. 1920-يىلى ئەتراپىدا تاشكەنتكە چىقىپ كېتىپ، 1933-يىلى تاشكەنتتىن چۆچەككە كەلگەن. ئاندىن كورلىغا كېلىپ بىر يىل تۇرۇپ، 1934-يىلى كۇچادا سانايى نەفىسە قۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغان ھەم دىرىژور بولغان.
19) ئابدۇرېھىم ئاخۇن: ئەسلى ئاتۇشتىن 1934-يىلى ئابدۇجاپپار ئەپەندى بىلەن بىرگە كۇچاغا كەلگەن ھەم سانايى نەفىسەدە ئىشلىگەن.
20) نەجمىدىن ھاجىم: ئاتۇش سۇنتاغدىن. 1933-يىلى بىرىنچى بولۇپ كۇچا، توقسۇ، شاياردىكى مەشھۇر زاتلارغا خوجانىيازھاجىمنىڭ ئىنقىلابىي مۇراجىئەتنامىسى (چاقىرىقنامىسى)نى ئېلىپ كەلگەن.
21) ئابدۇرېھىم قارى: مۇرەتتەپ قارى بولۇپ، كۇچادا تۇرۇۋاتقان قەشقەرلىق زۇنۇن ئاخۇننىڭ ئوغلى ئىدى.
22) بارات ئاخۇن خەلپىتىم: كىشىلەرگە ئەرز بەيئى يېزىپ بېرىپ قەلەم ھەققى ئېلىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان كەمبەغەل ئادەم بولسىمۇ ناھايىتى سۆزمەن، ھېچكىمدىن قورۇقمايدىغان، شۇ ۋاقتىدىكى ناھىيە ئەمەلدارلىرىدىنمۇ قورۇقماي تىللاۋېرىدىغان ئادەم ئىدى.
23) بايىزقازى ئاخۇنۇم: ئادەتتىكى دىنى كىتابلارغا مەنا ئېيتالايدىغان موللا ھەم شائىر ھەم خەتتات ئىدى. كۇچادىكى چوڭ ئۆلىما ئىبراھىم قۇززات ئاخۇنۇم قۇززات بولغاندا مىرزا بولغان. سادىق ھاكىم باي ناھىيىسىگە ھاكىم بولغاندا باش كاتىپ بولغان. 1934-يىلى كۇچا «مەھكىمە شەرئى» نىڭ قازىسى بولغان ئىدى. كۇچانىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋاللىرىنى ناھايىتى تولۇق بىلىدىغان كىشى ئىدى.
24) مانۇر ئاخۇن: كۇچادىكى خۇيزۇلارنىڭ مۆتىۋىرى. 1933-يىلى ماشمىن قىسىملىرىنى باشلاپ كۇچاغا چۈشكەندە تۇرپانلىق ناسىر بەگ ھاكىم. شەنبە ھاجى مۇئاۋىن ھاكىم ئىدى. ماشمىن بۇ ئىككىسىنى ساقساقتىكى ئىسلامباينىڭ قۇرۇسىغا چاقىرتىپ ئاپىرىپ ئېتىۋەتكەن. مانۇر ئاخۇن مۇشۇ شەنبە ھاجىمنىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ چوڭ سودىگەر ئىدى. ئۇ، رۇسىيە بىلەن دىگۋار تۈزۈپ پىتىرگىرادقا بېرىپ كەلگەن.
25) پاكار ھاشىم ھاجىم: ساقساقتىن، تۆمۈر سىجاڭنىڭ مۇھاپىزەتچىلەر باشلىقى ئابدۇقادىر ھاجىمنىڭ دادىسى.
26) بەكرى ئاخۇن سەرراپ: كۆكچى مەھەللىسىدىن.
27) ئىسلامباي: قەشقەر سوللۇغدىن شۇ ۋاقىتتىكى ئولتۇرقى ساقساقتا. كۇچادىكى چوڭ باي.
28) نەمەت ئاخۇن: ئەسلى قەشقەردىن شۇ ۋاقىتتىكى ئولتۇرقى ساقساقتا. ئىسلامباينىڭ غوجىدارى.
29) موسايىپ شاڭزۇڭ:  رەستىدىكى ھادى ھاجىمنىڭ سارىيىنى سېتىۋېلىپ باشقۇرغان.
30) مەمتىمىن شاڭزۇڭ: كۇچا ساقساقتىن.
31) ھىكىم شاھ شاڭزۇڭ: ئەسلى خوتەندىن.
32) تىيىپ ئاخۇن شاڭزۇڭ: كۇچا ساقساقتىن.
33) سەۋلەت ئابدۇرېھىم ھاجى شاڭزۇڭ: كۇچا سايۋاغدىن.
34) ناسىر ئاخۇن زەرگەر: كۇچا رەستىدىن.
35) ئابدۇلەم دارازا: كۇچا رەستىدىن
36) رىزايوپ ئەپەندى: دوختۇر. 1930-يىلى ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن.
37) مەھەممەت نىياز ھاجىم: كۇچا قىغدۆدىن.
38) سېلىم باي پۇچۇق: ئەسلى ئاتۇشتىن. ئولتۇرقى كۇچا قىغدۆڭ بايقۇۋۇق كوچىسى.
39) زەيدىن ئاخۇن: كۇچا يار كوچىدىن. مەھپۇزۋاڭنىڭ بايراقچىسى.
40) تۆرە ھاجى: كۇچا مازار بېغىدىن.
41) سادىق ھاجى خەيجاڭ: يېڭى مەھەللىدىن.
42) ئابدۇراخمان ھاجىم: كۇچا ئارا مەھەللىدىن 1933-يىلى سادىق ھاجىم باي ناھىيىسىگە ھاكىم بولۇشنىڭ ئالدىدا باينىڭ ھاكىمى بولغان ئىدى.
43) ئابدۇرىزاق دۆبېگى: كۇچا ناھىيە ئالاقا ۋە يېزا چاڭگا كەتنىدىن. شەھەر ئىچى قىغدۆڭدىكى ئۆيىدىن تۇتۇلغان.
44) نىزامىدىن ئەپەندى: كۇچادىن، ئىلگىرى شايار ناھىيىسىگە ھاكىم بولغان.
45) تىيىپ ئىسكەندەر: كۇچا پاختا بازىرىدىن.
46) ئابدۇقادىر ئىسكەندەر: پاختا بازىرىدىن تىيىپ ئىسكەندەرنىڭ ئىنىسى.
47) ھامۇت شاڭيى: ئىشخىلىدىن.
48) ئابدۇراخمان ھاجىم: بېلىنئېرىق كوچىسىدىن
49) تۇردى قارى: ئالاقاغۇدىن، مەھپۇز ۋاڭنىڭ مۇھاپىزەتچىلەر باشلىقى بولغان.
50) ئابدۇرازاق شاڭيى: كۇچا قىغدۆڭدىن.
51) ھەمزۇللا بەگ: سوقۇقتىن.
52) مەھمۇت بەگ: كۇچا قىغدۆڭدىن.
53) رۇزەم دۆببىگى: قارا شەھەردىن.
54) غازى بەگ: ئالاقاغۇ يېزىسى يىڭىسار كەنتىدىن. 1933-يىلى ھاپىزغوجام بىلەن بىرگە پىچانغا بارغان.
55) بايىز دۆببىگى: بىھىشباغ يېزا كۆكۈش كەنتىدىن.
56) مەھەممەت نىياز بەنجاڭ: بىھىشباغ يېزا  كۆكۈش كەتنىدىن. مەھبۇزۋاڭ غوجام بىلەن بىرگە ئارغىي بۇلاقتىكى سوقۇشقا قاتناشقان.
57) ئابدۇقادىر بەگ: كۇچا ساقساقتىن، ياش ۋاقتىدا خەنزۇچە شۆتاڭ مەكتەپتە ئوقۇغان. خەنزۇچە ئىسمى جەنىشيۇڭ. 1932-يىلى توقسۇ ناھىيىسىدە ھادى ئەئىلەم قوزغۇلاڭ كۆتەرگەندە، ئابدۇقادىر بەگ توقسۇ ناھيىسىدە ھاكىم ئىدى. قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن ئاخشىمى قورقۇپ كېتىپ، ئاتلىق كۇچاغا قېچىپ كەتكەنچە كۇچادا تۇرۇۋاتقان ئىدى. خەلق ئىچىدە توكۇر ئامپال دېگەن نامى بار ئىدى. ئومۇمىي تۇتقۇندا ساقساقتىكى ئۆيدە قولغا ئېلىنغان.
58) مەھەممەت سىيىت غوجا: سوقۇقتىن.
59) رېيىموللا دۆببىگى: بىجاقتىن
60) كېرەم مىراپ: ئۇچاردىن.
61) ھېكىم دۆببىگى: كونا موزدۇر بازىرىدىن.
62) ئابدۇرېھىم پوچى: ھىكىم دۆببىگىنىڭ ئىنىسى «ئاتام نېمە گۇناھ قىپتۇ؟» دەپ ساقچىغا ئەرز قىلغانلىقتىن قولغا ئېلىنىپ كەتكەن.
63) مەھەممەت كېجاڭ: دوپپا بازىرىدىن. كونا ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ كېجىڭى ئىدى.
64) ئىبىراھىم بەگ: شامالباغدىن.
65) ئابدۇللا چوڭ: ساي بويىدىن. مەھبۇزۋاڭغا مۇھاپىزەتچى بولغان.
66) ھەمدۇللا پۇگۇەن: يېڭى مەھەللىدىن مەھپۇزۋاڭغا مۇھاپىزەتچى بولغان.
67) خالىي بەگ: (خالاۋشى) خەنزۇچە كونا شۆتاڭدا ئوقۇغان. كېيىن ھاپىز غوجامنىڭ ئائىلىسىدە ئوقۇتقۇچى بولغان.
68) غوجا لوزۇڭ: ئەسلى ئىسمى يەھەممەت نىياز غوجا، كۇچا ناھىيە ئوچا يېزا بىرىنچى ئوچا كەتنىدىن-چوڭ باي. بۇ كىشى 1924-يىلى ئەتراپىدا پۈتۈن كۇچانىڭ بېجىنى كۆتىرە ئالغانلىقتىن «غوجا لوزۇڭ» دەپ ئاتالغان.
69) ئۆمەر ھاجى: ئۇزۇندىن.
70) نايۇپ ھاجى:قوناستىن.
71) ھامۇت ھاجى: ساي بويىدىن (1951-يىلى توقسۇ ناھىيىسىگە ھاكىم بولغان ئابلىز ھامۇت ھاجىنىڭ دادىسى). بۇ كىشى 1913-يىلى كۇچادا 6 سىنىپلىق تۇنجى پەننى مەكتەپ ئېچىپ كۇچانىڭ 1-ئەۋلات زىيالىلىرىنى يېتىشتۈرگەن ئىدى.
72) ئابدۇراخمان ھاجىم: قەشقەردىن، بۇ كىشى بۇرۇن ھامۇت ھاجىم بىلەن سەپەرداش بولۇپ ھەمرەمگە بىللە بارغان. شۇڭا كورلىغا ئۆتۈشتە ھامۇت ھاجىمنىڭ ئۆيىگە چۈشكەن ئىكەن. شۇ ئاخشىمى ھامۇت ھاجىم بىلەن بىرگە قولغا ئېلىنىپ كەتكەن.
73) ئابدۇكىرىمخان: ئەسلى ئافغانىستاندىن، كۇچا پاختا بازىرىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان.
74) ئابلىزخان: ئابدۇكىرىمخانىنىڭ چوڭ ئوغلى. چوڭ تۇتقۇن بولغان شۇ كۈنلەردە ئابلىزخان كۇچادا يوق بولۇپ، كۇچاغا گۈرۈچ يۆتكەش ئۈچۈن ئاقسۇ كونا شەھەرگە بېرىپ ئابدۇشۈكۈر ھاجىمنىڭ سارىيىدا تۇرىۋاتقان ئىكەن. كۇچادىن بىر ئوفىتسېر بىلەن بىر ساقچى ئاقسۇ شەھەرگە بېرىپ قولغا ئېلىپ، قولىغا كويزا سېلىپ سودىگەرلەرنىڭ ماشىنىسىغا بېسىپ، كۇچاغا ئېلىپ كېلىپ تۈرمىگە تاشلىغان.
75) ھەمدۇللا ئۇستام: ئەسلى تۇرپاندىن. مامۇت سىجاڭغا ئەسكەر بولۇپ، سوقۇشتا زەخمىلىنىپ، بىر پۇتىدىن ئايرىلغان بولغاچقا كۇچادا قالدۇرۇلغان ئىكەن. بۇ كىشى پاتقاق كوچىدىكى دۆڭ كۆۋرۈك يېنىدا رىمونتچىلىق قىلاتتى.
76) پۇنۇسئاخۇن باي: ئەسلى ئاتۇشتىن.
چوڭ تۇتقۇندىن كېيىن قولغا ئېلىنغانلار:
77) روزى ئاخۇن خەلپەت: كۇچا ناھىيە ئىشچىلار يېزا تۆۋەنكى بىجاق كەنتىدىن. سودىگەر، بۇ كىشى چوڭ تۇتقۇندىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ كەتكەن.
78) ئىسھاقخان: ئەنجانلىق ئۆزبېك بولۇپ، 1916-يىلى ئەركەشتام ئارقىلىق قەشقەرگە كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي كۇچاغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، كۇچادىن ئۆيلەنگەن. بۇ كىشى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۆزبېكلەرنىڭ ئاقساقىلى بولۇپ، قولىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پاسپورتى بار ئىكەن دېگەن گەپ بار ئىدى. بۇ ئادەم ئەسلى ئەنجاندىكى چوڭ باينىڭ ئوغلى بولۇپ، كۇچاغا نۇرغۇن ئالتۇن، تىللا بىلەن كەلگەن. سايباغدىن 40-50 مو يەر ئېلىپ بىر قانچە يۈرۈش زامانىۋى ئۆي-ئىمارەت سالدۇرغان. 20  نەچچە مو يەرگە ھەر خىل مېۋە كۆچەتلىرىنى قويۇپ ئېسىل باغ ئەھيا قىلغان. بۇ ئادەم تەرەققىيپەررەر، مائارىپپەرۋەر ئادەم ئىدى. 1935-يىلى كۇچادا ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ بىناسىنى سالدۇرغاندا 10000 يۈەندىن ئارتۇق دۇبەن پۇلى ئىئانە قىلغان ئىدى. (بىر سەر كۈمۈش تەڭگە 10 يۈەن دۇبەن پۇلى ھېسابلىناتتى. دېمەك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىشخانە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 1000سەر كۈمۈش تەڭگە ئىئانە قىلغان ئىدى). ئىنىسى نادىرخان بىلەن 2-ئوغلى قادىرخاننى كۇچا دارىلمۇئەللىمىندە ئوقوشقا بەرگەن. ئىسھاقخان 1936-يىلى 3-ئايدىكى ئومۇمىي تۇتقۇندا قولغا ئېلىنمىغان ئىدى. چوڭ تۇتقۇن بولۇپ 3 ئاي ئۆتكەندە كۇچانىڭ ئاخۇنلىرى. مۆتىۋەرلىرى «قولغا ئېلىنىپ كەتكەنلەر كۇچادا خەلقپەرۋەر، مائارىپپەرۋەر ئادەملەر ئىدى. ئۇلارنىڭ ھىچبىر گۇناھ سادىر قىلغانلىقىنى بىلمەيمىز. بىز ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا كەڭچىلىك قىلىشىنى تىلەيمىز. بىز كېپىل بولساق» دەپ بىر پارچە ئەرىز يېزىپ ئىسھاقخاننىڭ قېشىغا چىقىپ «ئۆزلىرى بولسىلا پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئۆزبېك مۇھاجىرلىرىنىڭ ئاقساقىلى، ئۆزلىرىنىڭ قولىدا سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ پاسپورتى بار. ئۆزلىرى مۇشۇ ئەزىمىزنى كۆتۈرۈپ، ئاقسۇ ۋىلايەتكە بېرىپ ئۇلارنى تىلەپ بەرسىلە» دەپ تۇرۇۋالغانلىقتىن، ئىسھاقخان كۇچالىقلارنىڭ ئەرزىنى ئېلىپ ئىككى ئادەمنى ھەمراھ قىلىپ ئاتلىق ئاقسۇغا بېرىپ بۇ ئەرزنى ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاسىم ھاجىغا كىرگۈزۈلگەن. قاسىم ھاجى ئەرزنى كۆرۈپ، ئەرزنى كۆتۈرۈپ كىرگەن ساقچىدىن«نەچچە ئادەم كەپتۇ» دەپ سورىغان. ساقچى: «3 ئاتلىق ئادەم ئىكەن، بىرسى ئېسىل كىيىنگەن 50-60 ياشلاردىكى ئادەم ئىكەن. مەن كۇچانىڭ ۋەكىلى دەيدۇ. ئىككىسى بىرگە ھەمراھ بولۇپ كەلگەن ئادەملىرى ئوخشايدۇ» دېگەندە قاسىم ھاجى «ھېلىقى ياشانغان ئادەمنى مېنىڭ ئىشخانامغا باشلاپ كېرەڭلار، ئېتى ھەمراھلىرىدا قالسۇن» دەيدۇ. ئىككى ساقچى ئىھساقجاننى قاسىم ھاجىنىڭ ئىشخانىسىغا باشلاپ كىرگەندە قاسىم ھاجى «بۇنى ئاختۇرۇڭلار!» دېگەن. ئاختۇرۇشقا ئىسھاقخاننىڭ يانچۇقىدىن 40-50 دانە تىللا، كىچىك قول سومكىسىدىن 3-4 يۈز يۈەن دۇبەن تىزا پۇلى چىققان. شۇنىڭ بىلەن ئىسھاقخان تۈرمىگە تاشلانغان. مۇشۇ كۈنلەردە قادىرخان قەشقەرگە مالغا كەتكەن ئىكەن. قادىرخان 20 نەچچە كۈندىن كېيىن 30 نەچچە ھارۋۇدا مال ئېلىپ ئاقسۇ ساي ئېرىققا كەلگەندە ئاقسۇدىن 4 نەپەر ساقچى ساي ئېرىققا كېلىپ، 30  نەچچە ھارۋا مالنى مۇسادىرە قىلىپ، قادىرخاننى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلىغان. گۇندىپايلار قادىرخاننى تونىمىغانلىقتىن ئىسھاقخان بار كامىرغا ئەكىرىپ قويغان. ئۇ كامىردا ئېلىخان تۆرە (1945-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولغان)مو بار ئىكەن. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن قادىرخان ئۈرۈمچىدە تۈرمىدىن چىقىپ، غۇلجىغا كەتكەن. 1984-يىلى قادىرخان غۇلجىدىن كۇچاغا كېلىپ مەلۇم ۋاقىت تۇرغاندىن كېيىن ئېلىخان تۆرىنىڭ ئاقسۇ تۈرمىسىدە دەپ بەرگەن گەپلىرىنى مەن ئەھەت نايۇپقا سۆزلەپ بەرگەن. ئۇ دەپ بەرگەن ئەھۋاللار كۆپ ئىدى مەن، بۇ يەردە نۇقتىلىق ئىككى جۈملە سۆزنى ئەسكەرتىپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. 1934-يىلى خوجا نىياز ھاجىم، ئاقسۇدا تۇرغان ۋاقتىدا ئەززەمخان تۆرە خوجا نىياز ھاجىمنىڭ شتابىغا سوقۇنۇپ كىرىۋېلىپ خوجا نىياز ھاجىمنىڭ شتابىغا سوقۇنۇپ كىرىۋېلىپ خوجا نىياز ھاجىمنىڭ مۇشاۋىرى بولىۋالغان. ئەززەمجان تۆرىنىڭ ئەسلى يۇرتى تاشكەنت بولۇپ، تاشكەنتتە گىمنازىيىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، موسكۋا داشۆسىنىڭ قانۇن فاكولتېتىدا پۈتتۈرگەن تاتار  قىز سۇفىيە ئىبراھىم ئاگىيۋا بىلەن توي قىلغان. ئەززەمخان تۆرە رۇسچىنى پىششىق بىلگەننىڭ سىرتىدا قازاق، قىرغىز، ئۇيغۇر، تاجىك تىللىرىنى مۇكەممەل ئۆگەنگەن بىلىملىك زىيالى ئىكەن. ئەززەمخان تۆرە داشۆنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1928-يىلى موسكۋادا ك گ پ نىڭ خەلقئارا جاسۇسلۇق بۆلۈمىگە ئەزا بولغان. ستالىن خوجا نىياز ھاجىمنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونتروللىقىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، ئەززەمخان تۆرىنى مەخسۇس ۋەزىپە بىلەن ئەركەشتام ئارقىلىق شىنجاڭغا كىرگۈزگەن. ئەززەمخان قەشقەرگە كېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، كۇچادا ئولتۇراقلاشقان 5-6 ئائىلىلىك تاتار بارلىقىنى ئوقۇپ، تەخمىنەن 1932-يىلى سوفىيە خانىمنى كۇچاغا يول سېلىپ قويغان. ئۆزى 1934-يىلى خوجا نىياز ھاجىم بىلەن بىرگە ئۈرۈمچىگە كەتكەن. خوجا نىياز ھاجىم قولغا ئېلىنغاندا ئەززەمخان تۆرىمۇ بىرگە قولغا ئېلىنغان.
79) سادىق ھاجىم: كۇچادىكى چوڭ بايلارنىڭ بىرى بولۇپ، 1933-يىلى خوجا نىياز ھاجىم كۇچاغا كەلگەن چاغلاردا سادىق ھاجىم توي بولدى (ھازىرقى خانقىتام يېزا) نىڭ دۆببىگىسى ئىدى. مېنىڭ ئەھەت نايۇپ ئۆگەي دادام ئىمىن دورغا بەگ سادىق ھاجىمنىڭ مىرزىسى ئىدى. خوجا نىياز ھاجىم كۇچادا 40 كۈن تۇرۇش داۋامىدا سادىق ھاجىمنىڭ 16 ياشلىق قىزى قەمبەرنىسا خېنىمنى چوڭ توي قىلىپ نىكاھىغا ئالغان خوجا نىياز ھاجىم ئاقسۇغا مېڭىش ۋاقتىدا سادىق ھاجىمنى باي ناھىيىسىنىڭ ھاكىملىقىغا بەلگىلەپ قويۇپ ئاقسۇغا يۈرۈپ كەتكەن. شۇ ۋاقتىدا كۇچا ناھىيە ئارا مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ئابدۇراخمان ھاجىم باي ناھىيىسىگە ھاكىم ئىدى. سادىق ھاجىم بايغا مېڭىشتا كۇچا خانقانىڭ ئارقىسىدا ئولتۇرۇشلۇق دىنى ئىلىمىدا خېلى يۇقىرى ئوقۇغان ئۇستا خەتتات ھەم شائىر بايىز خەلپىتىمنى ئۆزىگە باش كاتىپ قىلىپ بىرگە ئېلىپ كەتكەن. ئۇ چاغدا بايىز خەلپىتىم تېخى قازى بولمىغان چاغ بولۇپ، ئىككىنچى ئوغلى مەمتىمىن بايىزنى بىرگە ئېلىپ كەتكەن. 1936-يىلى 3-ئايدا كۇچادا چوڭ تۇتقۇن بولغاندا سادىق ھاجىم بايدا ھاكىم ئىدى. ئارىدىن 3-4 ئاي ئۆتكەندە، (7-ئاي ۋاقىتلىرى بولسا كېرەك) 2 رۇس، ئىسلام ئىسىملىك تاتار تەرجىمان ۋە بىر خەنزۇ شوپۇر بىر پىكاپ بىلەن ئۇدۇل باي ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە كىرگەن. ئىككى رۇسنىڭ بىرسى دۇبەن مەھكىمىسىنىڭ سوۋېت مۇشاۋىرى سىمىرنوۋ، يەنە بىرى زىلاتكىن ئارىيفوۋ ئىدى. بۇلار باي ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە كىرىپ، سادىق ھاجىمنى سۈرۈشتۈرگەندە باي ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خادىملىرى «ھاكىم ياتاق ئۆيىدە» دېگەن سىمىرنوۋ قولغا تاپانچا تۇتۇپ زىلاتكىن ئارىيفوۋ بىلەن ئىسلامنى بىرگە ئېلىپ، بۇ چاغدا سادىق ھاجىم بىر چىنە لېگەندە نېرىن يەپ ئولتۇرغان ئىكەن. سىمىرنوۋ سادىق ھاجىمغا تاپانچا تەڭلەپ «كۆتەر قولىڭنى!» دەپ ۋارقىراپ، سادىق ھاجىمنىڭ قولىغا كويزا سېلىپ ھايداپ ئېلىپ چىقىپ ماشىنىغا سېلىپ ئاقسۇغا ئېلىپ ماڭماقچى بولغان. بۇ چاغدا سادىق ھاجىمنىڭ ئايالى تىللا خېنىم ئۇششاق بالىلىرى بىلەن ياندىكى ئۆيدە ئىكەن. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ قاتتىق چۆچۈپ بىر يوتقان بىلەن بىر كۆرپىنى ھەم سادىق ھاجىمنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى بەيشاڭلەرگە كۆتەرتىپ يۈگۈرۈپ كەلگەندە سىمىرنوۋ «نىنادو» دەپ توۋلىغان. ئىسلام ماشىنىدىن بېشىنى چىقىرىپ «كېرەك ئەمەس، كېرەك ئەمەس» دەپ تەرجىمە قىلىپ بەرگەن. ماشىنا توختىمايلا مېڭىپ كەتكەن. ئۇلار ئاقسۇغا قاراپ مېڭىپ ياقا ئېرىققا بارغىچە سادىق ھاجىم «قورسىقىم ئاغرىپ كەتتى» دەپ تۇرىۋالغانلىقتىن ئىككى يەردە ماشىنىنى توختىتىپ، سادىق ھاجىمنىڭ تاھارەت سۇندۇرۇۋېلىشىغا رۇخسەت قىلغان. ئەمما سىمىرنوۋ ئارقىسىدىن تاپانچا تەڭلەپ تۇرغان. بۇلار ياقا ئېرىقتىن چىقىپ، تاجى خوراز دېگەن يەرگە كەلگەندە، سادىق ھاجىم «مەن بولالمىدىم» دەپ ۋارقىراپ كەتكەن. خەنزۇ شوپۇر «ماشىنىنى توختىتايمۇ» دېگەندە سىمىرنوۋ «بۇھاجى قورسىقىم ئاغرىدى دېگەننى باھانە قىلىپ تولا چۈشۈپ قېچىپ كېتىشنى ئويلاۋاتىدۇ» دەپ تەتۈر چۈشىنىپ، ماشىنىنى «توختاتما» دېگەن. ئىسلام «ئاخىرقى قېتىم ئۇنىڭغا بىر قېتىم تاھارەت قىلىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىسىڭىز» دەپ يالۋۇرغاندا، سىمىرنوۋ كويزىنىڭ ئاچقۇچىنى ئىسلامغا بەرگەن. ئىسلام ئارقىغا بۇرۇلۇپ، كويزىغا ئاچقۇچ سالغاندا سادىق ھاجىم تاھارىتىنى تۇتالماي، ئاللاقاچان ئىشتانغا چىقىرىۋەتكەن ئىكەن. ماشىنا توختىغاندا ماشىنىنىڭ ئىچىنى سېسىق پۇراق قاپلاپ كەتكەن. سىمىرنوۋ «ھاجىنى ئىتتىك چۈشۈر» دەپ توۋلىغاندا، سادىق ھاجىم ماشىنىدىن چۈشۈپ يول ياقىسىدىكى بىر قۇرۇق ئېقىننىڭ قىرىغا كېلىپ تاھارەتكە ئولتۇرغاندا، بېشى ئايلىنىپ كەتكەنمۇ ياكى ماغدۇرسىزلىقتىنمۇ يېنىغا يىقىلىپ چۈشكەن، ئىسلام ماشىنىنىڭ يېنىغا كېلىپ، «ھاجى يىقىلىپ چۈشتى. قوپۇرۇشقا ئامال بولمىدى» دەپ سىمىرنوۋ بىلەن زىلاتكىنغا ئېيتقاندا، بۇ ئىككىسى ۋە شوپۇر ماشىنىدىن چۈشۈپ سادىق ھاجىمنىڭ يېنىغا كەلگەن. ھاجىم يېقىلغان جاي بىلەن ماشىنىنىڭ ئارىلىقى 5-6 مېتىرلا ئىكەن. سىمىرنوۋ تاپانچىسىنى چىقىرىپ سادىق ھاجىمنىڭ بېشىغا ئىككى پاي ئوق ئاتقان. سادىق ھاجىم بىر ئىڭراپلا جان ئۈزگەن. ئاندىن كېيىن ھېلىقى ئىككى ئورۇس سىيىۋېلىش ئۈچۈن بىر چەتكە ماڭغان. بۇ پۇرسەتتە ئىسلام بىلەن خەنزۇ شۇپۇر سادىق ھاجىمنىڭ جەسىدىنى ئاددىيلا كۆمۈپ قويغان. ئىككى ئورۇس سىيىپ بولۇپ كەلگەندىن كېيىن ئۇلار ئاقسۇغا قاراپ يۈرۈپ كەتكەن.
ئەتىسى ئەتتىگەندە بىر مالچى مال ھايداپ كېتىۋېتىپ، قاغا قوزغۇنلارنىڭ بىر يەرگە ئۇچۇپ چۈشۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، يېقىن بېرىپ بىر جەسەتنى كۆرگەن. جەسەتنى تۈلكە تاتلاپ ئېچىپ بىلەك گۆشلىرىنى يەپ كەتكەن. ئاندىن بۇ جەسەتكە قوزغۇن ئولاشقان ئىكەن. بۇ مالچى دەرھال ياقا ئېرىقتىن 5-6 ئادەم بىر ھارۋۇغا ئولتۇرۇپ، جەسەت بار جايغا كېلىپ چۇگا-چاتقانلنى ئېچىپ قارىسا، جەسەتنىڭ ئۇچۇسىدا كەڭ خورما رەڭ دۇخاۋا پەشمەت شالۋۇر، پۇتىدا جىڭ قىرىم مەسە تۇرغان. بەش-ئالتە ئادەمنىڭ ھەممىسى «ۋاي، بۇ ھاكىم ھاجىمنىڭ جەسىدى ئىكەنغۇ!» دېيىشىپ، جەسەتنى ھارۋىغا بېسىپ ياقا ئېرىققا ئېلىپ كېلىپ، باي ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە ۋە تىللا خېنىمغا جاپارمەن ئەۋەتكەن. كەچ تەرەپتە باي ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتىن ئاۋۇت بەگ، مەمتىمىن بەگلەر بىر قانچە بەيشاڭلار بىلەن بىرگە ياقا ئىرىققا كېلىپ، ئەتىسى ئەتتىگەندە جەسەتنى بايغا يۆتكەپ ئاپارغان. بۇ سادىق ھاجىم ۋاپات بولغان 3-كۈنى بولغاچقا، جەسەت پۇراپ كەتكەن ئىكەن. تىللا خېنىم سادىق ھاجىمنىڭ جەسىدىنى كۇچاغا ئېلىپ كېتىمەن دەپ تۇرىۋالغان بولسىمۇ، باينىڭ جامائەتلىرى «ھاجىمنىڭ جەسىدى پۇراپ كېتىپتۇ. كۇچا ئاپارغىچە تېخىمۇ پۇراپ كېتىدۇ. ھەرجاي بولسا خۇدانىڭ يېرى مۇشۇ يەردە قويۇۋېتىلى» دەپ تىللا خېنىمغا تەسەللىي ئېيتىپ ماقۇل قىلىپ باينىڭ شىمالىدىكى بىر قەبرىستانلىققا دەپنە قىلغان. سادىق ھاجىمنىڭ قولغا ئېلىنىش جەريانىنى شۇ چاغدىكى تەرجىمان ئىسلام ئىسھاق ئىسىملىك تاتارغا سۆزلەپ بەرگەن. مەن ئەھەت نايۇپ 1940-يىلدىن 1942-يىلىغىچە ئۈرۈمچىدە ئىسھاق بىلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇغان. ئىسھاق بۇ ئەھۋاللارنى ماڭا سۆزلەپ بەرگەن.
80) ساۋۇت ئاخۇن: سادىق ھاجىمنىڭ كۈيئوغلى سادىق ھاجىم بايدا قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ساۋۇت ئاخۇن كۇچادا قولغا ئېلىنغان.
81) مەھپۇز ۋاڭ: كۇچا ۋاڭ ئوردىسىنىڭ 12-ئەۋلاد ۋاڭى بولۇپ، 1933-يىلى7-ئايدا 700 ئاتاق قوشۇن بىلەن قارا شەھەرگە بېرىپ، مامۇت سىجاڭنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئارغىي بۇلاقنىڭ جەنۇپ تەرىپىدىكى ماپو يۈەننىڭ قىسىملىرى بىلەن سوقۇشۇپ يېڭىلگەندىن كېيىن، مەھپۇز ۋاڭ قوشۇنلىرىنى باشلاپ توقسۇندىكى ئىلانلىققا چېكىنىپ، تاغ ئارىلاپ يۈرۈپ 300 دەك ئاتلىق قوشۇن بىلەن كۇچاغا يېنىپ كەلگەن.
1937-يىلى 4-ئايدا مامۇت سىجاڭ (مەھمۇت مۇھىتى) قەشقەردە ئۆز قىسىملىرىنى ئابدۇنىياز كامالغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، باي ئاخۇن قاتارلىق 30 نەچچە نەپەر يېقىن ئادىمى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن. ئابدۇنىياز كامال خوتەندە ماخۇسەن بىلەن بىرلىشىپ شىڭ شىسەيگە قارشى يۈرۈش قىلىپ، كۇچاغا كەلگەن شىڭ شىسەي ئۈرۈمچىدە ئاچقان ھەربىي مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرى ۋاڭ خۇڭ زاۋ 1000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ۋە بىر نەچچە نەپەر ئوفىتسىر بىلەن ماشىنا ئارقىلىق كۇچاغا يېتىپ كېلىپ، كارىزنىڭ شىمالىدىكى مىڭ تەن ئاتام دېگەن يەرگە ئورۇنلىشىپ، ئابدۇنىياز  قىسىملىرى بىلەن بىر ھەپتە ئۇرۇشقان. شىڭ شىسەينىڭ تەلىپىگە ئاساسەن سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىلىرى ئەۋەتكەن سوۋېت ئايروپىلانلىرى كۇچا ئاسمىنىدا قاغىدەك ئۇچۇپ يۈرۈپ بومبا تاشلاپ، ئابدۇنىياز كامال قىسىملىرىنى ئىغىر زىيانغا ئۇچراتقان ئابدۇنىياز ئاقسۇغا چىكىنگەن. ۋاڭ خۇڭ زاۋ كۇچانى ئىگىلەپ ئالغاندىن كېيىن، مەھپۇز ۋاڭ بىلەن ئىنىسى ھاپىز غوجامنى نەزەر بەنت قىلىپ قويغان، مەھپۇز ۋاڭ نەزەر بەنت قىلىنغان جايدىن قېچىپ چىقىپ مازار غوجامغا بارغاندا زۇپەر ئەۋەتكەن ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.
82) ھاپىز غوجام: مەھپۇز ۋاڭنىڭ ئىنىسى مەھپۇز ۋاڭ بىلەن بىرگە قولغا ئېلىنغان.
83) سىيىت ئەخمەت غوجا: كۇچادىكى غوجا ئەۋلاتلىرىدىن بولۇپ، 1890-يىلى تۇغۇلغان. ئاتىسى ئەينىدىن غوجا، بوۋىسى پەررۇقشاھ، چوڭ بوۋىسى ئىسھاق غوجا 1864-يىلى كۇچادا قۇرۇلغان راشىدىن خان ھاكىمىيىنىڭ ھەربىي قوماندانى ئىدى. سىيىت ئەخمەت غوجا 1915-يىللىرى قەشقەر خانلىق مەدرىستە ئوقۇپ، 1923-يىلى كۇچاغا قايتىپ كېلىپ، قىغدۆڭ مەدرىستە مۇددرەس بولغان ھەم مەھكىمە شەرئىدە ئەئىلەم بولغان. 1938-يىلى شىڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. 1944-يىلى ۋۇجۇڭشىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولۇپ كەلگەندىن كېيىن، سىيىت ئەخمەت 1944-يىلنىڭ ئاخىرىدا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن. 1945-يىلى ۋۇجۇڭشىننىڭ ئۆلكە رەئىسى بولغاندا ئۇنى تەبرىكلەپ ئۈرۈمچىگە بارغان. ۋۇجۇڭشىن ناھايىتى خۇش بولۇپ، جاڭ جېشىغا مەلۇمات يوللىغان. جاڭ جېشى سىيىت ئەخمەتنى مەملىكەتلىك سەنيىخۇي (سىياسىي كېڭەش) نىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىدە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن رەئىسى دەپ شاھادەتنامە ئەۋەتكەن. 1954-يىلنىڭ ئاخىرىدا كۇچا، شايار، توقسۇ، باي ناھىيىسىنىڭ دىنىي ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان قۇززات دېگەن دىنىي مەرتىۋىگە ئېرىشكەن. 1946-يىلى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان خەلق قۇرۇلتىيىدا (ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى بىلەن 7 ۋىلايەت ۋەكىللىرى بىرلىكتە ئاچقان قۇرۇلتايدا) گومىنداڭ تەرەپتە تۇرۇپ پوزىتسىيە بىلدۈرگەن. قۇرۇلتاي بۇزۇلۇپ، قەشقەر ۋەكىللىرى 3 ۋىلايەت ۋەكىللىرى بىلەن بىرگە غۇلجىغا كەتكەن، سىيىت ئەخمەت كۇچاغا قايتىپ كەلگەن. ئابلىز مەخسۇم ئاقسۇنىڭ ۋالىلىقىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، 1947-يىلى 10-ئايدا ئاقسۇغا ۋالىي بولغان. 1951-يىلى 2-ئايدا ئاقسۇدا باستۇرۇلغان.
84) ئابدۇل ھىمىت ھاجى نىيازى: كۇچادا يۇقىرى ئابرويغا ئىگە زىيالىي ئىدى. 1934-يىلى كۇچادا ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغاندا مۇئاۋىن باش كاتىپ بولغان. بۇ كىشى 1939-يىلى قولغا ئېلىنغان.
85) شىرىپ ئۇشۇر: (تاتار ئەسلى يۇرتى قازاندىن. 1933-يىلى ئەتراپىدا چۆچەككە كېلىپ كېيىن كۇچاغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. 1934-يىلى 4-ئايدا كۇچادا سانايى نەفىسە قۇرۇلغاندا رېژىسسور بولغان. 1939-يىلى كۇچا ناھىيىلىك باج ئىدارىسىغا جۈيجان بولغان. 1942-يىلى ئۈرۈمچىگە باج ئىشلار كۇرسىغا بېرىپ، ئۈرۈمچىدە قولغا ئېلىنىپ كەتكەن.
1936-يىلى3-ئايدىن كېيىن كۇچادا شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلاردىن ھامۇت مەلىۋى داموللام، ئابلىمىتخان ھاجى نىيازى، مەمتىمىن شاڭزۇڭ، موسايىپ شاڭزۇڭ، يۇنۇس ئاخۇنباي، ئابدۇقادىر ئىسكەندەر، غوجالوزۇڭ، بەكرى ئاخۇن سەرراپ قاتارلىق 8 ئادەم 1938-يىلدىن 1945-يىلىغىچە ئۈرۈمچى ۋە ئاقسۇدا تۈرمىدىن چىقىپ كۇچاغا قايتىپ كەلدى. ئابدۇجاپپار ئەپەندىن تۈرمىدىن چىقىپ باشقا جايلارغا كەتتى. قالغان كىشىلەر شىڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىدە ئۆلۈپ كەتتى.
زور تۇتقۇن بولۇپ 4 ئايدىن كېيىن 1936-يىلى7-ئايدا توختى ھاجى ئۈرۈمچىدىن كېلىپ كۇچاغا ھاكىم بولدى. كىشىلەر توختى ھاجىمنىڭ ھاكىم بولۇشى كۇچادىكى زور تۇتقۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىشتى. 1938-يىلىغا كەلگەندە توختى ھاجى تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى. نەگە كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق. ئۇنىڭ ئورنىغا جاۋ فامىلىلىك بىر كىشى كۇچاغا ھاكىم بولۇپ كەلدى. 1939-يىلى 6-ئايدا جاۋ فامىلىلىك كىشى يۆتكىلىپ كېتىپ، لىن جىلۇ كۇچاغا ھاكىم بولۇپ كەلدى.
مەن ئەھەت نايۇپ 1940-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ساقچى باشقارمىسى ئاچقان شىنجاڭ 1-قارارلىق ساقچى ئوفىتسېرلەر مەكتىپى (شىنجاڭ جىڭ گۇەن شۆشاۋ) گە ئىمتىھان بېرىپ ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا باردىم. بۇ مەكتەپتە 600 نەپەردىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بار ئىدى. ساقچى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لى يىڭ پى قوشۇمچە مەكتەپ مۇدىرى ئىدى. ساۋتەنچو، جاڭ گۇاڭ چەن، فۇباۋلەن قاتارلىق كىشىلەر مۇئاۋىن مۇدىر ئىدى. مەھەممەت قارى(خۇيزۇ، خەنزۇچە ئىسمى لىيۇبىندى) مەكتەپنىڭ شاڭ شىياۋ دەرىجىلىك تەرجىمانى ئىدى. مەن ئەھەت نايۇپ 40-يىلدىن 42-يىلىغىچە 3 يىل ساقچى ئوفىتسېرلەر مەكتىپىدە ئوقۇدۇم. 42-يىلى 3-ئايدىن 6-ئايغىچە 20 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى ساقچى باشقارمىسىنىڭ سىياسىي بۆلۈمىگە (2-كېغا) پراكتىكىغا ئېلىپ چىقتى. 2-بۆلۈم بىزنى ئارخىپ ئىشخانىسىغا ئورۇنلاشتۇردى. شۇ ۋاقتىدا مەن خەنزۇچە ماتىرىياللارنى ئاساسەن كۆرەلەيتتىم. ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى خەنزۇچە يازالايتتىم. ئىسىملارنى تىزىملاشقا قويۇپ قويدى. ئۈرۈمچىلىك تەرجىمان ۋاققاس ياڭ پوكېجاڭ بىلەن بىرگە كىرىپ، ماڭا «سەن كۇچا بىلەن توقسۇنىڭ ئارخىپلىرىنى رەتلەپ چىق» دەپ بىر چوڭ ئىشكاپنى كۆرسىتىپ قويدى. بۇ ئارخىپلار 1934-يىلىدىن باشلانغان ئىكەن. مەن كۇچا ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى ئەۋەتكەن ماتېرىياللارنى يىل تەرتىپى بويىچە رەتلىدىم. 1934-يىلنىڭ ئارخىپى ئازراق ئىكەن. 1935-يىلىدىن باشلاپ كۆپەيگەن ئىكەن. ئارخىپ رەتلەۋېتىپ «كۇچادىكى توختى ھاجىمغا تاپشۇرۇلغان مۇراجىئەتنامىنىڭ كوپىيىسى» دېگەن بىر ماتېرىيالنى كۆرۈپ قالدىم. تىرناق ئىچىگە «مۇراجىئەتنامىنى دۇبەن مەھكىمىسىنىڭ سوۋېت مۇشاۋىرى سىمىرنوۋ بىلەن ھاشىم ھاجىملەر تەييارلاپ، توختى ھاجىمغا بەرگەن» دەپ يېزىپ قويۇپتۇ. ئۇقۇپ باقسام مۇراجىئەتنامە «مەنكى خوجا نىياز ھاجىم ئۆز نامىم بىلەن كۇچا مۆتىۋەرلىرىدىن .....لەرگە» دەپ نۇرغۇنلىغان تەسىرلىك سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن «... مەن ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ شىڭ دۇبەننىڭ تۇتقان يولىدىن گۇمانلىنىۋاتىمەن. مېنىڭ بارلىق پىكىر خىيالىم شىنجاڭدىكى بارلىق خەلقىمىزنى ئازادلىققا، باراۋەرلىككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت. مەن قەشقەردىكى سادىق سەبدىشىم مەھمۇت مۇھىتىغا قوشۇنلارنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئۆستۈرۈپ ھەر سائەت ھازىر باشەن تۇرۇشنى تاپىلاپ، ئۆزەمنىڭ ئالدانغانلىقىمنى ھېس قىلىۋاتقانلىقىمنى بىلدۈرۈپ، ئىشەنچىلىك ئادىمىمنى ئەۋەتتىم. سىلەر ئالتە شەھەردىكى جۈملىدىن كۇچادىكى... لارنىڭ تەييار تۇرۇشۇڭلارنى ئىلتىماس قىلىمەن» دېگەن مەزمۇندا ئىكەن. ئاخىرىغا «خوجا نىياز ھاجى» دەپ يېزىلىپ تۇجاڭزا بېسىلغان ئىكەن. ئاندىن كېيىن «مۇراجىئەتنامىنى كۇچالىق توختى ھاجىمغا تۇتقۇزۇپ كۇچاغا ئەۋەتىلگەن» دەپ يىزىلغان ئىكەن. خوجانىياز ھاجىمنىڭ بۇ مۇراجىئەتنامىدىن ئەسلا خەۋىرى يوق ئىكەنلىكىنى، ھاشىم ھاجى بۇ مۇراجىئەتنامىنى مەخپىي پىلانلاپ، خوجا نىياز ھاجىمنىڭ تۇجاڭزىسىنى ئويدۇرۇپ باسقاندىن كېيىن، توختى ھاجىنى تەربىيىلەپ پائالىيەت راسخوتىنى بېرىپ كۇچاغا يولغا سېلىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى قىلتاققا چۈشۈرگەن. 1936-يىلى 6-ئايدا كۇچادىن شۇنداق نۇرغۇن ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنىشى توختى ھاجىمنىڭ 1935-يىلنىڭ ئاخىرى 1936-يىلىنىڭ بېشىدا كۇچادىكى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىدا مەخپىي ئاچقان يىغىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
بۇ يەردە شۇنى ئىزاھلاپ ئۆتۈش كېرەككى 1933-يىلى سوۋېت ئارمىيىسى شىنجاڭغا كىرگەن ۋاقتىدا سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىلىرى موسكىۋا، ئۆزبېكىستان قازاقىستان قاتارلىق جايلاردىن ئىشەنچىلىك بولغان 5 نەپەر گېنرال دەرىجىلىك ھەربىي ئادەم، 2-3 نەپەر ئىقتىسادشۇناس، 1-2 نەپەر ئاگرانوم، 2-3 نەپەر ئىنژېنىر، بىر قانچە نەپەر ساقچى ئەمەلدارى بولۇپ 15 رۇس، يەنە ئۆزبېكىستاندا سىتالىننىڭ 1928-يىلىدىن باشلانغان تىرولىفقا ماسلىشىپ، ئۆزبىكىستاندىكى چوڭ ئاخۇن، ئىشانلارنى سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىشتا خىزمەت كۆرسەتكەن كىشىلەردىن مەنسۇر ئەپەندى، سىيىت ھاجى، ھاشىم ھاجى، ئوبۇلقاسىم ئاخۇن (قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىگە سىياسىي كومىسسار قىلىپ ئەۋەتكەن). تۇرسۇن مەخسۇم قاتارلىق 5 نەپەر ئۆزبېك جەمئىي 20 نەپەر كىشىنى سوۋېتنىڭ مۇشاۋۇر(مەسلىھەتچى) قىلىپ شىڭ شىسەيگە ئەۋەتىپ بەرگەن. ئەمما بۇ 5 نەپەر ئۆزبېكنىڭ ھېچقايسىسى ھاجىمۇ ئەمەس، ئاخۇنمۇ ئەمەس، مەخسۇممۇ ئەمەس ئىدى. ئۇلار شۇ ۋاقتىدىكى شىنجاڭنىڭ فېئوداللىق قالاق ھالىتى ۋە خەلقنىڭ نادانلىقىنى، دىنىي ئۆرپ-ئادەت تەسىرىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن پايدىلىنىپ، پالانى، ھاجىم، پۇكۇنى ئاخۇنۇم، پالانى مەخسۇم دېگەن ناملار بىلەن شىنجاڭغا ئەۋەتىلگەن ئىدى. بۇ سوۋېت مۇشاۋۇرلىرى شىڭ شىسەينىڭ شىنجاڭدا كۆپلەپ ئادەم تۇتۇپ تىرورلۇق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشىگە زور كۈچ چىقىرىپ، پىلانلاپ تەدبىر تۈزۈشۈپ بەرگەن. دېمەك، 1936-يىلى كۇچادىن شۇنداق نۇرغۇن ئادەمنىڭ شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ ساقچى ئورگانلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ كېتىشى ئۆز ۋاقتىدا سوۋېت ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن يۇقىرىقى 5 كىشى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

ئىزاھاتلار:
① جادارىننىڭ ئەسلى ئىسمى ئابدۇللا دۆببىگى بولۇپ، بۈگۈرلۈك مەھەممەت بەگ بىلەن بىرگە كونا شۆتاڭ مەكتەپتە خەنزۇچە ئوقۇغان، خەنزۇچە مەكتەپتە ئابدۇللا دۆببىگىگە «جالا 加拉» دەپ مەھەممەت  بەگكە «لادەيجۇ» دەپ ئىسىم قويۇلغان ئىكەن. بۇ ئىككىسى جۈيرىنلىك (举人) ئىمتىھانغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا بىللە بارغانىكەن. جۈيرىنلىك ئىمتىھاندىن ئۆتكەن- ئۆتمىگەنلىكى نامەلۇم. شۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇلا دۆببىگى «جادارىن» دەپ ئاتالغان. بۇ كىشى تەخمىنەن 1917-يىلى ھەج قىلىش ئۈچۈن ئەرەبىستانغا كېتىپ، شۇ يەردە ئۆلۈپ كەتكەن. قاچان ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئېنىق ئەمەس.

②  ئابدۇللا ئۆمەرۇپ ئەسلى كۇچا بولۇپ، تاشكەنتتە ئوقۇغان، بۇ كىشىنىڭ بەزى قىلمىشى، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى بەزى كىشىلەر دېگەن كىتابىمىزدا بايان قىلىنغان.
③ ئىبراي قىرغىز ئۇلۇغچاقتا گېنىرال ئىھساق بەگ قولىدا ئىشلىگەن ۋە ئازراق تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتى بار. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقتىدا گېنرال ئىھساق بەگ غۇلجىدىكى ۋاقتىدا ئۇنىڭ قولىدا ئىشلىگەن.

shatmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 07:03:58

ناسىر ھاجىم ئۇلۇق بوۋام ، تىيىپ ئىسكەندەر ئابدۇقادىر ئىسكەندەر چوڭ دادامنىڭ قېرىنداشلىرى ئىكەن ، بۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئىسمىنى كۆرۈپ بىلمەيدىغان  تارىخنى بىلىۋالدىم ، رەھمەت ، خەتكۈچ  سېلىپ قوياي

aymakbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 09:39:54

تارىخى  ماتىرياللارنى كۆرسە  ئادەمنىڭ  ئىچى  ئاچچىق  بوپ كىتىدۇ زادى........

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 14:51:18

مەنسۇر ئەپەندى، سىيىت ھاجى، ھاشىم ھاجى، ئوبۇلقاسىم ئاخۇن (قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىگە سىياسىي كومىسسار قىلىپ ئەۋەتكەن). تۇرسۇن مەخسۇم
بۇلار ئويغانغان زېمىن رومانىدا تىلغان ئېلىنغان كىشىلەر شۇغۇ. ئۇيغۇر بولۇشى كېرەك ئەسلى. قادىر ھاجى دەپ يەنە بىر ھاجىمۇ بارغۇ.

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 15:38:43

شىڭنىڭ تۈرمىسىگە كىرگەنلەردىن دادا جەمەت مىنىڭ ئۇلۇغ بوۋاممۇ بار ئۇلۇغ بوۋام خوجىنىياز ھاجىغا مىلتىق ئېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن قوي ۋە پۇل بىرىپتىكەن . شىڭنىڭ غالچىلىرى كىيىن بۇ ئىشنى باھانە قىلىپ ئۇنى تۇتۇپ ئەكەتكەندە ئۇلۇغ بوۋامنىڭ ئاكىسى شىڭنىڭ غالچىلىرىغا نۇرغۇن ئالتۇن  بىرىپ يۈرۈپ ئۆلگەن ھىساۋىغا كىرگۈزۈپ ئېلىپ چىقىۋاپتىكەن ئۇ كۇچارنىڭ ئەڭ چەت يېزىسى تارىم (سوخو) يېزىسىدا شىڭ يوقالغانغا قەدەر يۇشۇرۇنۇپ يۈرۈپتىكەن. بوۋام بىلەن بىللە تۇتۇلغانلار ئىچىدە ساق قالغانلار بەك ئاز ئىكەن .
ئاپامنىڭ دادىسى ئابدۇنىياز كامالنىڭ خاس قوغىدىغۇچىسى ئىكەنتۇق ئۇنىڭ خېتى ناھايىتى چىرايلىق بولغانلىقى ۋە  ئۇقۇمۇشلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن ئابدۇنىياز كامال ئۇنى بەك يېقىن كۈرەتتىكەن . تارىم دەرياسى بۇيىدا ئايرۇپىلاننىڭ تالاپىتىگە ئۇچىرىغاندىن كىيىن بوۋام قالدۇق قۇشۇننى يىغىپ چەرچەنگە بېرىپ چەرچەندە قۇشۇن توپلاپ ئابدۇنىياز كامالنى ئىزدەش ئۈچۈن قايتاشىدا ئىشپىيۇنلارنىڭ چېقىپ قۇيىشى بىلەن تۇتۇلۇپ قاپتۇ بوۋام بىر ئاماللارنى قىلىپ قېچىپ قەشقەرگە بارسا ئابدۇنىياز كامالنىڭ ۋاپات بولغان نەگە بارسا شىڭنىڭ غالچىلىرى قوغلاپ يۈرگەچكە ئامالسىز پەيزىۋاتتىكى بىر ناۋايغا شاگىرت بۇلۇپ ئىككى ئۈچ يىلغىچە سىرىتقا چىقماي شۇ يەردە ناۋايلىقنى ئۆگۈنۈپ كىيىن كۇچارغا كىلىپتىكەن . شۇ ئۇرۇشتا ئۇنىڭ پۇتىغا ئوق تىگىپ ۋاقتىدا ئېلىۋەتمىگەچكە ئاقساپ ماڭىدىغان بۇلۇپ قېلىپ كىيىن ئۆمىرىنىڭ ئاخىرىدا شۇ پۇتى ئاغرىپ ماڭالماس بۇلۇپ قالغان ئىدى . بۇ ئىشلارنى بوۋام ماڭا دەپ بەرگەندە مەن بەكلا كىچىك ئىدىم كىيىن ئەقلىمنى تېپىپ تۇلۇقى بىلەن خاتىرلىۋالاي دىسەم بوۋام ئاللا بۇرۇن تۈگەپ كەتتى .

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 12:17:52

شۇكىشىلىرىمىزنىڭ نىمە گۇناھلىرى باركىن !بىلىملىك ،خەلقچىل كىشىلىرىمىز بىزنىڭ پەخرىمىز .
تىما ئىگىسىگە رەخمەت .

puhra يوللانغان ۋاقتى 2014-5-5 13:23:48

ئېسىت :( .يۇرتنىڭ مىللەتنىڭ ئاقىللىرىنى يولباشچىلىرىنى يۇقىتىۋەتسە يۇرت سورىماق ئاسان دەپ قارايدۇ بۇ خەق .
ئورۇستىنغۇ ئەسلا ۋاپا كەلمەيدۇ .
ياغاچنى كېسىش ئۈچۈن پالتىغا ياغاچنى ساپلاش كېرەك . بىزدىمۇ پالتا ساپاقلىرى ئاز ئەمەس.بۇرۇنمۇ ، ھازىرمۇ شۇنداق.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-5 19:27:46

ئۇزىمىزنى ئۇزىمىز  جايلاپلا  يۇرگەن...

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-5-5 21:15:34

بىز بىلمەيدىغان بۇ ئىشلارمۇ باركەندە، خەپ!

oqmasumut يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 19:07:24

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oqmasumut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-6 19:09  

دىمەك يالغان مۇراجئەتنامە بىلەن يۇرت چوڭلىرى ، ئوقۇمۇشلۇقلارنى خاتالاشتۇرۇپ گۇناھ ئارتىپ جايلاپتۇدە . توختى ھاجى كېيىن نېمە بولغان بولغىيتى ، ئۆلتۈرۈلۈپ جەستى خالاغا تاشلانغان بولسا كېرەك ، مۇشۇ ئەسلىمە بۇيىچە بولغاندا بۇنى بوۋاق ۋاقتىدا بىچارە ئانىسى بالا دەپ تۇغقۇچە يوغانراق بىرنى ...

karahan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 22:52:07

«شىنجاڭ تارىخ-مەدەنىيىتى» دىگەن ژورنالنى مەن پەقەت كۈرۈپ باقمىدىم .
كىتاپخانلاردا ساتماي مۇشتىرلارغىلا تارقىتامدۇ نىمە بۇ ژۇرنالىنى ،
ئۇچۇرىنى بىلدىغانلار دەپ بەرسەڭلار .

gadankax يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 20:16:55

karahan0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-14 22:52 static/image/common/back.gif
«شىنجاڭ تارىخ-مەدەنىيىتى» دىگەن ژورنالنى مەن پەقەت كۈ ...

پوچتىخانىغا بارسىڭىز مۇشتەرى بولالايسىز.
بەت: [1]
: (كارىزى) 1936-يىلى كۇچادا ئېلىپ بارغان زور تۇتقۇن