osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 21:10:52

جۇڭگو كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىش ئۈچۈن چوقۇم قىلىدىغان بەش مەيدان جەڭ

جۇڭگو كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىش ئۈچۈن چوقۇم قىلىدىغان بەش مەيدان جەڭ

جۇڭگو ئۈزلۈكىسز تۈردە، تىنىچلىق بىلەن تەرەققىي قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، ئۇرۇشنىڭ خەتىرىدىن ساقلانماقتا، ئەمما خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە جۇڭگو ئەتراپى ۋەزىيتىنىڭ مۇقىم بولماسلىقىغا ئەگىشىپ، بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا داۋملىق جۇڭگو ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنى قۇتىرتىپ، جۇڭگو بىلەن سۈركىش ھاسىل قىلىشىغا سەۋەپ بولىشى شۇنداقلا پاكىستاننىڭ تېرورچىلىق تەھدىتىگە ئۇچۇرشى قاتارلىق بىر قاتار ئامىللار جۇڭگونىڭ بۇندىن كېيىن ئۈزلۈكىسز تىنىچ تەرەققىي قىلىشىنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقنى ئىسپاتلايدۇ.
ئۇنداقتا، جۇڭگونىڭ ئۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىياتىنى ئىلىگىرى سۈرۈشى زۈرۈر بولسا، تۆۋەندىكى بەش مەيدان ئۇرۇشنى چوقۇم قىلىشى كېرەك. بۇ ئارقىلىق ئامېرىكنىڭ سۈيقەستىنى بىتچىت قىلغىلى ۋە بۇ بەش مەيدا ئۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ دۇنياۋى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىش ئارزۇسىنى رىئاللىقا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

1. جەنۇبىي تاقىم ئاراللىرىنى قايتۇرۋىلىش جىڭى


جەنۇبىي دېڭىز جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئۈزلۈكسىز توسالغۇ بولۇپ كەلگەن مۇھىم بىر ئامىل، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىشغالىيەتچىلەر قولىدا بىر كۈن تۇرۇشى جۇڭگوغا ئېلىپ كەلگەن ھاقارەت بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئەڭ مۇھىمى جۇڭگونىڭ توشۇش لىنىيسى بىخەتەرلىكى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.

جەنۇبىي دېڭىز تاقىم ئاراللىرىدا مول بولغان بايلىق بولۇپلا قالماستىن يەنە جۇغراپىيەلىك ئۇرنىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. جەنۇبىي دېڭىز ئاراللىرنى قايتۇرۋىلىش ياكى قايتۇرۋالالماسلىق جۇڭگونىڭ سىجىل تەرەققىيات قىلىش -قىلالماسلقى ۋە كۈچلۈك دۆلەت بولۇش - بولالماسلىقىنىڭ مۇھىم ئامىلى.

جۇڭگو جەنۇبىي دېڭىز تاقىم ئاراللىرىنى قايتۇرۋالالىسا، ئۇنداقتا جەنۇبى قۇڭگو دېڭىزى ھەقىقى مەنىدە جۇڭگونىڭ ئىچكى دېڭىزىغا ئايلىنىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە جەنۇبى دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىپ قالماستىن يەنە جەنۇبىي دېڭىزغا ئەركىن چقىپ - كېرىش ئۈچۈن شەرت - شارائىت ھازىرلانغان بولىدۇ.
شۇڭلاشقا جۇڭگو يېڭى دۇنيادا كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىش ئۈچۈن بىرىنچى مەيدان ئۇرۇش جەنۇبىي دېڭىز ئۇرۇشدا چوقۇم غەلبە قىلىشى كېرەك.


2. تەيۋەننى ئازات قىلىش


كۆپچىلككە مەلۇم تەيۋەن جۇڭگۇنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، گەرچە ھۆكۈمەت داۋاملىق تىنىچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى تەكىتلەپ كىلۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تەيۋەن ئىچىدىكى <تەيۋەن مۇستەقىللىقى> كۈچلىرى نىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى بىلەن تىنىچ يول ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈمىدى كۆپۈككە ئايلانماقتا. ھازىرقى تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر پارچە يۈەك كېسىلى بولۇپلا قالماستىن يەنە ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ بىخەرلىكىگە تەھدىد سىلىشتىكى بىر پىچكىسى. تەيۋەننى ئازاد قىلىش دۆلەتنىڭ زىمىن پۈتۈنلىكى قوغداپ قالماي قالماسىتىن يەنە جۇڭگونىڭ ھەقىقىي تۈردە كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىشى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى خەلقنىڭ قەلبىنى بىر يەرگە يغقىلى بولىدۇ.


3. شىزاڭنىڭ جەنۇبىنى قايتۇرۋىلىش ئۇرۇشى


ھىندىستان يىقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ھەممە يەردە جۇڭگو بىلەن قارشىلىپ، جۇڭگونى ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى دەپ قاراپ كەلدى. ھەمدە جۇڭگونىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنى قوللاپ، جۇڭگونىڭ ئچىدە تىرورلۇق پائالىيەتلەرنىڭ پارتلىشىغا سەۋەبچى بولدى. يەنە كېلىپ شىزاڭنىڭ جەنۇبىنى ئىشغال قىلىپ تۇرماقتا، مۇنداقچە ئيتقاندا ھىندىستان، جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدىن قالسىلا ئەڭ چوڭ سىرتقى تەھدىتى ھىسابلىنىدۇ.

يىقىندىن بۇيانقى ھىندستاننىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدىن شۇنى كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى، ھىندىستان تەرەپ ئۈزلۈكسىز ھالدا ھەربىي تەرەققىياتنى ئىزلەپ ھەمدە ئامېرىكا بىلەن جىننىڭ بارىچە جۇڭگونى چەكلەشكە ئۇرۇنۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ ئامېرىكىمۇ ھىندىستاننىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەشتە مۇھىم قورال بوپ بەرگەنلىكىدىن خۇشال بولۋاتىدۇ.
ھىندىستاننىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇب چىگىرا رايونلىرى تەھدىتكە ئۇچراۋاتىدۇ. شۇڭا شىزاڭنىڭ جەنۇبىنى قايتۇرۋىلىش جۇڭگونىڭ زىمىن پۈتۈنلىكىنى ئەسلىگە قايتۇرۇپلا قالماستىن يەنە ھىندىستانغا ئەجەللىك زەربە بەرگىلى، ھىندىستاننىڭ جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇب چىگرا رايونلىرىغا تەھدىد ئىلىپ كىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

4.ھىندى ئوكيان دېڭىز ئۇرۇشى


جۇڭگو ھىندىستان بىلەن قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىغان ۋاقىتتا، يەنە ھىندىستان چوقۇم ھىندى ئوكياننى قامال قىلىدۇ، شۇنداقلا جۇڭگو دېڭىز ئارمىيسى بىلەن دۇئىلغا چۈشۈش پۇرسىتى ئىزدەپ، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيسىنى يوقىتىشقا تىرىشىدۇ. ئوخشاشلا جۇڭگو دېڭىز ئارمىيسى جۇڭگونىڭ دېڭىز يولى بىخەتەرلىكى ئۈچۈن چوقۇم ھىندىستان دېڭىز ئارمىيسىنى مەغلۇپ قىلىدۇ. مەزكۇر ئۇرۇشتا ئەگەر جۇڭگو يەڭسە، ئۇنداقتا پۈتۈنلەي ھالدا ئامېرىكنىڭ قورشاپ يۇقىتشىدىن قۇتۇلۇپ، ئامېرىكىغا بىۋاستە تاقابىل تۇرۇشقا كۈچ ھازىرلايدۇ.


5. شەرقىي دېڭىز ئۇرۇشى


ياپونىيە جۇڭگونىڭ ئۇدا ئەشەددى دۈشمىنى بولۇپ كەلدى. ياپونىيە ئامېرىكا بىلەن ھەريەردە بىر سەپتە تۇرۇپ جۇڭگونى بسىپ كەلدى، يەنە كېلىپ دىياۋيۈ ئارىلى ئىگىلىك مەسىلىسى ئوتتۇرسىدا تالاش تارتىش مەۋجۇت. ياپونىيە - ئامېرىكا ئارمىيسى ئىتتىپاقىنىڭ كۈندىن كۈنگە كۈچىيشى ۋە ياپونىيە ئارمىيە كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرلىشى سەۋەبىدىن جۇڭگونىڭ شەرقىي دېڭىز رايونلىرى كۈنسىرى تەھىدىدكە ئۇچراپ كەلدى.

جۇڭگونىڭ شەرقىي دېڭىزدا ئۇرۇش قىلىشى دىياۋيۈ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتۇرۋىلىپلا قالماسىتىن يەنە ريۇكۇ تاقىم ئاراللىرنى ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ريۇكۇ تاقىم ئاراللىرى تارىختىن بۇيان جۇڭگوغا تەۋە جايلار بولسىمۇ ئەمما جۇڭگونىڭ قوينىغا قايتىپ كىلىشى رىئاللىققا ئايلانمايدۇ. ئەمما ريۇكۇ ئوخشاشلا ياپونغا تەۋە ئەمەس، ريۇكۇنىڭ ئاپتونۇمنى تەلەپ قىلىشىغا قارىتا خەلقئارا جەمئىيەت قارشى تۇرۇپ كەتمەيدۇ، يەنە كېلىپ جۇڭگونىڭ پايدا - مەنپەئىتىگە ماس كېلىدۇ؛ ريۇكۇ جۇڭگودىن ئاپتونۇم بولۇپ چىقىپ كەتسە، جۇڭگو ريۇكۇ دېڭىز رايونى ئارقىلىق غەربى تىنىچ ئوكيانغا ئەركىن - ئازادە چىقىپ كىرەلەيدۇ.

ئەلۋەتتە، جۇڭگونىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتىمۇ ياپوننىڭ دېڭىز - ھاۋا ئارمىيە كۈچىنى تەلتۈكۈس بەربات قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكنى غەربى تىنىچ ئوكياندىن چقىپ كىتىشكە قىستاش، بۇ ئارقىلىق جۇڭگو غەربىي تىنىچ ئوكياندىكى دېڭىز يوللىرىنى پۈتۈنلەي كونتىرول قىلالايدۇ.

مەنبە: لەگلەك تورىwww.leglek.com

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 22:14:22

ئەلۋەتتە، جۇڭگونىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتىمۇ ياپوننىڭ دېڭىز - ھاۋا ئارمىيە كۈچىنى تەلتۈكۈس بەربات قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكنى غەربى تىنىچ ئوكياندىن چقىپ كىتىشكە قىستاش، بۇ ئارقىلىق جۇڭگو غەربىي تىنىچ ئوكياندىكى دېڭىز يوللىرىنى پۈتۈنلەي كونتىرول قىلالايدۇ.


-----------------------
:lol

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 22:34:09

中国梦 نىڭ يىڭى ۋارىيانىتىكەندە بۇ ...  
ئارزۇ دېمەيمىز چۇش دەيمىز ......

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 22:44:14

تاتلىق خىياللاركەن بۇ

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 23:40:12

ئەمەلىيەتتىمۇ ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››دىگەن ئاتالغۇنى‹‹جۇڭگو چۈشى››ياكى ‹‹جۇڭگو ئارمىنى››دەپمۇ ئالسا بولاتتى....:lol

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 07:33:00

قوش يۈز يىللىق پىلاننىڭ بىر قىسمىمۇ نىمە

karakhan07 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 09:14:55

做梦了会被黑黑的东西压过去.
دەپتىكەن ئابدۇكېرىم ئابلىز

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 10:30:54

ئالامەت جەڭ بولغۇدەكتە ئەمسە :lol

tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 10:31:42

‹‹ ئالدى بىلەن پۈتكۈل ئاۋام - خەلقنىڭ قىزغىن قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ، قانۇن ئىجرا قىلىش داۋامىدا ۋە ھۆكۈمەت - قانۇن تونىغا ئورىنىۋىلىپ ھەر ساھەدىكى خىزمەت داۋامىدا پۇقرالارنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىغا پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلىپ ، يەۋاتقان نېنىغا  چاڭگال سېلىپ ، پۇقرالارنىڭ ئىسسىق قېنىنى شوراش بەدىلىگە ئۆز كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزىدىغان قىلمىشلارنى تەلتۆكۈس تۆگىتىش ›› بولسا يۇقارقى جەڭلەردىنمۇ مۇھىم جەڭ دەپ قارايمەن . مۇمكىن بولسا بۇ بىر تۈرنى يۇقارقى جەڭلەرگە قوشۇپ ئالتە تۈر قىلىش بىلەن بىللە ، بۇ ئالتىنچى جەڭنى يۇقارقى بەش جەڭنى ياخشى قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىشنى تەشەببۇس قىلىمەن ، چۈنكى بىر ئائىلىدە دادا بولغۇچى پەرزەنىتلىرىگە ئوخشاش كۆزدە قاراپ پەرزەنىتلىرىنى چەتكە قاقمىسا ، چوڭى كىچىكىنى ماڭا كۈچۈڭ يەتمەيدۇ دەپ ئورۇنسىز بوزەك ئەتسە ، ۋاقتىدا تاناۋىنى تارتىپ بۇ سېنىڭ ئۆز قېرىندىشىڭ شۇڭا ئۆز ئارا كۆيۈنۈپ ئىجىل - ئىناق ئۆتۈڭلار دەپ تەربىيە بېرىپ قايىل قىلالىسا ، ئاتىلىق مىھرىنى بېغىشلىيالىسا چوقۇمكى پەرزەنىت بولغۇچى كۈنلەرنىڭ بېرىدە دادىسى باشقا رەقىپلەر بىلەن تۇتۇشۇپ قالسا دەرھال ئوتتۇرغا سەكرەپ چۈشۈپ قولۇڭنى تارىت ، بۇ مېنىڭ دادام دەپ مەردانە ئېلىشىپ رەقىبىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋىتەلەيدۇ ، ئاتا - ئانا مېھرىنى كۈچ - قۇدرىتى چەكسىزدۇر ...

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 16:05:34

قارىغاندا بۇ ئۇرۇشلار بىزنىڭ ئۆمرىمىزدە بولىدىغاندەك ئەمەس. سايلام مەزگىلىدە ئاۋامنىڭ دىققىتىنى بۇراش ئۈچۈن بېلىقچىلىق ئارىلىنىڭ داۋرىڭىنى قىلىپ قويغان بىلەن ئەمەلىيەتتە دۆلىتىمىز چەتئەل بىلەن ئۇرۇشىشنى خالىمايدۇ.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 18:21:08

تەيۋەننى ۋەتەن قوينىغا قايتۇرىۋېلىشنى ئويلىشىپ موڭغۇلىيەنى ئويلاشماپتا. ئاشۇنداقمۇ تاش يۈرەكلىك قىلغان بارمۇ ئەمدى.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 19:21:53

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-3 19:25  

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2014-5-3 18:21 static/image/common/back.gif
تەيۋەننى ۋەتەن قوينىغا قايتۇرىۋېلىشنى ئويلىشىپ موڭغۇ ...

تەيۋەننى قۇيۇپ بىلىق تۇتۇش ئارىلىمىزنى رەسمى يۇسوندا ئالىلى ئالدىدا، ئاندىن كىيىن تەيۋەن ئىگەللەپ تۇرغان بىقىنىمىزدىكى ئارالنى ئىلىۋالايلى، تەيۋەندىكىلەرمۇ بىر كۈنى ئۆزى قايتىپ كىلىدۇ...

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 20:01:11

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2014-5-3 19:21 static/image/common/back.gif
تەيۋەننى قۇيۇپ بىلىق تۇتۇش ئارىلىمىزنى رەسمى يۇسوندا ...

بېلىق تۇتۇش ئارىلىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەسلىكىنى ئېنىق بىلىۋالدىغۇ.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 20:34:13

كۆپ قىسمى دېڭىزدا بۇلىدىغان ئۇرۇشكەن ،شۇڭا دۆلتىمىز دېڭىز ئارمىيەسىنى تەرققي قىلدۇرۋېتىپتۇدە ،ئاۋياتكاياساپ دىگەندەك.ئاڭلاشلارغا قارغاندا يەنە ئككىنى ياساۋاتىدىغۇ دەيدىغۇ ئاۋياماتكىدىن،يادرو ئىنىرگىيەلىك دىگەندەك گەپلەرمۇ بار چېغى.

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 22:12:15

ھەي تاڭ جۇمۇ

jasur58 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 22:16:11

‹‹ ئالدى بىلەن پۈتكۈل ئاۋام - خەلقنىڭ قىزغىن قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ، قانۇن ئىجرا قىلىش داۋامىدا ۋە ھۆكۈمەت - قانۇن تونىغا ئورىنىۋىلىپ ھەر ساھەدىكى خىزمەت داۋامىدا پۇقرالارنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىغا پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلىپ ، يەۋاتقان نېنىغا  چاڭگال سېلىپ ، پۇقرالارنىڭ ئىسسىق قېنىنى شوراش بەدىلىگە ئۆز كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزىدىغان قىلمىشلارنى تەلتۆكۈس تۆگىتىش ›› بولسا يۇقارقى جەڭلەردىنمۇ مۇھىم جەڭ دەپ قارايمەن .
ما ئىنكاسقا ئەگەشتىم. ئەسىلى ئىككى يىغىندا بىرىدىغان مۇھىم تەكلىپكەن بۇ  . نىمىشقىمۇ بۇرۇنراق مۇشۇنداق دىمىگەن بولىغىيتىڭلا....

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 22:28:27

ئانداق ئابدان تەكلىپنى ئىككى يىغىندا  بەرسەڭلا ئۈزەڭلىگە يېنىپ قالامىكى تۇققانلار!!!!!!!!!!!!!!!

DJ_MardaN يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 22:47:12

توغرا دەيدۇ. جۇڭگو قاچانغىچە باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا قاراپ تۇرىدۇ. بولسا ھەممىسى بىلەن تەڭ تېزراق ئۇرۇشۇپ كۈچىنى كۆرسىتىپ قويسا بۇلىتى.

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 22:57:35

شىرىن چۈشمۇ يامان تاتلىق بولۇدۇ :lol . ئەگەر جۇڭگو پۇتۇن خەلىقنىڭ دۆلەتكە بولغان مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرەلىسە بۇ چۈش كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئېشىپ قېلىشى مۈمكىن . بىر مىليارت تۆتيۈز مىليۇن ئادەمنىڭ كۆڭلىنى دۆلەتكە مايىل قىلىش بەك تەس ئىش، بولۇپمۇ ھازىرقى جۇڭگو ۋەزىيىتىدە شۇنداق . ئۇچۇرلاردىن كۈرۈپ تۇرۋاتىمىز، جۇڭگودا پۇل تېپىپ باي بولۇپ چەتئەلگە كۆچمەن بولۇپ كېتىۋاتقان جۇڭگو بايلىرى بۇنىڭ ھەممىمىز بىلىدىغان بىر دەلىلى . ئەگەر ھاكىميەت رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى نەپسانىيەتچىلىك  ئىىشلارنى تۈگۈتەلىسە ، پارتىيە ئەزالىرى ھەقىقى خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلسا ، ئاۋام پۇخرا قانۇن ئالدىدا باراۋار مۇھىت يارتىلسا ، ئاۋام  پۇخرا  دۆلەتنى سۆيسە ، دۆلەت ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلالىسا ، ئۇ چاغدا بۇ چۈش ئازراق رىياللىققا ئايلىنىپ قېلىشى مۈمكىن .
بەت: [1] 2
: جۇڭگو كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىش ئۈچۈن چوقۇم قىلىدىغان بەش مەيدان جەڭ