buhram يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 15:35:14

«بىئولوگىيە ساۋاتسىزلىرى» ئۈچۈن ئېسىل سوۋغا - ھاياتلىقنى چۈشىنىش (3)

[ بۇ يازمىنى buhram تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2014-5-2 15:56 ]\n\n[ بۇ يازمىنى buhram تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2014-5-2 15:55 ]\n\n[ بۇ يازمىنى buhram تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2014-5-2 15:53 ]\n\n ئۈچىنچى قىسىم  ھاياتلىق ۋە خىمىيە
بۇغرام
چىڭخۇا ئۈنۋېرسىتى، بېيجىڭ
(buhram2000@163.com)
ھەرقانداق بىر جانلىقنىڭ  تىنى مۇئەييەن خىل ۋە مىقداردىكى خىمىيىلك تەركىبلەرنىڭ ئىنتاين زىچ ۋە مۇرەككەت باغلىنىشدىن تۈزۈلىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا جانىلىق تىنى ئۆز نۆۋىتىدە بىر مۇرەككەپ بولغان خىمىيىلك بىرىكمىدىن ئىبارەت.  شۇڭا جانلىقنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئاۋال ئۇنىڭ ماددى ئاساسى بولغان خىمىيىلك تەركىبلەرنى چۈشىنىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. بىز ئالدىنقى پارچىمىزدا جانلىق ۋە ئۇنىڭ ئاساسى ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقتۇرق.  بۇ پارچىدا بولسا  ئاشۇ جانلىقلار ھاياتىنىڭ ماددى ئاساسى بولغان خىمىيىلىك تۈزۈلۈشلەر توغرىسىدا توختىلىمىز.
رەسمى مەزمۇنغا ئۆتۈشتىن ئاۋال بىز بىر ئاز مۇناسىۋەتلىك خىمىيىلىك ئاساسى چۈشەنچىلەرنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.  بۇنىڭ ئۈچۈن ماددىنى تەشكىل قىلغۇچى بىرلىك ئاتومدىن باشلايمىز.
1. ھەممە نەرسە ئاتومدىن تۈزۈلگەن
سىز بەلكىم ئىشتىن ئۆيىڭىزدە ئىشتىياق تىلۋۇرزۇر كورۈۋاتقاندا بىرىلگەن ئېلاندىن XXX  مەھسۇلات ئادەم بەدىنىدىكى تۆمۈر، كالىتسىي ... قاتارلىق ئېلمىنىتلارنى تولۇقلايدۇ دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ قالغان بولىشىڭىز مۇمكىن. سىز تېلۋۇزۇر ئېلانىدىن ئاڭلىغىنىڭىزدەك ئادەم بەدىنىدە ھەقىقەتەن كۆپ خىل ئىلمىنىتلار بار (1- رەسىمگە قاراڭ).

ئۇنداقتا ئېلمىنت دىگەن نېمە؟ قىسقىچە قىلىپ چۈشەندۈرگەندە، ئېلمىنىت دىگىنىمىز خىمىيلىك تەركىبكە قايتا يارچىلاشقا بولمايدىغان ماددا بولۇپ، ئوخشاش يادىرو زەرەت سانىغا ئىگە ئاتوملارنىڭ يىغىندىسىدۇر.  بۇنى مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز. ئالتۇن بىلەن كۈمۈش ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق مىتالدۇر. سىز بىر پارچە ئالتۇننى ياكى بىر تال كۈمۈش تەڭگىنى مەيلى قانچە پارچىگە كىسىپ پارچىلىۋىتىڭ ھەر بىر پارچىسىنىڭ خۇسۇسىيتى ئوپمۇ – ئوخشاش بولىدۇ(2- رەسىمگە قاراڭ).

بۇ يەردىكى ئالتۇن بىلەن كۈمۈش (ئەلۋەتتە ساپ ھالەتتىكى)  ئىككى خىل ئېلمىنىتتۇر. ئەمدى بۇ يەردە ئاتومدىن ئىبارەت يەنە بىر يېڭى  ئۇقۇم ئوتتۇرىغا چىقتى.  ئەمدى بىز ئاتوم دىگەن قانداق نەرسە تۆۋەندىكى مەزمۇنلارغا قاراپ باقايلى.
ئاتوم گىرىچە سۆز بولۇپ، كۆرۈنمەيدىغان دىگەن مەنىلەرگە ئىگە.  ئاتومنى ھازىرقى زامان پەن – تېخنىكا ساھەسىدە كۆپنىچە مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ، يەنى ئاساسى خۇسۇسىيتىنى ئۆزگەرتىمەي تۇرۇپ، خىمىيىلىك جەھەتتىن قايتا پارچىلاشقا بولمايدىغان، ئېلمىنىتنى تۈزگۈچى ئاساسى زەرىچە ئاتوم دىيىلىدۇ. بىر دانە ئاتوم مۇسبەت زەرەتلىك ئاتوم يادىروسى ۋە مەنپى زەرەتلىك يادرو سىرتىدىكى ئېلىكتىروندىن تۈزۈلىدۇ. ئاتوم يادىروسىدا مۇسبەت زەرەتلىك پىروتون ۋە زەرەتسىز نىيتىروندىن ئىبارەت ئىككى خىل زەرىچە بار. (3- رەسىمگە قاراڭ).  

ھەر بىر خىل ئېلمىنىت ئوخشىمىغان ئاتوم تۈزۈلىشىگە ئىگە بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.  قىسقىسى  ئېلمىنىت ئاتومدىن تۈزۈلىدۇ.
2. ئاتوملار بىرىكىپ مولكۇلا ھاسىل قىلىدۇ
سىز تاماق يىگەندە سىزدە ھەركەتلىرىڭىز ئۈچۈن كىتىدىغان ئېنىرگىيە پەيدا بولىدۇ.  بۇ ئېنىرگىيە تېگى تەكتىدىن ئالغاندا قوياشتىن كەلگەن بولۇپ، يىشىل ئۆسۈملۈكلەر تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ تىنىدە ساقلىنىدۇ. بىز مۇشۇ ئۆسۈملۈكلەرنى (مەسلەن كۆكتاتلارنى) ياكى ئۆسۈملۈك يەيدىغان ھايۋانلارنى ئىستىمال قىلغاندا بىزنىڭ بەدىنىمىز ئاشۇ ئۆسۈملۈكلەر تىنىدە ساقلانغان ئېنىرگىينى قۇبۇل قىلىدۇ. لىكىن قوياشتىن كەلگەن بۇ ئېنىرگىيە ئۆسۈملۈك تنىدە قانداق ساقلىنىدۇ؟  
بۇ سۇئالغا جاۋاب بىرىشتىن بۇرۇن مۇنداق بىر ئۇقۇمنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش زۆرۈر. يەنى ھەر خىل ئاتوملار تارتىش كۈچىنىڭ تەسرىدە بىر – بىرىگە يېقىنلىشىپ تۇراقلىق بولغان بىر گەۋدىگە ئايلىنىدۇ. مەسلەن ئىككى دانە ھىدروگىن ئاتومى بىلەن بىر دانە ئوكسىگىن ئاتومى ئۆز ئارا تارتىشىش ئارقىلىق مۇقۇم بولغان بىر گەۋدىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ خىل گەۋدە بىز ھاياتلىقنىڭ ئاساسى دەپ بىلىدىغان سۇ مولكۇلىسىدىن ئىبارەت (4- رەسىم). مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا ئىككى دانە ھىدروگىن ئاتومى بىلەن بىر دانە ئوكسىگىن ئاتومى بىرىكىپ بىر دانە سۇ مولكۇلىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئادەتتە سۇ مولكۇلىسى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، ئىنسان كۆزى بىلەن كۆرگىلى بولمايدىۇ. شۇڭا مىليونلىغان سۇ مولكۇلىسىنى بىر يەرگە يىغساق بىز كۆرەلىگۈدەك سۇ پەيدا بولىدۇ. بىر لىتىر ساپ سۇنىڭ تەركىبىدە     3.3428×1025  دانە سۇ مولكۇلىسى بار بولىدۇ. بۇنىڭدىكى خۇلاسە شۇكى ئاتوملار بىرىكىپ مولكۇلا ھاسىل قىلىدۇ.  

مولكۇلا دىگەن ئاتالغۇنى سىز بەلكىم يەنە شۇ تېلۋوزۇردا بىرىلدىغان دور ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىلانلىرىدىن ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن. مەسلەن ، قەنت مولكۇلىسى، ئاقسىل مولكۇلىسى ۋەھاكازالار. ئادەم بەدىنىدە نۇرغۇنلىغان ئوخشاش بولمىغان مولكۇلىلار بولۇپ، زادى نەچچە خىل مولكولا بار بۇلارنى ساناپ چىقىش ھازىرقى زامان پەن – تېخنىكىسى قىلالمايدىغان بىر ئىشتۇر. ئاتوملار ئارسىدىكى مۇنداق بىرىكىش ئادەتتە خىمىيىلىك باغ دەپ ئاتىلىدۇ. مەسلەن بىر دانە سۇ مولكۇلىسىدىكى بىر ئوكسىگىن بىلەن ئىككى ھىدروگىن ئاتومى ئارسىدا ئىككى دانە باغ مەۋجۇت.  ئەمدى بايىقى سۇئالغا جاۋابى شۇكى، قوياشتىن كەلگەن ئېنىرگيە ئۆسۈملۈك تىنىدىكى ئېنىرگىيە ساقلاش فونكىسىيسىگە ئىگە مولكۇلىنىڭ تەركىبىدىكى ئاتوملار ئارسىدىكى باغ( تۇتىشىش ) دا ساقلىنىدۇ.  خىمىيىلىك باغلارنىڭ تۈرىمۇ كۆپ خىل بولۇپ، بۇ يەردە تەپسىلى توختالمايمىز. ئوخشىمىغان خمىيىلىك باغلاردا ساقلانغان ئېنىرگىيە ئوخشاش بولمايدۇ. بىز ئىستىمال قىلىدىغان ئۆسۈملۈك ياكى ھايۋانات تىنىدىكى بىر قىسىم مولكولىلار تىنىمىزگە كىرگەندىن كىين ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم باغلار مۇئەييەن شارائىتتا ئۈزۈلۈپ، مۇشۇ باغدا ساقلانغان ئىنىرگيە قويۇپ بىرلىدۇ. ئاندىن بىزنىڭ تىنىمىزدىكى بىر قىسىم مولكولىلار قۇيۇپ بىرىلگەن ئىېنىرگىيەنى قۇبۇل قىلىپ بەدىنىمىز لازىم بولغان ئېنىرگىيەنى تەمىن ئىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ جەريانلار ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، بۇ يەردە قىسقا ۋە ئاددى قىلىپ چۈشەندۈرۈلدى.   بىز يۇقىرىدا ئاتوم ، ئېلمىنىت، مولكۇلا قاتارلىق بىر قاتار ئۇقۇملار بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق. بۇلار تەبىئەت دۇنياسىدىكى ماددىنى تەشكىل قىلغۇچى بىرلىكلەردۇ. ئەمدى بۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسۋەت تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك بولىدۇ(5- رەسىم) .

3.  مولكۇلىنىڭ تۈزۈلۈش شەكلى ئۇنىڭ خۇسۇسىيتىنى بەلگىلەيدۇ
خلمۇ-  خىل  ئاتوملار بىرلىشىپ بىر دانە مولكولىنى ھاسل قىلدىغانلىقىنى بىلدۇق. مولكولا  تەركىبىدىكى ئاتوملارنىڭ ئورۇنلىشىش شەكلى شۇ خىل مولكولىنى تۈرلۈك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە قىلىدۇ. ئاتوملار مولكولىنىڭ ئىچدە بىر تۈز سىزىق ھالىتدە تىزىلىپ تۇرۇشى ياكى بىر تەكشىلىك ھالىتىدە تىزىلىشى ۋە ياكى بوشلۇقتىكى باشقا شەكىللەر ھالىتىدە تىزىلىپ تۇرشىمۇ مۇمكىن. ئاتوملارنىڭ مۇشۇنداق باغلىنىش شەكلى شۇ ئاتوملار تەشكىل قىلغان مولكولىنىڭ فىزىكىلىق ۋە خىمىيىلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى بەلگىلەيدۇ.  تۆۋەندىكى مىسال ئارقىلىق بۇ نوقتىنەزەرنى يەنىمۇ ئېنىق شەرھىلەپ ئۆتىمىز.
سىز بىر پارچە شاكىلاتنى ئاغزىڭىزغا سالسىڭىز كاللىڭىزدا دەرھال <تاتلىق> دىگەن بىر تۇيغۇ ھاسىل بولىدۇ.  ئەمدى بىر پارچە تۇزنى تىلىڭىزغا تەگكۈزسىڭىز < توزلۇق > دىگەن تۇيغۇ ھاسىل بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟
ئەسلىدە ئادەمنىڭ تىلىدا ئوخشىمىغان تەملەرنى سەزگۈچى ماددىلار بار بولۇپ، ئۇلار ئاچچىق، تاتلىق دىگەنگە ئوخشاش سىگناللارنى پەرىق قىلالايدۇ. شاكىلات تەركىبىدىكى گلكوزا (بىر خىل قەنت ) مولكولىسى تاتلىق تەمنى سەزگۈچى مولكولا بىلەن بىركىپ چوڭ مىڭىدە  تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ.  بىز يىگەن يىمەكلىكنىڭ قانچىلىك تاتلىق بولىشى ئۇنڭىدىكى بىر قىسم مولكولىلار بىلەن تىلىمىزدىكى تاتلىق تەمنى سەزگۈچى مولكولىنىڭ قانداق باغلىنىشىغا باغلىق.  باغلىنىش شەكلى شۇ خىل يىمەكلىكتىكى مولكولىنىڭ تۈزۈلۈش شەكلىگە باغلىق. مەسلەن، گىلكوزا مولكولىسىنىڭ تۈزۈلۈش شەكلى  بىلەن يۇقىردا تىلغا ئالغان سەزگۈچى مولكولىنىڭ باغلىنىشغا ئىنتايىن پايدىلىق بولۇپ، دەرھال بىرىكەلەيدۇ ۋە تاتلىق سىزىم پەيدا قىلىدۇ. خۇلاسە قىلغاندا مولكۇلىنىڭ تۈزۈلۈش شەكلى ئۇنىڭ خۇسۇسىيتىنى بەلگىلەيدۇ


ئاتالغۇلار

بايانات:
بۇ يازما شەخسنىڭ قىزىقىشى بويىچە يېزىلىدى. ئىھتىياجى بارلارنىڭ ئەقلى ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا تور بىكەتكە چىقىرشتا ياكى بېىسپ چىقىرىشتا خالىغانچە ئىشىلەتسە بولىدۇ، لىكىن كىلىپ چىققان ئاقىۋەتكە ئاپتۇر ئىگە بولمايدۇ.  ئاپتۇرنى ۋە مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ.


buhram يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 20:42:16

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!
بۇ تىمىنى شۇنداق تەستە بۇ مۇنبەرگە يوللىدىم. قارىسام يەنە بىر قىسىم جايلىرى ياخشى تەھىرىرلەنمەپتۇ، ئەپۇ قىلىڭلار. مۇمكىن بولسا ئىزدىنىش مۇنبىرىنى ئىشلىتىش قوللانمىسى بولسا، مەن يازما يوللاشنى ئوبدانراق ئۈگىنىۋالغان بولسام بوپتىكەن. ھازىرچە بەت لاھيلەشتىكى كەمچىللىكلەرنى ئىتبارغا ئالمىغان ئاساستا كۆرۈپ تۇرۇڭلار. كىينچە چوقۇم تىرىشىپ ياخشىلايمەن. مەزمۇن جەھەتتە چۈشىنەلمىگەن ياكى كۆز قارشىڭىز بىلەن ئوخشىمغان جايلار بولسا تارتىنماستىن ئوتتۇرىغا قويۇشىڭلارنى قارشى ئالىمەن.
مۇمكىن بولسا تېخمۇ كۆپ مۇنبەرلەرگە يوللاپ قويساڭلار، رەھمەت!
بۇغرامدىن

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 07:02:17

بۇ يازما ئىنتايىن ياخشى يازما ئىكەن. پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تىپىدىكى بۇنداق يازمىلار بىزگە بەكمۇ زۆرۆر.
لېكىن بۇ بىئولوگىيە ئەمەس، خىمىيەدەك قىلامدۇ قانداق. يەنە بىر ئىش سىزنىڭ ئىسمىڭىز بۇغرام ئەمەس، بۇھرام بولۇپ قاپتۇ.

buhram يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 16:02:23

Uyghuran يوللىغان ۋاقتى  2014-5-3 07:02 static/image/common/back.gif
بۇ يازما ئىنتايىن ياخشى يازما ئىكەن. پەننى ئومۇملاشتۇر ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
يازمىنى ياقتۇرغانلىقىڭىزغا تەشەككۈر.  
ھاياتلىقنىڭ ماددى ئاساسىنى خىمىيە ئىلمى نوقتىسىدىن چۈشىنىش لازىمدۇر. شۇڭا مۇشۇ يازمىدا مۇناسىۋەتلىك ئاساسى چۈشەنچىلەرنى يازدىم. بۇ بىر چاتما يازما بولۇپ، بىر قانچە قىسىمدىن تەركىب تاپقان. كىينكى يازمىلاردا بەلكىم باشقا مەزمۇنلار كۆپرەك تېلغا ئېلىنىشى مۇمكىن.

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 01:32:06

‏ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،رەھمەت سىزگە.
‏بۇ تىما ئارقىلىق جانلىقلار تىنىنى تەشكىل قىلغۇچى ماددى بىرلىكلەرنى بۇرۇنقىدىن تەپسىلى بىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇم.
‏جانلىقلار تىنىنى تەشكىل قىلغۇچى ئەڭ كىچىك بىرلىك ئاتوم ئىكەن،ئاساسي خۇسۇسيىتىنى  ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ ،خېمىيىلىك تەركىپكە قايتا پارچىلاشقا بولمايدىغان ئىلمىنىتنى تۈزگۈچى ئاساسى زەررىچە ئاتوم دىيىلىدىكەن ،ئاتوم مۇسپەت زەرەتلىك ئاتوم يادروسى بىلەن مەنپى زەرەتلىك ئىلىكتىرونلاردىن تەشكىل تاپىدىكەن، ئاتوم يادروسى مۇسپەت زەرەتلىك پىروتون بىلەن زەرەتسىز نىتروندىن تەشكىل تاپىدىكەن.

‏ئىلمىنت دىگىنىمىز خېمىيىلىك تەركىپكە قايتا پارچىلاشقا بولمايدىغان ماددا بولۇپ،ئوخشاش يادرو زەرەت سانىغا ئىگە ئاتوملارنىڭ يىغىندىسى ئىكەن.

‏ئاتوملار بىرىكىپ مولىكۇلىنى تەشكىل قىلىدىكەن، خىلمۇ-خىل ئاتوملار بىرىكىپ بىر مولىكۇلىنى شەكىللەندۈرىدىكەن.

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 01:37:42

رەھمەت...
مۇشۇنداق تەبئىي پەن ماقالىلىرى ئۆز تىلىمىزدا بولسا، نېمىدېگەن پەيزى!

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 01:40:42

مىنىڭ بۇ تىمىدىن بىلىشىمچە ئادەم بەدىنىدە ئوكسىگىن(65پىرسەنت)، كاربۇن(18 پىرسەنت)،ھىدروگىن(10پىرسەنت)، ئازوت(3پىرسەنت)، كالتىسىي(2پىرسەنت) ، باشقا ئىلمىنىتلار2پىرسەنت ) بولغان ئىلمىنىتلار بار ئىكەن، ھەر بىر ئىلمىنت خېمىيىلىك تەركىپكە قايتا پارچىلانمايدىكەن.
‏ئىلمىنىتنى يادرو زەرەت سانى ئوخشاش ئاتوم تۈزىدىكەن.
‏ئوخشاش بولمىغان ئاتوملار بىرىكىپ مولىكۇلىنى ھاسىل قىلىدىكەن.

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 01:45:05

ئادەم تىنىنى تەشكىل قىلىدىغان ئەڭ كىچىك بىرلىك ماددا ئاتوم بولسا ، مەسىلەن تىرىنى ئېلىپ ئېيتساق تىرە ئوخشاش بولمىغان ئاتوملاردىن تەشكىل تاپقان مولىكۇلىدىن تۈزۈلسە، بۇ مولىكۇلىنىڭ ئىچىدە يادرو زەرەت سانى ئوخشاش تۈركۈمدىكىلىرى بىر ئىلمىنت بولۇپ ھېساپلىنىدىكەن.

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 01:48:22

ئۇنداقتا بىر مولىكۇلا ھەر خىل ئىلمىنىتدىن تەشكىل تاپىدىكەن.
‏مۇمكىن بولسا بىزنىڭ ئۆگۈنۈشىمىزگە پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن ھەر قېتىملىق تىمىنىڭ كەينىگە سوئال ئورۇنلاشتۇرۇلسا، شۇ ئارقىلىق ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ھەزىم قىلغان بولساق ئۆگۈنۈش ئۈنۈمىگە ئېرىشكەن بولاتتۇق.
‏سىزگە كۆپ رەھمەت.

imam567 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 06:34:24

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.بۇتېما شۇنداق ياخشى يېزىلىپتۇ.
مەن ئۆگەنگەنلىرىم ئاستىدا تۆۋەندىكى سۆزنىڭ ئازراق كېڭەيتىۋىتىلگندەك ھىس قىلدىم(ھەممە نەرسە ئاتومدىن تۈزۈلگەن)،ئاتوم بولسا خېمىيىلىك رىئاكسىيەدىكى قايتا بۆلۈنمەيدىغان ئەڭ كىچىك بىرلىك،لېكىن ھەممە نەرسە ئاتومدىن تۈزۈلىشى ناتايىن،بۇ يەردە ئۇقۇم كېڭەيتىۋىتىلگەن.مەسلەن تەبىئەت دۇنياسىدا ئاتومدىنمۇ كىچىك زەررىچىلەر بار،بۇ زەررىچىلەرنىڭ بەزىسى ئاتومنى تەشكىل قىلسا يەنە بىر قىسمى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ(ئانتىي پىروتون،ئانتىي نىترون).

imam567 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 06:47:38

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   imam567 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-4 06:49  

ئېنىرگىينىڭ (ماسسىنىڭ)ئايلىنىش ساقلىنىش قانۇنى:ئېنىرگىيە(ماسسا) بارلىقتىن يوقالمايدۇ،يوقلۇقتىن بارلىققا كەلمەيدۇ،ئۇپەقەت بىرخىل شەكىلدىن يەنە بىر خىل شەكىلگە،بىر جىسىمدىن يەنە بىر جىسىمغا يۈتكىلىدۇ،يۆتكىلىش ۋە ئايلىنىش جەريانىدا ئېنىرگىيەنىڭ(ماسسىنىڭ) ئۇمۇمىي مىقدارى ئۆزگەرمەي ساقلىنىدۇ.
ئېينىشتىيىننىڭ ماسسا  ئېنىرگىيە تەڭلىمىسىدىن چىقۇدىكى،ماسسا دىمەك ئېنىرگىيە دىمەك،ئېنىرگىيە دىمەك ماسسا دىمەك،مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا ماسسىسىز ئېنىرگىيە ئېنىرگىيەسىز ماسسا بولمايدۇ،ئەگەر بولدى دىگەندىمۇ بۇ پەقەت بىزنىڭ ناقابىللىقىمىز تۈپەيلى بايقىيالمىغانلىقىمىز خالاس.
ئەمدى بىئوخېمىيەدىكى ماسسا ئېنىرگەىيە ئايلىنىشىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.ئىشلەپچىقارغۇچى جانلىقلار تەبىئەت دۇنياسىدكى ھەرخىل ئېنىرگىيە ۋە ماددىلاردى پايدىلىنىپ ،ئۆزتېنىدىكى مۇرەككەپ خېمىيىلىك رىئاكسىيەلەر ئارقىلىق،بۇ ئېنىرگىيەلەرنى ئۆزى سىنتىزلەپچىققان مەھسۇلاتلار تەركىبىدە خېمىيىلىك باغ ھالىتىدە ساقلايدۇ.
بەت: [1]
: «بىئولوگىيە ساۋاتسىزلىرى» ئۈچۈن ئېسىل سوۋغا - ھاياتلىقنى چۈشىنىش (3)