شىرئەلىجاننىڭ خوتەندىكى مۇسابىقە سېن فىلىمى
ئۇيغۇر ۋاسكىتبول تورىنىڭ 1-ماي خەۋىرى؛ 2014-يىلى5-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچ، خوتەن ۋىلايەتلىك ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتى، خوتەن ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتى تەشكىللىگەن « خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » خوتەن شەھرىدىكى خوتەن ۋىلايەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پەن تىخنىكا مەدىنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەت مەرگىزى ۋاسكىتبول مەيدانىدا داۋاملىق ئىلىپ بىرىلدى.بۇ قىتىمقى ئەل ئىچى تەكلىپ مۇسابىقىسىگە، يىقىندا دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تاللانغان، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، پەخىرلىك ئۇيغۇر ۋاسكىتبول چولپانىمىز شىرئەلىجان مۇختەر، قىرغىز يىگىتى قىرانبەك، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى مەردان تۇرسۇن، شەنشى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئۇيغۇر ئەزاسى مۇرات ئادىلجان، قاتارلىق داڭلىق ۋاسكىتبولچىلىرىمىز تەكلىپ قىلغان كوماندىلارغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشتى.
بۈگۈن كەچ ئىلىپ بىرىلغان ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە شىرئەلىجان مۇختەر، مۇرات ئادىلجان، خەنلىي يىتەكچىلىگىدىكى ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتى كوماندىسى 71-67 نەتىجە بىلەن مەردان تۇرسۇن يىتەكچىلىكىدىكى خوتەن ئوۋلوبا ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى كوماندىسىنى، قىرغىز يىگىتى قىرانبەك يىتەكچىلىگىدىكى خوتەن دىلپاك كوماندىسى 63- 58 نەتىجە بىلەن خوتەن يىڭى ھايات دۇختۇرخانىسى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.
مۇسابىقە ۋاقىت ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىۋى بۇيىچە، 2-ماي ئۇرۈمچى ۋاختى كەچ 00؛7 - 30؛10 غىچە يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئىلىپ بىرىلىدۇ.
شىرئەلىجان مۇختەر، مۇرات ئادىلجان يىتەكچىلىگىدىكى ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتى كوماندىسى بىلەن مەردان تۇرسۇن يىتەكچىلىكىدىكى خوتەن ئوۋلوبا ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئىلىپ بىرىلغان مۇسابىقە پۈتۈن مەيدان سېن فىلىمى
بىرىنچى چارەك مۇسابىقە سېن كۈرۈنىشى
http://player.56.com/v_MTEzMTg2MTc2.swf
ئىككىنچى چارەك مۇسابىقە سېن كۈرۈنىشى
http://player.56.com/v_MTEzMTg2OTEx.swf
ئۈچۈنچى چارەك مۇسابىقە سېن كۈرۈنىشى
http://player.56.com/v_MTEzMTg3NjQ2.swf
تۆتىنچى چارەك مۇسابىقە سېن كۈرۈنىشى
http://player.56.com/v_MTEzMTg3OTEx.swf
قىرانبەك يىتەكچىلىگىدىكى خوتەن دىلپاك كوماندىسى بىلەن خوتەن يىڭى ھايات دۇختۇرخانىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان مۇسابىقە سېن فىلىمى
http://player.56.com/v_MTEzMTg3OTc4.swf
http://player.56.com/v_MTEzMTg4MTAy.swf
مۇسابىقىگە ئالاقىدار سۈرەتلەر
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە قاچاندۇ?
بەت:
[1]