پۇل بولسىلا ئەر بولىۋەرمەس
پۇل بولسىلا ئەر بولىۋەرمەسمەقسۇت ئەمىن ئەركيار
خاتا يولنى «يولۇم بار!»دېسە،
«يول» بولسىلا ئەر بولىۋەرمەس.
ئەل يىغلىسا تاماشا كۆرسە،
پۇل بولسىلا ئەر بولىۋەرمەس.
ۋىجدان چېكىت تارازىسىنىڭ،
سورىقى بار ھەربىر چېكىتنىڭ،
ۋەزنى ئېغىر ئەرنىڭ-يىگىتنىڭ
پۇل بولسىلا ئەر بولىۋەرمەس!
يول بويىنى يول ئىكەن دېمە،
يۈز-ئابروينى پۇل ئىكەن دېمە.
ئاقكۆڭۈلنى گول ئىكەن دېمە،
پۇل بولسىلا ئەر بولىۋەرمەس.
ئەلگە سايە بەرمىسە پۇلۇڭ،
خارۇ-زارسەن، تەۋرەيدۇ ئۇلۇڭ.
مېھمىنىڭ يوق قىزىمدۇ تويۇڭ؟
پۇل بولسىلا ئەر بولىۋەرمەس. قالتىس گەپ ئىسىل پاراڭ {:112:} شۇنداق ، پۇل - مېلى ، بايلىقى بولغان بىلەن ئەلگە ، ئۆز مىللىتى ۋە قىرىنداشلىرىغا مەنپەئەت يەتكۈزەلمىگەن ئەرنى ماددىي جەھەتتىن باي دېيىشكە بولسىمۇ ، مەنىۋىيتى ئەڭ نامرات كىشىلەر دېيىشكە بولىدۇ .
بەت:
[1]