تۈركچە بىلەن ئۇيغۇرچە قانچىلىك ئوخشايدۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا border تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-2 05:44باشقا بىر تىلنى نېمە ئۈچۈن ئوخشاشتەك ھېس قىلىمىز؟
ئەڭ ئالدى بىلەن ئوخشاش تەلەپپۇزدىكى سۆزلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالىغانلىقىمىز ئۈچۈن.
يېڭى بىر تىل بىلەن ئۇچراشقان(دەسلەپ ئاڭلىغان، ئۆگەنگەن، ...) چېغىمىزدا بەزى سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇز جەھەتتىكى ئورتاقلىقى(تەللەپپۇزىنىڭ ئوخشاش ياكى يېقىنلىقى) تۈپەيلىدىن بۇ سۆزلەر بىزگە تونۇشتەك بىلىنىشى مۇمكىن، مەسىلەن: كومپيۇتېر، ئېنېرگىيە، ئايروپىلان، تېلېفون، خىمىيە ئاسفالېت، ئىستون، ئىستاكان، كارىۋات، زاۋۇت، ئاپتوموبىل، ئەنگىلىيە، پاراشوت، كۇنۇپكا، ... قاتارلىق رۇسچە بىلەن ئورتاق سۆزلەرنى رۇسچە ئىچىدىن پەرق ئېتەلەيمىز . خىيال، پەرىشتە، ناماز، خۇدا، ھېچرى، ئازاد، دەپتەر قاتارلىق پارىسچە بىلەن ئورتاق سۆزلەرنى پارىسچە ئىچىدىن ئوڭايلا تاسقىۋالالايمىز. ئەرەبچىدىنمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللارنى كۆرسەتكىلى بولىدۇ. يېڭى تىل ئۆگەنگەن چېغىمىزدا بۇنىڭغا ئوخشاش ئورتاق تەلەپپۇزدىكى سۆزلەرنى ئاۋۋال ئۆگىنىش نىسبەتەن ئاسان توختىتىشى مۇمكىن.
يۇقىرىدا كۆرستىلگەن مىسالدىكىدەك ئۆز-ئارا تۇغقان ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇرتىلى بىلەن تۈرك تىلىدىمۇ نۇرغۇن ئورتاق(ئوخشاش ياكى يېقىنلىشىپ كېتىدىغان) تەلەپپۇزدىكى سۆزلەر مەۋجۇت. بۇ ئورتاق تەلەپپۇزدىكى سۆزلەرنىڭ ئىچىدە بەزىلىرىنىڭ ئىككى تىلدىكى مەنىسى ئوخشاش ياكى ئوخشاشراق(يېقىنراق كېلىدىغان) بولسا، يەنە بەزىلىرى پۈتۈنلەي ئوخشىمىغان مەنىلەردە كېلىدۇ. بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى ئوخشاش بولغانلىرى تىل ئۆگىنىش قاتارلىق ئىشلارنى قولايلاشتۇرسا، تەلەپپۇز جەھەتتىن ئوخشاش ياكى يېقىنراق ئەمما مەنىسى جەھەتتىن يىراق بولغانلىرى بەزىدە ئەسلى ئانا تىلىمىزدىكىسى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشىمىزغا سەۋەب بولىدۇ.
ئوخشاش تەلەپپۇزدىكى سۆزلەرنى توپلاش، ئىستاتىستىكىلاش تىل ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، ... جەھەتلەردە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ، ھازىرچە بۇ ئۇيغۇر تىلى ۋە تۈرك تىلىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى تىلنىڭ قانچىلىك ئورتاق سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، بۇ سۆزلەرنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئوخشاشلىقى ھەققىدە قانداق تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغانلىقى ماڭا نامەلۇم، ھەم بۇ ھەقتە توردىن ئىزدەپمۇ ئېنىقراق بىر سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلگەن ماتېرىياللارنى ئۇچرىتالمىدىم.
مۇشۇ ئوخشاشلىقنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پايدىلىق بىر سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشىش مەقستىدە ، ھازىرچە مۇنداق ئۇسۇل ئارقىلىق ئاھاڭداشلىقىنى مەلۇم سان-سىفىر ئارقىلىق سۆزلەرنىڭ ئوخشاشلىقىنى بېكىتىپ چىقساق قانداق بولار دەپ ئويلىدىم(ھازىرچە مەنە جەھەتتىن قانچىلىك ئوخشاشلىقى ئويلىشىلمايدۇ، ئاۋۋال ئاھاڭداشلىقى ئېنىق بېكىتىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن، ئاندىن كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەت قاتارىدا مەنىداشلىقىمۇ مەلۇم قائىدە ئاساسىدا بېكىتىلىپ چىقىلىدۇ)، كۆپچىلىكنىڭ تېخىمۇ مۇۋاپىق بولغان باھالاش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
باھالاش ئۇسۇلى: نىشان سۆزگە ئاھاڭداش كېلىدىغان ئۇيغۇرچە سۆزنىڭ بار-يوقلىقىنى قىياس قىلىمىز، ئەگەر ئاھاڭ جەھەتتىن تولۇق ئوخشايدىغان سۆز بولسا 10 نومۇر بېرىمىز، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئوخشىمايدىغان ھەرپ سانىغا قاراپ بىر ھەرپكە بىر نومۇر تاتىمىز.
مىسال: دېگەن سۆزگە «ئىچمەك» دېگەن سۆز تولۇق ئاھاڭداش بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ سۆزگە تولۇق نومۇر 10 نومۇرنى بېرىمىز.
ئالغان نومۇرى پەرقلىق ھەرپ سانى ئۇيغۇرچە ئاھاڭداش سۆز ياكى سۆز بىرىكمىسى سۆز
10
0
ئىچمەك
içmek
9
1
كەچمەك
Geçmek
8
2
كۈچلۈك
güçlu
9
1
پاراكەندە
perakende
6
4
ۋاقىرىماق
bağırmak
7
3
خوشىغا كەتمەك
Hoşuna gitmek
تۆۋەندە لۇغەتتىن ئىخىتىيارىي ھالدا يۇلۇپ ئالغان بىر قانچە سۆزنى قالدۇراي، كۆپچىلىكنىڭ بۇ سۆزلەرنىڭ ئاھاڭداشلىقىغا نومۇر قويۇپ بېقىشىنى ھەمدە بۇ خىل باھالاشنىڭ ئىلمىي بولغان بولمىغانلىقىغا قارىتا ئەستايىدىل ئىنكاس قالدۇرۇپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
Çay چاي
Dünya دۈنيا
Gün گۈن
Güneş گۈنەش
aç at yol almaz, aç it av almaz ئاچ ئات يول ئالماز، ئاچ ئىت ئاۋ ئالماز
sembolleştirmek سەمبوللەشتىرمەك
masallaştırma ماسالاشتىرما
ayak tutmak ئاياك تۇتماك
sayman سايمان
acımık ئاجىماك
açgöz ئاچگۆز
ağaç balı ئاغاچ بالى
ağır ئاغىر
ahmaklık ئاخماكلىك
anaokulu ئانائوكۇلۇ
anlamak ئانلاماك
apaçık ئاپئاچىك
kırgın كىرگىن
ücret ئۈجرەت
pahalı پاخالى
kiracı كىراجى
peyda پەيدا
refika رەفىكا
dolmak دولماك
kan dolaşımı كان دولاشماسى
makine ماكىنە
icra vekili ئىجرا ۋەكىلى
söz açmak سۆز ئاچماك
üstünleşme ئۈستۈنلەشمە
çektirtmek چەكتىرمەك
daldırtma دالدىرتما
sathileştirmek ساتخىلەشتىرمەك
terleme تەرلەمە
boyun kesmek بويۇن كەسمەك
بىزلەرگە نىسبەتەن ئۆگىنىش ئەڭ ئاسان تىل شۇمىكىن دەيمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ilter تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-2 09:43
ئەسلى ئوسمانلى تۈركچىسى بىزگە يىقىنراقمىكى ، تىل ئىسلاھاتىدىن كىيىن پەرق چوڭىيىپ كەتكەندەك تۇرىدۇ ، تۈركمەن ، ئەزەربەيجانلار تۈركىيە تۈركلىرىدەك ئوغۇز گوروپپىسىدا ، تۈركمەن ، ئەزەربەيجانلار تىل ئىسلاھىتى قىلمىغان ، ناخشىلىرىنى ئاڭلىسا خىلى چۈشىنىشلىك ئىكەن ، تۈركمەن ، ئۇيغۇر ، ئوزبىكلەر ئاساسەن ئوخشاش ئىكەن ـ
ماۋۇ تۈركمەنىستان دىگەن ناخشا
http://v.youku.com/v_show/id_XNjY2OTY1MTYw.html?x
بۇ ناخشىنى ئىيىتقان mehri ئەڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئوخشايدۇ ، ھەم بەك چىرايلىق قىزكەن
ئۇنىڭ ئاي كىرەك ، كۈن كىرەك ، ماڭا سەن كىرەك دەپ ناخشىسىمۇ بار ، بىزنىڭ ئەنئەنۋى ئويىنىمىزدىكى ئاق تىرەك ، كۆك تىرەك ،بىزدىن سىزگە نىمە كىرەك دەيدىغان ئويۇن قوشىغىغا ئوخشايدىكەن ئۇيغۇرتىل ئۆرۈپ ئادەت مەدەنيىتىمىزنى داۋاملىق ساقلاپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەردە داۋاملىق مەدەنيەت تەسىرى كۆرسىتەيلى، تۈركمەنچە ناخشا دىگەننى 100% چۈشەندىم گەرچە تۈركمەن تىلىنى تۇنجى قىتىم ئاڭلىشىم بولسىمۇ. تۈركى تىللارنىڭ ئوخشاشلىق دەرىجىسى:
baydowlat يوللىغان ۋاقتى 2014-5-3 10:19 static/image/common/back.gif
ئاندىن «ئۆلمىش» دىگىنى «ئۆلدى» دىگىنى ئوخشايدۇ.«جاك»ق ...
مەن «مەرھابا تۈركچە» ناملىق ئىككى قىسىملىق ئاۋازلىق كىتاپتىن ئۆگەنگەن ئىدىم،تىز سۈرئەتتە تۈركچە سەۋىيە ئۆستۈرۈشتە شۇ كىتاپ بەك ياخشىدەك ھىس قىلدىم.لىكىن ۋاقىت يىتىشتۈرەلمەي داۋاملاشتۇرالمايۋاتىمەن. تۈركچە بىلەن ئۇيغۇرچىدە پەرق كۆپ ئەمەس، ئىجدىھات بىلەن ئۈگەنسىڭىزلا باشقا ھەرقانداق تىلغا قارىغاندا تىز ئۈگىنىسىز.
ئۆزبەكچە بىلەن ئۇيغۇرچىنىڭ پەرقى بار دىيىلسە شۇ ئاھاڭىدا پەرقى بارمىكى، ئىككىسىنى بىر تىل دىسەم ئۆزبەك مىللەتچىللىرىنىڭ ئاھانىتىگە قالماي{:92:}
مەنچە ئاۋال ئىككى ئاي بىرەر ئوقۇتقۇچىنىڭ تەلىم ئىلىپ قالغىنىنى ئۆزى ئۈگىنىپ كەتسىمۇ بولىدۇ. تىزيول تورىدا تۈركچە كىنو كۆپ ،ئاشۇ يەردىن چۈشۈرۈپ كۆرۈپ ئۈگەنسىڭىزمۇ بولىدۇ .
www.tizyol.net تۈرۈك تىلدىكى ئۇچۇر بىلىملەر، ھەقىقەتەن كۆپ چوڭقۇرراق بىلىم ئىگەللەي دېگەن كىشىگە تۈرۈك تىلى
ياخشى ۋاستە بولالايدۇ pis-pas يوللىغان ۋاقتى 2014-5-3 11:17 static/image/common/back.gif
تۈركى تىللارنىڭ ئوخشاشلىق دەرىجىسى:
ماقالە يازغاندا نەقىل قىلىدىغانلارغا قولايلىق بولار دەپ بۇ جەدۋەلنى يىزىقچىلاشتۇرۇپ قويدۇم.
ئۇيغۇر تىلىنىڭ باشقا تۈرك تىللىرى بىلەن ئوخشاشلىقى:
ئۇيغۇر - چۇۋاش %59.2
ئۇيغۇر - ساكا(؟) %59
ئۇيغۇر - تۇۋا(؟) %61
ئۇيغۇر - كاۋكاز(؟) %65.7
ئۇيغۇر - ئۆلچەملىك ئالتاي تۈركچىسى (؟) %70.2
ئۈستىدىكى تۈرك قېرىنداشلارنىڭ بىرسىنىڭمۇ مىللەت نامىنى توغرا بىلمەيدىكەنمەن.:L بىلىدىغانلار تولۇقلاپ تۈزۈتۈپ قويۇڭلار.
ئۇيغۇر - قىرغىز %83.8
ئۇيغۇر - قازاق %81.9
ئۇيغۇر - ئۆزبىك %86.3
ئۇيغۇر - قاراچاي(؟) %77.1 بۇنىمۇ بىلىمدىم
ئۇيغۇر - باشقىرت %78.5
ئۇيغۇر - تاتار %79.6
ئۇيغۇر - تۈركمەن %71.7
ئۇيغۇر - ئازەرى %68.8
ئۇيغۇر - تۈرك %66.7
بىر چاغلاردا تۈرك تىللىق قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ سانى 30 يېتىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئېسىمدە. بۇ جەدۋەلدە پەقەت 13 مىللەتلا بار ئىكەن بۇ قانداق ئىشتۇ؟
يەنە بىرى بۇ جەدىۋەل ئىشەنچىلىكمۇ؟ نەقىل قىلىپ ئىسپات كۆرسىتىشكە يارامدۇ؟
pis-pas يوللىغان ۋاقتى 2014-5-3 11:17 static/image/common/back.gif
تۈركى تىللارنىڭ ئوخشاشلىق دەرىجىسى:
ياخشى ئۇچۇرلار باركەن. نەقىل مەنبەسىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز. ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 00:21 static/image/common/back.gif
ماقالە يازغاندا نەقىل قىلىدىغانلارغا قولايلىق بولار ...
ساكا ئەمەس ساخا دەپ يازىسىىزغۇ دەيمەن. باشقىلىرى توغرا بوپتۇ. ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 00:21 static/image/common/back.gif
ماقالە يازغاندا نەقىل قىلىدىغانلارغا قولايلىق بولار ...
http://historum.com/middle-eastern-african-history/45862-historical-expansion-turkic-people-languages.html turkzad يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 07:15 static/image/common/back.gif
ياخشى ئۇچۇرلار باركەن. نەقىل مەنبەسىنى قالدۇرۇپ قويس ...
http://historum.com/middle-eastern-african-history/45862-historical-expansion-turkic-people-languages.html ياخشى مەنبە ئىكەن. {:112:}رەسىملەرنى كۆرىۋاتىمەن. سىن ئۇچۇرى كۆرۈنمەيدىكەن.
ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ، يوللاپ قويغۇم كېلىپ كەتتى.
RE: تۈركچە بىلەن ئۇيغۇرچە قانچىلىك ئوخشايدۇ؟
hoopeelover يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 12:31 static/image/common/back.gifئۇيغۇرتىل ئۆرۈپ ئادەت مەدەنيىتىمىزنى داۋاملىق ساقلاپ ...
http://v.youku.com/v_show/id_XNjY2OTY1MTYw.html?x
ئۇيغۇرتىل ئۆرۈپ ئادەت مەدەنيىتىمىزنى داۋاملىق ساقلاپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەردە داۋاملىق مەدەنيەت تەسىرى كۆرسىتەيلى، تۈركمەنچە ناخشا دىگەننى 100% چۈشەندىم گەرچە تۈركمەن تىلىنى تۇنجى قىتىم ئاڭلىشىم بولسىمۇ.
ھۆرمەتلىك «ئۈستىدىكى تۈركمەنچە ناخشىنى 100% چۈشىنىشكە ھۆددىگەر پىرىم» ، بۇنى 100% چۈشەنگە بولسىڭىز، ئۇنداقتا ناھايىتى ياخشى، ۋاقتىڭىز بولسا تېكىستىنى يېزىپ بەرگەن بولسىڭىز، خەتلىك قىلىپ ئىشلەپ قويغان بولساق.:lol
;P
100% دەپ بەك مۇتلەق ھەم يوغان بىر سىاننى دەۋېتىپسىز، چۈشەنمىگەن يەرلىرىڭىزنىڭ بولۇشى مۇقەررەر، شۇڭا يۇقىرىقىدەك يېزىپ قويدۇم، بۇنى يېزىشتىكى مەقسەت ئىككى تىلدا پەرقلەر بولغانلىقتىن مۇشۇ پەرقنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى نىسبەتەن توغرا بىر سانلىق مەلۇمات بىلەن ئىپادىلەپ چىقىش ھەمدە قايسى سۆزلەر قانچىلىك دەرىجىدە ئاھاڭداش كېلىدۇ، مەنىداشلىقىچۇ دېگەنلەرگە ئېنىقراق بىر جاۋاب تېپىشتۇر. پىس-پاس بۇرادەر قالدۇرغان جەدىۋەلدىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، تىل جەھەتتە ئۇيغۇرغا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان تۈرك مىللەتلىرىنىڭ دەرىجىسى
بىرىنچى ئورۇندا ئۆزبىك تىلى %86 ئوخشايدىكەن.
ئىككىنچى ئورۇندا قىرغىز تىلى %84 ئوخشايدىكەن.
ئۈچۈنچى ئورۇندا قازاق تىلى %82 ئوخشايدىكەن.
تۆتىنچىسى تاتار تىلى %80 ئوخشايدىكەن.
(كەسىر سانلارنى پۈتۈنلىۋەتتىم. پۈتۈنلەنمىگەن ئۇچۇر لازىملار پىس-پاس يوللىغان جەدىۋەلگە قاراڭلار)
ئوخشاشلىقى %80 ۋە يۇقۇرى بولغانلار مۇشۇ تۆت مىللەت ئىكەن.
تۈرك تىلى بىلەن ئوخشاشلىقى كەينىدىن سانىغاندا دەرىجىگە توشىدىكەن.:lol
pispas يوللىغان مەنبەدە ئۇيغۇر -ئۆزبىك تىلىنى كازاق -قىرغىزچە بىلەن بىر شاختىن چىققان سىزىپتىغۇ، تۈركى تىلنى ئۇيغۇر- قارلۇق ، قىپچاق ، ئوغۇز دەپ ئايرىساق بىزنىڭ ئوغۇزلارنىڭكى بىلەن يىقىنراق كىلىدىغۇ ، ئىتنىك جەھەتتىمۇ ئۇيغۇلار قارلۇقلاشقان ئوغۇز
بەت:
[1]
2