President يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 00:16:57

[خەتلىك ناخشا] زۈلفۈ لىۋانەلى – يىگىتىم ئارسلانىم

ئەسلى مەنبەسى تۈركچە بولغان، «مەن نەگە بارالايمەن، ۋاي بارالمايمەن» دەپ ئۇيغۇرچە ئېيتىلىپ، مۇزىكىسىدىكى مۇڭى بىلەن شۇ دەۋردىكى كىشىلىرىمىزنىڭ يۈرەك-تارىنى چەككەن بىر ناخشا بار. بۇ ناخشا ئەسلى «يىگىتىم ئارسلانىم» نامىدا تۈرك سەنئەتكار زۈلفۈ لىۋانەلى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنغان بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىللىك چەتكە قېقىشى بىلەن ھالسىزلىنىپ، ئاخىرى بۇ ۋاپاسىز دۇنيادىن ئايرىلغان تۈرك شائىرى نەزىم ھېكمەتنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغان بەدىر رەھمى ئەييۈپئوغلۇ قاتتىق ئىزتىراپ ئىچىدە بۇ شېئىرنى يازغان. شېئىر يېزىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي،  تۈرك سەنئەتكار زۈلفۈ لىۋانەلى تەرىپىدىن ناخشا قىلىنىپ ئېيتىلغان شۇنداقلا ئۇغۇر مۇمجۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېموكراتىيەلىشىش ھەرىكىتىنىڭ قۇربانلىرى ئۈچۈن ئېيتىلىدىغان ناخشىغا ئايلانغان ھەمدە ئوغۇر مۇمجۇنىڭ جىنازىسىنى چۈشۈرگەندە تۈمەنلىگەن كىشىلەر تەرىپىدىن ئېيتىلغان.
مەزكۇر شېئىرنىڭ ئەسلى ئىسمى «زىندان تاشتىن ئويۇلغان» بولۇپ، ئەسلى شېئىر «بۈگۈن بۇ يەردە بولسا شېئىرىڭ، ئەتە جۇڭگودا بولۇر» دەپ تۈگەيمىش. شېئىردىكى مەزمۇن ماڭا تولىمۇ تونۇش تۇيۇلغاچقا، چالا قەلىمىم بىلەن بۇ شېئىرنى تەرجىمە قىلىپ باقتىم. ھەمدە خەتلىك فىلىم قىلىپ ئىشلەپ باقتىم. ياقتۇرۇپ كۆرۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ناخشىسى:

http://player.youku.com/player.php/sid/XNzA2Mzk5ODg4/v.swf

زۈلفۈ لىۋانەلى ئىجراسىدا ئەسلى نۇسخىسى


http://player.youku.com/player.php/sid/XNzA2NDQwMTk2/v.swf

«O Ses Türkiye » نۇسخىسى



تېكىسىتى:

يىگىتىم، ئارسلانىم بۇ يەردە ياتىدۇ
تەرجىمىدە: ئۇيغۇربەگ

ئىگىز-پەس سوزۇلغان ئۆيگە ماڭغان يوللىرى،
ئاغرىقدىن، ئازابدىن تۇتماس قوللىرى.
چوققىدىن تىرناققا شېئىر تىللىرى،
يىگىتىم، ئارسلانىم بۇ يەردە ياتىدۇ.

بۈگۈن قايغۇدىمەن ئېچىلمىسۇن گۈللەر،
يىگىتىمدىن شۇم خەۋەرلەر كەلدىلەر.
تۆمۈردىنكەن تۆشىكى، تاشتىنكەن كارۋاتلار،
يىگىتىم، ئارسلانىم بۇ يەردە ياتىدۇ.

نە بىر ھارام يېمىگەن، نە جانىغا قىيمىغان،
نان كەبى پاكپاكىز، سۇ كەبى سۈزۈك،
بىر كىمدىن خەۋەرسىز ھۆكۈملەر يىگەن،
يىگىتىم، ئارسلانىم بۇ يەردە ياتىدۇ.

قەبرىلەر ئىچرە خامان بولارمۇ؟
ئون ئۈچ يىل زىنداندا دەرمان قالارمۇ؟
ئەرزائىلدىن ئۆتۈنسەم جاننى ئالارمۇ؟
يىگىتىم، ئارسلانىم بۇ يەردە ياتىدۇ.


زۈلفۈ لىۋانەلى ئىجراسىدا خەتلىك ئەسلى نۇسخىسى:
http://yunpan.cn/QNTNyUHncXbFd
访问密码 224e

«O Ses Türkiye » خەتلىك  نۇسخىسى:
http://yunpan.cn/QNTNZv4Mh23Yj
访问密码 8a16

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 09:14:15

نىمانچە گۈزەل شېئىر بۇ!تۈرك شائىرلىرى قەلىمىدىكى پاساھەتلەر،تىل گۈزەللىكلىرى،چوڭقۇر مەنالار مېنى تاڭ قالدۇرىدۇ...كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن

mehman يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 16:03:22

يىگىتىم، ئارسلانىم بۇ يەردە ياتىدۇ.





گۈلەن ئاكىمىز راستىنلا قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان بۇلسا،  ئىز-دىرىكىنى بىلدىغانلار بولسا قالدۇرۇپ قۇيساڭلار ؟
قايەردە جازا ئۈتۈۋاتىدۇ؟

boran120 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 21:18:02

    بۇ ناخشىنى ئىزدەپ يۈرگىنىمگە بەش يىل بولغانتى،مەندە بۇرۇن بىرسىنىڭ دىڭىز بويىدا تۇغ- ئەلەملەر لەپىلدەپ تۇرغان مەيداندا ئىيىتقىنى بارتى لىكىن سىن سۈپىتى بەك تۆۋەن بىر نەرسىلەرنى پەرىقلەندۈرۈشمۇ تەس، ئاۋاز سۈپىتىمۇ دىگەندەك ئەمەس. نىمە دىسەم بولار ؟ دىيەلەيدىغىنىم رەھمەت ھەم مۇنبەر باھاسى، ئەلا.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 21:54:39

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aypalta تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-2 21:57  

Yiğidim aslanım
Şu sılanın ufak tefek yolları
Ağrıdan sızıdan tutmaz elleri
Tepeden tırnağa şiir dilleri
Yiğidim aslanım burda yatıyor

Bugün efkarlıyım açmasın güller
Yiğidimden kara haber verdiler
Demirden döşeği taştan sedirler
Yiğidim aslanım burda yatıyor

Ne bir haram yedi ne cana kıydı
Ekmek kadar temiz su gibi aydın
Hiç kimse duymadan hükümler giydi
Yiğidim aslanım burda yatıyor

Mezar arasında harman olur mu
On üç yıl mahpusta derman kalır mı
Azrail'e sorsam canım alır mı
Yiğidim aslanım burda yatıyor

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 00:11:40

لىۋانئەلى ئۆز نۆۋىتىدە بىر يازغۇچى .ئۇنىڭ بەخت دېگەن كىتابى نۇرغۇن قېتىم نەشىر قىلىنىپ فىلىم قىلىنىپمۇ ئىشلەنگەن ، يېقىندا «ئىستانبۇلنىڭ بەختى » دەپ ئۇيغۇرچىغىمۇ تەرجىمە  قىلىنىپتۇ .
ئۇنىڭ مەن ئەڭ سۆيۈپ ئوقۇغان ئەسىرى يەنىلا  لەيلانىڭ ئۆيى ئىكەن.

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 08:57:11

rita1028 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-3 00:11 static/image/common/back.gif
لىۋانئەلى ئۆز نۆۋىتىدە بىر يازغۇچى .ئۇنىڭ بەخت دېگەن ك ...

ئۇيغۇرچە بېسىلىپ نەشىر قىلىنىپتىما؟ئەجەپ رومان ئوقىغۇم كېلىدىغان بوپ قالدى دېسە...

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 09:41:28

رەخمەت قىرىندىشىم،  بەك ياخشى كەن.                        تەنلىرىم ياپراق تىترەپ تۇرمىدى،     يۇرگىم دەرتتە ئەركىن سۇقمىدى،      ئەسلەتتى مۇنۇ شائىرمىزنى.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 16:02:50

مۇشۇنداق ئەركەكلىك ، ۋەتەنپەرۋەرلىك توغرىسىدىكى ناخشىلار ساپاسىز ناخشىچىلىرىمىز تەرىپىدىن نىمانچە پۇچەك تېكىستكە سېلىنغاندۇ:(

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 21:45:58

تېمىنى كۆرۈپ لىۋانەلى بىلەن ئىسىمداش ئادەممىكىن دەپتىمەن نەق ئۆزىكەنغۇ

بەخىت نىڭ كىنوسىمۇ ياخشى چىقىپتىكەن، كىتابنى ئىككى ئەدەم تەرجىمە قىلىپ ئىككى نەشىريات نەشىر قىلىپ ئىككى خىل چىقىپتۇ پەرقلىق، لېكىن ئىككىسىلا خەنسۇچىدىن تەرجىمە قىپتۇ ياخشى چىقمىغان چىراي

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 22:12:23

باللار مۇناسۋەتسىز گەپ قىلىپ سالدىغان بۇلدۇم ،  قايسىڭلار  بىلدىغانسىلەر  كاسابلانكا  دىگەن كىنۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى  بەك جىدىد ى لازىم بۇلۇپ قالغان تى ،  رەخمەت.

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 10:24:08

rita1028 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-3 00:11 static/image/common/back.gif
لىۋانئەلى ئۆز نۆۋىتىدە بىر يازغۇچى .ئۇنىڭ بەخت دېگەن ك ...

تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرىلغان يەنە قانداق رومانلىرى بار رىتا سىڭلىم،بولسا بىر تونۇشتۇرىڭە،مېنىڭ كۆپرەك ئوتتۇرا شەرق،ھىندىستان،تۈركىيە يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنىلا ئوقۇغۇم كېلىدۇ،بىر زامان توختىماي رومان ئوقۇيتتىم،بىر زامانلار بوپتۇ رومان ئوقۇمىغىلىمۇ،كىتاپخانىلارغا كىرگۈزمەس بولۇپ،بەك ئۇزاقلاشتىم ئەدەبىي كىتاپلاردىن...:L
بەت: [1]
: [خەتلىك ناخشا] زۈلفۈ لىۋانەلى – يىگىتىم ئارسلانىم