mykariz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 22:15:41

(كارىزى) ئۇيغۇر خەلق ئەپسانىلىرىدىكى ئىكولوگىيىلىك قاراشلار

ئۇيغۇر خەلق ئەپسانىلىرىدىكى ئەنئەنىۋىي ئىكولوگىيىلىك قاراشلار ھەققىدە ئىزدىنىش

ئادىل غاپپار كارىزى

تەبىئىي مۇھىت ئىنسانلار ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۆزگىرىشىگە نىسبەتەن كۆرىنەرلىك چەكلەش ۋە تەسىر كۆرسىتىش رولىغا ئىگە. ئىكولوگىيە فولكلورشۇناسلىق ئىلمىي نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، ئۆرپ-ئادەت ئەنئەنىسى، تەپەككۇر قاراشلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە ئىكولوگىيىلىك مۇھىت بىلەن كۆپ تەرەپتىن باغلانغان بولۇپ، ئىكولوگىيىلىك مۇھىت بىۋاستە رول ئوينايدۇ. كەلگۈسىدىكى ئىكولوگىيە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا، ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت قارىشى مۇھىم يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ. ئىكولوگىيە مەسىلىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلىنىشى-ئىنسانلارنىڭ ئىكىلوگىيە قارىشى ۋە قىممەت قارىشى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئاڭ-ئىدۇلوگىيە سېستىمىغا مەنسۇپ بولغان بۇ خىل قاراشلار، ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي فولكلور ساھەسىدىكى ئېتىقاد-ئادەتلىرى ۋە سەنئەت فولكلورىدا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. سەنئەت  فولكلورىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان خەلق ئېغىز  ئەدەبىيات ئەسەرلىرى ئۆزلىرى بارلىققا كەلگەن زامان ۋە ماكاندىكى ئىكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ چوڭقۇر ئىزنالىرىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرىدۇ. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان ئەپسانىلەردىمۇ ئىكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ بۇخىل ئىزنالىرى ناھايىتى روشەن ئەكس ئەتكەن بولىدۇ. بۇ ماقالىدا ئاساسلىقى ئۇيغۇر خەلق ئەپسانىلىرىدا ئەكس ئەتكەن ئىلولوگىيىلىك مۇھىت توغرىسىدىكى قاراشلارئاساسىدا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىكولوگىيىلىك قاراشلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئەپسانە-ئىنسانلار خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكىللىرىدىن بىرى بۇلۇپ، فولكلورشۇناسلارنىڭ ئەپسانە ھەققىدىكى بىرلىككە كەلگەن چۇشەنچىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئومومەن ئىلاھ(تەڭرى)لار نىڭ ھەرخىل ئىش پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى ھىكايىلەر ئەپسانە دەپ قارىلىدۇ. ئۇيغۇر خەلق ئەپسانىلىرىمۇ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىختىكى ھەرقايسى ئىپتىدائىي دىننىي ئېتىقاد چۈشەنچىلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلتۇرگەن تۈرلۈك ئىلاھ(تەڭرى)لارنىڭ ھەرخىل ئىش پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى ھىكايىلەرنى كۆرسىتىدۇ.  
ئۇيغۇر فولكلورشۇناسلىرىنىڭ ئەپسانە ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلگەن ئەپسانىلىرىنى تەڭرىلەر ھەققىدىكى ئەپسانىلەر، ھايۋانلار ھەققىدىكى ئەپسانىلەر ۋە دەل-دەرەخلەر ھەققىدىكى ئەپسانىلەر دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىشكە بولدۇ. بۇيەردە ئېيتىلىۋاتقان ھايۋان ۋە دەل-دەرەخلەر چۆچەك، رىۋايەت ۋە مەسەللەردىكى ئادەملەشتۈرۈلگەن ھايۋان ۋە ئادەملەشتۈرۈلگەن دەل-دەرەخ بولماستىن، بەلكى بىرخىل ئىلاھى تۈس ئالغان، تۇتىم ھېسابلانغان ئېتىقاد ئوبىيكتىدۇر. دىمەك، ئۇيغۇر خەلق ئەپسانىلىرىدە ھايۋانات، دەل-دەرەخ ۋە باشقا تەبىئەت مەۋجۇداتلىرى ھەم تەبىئەت ھادىسىلىرى سىرلىق ئىلاھىي  قۇدرەتكە ئىگە قىلىنغان ھالدا نۇقتىلىق تەسۋىرلەش ئوبىكتى قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئەت ئىكولوگىيىسى ھەققىدىكى ئەڭ دەسلەپكى چۈشەنچىلىرى قەدىمكى ئىپتىدائىي ئېتىقاد ئەقىدە-قارشلىرى ئاساسىدا  ناھايىتى روشەن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ خىل چۈشەنچىلەرئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىكولوگىيىلىك مۇھىت توغرىسىكى قاراشلىرىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئەڭ دەسلەپكى ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر خەلق ئەپسانىلىرىدىكى ئەنئەنىۋىي ئىكولوگىيىلىك قاراشلارنى تەتقىق قىلىش، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىكولوگىيە قاراشلىرىنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش قانۇنىيىتى، مەزمۇنى، فونكىسيىسى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزىلىش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا مۇئەييەن بىلىشكەئىگە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يەنە بىر  تەرەپتىن ئىلىم ساھەسىدىكى «ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىكولوگىيە قاراشلىرى» توغرىسىدىكى تەتقىقات بوشلۇقنى بىرقىسىم نەزىرىيىۋىي ئاساس بىلەن تەمىنلەپ، نۆۋەتتە رايۇنىمىزدا مەۋجۇت بۇلوپ تۇرۇۋاتقان ئىكولوگىيىلىك مەسىلىلەرنى توغرا ھەل قىلىپ، رايۇنىمىزنىڭ سىجىل تەرەققىيات(ئىلمىي تەرەققىيات)نى ساقلاشتا بەلگىلىك نەزىرىيىۋىي ئاساس بۇلۇش ئەھمىيىتىگە ئىگە. بۇماقالىدا، ئۇيغۇر خەلق ئەپسانىلىرىدىكى ئۇيغۇر مىللتىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىكولوگىيىلىك قاراشلىرى ئۇيغۇر خەلق ئەپسانىلىرىنى ئىكولوگىيە فولىكلورشۇناسلىق  نۇقتىسىدا تۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئېچىپ بېرىلىدۇ.
ئۇيغۇر مىللىتى  ئۆز تارىخىدا كۆپلىگەن تۈرلۈك ئەپسانىلەرنى ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر خەلق ئەپسانىلىرى ئىچىدە  ھەرخىل ھايۋانلار، دەل-دەرەخ ، ئۆسۈملۈكلەر، يەر (تاغلار) ، سۇ (دېڭىز، دەريا، كۆل) ، ھاۋا (شامال)، تەبىئەت ھادىسىلىرى (تۆت پەسىل، قار، يامغۇر، چاقماق)، ئاسمان جىسىملىرى (قۇياش، ئاي) قاتارلىقلارنى سىرلىق ئىلاھىي قۇدرەتكە ئىگە باش قەھرىمان قىلغان ئەپسانىلەر ئۇچرايدۇ. ئىكولوگىيە فولىكلورشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر خەلق ئەپسانىلىرى ئىچىدە بۇ مەزمۇنلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ھەرگىزمۇ بىر تاسادىبىلىق ئەمەس. بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش ئەمىلىيىتى جەريانىدا، ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ ئىكولوگىيىسىنى چۈشىنىش، ماسلىشىش ۋە ئۆزگەرتىش جەريانىدا بارلىققا كەلتۈرگەن، ئىپتىدائىي تەبئەت ئېتىقادى ئاساسىدىكى ئىكىلوگىيىلىك مۇھىت تۇغرىسىدىكى ئەنئەنىۋىي قاراشلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىزناسى دەپ قاراش مۇمكىن. چۈنكى ئاڭ تارىخىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچلىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋە پەلىسەپىۋىي قاراشلىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپتە شەكىللەنگەندە، شۇ مىللەت ياشاۋاتقان ئىكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى بايقايمىز. بۇ خىل مۇھىتنىڭ قىممەت قاراشقا بولغان تەسىرى بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي فولىكلورىدائومۇميۈزلۈك كۆرۈلىدۇ. ئۇيغۇر خەلق ئەپسانىلىرىدىكى دىننىي ئېتىقاد تۈسىنى ئالغان تەبىئەت مەۋجۇداتلىرى ھەم تەبىئەت ھادىسىلىرى توغرىسىدىكى كۆپلىگەن قاراشلار تاھازىرغىچە ساقلىنىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قىممەت قاراش كاتىگورىيىسىدە ھېلىھەم مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە. ئېكولوگىيىشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، «ئېتىقاد ئادەتلىرى ئىنسانلار بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدا ئەزەلدىنلا ئايرىلالمايدىغان مەنىۋىي باغلىنىشنىڭ بارلىقىنى ئەڭ ياخشى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ، ئۇ پۈتكۈل ئۆرۈپ-ئادەت مەدەنىيەت سېستىمىسىنىڭ شەكىللىنىشى، ئىلگىرى سۈرۈلىشى، تەرەقىياتىغا نىسبەتەن مۆلچەرلىگۈسىز قۇراشتۇرۇش ۋە تەسىر كۆرسىتىش رولىنى ئوينايدۇ». دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ دىننىي ئېتىقاد ئەقىدىلىرى ۋە ئادەتلىرى چوڭقۇر ئىكولوگىيىلىك قاراشلار بىلەن تولغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلار مەنىۋىي ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ناھايىتى روشەن ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇر خەلق ئەپسانىلىرى ئىچىدىكى ھايۋانات، دەل-دەرەخ ۋە باشقا تەبىئەت مەۋجۇداتلىرى ھەم تەبىئەت ھادىسىلىرى سىرلىق ئىلاھىي  قۇدرەتكە ئىگە قىلىنغان ھالدا نۇقتىلىق تەسۋىرلەش ئوبىكتى قىلىغان ئەپسانىلەر دەل بۇنىڭ مىسالى بولالايدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئۆز تارىخىدا ياشاپ ئۆتكەن ھەرقايسى رايۇنلارنىڭ ئىكىلوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ئۆچمەس ئىزنالىرى  ئۇيغۇر خەلق ئەپسانىلىرىدە خېلى مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان. بۇ ھال بىزگە قەدىمكى دەۋىرلەردىلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاڭ-ئىدۇلوگىيىسىدە، ئىكولوگىيىلىك مۇھىت توغرىسىدا بەلگىلىك كۆز قاراشلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
ئۇيغۇر خەلق ئەپسانىلىرىدە ئىپادىلەنگەن ئىكولوگىيىلىك قاراشلا-ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىختا شەكىللەندۈرگەن ۋە بېيىتىپ مۇكەممەللەشكەن تەبىئەتنى چۈشۈنۈش، تەبىئەتكە ماسلىشىش ۋە تەبىئەتتىن پايدىلىنىش جەريانىدىكى ئەمەلىي تەجرىبىلىرى بىلەن ئىپتىدائىي تەپەككۇر پائالىيىتىنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەت. تېخىمۇ كونكرت قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي ئېتىقاد قاراشلىرى ۋە ساددا پەلسەپىۋىي قاراشلىرى بىلەن تارىختىكى ھەرقايسى ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپلىرىغا خاس بولغان ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا ھاسىل قىلغان تەجرىبە-ساۋاقلارنىڭ ئورگانىك بىرلەشمىسى. بۇ خىل قاراشلار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىكولوگىيىلىك رايونلار ۋە ئوخشاش بولمىغان ئىقتىساددىي مەدەنىيەت تىپلىرى جەريانىدىكى ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي  تۇرمۇش ئەمىلىيىتى جەريانىدا بارلىققا كەلتۈرگەن، تەبىئەت ھادىسىلىرى ۋە شەيئىلەرنىڭ خۇسۇسىيەت، قانۇنىيەتلىرىنى بىلىش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرىنىڭ ئىخچاملاشتۇرۇلغان ۋە ئوبرازلاشتۇرۇلغان يەكۈنى. بۇ يەكۈنگە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ چوڭقۇر دىننىي ئەقىدە قاراشلىرى ھەم ساددا پەلسەپىۋىي قاراشلىرى سىڭگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار تارىختا ئېتىقاد قىلغان ھەرقايسى دىنلارنىڭ ئەقىدە قاراشلىرى ۋە ساددا پەلسەپىۋىي قاراشلىرىنىڭ قالدۇق ئىزلىرى روشەن ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. بۇ ھال ئىكولوگىيە قاراشلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئاڭ-ئىدولوگىيە سېستىمىسىدا ئۇزاق مەزگىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، داۋاملىشىش جەريانىدا بەلگىلىك قىممەت قاراش مايىللىقىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەخلاق كاتىگورىيىسىدە قوزغالماس ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، مۇئەييەن ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت تۈزۈملىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىدە ئاساس بولغان دىيىشكە بولىدۇ.
ئۇيغۇر خەلق ئەپسانىلىرىدە ئىپادىلەنگەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىكولوگىيىلىك قاراشلىرى ئاساسلىقى تەبىئەتنى چۈشىنىش، تەبىئەتتىن پايدىلىنىش ۋە تەبىئەتنى قوغداش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ قاراشلارنى تۆۋەندىكى بىرقانچە  كونكرت تۈرگە بۆلىشكە بولىدۇ.

1. ئۇيغۇر خەلق ئەپسانىلىرىدىكى يەز-زېمىن، تۇپراق قارىشى
ئۇيغۇر خەلق ئەپسانىلىرىدىكى يەز- زېمىن، تۇپراق توغرىسىدىكى قاراشلار-ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي تەبىئەت ئېتىقادى ۋە ساددا پەلسەپىۋىي قاراشلىرى بىلەن تارىختىكى ئەڭ دەسلەپكى بوستانلىق-تېرىم ئىقتىساددىي مەدەنىيەت تىپىدىكى ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن تېرىقچىلىق ئادەت قاراشلىرىنىڭ يۇغۇرۇلمىسىدىن تەركىپ تاپقان يەرنى ئولۇغلاش، يەرنى قەدىرلەش ۋە يەرنى ئاسراش توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قاراشلار تارىختىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ۋە ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى جەريانىدا، ئۆزىنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كىشىلەرنى يەرنىڭ رولىنى توغرا تونۇپ، يەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ يەرنى قەدىرلەش ۋە ئاسراش توغرىسدىكى قاراشلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىدە ئاساس بولۇش رولىنى ئويناپ كەلدى.
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يەر-تۇپراق توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرى ناھايىتى چوڭقۇر ئىجتىمائىي تارىخى ئارقا كۆرىنىشكە ئىگە. يەر-قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائى تەبىئەت ئېتقادىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئوبىيىكىتلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئېىپتىدائىي تەبىئەت ئېتىقادى كۆك تەڭرىگە چوقۇنۇشتىن باشلانغان بولۇپ، يەر تەڭرىگە چوقۇنۇش ئېتىقادى ئۇيغۇرلار ئاڭ تەرەقىياتىنىڭ كېيىنكى باسقۇچىدىكى يەر بىلەن كۆكنى سېلىشتۇرۇش تەپەككۈر-قاراشلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن دىيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىم ئەپسانىلىرىدە يۇقارقى يەكۈنگە مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بايانلار ئۇچرايدۇ. مەسلەن:
«بۇرۇنقى زاماندا ئاسماندا بىر تەڭرى، يەردە بىر تەڭرى بار ئىكەن. ئاسمان تەڭرىسىنىڭ بىر قىزى بولۇپ، ئۇ گۈزەللىك تەختىنىڭ سۇلتانى ئىكەن. يەر تەڭرىسىنىڭ تۇپراق ئىسىملىك بىر ئوغلى بولۇپ، باتۇرلۇقتا ۋە مەردلىكتە تەڭدىشى يوق ئىكەن. بىر كۈنى ئاسمان ئىلاھىنىڭ قىزى ساياھەت قىلىپ يەر يۈزىگە چۈشۈپتۇ. ۋە تۇپراقنىڭ باتۇرلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلىشىپتۇ. يەر يۈزى ئاسماندىن چىرايلىق ئىكەن. ئاسماندا شارقىراپ ئېقىۋاتقان سۇ ، رەڭمۇرەڭ گۈللەر، بەس-بەستە سايراۋاتقان قۇشلار ۋە كۆپكۆك يايلاقتا توپ-توپى يايلاۋاتقان ھايۋانلاردىن دېرەكمۇ يوق ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قىز يەر يۈزىدە ياشاپ قاپتۇ. بۇ ئەھۋالنى ئۇققان ئاسمان ئىلاھى تۇپراق بىلەن ئېلىشىپ، ئۇنى يېڭەلمەي، دەرغەزەب  بولۇپ، بالىسىنى تەۋرىتىپ ئولتۇرغان قىزىنى تاشقا ئايلاندۇرىۋېتىپتۇ.» يەنە بىر ئەپسانىدە ،ئاسمان تەڭرىسىنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن دەريا ياساپ، سۇ باشلاپ كەلگەن يەر تەڭرىسى بىلەن ئېلىشىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى، يەر تەڭرىسىنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدا ئوغلى تۇپراقنى بۈركۈتكە ئايلاندۇرۇپ قاچۇرىۋەتكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
بۇ ئەپسانىلەرنى دەل ئۇيغۇرلارنىڭ تەپەككۇرىدا كۆك تەڭرى بىلەن يەر تەڭرىنىڭ قۇدرىتى ۋە ئىنسانلارغا بېرىدىغان مەنپەئەتى توغرىسىدا سېلىشتۇرۇش ھەم ئۇلارغا نىسبەتەن تاللاش ئېلىپ بېرىۋاتقان، كۆك تەڭرىگە چوقۇنۇشتىن ۋاز كېچىپ يەر تەڭرىسىگە چوقۇنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن ئۆتكۈنچى دەۋىرلەردە ئىجاد قىلغان ئەپسانىلىرى بۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يەرنى ئۇلۇغلاش قارىشىنىڭ شەكىللىنىش ئاساسى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمقى ئەجدادلىرى تارىختىكى ئىپتىدائىي تەبىئەت ئېتىقادى ۋە ئانىمىزىملىق ئەقىدە-قاراشلار ئاساسىدىكى شامانىزم ئېتىقادىدا يەر كۆك تەڭرى ۋە يەر تەڭرىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىلاھنىڭ بىرى دەپ قارالغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ شامانىزم ئېتىقادىدا يەرمۇ مۇھىم بىر چوقۇنۇش ئوبىيتكتىغا ئايلانغانىدى. ئۇيغۇرلار يەرگە چوقۇنۇش ئېتىقادىنى بارلىققا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «ئادەم تۇپىدىن يارالغان» دىگەندەك تۇپراقتىن يارالمىش ئەقىدە-قاراشلىرى بارلىققا كېلىشكە باشلىغانىدى. تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر شامانلار يامغۇر تىلەش مۇراسىم-پائالىيەتلىرىدە «كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق» دىگەندەك ئىلاھى قوشاقلارنى ئوقۇيدىغانلىقى بىزگە مەلۇم. بۇ قوشاقنىڭ مەزمونىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ شامانىزم ئەقىدە-قاراشلىرىدا كۆك تەڭرىنى ئاتىغا، يەر تەڭرىنى ئانىغا سىمۋول قىلىنغانىدى. شۇڭا، قەدىمكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەپسانە-رىۋايەت ۋە يازما يادىكارلىقلاردا، يەر تەڭرىنىڭ ئانا تەڭرى «omay katun» (ئوماي ئىلاھە) ئوبرازىدا تەسسەۋۋۇر قىلغانىلقى توغرىسىدىكى مەزمونلار ئۇچرايدۇ. بۇ ئەقىدە-قاراشلار ئۇيغۇرلارنىڭ يارالمىش ئەپسانىلىرىدىكى ئاتا تەڭرى ئۆلگىن تەڭرى بىلەن ئانا تەڭرى ئوماي ھەققىدىكى ئەپسانىلەردە ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. مەسلەن:
«ئىنسانلارنى ئاتا تەڭرى ئۆلگىن بىلەن ئانا تەڭرى ئوماي ياراتقان. ئۆلگىن تەڭرى ئاي بىلەن قۇياشنىڭ ئوتتۇرىسىدا، يۇلتۇزلارنىڭ ئۈستىدە ئالتۇن تەخىتلىك سارايدا تۇرىدىكەن... ئۈستۈنكى پارلاق ماكان(ئاسمان-جەننەت) بىلەن ئاستىنقى قاراڭغۇ ماكان(يەرئاستى-دەۋزەخ) نىڭ ئارىسىدا «ئوماي ئانا» (يەر ئانا) بار ئىكەن.»
بۇ دەل ئۇيغۇرلارنىڭ «تۇپراقتىن يارالمىش» ئىدىيىۋىي كۆزقارىشىنىڭ مەركەزلىك ئىنكاسى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا  مەۋجۇت بولغان «كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق» دىگەن ماقال-تەمسىلنىڭ كېلىش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ دەل ئۇيغۇرلارنىڭ تاھازىرغىچە ساقلاپ كەلگەن يەرنى ئۇلۇغلاش ۋە قەدىرلەش توغرىسىدىكى ئادەت-قاراشلىرىنىڭ ئىدىيىۋىي ئاساسى ھېسابلىنىدۇ.
بەزى مەنبەلەردە، «‹يەر ئانا› قارىشى ئىنسانلا ئوۋچىلىق تۇرمۇشىدىن ئايرىلىپ تېرىقچىلىق تۇرمۇشىغا كىرگەن دەۋىرلەردە پەيدا بولغان» دېيىلىدۇ. چۈنكى يەر تېرىقچىلىق ئىقتىسادىي تۇرمۇشىنىڭ تۈپ ئاساسى ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. ئۇيغۇرلار تېرىقچىلىق ئىقتىساددىي تۇرمۇش دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئۇزاق مەزگىللىك ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا، يەرنىڭ ھاياتلىق تىرىكچىلىكىدىكى رولىنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تۇنۇپ يەتكەن ۋە ئىلگىرىكى يەرگە چوقۇنۇش ئېتىقاد-قارشلىرى ئاساسىدا، يەرگە بولغان ھۆرمەت ۋە تەشەككۈرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن «ئوماي ئانا» (يەرتەڭرى) قارىشىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تەڭرى ئوماي ھەققىدىكى ئەپسانىلىرىدە، «ئوماي ئانا ئىنسانلارغا تۇپراق ۋە سۇ مەنبەلىرىنى ئاتا قىلغۇچى بەخىت ئىلاھىي، شۇنداقلا ئاياللارنىڭ ۋە بالىلارنىڭ شەپقەت ئىلاھى» دىيىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا « قەدىمقى تۈركىي خەلقلەر ئەپسانىلىرىدە تىلغا ئېلىنغان ئۈچ چوڭ تەڭرىنىڭ بىرى يەر تەڭرىسى بولۇپ، ئۇنىڭ نامى «ئىدۇق يەر-سۇب»(موقەددەس يەر-سذ)دەپ ئاتالغان.‹ئىدىقۇت› دىگەن نام ئەنە شۇ يەرگە چوقۇنىشتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ‹ئىدىقۇت›- قۇت بەرگۈچى خۇدا دىمەكتۇر». بۇ خىلدىكى رىۋايەتلەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىقچىلىق ئىقتىساددىي تۇرمۇش دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىنكى يەرنى ئۇلۇغلاش ۋە يەرنى قەدىرلەش توغرىسىدىكى ئەنئەنىۋىي ئىكولوگىيىلىك قاراشلىرى ئەكىس ئەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھازىرغىچە داۋامىلىشىپ كەلگەن يەرنى ئۇلۇغلاش، يەرنى قەدىرلەش ۋە يەرنى ئاسراش قارشلىرىنىڭ تۈپ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ.
دىمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ يەرنى ئۇلۇغلاش، يەرنى قەدىرلەش ۋە يەرنى ئاسراش توغرىسدىكى ئەنئەنىۋىي ئىكولوگىيىلىك قاراشلىرى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي تەبئەت ئېتىقادى، ئانىمىزملىق ئەقىدە-قاراشلار ۋە شامانىزم ئېتىقادى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ،  ئۇيغۇر خەلق ئەپسانىلىرى ئارقىلىق تاھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلەلىگەن.

2.ئۇيغۇر خەلق ئەپسانىلىرىدىكى ھايۋانلار توغرىسىدىكى قاراشلار
ئۇيغۇرخەلق ئەپسانىلىرىدىكى ھايۋانلار توغرىسىدىكى قاراشلار-ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي ئېتىقاد (ئانىمىزم ۋە تۇتىمىزم) قاراشلىرى بىلەن تارىختىكى ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپلىرىغا خاس بولغان ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمىلىيىتى جەريانىدىكى، ئادەم بىلەن ھايۋانلار ئوتتۇرىسىدىكى بېقىندىلىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ ماھىيەتلىك ئىنكاسىدىن ئىبارەت. بۇ خىل قاراشلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقايسى ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپلىرى ئەمەلىيىتىدە، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىگە نىسبەتەن ئاكتىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆز مەدەنىيەت ئالاھىدىىكلىرىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئويناپ كەلدى.
ھايۋانلارغا چوقۇنۇش-ئىنسانلارنىڭ ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىقتىسادىىي مەدەنىيەت تىپى بىلەن مۇناسۋەتلىك بولۇپ، دۇنياۋىي ئومۇملىققا ئىگە بولغان ئىپتدائىي ئېتىقاد شەكللىرىنىڭ بىرى. «ھايۋانلارغا چوقۇنۇش بىلەن تۇتىم پۈتۈنلەي بىر نەرسە ئەمەس. چۈنكى ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ ھايۋانلارغا چوقۇنۇش ئېتىقادى ئومۇمىي خاراكتېر ئالغان ناھايىتى كەڭ چۈشەنچىدۇر. تۇتىمىزم بولسا ئۇرۇق دەپ ئاتالغان ئىنسانلار گۇرۇھىنىڭ (جەمئىيەت) ئەزالىرىنى مۇقەددەس بىلىپ، بەزى مەخلۇقاتلارغا ياكى شەيئىلەرگە باغلىغان ئەڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي دىنلارنىڭ بىرى. ئەنە شۇنىڭدىن تۇتىم ئېتىقادى كېلىپ چىققان.»
ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتىم ئېتىقادى-ئۇيغۇرلار ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، تارىختىكى ئانىمىزملىق قاراشلار ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپىىدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە، ھايۋانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىچ بولغانلىقتىن، ئۇيغۇرلار بەزى ھايۋانلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى، پۇراش سىزىمى، مىڭىش سۈرئىتى، كۈچ-قۇۋۋىتى ۋە ھۇشيارلىقى جەھەتتە ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى بىلىشكە باشلىغان. ھايۋانلاردىكى بۇ خىل سىرلىق كۆچ-قۇۋەت كىشىلەر تەسەۋۋۇرىدا ئىلاھى تۇس ئېلىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ كىلىپ چىقىش نەسلى، قوغدىغۇچىسى، باش پاناھى ۋە مەدەت بەرگۈچىسى دەپ تۇنۇيدىغان قاراش شەكىللىنىشكە باشلىغان ۋە كېيىچە بۇ قاراشلار ئاساسىدا ئۇلارغا چوقۇنغان ۋە ئېتىقاد قىلشقا باشلىغان. ئۇيغۇرلاردا تۇتىم ئېتىقادى شەكىللەنگەندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىلاھلىرى توغرىسىدا خىلمۇ-خىل ئەپسانىلەرنى ئىجاد قىلغانىدى. ئۇيغۇر خەلق ئەپسانىلىرىدىكى ھايۋانلار ھەققىدىكى ئەپسانىلەردە ئاساسەن تۇتىم ھايۋانلار توغرىسىدىكى ھىكايىلەر بايان قىلىنىدۇ.
تۈركىي خەلقلەرنىڭ قەدىمكى ئېتىقادىدا قۇرت (بۆرە) بەخت تەڭرىسى دەپ قارىلىىپ، تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكى تۇتىم ئېتىقادى بولۇپ قالغان. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ بۆرە تۇتىمى توغرىسىدىكى ئەپسانىلار بىر قەدەر كەڭ تارقالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى گەۋدىلىك بىر ئەپسانىدە مۇنداق دىيىلىدۇ. «تۇركلەر بۇرۇن غەربىي دېڭىزنىڭ غەربىدە ياشىغانىكەن. ئۇلارنىڭ ئۇرىقىنىڭ ئىسمى ئاشىنا بولۇپ، باشقىلىرى قەبىلە ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى قوشنا ئەل تەرىپىدىن يوقىتىلىپتۇ، پەقەت پۇتلىرى كېسىۋېتىلگەن بىر ئوغۇل بالا بىر چىشى بۆرىنىڭ ئوزۇقلاندۇرىشى بىلەن ساق قېلىپ چوڭ بوپتۇ، بۆرە بۇ بالىدىن ھامىلدار بوپتۇ. كېيىن ھېلىقى بالا ياۋ لەشكەرلىرى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپتۇ. بۇ چاغدا بىر ئەۋلىيا ھېلىقى بۆرىنى غەربىي دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى ئىدىقۇتنىڭ غەربىگە جايلاشقان شىمالىي تاغقا ئاپىرىپ قويۇپتۇ. بۆرە ئۇ جايدا ئون ئوغۇل تۇغۇپتۇ. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى چوڭ بولۇپ كۆپىيىپتۇ. ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىسمىي بولۇپ، ئاشىنا شىر ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىكەن.» يەنە بىر ئەپسانىدە مۇنداق دىيىلدۇ. «ئۇيغۇرلار بىر ئۇرۇشتا دۈشمەندىن مەغلۇپ بولۇپ، بىر تاغ ئىچىگە قامىلىپ قاپتۇ. ماڭىدىغان يول تاپالماي ھالاك بولۇش خەۋىپىگە دۇچ كەپتۇ. شۇنداق قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا ئۇلار ئۇشتۇمتۇت بىر ببۆرىنىڭ تاغ تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ. خەۋىپتە قالغان ئۇيغۇرلار بۆرىنىڭ كەينىدىن مېڭىپتۇ، تاغنىڭ تۈۋىگە يىتىپ بارغان بۆرە ناھايىتى چوڭ بىر غارغا كىرىپ كېتىپتۇ. ئۇيغۇرلار بۆرە كىرىپ كەتكەن غارغا كىرىپ مېڭىپتۇ. قاپقاراڭغۇ غارنىڭ ئىچىدە خېلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كېيىن غارنىڭ ئۇ بېشىدا بىر ئوچۇقچىلىق كۆرىنىپتۇ. بۆرە غارنىڭ ئۇ بېشىدىكى چوڭ تۈشۈكتىن ئوتلار يەلپۈنۈۈپ تۇرغان، سۇلار شارقىراپ ئېقىپ تۇرغان جەننەتتەك بىر يايلاققا چىقىپتۇ. ئۇيغۇرلارمۇ بۆرىنىڭ كەينىدىن مېڭىپ شۇ يايلاققا چىقىپ، ھالاكەتتىن قۇتۇلۇپ قالغانىكەن، شۇڭا ئۇيغۇرلار بۆرىنى مۇقەددەس ئىلاھ قىلىپ چوقىنىدىغان بوپتۇ.»
بۇ خىلدىكى ئەپسانىلەردە تەسۋىرلەنگىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا «بۆرە»گە چوقۇنغانلىقىدەك ئوبىكتىپ ئەمەلىيەتنىڭ كونكرت ۋە ئەينەن ئىنكاسى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۆرىدىن ئىبارەت بۇ ھايۋاننى ئۇلۇغلايدىغان، ئەتىۋارلايدىغان، ئاسرايدىغان ئەنئەنىۋىي قاراشلىرى ئەكىس ئېتىپ تۇرىدۇ.
ئۇيغۇر خەلق ئەپسانىلىرىدە يەنە، ئۇيغۇرلار تارىختا تۇتىم قىلىپ چوقۇنغان  «شىر(ئارسىلان)»، «تۆگە (بۇغرا)» «ئات»، «لاچىن»، «كالا»  قاتارلىق بىر قىسىم ھايۋانلار توغرىسىدىكى مەزمونلارمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ خىلدىكى ئەپسانە مەزمونلىرىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپلىرىغا خاس بولغان ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدىكى، ئادەم بىلەن ھايۋانلار ئوتتۇرىسىدىكى بېقىندىلىق مۇناسىۋەتلەر ۋە دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان بىر قىسىم ھايۋانلارنىڭ ئۆزگىچە خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۇزاق مەزگىللىك كۈزىتىش ئارقىلىق ھاسىل قىلغان ئومۇمىي خاراكتىرلىق يەكۈنلەر ناھايىتى روشەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھايۋانلارنى ئۇلۇغلاش ۋە ئاسراش ئىدىيىسى ئىپادىلەنگەن.

3.ئۇيغۇر خەلق ئەپسانىلىرىدىكى دەل-دەرەخ، ئۆسۈملۈك قارىشى
ئۇيغۇرخەلق ئەپسانىلىرىدىكى  دەل-دەرەخ، ئۆسۈملۈك قارىشى-ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىمكى  ئىپتىدائىي  ئېتىقاد (ئانىمىزم) قاراشلىرى بىلەن تارىختىكى تەبىئەتتىن يىغىپ-توپلاش ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپىغا خاس بولغان ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدىكى، ئادەم بىلەن دەل-دەرەخ، ئۆسۈملۈكلەر ئوتتۇرىسىدىكى بېقىندىىلق مۇناسىۋەتلەرنىڭ ماھىيەتلىك ئىنكاسىدىن ئىبارەت. بۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىمكى دەۋردىكى تەبىئەتتىن يىغىپ-توپلاش تۇرمۇش ئادىتى بىلەن دەل-دەرەخ، ئۆسۈملۈكلەرگە چوقۇنۇش ئېتىقادى قاراشلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلتۈرگەن دەل-دەرەخ، ئۆسۈملۈكلەرنى ئۇلۇغلاش ۋە ئاسراش ئادەت قاراشلىرىنىڭ ئەڭ ئىخچام يەكۈنى. بۇ خىل قاراشلار تارىختىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا، بوستانلىق تېرىم ئىقتىسادىي مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىنى قوغداشتا ئۆزىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇپ كەلدى.
« دەل-دەرەخ، ئۆسۈملۈكلەرگە چوقۇنۇش ئېتىقادى ئىپتىدائىي دەۋرىدىكى تەبىئەتتىن يىغىپ توپلاش پائالىيىتى ۋە تۇرمۇش شارائىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بىرخىل ئىپتىدائىي دىننى ئېتىقاد پائالىيىتىدۇر. بۇ خىل ئېتىقاد پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان قەدىمىي ئېتىقاد بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنى ۋە ئېلىپ بېرىلىش شەكلى ھەممە خەلقلەردە ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ». قەدىمكى ئىنسانلار ئۇزاق ئەسىرلەر داۋامىدا، دەل-دەرەخ، ئۆسۈملۈكلەردىن نەپ ئېلىپ كەلگەچكە، ئۇلاردا دەل-دەرەخ، ئۆسۈملۈكلەرگە نىسبەتەن چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە چوقۇنۇش ھېسىياتىنى پەيدا بولۇشقا باشلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا دەل-دەرەخ، ئۆسۈملۈكلەردىكى كېسىۋەتسە قايتا ئۆسۈپ چىقىدىغان سىرلىق كۈچ ئۇلارنى ھەيران قالدۇرۇپ ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدا ئىلاھىي تۈس ئالغان. بۇنىڭ بىلەن قەدىمكى ئىنسانلاردا دەل-دەرەخ، ئۆسۈملۈكلەرگە چوقۇنىدىغان ئىپتىدائىي ئېتىقاد شەكلى بارلىققا كەلگەن. بۇ خىل ئىپتىدائىي تەبىئەت ئېتىقادىنىڭ ئىزنالىرى ئۇيغۇر خەلق ئەپسانىلىرىدە ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بىرقىسىم ئەپسانىلەردە مۇنداق ھىكايىلەر بايان قىلىنىدۇ. «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئەڭ بۇرۇن ھۆكۈمرانلىق قىلغان خاقان ئادەمدىن تۇغۇلمىغان ئىكەن،.. ‹ esca › دەپ ئاتىلىدىغان بىر دەرەختىن تۇغۇلغانىكەن». يەنە بىر ئەپسانىدە مۇنداق دىيىلىدۇ. « ئۇيغۇرلار يۇرتىدا خېلىن  دىگەن بىر تاغ بولۇپ، ئۇ يۇرتتىكى  ئىككى دەريا ئەنە شۇ تاغنى مەنبە قىلغانىكەن. ئۇنىڭ بىرسى توخو دەرياسى يەنە بىرى سىلىڭگا دەرياسى دەپ ئاتىلىدىكەن. بىر كۈنى كەچتە ئاسماندىن بۇ ئىككى دەريا ئارسىدىكى دەرەخقە شولا چۈشۈپتۇ، ئىككى دەريا ئارلىقىدىكى خەلقلەر ئۇنى كۆزىتىپ تۇرۇپتۇ. دەرەخنىڭ گەۋدىسى بارغانسېرى كېڭىيىپ، قۇرساق سېلىپ  قاپتۇ. مۇڭلۇق مۇزىكا ئاھاڭلىرى ئاڭلىنىپ، كېچىلىرى ئوتتۇز قەدەم ئارلىقتىكى يەرلەرگە يۇرۇق چۇشۇپ تۇرۇپتۇ. بۇ شولا دەرەخقە ئۇدا توققۇز ئاي، ئون كۈن چۈشكەندىن كېيىن، ھېلىقى دەرەخنىڭ قۇرسىقى يېرىلىپتۇ.ئۇنىڭدىن بەش بالا چىقىپتۇ، بۇلار دەرەختىن تۇغۇلغان مۇقەددەس بوۋاقلار ئىكەن. ئۇلار يەرگە چۈشۈپ، كىشىلەردىن ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى سوراپتۇ. كىشىلەر دەرەخنى كۆرسىتىپتۇ. بالىلار دەرەخنىڭ قېشىغا كېلىپ خۇددى ئاتا-ئانىغا ھۆرمەت قىلغاندەك ئۇلارغا چوقۇنۇپتۇ. دەرەخ تۇيۇقسىز ئادەمدەك سۆزلەپ كېتىپتۇ:‹پەزىلەتلىك ياخشى بالىلار بۇ يەرگە دائىم كېلىپ تۇرۇڭلار، مېھىر- شەپقەت، ۋاپانى ئېسىڭلاردىن چىقىرىپ قويماڭلار، سىلەرنىڭ ئۇزۇن ئۈمۈر كۆرۈشىڭلارنى، نامىڭلارنىڭ مەڭگۈ ئۆچمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز › ددەپتۇ. ھەممە كىشى بۇ بالىلارنى ناھايىتى ھۆرمەتلەپتۇ. ئۇلارنىڭ تەڭرى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكىگە ئىشەنگەن ئۇيغۇرلار بۇلارنىڭ بىرىنى ھۆكۈمدار قىلىشنى قارار قىپتۇ. بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى بۆكۈتىكىن گۈزەللىكتە ۋە ئەقىل- پاراسەتتە باشقىلاردىن ئۇستۇن بولغىنى ئۈچۈن ئۇنى ھەممەيلەن بىردەك خاقانلىققا سايلاپتۇ، داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۇپ تەخىتكە ئولتۇرغۇزۇپتۇ.»
بۇ خىلدىكى ئەپسانىلەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ دەل-دەرەخ، ئۆسۈملۈكلەرنى ئۇلۇغلايدىغان ۋە ئاسرايدىغان ئەنئەنىۋىي قاراشلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي دەۋردىكى تەبىئەتتىن يىغپ-توپلاش تۇرمۇش ئادىتىنى تېرىقچىلىق ئىقتىسادىغا ماسلاشتۇرۇش ئاساسىدا، ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك ئىقتىسادىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمىلىيىتىدە، مىۋىلىك دەرەخلەرنى كۆپلەپ تىكىپ، باغ ياسايدىغان، ئولتۇراقلىشىش ئادەتلىرىدە مەھەللە، ھويلا-ئاراملارغا مىۋىلىك دەرەخلەرنى تىكىپ ھەرخىل باراڭلارنى ياساشتەك يېشىللىقنى سۈيىدىغان قىممەت قاراشلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگەئاساس بولغان.

4. ئۇيغۇر خەلق ئەپسانىلىرىدىكى تەبىئەت ھادىسىلىرى قارىشى
  ئۇيغۇر خەلق ئەپسانىلىرىدىكى تەبىئەت ھادىسىلىرى قارىشى- ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي ئېتىقاد(ئانىمىزم) قاراشلىرى بىلەن تارىختىكى ھەرقايسى ئىقتىساددىي مەدەنىيەت تىپلىرىغا خاس بولغان ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمىليىتى جەريانىدىكى، تەبىئەت ھادىسىلىرى بىلەن ئادەم  ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرى بىلەن ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدىكى تەپەككۇر پائالىيىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئۈندۈرمىلىرى، شۇنداقلا تەبىئەت ھادىسىلىرىنى چۈشىنىش ۋە ئۇلارنىڭ پاپدىلىق رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلنش توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئوبرازلىق يەكۈنى. بۇ خىل قاراشلار تارىختىن بويان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمىليىتى جەريانىدا ئىقتىساددىي تۇرمۇشنىڭ راۋجلنىشى ۋە كىشلىك تۇرمۇس جەريانىدىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ئۆزىنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى.  
« تەبىئەت دىننىڭ ئەڭ دەسلەپكى، ئىپتىدائىي ئوبيكتىدۇر. بۇ نۇقتىنى بارلىق دىنلار، بارلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخى تولۇق ئسپاتلاپ بەردى». كۆككە چوقۇنۇش-ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائى تەبئەت ئېتىقادىنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئېتىقاد شەكلى بولۇپ، كۈن، يۇلتۇز، بۇلۇت، بوران، شامال،يامغۇر، قار، چاقماقلارغا بولغان ئېتىقادنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇيغۇر خەلق ئەپسانىلىرىدىمۇ كۆك تەڭرى توغرىسىدىكى ئەپسانلەر كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسلەن:
ئۆلگىن تەڭرى توغرىسىدىكى ئەپسانىدە مۇنداق دىيىلىدۇ. «ئۆلگىن تەڭرى ئاي بىلە قۇياشنىڭ ئوتتۇرىسىدا، يۇلتۇزلارنىڭ ئۈستىدە ئالتۇن تەختلىك سارايدا تۇرىدىكەن،ئۇنىڭ تېنى ئىنسانغا ئوخشايدىكەن. كۆكتىن تۆكۈلىدىغان رەھمەت يامغۇرلىرى ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاققان شال ئىكەن. ئۆلگىن تەڭرىنىڭ يەتتە ئوغلى، توققۇز قىزى بار بولۇپ، ئۇلارمۇ ئاسماندا تۇرىدىكەن، ئۆلگېىن تەڭرىنىڭ خىزمىتىدە يەنە باشقا روھلارمۇ بار ئىكەن، بۇلار يورۇق، شولا، قار قاتارلىقلار بولۇپ، يورۇق، ئىنسانلار بىلەن ئۆلگېن ئارىسىدىكى ئالاقىچى ئىكەن، ئومۇمەن،ئولگىن تەڭرى كۆكتىكى بارلىق ئىلاھلارنى باشقۇرۇپ تۇرىدىغان تەڭرى بولۇپ، ئۇ ئالتاي سامانىستلىرىنىڭ ئېتىقادىدىكى بۈيۈك تەڭرى ئايازخان (ياراتقان) نىڭ دەل ئۆزىدۇر.»
بۇ ئەپسانە دەل ئۇيغۇرلار كۆك تەڭرىگە ئېتىقاد قىلىشقا باشلىغان مەزگەىلەردە ئىجاد قىلنغان بولۇپ، كۆك تەڭرىسى ئۆلگىننى ئاسماندىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ تەڭرىسى دەپ قاراپ، كۆككە چوقۇنۇش، كۆكنى ئۇلۇغلاش قارىشى ئىپادىلەنگەن. بۇ خىل قاراشلار كېيىنچە كۆكتىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۇلۇغلاش قاراشلىرىنىڭ پەيدا بولىشىغا ئاساس بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەۋجۇداتلار توغرىسىدا بىلىشكە ئىگە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يەنە كائىناتتىكى مەۋجۇداتلار ۋە ھەرخىل تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدىمۇ بىر قىسىم  ئەپسانىلەرئۇچرايدۇ. «ئايال تەڭرىنىڭ دۇنيانى يارىتىشى» دېگەن ئەپسانىدا مۇنداق ۋەقەلىك سۆزلىنىدۇ. «بۇرۇنقى زاماندا، ئالەمدە قۇياش، ئاي، يەر، يۇلتۇزلار پەيدا بولمىغان شۇنداقلا بىرمۇ جانلىق يوق چاغدا، پۈتكۈل ئالەمدە پەقەت بىرلا ئايال تەڭرى بولغانىكەن، ئۇنىڭ تەققى-تۇرقى ئادەمگە ئاساسەن ئوخشىسىمۇ ئەمما بويى ئادەمدىن خېلى ئېگىز ئىكەن، ئادەتتە ئۇ جىمجىت ئۇخلايدىكەن. ئەگەر ئويغۇنۇپ كېرىلسە بەدىنى پۈتكۈل ئالەمنى قاپلايدىكەن. قولىنى يايسا كائىناتنى يېپىۋالىدىكەن. كۆزىنى ئاچسا ئالەم بىردىنلا يوپيورۇق بولىدىكەن. كۆزىنى يۇمسا ئەلەم قاراڭغۇلىشىدىكەن. كېيىن ئۇ زېرىكىش ھېس قىلىپ، بار كۈچى بىلەن بوشلۇقتىكى چاڭ-توزانلارنى سۈمۈرۈپ ئاندىن كېيىن يەنە بار كۈى بىلەن سىرتقا پوۋلەپتۇ. ئۇنىڭ ئاغزىدىن ھەم يوغان، ھەم يۇمىلاق نەرسە ئۇچۇپ چىقىپ جاھاننىڭ شەرق تەرىپىگە كېتىپتۇ. بۇ بولسا قۇياش ئىكەن. ئۇ يەنە پۈۋلەپتۇ، بۇ چاغدا ئاغزىدىن ئاي چىقىپتۇ. يەنە پوۋلىگەندە يەر شارى چىقىپتۇ. ئۇ توختىماستىن پۈۋلەۋەرگەنىكەن يۇلتۇزلار چىقىپتۇ..ئايال تەڭرى بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالماي يەنە پۈۋلەپتۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاغزىدىن نۇرغۇنلىغان لاي پارچىلىرى ئېتىلىپ چۈشۈپ ئادەملەرنى ھاسىل قىپتۇ. بۇ ئادەملەر يا ماڭالماي، يا سۆزلىيەلمىگەچكە، ئايال تەڭرى يەنە پۈۋلەپ يەر شارىغا قۇرت-قۇڭغۇزلارنى ئەۋەتىپ، ئادەملەرنى ئىتتىرىپ ماڭغۇزۇشقا بۇيرۇپتۇ، ئايال تەڭرى بۇ ئادەملەرنىڭ ئاغزىغا پۈۋلەپ سۆزلىيەلەيدىغان، كۈلەلەيدىغان، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىيالايدىغان قىپتۇ. بۇ ئادەملەر بەك كىچىك بولغانلىقتىن ئايال تەڭرى بۇ ئادەملەرنى سىلاش ئارقىلىق چوڭايتىپتۇ ھەمدە ئەر-ئايال دەپ ئايرىپتۇ، ئۇلارنى ھەم يەرشارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا چېچىپتۇ، بۇ ئادەملەر كۆپىيىپ بۈگۈنكى ئىنسانلارنى ھاسىل قىپتۇ. ئايال تەڭرى يەنە ياۋايى ھايۋانلارنى، دەريا-كۆللەرنى يارىتىپتۇ. قۇرت-قۇڭغۇزلار يەيدىغان ئوزۇقلۇق تاپالماي جىن-ئالۋاستىلارغا ئايلىنىپ كېتىپتۇ. ئايال تەڭرى ئاخىرىدا يەنە ئادەملەرگە ئەقىل-پاراسەت بېرىپتۇ.»
ئەسىما ھەققىدىكى ئەپسانىدە مۇنداق دىيىلىدۇ. «ئەسىما پەرى ئاسمان مەلائىكىلىرىنىڭ پادىشاھى بولۇپ، يەتتىنچى ئاسماندا تۇرىدىكەن، تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق ھادىسىلەر مانا شۇ پەرىشتىنىڭ كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن كېلىپ چىقىدىكەن. ئەسىما پەرى كۆزىنى ئاچسا قۇياش چىقىپ، پۈتۈ كائىنات يورۇيدىكەن. ئۇ ئۇخلىسا جاھاننى زۇلمەت قاراڭغۇسى باسىدىكەن، يىغلىسا يامغۇر ياغىدىكەن، كۈلسە قار ياغىدىكەن، ئاغزىنى ئاچسا بوران چىقىدىكەن، نەپەس ئالسا شامال چىقىدىكەن، قاپىقىنى تۈرسە ھاۋا بۇزۇلىدكەن، غەزەپلەنسە يەر تەۋرەيدىكەن، قېشىنى ئاتاسا ھەسەن-ھۈسەن پەيدا بولىدىكەن.»
بۇ خىلدىكى ئەپسانىلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئالەم، يەرشارى، ئىنسان، ھايۋاناتلار، قۇرۇت-قۇڭۇزلار، دەريا-كۆللەر، ئاي، قۇياش، يۇلتۇز، قار، يامغۇر، شامال، بوران، كېچە بىلەن كۈندۈز، ھاۋارايى ۋە يەر تەۋرەش قاتارلىق تەبىئەت مەۋجۇداتلىرى ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ پەيدا بۇلىشى توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرى ۋە بىلىشلىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئوبرازلىق يەكۈنى ئۇتتۇرغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار نىڭ تەبئەتنى چۈشۈنۈش ۋە تەبىئەتكە ماسلىشىش جەريانىدا بارلىققا كەلتۇرگەن ئەنئەنۋىي تەبئەت ھادىسىلىرى قارىشىنىڭ تۈپ ئاساسى دىيىشكە بولىدۇ.
ئۇيغۇر خەلق ئەپسانىلىرىدىكى ئەنئەنىۋىي ئىكولوگىيىلىك قاراشلار ئۇيغۇر مىللىتى ئەنئەنىۋىي ئىكولوگىيە قاراشلىرىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا تۈپ يىلتىزى. بۇ خىل قاراشلارنىڭ ئۈندۈرمىلىرى ئىپتىدائىي جەمىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، ئىپتىدائىي(تەبىئەت) ئېتىقاد قاراشلىرى بىلەن تېرىكچىلىك ئەمىلىيىتىدىكى تەجرىبە-ساۋاقلار ئاساسىدا شەكىللەنگەن. بۇ خىل قاراشلار ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىي تەرەقىيات جەريانىدا، ئۇيغۇرلار ئېتىقاد قىلغان ھەرقايسى دىنلارنىڭ ئەقىدە-قاراشلىرى، بارلىققا كەلتۈرگەن ئۆزگىچە پەلىسەپىۋىي چۈشەنچىلىرى ۋە ھەرخىل ئقىتىساددىي مەدەنىيەت تىپلىرىدىكى ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنىڭ ئۆز-ئارا ماسلىشىپ بىرىكىشى ئاساسىدا تەدرىجىي بېيىپ ۋە مۇكەممەلىشىپ بارغان. ئەپسانىلىرىنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بۇلۇشتەك ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىكولوگىيە قاراشلىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئۈندۈرمىلىرىنىمۇ ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا يەتكۈزۈپ، ئۇيغۇر خەلقى ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ، تەبىئەت بىلەن ھاياتلىق ئوتتۇرىسىدىكى مۇۋازىنەتنى تەڭشەپ، ئۆز مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە قوغداشتا بەلگىلىك رول ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. دېمەك، ئۇيغۇر خەلق ئەپسانىلىرىدىكى ئىكولوگىيىلىك قاراشلارنى تەتقىق قىلىش ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىكولوگىيە قاراشلىرىنىنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش قانۇنىيىتى، مەزمونى، رولى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا يەتكۈزىلىش ئۇسۇللىرى تۇغرىسىدا بىلىشكە ئىگە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئىزاھاتلار:
جاڭ فەن :«ئىكولوگىيە فولكلورشۇناسلىقى» ، خېيلۇڭجىياڭ خەلق نەشرىياتى ، 2003- يىل،368-بەت
ئوسمان ئىسمايىل : «خەلق ئېغىز ئەدبىياتى ھەققىدە ئومومىي بايان» ، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 1998- يىل
ئوسمان ئىسمايىل : «خەلق ئېغىز ئەدبىياتى ھەققىدە ئومومىي بايان» ، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 1998- يىل
جاڭ فەن :«ئىكولوگىيە فولكلورشۇناسلىقى» ، خېيلۇڭجىياڭ خەلق نەشرىياتى ، 2003- يىل،227-بەت
ئوسمان ئىسمايىل : «خەلق ئېغىز ئەدبىياتى ھەققىدە ئومومىي بايان» ، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 1998- يىل
ئابدۇكېرىم راخمان: «ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى نەشىرىياتى، 1989-يىل،457-بەت
ئابدۇكېرىم راخمان:«ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى نەشىرىياتى، 1989-يىل،461-بەت
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: « ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىكى ئەڭ قەدىمكى تەبىئەت ئىلاھىيەت قاراشلىرى توغرىسىدا» (ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى ئىلمىي ژورنىلى، 1990-يىل1-سان،68-بەت
جاڭ فەن :«ئىكولوگىيە فولكلورشۇناسلىقى» ، خېيلۇڭجىياڭ خەلق نەشرىياتى ، 2003- يىل،276-بەت
ئابدۇكېرىم راخمان:«يىپەك يۇرتىدىكى ئەپسانە- رىۋايەتلەر» (ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى1986-يىل
ئوسمان ئىسمايىل : «خەلق ئېغىز ئەدبىياتى ھەققىدە ئومومىي بايان» ، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 1998- يىل
راھىلە داۋۇت:« قەدىكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ دەرەخكە چوقۇنۇش ئېتىقادى توغرىسىدا »(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى ئىلمىي ژورنىلى، 1990-يىل 1-سان، 78-بەت
ئابدۇكېرىم راخمان:«ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى نەشىرىياتى، 1989-يىل،557-بەت
ئابدۇكېرىم راخمان:«يىپەك يۇرتىدىكى ئەپسانە- رىۋايەتلەر»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى1986-يىل
ئابدۇكېرىم راخمان:«ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى نەشىرىياتى، 1989-يىل،454-بەت
ئوسمان ئىسمايىل : «خەلق ئېغىز ئەدبىياتى ھەققىدە ئومومىي بايان» ، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 1998- يىل
ئابلەت ئۆمەر: «ئەدەبىيات نەزىرىسى ئاساسلىرى1-قىسىم»، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى نەشىرىياتى،1997-يىل
ئابلەت ئۆمەر: «ئەدەبىيات نەزىرىسى ئاساسلىرى1-قىسىم»، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى نەشىرىياتى،1997-يىل

(بۇ ماقالە 2006-يىلى يېزىپ تاماملىنىپ، مىراس ژورنىلىنىڭ 2008-يىلىلىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان)

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 13:20:47

بىر رايوندا ياشىغان ئۇزۇن مەزگىل (3000يىلدىن كۆپ ) ياشىغان ئادەملەر توپى شۇ رايوننىڭ تەبىئىي جۇغراپىۋى مۇھىتلىرى ۋە جانلىقلار ئارسىدا بىرخىل زەنجىرسىمان مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرگەن ئېكولوگيلىك ئەڭ پەيدا بولغان.
قەدىمكى مايالىقلار ، ھىندىئانلار، ئافرىقىدىكى قەبىللىلەر، تۇۋالار، ئۇيغۇرلار،تىبەتلەر، ئېسكىموسلار بۇنىڭ تىپىك مىسالى. بايلىقلارنى تالان-تاراج قىلىش زىمىننى ئېچىش شەكلىدە ياشىغانلارنىڭ  تەبىيئەت بىلەن ئىنسانلار ئارسىدىكى ئۇنداق ئىنىچىكە مۇناسىۋەتنى ئۇيلاشقا كاللسى يەتمەيدۇ.  ياۋرۇپادىكى ئەنگىليە، ئسىپانىيە، پورتىگالىيە، فىرانسىيە ،ۋە ئافرىقىلىقلارنى قۇل قىلىپ ئەزگەن ئامىركا قاتارلىق ئاقسۆڭەك بولىۋالغان مىللەرتلەر بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ.
خۇددى « ئاۋاتار:» كىنوسىدەك.
بەت: [1]
: (كارىزى) ئۇيغۇر خەلق ئەپسانىلىرىدىكى ئىكولوگىيىلىك قاراشلار