wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 21:49:23

بالام, بالىلىغىم ۋە دادام


بالام ,بالىلىغىم ۋە دادام ~
بالامنى ئوينىتىپ ئويلىغانلىرىم
Wapadarim912

ئەسسالامۇ~ئەلەيكۇم پارەم بالام .مانا داداڭ چوڭ بولغان مەھەلە ,مانا بالىلىق ئىزلىرىم قالغان قورا .سېنى كۆرسۇن دەپ ئېلىپ كەلدىم .ساڭا بىلدۈرۈش ۋە  كۆرسىتىش ماڭا  سۆيۈملۈك پەرز .ساڭا بىرمۇ بىر سۆزلەۋاتقان بالىلىق ئەسلىمىلىرىم مېنى ھاياجانغا سالماقتا بالام :
قارا ,بۇ قۇدۇق ,مۇشۇ قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ ئىچەتتۇق ,قۇمچاقلارۋە قۇمنى سۈزۈش ئۈچۈن داكا باغلاپ قويساقلا بولاتتى . ئىچە بالام ئىچىۋال ,قۇدۇق تۇربىسىنى قولۇمدا  ئېتىپ ئىچىپ بۇرنۇمغا كىرىپ كېتىپ يۆتەلدۈرىۋەتكەن سۇدىن تونۇش بىر ھېد كەلمەكتە , بالىلىقىم كۆرۈنمەكتە مېنىڭ ,قارا بالام  ,مۇشۇ قۇدۇق ,مانا ماۋۇ يەرگە بۇندىن 20يىل بۇرۇنقى  ,11ياش ۋاقتىمدىكى سوغ قىش كۈنى كالپۇكۇم چاپلىشىپ قېلىپ ئاپام يىلىمان سۇنى قۇيۇپ ئاجرىتىۋالغان ئىدى ,كالپۇكۇمنىڭ بىر قەۋەت تېرىسى چاپلىشىپ قالغان ئىدى .
قارا بالام ,ئاۋۇ تامدىكى تۆشۈكلەرنى ,ئۇ قۇچقاچ  ئۇۋىسى ,شوتىلارغا چىقىپ  قولىمىزنى تىقىپ قۇچقاچ بالىلىرىنى  ئېلىپ ئوينايتۇق ,ئانا قۇچقاچلار كېلىپ ئەتىراپىمىزدا ئەنسىزلىك بىلەن ۋىچىرلىشىپ ئۇچۇشاتتى ,ئۇلارنىڭ ۋىچىرلاشلىرى  يەنى نالىسى بىزگە ئويۇن بولاتتى ,توۋا  ئاجىزلارنىڭ نالىسى كۈچلۈكلەرگە ئويۇن بىلىنگىنى ئۈچۈن بوۋىلاردىن ”مۆشۈككە ئويۇنۇ چاشقانغا قىيىن “ دېگەن ھېكمەت قالغان بولسا كېرەك .
بالىغىم كېلىۋاتىدۇ بالام ,چايخانىمىزغا ئۇۋا سالغان  ۋىچىر~ۋىچىر قارلىغاچلارغا قاراپ ,بويلۇرۇم تاقاشقان  ,چېچەكلىگەن ئۈزۈملەرنى چوقۇلىۋالغىلى ياماشقان باراڭ ياغاچلىرىنى سىلاپ  ,كونا قوتان تاملىرىغا  سىڭگەن  قىغ پۇراقلىرىنى ھېدلاپ بالىلىغىم كېلىۋاتىدۇ بالام ……
دادام تولىمۇ بۈيۈك ئادەم ئىكەن ,بىزدىن باشقا بىز قالمىغان ,ناتونۇش ئاۋازلار باسقان مۇشۇ مەھەلىمىزدە  بۇ قورانى تولا سوراپ كىرگەن ئالارمەنلەرگە ساتماي 10يىلدىن بېرى ئۆزى سەي~كۆكتات ئۈزۈم پەرۋىش قىلىپ كەلدى ,مەھەلىمىز چوڭ يول بويى بولغىنى ئۈچۈن قوشنىلار جايلىرىنى سېتىشىپ تۇشمۇ ~تۇشتىن مەھەلە ئىچكىرىسىگە كۆچۈشتى , مەھەلە بەك مەينەت بولۇپ كەتتى ,دادا  بۇ مەھەلە ئېلىنمايدىغان ئوخشايدۇ ساتىلى دېگىنىمىزگە رەت~رەتلەپ رەددىيە بەرگەن دادام ,ھويلىدا ئۆزىمىز ئولتۇرمىغاندىن كىيىن ئاشۇ كىچىككىنە كوكتاتلىققا ئۆي سېلىپ ئىجارىگە بېرىش تەكلىۋىمىزنى رەت قىلىپ  بىزنى يېزىچە ھەر خىل كۆكتات ئۈزۈم چۈرۈچ بىلەن تەمىنلەيدىغان  ئىشچان دادام .
بىلىمەن  بالام ,دادامنىڭ 73يىللىق ئۆمرى مۇشۇ قورادا ئۆتتى ,ئاپامنىڭ 65يىللىق ئۆمرىنىڭ كېلىن دەۋرىدىن  باشلانغان 40نەچچە يىلى مۇشۇ قورادا ئۆتتى .دادامنى  پاكىزە بىنا ,بىنا قوراسىدائازادە پائالىيەت  ئۆيى تۇرسا نىمىشقا  ھەر كۈن كۈندۈز ۋاقتىنى  2كىلومىتىر يىراقتىكى قوراغا كېلىپ ئىسراپ قىلىدىغاندۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن ,دادامنى ئۆزىگە ئۆزى جاپا سېلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن .دادامنىڭ  بوۋام ئولتۇرغان ئۆيدە  كونا ياغاچ كارىۋات ئۈستىدە كىچىك بالىدەك ئۇخلاپ كېتىشلىرى كۆزۈمگە غەلىتە كۆرۈنگەن ئىكەن .بۈگۈن چۈشەندىم بالام ,مەنمۇ دادا بولۇپ سېنى ئەگەشتۈرۈپ  سۆزلىگەنچە دادامنى چۈشەندىم .
دادام رىئاللىقنى ئۆزگەرتىشكە قادىر  ئەمەس ,ئۇنىڭ سىلەرگە جىق نەرسىلەرنى بېرەلمىدىم  دېيىشلىرىنى بۇ قورانى ساتقان پۇلدىن 7بالا ۋە ھەقدارلارغا قانچىلىك تېگىدىغانلىقىنى  دېگەن بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ  كېتىپتىكەنمەن .
دادام بۇ قورادا ~بۇ مۇقەددەس ۋەتىنىدە  73يىللىق ئەسلىمىلەرنى ,73يىللىق رىۋايەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن   ھەر قانداق بىر كۈن  چوقۇم يوقلاشنى ئادەت قىلغان ئىكەن , بۇ قورانى ھۆكىمەت  بىر تۇتاش چېقىپلا سالمىسا سېتىشنى خىيالىغا كىرگۈزۈپمۇ باقمىغان ئىكەن . 32يىللىق ھاياتىمدىكى دادامنىڭ ئەسلىمىلىرىمدە قالغان ئىش ھەركەت ۋە سۆزلىرىنى ئويلىغانچە دادامنى چۈشەنگەندەك بولۇۋاتىمەن بالام .
دادام تولىمۇ مېھرىبان ئادەم ,باشقا بوۋايلار مەھەلە پائالىيەت ئۆيىدە كورت ئويناۋاتقان  بۈگۈندە  ئۇ 13~نەۋرىسىنى بېقىپ ئاۋارە .
ئويلاپ باقسام يېتىقتا بولۇپ قالغان دادىسىنى ئۇبۇرنىدىن نېرىغا چىقماي ئىككى يىلغا يېقىن پەپىلەپ باققان دادامنىڭ  20يىلدىن بېرى 13نەۋرىنى بېقىشى ,بالىغا بۇنچە مېھىرلىك بولۇشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن ,چۈنكى ئۇ بالىجان دادام بالا ۋە نەۋرىلەرگە مۇھەببەت بېرىش ئارقىلىق رەھمەتلىك دادا ئاپىسىنىڭ ھىجران ئازابىنى بىر دەم بولسىمۇ پەسەيتىشكە تىرىشىدىكەن .
دادامنىڭ قەبرىستانلىقتا بىر قېتىم ئاپىسىنىڭ قەبرىسىدە قىرائەت قىلىۋىتىپ يىغلاپ كەتكەن ۋە ماڭا :بالام ,كېتىپ قالسام مېنى ئاپامنىڭ ئىچىگە قويۇڭلار دېيىشى ,قايسى  بىر كۈنى سىڭلىسى رىسالەت ئەتكەن گۆشناننى يەپ   ئاپىسى ئەتكەن گۆشناننى يېگەندەك ھېس قىلغانلىقى ,ئۇ ھېدتىن ئاپىسىنىڭ پۇرىقى كەلگەنلىكىنى  دەپ  كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى ……
تونۇش ھېد ئارقىلىق ئۆتمۈشنى ئەسلەش دېمەك دادامدىن ماڭا قالغان ئىكەن .
دادامنىڭ ئۈزۈم كۆكتاتلارنى تېرىشى ,ھويلىدا يەر ئاغدۇرۇپ ئوغۇت تۆككەچ دادام مۇنداق قىلغان,بۇ يەرگە پالانى يىلى ماۋۇ مېۋىنى تىككەن  دېيىشلىرى ,ئاتا~ئانىسىنىڭ تويىدىن تا ۋاپاتىغىچە ھەمراھ بولغان كونا ياغاچ كارۋاتتا خۇددى كىچىك بالىدەك تۈگۈلۈپ يېتىشلىرى خىيالىدا مېھرىبان ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا ياتقانلىقىدەك ھېسنى تېپىش ئۈچۈن ئىكەن
ئەمەسمۇ !
ھەي سۆيۈملۈك بالام ,ھەي كۆيۈملۈك دادام

بالام ,شۈكرى دەيلۇقكى بۇ قورا بۇ ۋەتەن ھېلىھەم قولىمىزدا ئىكەن ,بۇنىڭ ئۈچۈن ئەشۇ جاپاكەش دادامغا رەھمەتلەر ئېيىتساق بولغۇدەك .شۈكرى , قاغانلىرىمىز  مەڭگۈدىن مەڭگۈگە ئىز بولسۇن دەپ  مەڭگۈ تاشنى تىكلىگەن ئىكەن, شۇڭا ئۆز تارىخىمىزنى باشقا  ئەلنىڭ تەزكىرەلىرىدىن ئىزدەشكە قالمىدۇق .بۇ قورا بۇ ۋەتەنگە دائىم كېلەيلى بالام .چۈنكى دادامنىڭ دانالىقى سەۋەپلىك بالىلىقىمىزنى ئىزدەش ئۈچۈن  سېتىلغان قورالارغا كىرەلمەي  سىرىتتىن قاراپ تۇرۇپ قالمىدۇق ……
بالام  سەن كۆپ نەرسىلەرگە ئېرىشتىڭ ھەم تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەردىن مەھرۇم بولدۇڭ ,,سەن كىچىك لېكىن سەبىي ئەمەسسەن ,رىئاللىق سېنى قورقۇنچاق ,قاقۋاش ,كىچىك تۇرۇپ ھەممىنى بىلىدىغان قىلىپ قويدى .سەنچىلىك ۋاقتىمدا ئۆستەڭ سۈيىنى ئىچىپ نان چىلاپ يەيتۇق ,ساڭا ھازىر ئۆيدىكى تۇربا سۈيىنىمۇ مەينەت دەپ بېرەلمەيمىز ,باشقىلار
تەرەققىياتتىن  ماختىنىشىدۇ ,لېكىن ئاتالمىش تەرەققىياتتا ساپ ھاۋانى سۈمۈرگىلى بولمىسا ,ئۆستەڭ سۈيى ئەمەس تۇربا سۇلىرىنىمۇ  ھوزۇرلۇق ئىچكىلى بولمىسا ,يېمەكلىرى زەھەر خىمىيىۋى ئوغۇت,كىيىملىرى پاختا ئەمەس خىمىيىۋى رەڭ ۋە تالا ,توخۇلار ۋەزىپىگە تۇخۇم تۇغسا ,ئاق رەڭلىك بۇلغانما خاشۇلار يەرنىڭ قات قاتلىرىغا سىڭىپ كەتسە ,شەربەتلىرى رەڭ ,تۆمۈرلىرى يامغۇردا داتلىشىپ ئۇپراپ كەتسە …………
سەن قويدىنمۇ قورقىسەن ,سەن قوزىلار بىلەن پومداقشىپ   باقمىدىڭ ,كۈرۈك  مىكيانغا تۇخۇم باسۇرۇپ چۆجەلەرىم دەپ بېقىپ باقمىدىڭ ,سەن ھەممىدىن قورقىسەن ,چۈنكى سەندىن ئەنسىرەپ تالادا ئوينىغىلى قويمىدۇق ,كىچىك چاغلاردا ئۆيلەرگە قۇلۇپ سېلىنمايتى ,ھازىر ھەممە يەردە كۆز يەنە بالىلار يۈتۈپ كېتىشمەكتە .سېنى چەكلىدۇق ,ئانىلىرىمىز بولمىغۇر ھەركەتلىرىمىزنى يامان بولىدۇ دەپ چەكلىگەن بولسا بىز ساڭا كومپىيوتۇر بۇيرىقىدەك قىلمايسەن ,ئەتمەيسەن دەپ بۇيرۇق چۈشۈردۇق ,يامان بولىدۇلارنى ئۆزىمىز ئاستا~ئاستا ئۇنۇتتۇق ,بىز ئۆزگۈرىۋاتىمىز ,ماددى جەھەتتىن كۈنسىرى ئالدىغا ماڭدۇقۇ مەنىۋىيىتىمىز بارغانچە قۇرۇماقتا ,بىز ئاستا~ئاستا ئۆزگۈرىۋاتىمىز ,نېمە ئۈچۈن دېيەلمەيمىز ,ھايات بىزنى مەجبۇرلاشتا ئالدىغا سېلىۋالدى ,خۇددى دېھقاننى ئىش ,باشلىقنى يىغىن,ئۇيغۇرنى باغاق  ئالدىغا سېلىۋالغاندەك !
سېنى بىر بالا دەپ ئەتىۋارلىدۇق .يۆتەلسەڭ دوختۇرغا چاپتۇق ,قوي مېيىنى سۈركەپ قويسا ساقىيىپ قالاتتۇق ,سەن ھەتتاكى ھالۋىنىمۇ سېسىق پۇرايدۇ دەپ يەپ باقمىدىڭ ,چۈنكى سەن قىغدا ئويناپ باقمىغان ,ۋىروس بار ,زەھەرلىك ,مەينەت ,خەتەرلىك ……سەن نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم بولدۇڭ,ساڭا ,سېنىڭ يوقىتىۋاتقانلىرىڭغا مەن ئېچىنىۋاتىمەن . چوڭلار :ھازىرقى بالىلار  ئەقىللىق دېيىشىدۇ ,چۈنكى سەن بالىلىق مەسۈملۈكلىرىدىن ,ساددا~قىززىقچىلىقلاردىن مەھرۇم بولدۇڭ بالام !
~توختا  ۋاپادارىم توختا ,ئاغرىنىشقا بولىدۇ ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ ,توختاشقا بولىدۇكى كەينىگە يېنىشقا بولمايدۇ ,توختاش ~چېكىنىشنىڭ ۋاز كېچىشنىڭ باھانىسى بولۇپ قالمىسۇنكى تېخىمۇ چوڭ پۇختا قەدەمنىڭ تەييارلىقى بولسۇن !
يۈر بالام ,سېنى تەبىئەت  قوينىغا تاشلايمەن ,شەنبە ,يەكشەنبىلەر ئاقماس سورۇن تۈگىمەس  ئادىمىگەرچىلىكلەرگە ياق دەيدىغان ۋاقىت كەلدى ,چۈنكى چوڭلاردەك بىرسى بولمىسا بىرسى دەيدىغانغا بەش بالىمىز يوق بىزنىڭ !
بۇ ئەتىياز ,بۇ ياز ۋە بۇ كۈز ساڭا ھەمراھ بولۇپ سەھرا توپىلىرىدا يالاڭئاياغ  ماڭىمىز ,يەرگە ئۇرۇقلارنى تېرىپ  گۈل ۋە كۆكتاتلارنى پەرۋىش قىلىمىز ,قوتانلاردىن قىغ تارتىپ ئوغۇتلايمىز ,كۈرۈك توخۇ تېپىپ باسۇرۇپ چۆجىسىنى ئالىمىز ,قارلىغاچلارنى كۆزىتىمىز ,بېلىق تۇتقىلى يىراق ,بۇلغانمىغان ئۆستەڭلەرگە بارىمىز ,ئاللاھ خالىسا بىز نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىمىز ,يۈر بالام يۈر ,ۋاقىت  ئۆمۈرگە قاتىل , ئۇ بۇرۇن يىلىمىزغا بىر قاتىل بولسا ھازىر كۈنىمىزگە بىر قاتىل , ئۇ سېنى ئۆسمۈر قىلىپ قويغۇچە ئەس~ھوشىمىزنى تېپىپ تەبىئەت  بىلەن بىر جان بىر تەن بولۇپ ئوينايلى ,سەن بىر ۋاراق ئاق قەغەزسەن ,ئۆيدە بۇ قەغەزگە نېمىلەرنى سىزىش مەن ۋە ئاپاڭنىڭ ئىختىيار ۋە ھوقۇقى ,ھېچكىم ئارا تۇرالماس ,يۈر بالام قىغ چىقىرايلى ,نېمە سېسىق پۇرايدۇ دېدىڭمۇ ؟ مەيلى بالام ,بۇ سېسىق پۇراقلار كۆپ  پۇراقلاردىن پاكىزە ,بىلىپ قالىسەن .يۈر ,تەبىئەت قوينىغا سىڭىپ   ئۇنىڭ بىلەن بىر جان بىر تەن بولايلى ,تەبىئەت سېنىڭ مېنىڭ بارچىمىزنىڭ ……

2014~يىلى 5~ئاينىڭ 1~كۈنى   بورتالا ئۈرۈمچى  ئۇزۇن يولى   

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 07:19:44

ۋاپادارىم يېزىۋېرىپ شەھرى بۆرىتالاغا بىر بېرىپ كېلىش ئىستىگىنى ئويغىتىۋەتتى. ئەتراپىمدىكى بۆرىتالالىقلار ئېسىل ئادەملەر، بىر نىسىپ بولۇپ قالار.
--
دادامنىڭ  بوۋام ئولتۇرغان ئۆيدە  كونا ياغاچ كارىۋات ئۈستىدە كىچىك بالىدەك ئۇخلاپ كېتىشلىرى ...
--
ماۋۇ قۇرلارغا چىدىمىدىم...

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 09:06:34

بورتالاغا كېلىڭلار بۇرادەرلەر , ئاللاھ خالىسا خىزمەتلىرىڭلەردە بولىمىز .

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 10:03:51

بىر ساۋاقدىشىم ، ھىسابتا  ساۋاقداشلىرىم ئارسىدىكى يىقىن دوستۇمنىڭ تەكلىپ قىلشى ۋاپادارىمنىڭ قىزىقتۇرشى بىلەن مۇشۇ تەتىلدە  جىڭغا بېرىپ قالدىغان چىراي تۇرمەن جۇما مەن:)

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 19:29:25

قارشى ئالىمىز .
بەت: [1]
: بالام, بالىلىغىم ۋە دادام