ئىمپېراتۇر بابۇر شېئىرلىرىدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tadubeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-1 17:52ئىمپېراتۇر بابۇر شېئىرلىرىدىن
جانىمدىن ئۆزگە يارۇ ۋەفادار تاپمادىم،
كۆڭلۈمدىن ئۆزگە مەھرەمى ئەسرار تاپمادىم.
*
ياد ئېتمەس ئېمىش كىشىنى مېھنەتتە كىشى،
شاد ئېتمەس ئېمىش كۆڭۈلنى غۇربەتتە كىشى.
كۆڭلۈم بۇ غەرىبلىقتا شاد ئولمادى ھېچ،
غۇربەتتە سېۋىنمەس ئېمىش ئەلبەتتە كىشى.
*
ھەر كىمكى ھەيات مەجلىسىگە كىرىبتۇر،
ئاقىبەت ئەجەل پەيمانىسىدىن ئىچكۈسىدۇر.
ھەركىم تىرىكلىك مەنزىلىغە كېلىبتۇر،
ئاخىر دۇنيا غەمخانەسىدىن كېچكۈسىدۇر.
جانىمدىن ئۆزگە يارۇ ۋەفادار تاپمادىم،
كۆڭلۈمدىن ئۆزگە مەھرەمى ئەسرار تاپمادىم.
بۇ مىسرالار مېنىڭ ھازىرقى ھاياتىمغا چۈشۈدىكەن بۇ شىئىر ئەسلى نۇسخىمۇ ياكى ئۆزبىكچە شىئىرى يەشمىسىمۇ ؟ ئەجرىڭدە ئىي پەرىرۇ،كۆزۈمدىن ئۇچتى ئۇيقۇ،
ئۇيقۇ يوق تاڭغا دېگرۇ،ئىشىمدۇر ئاھۇ نالە ئەلەمدىمۇ قەلەمدىمۇ تەڭ يىتىشكەن ئادەمكەن بۇ....{:112:} زەھرىدىن مۇھەممەد بابۇر……بابۇرنامە ھەقىقەتەن يېتۈك بولغان تارىخى ئەسەر
بەت:
[1]