tashadem يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 09:59:45

تام ۋە تۇخۇم خارۇكى مۇراكامى(ياپونىيە)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tashadem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-1 10:03  

تام ۋە تۇخۇم
خارۇكى مۇراكامى(ياپونىيە)
يۈسۈپجان مۇھەممەد ئەرتۇغ تەرجىمىسى



خارۇكى مۇراكامى  1949 ياپونىيەنىڭ بۈگۈنكى زاماندىكى دۇنيـــاۋى تەسىرگە ئىگە يازغۇچىسى، 29 يېشىدىن باشلاپ يېزىقچىلىققا كىرىشكەن. «نورۋېگىيە ئورمانلىقى»، «دېڭىز بويدىكى كافكا»،«1Q84»، «ســــىدنى»، «قاش قارايغاندىن كېيىن» قاتارلىق رومانلىرى، ھېكايىلىرى، ئەدەبى خاتىرىلىـرى بار. «تام ۋە تۇخۇم» ناملىق بۇ نۇتۇقىنى ئۇ 2009-يىلى «ئېرۇسالىم مۇكاپاتى»نى تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن.
                                                     ــــ تەرجىماندىن

مەن ئىرۇسالمىغا پىروزا يازغۇچىسى سالاھىيىتى بىلەن كەلدىم. بۇ گەپنى باشقىچە ئۇسۇل بىلەن دېسەك، مېنىڭ كەسپىم ناھايتى قاملاشتۇرۇپ يالغان گەپ توقۇش.
ئەلۋەتتە، يالغان گەپ توقۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى يازغۇچى ئەمــەس. ھەممەيلەنگە ئايان، سىياسىيونلارمۇ ھەمىشە يالغان گەپ قىلىدۇ. دېپلوماتلار بىلەن ھەربىيلەرمۇ يالغان گەپ قىلىدۇ. كونا ئاپتۇمۇبىللارنى ساتىدىغانلارمۇ، گۆش دۇكىنى خوجايىنلىرى بىلەن قۇرۇلۇش ساھەسىدىكـــىلەرمۇ يالغان گەپ قىلىدۇ. لېكىن يازغۇچىلار ئۇلارغا ئوخـــــــشىمايدۇ، يازغۇچىلار يالغان گەپ قىلغانلىقتىن ئەدەپ-ئەخلاق، ھەققانىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىمايدۇ. ئەكســچە، يازغۇچىلار قانچە يالغانچى بولسا شۇنچە ئالقىشلىنىدۇ، شۇنچە يۇقىرى باھاغا ئېرىشىدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟
بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، يازغۇچى ناھايتى دانالىق بىلەن يالغان گەپ توقۇش ئارقىلىق ھەقىقەتكە ناھايتى يېقىن بولغان ۋەقەلىك ئويــدۇرۇپ چىقىپ، ھەقىقەتنى باشقا سورۇنلاردىن تارتىپ چىقىرىپ، ئۇنىڭغا باشقىچە يۇرۇقلۇق چۈشۈرەلەيدۇ.كۆپىنچە ئەھۋاللاردا، ھەقىقەتنى ئۆزگەرىتمەي ئۆز پېتىچە تۇتقىلى، تەييارلىقىمىز بويىچە تەسۋىرلىگىلى بولمايدۇ. شۇڭا بىز ھەقىــــقەتنى گوللاپ، ئويدۇرما ۋەقەلىككە قىزىقتۇرۇپ، ئۇنى ئويدۇرما ۋەقەلىكنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇش شەكلى ئارقىلىق ھەقىقەتنىڭ قۇيرىقىدىن تۇتىمىز. شۇنىـــڭ ئۈچۈن بىز ئالدى بىلەن ھەقىقەتنى قەلبىمىزدە ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىمىز كېرەك. بۇ ئۇستىلىق بىلەن ھېكايە توقۇشنىڭ قىممەتلىك ماتىرىيالىغا ئايلىنىدۇ.
بىراق، مەن بۈگۈن يالغان گەپ توقۇماقچى ئەمەسمەن. بەلكى، ئۆز قابىلىيىتىمنىڭ يېتىشىچە راست گەپ قىلىمەن. مېنىڭمۇ بىر يىل ئىچــىدە يالغان گەپ قىلمايدىغان بىر نەچچە كۈنۈم بولىدۇ، بۈگۈن دەل ئاشۇنداق كۈنگە ئۇلاشقان بىر كۈنۈمدۇر.
مەن راسىت گەپنى راسىت پېتىچە دېيىشىم كېرەك. مەن ئىسرائىلىـيەگە «ئېرۇسالىم مۇكاپاتى»نى ئالغىلى كېلىشتىن بۇرۇن بىرمۇنچە كىشىلەر مېنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئەڭ ياخشىسى مۇكاپاتنى رەت قىل» دېيىشتى. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر مېنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئەگەر بۇ مۇكاپاتنى ئالغىلى كەلسەم كىتابلىرىمنى سېتىۋېلىشنى چەكلەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كىتابلىرىمنى چەكلەيغانـلىقىنى ئېيىتتى. ئۇلارنىڭ باھانىسى تەبىئىيكى بۇ قېتىمقى گازا رايۇنىدا يۈز بەرگەن قانلىق جەڭ ئىدى. قامالغان شەھەردە بۈگۈنگىچە مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تالاپەتكە ئۇچرىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تارقاتقان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى بالىلار، ياشانغانلار ۋە قو لىدا قۇرال يوق پۇقرالار ئىكەن.
مەن مۇكاپات ئۇقتۇرىشىنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن ئۆز-ئۆزۈمگە كۆپ سۇئال قويدۇم: بۇنداق ۋاقىتتا ئىسرائىلىيەگە كېلىپ ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئېلىش زادى مۇۋاپىقمۇ يوق؟ بۇنداق قىلسام مەن كىشىلەرگە تالاش- تارتىشنى قوللىغان بىتەرەپچىدەك، باستۇرۇش خاراكتىرىدىكى ھەربىي ئەۋزەللىككە ئىگە بولـغان، ۋە بۇ خىل ھەربىي كۈچىنى ئىشقا سالغان بىر دۆلەتنى ۋە ئۇنىڭ يېتەكچى سىياسىتىنى قوللىغاندەك تەسىر بېرەمدىم يوق؟ ئەلۋەتتە، مەن بۇلارنى كۈرۈشنى ئارزۇ قىلمايمەن. مەن ھەرقانداق جەڭنى، ھەرقانداق دۆلەتنى قوللىمـــايمەن. يەنە بىر جەھەتتىن، كىتابلىرىمنىڭ چەكلىنىشى مېنى خۇشال قىلمايدۇ.
بىراق، قايتا-قايتا، ئەتراپلىق ئويلىنىش ئارقىلىق مەن بۇ يەرگە كېلىشنى قارار قىلدىم. سەۋەبى، نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا سەمىمىيلىك بىلەن «بارمىسىڭىز ياخشى بولاتتى» دەپ نەسىھەت قىلدى. خۇددى نۇرغۇنلىغان يازغۇچىلارغا ئوخشاش مەنمۇ بەلكىم «مىجەزى غەلىتە» ئادەم بولىشىم مۇمكىن. كىشىلەر «ئۇ يەرگە بارماڭ»، «ئۇنداق ئىشنى قىلماڭ» دېگەنسىرى، بىراۋلار مېنى ئەسكەرىتكەنسىرى مېنىڭ بېرىپ باققۇم، قىلىپ باققۇم كەلدى، بۇ ماھىيەتتىن يازغۇچىنىڭ تۇغما خاراكتىرى. يازغۇچىلار مۇنداق بىر تۈردىكى ئادەملەردۇر: تەتۈر قويۇن مەيلى قانداق ھوۋلىسۇن، ئۇلار ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمـىسە، ئۆز قولى بىلەن تۇتۇپ  باقمىسا، ھەرگىز ئىشەنمەيدۇ.
دەل مۇشۇ سەۋەبتىن مەن بۇ يەردە تۇرۇپتىمەن. مەن كەلمەسلىكىنى ئەمەس، كېلىشنى تاللىدىم. ھېچنىمىنى كۆرمەسلىكىنى ئەمەس، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ بېقىشنى تاللىدىم. زۇۋان سۈرمەسلىكنى ئەمەس، ئاممىغا بىر مەيـــدان نۇتۇق سۆزلەشنى تاللىدىم.
كۆپچىلىككە بىر خەۋەرنى، بىر ئادەمنىڭ قەلب ساداسىنى يەتكۈزىشىمگە ئىجازەت قىلغايسىزلەر. بۇ مەن ئەسەر يازغاندا ھەر ۋاقىت قەلبىمدە ياد ئېتىدىغان بىر ئېغىز گەپ. مەن ئۇنى قەغەزگە يېزىپ تامغا چاپلاپ قويمىدىم، بەلكى، كاللامىنىڭ تېمىغا ئويۇپ قويدۇم:

ئەگەر بۇ يەردە ناھايتى مەزمۇت بىر تام بولسا، ئاۋۇ يەردە تامغا ئورۇلۇپ پارە-پارە بولۇپ چېقىلىپ كەتكەن بىر تۇخۇم بولسا، مەن مەڭگۈ ئاشۇ تۇخۇم تەرەپتە تۇرىمەن.

توغرا، تامنىڭ قانچىلىك توغرا بولۇشىدىن، تۇخۇمنىڭ قانچىلىك خاتا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەن تۇخۇم تەرەپتە تۇرىمەن. بۇنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى باشقىلار ئايرىسۇن، ۋاقىت ۋە تارىخ ئايرىسۇن. ئەگەر بىر يازغۇچى تام تەرەپتە تۇرۇپ ئەسەر يېزىپ، قانداق سەۋەب كۆرسىتىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ يەنە زادى قانچىلىك قىممىتى بولماقچى؟
بۇ ئوخشىتىش زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ، مەلۇم بىر قىسىم ئەھۋالدا بۇ ناھايتى ئايدىڭ. بومباردىمانچى ئايرۇپىلان، تانكا، راكتا، ئاق فوسـفۇر بومبىسى ۋە پىلموت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇستەھكەم تامدۇر. ئۇلار يانچىـغان، كۆيدۈرگەن، تەشكەن قۇرالسىز پۇقرالار بولسا تۇخۇم. مانا بۇ، ئوخشىـتىشنىڭ مەزمۇنلىرىنىڭ بىرسى.
پەقەت بۇلارلا ئەمەس، مەزمۇنى تېخىمۇ چوڭقۇرلىرى بار. ئويلاپ بېقىڭ. بىز ھەممىمىز بىر تۇخۇم، تەڭداشسىز روھقا ۋە بۇ روھنى ئوراپ تۇرغان ئاجىز شاكىلى بار تۇخۇم. مەنمۇ شۇنداق، سىلەرمۇ شۇنداق. ھەم بىز ھەممىمىز ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالدا بىر مەزمۇت تامغا دۇچ كېلىمىز. بۇ تامنىڭ ئىسمى بار، ئۇنىڭ ئىسمى «تۈزۈلمە». بۇ تۈزۈلمە ئەسلى بىزنى قوغدايدىغان نەرســـە ئىدى. لېكىن بەزى چاغلاردا ئۇ ئۆزبېشىمچىلىق قىلىپ بىزنى ئۆلتۈرىدۇ، بىزگە ئادەم ئۆلتۈرگۈزىدۇ. ئۇنىڭ باغرى تاش، يۇقىرى ئۆنۈملۈك، سېستىمىلىق.
مېنىڭ يېزىقچىلىق قىلىشىمدىكى سەۋەب، تېگى-تەكتـــــىدىن ئالغاندا كىشىلىك روھىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى سۇ ئۈستىگە لەيلىتىپ چىقىرىش، نۇرغا چۆمۈلدۈرۈش ئۈچۈن؛ روھىمىزنى تۈزۈلمنىڭ چەكلىمىسى كەمسىتىشىگە ئۇچراتماسلىق ئۈچۈن. شۇڭا باشتىن-ئاخىرى نۇر چۈشۈرۈش، ئاگاھلاندۇرۇش قوڭغۇرىقىنى چېكىش ھېكايىنىڭ مەسئۇلىيىتى دېگەنگە قەتئىي ئىشەندىم. ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈمنىڭ ھېكايىسىنى، مۇھەببەت ھېكايىسىنى يېزىپ كىشىلەرنى يىغلىتىش، قورقۇتۇش، كۈلدۈرۈش، مۇشۇ ئارقىلىق ھەربىر روھنىڭ ئورنىغا ھېچقانداق نەرسىنى ئالماشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش، بۇ خىل سىناقنى بوشاشماستىن ئىزچىل ئېلىپ بېرىش، دەل يازغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى. بۇ مەقسەت ئۈچۈن بىز سادقەتمەنلىك بىلەن كېچە-كۈندۈز يالغان گەپ توقۇيمىز.
ئاتام توقسان ياشقا كىرىپ بۇلتۇر يازدا ۋاپات بولدى. ئوقۇتقۇچىلىقتىن پىنسىيەگە چىققان، راھىبمۇ بولغان ئىدى. ئاسپىرانتلىقنى ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ھەربىيلىككە ئېلىنىپ جوڭگۇغا بېرىپ جەڭگە قاتناشقان ئىدى. مەن كىچىك چاغلاردا ئاتام ھەر كۈنى سەھەردە ئەتىگەنلىك تاماقتىن بۇرۇن بۇتقا قاراپ ئۇزاقتىن-ئۇزاق ئىبادەت قىلاتتى. بىر قېتىم مەن ئاتامدىن نېمىشقا ئىبادەت قىلىدىغانلىقىنى سورىسام، جەڭدە ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەر ئۈچۈن ئىبادەت قىلىىدىغانلىقىنى دېگەن ئىدى. دوست-دۈشمەن دېمەي، جەڭدە تالاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن ئىبادەت قىلاتتى. ئاتامنىڭ ئىبادەت قىلغاندىكى ھالىتىگە كەينىدىن قاراپ، ئۇنىڭ يىراقتىن كۆرۈنگەن سىماســىدا ئۆلۈمنىڭ سايىسى بارلىقىنى ھېس قىلاتتىم.
ئاتام ئۆلۈپ كەتتى، ئۇنىڭ خاتىرىسىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىىشپ يۈتتى. مەن ئۇ نىڭ زادى قانداق ئەسلىمە ئىكەنلىكىنى باشتىن-ئاخىر بىلەلمىدىم. بىراق ئۇ سىمادىكى ئۆلۈمنىڭ ھىدى مېنىڭ خاتىرەمدە يەنىلا بار. ئۇ ماڭا ئاتامدىن قالغان كىچىككىنە بىر قىممەتلىك نەرسە.
مېنىڭ سىلەرگە يەتكۈزمەكچى بولغىنىم پەقەتلا بىرلا: دۆلەت تەۋەلىكىمىزدىن، ئىرقتىن، دىندىن ھالقىساقلا ھەممىمىز ئوخشاشلا ئادەم، تۈزۈلمە دېگەن بۇ يىمىرىلمەس تامغا دۇچ كەلگەن تۇخۇم. بىز ئۇ تامغا ئۈمىدسىزلىك بىلەن قارايمىز، تام ھەقىقەتەن ئېگىز، مۇستەھكەم ۋە رەھىمسىز. ئەگەر بىزنىڭ غەلبىــگە يەنە ئۈمىدىمىز بار بولسا، ئۇ ھالدا ئۈمىد پەقەت بىزنىڭ ھەربىرىمىزدىكى روھىنىڭ تەڭداشـسىزلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىزدىن، ئوخشاش روھلارنىڭ ئۆزئارا سىڭىشىشىنىڭ ئىللىقلىق پەيدا قىلالايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىزدىن كەلگەن.
ئويلاپ باقايلى، ھەربىرىمىزنىڭ قول بىلەن تۇتقىلى تىرىك روھىمىز بار، تۈزۈلمىنىڭ يوق. تۈزۈلمىنىڭ بىزدىن پايدىلىنىشىغا ،تۈزۈلمىنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىىشغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك. تۈزۈلمە بىزنى ئەمەس، بىز تۈزۈلمىنى پەيدا قىلغان.
مېنىڭ ھەرقايسىڭلارغا دېمەكچى بولغىنىم مانا مۇشۇ.
ماڭا بۇ مۇكاپاتنى بەرگىنىڭلارغا كۆپ تەشەككۈر. دۇنيانىــڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىتابخانلىرىمغىمۇ مىڭ تەشەككۈر. مەن ئېرۇسالىمدىكى ئوقۇرمەنلەرگە رەھمەت ئېيىتماقچىمەن. مېنىڭ بۇ يەردە تۇرۇشۇم پۈتۈنلەي سىلەرنىڭ كۈچۈڭلاردىن. مەن ھەممىمىزنىڭ مەلۇم بىر نەرسىدىن ــــ ناھايتى ئەھمىيەتلىك مەلۇم بىر نەرسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ يەرگە كېلىپ ھەرقايسىڭلارغا ئىككى ئېغىز گەپ قىلىۋالغىنــىمغا ناھايتى خۇشال بولدۇم.

مەزكۇر نۇتۇق تۈمەنباغ ئۈندىدار سالونىدىن يۆتكەپ كېلىندى ھەرقانداق شەخس ۋە توربەتنىڭ رۇخسىتىمىزنى ئالماي كۆچۈرۈپ تارقىتىشى قارشى ئېلىنمايدۇ .
سالون نومۇرىمىز : Tumenbagh  
himg]4584

adilkanun يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 11:23:21

مەسلىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا قارىغاندا، توغرا ئۇسۇل بىلەن ئۇنىڭغا دادىل يۈزلىنىشنىڭ يېڭى يۈكسەكلىك يارتقىلى بولىدىغانلىقى ناھايتى ئېنىق چۈشەندۈرۈلۈپتۇ!
تەرجىمان ۋە يۆتكەپ يوللىغىچىنىڭ ئىسىل يازمىدىن بەھىرلەندۇرگىنىگە رەھمەت!

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 12:07:02

تولىمۇ ياخشى يېزىلغان نوتۇق ئىكەن، تەرجىمىمۇ شۇنداق چۈشىنىشلىك ياخشى چىقىپتۇ.

'تام' غا قارشى تۇرۇش پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ بۇرچى.

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 14:25:01

نېمىدىگەن ئۇلۇغ.

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 15:14:29

بۇ يازغۇچى مويەن بىلەن تەڭ نوبىل ئەدبىيات مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى دەپ قارالغان كىشى شۇمۇ يا؟ مەيدانى ئىنىق، جۇرئەتلىككەن ، نۇتۇقىمۇ ياخشى چىقىپتۇ. ماۋۇ مويەندەك قۇيرۇق سىيلايدىغانغا ئوبدان سىلىشتۇرما بولىدىكەن.

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 17:57:26

ئەگەر بۇ يەردە ناھايتى مەزمۇت بىر تام بولسا، ئاۋۇ يەردە تامغا ئورۇلۇپ پارە-پارە بولۇپ چېقىلىپ كەتكەن بىر تۇخۇم بولسا، مەن مەڭگۈ ئاشۇ تۇخۇم تەرەپتە تۇرىمەن.

توغرا، تامنىڭ قانچىلىك توغرا بولۇشىدىن، تۇخۇمنىڭ قانچىلىك خاتا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەن تۇخۇم تەرەپتە تۇرىمەن. بۇنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى باشقىلار ئايرىسۇن، ۋاقىت ۋە تارىخ ئايرىسۇن.

mispurqak يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 18:43:07

ئىسىل نۇتۇقتىن بەھرىمەن قىلغىنىڭىزغا رەخمەت.

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 00:45:30

تارىختىكى جەڭلەر مەدھىيلەندى، قەھرىمانلار ئۇلۇغلاندى…لىكىن كىم تالاپەتكە ئۇچۇرغان ئاددى ئادەملەرنىڭ ئازابىنى ئەسلىيەلىدى؟!
بىر جان، بىر روھ، بىر تەپەككۈر، بىر دۇنيا ئەمەسمۇ؟ جان بولسا  بۇ روھ، تەپەككۇر، بۇ دۇنيا مەھجۇت ئەمەسمۇ؟ ئىككى پۇتىمىز دەسسەپ تۇرالىغان جايلارنىڭ ھەممىسى دۇنيارىمىز ئەمەسمۇ؟ ئىككى نان يىسە تويىدىغان قورساققا نىمىگىمۇ تالىشىدىغاندىمىز…
بىرسىمىزدە كالام بار، ئاش ئاز. بىرسىمىزدە ئاش بولدى، كالام يوق! رالاشقىلى بولمامدا؟ ئاۋال تائام ئاندىن كالام دەپتىكەنغۇ كونىلار…
ئالمىش غەرىپمۇ رالىشىپ تەرىققىي قىپتىكەن، دىمەك تەرەققىي قىلىمەن دىسە چۇقۇم ئادالەتلىك ئادەملەر جەمىيىتى بۇلىشى مۇقەرەر. ئەمدى قوساق تۇيۇپ كالام قىلايمىكى دىگەندە بىز كالامدىن چىقساق ئۆزىمىزنىڭ پۇتىغا پالتا چاپقانغا باراۋەر…
لىكىن بۇنىڭغا جەريان كېتىدۇ، ئادەم ئادەمدەك ياشاش ئۈچۈن ئەمگەك قىلىش كېرەك!كۆپ قىسىم ئادەملەر ئۈچۈن ئەمگەك سۇرىنى ھﺎزىرلاش جەريانى كېتىدۇ. تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن ئادىل جەمىيەت كەيپىياتى كېتىدۇ…
ماددى جەھەتتىكى ئادىللىقنىڭ ئاخىرى كاپتالىزىمنى كومىنىزىمغا تۇتاشتۇرىشى مۇمكىن، مەنىۋى مەدىنيەتنىڭ ئاخىرى بولسا ئىسلامغا تۇتىشى مۇمكىن. لىكىن بۇنى بېسىپ ئۆتىدىغان جەريانلاردىن كۆپ قىسىم ئادەملەر چىن ھېس قىلىپ بىلەلىشى كېرەك. شۇ چاغدا ھەممە ئادەم تۇغۇلىشىدىن باراۋەر،ئەركىن بۇلۇپ تۈزۈلمە تېمى مەۋجۇت بولمايدۇ.
غەرىپنىڭ ھەقىقەتنى ئىزدەش جەريانىدىكى ئىلغار تەرەپلىرىنى شەكىلگىلا ئۆگەنسە يەنىلا چىن مەنىسىنى ھېس قىلالماي جايىدا چۆگىلەيدۇ خالاس. ئىشنى مىنىڭچە شەخىسچىلىكتىن باشلاش كېرەك.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 01:02:33

خارۇكى مۇراكامى  1949 ياپونىيەنىڭ بۈگۈنكى زاماندىكى دۇنيـــاۋى تەسىرگە ئىگە يازغۇچىسى،

بۇ يەردە توغرا بولمىغان جايلىرى باردەك قىلىدۇ،ياكى 1949 دىگەن سان بۇ ئادەمنىڭ تەخەللۇسىمۇ يا ؟ئوڭلاپ قوياڭلا تاشاخۇن.

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 11:09:52

تۇخۇم تەرەپتە تۇرۇش ئۇچۇنمۇ ۋىزدان بىلەن جۇرئەتكىتىدۇ.

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 14:27:34

windows100 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-2 01:02 static/image/common/back.gif
خارۇكى مۇراكامى  1949 ياپونىيەنىڭ بۈگۈنكى زاماندىكى دۇن ...

1949-يىلى تۇغۇلغان دېگەن سۆز چۈشۈپ قاپتۇ. ئەيىپكە بۇيرىماغلا پىرىم :P

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 14:31:35

Tepekkurchi يوللىغان ۋاقتى  2014-5-1 15:14 static/image/common/back.gif
بۇ يازغۇچى مويەن بىلەن تەڭ نوبىل ئەدبىيات مۇكاپاتىنىڭ  ...

ھەئە، شۇ يىلى نوبىلغا تەۋسىيە قىلىنغان يازغۇچى شۇ. جۇڭگۇلۇقلار بولۇپمۇ ياشلار بۇ ئادەمنىڭ ئەسەرلىرىنى ئەڭ ياقتۇرسا كېرەك. ھەريىللىق جۇڭگۇ بازىرىدىن ئېرىشكەن قەلەم ھەققى ئۈچۈن  دۆلەتكە  باج تاپشۇرغان چەتئەللىك يازغۇچىلارنىڭ تىزىملىكىدە بۇ ئادەم بىرىنچى ئورۇننى قولدىن بەرمەي كېلىۋاتىدۇ. مويەننىڭ كىتابلىرىنىمۇ بۇ ئادەمنىڭكىدەك بازار تاپمىدى جۇڭگۇدا. ئەسەرلىرىنى ئاممىباپ دەپ ياقتۇرۇپ كەتمەيتتىم ماۋۇ نۇتۇقىنى كۆرگەندىم كېيىن ئوقۇشقا تېگىشلىك ئىكەن دەپ كىتابلىرىنى ئوقۇۋاتىمەن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-5-5 04:29:50

ياقتۇرمايمەن دەيسەن،سىنىڭ ئۇسلۇبىڭ بىلەن ئوخشىشىپ قالىدىغان تۇرسا:lol

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-5-5 07:14:22

ئەگەر شۇنداق بولسا مۇكاپات مويەنگە راستىنلا زايا كېتىپتۇ. ئۆز مىللىتىنى مەركەز قىلىشتىن قەدەم بولسىمۇ ھالقىپ ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانى ئۈچۈن سۆزلىيەلمىسە ھە ...

غەرىپلىكلەردە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ئاجىزلىشىپ كېتپ بارغاندەك ... يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى باشلاندىمۇ -يا.

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2014-5-5 08:18:17

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2014-5-5 04:29 static/image/common/back.gif
ياقتۇرمايمەن دەيسەن،سىنىڭ ئۇسلۇبىڭ بىلەن ئوخشىشىپ قا ...

:lol

endecha يوللانغان ۋاقتى 2014-6-14 10:20:12

بۇ ئادەمنىڭ «دېڭىز بويىدىكى كافكا» دېگەن ئەسىرىنى بەك ياخشى كۆرىمەن!
بەت: [1]
: تام ۋە تۇخۇم خارۇكى مۇراكامى(ياپونىيە)