tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 09:04:23

ئەسقەلىيبىيوس باشچىلىقىدىكى سەككىز مەشھۇر تېۋىپ

ئەسقەلىيبىيوس باشچىلىقىدىكى سەككىز مەشھۇر تېۋىپ تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
ئەسقەلىيبىيوس ؛ قەدىمكى پەيلاسوپلار ۋە تېۋىپلار يۇنانلىق ئەسقەلىيبىيوسنىڭ تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنغان تىۋىپ  ئىكەنلىكىنى ھەم ئۇنىڭ تەجرىبە ئاساسىدا تۇنجى قېتىم تېبابەت توغرىسىدا سۆز ئاچقان كىشى ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن.

سىجىستانلىق مەشھۇر لوگىكاشۇناس شەيخ ئەبۇ سۇلايمان مۇھەممەد ئىبنۇ تاھىر ئىبنۇ بەھرام ‹‹ئىزاھلار›› ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:‹‹كىشىلەر ئەسقەلىيبىيوس ئىبنۇ زىيوسنىڭ روھانى سۈپەتتە تۇغۇلغانلىقىنى ، ئۇنىڭ تېبابەت پىشىۋاسى ۋە نۇرغۇنلىغان پەيلاسوپلارنىڭ ئاتىسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشىدۇ،

ئىقلىيدىس، ئەپلاتون، ئارىستوتىل، بۇقرات ۋە نۇرغۇنلىغان يۇنانلىقلار ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىندۇر. بۇقرات بولسا ئۇنىڭ 16- ئەۋلادى ،يەنى ئۇنىڭ 16- جەمەت ئەۋلادى.

ئىككىنچىسى: غورس ، ئۇ 47 يىل ياشىغان ، بۇنىڭدىن 17 يىل سەبىيلىك ۋە ئوقۇغۇچىلىق دەۋرى، قالغان 30 يىل تەلىم بېرىش دەۋرىدىن ئىبارەت. ئەسقەلىيبىيوس بىرىنچىدىن غورسكىچە 850 يىل ئۆتكەن .

ئۈچىنچىسى: مىينىس، ئۇ 84 يىل ياشىغان ،64 ياشقا كىرگۈچە ئىلىم ئۆگەنگەن، 20 يىل تەلىم بېرىش بىلەن مەشغۇل بولغان ، غورس ۋاپاتىدىن مىينىس تۇغۇلغانغا قەدەر 560 يىل ئۆتكەن.

تۆرتىنچىسى:بىرماندىس، ئۇ 40 يىل ئۆمۈر كۆرگەن. 25 يىل ئۆسمۈرلۈك ۋە ئۆگىنىش دەۋرى، 15 يىل تەلىم بېرىش دەۋرىدىن ئىبارەت. مىينىس ۋاپاتىدىن بىرماندىس تۇغۇلغانغا قەدەر 715 يىل ئۆتكەن.

بەشىنچىسى: ئەپلاتون، ئۇ 60 يىل ياشىغان . 40 يىل ئۆسمۈرلۈك ۋە ئوقۇش دەۋرى، 20 يىل تەلىم بېرىش دەۋرىدىن ئىبارەت. بېرماندىس ۋاپاتىدىن ئەپلاتون تۇغۇلغىچە بولغان ئارىلىق كىتابتا بېرىلمىگەن.

ئالتىنچى: ئەسقەلىيبىيوس ئىككىنچى، ئۇ 110 يىل ياشىغان ، 15 يىل ئۆسمۈرلۈك ۋە ئوقۇش دەۋرى، 95 يىل ئوقۇتۇش ۋە تەلىم بېرىش دەۋرىدىن ئىبارەت.

ئەسقەلىيبىيوس ئىككىنچى ئىلگىرىكى تېۋىپلارنىڭ قاراشلىرى توغرىسىدا قايتىدىن پىكىر يۈرگۈزۈپ  ، ئەپلاتوننىڭ قاراشلىرىنىڭ ئەڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى ۋە شۇ بويىچە يول تۇتۇپ ماڭدى.

ئۇ ۋاپات بولغاندا ئۇرۇق تۇغقانلىرىدىن تەركىب تاپقان ئۈچ شاگىرتىدىن باشقا تېۋىپ يوق ئىدى. بۇ ئۈچ شاگىرت بۇقرات ئىبنۇ ئىراقلىيدىس، ماغارىينىس ۋە ئەرخىسلاردىن ئىبارەت.

ئەسقەلىيبىيوس ئىككىنچى ۋاپات بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ماغارىينىس بىلەن ئەرخىس ئارقا-ئارقىدىن ۋاپات بولدى. بۇقرات بولسا ئۆز زامانىدىكى يەككە –يىگانە تەڭداشسىز تىۋىپقا ئايلىنىپ تېبابەت ساھەسىدە ئۈلگە خارەكتىرلىك شەخسكە ئايلانغان.

بۇقرات ھەكىم ئەسقەلىيبىيوس باشچىلىقىدىكى سەككىز مەشھۇر تېۋىپنىڭ يەتتىنچىسى. ئۇ 95 يىل ئۆمۈر كۆرگەن بولۇپ ،16 يىل ئۆسمۈرلۈك ۋە ئوقۇش دەۋرىنى ، قالغان 79 يىل  ئىزدىنىش ۋە ئوقۇتۇش دەۋرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن.

يەتتىنچىسى: بۇقرات،ئۇ 95 يىل ئۆمۈر كۆرگەن بولۇپ ،16 يىل ئۆسمۈرلۈك ۋە ئوقۇش دەۋرىنى ، قالغان 79 يىل  ئىزدىنىش ۋە ئوقۇتۇش دەۋرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن.

سەككىزىنچىسى: جالىنۇس، ئۇ 85 يىل ياشىغان بولۇپ، 17 يىلى ئۆسمۈرلۈك ۋە ئوقۇش دەۋرى ، قالغان 68 يىلى ئۆلىمالىق ۋە تەلىم بېرىش بىلەن ئۆتكەن.
ئەلقانۇن فىتتىبتىن ئېلىندى.
http://www.4tadu.com/?p=1084

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 17:59:53

ھازىرنىڭ ئۆزىدە ھاياتلاردىن كىملەرنى تىبابەت ئالىمى،داڭلىق ھەكىم دىيەلەيمىز؟
تادۇبەگ بولسا مۇشۇ داڭلىق تىۋىبلارنىڭ قايسى كېسەللەرنى داۋالاشتا «مۇتەخسس“ئىكەنلىكىنى ،چىرايلىق لەقەملەر بىلەن
مەسلەن مامۇت سىتى..دېگەنگە ئوخشاش ئاتالغانلىقىنى دەپ بەرسىڭىز؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 19:07:39

بۇ سوئالىڭىزغا ھازىرقى بىلگىنىم بىلەن  تولۇقراق مەلۇمات بىرەلمەسلىكىم  مۇمكىن، مۇنبەردىكى ھەزرىتىمنىڭ بىلىدىغانلىرى كۆپ.
مەنمۇ بىلىشىمچە قالدۇرۇپ تۇراي.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 19:11:58

بۇ تېۋىپلارنىڭ يىل دەۋرىنى پەرەز قىلىپ باقسام ، ئەڭ كېمىدە مىلادىدىن 2600-3500 يىل بۇرۇن ياشىغان ئىكەن.

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 10:23:20

ھازىرقى زاماندىكى داڭلىق تېۋىپلاردىن ، مۇتەخەسىسىلىك ساھەسىدىن  بىلگەنلىرىمىزنى يوللىغان بولساق، نەق پايدىسى تېگەتتى.
بەت: [1]
: ئەسقەلىيبىيوس باشچىلىقىدىكى سەككىز مەشھۇر تېۋىپ