30-ئاپرېل خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسى ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى خەۋىرى
ئۇيغۇر ۋاسكىتبول تورىنىڭ 30-ئاپرېل خەۋىرى؛ 2014-يىلى4-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچ، خوتەن ۋىلايەتلىك ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتى، خوتەن ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتى تەشكىللىگەن « خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » خوتەن شەھرىدىكى خوتەن ۋىلايەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پەن تىخنىكا مەدىنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەت مەرگىزى ۋاسكىتبول مەيدانىدا داۋاملىق ئىلىپ بىرىلدى.
بۇ قىتىمقى ئەل ئىچى تەكلىپ مۇسابىقىسىگە، يىقىندا دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تاللانغان، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، پەخىرلىك ئۇيغۇر ۋاسكىتبول چولپانىمىز شىرئەلىجان مۇختەر، قىرغىز يىگىتى قىرانبەك، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى مەردان تۇرسۇن، شەنشى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئۇيغۇر ئەزاسى مۇرات ئادىلجان، قاتارلىق داڭلىق ۋاسكىتبولچىلىرىمىز تەكلىپ قىلغان كوماندىلارغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشتى.
بۈگۈن كەچ ئىلىپ بىرىلغان ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە قىرغىز يىگىتى قىرانبەك يىتەكچىلىگىدىكى خوتەن دىلپاك كوماندىسى 104- 71 نەتىجە بىلەن شىنجاڭ بايتۇرا كوماندىسىنى ، شىرئەلىجان مۇختەر، مۇرات ئادىلجان، خەنلىي يىتەكچىلىگىدىكى ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتى كوماندىسى 74-53 نەتىجە بىلەن خوتەن پىداگوگىگا ئالى تىخنىكومى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.
ئىگەللىنىشىچە؛ بۇ قىتىمقى مۇسابىقە ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بۇيىچە كۈلىمى چوڭ، سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقۇرى بولغان ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى بۇلۇپ قالىدىكەن.
مۇسابىقە ۋاقىت ئۇرۇنلاشتۇرۇشى ئۇرۈمچى ۋاختى ئەتتىگەن سائەت 00؛9 -00؛12 غىچە ئىككى مەيدان، چۈشتىن كىيىن 00؛2-00؛5 غىچە ئىككى مەيدان، كەچ 00؛7 - 30؛10 غىچە ئىككى مەيدان، پۈتۈن كۈندە جەمئى 6 مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بىرىلىدىكەن.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php
خوتەن ئۇدۇن لوڭقىسى ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى 30-ئاپرېلدىكى سېن فىلىمى
http://player.56.com/v_MTEzMTQ2NjIw.swf
http://player.56.com/v_MTEzMTUwNTk4.swf
http://player.56.com/v_MTEzMTQ2MjM3.swf
بەت:
[1]