سېغىنىش (ئىپارئاي)
ئىزدىنىشنى مارىمىغىلى ئۇزۇن بولۇپ كىتىپتۇ، سەۋەبىنى ئالدىراشلىق تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىگە ئارتىپ تۇراي. كەلسەممۇ قۇرۇق كەلمىدىم ئىشقىلىپ، تۈن نىسپىدە ئاز تولا بىرنەرسىلەرنى جىجىلاپ باقتىم. تېلفۇندا يېزىۋاتقاچقا خەت شەكلى نورمال كۆرىنەمدۇ بىلمىدىم...
سېغىنىش
تۈن باغرىغا ئېسىلىپ مەشۇق،
چۈشىدىكى ئاشىقنى ئىزدەر.
سوراپ ئۈنسىز يارى ھالىنى،
كۆكتە ئۈزگەن ئايغا تەلمۈرەر.
چانىقىدا لىغىرلايدۇ ياش،
ئېسەدەيدۇ سۇلغۇن چىرايى.
سېغىنىشى يېتىپ ئەۋجىگە،
سىلكىنىدۇ نازۇك گەۋدىسى.
كۈلۈمسىرەپ بارار ئۇيقىغا،
قارچۇقىدا مۇڭلۇق بىر سىيما.
ئەسلىمىلەر تارتسا قوينىغا،
ھالرەڭ مەڭزى يىلىنجار گويا.
يىراقتىكى ئاشىقى بەلكىم،
ئوقۇۋاتقاندۇ ئۇ يازغان خەتنى.
سېغىنىش ھەم زارىقىش ئىچرە،
تەسەۋۋۇر قىپ دىلبەر چېھرىنى.
ئىككى جايدا ئاشىق ۋە مەشۇق،
تىلىشىدۇ ئامانلىق، بەخت.
پىنھانلاردا سىردىشىپ ھامان،
رىشتىسىدىن ياسايدۇ تەخت.
----- ئىپارئاي ئا ئۈچىنچى مىسرا«يارنىڭ ھالىنى»بولۇشى كېرەكمۇ قانداق.
قوللايمەن.
تازا راۋان چىقماپتۇ . ئىملادا خاتالىق كۆپ.
سۆزۈم ئېغىر كەتسە ئالدىن ئۆزرە. تازا ئېغىر تىمىلار ئەدەمنى بېسۋالغاندا مانداق يىنىك شۇشەن تىمىلار بىر دەم بولسىمۇ جانغا ئارام بەخىش ئىتىدىكەن {:112:} ئىككى جايدا ئاشىق ۋە مەشۇق،
تىلىشىدۇ ئامانلىق، بەخت.
پىنھانلاردا سىردىشىپ ھامان،
رىشتىسىدىن ياسايدۇ تەخت
تىلى يېنىك چىقىپتۇ،ماڭا بۇ مىسرا ھەممىدىن بەك يارىدى، تېما ئېگىسىگە رەھمەت
بەت:
[1]