bozqir يوللانغان ۋاقتى 2014-4-30 17:14:21

[بوزقىر] جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا يادرو ئۇرىشى قىلسا

رۇسىيە تاراتقۇسى  : جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا يادرو ئۇرىشى قىلىپ
قالسا جۇڭگو بىر سائەتكىمۇ پايلىمايدۇ   
      
      
    [يەر شارى تورىنىڭ ئۇنۋېرسال خەۋىرى] گە قارىغاندا ، رۇسىيەنىڭ « مۇتەخەسىسلەر» ژۇرنىلىغا سېرگىي جىھانوفنىڭ « جۇڭگو سىتراتېگىيىلىك يادرو كۈچىنى قانداق بەرپا قىلىشى كېرەك ؟ »ناملىق بىر ماقالىسى  بېسىلغان بولۇپ ، ماقالىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەردىن تەركىپ تاپقان :
      
   جۇڭگو ھازىرمۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-، 60-يىللاردىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەمىنلىگەن كونا تېخنىكىلار ۋە 90-يىللاردىكى مالىمانچىلىق يىللاردا رۇسىيە مۇتەخەسىسلىرى سېتىپ بەرگەن تېخنىكىلارنى « يەۋاتىدۇ» .
      
     بېيجىڭ ھازىرغا قەدەر قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋادىن ئىبارەت ئۈچنى بىر گەۋدە قىلغان يادرودىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلالمىدى. نىشانغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرەلەيدىغان يادرو قورال-ياراغ ئامبىرىمۇ يوق. مۇبادا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا راستىنلا يادرو ئۇرىشى پارتلاپ قالسا جۇڭگو بىر سائەتكىمۇ بولۇشالمايدۇ. بۇ بىر رېئاللىق.
      
         جۇڭگونىڭ سىتراتېگىيىلىك يادرو كۈچى ھازىرغا قەدەر ئاددىي ۋە قوپال ھالەتتىكى قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن تەركىپ تاپقان . ئەڭ ئىلغار بولغان « شەرىق شامىلى»-31 تىپلىق ۋە  « شەرىق شامىلى»-31 –ئا تىپلىق قاتتىق جىسىمنى يېقىلغۇ قىلغان ماتورلۇق باشقۇرىلىدىغان بومبىسىنىڭمۇ مۇساپىسى چەكلىك بولغاننىڭ ئۈستىگە ئاران بىرلا يادرو ئوق بېشىنى ئېلىپ ئۇچالايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ باشقۇرىلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ ، دېگەن گەپ چەك باسمايدۇ. ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ئېغىر بولغان  « شەرىق شامىلى »-5 تىپلىق باشقۇرىلىدىغان بومبا ئامېرىكىنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنلىرىغا بارالىغان بىلەن ئۇ غايەت چوڭ بولغىنىغا يارىشا ئىنتايىن ئاجىز ھالەتتىكى سۇيۇق جىسىملىق باشقۇرىلىدىغان بومبا بولغاچقا قويۇپ بېرىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىگىمۇ كەم دېگەندە ئىككى سائەت ۋاقىت كېتىدۇ. يەنە كېلىپ  « شەرىق شامىلى »-5 تىپلىق باشقۇرىلىدىغان بومبىنىمۇ ھەقىقى قىتئەلەر ئارا باشقۇرىلىدىغان بومبا دېگىلى بولمايدۇ . ئۇنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرۈپ ئۆزگەرتىپ ياسالغاندىن كېيىنكى مۇساپىسى 5 مىڭ 500 كىلومېتىر بولۇپ، ئامېرىكا زېمىنىغا يېتىپ بارالمايدۇ.
      
    ماقالىدە يېزىلىشىچە ،  جۇڭگونىڭ « شەرىق شامىلى »-31 تىپلىق باشقۇرىلىدىغان بومبىسىنىڭ مۇساپىسى 8000 كىلومېتىر بولۇپ ، ئامېرىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى شەھەرلەرگە يېتىپ بارالايدىكەن. جۇڭگونىڭ « شەرىق شامىلى »-31-ئا تىپلىق باشقۇرىلىدىغان بومبىسى تۇنجى ھەقىقى باشقۇرىلىدىغان يادرو ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ ماتور شەكلىدە، مۇساپىسى 11 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدۇ، يادرو ئوق بېشىمۇ بار. بۇ ئامېرىكىنىڭ تېنىچ ئوكيان قىرغاقلىرىدىكى لوس-ئانجىلىس قاتارلىق شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە باشقۇرىلىدىغان بومبا بولسىمۇ ئەمما ، جۇڭگونىڭ بۇنداق باشقۇرىلىدىغان بومبىلىرى كۆپ ئەمەس. ئاران 10 ى بار. ئەمما ئامېرىكىنىڭ بۇنداق باشقۇرىلىدىغان بومبىسى 2 مىڭدىن ئاشىدۇ. شۇڭا بۇلار ئامېرىكىغا زور تەھدىد ئېلىپ كېلەلمەيدۇ.
      
       مۇتەخەسىسلەر جۇڭگونىڭ سىتراتېگىيىلىك يادرو كۈچىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا قارىتا ئىنتايىن پاسسىپ پوزىتسىيىدە بولماقتا . ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ قانچىلىق باشقۇرىلىدىغان بومبىسىنى توسالايدىغانلىقىغا قارىتا كارسېن مۇنداق دەيدۇ : « جۇڭگو ھازىرغا قەدەر كۆپ ئوق بېشىلىق باشقۇرىلىدىغان بومبىنى ياسىيالمىدى. ئۇلاردا يالغان نىشانلار ھەققىدە ئۆزگىچىە تەرەپلەر بار. مۇنداقچە ئېيىتقاندا ، جۇڭگونىڭ سىتراتېگىيىلىك باشقۇرىلىدىغان بومبىلىرى  مەلۇم بويۇملارنى بەلگۈلەنگەن نىشانغا توغرا ياتكۈزۈشكە تامامەن كاپالەتلىك قىلالايدۇ. ئەمما، ئامېرىكا ئالدىن قول سالسىلا جۇڭگونىڭ زور كۆلەمدىكى ئىلغار زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى ۋەيران قىلىۋېتەلەيدىغانلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ. يېرىمدىن كۆپ  ھالەتلەر جۇڭگوغا پايدىلىق ئەھۋال ئاستىدا ، جۇڭگونىڭ ئايرىم باشقۇرىلىدىغان بومبىلىرى ئامېرىكا زېمىنىغا بارالىشى مۇمكىن. ئەمما ، پۈتۈن ئىمكانىيەت بويىچە ئېيىتقاندا ، بىرمۇ باشقۇرىلىدىغان بومبىسى ئامېرىكىغا بارالمايدۇ » .   
      
     ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا جۇڭگو رۇسىيەنىڭ تېخنىكىسى ئاساسىدا « شەرىق شامىلى »-41 ئېغىر تىپلىق قاتتىق جىسىمنى يېقىلغۇ قىلغان ماتورلۇق باشقۇرىلىدىغان بومبا تەتقىقات پىلانىنى يولغا قويغان . ئۇنىڭ مۇساپىسى 14 مىڭ كىلومېتىر بولۇپ، 10 يادرو ئوق بېشىنى ئېلىپ ماڭالىسىمۇ ئەمما ، ئۇنى يەنە 20 -30يىلدىن كېيىن ئۇرۇشتا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
      
     ئەن-ئەنىۋى ئۈچنى بىر گەۋدە قىلغان باشقۇرىلىدىغان بومبا قىسمى ، سۇ ئاستى كېمىسى ۋە سىتراتېگىلىك ھاۋا ئارمىيىسدىن جۇڭگو پەقەت بىر خىلىنىلا قۇرۇپ چىقالىدى. جۇڭگونىڭ سىتراتېگىلىك  باشقۇرىلىدىغان بومبا سەپلەنگەن يادرو سۇ ئاستى كېمىسىدىكى باشقۇرىلىدىغان بومبىنىڭ مۇساپىسى 17 مىڭ كىلومېتىرغا يەتسىمۇ ئەمما ، سەپلەش تېخنىكىسى قالاق بولغاچقا ئەزەلدىن ئۇرۇشقا كىرىپ باقمىدى. بىرىنچىدىن ، توختىماي كاشىلا كۆرۈلىدۇ ، ئىككىنچىدىن ،شاۋقۇنى- ئاۋازى بەكلا يۇقۇرى . مۇبادا بۇنى ئوت ئالدۇرسىلا ئەتراپتىكىلەرنىڭ سېزىپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ . ھازىر جۇڭگو يېڭى ئەۋلاد يادرو كېمىلىرىنى ياساشقا باشلىدى. ئۇنىڭغا سەپلەنگەن باشقۇرىلىدىغان بومبىنىڭ مۇساپىسى 8000كىلومېتىرغا يېتىدۇ. مانا بۇ 094 تىپلىق يادرو كېمىسىدۇر. بەش بۈرجەكلىك بىنانىڭ باھاسىغا قارىغاندا ، ئۇنىڭ تېخنىكىلىق ئىقتىدارى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 70- يىللارنىڭ دەسلىپىدىكى يادرو كېمىسىنىڭ سەۋىيىسىگە باراۋەر ئىكەن. شاۋقۇن سەۋىيىسى بولسا 2-ئەۋلادنىڭكىگە يېتىدىكەن. رۇسىيە ۋە ئامېرىكا بولسا ھازىر ئاللىقاچان 5-ئەۋلادقا قەدەم قويۇپ بولدى.
      
      مۇشۇ پاكىتلارنى ئويلاشقاندا ،  بۇ سۇ ئاستى كېمىسى ھازىرغىچە پۈتمىدى. كەم دېگەندىمۇ بەش يىلدا پۈتىشى مۇمكىن. شۇڭا ، دېڭىز تېرىتورىيىسىنى يادرو ئارقىلىق كونتۇرۇل قىلىشتا جۇڭگو ئامېرىكىغا كۈچلۈك تەھدىد شەكىللەندۈرەلمەيدۇ.      
      
       ھاۋا ئارمىيىسىنى ئېلىپ ئېيىتساق ئەھۋال كىشىنى تېخىمۇ غەمگە سالىدۇ. جۇڭگونىڭ يادرو قۇراللىرى بىلەن قۇراللانغان پولكىدىن ئاران بىرسىلا بار. ئۇنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنى « سۈرەت» -16 تىپلىق سەپتىن قالغان بومباردىمانچى ئايرۇپىلانلاردۇر ، خالاس.        
      
           ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلىدۇ : « جۇڭگو 30 يىلدىن بۇيان كىچىك تىپتىكى يادرو ئوق بېشىنى تەتقىق قىلىپ ياسىيالمىدى. چۈنكى ، بۇنىڭغا مەخسۇس ئوق-دورا ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى كېتىدۇ » .
      
         تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن بوزقىر قىسمەن قىسقارتىپ تەرجىمىلىدى:
      
      
http://mil.huanqiu.com/observation/2014-01/4778484.html

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 12:08:45

ماۋۇ ماقالىنى جۇڭگۇلۇقلار پۇل بېرىپ يازدۇردىمۇ ياكى جۇڭگۇ بىلەن روسىيەنىڭ تىلى بىريەردىن چىقىۋاتامدۇ. مۇشۇنداق 'جۇڭگۇ قەغەز يولۋاس' دەيدىغان نوقتىنەزەرلەر ئامرىكىنى ناركوز قىلىپ جۇڭگۇغا تەرەققىيات پۇرسىتى بېرىۋاتىدۇ. يامان ھە ، يامان.

Turker يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 13:39:48

بىر تۇرۇپ: «جۇڭگو ئۇنداق يامان بۇنداق يامان، جۇڭگو شۇنداق قاراپ قويسا ئامېرىكىدىن تارتىپ ياپونغىچە قورقۇپ جېنى چىقىپ كېتىدۇ، يېقىلىپ ھوشىدىن كېتىدۇ، تېزلىنىشقا ئۈلگۈرمەي ئاكا دەيدۇ» دەۋاتقان. بىر تۇرۇپ بىز جۇڭگو ئۇنداق ئاجىز، مانداق قالاق دەپ مېزىنى چۇۋىغان.
لېكىن بۇنىڭ ھەممىسى پىسخىكا ، گەپ ئۇرۇشلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇنداق چۆكتۇرگەن، ئۇچۇرۇدىغان نەرسىلەرگە ئامېرىكىمۇ، روسىيەمۇ، ھەتتا جۇڭگومۇ ئىشەنمەيدۇ

jasur58 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 14:03:00

مەن بەزى خەنزۇچە بىكەتلەردىكى خەۋەرلەرگە قارسىام قىرغۇچى 18 ئامرىكىنىڭ چوڭ سرىق ھەرە ناملىق ئايروپىلانىغا،  قىرغۇچى 20  ۋە قىرغۇچى 30 بەلگىلىك ئايروپىلارنلار ئامرىكىنىڭ f-22  ۋە f-35 غا تەڭ كىلىدۇ ۋە ئىشىپ كىتىدۇ. قىرغۇچى 30 بەلگىلىك ئايىروپلانننىڭ بەزى ئىقتىدارلىرى f-35 دىن كۆپ ئۈستۈن، بەشبۇرجەك بىنادىكىلەرنى سوغۇق تەر باستى دىگەنگە ئوخشاش خەۋەرلەر كۆپقۇ.... يەنە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە نەچچە مىڭ كىلومىتىر يەرگە بارالايدىغان بومبىلار ئاشكارىلانغاندىن كىيىن ياپونىيە تەشۋىشىكە. ئامىرىكا غەمگە چۈشتى دىگەن خەۋەرلەرمۇ بار.  بۇ گەپلەر ئىشەنچىلىكمۇ يا بۇ ئۆزىنى ماختاپ باشقىلارنى چۈشۈرگەن خەۋەرلەرمىدۇ....

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 15:15:30

jasur58 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-1 14:03 static/image/common/back.gif
مەن بەزى خەنزۇچە بىكەتلەردىكى خەۋەرلەرگە قارسىام قىرغ ...

:lol ;P :D

kuchtunggur يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 16:22:02

بىرچاغدا ئامېرىكىلىق بىر گېنېرالنىڭ«ئەگەر جۇڭگو بىلەن ئۇرۇشۇپ قالساق،شىئەننىڭ شەرىقىدىكى جۇڭگوزىمىنىنى خارابىلىققا ئايلاندۇرىۋېتەلەيمىز»دىگەن گېپىگە قارىتا ئازاتلىق ئارمىيىنىڭ بىر گېنېرالىنىڭ«بىزمۇ ئامېرىكا زىمىنىنىڭ 80%نى خارابىلىققا ئايلاندۇرىۋېتەلەيمىز»دەپ يۈرگىنىنى توردا كۆرۈۋىدىم.
ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ بىۋاستە ئۇرۇشۇپ قېلىشىنىڭ ئېھتىماللىغى ئىنتايىن تۆۋەن،ئەگەر ئۇرۇشۇپ قالدى،دىگەندىمۇ ھەر ئىككلا تەرەپنىڭ جەڭمەيدانىدا يۈزمۇيۈز تۇتۇشىشى ناتايىن،ئارىدىكى ۋاكالەتچىلەر ئۇرۇشۇپ قېلىشى مۈمكىن،(شىمالى كورىيە بىلەن جەنۇبى كورىيە)ئەمما ئۇنداق ئۇرۇشلارمۇ ناھايىتى قىسقا ۋاقىتتىلا قىسمەن دائىرىدە تىزگىنلىنىشى مۈمكىن.
بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بىۋاستە ئۇرۇشۇش ئېھتىماللىغى يوق دىيەرلىك.
مۇنۇ ۋلادمىر(دۇنيانى بويسۇندۇرغۇچى)پۇتىنجان غەرىپنىڭ ئىمبارگوسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگونى يېنىغا تارتىشنى مەخسەت قىلىپ«ئۇكا،سېنىڭ قوراللىرىڭ ئاۋۇ گۇيلارنىڭكىگە يەتمەيدۇ،مەن تەرەپتە تۇرساڭ قانچىلىك پايدا ئالىدىغىنىڭنى دەڭسەپ كۆر»دەپ بىشارەت بىرىۋاتقىنى.
دۇنيادا جۇڭگوبىلەن ئامېرىكىنىڭ بىۋاستە ئۇرۇشۇپ قېلىشىنى كېچە كۈندۈز نالە قىلىپ تۇرۇپ تىلەيدىغىنى مۇشۇ رۇسلار.جۇڭگو ئامېرىكائىككىسى تۇتۇشسا ھەر ئىككىسى بىراقلا ھالاك بولىدۇ،دۇنيا رۇسلارغا ئوڭچە قالىدۇ،پۈتۈن دۇنيا موسكىۋانىڭ ئالقىندا چۆرگىلەيدۇ.

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 20:45:44


شۇنداق بولسىمۇ مەيلىتى جۇما  .... ئامىركنىڭ ئەدىبىنى بىر  بىرىپ قويساق بۇلتى
:P
بىر  ئۇرۇشۇپ قويسا يامان كتەمدۇ ... ئۇرۇش  خورلىقنى بىزلا تارتىپ كەتمەيلى ....

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 21:11:31

بەزى يەرلەردە دىيىلىشچە سوۋىت ئىتپاقى پارچىلانغاندىن كىيىن،روسسىيەنىڭمۇ ھەربىي تېخنىكىسى جەھەتتە زور ئىلگىرلەش يوق.ئىشلىتىۋاتقان ھالقىلىق تېخنىكىلىرى يەنىلا سوۋىت ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ياساپ قۇيغان نەرسىلەر دىگەندەك گەپلەر باركەن.

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 10:16:32

شۇنداقمۇ چۈشۈرگەن بارمۇ؟بۇ رۇسىيەنىڭ رەزىل نىيتى بار .:P

jasur58 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 10:45:18

بىرچاغدا ئامېرىكىلىق بىر گېنېرالنىڭ«ئەگەر جۇڭگو بىلەن ئۇرۇشۇپ قالساق،شىئەننىڭ شەرىقىدىكى جۇڭگوزىمىنىنى خارابىلىققا ئايلاندۇرىۋېتەلەيمىز»دىگەن گېپىگە قارىتا ئازاتلىق ئارمىيىنىڭ بىر گېنېرالىنىڭ«بىزمۇ ئامېرىكا زىمىنىنىڭ 80%نى خارابىلىققا ئايلاندۇرىۋېتەلەيمىز»دەپ يۈرگىنىنى توردا كۆرۈۋىدىم.

قارىغاندا پۇتىن سۇنى لىيىتىپ بىلىق تۇتماقچىكەندە....
پۇتىن نىمىنىڭ يادىرولۇق مەنپەئەتكە تاقاشقاندا قانداق ھەرىكەت قىلىش كىرەكىلىنى جۇڭگۇغا بىلدۈرۈپ قويغاندەك تۇرىدۇ.
ئەمما  سام تاغا (ئامرىكا)  جۇڭگو روسىيەنى دوراپ تەيۋەننى بىسىۋالمىسۇن دەپ جۇڭگۇنىڭ ئەتىراپىدا جۇڭگۇغا قارشى كۈچ توپلاۋاتقاندەك تۇرىدۇ.
بىر  ئۇرۇشۇپ قويسا يامان كتەمدۇ ... ئۇرۇش  خورلىقنى بىزلا تارتىپ كەتمەيلى ....
مىنىڭچە ئۇرۇش بولۇشنى ئۈمۈت قىلمىغان ياخشى. تىنىچلىق ھەركىمگە ياخشى جىما...
بەت: [1]
: [بوزقىر] جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا يادرو ئۇرىشى قىلسا