قۇمۇلدا يەر تەۋرىدى
جۇڭگۇ يەر تەۋرەشنى تەكشۈرۈش ئىستانسىنىڭ خەۋەر قىلىشچە 4-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 14:20 ئۆتكەندە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ قۇمۇل رايۇنىدا 5.1 بال يەر تەۋرىگەن.
مەنبە: سۇمرۇغ تورى 5.1يەر تەۋرىگەن بولسا بۇنى ئوتتۇرا ھال تەۋرەش تىپىگە كىرگۈزىمىز...
ئۈلۈ-يىتىم ئاپىتىنىڭ بولماسلىقىنى ئاللاھتىن تىلەيمىز، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، يەرتەۋرەشنى ئالدىن تەكشۈرۈپ بىلىش دېگەن مۇمكىن ئەمەس ئىشكەنغۇ؟
ئاشۇنداق بىكارچى ئىدارىنى تەسىس قىلغۇچە... ئۇ ئىدارىنى بىكار قىلىپ، ئىدارىگە كېتىدىغان مەبلەغنى ئاپەت رايونلىرىنى قۇتقۇزۇشقا ئىشلەتسە بولمامدىغاندۇ؟ Birhon يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 15:58 static/image/common/back.gif
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، يەرتەۋرەشنى ئالدىن تەكشۈرۈپ ب ...
جىڭ گەپ. ‹يەر تەۋرەش ئىدارىسى› نىڭ ئىسمىدىنلا بىر بىمەنە ئاقنانچى ئىدارە ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ، يەر تەۋرەشنى سېزىش-خەۋەر قىلىش ئىشلىرىنى مەلۇم بىر ئۇنۋېرستىت ياكى ئاكادىمەينىڭ تەتقىقات ئورنىغا بېرىۋېتىشى كېرەك، ئاندىن ئاۋۇ ئىدارىنى يەر تەۋرەش قاتارلىق تەبئىي ئاپەتلەردىن كىيىنكى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى قىلىدىغان ئورۇنغا قېتىۋېتىش كېرەك. توغرا گەپ،نەدىكى ئاقنانچى ئىدارىنى قۇرۇپ 10-20 ئادەمنى بىكاغا بىقىپ،نۇرغۇن مەبلەخنى بۇزغىچە ،ئاشۇ مەبلەخلەرنى شۇ ئاپەت رايونىغا ئىشلەتسە بولمامدۇ.
تەپسىلىيراق يوقمۇ؟
مۇشۇ نۆۋەتتىكى سىياسى كېڭەش يىغىنىدىمۇ شۇ ئىدارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە تەكلىپلەر چۈشۈپتىكەن. يەنە ھېچگەپ يوق تۇرىۋەرمەمدۇ ئاللاھىم ، قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن . خېلى تەۋرىدى، 12:30 ئەتراپىدا، 30 سېكونتتەك تەۋرەشنى ھېس قىلدۇق، كومپىيوتىر ئۈستىلىم ۋە كىيىم ئىشكابى
رېتىملىق غىچچاڭشىپ كەتتى، باشتا سىرتتا بىرەر ئېغىر تىپلىق ماشىنا قۇرۇلۇش قىلدىمىكىن دېگەن ، كېيىن
يەر تەۋرەش ئىكەنلىكىنى بىلدىم، شۇنداق بولسىمۇ ئىچىمنى تىڭشاپ قاچماي تۇرۇپتىمەن بىنادىن.
ئېغىرراق تەۋرىگەن بولسا .......خۇدايىم ساقلاپتۇ.
سىرتقا چىقسام سودا كوچىسىدىكى كىشىلەر يەر تەۋرىگەندە ھەممىسى سىرتقا چىقىۋاپتۇمىش....
بىزنىڭ يۇرتتا ئاسان تەۋرىمەيدىغان ، نېمە بولىۋاتىدىكىن، خۇدايىم ھەممىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي.
بىرەر يەرنىڭ ئۆرۈلگىنىنى ،ئۆلۈم يېتىمنى ئاڭلىمىدىم ئاللاھ قېرىنداشلىرىمىزنى ئامان–ئېسەن ساقلىغاي. چوڭقۇر ئورۇندا تەۋرىسە بەزىدە 5 بالدىمۇ سەزگىلى بولمايدۇ ... قارغاندا تەۋرەش مەركىزى تېيىز ئوخشايدۇ ...
شامالنى بىلمىدىم .... ئەمما يەر تەۋرەشتە ھەر بىر بالغا چاقچاق قىلغىلى بولمايدۇ . بىلشىمچە باشقا شەرتلەر ئۆزگەرمىسە ، تەۋرەش ھەر بىر بال ئاشقاندا بۇزغۇنچلىق كۈچى 30 ھەسسە ئاشىدۇ ...
ئاللاھتىن قېرىنداشلىرىمنىڭ ئامانلىقنى تىلەيمەن :) سادىغاڭ كېتەيلەر، يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ خىزمەت پونكىتسىيەسىنى قايسىڭلار بىلىسىلەر؟ !
ۋاي ئېسىت...!
خۇدايىم ساقلىغاي! Birhon يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 15:58 static/image/common/back.gif
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، يەرتەۋرەشنى ئالدىن تەكشۈرۈپ ب ...
ئاشۇ پىس-پاس ئىدارىغا يىلدا سىلىندىغان مەبلەغنىڭ كۆپلىكىنى دىمەيسىز تىخى،، ، شۇ پۇللانى ئاپەت رايۇنىغا ئىشلەتسە ھەققى ئورنىنى تاپقان بولاتتى قارىغاندا يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ يىلتىزى چۇڭقۇر ئوخشايدۇ، نانقىپىلارنى بىقىۋەرگىچە مانداق ئاپەتتىن كىيىن تىز سۈرئەتتە ماددى ئەشيا يەتكۈزۈش ۋە قۇتقۇزۇش ئىلىپ بارالايدىغان ئىدارە تەسىس قىلسا بولمامدىكىنە...ھەرقىتىم ئاپەت يۈز بەرسە پەرزەنىت ئەسكەرلەرنى ئىشقا سىلىۋەرمەي بى مۇشۇنداق ئىدارىنى ئىشقا سالسا بولمامدۇ؟....:lol:lol:lol
بەت:
[1]