buhram يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 18:41:20

ھاياتلىقنى چۈشىنىش

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   buhram تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-29 19:00  

                                                                             ھاياتلىقنى چۈشىنىش
                                                                                      بۇغرام
                                                               چىڭخۇا ئۈنۋېرسىتى، بېيجىڭ،(buhram2000@163.com)

     ئوقۇرمەنلەرگە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن.
بۇ بىر تونۇشتۇرۇش خاراكترلىق ئەسەر بولۇپ، بىر قانچە قىسىمغا بۆلۈنگەن. مەزكۇر ئەسەردە ئاپتۇر يېقىنقى زامان ھاياتلىق ئىلمىدىكى ئاساسى ئۇقۇملارنى شەرھىلەشنى  ئەسەرنىڭ مۇھىم نوقتىسى قىلىپ، مەزمۇن چۇڭقۇرلۇقىنىڭ ئوتتۇراھال بولۇش پىرىنسىپى ئاساسىدا ئۇيغۇر يېزىقىدا ئالاقە ئېىلىپ بارالايدىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھاياتلىق پەنلىرى ساھەسىدە ئۆزى ئىھتياجىلىق ئۇچۇرلارغا ئىرشىپ، مەزكۇر ساھەسىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈشىگە  قولايلىق يارتىش ئۈچۈن بۇ ئەسەر ئۈستىدە قەلەم تەۋرەتتى. سىز بۇ ئەسەرنى ئوقۇش جەريانىدا ھاياتلىق ئىلمى جۈملىدىن بىيولوگىيە ئاتالغۇسى بىلەن ئاتىلىپ كىلىۋاتقان بۇ ساھەدىكى بىر قىسىم ئاساسى بىلىملەر ۋە شۇنداقلا قىزىقارلىق ئىلمى پاكىتلار بىلەن ئۇچرىشىسىز. سىز مەيلى بىر مۇخبىر، ئوقۇتقۇچى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋە ياكى باشقىلار بولۇڭ، سىز مەزكۇر ئەسەردە تۆۋەندىكىدەك سۇئاللارغا جاۋاپ تاپالايسىز.
ھاياتلىق ئىلمى دىگەن زادى نېمە؟
ھاياتلىقنىڭ شەكىلى قانداق بولىدۇ، ئۇنىڭ ئاساسى نېمە؟
ھۆجەيرە دېگەن نېمە ؟
ھۆجەيرىنىڭ ھەققى ماھىتى ۋە ئۇنىڭ فونكىسيسى  قانداق؟
.....
مەزكۇر ئەسەردە بايان قىلىش ئۇسلۇبىدا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نوقتىغا ئەھمىيەت بىرىلدى. 1) سىزنىڭ بىۋاستە چۈشىنىشىڭىزگە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، ھەربىر مەزمۇن مۇناسىۋەتلىك رەسىم ۋە گىرافىكلەر ئارقىلىق تولۇقلاندى. 2) ماقالىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىمكانقەدەر پايدىلانغان مەنبەلەر ماقالىنىڭ ئاخىرىدا بىرىلىدى. 3) بىر قىسم ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوخشاش بولىمىغان تىل – يېزىق مۇھىتىدا سىلىشتۇرۇپ چىقىپ تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىرشىشىگە پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن، بىر قسىم سۆز -  ئىبارىلەرنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىنگىلىزچە، خەنچە ۋە ئۇيغۇرچە يېزىلىشى بىرىلىدى. 4) ھازىرقى زامان ئىلىمى يىزىقچىلىق ئەخلاقى بويىچە  ئاپتۇر ئۈچىنچى شەخىس كۆپلۈك شەكلىدە تىلغا ئېلىندى.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، بۇ ئەسەر بەلكىم مەزمۇن ۋە بايان ئۇسۇلى جەھەتتە بىر قسىم كەمچىللىكلەردىن خالى بولمىغان بولىشى مۇمكىن، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاپتۇر تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايدۇ ۋە ھەرقانداق تەكلىپ- پىكىرنى خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىدۇ(يۇقاردا تەمىنلىگەن ئىلخەت ئادىرىسقا ھەرقانداق مەزمۇندىكى باھا ۋە تەكىلپ – پىكىرلەرنى يوللىسىڭىز بولىدۇ). ئاپتۇرنىڭ مۇددىئاسى پەقەت ئوقۇرمەنلەرگە كۆپرەك ئۇچۇر تەمىنلەش خالاس. ئەگەر بۇ مەخسەت سىزدە ئىشقا ئاشقان بولسا، باشقىلارغىمۇ تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنۇتماڭ. ھەممىز بىللە ئۈگىنەيلى ۋە ئۈگىتەيلى. ئاللاھ زىھنىڭىزنى ئۇچۇق قىلسۇن، ئامىن!
                                 بىرىنچى قىسىم    ھاياتلىق پىنى ھەققىدە

1. ئىلىم پەن- سىزنىڭ دۇنيانى چۈشىنىشىڭىزندىكى ئەڭ ياخشى يولىڭىزدۇر
ئىلىم -  پەن (بۇنىدىن كىيينكى مەزمۇنلاردە قىسقارتىلىپ پەن دەپ ئېلىندى) دىگەن بۇ سۆز تىلىغا ئېلىنسا بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر مۇرەككەپ بولغان ئۇقۇملار، تەڭلىمىلەر، تىئورمىلار، قانۇنلار، ئۈسكىنىلەر ۋە ھەر خىل تەجىربىلەرنى كۆز ئالىدىغا كەلتۈرىشى ۋە ئۇنى ناھايىتى قىيىن ۋە مۇرەككەپ ۋە ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئەقىللىق ۋە يۇقىرى مەلۇماتلىق كىشىلەرلا قىلىدىغان بىر ئىش دەپ ئويلىشى مۇمكىن.  ئەمەلىيەتتە سىزمۇ بىر پەنچى (ئىنگىلىزتىلىدىكى scientist ۋە ئۇيغۇر تىلىدىكى پەن – تەتقىقاتچى ياكى ئالىم دىگەن ئۇقۇمنى مۇشۇ سۆز بىلەن ئىپادىلەندى)  بولالايسىز. ئشەنمەمسىز؟!  ئەگەر يەنە  ئىشەنمىسىڭىز بىز چۈشەندۈرۈپ قويىمىز.
پەنچى بولۇش ئۈچۈن مۇرەككەپ ۋە يۇقىرى سەۋىيدىكى بىلىم تەلەپ قىلمايدۇ. بۇنڭىغا پەقەت بىر تال مىڭە (بۇ ئاللىبۇرۇن سىزدە بار)، دۇنيانى چۈشىنىشكە قىزىقىش ۋە ئۈگىنىش ئىستىكى بولسىلا بولدى. سىزدە بۇ ئۈچىنىڭ بىرسى يەنى مىڭە بار بولىدى، قالغان ئىككىسىنى بىزگە مۇراجەت قىلىڭ. بىزنىڭ مۇشۇ ئەسەرنى يېزىشىمىدىكى مەخسىتىمىز دەل سىزدە قىزىقىش ۋە ئىستەك پەيدا قىلىشتۇر.
ئۇنداقتا بىز ئەڭ ئالىدى بىلەن پەن دىگەن ئۇقۇم بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى. پەن دىگەن بۇ سۆزنى ئۇيغۇر سوفىت تور لوغىتىدە < تەبئەت ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى قانۇنىيەتلىرىنى ئېچىپ بېرىدىغان ھەمدە ئەتراپتىكى مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىلىملەر سىستېمىسى>   دەپ ئىزاھالاپتۇ.  بىز بۇ يەردە كۆزدە تۇتىدىغان پەن ئاتالغۇسىنى ئىنگىلىز تىلىدىكى  science  دىگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىسەك ئەڭ توغرا بولىدۇ دەپ قارايمىز. ئىنگىلىز تىلىدىكى بۇ ئاتالغۇنى دوكتۇر  جەي فىلان (Jay Phelan) مۇنداق چۈشەندۈرگەن بولۇپ، مۇشۇ قاراشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. يەنى پەن (science) دىگىنىمىز دۇنيا ھەققىدىكى پاكىتلار ۋە دۇنيانى چۈشىنىش جەريانىدۇر.   
2. ھاياتلىق ئىلمى
بىزنىڭ بۇ قىسىمدا تۇنۇشتۇرماقچى بولغان مەزمۇن بولسا يۇقارقى پەن دىگەن ئۇقۇمنىڭ ئىچىدىكى ھاياتلىققا دائىرى بىر بۆلىكى بولغان ھاياتلىق پىنى (ئەمەلىيەتتە بۇ ئاتالغۇنى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى مەتبۇئات ۋە تارقىتىش ۋاستىللىردە ھاياتلىق ئىلمى دىگەن ئاتالغۇ بىلەن ئالىدۇ، شۇڭا بىزمۇ كىينكى مەزمۇنلاردا مۇشۇنداق ئالىمىز ) دۇر.
ئۇنداقتا ھاياتلىق ئىلمى دىگەن قانداق پەن؟ بۇ سۇئالغا جاۋاب بىرىش بىر قەدەر قىيىن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ھاياتلىق ئىلمى دىگەن ئۇقۇمغا ئوخشىمىغان ئېنىقلىما بەرگەن. لىكىن نۇپۇزلۇق بولغان ئېنىقلىمىلارنىڭ ھەممىسى تۆۋەندىكىدەك بىر كۆز قاراشنى قوللايدۇ. يەنى ھاياتلىق ئىلمى جانلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى، جانلىقلار بىلەن جانلىقلار ۋە جانلىقلار بىلەن جانسىزلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىش  ۋە تەتقىقات ئۇسۇلىلىرى ۋە شۇنداقلا شۇ خىل ساھەدىكى تەتقىقات ئەخلاقى توغرىسىدىكى پەندۇر.
يۇقىرىدا بىز ھاياتلىق ئىلمى ھەققىدە ئىنتايىن ئاددىي بولغان بىر چۈشەنچىگە ئىرىشتۇق. ئۇنداقتا بىز نىمە ئۈچۈن ھاياتلىق ئىلمىنى ئۈگىنىشىمىز كىرەك؟ بۇ سۇئالغا ئاددىي قىلىپ ئىيىتقاندا مۇنداق جاۋاپ بىرىشكە بولىدۇ. بىز ئىنسانلار جانلىق بولۇش سۈپتىمىز بىلەن يەرشارىدىكى باشقا جانلىقلار بىلەن بىرلىكتە ياشايمىز. مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا جانلىقلار توغرىسىدىكى بىلىم ئىنسانلار ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ، ئۆزىمىزنى ۋە بىز بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان باشقا جانلىقلارنى بىلىشتە كەم بولسا بولمايدۇ. ھاياتلىق ئىلمى دەل مۇشۇ ئىھتىياجنى قاندۇرىدۇ. بىز شۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتلىق ئىلمىنى ئۈگىنىشىمىز كىرەك.  
3. ھاياتلىق ئىلمىنىڭ يېقىنقى زاماندىكى تەرەقىقىيات ئەھۋالى
ھاياتلىق ئىلمى يېقىنقى زامان پەن – تەتقىقات ساھەسىدىكى ئەڭ تىز تەرەققى قىلغان ۋە كۆپ خىل ساھەلەر بىلەن گىرەلەشكەن بىر پەن تۈرى بولۇش سۈپتى بىلەن ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگىچە كىڭىيىپ ھازىرقى زامان ئىلىم – پەن ساھەسىدىكى ئاساسى تىمىغا ئايلانماقتا. يەر شارى خاراكترلىق مۇھىت بولغىنىش، ئىنرگىيە قەھەتچىلىكى، ئاشلىق ۋە سۇ مەسلىسى قاتارلىقلارنىڭ نەتىجىسىدە كىلىپ چىققان ئىنسانلاردىكى ھەر خىل كىسەللىك ئۆزگىرىشلەر كىشلەردىن ھاياتلىق جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىق مەسلىسىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بولۈشنى شەرىت قىلماقتا. مۇشۇنىڭىدەك خىلمۇ – خىل ئىھتىياج ۋە تەققازالار ھاياتلىق ئىلمى ساھاسىدىكى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى  مەيدانغا كەلتۈردى.  ھاياتلىق ئىلمىنىڭ يېقىنقى 50 يىللىق تەرەققىياتى ئىنسانلارنىڭ ئۆزى ۋە باشقا جانلىقلار توغرىسىدىكى بىلىمىنى يېڭى بىر بالداققا كۆتۈردى. بۇ مەزگىل ئىچىدىكى دىئوكسى رىبو نوكلىئك كىسلاتاسى (DNA)  نىڭ تۈزلۈش مودىلىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىنى باشلىنىش نوقتىسى قىلغان بىر مەيدان تېخنىكا ۋە ئىلىم – پەن يېڭىلىقلىرى گىن قۇرۇلۇشى جۈملىدىن گىننى تەن سىرتىدا قايتا  قۇراشتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار ھالقىلىق تېخنىكىلارنىڭ بارلىققا كىلىشىگە سەۋەپ بولدى. ئۆتكەن ئەسىرىنىڭ 90 – يللىرىدىن باشلانغان ئىنسانلار گىن گورۇپىسى پىلانى (Human Genome Project, HGP) نىڭ تاماملىنىشى ئىنسان بەدىنىنىڭ ھەر خىل فىزولوگىيلىك ئۆزگىرىشلىرىنى مولكولا سەۋىيسىدە تۇرۇپ كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. كومپىيوتىر تېخنىكىسىنىڭ ھاياتلىق ئىلمى ساھاسىگە سىڭىپ كىرىشى جانلىقلانىڭ گىنى ۋە گىن گورۇپىسىنىڭ تەرتىپلىنىش ۋە تۈزۈلىشى ۋە شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان گىنلارنىڭ ۋە شۇ گىنلاردىن يەتكۈزۈلگەن ئىرسىي ئۇچۇرلارنىڭ كىيىكى بىكىتى بولغان رىبو نوكلىئك كىسلاتاسى  (RNA) ۋە ئاقسىل قاتارلىق بىيو مولكۇلىلارنىڭ زامان ۋە ماكان بويىچە پەيدا بولۇش ئۇچۇرى ۋە مىقدارى توغرىسىدىكى غايەت زور سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا مىسلى كۆرۈلمىگەن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.  ئۇنڭىدىن باشقا يەنە غول ھۆجەيرە تەتقىقاتىدىمۇ ئالامشۇمۇل نەتىجىلەر بارلىققا كىلىپ ئىلگىرى مۇمكىن بولمايدۇ دەپ قارالغان بىر قىسىم كىسەللىك ئۆزگىرىشنى داۋالاش پۇرسىتى بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە ۋە بىر قىسىم تەتقىقات نەتىجىللىرى ئاللىقاچان داۋالاش ساھەسىگە سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى. بىز ھەممە نەتجىلەرنى بۇ يەردە  بىر – بىرلەپ تۇنۇشتۇرۇپ ئولتۇرمايمىز. كىينكى قىسىملاردا مۇناسىۋەتلك مەزمۇنلار بىلەن بىرلىكتە بىر قىسىم ئابىدە خاراكتىرلىك تەتقىقات نەتجىللىرىنى بىر قەدەر تەپسىلى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
ئاخىرىقى سۆز
يىغىپ ئېيىتقاندا، ھاياتلىق ئىلمى يېڭى ئەسىر ئىلىم –   پەن ساھەسىدىكى ئەڭ نوقتىلىق تەتقىقات تۈرى بولۇپ، بەزى كىشلەرنىڭ ئوبرازلىق تىلى بىلەن ئېيىتقاندا 21- ئەسىر بىيولوگىيە يەنى ھاياتلىق ئىلمى دەۋرىدۇر.  بۇ سۆزدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى بۇنڭىدىن كىين دۇنيا ھاياتلىق ساھەسىگە يۈرۈش قىلغانلارغا تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى يارتىپ بىرىدۇ. ئۆمىدۋارلىق بىلەن ئېيىتقاندا بۇنڭىدىن كىين بىر دۆلەتنىڭ پەن -  تېخنىكا شۇنداق ئۈنۋىرسال دۆلەت كۈچى  ۋە تەرەققىياتىنىڭ بەلگىسى بەلكىم ھاياتلىق ئىلمىنىڭ تەرەققىياتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىشى مۇمكىن.  مۇشۇنداق بىر دەۋىر تەلىپى ۋە پەن – تېخنىكا يۈزلىنىشى ئالدىدا بىز ئۇيغۇرلار قانداق قىلىشىمىز دىگەن سۇئال ھەر بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئەستايىدىل ئويلىنىشغا ئەرزىيدۇ. ئەلۋەتتە، بىر قىسىم ئۇيغۇر كىشىلىرىمىز بۇ ساھەدىكى بىر قىسىم خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، مىللىتىمىزگە بۇ ساھەدە ئۈلگە تىكلىمەكتە. بۇ يەردە ۋەكىللىك خاراكتىرلىق شەخسلەردىن ئامىرىكا تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى  دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.  دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ يىتەكچىلىك قىلغان تەتقىقات گورۇپىسىنىڭ غول ھۆجەيرە ساھەسىدىكى تەتقىقات نەتىجىسى شۇ ساھەدىكى نۇپۇزلۇق تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ يۇقرى باھاسى ۋە ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشتى.  
ئاخىرىدا  دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ كەبى كىشىلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ يىتىشىپ چىقىپ خەلىقمىز ۋە شۇنداقلا ئىنسانلار جەمىيتنىڭ تەرەقىقىياتىغا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشىشىنى ئاللاھتىن تىلەيمىز ۋە توغرا يولغا يىتەكلىنىشىنى ئىستەيمىز. ئامىن!
پايدىلانما مەنبەسى:
   http://www.udict.cn/ug-CN/default.aspx
   Jay Phelan. What is life? Guide to biology.2010 .
ئاتالغۇلار
ئۇيغۇرچە         ئېنگىلىزچە         خەنچە
ئىلىم – پەن         Science                                                                             科学
ھاياتلىق ئىلمى                                                         Life Science        生命科学
ئىنسانلار گىن گورۇپىسى پىلانى        Human Genome Project, HGP        人类基因组计划
دىئوكسى رىبو نوكلىئك كىسلاتاسى        Deoxyribonucleic acid, DNA        脱氧核糖核酸
رىبو نوكلىئك كىسلاتاسى        Ribonucleic acid, RNA        核糖核酸
ئاقسىل        Protein        蛋白质


ئىزاھات:
1. مەزكۇر يازمىدىكى بىر قىسىم كەسپى سۆز – ئىبارىلەرنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ  ئوخشىمغان تىل مۇھىتىدا تۇرۇپ پايدىلىنىشى ئۈچۈن كۆپ قوللىنىدىغان ئۆلچەملىك يېزىلىشى ئۇيغۇرچە، ئىنگىلىزچە ۋە خەنچە ئۈچ خىل تىلدا بىرلىدى.
2. پايدىلانما مەنبەسىى دىگەن قىسىمدىكى ھەر بىر مەنبە ئاخىرىدا    بولسا نەشىر قىلىنغان كىتاپنى، بولسا تور بىكەت ئاددرىسىنى،    بولسا ئىلان قىلىنغان ماقالىنى كۆرسىتىدۇ.
بايانات:
بۇ يازما شەخسنىڭ قىزىقىشى بويىچە يېزىلىدى. ئىھتىياجى بارلارنىڭ ئەقلى ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا تور بىكەتكە چىقىرشتا ياكى بېىسپ چىقىرىشتا خالىغانچە ئىشىلەتسە بولىدۇ، لىكىن كىلىپ چىققان ئاقىۋەتكە ئاپتۇر ئىگە بولمايدۇ.  ئاپتۇرنى ۋە مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ.

buhram يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 22:11:53

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!
مەن يۇقارقى يازمىنى يوللاشتا ئازراق قىينالدىم. يازما ئارسىغا رەسىم قىستۇرۇشنى قانداق ئېلىپ بارىدۇ بۇنى بىلەلمىدىم. بىلىدىغانلار بولسا ئۇسۇلىنى قالدۇرۇپ قويساڭلا،كىلەر قېتىمقى يازمامدا رەسىم بىر قەدەر كۆپرەك ۋە مۇھىم ئىدى. رەھمەت!
پىكىرلىرىڭلار بولسا ئەركىن بايان قىلساڭلار مەن خوش بولىمەن! رەھمەت!

buhram يوللانغان ۋاقتى 2014-4-30 13:32:34

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
قېرىنداشلار بۇ يازمىنىڭ doc ياكى pdf شەكىلدىكى ھۆججىتى لازىم بولسا بۇيەردىن چۈشۈرۋالساڭلار بولىدۇ.
ئاددىرىس: http://yunpan.cn/QNIMjkKG8McBx
پارول: 8032
بەت: [1]
: ھاياتلىقنى چۈشىنىش