aragon يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 16:43:34

كىم بىلىدۇ ياردەم تىمىسى

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قىرىنداشلار
  مۇنداق ئىش،  قىزىم بۇ يىل ئىككىگە كىردى، ئالتە ئايلىقتىن   ئاشقاندا ئوڭ كۆزىنىڭ قارچۇقى ئىچى تەرەپكە بىلىنەر بىلىنمەس ئىغىپ كىتىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدىم،چوڭلا بۇنى تولا يىقىلغانلىقتىن دەپ (  قىزىم بەكلا شوخ،   قاراپمۇ ئۈلگىرگىلى بولمايدۇ) دەپ بىشىنى تىڭىپ يۈردۇق،   بىرەر يەردىن ئاشقاندىمۇ يەنە بولماي دوختۇرغا كۆرسەتسەكمۇ دوختۇر ، بىشىنى تىڭىڭلار دىدى.  لىكىن ھازىر  يەنىلا پات-پاتلا  قارچۇقى ئوغا كىتىدۇ.   ھەدىيەگە
ئاپىرۋىدىم  كۆزەينەك تاقىسۇن دەيدۇ،  لىكىن  قىزىمنىڭ كۆزىگە كۆزەينەك تاقاشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقى كۆڭلۈمگە   1000% ئايان.
ئەمدى چوڭلار  ئوقۇيدىغانلارغا ئوقۇتۇشنىڭ گىپىنى قىلىۋاتىدۇ، ھەر چارشەنبە كۈنى ، نەچچە ھەپتە ئوقۇيدۇ دەمدۇ، ياندۇرۇش دەمدۇ   ،ئىشقىلىپ
مەن چۈشىنەلمىدىم،   سىلەر مۇشۇنداق ئىشلارغا يولۇققانلار، ياكى مۇشۇنداق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ باققانلار  ماڭا ياردەم قىلغان بولساڭلار ...
    يەنە ئوقوتوش توغرىسىدا بىلىدىغانلار مۇشۇ توغرىسىدىمۇ پاراڭلىشىپ باقساق       رەھمەت

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 17:16:26

@azheri
@hezret2011
@dilnazuk

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 17:16:41

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tadubeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-29 17:17  

بۇنىڭغا چېتىشلىق ساھەدىكى بىلىم ئەھلىلىرى مەرھەمەت.

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 17:17:05

مېنىڭ جىيەن قىزىمنىڭ كۆزىدىمۇ ئوخشاش ئەھۋال بار(ئازراق ئالغاي دەپ بىلىمەن)، يېشىمۇ تەڭ دېمەتلىككەن. دەسلەپتە ھەدىيەگە ئاپارساق ئوخشاش كۆزئەينەك تاقىسۇن دېگەن، خەلىق دوختۇرخانىسىغا ئاپارساق، ھازىر ماسلىشىپ بەرمەيدۇ، داۋالىغىلى بولمايدۇ، چوڭىراق بولغاندا بىر ئىش قىلىمىز، دېگەندەك گەپلە بىلەن يولغا سالغان...يېقىندا ئاڭلىساق ئىچكىرىدە كىچىك بالىنىڭ كۆزىدىكى بۇنداق ئەھۋالدا ئوپراتسىيە قىلامىش...

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 17:20:58

ئوقۇتۇش، ياندۇرۇشقا ئوخشاش بىزدە بۇرۇندىن ساقلىنىپ كەلگەن ئادەتكە قارىتا مەنمۇ ئۇستازلارنىڭ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىنى سورايمەن. راس مۇشۇنداق ئىش بامۇ ياكى خۇراپى ئىشمۇ؟
(مەن كۆڭلۈمدە خۇراپى ئىشمىكى دەيمەن)

osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 17:22:55

2010 - يىلى ئاكامنىڭ بالىسىنى بېيجىڭ توڭرىن دوختۇرخانىسىدا ئوپرەتسىيە قىلىپ داۋالاتقان ، كۆزىگە ئاق چۈشۈپ قاپتىكەن، يەنى تۇغما ئاق .  ھازىر ياخشى بوپ كەتكەن چراي، تۆت يىل بولدى، بىرەر قىتىممۇ قايتا داۋالاتمىدۇق دېگىننى ئاڭلىمىدىم.
ئالدىنقى ئايدا يەنە بىرەيلەن كەپتىكەن، شۇ توڭرىندا داۋالاتقان، قارىغاندا خىلى ياخشى بوپ كەتكەن چېغى بار. كۆز نازۇك نەرسە.... بولسا ئۈرۈمچى ھاۋا - ئارمىيەگە ئاپىرىپ بىقىڭ، يا بولمىسا بېيجىڭ توڭرىنغا ئەكىلىپ تەكشۈرتۈپ بىقىڭ... توڭرىن دوختۇرخانىسى كۆز كىسەللىكلىرى بويىچە جۇڭگودا بىرىنچى ئورۇندا تۇرامىش........

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 17:26:39

osmanuyghur يوللىغان ۋاقتى  2014-4-29 17:22 static/image/common/back.gif
2010 - يىلى ئاكامنىڭ بالىسىنى بېيجىڭ توڭرىن دوختۇرخانىسى ...

ئىلانمۇ يا بۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 17:29:20

muztag يوللىغان ۋاقتى  2014-4-29 17:26 static/image/common/back.gif
ئىلانمۇ يا بۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

:lol :lol :lol :lol
ئېلاندەك قىلامدا؟

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 17:51:03

بولسا ماۋۇ تىمىغا ئەل ئىچى سىرتىدىكى مۇتەخەسىسلەرمۇ كىرسىكەن
بلگەجانى تەكلىپ قىلغىلى بولۇرمۇ @bilgejan   

bariber يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 18:11:51

ماۋۇ بىزگە پايدىلىق سوئالكەن،بىلىدىغانلار مەرھەمەت.

amin01 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 18:26:00

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   amin01 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-29 18:27  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر،
مۇشۇ باھانىدە مەنمۇ بىر مەسلەھەت سورۋالسام، ،
مېنىڭ ئوغلۇم بۇ يىل ئىككى ياشقا كىردۇ، ئايغى چىققاندىن باشلاپ ئىككى پۇتنى سەل تېشغا ئىگىپ ماڭدىغان بوپ قالدى ،
دوختۇرغا كورسەتسەم كالتىسى كەملىكتىن بولغان ئىش دەپ دورا بەرگەن ئىدى، ئېچۈرۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بولدى لېكىن ھېچ پايدىسى بولغاندەك ئەمەس،
بولسا  قېرىنداشلار مۇشۇ ئەھۋالغا قارتا ياخشىراق ئۇسۇل چارە ياكى دورا بولسا تەۋسىيە قىلغان بولساڭلار،      

imam567 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 19:24:43

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،دوختۇرلۇقتا بىر ئۆلچەم بار كىسەلنى كۆرمەي دىئاگىنوز قويمايمىز،دىئاگىنوز قويماي تۇرۇپ داۋالىمايمىز.شۇڭا بولسا بالىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن كىسەللىك ئەھۋالىنى ئىپادىلەيدىغان مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش نەتىنجىسى ۋە سۈرەتلەرنى ئەۋەتسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى(بۇمۇ شۇ شارائت تۈپەيلى).

akida525 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 19:48:49

كۆز قارچۇقىنىڭ قېيىشى كىچىك بالىلاردا يۈز بېرىدىكەن، دەسلەپتە كۆزىنى چىمچىقلىتىش بىلەن باشلىنىدىكەن، مېنىڭ بىر دوستۇمنىڭ 5 ياشلىق بالىسىىنىڭ كۆز قارچۇقى قېيىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىمۇ ئاجىزلاپ كەتكەن، دوختۇرخانىغا بارسا كۆزەينەك بېرىپتۇ، ھەركۈنى كۆزىنى يۇياتتىمۇ يا كۆزەينەكنى دورىلىق سۇ بىلەن يۇياتتىمۇ تازا ئېسىمدە قالماپتۇ، ئەمما بىر كۆزىنى توساپ قويۇپ يەنە بىر كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى مەجبۇرى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپتۇ كۆزەينەك تاقاپ تۇرۇپ، چۈنكى بۇ كېسەللىك ھورۇنلۇق كېسىلى دەپ ئاتىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر يىل كۆزەينەك تاقاپ يۈردى، كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئەسلىگە كەلدى، لېكىن، قېيىشى ساقايمىدى، شۇنىڭ بىلەن دوختۇرلار ئوپراتسىيەگە قارار بەردى ۋە ئوپراتسىيە قىلدى، چۈنكى، بالىنىڭ كۆزى 7 ياشقىچە يېتىلىش باسقۇچىدا ئىكەن، 7 ياشتىن ئېشىپ كەتسە ئوپراتسىيە قىلسىمۇ ئۈنۈمى چوڭ بولمايدىكەن، شۇنداق قىلىپ ئوپراتسىيە قىلغىلى بىرە ئايدەك بولۇپ قالدىغۇ دەيمەن، سورىسام كۆز قارچۇقى ئەسلىگە كەلدى دېدى. كۆز ئىشى بولغاچقا ئەڭ ياخشى دوختۇرخانىدا ئوپراتسىيە قىلدۇردى، چۈنكى، تومۇرىنى كېسىپ قايتا ئۇلايدىغان ئىشكەن.

0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 20:02:10

amin01 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-29 18:26 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر،
مۇشۇ باھانىدە مەنمۇ بىر ...

بالىنى داۋاملىق كالتىسىي تۇلۇقلايدىغان دورىنى يېگۈزۈش بىلەن بىرگە يېزىلارغا ئاپىرىپ يالاڭئاياغ توپىغا تاشلاپ قويۇپ ئوينۇتۇپ ئاپتاپقا قاقلاڭ ، ئىككى ئاي ئەتراپىدا سىناق قىلسىڭىز ئۈنۈمى بولدۇ ،ئاللاھ خالىسا . لېكىن بالا سەل ئاپتاپتا كۆيۈپ قارداپ كېتىدىكەن ، كىچىك چاغدا كۆيۈپ كەتسە چوڭ بولغاندا ئاقارمايدىكەن . مەن بۇنىڭ ئۈنۈمى بولغانلىقىنى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرگەن .

aragon يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 20:02:28

ياخشى نىيەتتە تەكلىپ بەرگەن قىرىنداشلارغا رەھمەت،   مەن ھەدىيەگە كىرگىنىمدە بىر ئۈسكىنىسىدە كۆزىنى تەكشۈرۈپلا  
كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزكەن، كۆزەينەك تاقىمىسا بولمايدۇ دىۋىدى،   قىزىمنىڭ كۆزەينەك تاقىيالىشىغا ئىشەنچ قىلالمىغاچ ،ماقۇل مەن يەنە بىر كىلەي دەپ قوياپلا يىنىپ چىقتىم.  مەقسەت ،يەنە باشقا ئۇسۇل ئارقىلىقمۇ داۋا تىپىلارمىكىن دىگەن نىيەتتە.         مەنمۇ ھاۋا-ئارمىيە دوختۇرخانىسىغا ئاپىىرىپ كۆرسىتىپ باقايمىكىن دەپ ئويلۇدۇم،    باشتا دىگەندەك
ئوقوتۇشنىڭ گىپىمۇ چىقىپ قالدى،  شۇ سەۋەپتىن مۇنبەرداشلاردىن مەسلىھەت سوراشنى لايىق تاپتىم.
      يەنە باشقا داۋالاش ئۇسۇللىرى بارمۇ ،  ئوقۇتۇشنىڭ راستىنلا ئۈنۈمى بارمۇ دىگەندەك مەسىلىلەردە تورداشلارنىڭ ياردىمىگە ئىھتىياجىم بار....

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 21:16:04

مىنىڭ بالامدىمۇ مۇشۇ ئەھۋال بار، يېشى چوڭايغانسىرى يۇقاپ كىتەر دىپ ئويلاپتىكەنمەن   بىركۈنلىرى دىققەت قىلىپ باقسام كىچىك ۋاقتىدىكىدەك ئۇنداق جىق ئېغىپ كەتمەيدىكەن لېكىن يەنىلا مەسىلە بار، مەنمۇ ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ داۋالاتقانلارنى ئاڭلىدىم، ئوپراتسىيە قىلغان دوختۇرلارمۇ يېقىلغانلىقتىن شۇنداق بۇلىدۇ دەپتۇ.  ئۇلارمۇ ھەدىيەگە ئاپىرىپتىكەن كۆزئەينەك تاقىسۇن دەپ كۆز ئەينەك بىرىپتۇ، كىيىن كۆز ئەينەكنىڭ ئانچە پايدىسى بولماي ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ كەپتۇ، ھازىر ياخشى بۇلۇپ قالدى دەيدۇ.

arkan2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 21:17:31

amin01 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-29 18:26 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر،
مۇشۇ باھانىدە مەنمۇ بىر ...

بەرگەن مەلۇماتىڭىزدىن بالىنىڭ ئو شەكىللىك پاقالچاق ئىكەنلىكى مەلۇم، بۇ يەنىلا كالتىسىي يېتىشمەسلىكىتن كېلىپ چىققان كېسەللىك دەپ قارىلىدۇ، قەيەردىكى دوختۇرغا كۆرسىتىڭ كالتىسىي تولۇقلاشنى ئېيتىدۇ....
تەبىئىي كالتىسىي تولۇقلاپ سۆڭەكنى چىڭىتاي دېسىڭىز بالىڭىزنى كۆپرەك ئاپتاپقا قاقلاڭ
ئۇندىن باشقا بالا ئەمسە، ئانا-بالا ئىككەيلەن تەڭ كالتىسىي تولۇقلايدىغان دورا ۋە كالتىسىي مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلسۇن!
ئۆچكە سۈتىمۇ پايدىلىق....
يەنە بىرگە بالىنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ كالتىسىي تولۇقلىسىڭىز بارا-بارا ئەسلىگە كېلىدۇ...دەماللىققا ئەنسىرەپ كەتمەڭ، ئەمما كالتىسىي تولۇقلىمايلا چوڭ بولسا تۈزىلىپ كېتەر دەپمۇ ئولتۇرماڭ.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 21:18:15

تېما ماۋزۇسىدىكى مۈجىمەللىكنى كۆرۈپ بۇمۇ شۇنداق تېمىكەندە دەپ ئويلىدىميۇ، ئېچىپ باقسام سەبىيلەرنىڭ ئىشىكەن. كۆڭۈل بۆلۈش ئىستىكىم  غالىپ  كەلدى.
ھەدىيە... بولدىلا،
كىچىك بالىلاردا بولۇپ تۇرۇدىغان ئىش بۇ . ئەل ئىچىدە بۇنداق ئىشنى ئاساسەن چېچىنى ياندۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوڭشايتتى. بەك ئېغىر بولمىسا شۇ ئۇسۇلدا ئوڭشىلىشى مۇمكىن.
ئەھۋالى ئېغىرراق بولسا. سىز ياخشىسى چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭ كۆز كېسەللىكى مۇتەخەسىسلىرىگە كۆرسىتىپ بېقىڭ.
ھاۋا-ئارمىيە دوختۇرخانىسى، تىببى ئۇنىۋېرىستېتى دوختۇرخانىسى، 1-2- دوختۇرىانىنىڭ كۆز بۆلۈمى دېگەندەك.

beliver يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 21:30:44

ئەسسالام ئەلەيكۇم مۇشۇ بانادا مەنمۇ سورىۋلاى، ئىككى ئايلىق بولغان ئوغلۇم ھە دېسە ئاسمانغا قارايدۇ بۇ نېمە ئىش؟

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 21:35:11

بالىلارنىڭ چېچىنىڭ ئىككى يېنى چۈشۈپ ئارقا تەرەپتىكى چۈشكەن vشەكىللىك يەربىلەن تۇتاشسا كۆزى شۇنداق بولىدۇ دەيدىكەن چوڭلار ،   بۇنىڭ .ئاساسى بارمۇ؟؟
نەچچە ئايلىق كىچىك بالىنىڭ چېچىنىڭ چۈشكەن يېرىنى يالاپ بەرسە ياكى قىزىل سۇرۇخ تامغا سۈرۈپ بەرسە چاچ چىقامىشقۇ  راس ئىشمۇ قانداق؟؟
بەت: [1] 2
: كىم بىلىدۇ ياردەم تىمىسى