parwar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 15:06:48

مۇقام خانىشى ئاماننىساخاننى قايتىدىن بايقاش

                              مۇقام خانىشى ئاماننىساخاننى قايتىدىن بايقاش

‏ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى جاھانغا نامى مەشھۇر يەركەن سەئىدىيە خانلىلقىنىڭ ۋەكىل كىشىلىرى سۈپىتىدە سانىلىدىغان، «نەفىسە» تەخەللۇسى بىلەن بىزلەرگە تونۇشلۇق بولغان خانىش ئاماننىساخان ۋە شۇنڭغا يانداش بىرقانچە مەسىلىلەر ھەققىدە مۇنداق بىر تونۇشلارغا كىلىپ ھەرقايسڭزلار بىلەن ئورتاقلىشىپ بىقىش تاماسىدا ئۈشبۇ پىكىردە چولتا، بايانغا كالتە نامەمنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇپ تۇرۇپتىمەن.

‏ئەسلى دۇرۇس بولغىنىدا تارىخى نامە، تارىخى شەخىسلەرگە نامە يازغۇچىلار ئەسلى شۇ كەسىپنىڭ ئالى،ۋىجدانلىق،مۆتىۋەرلىرىدىن بولشى شەرت ئىدى. بىراق يۇقارقى سۈپەتتىكى ئاكابىرلارنىڭ مەن ئويلىغان نۇقتىنى مىنىڭ پىكىر قىلىش يولۇم بىلەن بايان ئەيلىشى مۇمكىن بولمىغانلىقى شۇنداقلا «خانىش ئاماننىسا» بىلەن «نەفىسە»نى مەركەزلىك بىرلا نۇقتىدىن،قىلىپلاشقان قىسسەلەردە شەرھلەۋىرشلىرىدىن ھىسسىلىرىم تويۇنۇپ كەتكەچكە، ئۇنڭدىن باشقا ئەڭ مۇھىمى مىنڭمۇ ئۆتكەن زاتىم توغۇرلۇق پىكىر بايان قىلىپ بىقىش ھوقوقۇم بولغاچقا مەندىن نامە سىلەرگە كەتتى.
‏كەمچىللىك، خاتالىق، بىرتەرەپلىمە قاراشلار بايقالغىنىدا بىر ئىلىك نامەڭلارنى ئايىماسلىقڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن سەمىمى ئۈمىد قىلىمەن.

‏ھۆرمەت بىلەن كەمىنە : پەرۋەر


                            «ھازىرقى ئاماننىساخان» ۋە «ئەسلى ئاماننىساخان»

تارىخى تەزكىرلەرنى يازىدىغانلارغا ھەيرانمەن. گەپ-سۆزلەرگە كارامەت ئۇستا. شۇنچە ئۇزاق ئەسىرلەر بۇرۇنقى راس ياشاپ ئۆتكەن ۋە ياشىماي تۇرۇپ ئۆتكەن شەخىسلەرگە قايتىدىن جان بىرىپ، ئۇلارنىڭ تىلىغا ئۆزلىرىنىڭ ھىسياتلىرىنى، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دەۋىرنىڭ چاقىرقلىرىنى قوشۇپ، قايسىسىنىڭ راست،قايسىسىنىڭ يالغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئاجايىپ تەسىرلىك دىئالوگلار بىلەن كىشىنىڭ دىلىنى مەسىتخۇش قىلىۋىتىدۇ.
‏ئۈشبۇ قالايمىقان يىزىلغان نامەم مۇناسۋىتىدىن شۇنداقلارغا مەندىن «بارىكاللا».

‏خۇددى يۇقارقىدەك يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ خانلىرىدىن بىرى بولغان سۇلتان ئابدۇرىشىدخاننىڭ، جامالىدىن بەكرەك چالغان ساتارىغا ئاشىق بىقارار بولۇپ،يامان تەستە ئالغان توقال(ئىككىنجى ئايالى) ئاماننىسانىڭ رومانتىكا ۋە لىرىكىغا تويۇنۇپ كەتكەن تۇنجى ئۇچىرشىش ۋەقەلكلىرى يۇقارقى سۆزۈمنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.
‏شۇ ۋەقەلىك ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن «كاتتا فىلىم» «خانىش ئاماننىساخان» دىن قىسقىچە ئۈزۈندە ئىلىپ ئۈشبۇ نامەمنىڭ كەم يەرلىرىنى تولۇقلىماق تولىمۇ زۆرۈر بولۇپ قالدى، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىزلەر.

‏تەكلىماكان گىرۋىكىدىكى خالى بىر يۇرتدا،ئۈنى ياڭراق بىر قىزنىڭ ساتارى،يولدىن ئىزىپ قالغان،بارى يوق ئۈچ (سۇلتان ئابدۇرىشدخاننى قاتمىغاندا ئىككى قوغدىغۇچى) يولۇچىنى مەخمۇت ئوتۇنچىنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كەلدى.
مانى قاراڭ،، ھەممە ئىش، ھەممە كەلگۈلۈك، ئىشقىلىپ بەك كۆپ ئىشلارنىڭ بىشى ئاشۇ سەھرالىق،تومپاي قىزنىڭ چالغان ساتارىنىڭ مۇڭلۇق كۈيىدىن، ئىيتقان ناخشىدىن باشلانغان بولدى.
‏سۇلتانغا بىغىشلانغان نەزمىلەرگە قوشۇلۇپ، ئەقىل-ئىدىراك،ھۆسنى-جامالدا تەڭ يىتىشكەن سەھرا قىزىغا تۇتاشقان ئىشىق ئوتلىرى، ئوتۇنچىنىڭ بىشىغا يا بەخىت يا ئازاپقا تەۋە بولمىغان بىر قۇشنىڭ قونىشى، خانىش ئاماننىساخاننىڭ، يەركەنىتنى مەركەز قىلىپ تەسەۋۋۇپ دائىرسى بۇ يىنى ئىسسىق كۆلدىن ئىشىپ،ئۇ يىنى چىن سىپىلىغىچە ئۆز سەلتەنەتىنىڭ جۇلاسىنى چاچقان سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تەلەتى،توقۇزاق ناھىيسىنىڭ باقمىچىلىق ئورۇنلىرىدىن پەرقى يوق ھالەتتە فىلىمگە ئىلىنغان (لىكىن،ئەسلىدە بەكمۇ كاتتا,ھەشەمەتلەك) ئوردىسىدا ئۇستاز قەدىرخان بىلەن چىچىلىپ تارىلىپ كەتكەن ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى رەتلەپ، ۋاستىلىك ھالدا ئۆزئەجرىنىڭ كىيىنچە 12تەخسە DVD,VCD,CD قىلىپ ئىشلىنىپ چىقىشلارغا دەسلەپكى ئۇلنى سىلىشلار، بۇ خىزمەت تۈپەيلى ئۇيغۇر 12مۇقامىنىڭBDTتەرىپىدىن«دۇنيا غەيرى ماددى مىراسلار بايلىقى» دەپ ئىتىراپ قىلىنىشى بىلەن، بىز كىيىنكىلەرنىڭ «ناخشا-ئۇسۇلچى مىللەت»دىگەن ئۇتۇقلارغا ئىرىشىشىمىز، «ئاق تاغلىق-قارا تاغلىق» لارنىڭ سۈيقەستىدىن ھالاكەت ئوچاقلىرىدا ئىچىنىشلىق بوزلاشلارغىچە بولغان بىرقاتار راسىت-يالغان تارىخى ۋەقەلەر كىشىنىڭ ھەم خۇش قىلىپ ھەم قايغۇغا چۆكتۈرىدۇ.
‏شۇنداق قىلىپ ئوتۇنچىنىڭ ساتار چالالايدىغان قىزى ئاماننىسانى كۈيلەش، مەدھىيلەش بىز ئەۋلادلارغا مىراس قالدى. بىز كۈيلىدۇق كۈيلىگەندىمۇ راۋۇرۇس كۈيلىدۇق. ئەگەردە ئۆلگەن كىشى ياتقان يىرىدىن قوپۇپ چىقالايدىغان بولسا ئىدى، ئاماننىساخان بىزدىن ئەمدى كۈيلىمەسلكنى ‏ھەم كۆپ ئىشلارنى
‏ئۆتۈنگەن بولاتتى. بىراق بۇ مۇمكىن ئەمەسدە.


                                           ئۇ بىزدىن-تانغىلى بولمايدۇ

ئوتۇنچىنىڭ قىزى ئاماننىسا ئاددىلا بىرقىز بولغىنى بىلەن «خانىش ئاماننىساخان» ئۇنداق ئەمەسدە.
‏ئاماننىسا خانىش بىزگە 12مۇقامدىن باشقا يەنە بىر ئالاھىدە سوۋغا-تەپرىقچىلكنى قالدۇرۇپ كەتتى.
‏لىكىن جىنىم چىقسىمۇ راسىت گەپ قىلىمەن، بۇ تەپرىقچىلكنى ئاماننىساخان قالدۇرپ كەتمىگەن. بۇنى قالدۇرۇپ كەتكىنى بولسا ھازىرقى زامانەمنىڭ جان باقار تارىخچىلىرى قەلىمى ئاستىدىكى «ھازىرقى زاماندىكى خانىش ئاماننىساخان» قالدۇرۇپ كەتتى.

‏_ پۈتۈن خانلىق مۇشۇ غەزەلچى قانجۇق بىلەن زاۋاللىققا يۈز تۇتتى.
_ ئاماننىساخان بىز ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرى، ئۇ بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ياد ئىتىلىدۇ.
_شەيتاننىڭ لەشكىرى....
_ مۇقام خانىشى....

‏مانا بۇ بىز كۈيلەۋاتقان «ھازىرقى زاماندىكى خانىش ئاماننىساخان»نىڭ تولۇق غەلبىسى. ئۇ بۈيۈك تىپدا مەدھىيلەندى، يۇقىرغا كۆتۈرۈلدى. ئىتقادىمىزنىڭ مۇرەسسەسىز،يول قويۇلمايدىغان بۇيرۇقلىرىغا ئاپىرىپ تاقاشتۇرۇلدى.
‏كىملىك بىلەن ئىتقادنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن مەجبۇر ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرلۇش ئاستىدا ئاسانلا ھاياجانلىنىپ كىتىدىغانلار يىڭى بىر دەۋىردىكى «ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىق»توپىنى بارلىققا كەلتۈردى.
‏ئوتۇنچىنىڭ قىزى «ئەسلىدىكى ئاماننىسا» بۇلارغا جاۋاپكار بولماسلىقى كىرەك. ئۇ قىزنىڭ چىرايلىق ئۈنى، ياراتقۇچىنىڭ بەرگەن نىئمىتى. ئاللاھ خالىغىنىغا ئاشۇنداق بىرىدۇ. ئۇ قىز سازغا ماھىركەنتۇق، ئارىمىزدكى تالاي ئانىلىرىمىزمۇ سازلارنى چىرايلىق چالىدۇ. شۇ كارامىتى تۈپەيلى ئۇلارنىڭ ئائىلىدىن ئىبارەت (خاندانلىقى) گۇمران بولغىنى يوق. سەھنىلەردە ئوقۇغان ناخشىلىرى، چالغان سازلىرى بىلەن ئالغان ئاتىقىنى، پۈتۈن ئەلنى بىرلككە كەلتۈرگەن ھەر نامى مەشھۇر سەركەردىلىرىمىز ئۆمىرىدە بىر ئاڭلاشقا خۇشتار بولالمىغان«ئەل سۆيگەن، ئەلنى سۆيگەن...» دىگەندەك تالاي ئورۇنسىز،سەھنە مەدھىيەلىرى ۋە رىفلىكىسكە ئايلىنىپ كەتكەن چاۋاك سادالىرى ئىچىدە،بىزلەرگە ھەرقانداق يەردە ۋەكىل بولۇپ سانىلىۋاتقان سەنئەت پىشۋالىرىمىزنى نىمە دەيمىز؟ ئۇلار شەنىگە نىمە بولامىز؟يانا 50يىل ئۆتكەندىن كىيىنمۇ ئاشۇنداق ھاقارەتلىك سۆز بىلەن تىللاپ تۇرۇپ مەدھىيلەيدىغىنىمىزنى ھەق دەمدۇق ياكى قارا يۇمۇر دەمدۇق؟.
‏مەيلى ئاماننىسانى تىللامدۇق ياكى مەرەمنىسانى تىللامدۇق ئوخشاشلا بىر ئىش، ئۇ بىزدىن-تانغىلى بولمايدۇ. ئۆتكەن تارىخ ئۈچۈن تىرىقدەك چىچىلىشقا بولمايدۇ، تەپرىقچىلىق قىلىشقا بولمايدۇ.


            ئۈستىنكى ئابزاسنى ئوقىمىسڭىزمۇ تۆۋەنكى قۇرنى كۆرۈپ قويۇڭ، زىيان قىلماس

ئاماننىساخان ئورىدىغا كىرىپ پۈتۈن ئەل غەزەلچى-سازەندە بولۇپ كەتكەن ئىش ئەسلا يوق،ھەم بۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇ دەۋىردىكى ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ گۈللىنىشلىرى،ئەل-ئاۋامدىكى پاراۋانچىلقلارنىڭ كۆپ بولغانلىقىنى كۆز يۇمغۇسىز ھەقىقەت.
‏شۇ دەۋىرلەردكى،يات ئىتقادلاردا يۈرۈشكەن قەۋىملەرنىڭ ئوردىسىدىكى ۋە ئەل-ئاۋام ئارسىدىكى «قىلىقىغا چەك يوق، تىنىگە كىيىم يوق» نەغمە-ناۋا،ھاياسىز بەزمىلىرىدىكىلەرنىڭ شۇلارنىڭ زەبۇن بولغان تارىخىغا دەستەك بولماقتا يوق، ئۇلاردىن بولغان ئەدىب، شائىر، يازغۇچى...لارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە تونۇتۇلۇپ، بىزلەرنىڭ كۆزىمىزگە تىقىۋەتكۈدەك بولغان تەپەككۇر يولى توغۇرلۇق ئازراق بولسىمۇ ئويلۇنۇپ قويغۇلۇقدە.
‏دىمەك ئۆزگىلەر بىر دۆۋە كۈلىدىن كۆيمەي قالغان ئاراچلارنى ماتىلاپ تىپىۋىلىپ، سىيلاپ-سىيپاپ «گۆھەر»گە ئايلاندۇرغانلىرىدا بىز نىمىلەرنى قىلدۇق؟ بىربىرىمىزگە نىمە ئىزا-ئاھانەتلەرنى قىلمىدۇق؟ قىلغىنىنىڭ تايىنى (ئانام-دادام كۆرمىگەن نىمىلەر)،«مەشھۇر ئالىم، ئەدىب» سانلىپ بالىلىرىمىزنىڭ ئىمتاھان قەغەزلىرىدە ھالقىلىق سۇئال سۈپىتىدە «بۇ كىم؟ قاچان،نەدە تۇغۇلغان؟ نىمىلەرنى قىلغان؟؟؟؟؟»دەپ سورىلىپ يۈرگەنلەردە،
‏ئايال تۇرۇپ شۇنچە چوڭ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغان كىشىمىز تۈپەيلى ئىككى تاغلىق بولىۋىلىشلىرىمىزنى ھەر كۆرگەندە كىشىنىڭ«ئىسىت سىنىڭ ھالڭغا» دەپ بوزلاپ يىغلىغۇسى كىلىدۇ.

‏2014-يىلى24-ئۈمىد


   



muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 17:42:28

تىمىڭىز ياخشى يىزىلىپتۇ، دىمەكچى بولغىنىڭىزنى ئىنىق دەۋىتىڭە بىر سادىغاڭ كىتەي........
دىمەك ئاماننىساخان قانداق شەخىس ؟
مەن پەقەت خانىش ئامانىساخاننىڭ ،سۇلتان ئابدۇرەشىت خاننىڭ ئايالى ئىكەنلىگىنى، شائىرە ئىكەنلىگىنى، 12 مۇقامنى رەتلىگەنلىگىنى ، 32 يىشىدا تۇغۇت ئۇستىدە ئولۇپ كەتكەنلىگىنىلا بىلىدىكەنمەن، تارىخمىزدا ئۇنىڭغا بولغان باھانىڭ قانداقلىغىنى بىلمەيدىكەنمەن .

bariber يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 17:59:51

ئاماننىساخان بىر ئەلنى گۇمران قىلمىغاندۇ؟

boss يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 19:32:01

بىزنىڭ بىرئاسپىرانىت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ، يېقىندا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇماقچى بولغان ئالىي مەكتەپتىكى تارىخ ئوقۇتقۇچىمىز ئاماننىساخاننىڭ ئازراق يامان گېپىنى قىلغان ، ئاماننىساخان زادى قانداراق ئايال ؟ بىرسى ماختىسا بىرسى تىللايدىكەن ، ، ،

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 19:37:08

تىما ئىگىسنىڭ ئۆزگىچە كۆزقاراشلىرنى ئاڭلاپ باققۇم كىلۋاتدۇ.داۋامى باردۇ؟

mykariz يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 20:05:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mykariz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-29 20:47

‏ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش پەرۋەر:
‏يازمىڭىزنى ئوقۇغاندىن كېيىن، مۇنداق بىر قانچە نۇقتىدىن پىكىر قىلغۇم كەلدى. ئەگەر خاتا گەپ قىلغان بولسام، كەچۈرۈم سورايمەن ۋە تۈزۈتۈش بەرگەيسىز. چۈنكى ئىنسان خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس.
‏1. ھەممە ساھەلەردە پوست مودىرنىزم ئويناۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە سىزنىڭ تارىخقا نىسبەتەن گۇمانىزملىق پوزىتسىيەدە بولغىنىڭىزدىن تۇلىمۇ سۈيۈندۈم. مېنىڭچە، ئىلمىي تەتقىقاتتا ۋە ئەسەر ئوقۇغاندا «قۇرئان» كەرىم ۋە «ئۈستىقۇددۇس ھەددىس»لەردىن باشقا ھەر قانداق شەخىس يازغان ۋە ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىدىيىۋىي قاراشلارغا گۇمانىي پوزىتسىيە تۇتساق بولىدۇ. چۇنكى، ھەر قانداق بىر شەخىس ئۆز ئىدىيىسى ۋە كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ، ئۆز دەۋرىنىڭ ۋە جەمئىيىتىنىڭ ئىدىيىۋىي چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. بىزنىڭ بۇنداق گۇمانىزملىق پوزىتسىيىدە تۇرۇپ ئىزدىنىدىغان ساھەلىرىمىز بەك كۆپ. مەسلەن، ئەدەبىيات، تارىخ، دىن، پەلىسەپە، مەدەنىيەت...دىگەندەك.
‏2. ئامماننىساخان ھەققىدىكى ۋەقەلەرنىڭ ھېكايە، دىرامما ۋە كىنو سىنارىيىسى قىلىنىپ، تارىخقا ئاساس بولغىنى راست. ساپ تارىخشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى. چۇنكى، ئەدەبىيات توقۇلمىدىن خالىي بولالمايدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يېزىلغان تارىخى رومانلار ئەدەبىي ئەسەر خالاس، ھەقىقى تارىخ ئەمەس. شۇڭا، ئەدەبىي ئەسەرلەردە تىپ يارىتىش زۆرۆرىيىتى بىلەن بەزى ئوبرازلار ئويدۇرمىلار ئارقىلىق ئىجابىي ۋە سەلبىي مەنالارغا ئىگە قىلىنىدۇ. خۇددى «ئىز» ۋە «ئويغانغان زىمىن» ناملىق رومانلاردا خۇجىنىياز ھاجىنىڭ پالگان ۋە خەلقنىڭ قەھرىمانى قىلىپ تەسۋىرلىنىپ، ئۇنىڭ سوۋىت 3-ئىنتىرناتسىيۇنالىنىڭ ئەزاسى ھەم ك گ ب نىڭ ئادىمى ئىكەنلىكىدەك تارىخى پاكىتنى دىمىگىنىدەك ئىش. بۇنداق قىلىش شۇ زاماننىڭ زۆرۆرىيىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن. يازغۇچى ۋە ئەدىپلەرنىڭ ئاماننىساخاننى 12 مۇقامنى رەتلىگەن تىپ قىلىپ چىقىشىمۇ شۇ زاماننىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە زۆرورىيىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن. ئومومەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئەدەبىياتنىڭ تىپ ئارقىلىپ ئادەم تەربىيلەش تەپەككۇر ئۇسۇلى بويىچە، مىللەتكە ۋە جەمئىيەتكە پايدىلىق تەرەپلىرى دىيىلىپ يامان تەرەپلىرى دىيىلمىگەن. بۇ ياخشىلىق ئۈچۈندۇر.
‏3.يازمىڭىزنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى ھەققىدە تەكلىپ: يازمىڭىز قارىماققا ئەدەبىي ئەسەرگە ئوخشاشكۈچلۈك ھېسىيات ئارقا كۆرىنىشى بىلەن يېزىلىپتۇ. تارىخى تېمىلارغا چوقۇم ئىلمىي پوزىتسىيە تۇتۇش كېرەك. يەنى ھەربىر يەكۈن ۋە باھاغا پاكىتنى ئاساس قىلىش كېرەك. ئىمكان بار ھېسسىي يەكۈنلەردىن يىراق تۇرىشى كېرەك. ئەدەبىي ئەسەرلەرگە يەنى ئاماننىساخان ھېكايىسىنى ياكى سەھنە ئەسىرىنى ياكى سىنارىيىسىنى تەھلىل قىلغاندىمۇ شۇنداق بولىشى كېرەك. شۇڭا، ئىمكان بار بىر تەرەپلىمىلىكتىن ساقلىنىش كېرەك.
‏4. سىز ھەقىقەتەن مۇشۇ ھەقتىكى تارىخقا قىزىقسىڭىز، سىزگە بىر ئۇچۇر بېرەي. باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە(ئەگەر بۇ ئۇچۇر راست بولسا)، ھېندىستاننىڭ مەلۇم بىر موزىيىدا ئامانىساخاننىڭ ھىندىستاندىكى سىڭلىسىغا يازغا بىر پارچە خېتى ساقلىنىۋېتىپتۇ. ئەگەر سىز مۇشۇ ماتېرىيالنى تاپالىسىڭىز، سىز دىمەكچى بولغان مەسىلىلەرنىڭ مەلۇم تەرەپلىرىنى ئىلمىي پاكىت بىلەن تەمىنلەشكە پايدىلىق بولىشى مومكىن. شۇڭا، پاكىت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، تارىخى ۋەقە ۋە شەخىسلەرگە سوبىيكتىپ قاراشلار بىلەن چىقارغان يەكۈنلەرنى ئالدىراپ مۇتلەقلەشتۈرۋەتمەي تۇرغىنىمىز ياخشى.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 20:19:30

خۇددى «ئىز» ۋە «ئويغانغان زىمىن» ناملىق رومانلاردا خۇجىنىياز ھاجىنىڭ پالگان ۋە خەلقنىڭ قەھرىمانى قىلىپ تەسۋىرلىنىپ، ئۇنىڭ سوۋىت 3-ئىنتىرناتسىيۇنالىنىڭ ئەزاسى ھەم ك گ ب نىڭ ئادىمى ئىكەنلىكىدەك تارىخى پاكىتنى دىمىگىنىدەك ئىش.
ماۋۇ بۇرۇن پەقەتلا ئاڭلىمىغان بىر گەپكىنا؟ تەپسىلىيرەك بايان قىلىپ بېرەلەرسىزمۇ؟

zapar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 21:10:36

قۇلاق موللىسى بولدىغان تېمىكەن

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 23:09:11

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى2014-4-29 20:19 static/image/common/back.gif
خۇددى «ئىز» ۋە «ئويغانغان زىمىن» ناملىق رومانلاردا خۇ ...

خوجىنىياز ھاجى ك گ ب نىڭ ئادىمىمىدى ؟؟

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 23:13:52

omar14 يوللىغان ۋاقتى2014-4-29 23:09 static/image/common/back.gif
خوجىنىياز ھاجى ك گ ب نىڭ ئادىمىمىدى ؟؟

6-قەۋەتتىكى تورداش شۇنداق دەپ يېزىپتىكەن. مېنىڭمۇ تۇنجى ئاڭلىشىمكەن بۇ گەپنى، شۇڭا سورىغانتىم. قىزىل بويالغان يەر نەقىل ئېلىنغان يەر.

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-30 00:09:32

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى2014-4-29 23:13 static/image/common/back.gif
6-قەۋەتتىكى تورداش شۇنداق دەپ يېزىپتىكەن. مېنىڭمۇ تۇن ...

شۇنى دەيمە.....تەپسىلىراق تەپسىلات بولسا ئاڭلاپ باقساق بولىتتى

pansat يوللانغان ۋاقتى 2014-4-30 00:27:31

مۇشۇ ئىزدىنىشتا يۈرسە ئانام ئاڭلىمىغان دادام ئاڭلىمىغان گەپلەر ئۇچرايدۇ

isyankar731 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-30 00:28:58

خۇددى «ئىز» ۋە «ئويغانغان زىمىن» ناملىق رومانلاردا خۇجىنىياز ھاجىنىڭ پالگان ۋە خەلقنىڭ قەھرىمانى قىلىپ تەسۋىرلىنىپ، ئۇنىڭ سوۋىت 3-ئىنتىرناتسىيۇنالىنىڭ ئەزاسى ھەم ك گ ب نىڭ ئادىمى ئىكەنلىكىدەك تارىخى پاكىتنى دىمىگىنىدەك ئىش.

ئەپەندىم مۇشۇ ئابزاسقا پاكىت كەلتۈرۈڭ، بولمىسا قارا چاپلىماڭ..
شۇڭا، پاكىت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، تارىخى ۋەقە ۋە شەخىسلەرگە سوبىيكتىپ قاراشلار بىلەن چىقارغان يەكۈنلەرنى ئالدىراپ مۇتلەقلەشتۈرۋەتمەي تۇرغىنىمىز ياخشى.ماۋ قۇرلارنىمۇ سىز يېزىپسىز بولمىسا...

oqmasumut يوللانغان ۋاقتى 2014-4-30 01:24:52

ۋاي خوجىنىياز ھاجى ك گ ب نىڭ ئادىمى بولسا ئارغامچىدا بوغۇلۇپ ئۆلمەيتتى ، 1- دۇنيا ئۇرۇشىغا ئەسكەرلىككە تۇتىمەن دېسە قېچىپ كەتكەن مەككىگە قاراپ ، شۇ .

melek يوللانغان ۋاقتى 2014-4-30 09:38:18

تارىخى، دىن،پەلسەپەت، مەدەنىيەت..... ھەممىسىگە گۇمانى نۇقتىنەزەردە قارىساق، زادى نېمىگە ئىشەنسەك بولار?
ئىجتىمائى ھاۋارىمىزنى گۇمان ۋە ئىشەنچسىزلىك قاپلاپ كېتىش نېمىدىگەن قورقۇنچلۇق ھە

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-30 11:54:12

شۇ جۈملىنى يازغان تورداش ئۇنۋانى يۇقىرى تەتقىقاتچىدەك قىلىۋاتقان، ئاغزىغا كەلگەننى دېمىگەن بولۇشى مۇمكىن.

function يوللانغان ۋاقتى 2014-4-30 17:04:06

ئىشقىلىپ بىزنىڭ قەھرىمانلىرمىزغا بىزنىڭ ئەمەس باشقا بىرنىمىلەرنىڭ تامغىسىنى برسىپ قويىدىكەن. خۇددى ئۇيغۇردىن قەھرىمان چىقمايدىغاندەك.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 10:39:24

ئاماننىساخانغا سوپىلار زىيانكەشلىك قىلغان دەيدىغان ساختا مەلۇماتلار كىشىنى زەپ ئويغا سالىدۇ.
بۇ شائىرە بىلەن سوپىلارنى ئىككى قاش قىلىپ كۆرسۈتۈش ئۈچۈن ئوينىغان ئويۇنلاردەكلا.
ئۇنداق بولمىسا، ئاماننىساخان رەتلىگەن مۇقاملار، مۇقام تىكىسلىرى بىلەن ئالاقىدار بولغان سوپىلارنىڭ جان يىلتىزلىرىغا تەۋە مەزمۇنلاردىكى بىرلىكنى قانداقمۇ بىر-بىرىگە زىت دەپ قاراش-پارچىلاش مۇمكىن؟
بۇ رىئاللىقتىن شۇ ئايانكى، ئاماننىساخانغا قارشى تۇرغىنى ئۇ سۆيگەن كەسىپ ئەمەس بەلكى كۈنداشلىق بولۇشى مۇمكىن.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 11:18:58

oqmasumut يوللىغان ۋاقتى2014-4-30 01:24 static/image/common/back.gif
ۋاي خوجىنىياز ھاجى ك گ ب نىڭ ئادىمى بولسا ئارغامچىدا بو ...

قايتىلاپ ئوقۇڭ مايكارىزنىڭ ئىنكاسىنى.
بەت: [1]
: مۇقام خانىشى ئاماننىساخاننى قايتىدىن بايقاش