esyankar75 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 14:14:29

يامغۇر ئوقار شېئىرلىرىمنى


يامغۇر ئوقار شېئىرلىرىمنى




يامغۇر ئوقار شېئىرلىرىمنى ،
سىياھ قىلدىم كۆز ياشلىرىمنى.
ياغار مىنىڭ مىسكىن باغرىمغا ،
ئاپرىلنىڭ سىم-سىم يامغۇرى .

ئالەم سىغقان كەڭرى يۈرەككە،
سىغماس ئىكەن ھىجراننىڭ دەردى .
قاقاسلىققا ئايلاندى باغرىم،
جاندىن ئۆتتى ۋىسالنىڭ قەدرى .

كىزەر ئەكسىڭ ناخۇش دىلىمدا ،
تىلغار دىلنى ئاسىي ھىسلىرىم .
يامغۇر بولۇپ چۇشكەندەك گويا،
ساڭا بولغان سىغىنىشلىرىم .

كىتىپ بارمەن مەنزىلسىز تەنھا ،
خىياللىرىم يىنىڭ تاراسلاپ .
مەن باھاردا باھارسىز قالدىم ،
يامغۇر سۈيدە كۆزۈمنى ياشلاپ .

دالدىسىدا قېرى تېرەكنىڭ ،
تىترەپ تۇرار قېرى قاراغوجا .
ياغە يامغۇر ، ماڭىلا ياغقىن !
قوشۇلۇپ كېتەي تامچىلىرىڭغا.

يامغۇر ئوقار شېئىرلىرىمنى ،
سىياھ قىلدىم كۆز ياشلىرىمنى .
ھەر بىر تامچەڭ مىسرالىرىمدا ،
يۇيىۋەتكىن پىغانلىرىمنى .

--  ئىسيانكار75
2014-يىلى 29- ئاپرىل     ئۈرۈمچى      

Heqqani123 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 15:19:12

ياخشى شىئېر بوپتۇ ... تەبىئېي
  

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 16:24:01

مەن بۇ بالىنى خەنزۇۋان دەپ بىلىمەن ، ئەمما شىئېر يىزىپ قويىدىكەن دىسە .

esyankar75 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 11:22:36

muztag يوللىغان ۋاقتى  2014-4-29 16:24 static/image/common/back.gif
مەن بۇ بالىنى خەنزۇۋان دەپ بىلىمەن ، ئەمما شىئېر يىزىپ  ...

ياقەي  مەن تولۇقسىزدىن باشلاپ قوش تىللىق سىنىپتا ئوقۇغان ، تولۇق ئوتتۇرىدا ئەدەبىيات مۇئەللىمىمنىڭ تەسىرىگە كۆپرەك ئۇچرىغاننىڭ  سەۋەبىدىن ئانچە مۇنچە بىر نەرسىلەرنى يىزىپ قويىمەن .
بەت: [1]
: يامغۇر ئوقار شېئىرلىرىمنى