تەرجىمە:ھىكمەت ئۈنچىلىرى
ھىكمەت ئۈنچىلىرىمامۇتجان نۇرمۇھەممەد (ئاققاش)تەرجىمىسى
*شاد-خۇراملىقنىڭ ئاچقۇچىنى باشقىلارنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويماڭ،ئۇنى قولىڭىزدا مەھكەم تۇتۇڭ.
*ھەممە تەرەپنى تەڭ ئىتىبارغا ئالىمەن دېمەڭ،ھامان بەزىلەر سىزدىن نارازى بولىدۇ.
*كۆز يېشى قىلماڭ،چۈنكى ئۇ ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى، كۆلۈمسىرەڭ، چۈنكى ئۇئەمدىلا باشلاندى.
*ئۆزىڭىزنى ھەر قانداق بىر ئادەم بىلەن سېلىشتۇرماڭ،سىز مەڭگۈ دۇنيادا بىردىنبىر،باشقىلارنىڭ كۆپەيتمە بويۇمى ئەمەس.
مەنبە:«يەرشارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 2011-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى سانى
ۋىكور.ئولېفورنىڭ پۇل ھەققىدە ئېيتقانلىرى
* ئەگەر بىر ئادەم پۇلنى قوغلاشسا،ئۇنداقتا ئۇ بىر بايلىق مەستانىسى.
*ئەگەر بىر ئادەم پۇل يىغسا،ئۇنداقتا ئۇ بىر كاپىتالىسىت.
*ئەگەر بىر ئادەم پەقەت پۇللا خەجلىسە، ئۇنداقتا ئۇ بىر سۆلەتۋاز بايۋەتچە.
*ئەگەر بىر ئادەم پۇل تاپالمىسا،ئۇنداقتا ئۇ بىر يارىماس ئادەم.
*ئەگەر بىر ئادەم پۇل تېپىشنى ئويلىمىسا،ئۇنداقتا ئۇ بىر جاسارىتى يوق ئادەم.
*ئەگەر بىر ئادەم ھېچبىر ئىش قىلماي پۇللا خەجلىسە،ئۇنداقتا ئۇ بىر ھارامتاماق.
*ئەگەر ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە جاپا-چىكىپ پۇل ساقلىغان ئادەم بولسا،كىشىلەر ئۇنى ياشاشنى بىلمەيدىغان ھاماقەت دەپ ئاتايدۇ.
(ئىزاھات: ۋىكور.ئولېفور ئەنگىلىيلىك كومېدىيە ئارتىسى،1898-يىلىدىن 1964-يىلىغىچە ياشىغان.)
مەنبە:«يەرشارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 2011-يىل 3-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى سانى
ئەمەل سورۇندىكى ئەڭ
*ئادەمنىڭ ئەڭ غەزىپىنى قوزغايدىغان ۋاقىت: قاق سەھەردىلا قوڭغۇراقنىڭ توختىماستىن جىرىڭلىششى.
*ئەڭ قۇرقۇنچلىق سەپەر: ئىشخانىغا بارىدىغان يول.
*ئادەمنى ئەڭ بىئارام قىلىدىغان خەۋەر: خۇجايىننىڭ سىزنى ئىشخانىسىغا چاقىرتىشى.
*ئەڭ ئوڭايسىز ۋاقىت: خۇجايىن كۈلگەندە ھېچكىمنىڭ كۈلمەسلىكى. *ئەڭ خۇشال ۋاقىت: مائاش تارقاتقان چاغ. مەنبە:«يەرشارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 2011-يىل 3-ئاينىڭ8-كۈنىدىكى سانى
ھىكمەت ئۈنچىلىرى
*تارىختىن مەلۇمكى، غالىپلارنىڭ غالىپ بولالىشى ئۇلارنىڭ قىلغىنىنىڭ توغرا بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى غەلىبە قىلىشىنىڭ توغرا بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.
*پادىشاھنىڭ ئوغلى دادىسىدەك پادىشاھ بولۇشنى ئويلايدۇ،تىلەمچىنىڭ بالىسى بولسا دادىسىدەك تىلەمچى بولۇشنى خالىمايدۇ، بۇ ئىنتايىن چاتاق ئىككى ئىش.
*ئەگەر بىر رەھبەرنى چوقۇنغۇچىلىرى ئورىۋالسا،ئۇ يىراققا نەزەر سېلىش ئىقتىدارنى يۇقۇتۇپ قويىدۇ.
*بىلگىنىڭىزنى ئەلدىن ئايىماڭ،مانا مۇشۇ سىزنىمەڭگۈ ياشنىتىدىغان بىردىنبىر ئامال.
*كۈنلىرىڭىزنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈڭ،مەردانىلىك بىلەن ياشاڭ، شۇنداق قىلسىڭىزلا قېرىپ ئۆتمۈشىڭىزنى ئەسلىگەن چاغدا ھاياتتىن يەنە بىر قېتىم بەھرى ئالالايسىز.
*قەددىڭىزنى رۇسلاپ ئېگىزگە قارىسىڭىز،بويىڭىز ئۆسىدۇ.ئەگەر بېشىڭىزنى ئېگىپ پايدا ئېلىشنى ئويلىسىڭىز، دوك بولۇپ قالىسىز.
*ئادەم خەت تونۇمىسا بولىدۇ،ئەمما ئادەمنى تونۇمىسا بولمايدۇ.
*بەخىتنىڭ ھەممىسى ئوخشايدۇ،ئەمما قايغۇ-ھەسرەتنىڭ تۈرى كۆپ.
*سىزنى سۆيىدىغان بىرسىدىن ۋاز كەچمەك ئازاپلىق ئەمەس،سىز سۆيىدىغانبىرسىدىن ۋاز كەچمەك ئىنتايىن ئازاپلىق.
*ئەقىللىق كىشىلەرھە دېسەسۈكۈت قىلمايدۇ،ئەمما ئۇلار قاچان سۈكۈتقىلىشنى بىلىدۇ.
*ئاقكۆڭۈللۈك گاسلار ئاڭلىيالايدىغان،ئەمالار ئوقۇيالايدىغان تىلدۇر.
*ساغلاملىقتىن مەھرۇم بولۇشتىن تېخىمۇ قورقۇنچلىق بولغىنى دوستتىن مەھرۇم بولۇشتۇر،دوستتىن مەھرۇم بولۇشتىن تېخىمۇ قورقۇنچلىق بولغىنى رۇھتىن مەھرۇم بولۇشتۇر.
*مۇۋەپپەقىيەت ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن ئاددى،سىز چىداشلىق بىرەلمىگەن چاغدا يەنە بىر ئاز بەرداشلىق بەرسىڭىزلا بولدى.
*نىكاھتىن بۇرۇن ھەققانىيلىق خۇشاللىقتىن موھىم،نىكاھتىن كېيىن خۇشاللىق ھەققانىيلىقتىن موھىم.
*مۇڭدىشىش تەپەككۇرنى چېنقتۇرىدۇ،قۇرۇق پاراڭ تىلنى.
*بىز گاھىدا باشقىلارنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى باشقىلار قىلغان ئىشنىڭ بىزنىڭ قارىشىمىزغا ماس كەلمىگىنى ئۈچۈن ئاچچىقلىنىمىز.
مەنبە:«ئالاھىدە كۆزىتىش»ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىلى 1-سانى
ھىكمەت دۇردانىلىرى
*ئاقكۆڭۈللۈك موكەممەللىك ئەمەس،بىراق ئاقكۆڭۈللۈك موكەممەللىكنى ھەقدادىغا يەتكۈزىدۇ.
*ئىلاھ بار يەردە جىن-ئالۋاستىلار كۆپ بولىدۇ،بەخىت بار يەردە جىنايەت.
* خۇتۇن-قىزلىرى ئەيشى ئىشرەتكە بېرىلگەن ئائىلە خاراپ بولىدۇ،پەرزەنتلىرى چوڭچى،ھورۇن ئائىلە خاراپ بولىدۇ،قېرىنداشلىرى ئىناق ئۆتمىگەن ئائىلە خاراپ بولىدۇ، چوڭلارنى ،مېھماننى ھۆرمەتلىمىگەن ئائىلە خاراپ بولىدۇ.
*تاغنىڭ ئىگىزلىكىنى ئۆلچىمەڭ،ئەگەر سىز تاغنىڭ چوققىسىغا چىققان چاغدا ئاندىن تاغنىڭ قانچىلىك پەس ئىكەنلىكنى بىلىسىز.
*دېيىشكە جۈرئەت قىلالمىغان گەپلا دىېيىشكە ئەڭ ئالدىرايغان گەپتۇر.
*نىكاھنىڭ پىشىپ يىتىلىش جەرىيانى ئىككى ئادەمنىڭ بىربىرىگە سىرداش بولۇش جەرىيانىدۇر.
دوستلۇق ۋە نىكاھ تانسا ئويناشقا ئوخشايدۇ،موھىمى تانسىنى قانداق ئويناشنى ئۆگىنىۋېلىش،جورا تېپىش ئەمەس.
*ئىشىق دەرياسىغا غەرق بولۇش ئوڭاي،قىيىن بولغىنى سىزنى دەريادىن سۈزۈپ چىقىدىغان بىر ئادەمنى تېپىشتۇر.
*ئەمگەك قىلغان چاغدا ئۆزىڭىزنىڭ ئادەملىرىنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز،قىلغان ئىشلىرىڭىزنى باشقىلار ئىسىدە تۇتىدۇ.
*جاسارىتى باشلانمىغان كىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ھەممە نېمىسى ئاخىرلاشقان بولىدۇ.
*سىز بەلكىم دائىم مەغلۇپ بولىشىڭىز مومكىن،ئەمما سىز ۋاز كىچىشتىن بۇرۇن مەغلۇبىيەتچى ئەمەس.
*سىزگە ئەسقاتىدىغان قول سىزنىڭ بىلىكىڭىزدە.
*مۇنەۋۋەر ئادەمنىڭ ئەڭ خۇشال بولىشى ناتايىن،ئەمما خۇشال ئادەمنىڭ مۇنەۋۋەر بولىشى چوقۇم.
ھېچكىم دۈشمىنىنى ياخشى كۆرمەيدۇ،ئەمما دۈشمەننى ئۆزىنىڭ پەيدا قىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.
*بىر مەغلۇبىيەتتىن يەنە بىر مەغلۇبىيەتكە قاراپ مېڭىش شۇنداقلا بۇ جەرىياندا قىزغىنلىقىنى يۇقاتماسلىقنىڭ ئۆزى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشجەرىيانىدۇر.
*بىز قىلماقچى بولغان ئىشلار تەس بولغانلىقتىن بىزنى قۇرقۇنچاق قىلىۋەتمەيدۇ بەلكى بىزنىڭ قۇرقۇنچاقلىقمىز سەۋەبىدىن تەسلىشىپ كېتىدۇ.
*بىلىم بىلەن ئەقىلنى تەڭ ئورۇنغا قويۇشقا بولمايدۇ،بىلىم سىزگە جاننى قانداق ساقلاشنى ئۆگىتىدۇ،ئەقىل سىزگە قانداق ياشاشنى ئۆگىتىدۇ.
*تاياق بەدەننى زەخمىلەندۈرىدۇ،يامان سۆز دىلغا ئازار بېرىدۇ،سۈكۈت گاھىدا يۈرەكنى پارە قىلىۋىتىدۇ.
مەنبە:«ئالاھىدە كۆزىتىش»ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىلى 2-سانى
پىراۋىدىكى ھىكمەتلەر
دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر پىراۋىغا ئاگاھلاندۇرۇش سۆزى يازغان بولۇپ، پىراۋا ئىگىسىگە ماشىنا ھەيدىگەندەبىخەتەرلىككە دىققەت قىلىپ، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلماسلىقنى ئەسكەرتىدۇ.
ئوممان:بەلگىلىمىگە خىلاپ يول يۈرسىڭىز ئۆزىڭىز ۋە ئائىلدىكىلىرىڭىز ئۈچۈن خەتەرلىك.
بولىۋىيە:ئۆيىڭىزدىكىلەرنىڭ ھەر ۋاقىت قايتىپ كىلىشىڭىزنى كۈتىۋاتقانلىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ.
كولۇمبىيە:بەلگىلىمىگە خىلاپ يول يۈرگۈچى ئىھتىيات قىلىڭ، سوتچى سىزنى يوقلاپ كىلىدۇ.
نورۋېگىيە:ھايات بىرلا قېتىم مەنسۇپ بولىدۇ،ئۇنىڭدىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەڭ.
جەنوبىي ئافرىقا: شوپۇرلۇق ھوقۇقىڭىزنى قەدىرلەڭ.
گېرمانىيە:بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسىڭىز پەرۋەردىگارمۇ سىزنى قوغدىيالمايدۇ.
پىرۇ:ئەگەر سىز خۇشال بولاي دېسىڭىز ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى يەنىمۇ ئاستىلىتىڭ.
ئارگېنتىنا: ۋەقە چىققاندىن كېيىن ساقچى ئىدارسىگەبېرىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
مىسىر: ئەلئېھرامنىڭ ئاستىدا تىراگىدىيە پەيدا قىلماڭ.
مېكسىكا:رولنى مەھكەم تۇتۇڭ،ئۇنى قويۇپ بەرمەڭ.
زامبىيە:ھاياتىڭىز بەلكىم قانوننى ئۇنتۇپ قالغان ئاشۇ دەقىقىدە نابۇت بولىشى مومكىن.
مەنبە:«ئالاھىدە كۆزىتىش»ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىلى2-سانى
ھىكمەت دۇردانىلىرى
*ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ دەرت-ئەلەم سۆيگۈنىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىش ئەمەس بەلكى چىن دېلىڭىزدىن بىرسىنى سۆيۈپ باقمىغانلىقىڭىزدۇر.
*مۇھەببەت خيالى سىزىمىنىڭ بەربات بولىشى ئادەم بولۇش جەرىيانىدا چوقۇم ئوقۇيدىغان دەرسلىكتۇر.
*نەغمىچى قۇش ئاسانلا قەپەزگە سولىنىدۇ.
*بۇرۇن ئادەملەر پەرزەنتنى مۇھەببەتنىڭ پايدىسى دەپ قارايتتى،ھازىر مۇھەببەتنىڭ بېجى دەپ قارايدىغان بولدى.
*كەڭ قۇرساقلىق بىر خىل رۇھى ھالەت،بىر خىل پوزىتىسىيە،بىر خىل يۈكسەكلىك.
* ھاماقەت بولۇپ بېقىش ئەقىللىق ئادەم بولۇشنىڭ تۇنجى قەدىمى.
*بارىلىق بەخىتسىزلىكلەر بەخىتكە تۇتىشىدىغان يۇلغا ياتقۇزۇلدىغان تاشتۇر.
مەنبە:«ئالاھىدە كۆزىتىش»ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىلى 3-سانى
يېڭى دەۋىردىكى 10كۆپ ۋە 10ئاز
يىمەكلىك كۆپەيدىيۇ ،ئىشتىھا ئازايدى.
ئويۇن-تاماشا كۆپەيدىيۇ،شاد-خۇراملىق ئازايدى.
ئارامگاھلار كۆپەيدىيۇ،ئارام ئېلىش ئازايدى.
مۇناسىۋەت كۆپەيدىيۇ،غەمخۇرلۇق ئازايدى.
مال-مۆلۈك كۆپەيدىيۇ،بايلىق ئازايدى.
باردى كەلدى كۆپەيدىيۇ،مۇڭدىشىش ئازايدى.
نەزەرىيە كۆپەيدىيۇ،غايە ئازايدى.
ماقالە كۆپەيدىيۇ،مەدەنىيەت ئازايدى.
ئومومنىڭ ئىشلىرى كۆپەيدىيۇ،جامائەت ئەخلاقى ئازايدى.
ئاشىنا-ئاداش كۆپەيدىيۇ،مىھىر-مۇھەببەت ئازايدى.
مەنبە:«ئالاھىدە كۆزىتىش»ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىلى 3-سانى
ياخشىكەن.
بەت:
[1]