خېرىدارغا مال ۋاقتىدا تەگمىسە ئىچى تىتىلداشنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈپ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇمخېرىدارغا مال ۋاقتىدا تەگمىسە ئىچى تىتىلداشنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈپ باققانلار بارمۇ ئارىمىزدا(قاتتىق ئاچچىق كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)
مۇشۇ ئالما ئاچچىقسۈيى ياكى قان تومۇر تازلاش شەربىتىنى سېلىش جەرانىدا يوقىرقىدەك ئەھۋالغا بىر نەچچە ۋاق ئۇچىراپ قالدىم .مال توشۇش ئورنى تېلىفۇن قىلغاندا تېلىفۇنى يا ئىتىك بولىدىكەن ،ياكى مال توشۇش مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن بىر ئىككى كۈن كىچىكىپ قالىدىكەن .شۇ سەۋەپ بىلەن مېلى ۋاقتىدە قولىغا ئالالمىغان خېرىدار سىزگە ئون مو يەرگە كېلىدىغان گەپتىن بىر تاغار بېرىپ .چەكسىز ھوزۇرلاندۇرۋېتىدىكەن .ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىگە بىر يەشىك مال سالغان ئىدىم .27-ئاپرىل سالغان مال 29-ئاپرىلغىچە يىتىپ بارمىدى .مال ئىگىسى بۈگۈن تېلىفۇن قىلىپ ،قولاقنى توشقۇزدى .مانا ھازىرغىچە ئەسلىمگە كىلەلمەي ئىچىم تىتىلداپ ئولتۇرۇپتىمەن .توردىن ئاقسۇ ئۇزۇن يوللۇق توشۇشنىڭ تېلىفۇنىنى تېپىپ ،مال توشۇش ئورنىنىڭ تېلىفۇنىنى سورىسام بىر قول تېلىفۇننىڭ نومىرىنى بەردى 18997879908غا تېلىفۇن قىلسام ،بۇنداق مال يوق دەيدۇ .ھازىر ئەھۋال ئىگىلەپ باقسام ئاقسۇ ئۇزۇن يوللۇق قاتناشتا مۇشۇنداق ئىش قىلىدىغاندىن جىقكەن .ئەمدى قانداق ئىزدەرمەن بۇ مالنى .چەكسىز ھوزۇرلىنىش ئىچىدە ئىچىپ تىتىلداپ ھازىرغىچە ئەتتىگەنلىك ناشتا قىلماي ئولتۇرۇپتىمەن . ۋاي بۇ بولماپتۇ، ناشتا قىلمىسىڭىز قانداق بولىدۇ، چۈش بولغىلى نەۋاخ، دەرھال قوپۇپ كىتىڭ! ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىچى تىتىلدىغاندا ئىنىرگىيە كۆپ سەرىپ قىلىنىدۇ، ئاچ قورساق ئىچىڭىزنى تىتىلداتقاندىن، قورساقنى توقلاپ خاتىرجەم تىتىلداتمامسىز تالوننى چىڭ تۇتۇڭلا
مەنمۇ بۇلتۇر بىرسىنىڭ مېلىنى سېلىپ ئون كۈنگىچە بارماپتۇ، خىرىدار تىللاپ كەتتى، چۈشەندۈرۈپ بولالماي ئاخىرى مىنى ئەرز قىلىدىغانمۇ بولدى، ئەرز قىلساڭ قىلەۋا دەپ بىكەتكە چىقىپ تازا سوقۇشتۇم.
ئەسلى شۇ مالنى سالغاندا مەسئۇل بالىغا شۇنچە تاپىلىسام پەرۋا قىلماي ئۆز ئىشىنى قىلىپ يۈرگىنىگە بەك ئاچچىقىم كەلگەنىدى، مەندە تالون بار، ئۇلاردا كۆتەك تالون يوق ئىكەن.:funk: شۇنىڭ بىلەن مال بىر ئايلىنىپ يەنە باردى خېرىدارنىڭ قولىغا .... ئاقسۇ ئۇنسۇ :o... ناھىيىمىز ئىزدىنىشتا ئات ئىشەكتەك يۈز تېپ كىتىدىغان بولدى مانا {:90:} بىر-بىرىدىن بەلەن ئىنكاسلار
ئۈرۈمچىدىن پەيزاۋاتقا يەتتە كۈندە كەلمىگەن مالغا
توشۇش شېركىتىدىكىلەرگە تلفۇن ئۇردۇم، چۈشتىن كىين ماڭارمىكى دەيدۇ، ئاچچىىقىىم قەپەس كەپتىكەن، ئىشەك باقاۋە گۇي دەپ بۇندا شىركەت قۇرىمە دېگۈچە دەپ تېلفۇننى قويىۋەتتىم، ئەتىسى كەچتە كەلدى، مال...
ئۇف ....
كونا كىتاب سودىسى قىلىۋاتقان بەش يىل ئىچىدە شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىغا نەچچە يۈز قېتىم كىتاب سالدىم، خۇداغا مىڭ شۈكرىكى، تا ھازىرغىچە بىرەر ئادەم «كىتابنى تاپشۇرۇۋالالمىدىم.» دەپ باقمىدى.
2014.4.22 سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چىڭدۇ شەھىرىگە ئىككى كىتابنى تېز يوللانما قىلىپ سالسام 26-چىسلا تاپشۇرۇۋالدىم دەپ ئۇچۇر قىپتۇ. ھەيران قالدىم، شۇنداقلا خۇش بولدۇم. دېمىسىمۇ مېنى تونۇمايدىغان ھەر قانداق بىر ئادەم ماڭا ئىشىنىپ پۇل سالسا %50 خۇش بولسام، «كىتابنى تاپشۇرۇۋالدىم.» دېسە %100 خۇش بولىمەن. شۇنداق چاغلاردا بىر ئادەم ئۈچۈن ئىشەنچنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى ئېتىراپ قىلىمەن!
ئاقسۇغا سالغان ماللار ئاساسەن تارىم بېكەتكە بارىدۇ،ئەگەر سىز مەركىزىي بېكەتكە بېرىپ قالغان بولسىڭىز ئەلۋەتتە تاپالمايسىز،تارىم بېكەتتىكى ھاۋالىلىك توشۇشقا مەسئۇل يېسىۋىلەك يولداشنىڭ مۇئامىلىسى بەك ناچار،لېكىن ئاساسەن بىر كۈندىلا كېلىپ بولىدۇ سالغان بولسىلا
بەت:
[1]