hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 08:53:56

تۇتقاقلىق - ھوشىدىن كېتىش(سەرئى كېسىلى) ۋە ئۇنىڭ ئالامەتلىرى

تۇتقاقلىق - ھوشىدىن كېتىش(سەرئى كېسىلى) ۋە ئۇنىڭ ئالامەتلىرى

بۇ ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك بولۇپ، ياشلار ۋە كىچىك بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇ كېسەل ئۇشتۇمتۇت باشلىنىدۇ. قاتتىق تۇتقاندا ئادەم يەرگە يىقىلىپ، پۇت- قوللىرى تارتىشىپ قالىدۇ. چىشلىرى كىرىشىپ ئاغزىدىن كۆپۈك يانىدۇ. 5-6 مىنۇت ھوشسىز  ھالدا خارقىراپ ياتقاندىن كېيىن ئاستا- ئاستا ھوشىغا كېلىپ ئورنىدىن تۇرىدۇ. ھوشسىزلانغاندا كۆپىنچە چوڭ - كىچىك تەرىتىنى تۇتالمايدۇ.
بۇ كېسەل پات-پات تۇتىدىغان ۋە يىل بويى داۋام قىلىدىغان، تەستە ساقىيىدىغان كېسەللىك بولۇپ، قەيەردە تۇتسا بىمار شۇ يەردە يىقىلىپ قالىدۇ. بۇنىڭ يەڭگىلرەك تۇتىدىغانلىرىمۇ بار بولۇپ، كېسەل تۇتقاندا بىمارنىڭ سۆزى توختاپ، كۆزلىرى چەكچىيىپ قېلىپ، قولىدىكى بىر نەرسىلەر يەرگە چۈشۈپ كېتىدۇ. ئادەتتە 2-3 مىنۇتتىن كېيىن ئوڭلىنىپ قالىدۇ. سەرئى كېسىلىنىڭ بەزىلىرى نېرۋا قوزغىلىش خاراكتېرلىك بولىدۇ. كېسەل تۇتقاندا ئۆزىنى - ئۆزى ئۇرۇپ چىشلەيدۇ، باشقىلارنى ئۇرىدۇ ھەتتاكى ئۆزىنى - ئۆزى ئۆلتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىدۇ. بەزىدە ئۆز- ئۆزىدىن جۇدۇنى ئۆرلەپ خىيالچان، ئاچچىقى يامان، مىجەزى چۇس بولۇپ قالىدۇ. بەزىدە چىرقىراپ يەرگە يىقىلىپ يۇمىلاپ ئۆزىنى زەخىملەندۈرىدۇ. كېسىلى تۇتۇشتىن توختاپ ئەس- ھوشىغا كەلگەندە ھېچنەرسىنى ئەسلىيەلمەيدۇ، بۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ.
بەزىدە بۇ كېسەل ئارقا- ئارقىدىن تۇتۇپ، پۈتۈن بەدەن تۇتقاقلىق ھالدا تەكرار يىغىلىپ يەنە قويۇپ بېرىپ يەنە تۇتۇشقا باشلايدۇ. مۇنداق ۋاقىتتا تېز قۇتقۇزۇلمىسا، بىمار ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن.
سەرئى- تۇتقاقلىق - ھوشىدىن كېتىش كېسەللىكىنىڭ مېڭە مەنبەلىك سەرئى؛ بەلغەمدىن بولغان سەرئى؛ سەۋدادىن بولغان سەرئى؛ قاندىن بولغان سەرئى؛ سەپرادىن بولغان سەرئى؛ ئىككىلەمچى مەنبەلىك سەرئى-  ئاشقازان مەنبەلىك سەرئى؛ تال مەنبەلىك سەرئى؛ سېرىق ئەت مەنبەلىك سەرئى؛ ئۇرۇق بېزى ۋە بالىياتقۇ مەنبەلىك سەرئى؛ جىگەر مەنبەلىك سەرئى؛ ئۈچەي مەنبەلىك سەرئى؛ سەرئى ئەتراپى؛ زەھەرلىك ھايۋانات ۋە ھاشاراتلار چاققاندىن بولغان سەرئى؛ مېڭە سەزگۈرلىكى ئاشقاندىن بولغان سەرئى؛ بالىلار سەرئىسى؛ ئاياللار تۇتقاقلىق كېسىلى قاتارلىق تۈرلىرى بار.

سەرئى- تۇتقاقلىق - ھوشىدىن كېتىش كېسەللىكىنىڭ ئالامەتلىرى

مېڭە مەنبەلىك سەرئىنىڭ ئالامىتى: بۇ خىل سەرئى تۆت تۈرلۈك بولىدۇ.

1. بەلغەمدىن بولغان سەرئىنىڭ ئالامىتى
بىمارنىڭ سېزىش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەيدۇ ۋە خىرەلىشىدۇ. بېشى ئېغىرلىشىپ، كېسەل تۇتقان ۋاقتىدا ئېغىزدىن كەلگەن كۆپۈك كۆپ بولىدۇ. تۈكرۈكمۇ كۆپ كېلىدۇ. بۇرنىدىن سۇيۇقلۇق كۆپ ئاقىدۇ. بەدەن رەڭگى سۇس، رەڭگىرويى ئاق بولىدۇ. مىزاجى سوغۇق بولۇپ ھەرىكەتلىنىشى تەس بولۇشتەك بەلغەم ماددىسىغا ئائىت ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
2. سەۋدادىن بولغان سەرئىنىڭ ئالامىتى
بىمار ئايلىنىپ يىقىلىدۇ. يۈرىكى قاتتىق سوقىدۇ. ئېغىزدىن كەلگەن كۆپۈك تۇزلۇق ياكى چۈچۈمەل بولغاچقا، ئەگەر يەرگە ئازراق تېمىپ كەتسە، سىركىگە ئوخشاش كۆپۈك پەيدا قىلىدۇ. بىماردا گۇمانخورلۇق ۋە بولمىغۇر پىكىر-خىياللاردا بولۇش، يارىماس ئويلارنى كۆپ قىلىشتەك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت بىمارنىڭ بەدىنى ئورۇق، تېرىسى قۇرغاق، ئىشتىھاسى چوڭ بولىدۇ. بۇ خىل سەرئى يۇقىرىقى بەلغەمى سەرئىدىن يامانراق كېلىدۇ. چۈنكى بەلغەمى مىزاج مېڭىنىڭ مىزاجى بىلەن ئوخشاش بولغانلىقتىن مېڭىنىڭ بەلغەمدىن ھاسىل بولغان گازدىن زەھەرلىنىشى، باشقا خىلىتلار گازلىرىدىن زەھەرلىنىشكە قارىغاندا كەمرەك بولىدۇ.
3. قاندىن بولغان سەرئىنىڭ ئالامىتى
باش تەرەپتە قان ماددىسىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكى ئىككى چېكە تومۇرىنىڭ ناھايىتى توم، يوغان سوققانلىقىدا كۆرۈلىدۇ. بىمارنىڭ رەڭگىرويى قىپقىزىل بولۇش بىلەن بىرگە ئېزىلەڭگۈ كېلىدۇ. بۇ سەرئى تۇتقاندا بۇ خىل ئالامەتلەر تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ. بەزىدە، سەرئى كېسىلى تۇتقاندا بىمارنىڭ بۇرنىدىن قان كېلىدۇ.
4. سەپرادىن بولغان سەرئىنىڭ ئالامىتى
بىمارنىڭ ئەقىل پاراسىتى بۇزۇلىدۇ، ئۆزىنى بىئارام ھېس قىلىدۇ. سەرئى تۇتقاندا بېشى ئېچىشىپ ئاغرىيدۇ. كۆڭلى ئاينىيدۇ ۋە قۇسىدۇ، يۈز-كۆزلىرىنىڭ رەڭگى سارغۇچ بولۇپ، ئەستە تۇتۇش مۇددىتى قىسقىرايدۇ. گەرچە تارتىشىش بوشراق بولسىمۇ تەستە ئوڭلىنىدۇ.

ئىككىلەمچى مەنبەلىك سەرئىنىڭ ئالامىتى

بۇ، باشقا ئەزالاردىكى كېسەللىك ماددىلىرىنىڭ مېڭىگە ئۆرلىگەنلىكىدىن كېلىپ چىققان سەرئىگە قارىتىلغان. ئاشقازان، تال، قورساق، جىگەر، بالىياتقۇ، ئۈچەي ۋە قول-پۇتلاردىكى كېسەللىك ماددىلىرىدىن ئۆرلەپ چىققان بۇخاراتلارنىڭ مېڭىگە تەسىر قىلىشىدىن سەرئى پەيدا بولىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1. ئاشقازان مەنبەلىك سەرئىنىڭ ئالامىتى
بۇ خىلدىكى تۇتقاقلىق سەرئى كېسەللىكىدە بىماردا ئومۇمەن تۆۋەندىكىدەك 9 تۈرلۈك ئالامەت بولىدۇ. 1. تىل گېزى سېرىق، تىل ئاستى تومۇرى كۆپكۆك بولىدۇ. 2. يۈرەك ئازراق قىسىلسا ياكى بىمار ئازراق ئاچچىقلانسا بېشى چىڭقىلىپ كېتىدۇ. 3. كېسەلنىڭ تۇتۇش ۋاقتى يېقىنلاشسا، بىمارنىڭ تىلى كالۋالىشىپ سۆزلىشى قىيىنلىشىپ قالىدۇ. 4. ئۇخلىغاندا كۆپ چۈش ۋە قالايمىقان چۈش كۆرىدۇ. 5. بىمار ئۇنۇتقاق ۋە ئازغىنا نەرسىدىن قورقىدىغان بولىدۇ. 6. ئېغىزدىن كۆپۈك كېلىدۇ. 7. بىمار ساراڭغا ئوخشاش ھەر خىل بۇزۇق خىياللارنى قىلىدۇ. 8. ئازغىنا ئىشلارغا ئىچى تارلىق قىلىدىغان ۋە سەۋر-تاقەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. 9. يوقىلاڭ ئىشلارغا قاتتىق غەزەپلىنىدىغان ۋە ئورۇنسىز ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
ئاشقازان مەنبەلىك سەرئىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالامەتلىرى ئالتە تۈرلۈك بولىدۇ: 1. ئاشقازان سەكرىگەندەك، بوغۇلغاندەك بىلىنىدۇ. 2. قورساق ئاچقاندا ئاشقازان ساھەسىدە داۋاملىق تىترەش ۋە ئېچىشىشى بولىدۇ. 3. كېسەل تۇتقاندا ئىككى چېكە تارتىشىپ، بۇرۇن قاناتلىرى كېرىلىپ قالىدۇ. 4. كېسەلنىڭ تۇتۇشى قۇسۇشتىن بولسا، كېسەل ئەھۋالى ھەر ھالدا يەڭگىلرەك بولىدۇ. 5. ئاشقازاندا ئارتۇق خىلىت بولغاندا يەنى، ئاشقازان كۆپكەن، چىڭقالغاندا كېسەل تۇتسا، كېسەل ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ. 6. كېسەلنىڭ تۇتۇشى مېڭىگە ئۆرلىگەن بۇس (بۇخارات) نىڭ بۇزۇقلۇقىدىنلا بولغان بولسا، بۇخاراتنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بىلەن ئانچە چوڭ مۇناسىۋىتى بولمايدۇ. بەلكى، كېسەلنىڭ ئېغىر-يەڭگىللىكى شۇ بۇخاراتنىڭ بۇزۇقلۇق دەرىجىسىگە باغلىق بولىدۇ. بۇ خىلدىكى سەرئىنىڭ بىر بەلگىسى شۇكى مۇۋاپىق دورىلاردىن ئازراق ئىستېمال قىلىش بىلەنلا كېسەل ئەھۋالى يەڭگىللىشىدۇ، باشقا دورىلارغا ئېھتىياج چۈشمەيدۇ.
2. تال مەنبەلىك سەرئىنىڭ ئالامىتى
تالنىڭ ئۇدۇلى چىڭقىلىدۇ، تال ساھەسى قاتتىق بىلىنىدۇ، تال ئاغرىيدۇ.
3. سېرىق ئەت مەنبەلىك سەرئى (سەرئى مىراقى) نىڭ ئالامىتى
بىمار داۋاملىق ئاچچىق كېكىرىدۇ، قورسىقى كۆپىدۇ، قورساق بوشلۇقى ئېچىشقاندەك، كۆپۈشكەندەك بىلىنىپ، بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ. قۇسقان نەرسىلىرىدە ھەزىم بولمىغان تاماقلار بولىدۇ.
4. ئۇرۇق بېزى ۋە بالىياتقۇ مەنبەلىك سەرئىنىڭ ئالامىتى
ھەيز توختاپ قېلىش، ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي ئالاقە قىلىشتىن مەھرۇم قىلىشتەك ئالامەتلەر بولىدۇ. ئاندىن باشقا دوۋسۇن ۋە بۆرەك ئەتراپى، بەل ۋە غول ساھەلىرى ئاغرىيدۇ ھەم ئېغىرلىق ھېس قىلىدۇ. بالىياتقۇ تۈپەيلىدىن بولغان سەرئى كۆپىنچە ھامىلدار ئاياللاردا يۈز بېرىدۇ. بالىنى تۇغقاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ.
5. جىگەر مەنبەلىك سەرئىنىڭ ئالامىتى
جىگەردە ھارارەتنىڭ تەسىرى بولىدۇ. جىگەردە توسالغۇ بارلىقى بىلىنىدۇ. بەزىلەردە جىگەردە سوغۇقلۇقنىڭ تەسىرى بارلىقى مەلۇم بولىدۇ ۋە بەلغەمنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
6. ئۈچەي مەنبەلىك سەرئىنىڭ ئالامىتى
ئۈچەيدە قۇرت پەيدا بولغانلىقتىن ناچار، سېسىق بۇس-بۇخاراتلار مېڭىگە تەسىر قىلىپ سەرئى پەيدا قىلىدۇ. بىماردا مەددە بارلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
يىلانسىمان مەددە قۇرتىنىڭ ئالامەتلىرى: چوڭ تەرەت ياكى قۇسۇق بىلەن 15-20 سانتىمېتىر كېلىدىغان مەددە قۇرت چۈشىدۇ. ياكى بىمارلاردا بۇرۇنلا مەددە قۇرت چۈشكەنلىك تارىخى بولىدۇ. قۇرتنىڭ ئاساسلىق جايلاشقان ئورنى ئىنچىكە ئۈچەيلەردە بولىدۇ. بەزىدە قورساق تولغاپ ئاغرىيدۇ، قورساق كۆپىدۇ. چوڭ تەرەت بىلەن ئاچ قىزىل رەڭلىك، بىر ياكى بىر قانچە يىلانسىمان قۇرت چۈشىدۇ. بەزىدە بىمار كۆڭلى ئېلىشىپ، ئاشقازىنى بىئارام بولۇپ، 1-2 دانە يىلانسىمان مەددە قۇسىدۇ. بۇنداق ئەھۋال بالىلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. بەزى كىچىك بالىلارنىڭ بىردىنلا قورسىقى قاتتىق ئاغرىپ، كۆپۈپ، ناھايىتى بىئارام بولىدۇ. قورسىقىنى سىلاپ كۆرگەندە قولغا قاتتىق مونەك، ئۇزۇنچاق بىر نەرسىلەر ئۇرۇنىدۇ. مەددە قۇرت بار بالىلارنىڭ ئىچى كۆپىنچە ھاللاردا ئېغىر دەرىجىدە قەۋزىيەت بولىدۇ. قورسىقى ئېچىپ تۇرىدۇ. كۆپ يېسىمۇ بەدىنى ئورۇق كېلىدۇ. ئۇخلىغاندا ئاغزىدىن شالۋاق ئاقىدۇ، بەزىدە چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ.
قاپاق ئۇرۇقسىمان مەددە قۇرتنىڭ ئالامىتى: چوڭ تەرەتتىن ياپىلاق لېنتىدەك مەددە قۇرت چۈشىدۇ ياكى قاپاق ئۇرۇقىدەك پارچە-پارچە ياپىلاق مەددە چۈشىدۇ. تەرەت بىلەن ياكى تەرەتسىز كېلىدۇ. بەزىدە مەددىنىڭ يېرىمى سوڭدىن چىقىپ، يېرىمى سوڭ ئىچىدە بولىدۇ. بۇ خىلدىكى مەددە قۇرتىدىمۇ بىمار دائىم قورسىقى ئېچىپ تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئەگەر بۇ كېسەل بالىلاردا بولسا تېرىلىرى قۇرغاقلىشىدۇ. ئۆزى ئورۇقلاپ كېتىدۇ. كېچىسى ئاغزى قۇرۇيدۇ. بەزىدە چوڭ تەرىتى قارامتۇل كېلىدۇ.
تۈتۈ مەددىنىڭ ئالامىتى: بۇ خىل مەددە كۆپىنچە كىچىك بالىلارنىڭ مەقئەت ئاغزىدا بولىدۇ. مەددە مەقئەتنى قېچىشتۇرغانلىقتىن كىچىك بالا مەقئەتنى تاتىلاپ قىزارتىۋېتىدۇ. تەرىتىدىن يىپ ئۇچىدەك ناھايىتى كىچىك، ئاق رەڭلىك مەددە قۇرتلار چۈشىدۇ. بالىنىڭ مەقئىتىنى تەكشۈرگەندە يىپ ئۇچىدەك ئاپئاق كىچىك قۇرتلارنى بايقىغىلى بولىدۇ، قۇرتلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ مەقئەت ئىچىدىن تېشىغا مىدىراپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بىمار بالىنى ئاخشاملىرى ۋە ئۇيقۇدا بەكمۇ بىئارام قىلىدۇ.
7. سەرئى ئەتراپىنىڭ ئالامىتى
بۇنىڭ سەۋەبچى ماددىسى قولدا ياكى پۇتتا بولىدۇ. يەل خاراكتېرلىك بۇس-بۇخاراتلار كېسەللەنگەن قول ياكى پۇتتىن مېڭىگە تەسىر قىلىپ مېڭىدە يىغىلىش پەيدا قىلىش بىلەن سەرئى كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. كېسەللەنگەن قول ياكى پۇتتا سوغۇق ئېلىپ كەتكەنلىك ئالامىتى بولىدۇ. مېڭە ۋە يەرلىك ئەزادىن سوغۇقلۇقنى يوقىتىش ۋە ئۇنى ئىسسىتىش چارىلىرى قوللىنىلىدۇ.
زەھەرلىك ھايۋانات ۋە ھاشاراتلار چاققاندىن بولغان سەرئىنىڭ ئالامىتى
يۇقىرىقى ھاشاراتلار چاققاندىكى ئالامەتلەر بولىدۇ.
مېڭە سەزگۈرلىكى ئاشقاندىن بولغان سەرئىنىڭ ئالامىتى
مېڭە قۇۋۋىتى ئېشىپ كەتكەندىن بولغان ئاغرىق بەلگىلىرى كۆرۈلىدۇ. مېڭىنىڭ قوزغىلىشچانلىقى تېز، سېزىشچانلىقى كۈچلۈك بولىدۇ. ئازغىنا تەسىرات بىلەن كۆپ قوزغىلىپ كېتىدۇ ۋە باشقىلار.
بالىلار سەرئىسىنىڭ ئالامىتى
بەزىدە بالىلاردا ھوشىدىن كېتىش كېسىلى (سەرئى كېسىلى) پەيدا بولىدۇ. بۇنى تېبابەتچىلىكتە سەبيان دەپ ئاتايدۇ. كېسەل تۇتۇشى ھامان بالا ئايلىنىپ يىقىلىدۇ. پۇت-قوللىرى تىپىرلاپ، ئاغزىدىن كۆپۈك كېلىدۇ. سەرئى تۇتقاقلىق خاراكتېرىدە بولىدۇ. تۇتۇش ئارىلىرى بەزىلەردە پات-پات بولىدۇ. بەزىلەردە ئۇزۇنراق بولىدۇ.
بالىلار سەرئىسىدە بالا ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن، بەدەن سىرتىنىڭ قىزىقلىقى (قىزىق ئۇرۇنۇشى) تىنىقنىڭ قىزىقلىقى، كۆپ ئۇسساش، كالپۇكلىرىنىڭ قۇرۇشى، كۆيدۈرگۈچ يۇقىرى ھارارەتلىك قىزىتمىنىڭ بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىمار بالىدا سەپرا خىلىتىنىڭ ئارتۇقلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
قىزىتما ۋە ئۇسسۇزلۇق بولمىسا، بەلغەم خىلىتىنىڭ ئالامىتىدۇر.
ھەزىم ناچارلىق ئالامەتلىرى بولىدۇ.
http://bbs.eldawa.com/forum.php?mod=viewthread&tid=897

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 10:55:34

     بۇ كېسەلنىڭ داۋاسى يوقكەن . بىزنىڭ بىر تۇققان مۇشۇ كېسەل بىلەن ئاخىرى يىقىلىپ چۈشۈپ تۈگەپ كەتتى . كېسەل تۇتمىسا ساپمۇساق ئادەم كېسەل تۇتسا ھېچنىمىنى بىلمەي يىقىلاتتىكەن . ھەرقانداق دوختۇرخانا ، تىبابەتلەرگە كۆرۈنۈپ ھېچبىر پايدىسىنى كۆرەلمىدى ...

bariber يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 18:02:22

داۋاسىز كېسەل دەمدۇق بۇنى؟

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 20:20:06

ئۆز تۈرى بويىچە ئىزچىل داۋالانسا ئۈنۈمى بولىدۇ.
بەت: [1]
: تۇتقاقلىق - ھوشىدىن كېتىش(سەرئى كېسىلى) ۋە ئۇنىڭ ئالامەتلىرى