hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 08:28:37

ساراڭلىق(جۇنۇن)

ساراڭلىق
(جۇنۇن)

تونۇش: بۇ ساراڭلىقنى كۆرسىتىدۇ، بۇ كېسەللىك، تۈرۈك تىلىدا تەلۋىلىك، تەلۋە دەپ ئاتىلىدۇ.


سەۋەبى: بۇكېسەللىك سەۋدا خىلىتنىڭ نورمالىسزلىقىدىن كۆرۈلىدۇ.
ئالامەتلىرى: بىمارنىڭ بەدەن تېرىسى، يۈز − كۆزلىرى، تىلى قارامتۇل، بەدىنى ئۇرۇق بولىدۇ. سەۋدا كۆپەيتكۈچى يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئامراق بولىدۇ، داۋاملىق غەمكىن يۈرۈيدۇ. قورقىدۇ، يىغلايدۇ. بۇزۇق خىياللارنى قىلىدۇ. يالغۇزلۇقنى خالايدۇ. ئاسان رەنجىيدۇ.
ساراڭلىق يەتكەن كىشىگە، دەسلەپتە سەۋدانىڭ مۇسھىلىنى بېرىش لازىم. ئارقىدىن مۇئەددىل )مىزاجنى تەڭشىگۈچى( ۋە كۆڭۈلنى خۇرسەن قىلغۇچى دورىلارنى بېرىش لازىم.
سوغۇق مىزاجلىقلارنىڭ مىزاجىنى تەڭشەيدىغان، كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىدىغان دورا ئۇد ھىندى بىلەن ئەنبەردۇر، ئىسسىق مىزاجلىقلار ئۈچۈن سەندەل بىلەن كافۇردۇر.

ساراڭلىقنىڭ يەنە بىر ئىلاجى:
ئاشىقلىق قىسسىسىدىن شۇ ئايان بولىدۇكى،ساراڭلىقنى داۋالاشتا سىناقتىن ئۆتكەن ياخشى داۋا سەرۋى قامەتلىك نازىنىن يارنىڭ مەي، مۇڭلۇق نەغمە، دۇتار، سىھتار سازى، شەككەر بېيىتلىرى، جاننى لال قىلىدىغان نازى بىلەن بولغان سۆھبىتىدىن ئىبارەت.
ساراڭ كىشى ئەگەر بويتاق بولۇپ ئۆيلەپ قويۇش ئىمكانىيىتى بولسا، ئۇنى دەرھال ئۆيلەپ قويۇش، تېپىلغان جۈپتىنى ھەرگىز ئىگىز − پاكار ياكى ئورۇق − سېمىز دېمەسلىك لازىم. ئۇپەقەت دۇنيا پەرەس، بى ناماز، بەدخۇي، يامان سۆزلۈك بولمىسىلا كۇپايە. ئەگەر بۇنداق بولۇپ قالسا، ئۇنىڭدىن قىش − ياز ئېھتىيات قىلىش لازىم.
http://bbs.eldawa.com/forum.php?mod=viewthread&tid=3132

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-30 01:44:59

ساراڭلىق ئادەتتە نەچچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ؟

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 08:01:44

روھىي كېسەللىكىنىڭ ئىلاجى: خاتىرىسىنى يوقاتقان ئادەمگە. ئەقلى ھوشىنى، خاتىرىسىنى يوقاتقان ئادەمگە توشقان جىگىرى، بۆدۈنە گۆشىنى زىرە بىلەن پىشۇرۇپ يېگۈزگەندە، خاتىرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. قارلغاچنىڭ قېنىنى كالا مەسكىسى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، باشقا چاپقاندىمۇ يۇقىرىقى ئۈنۈمنى بېرىدۇ.
روھىي كېسەلنىڭ ئىلاجى: ساراڭ (ئەقلى ھوشىنى، خاتىرىسىنى يوقاتقان) ئادەمگە ئىشەكنىڭ جىگىرىنى كاۋاپ قىلىپ يېگۈزۈش ئارقىلىق ئۇنى ساقايتقىلى سەرئى ۋە سەرسامنى داۋالىغىلى بولىدۇ. ئىشەكنىڭ تۇيىقىدىن بىلەيزۈك ياساپ، پۇتىغا سالغاندا، سەرسام ۋە سەرئىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. تۆگىنىڭ تاپىنىنى ياغقا ئارىلاشتۇرۇپ بىمارنىڭ بېشىغا ۋە بۇرنىغا چاپقاندىمۇ ئوخشاشلا سەرسام ۋە سەرئىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
روھىي كېسەلنىڭ ئىلاجى: ساراڭ (ئەقلى ھوشىنى، خاتىرىسىنى يوقاتقان) ئادەمگە توشقان جىگىرىنى، بۆدۈنە گۆشىنى زىرە بىلەن پىشۇرۇپ يېگۈزگەندە، خاتىرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. قارلغاچنىڭ قېنىنى كالا ماسكىسى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، باشقا چاپقاندىمۇ يۇقىرىقى ئۈنۈمنى بېرىدۇ.
روھىي كېسەلنىڭ ئىلاجى: ساراڭ بولۇپ قالغان ئادەمگە كېلەرنىڭ ئۆتىنى يېگۈزسە ئەقىل- ھۇشى ئەسلىگە كېلىدۇ. كېلەرنىڭ ئۆتىنى كالا يىلىكىگە ئارىلاشتۇرۇپ بېشىغا چاپسىمۇ شىپا بولىدۇ. بۇنداق بىمارغا ھەسەلنى كۆپ بېرىش كېرەك، بۇنىڭ بىلەن پات- پات (تىزلىكتە) ھۇشىغا كېلىدۇ.
روھىي كېسەلنىڭ ئىلاجى: ساراڭ، ھۇشسىزلىنىش كېسەللىكىنىڭ ئىلاجى: ئات تۇيىقىنىڭ كۈلىدىن 10 گرام ئېلىپ ئەقىل ھۇشىنى يوقاتقان ئادەمگە تۇز بىلەن ئىچكۈزگەندە ئەقىل ھوشى ئەسلىگە كېلىدۇ.
روھىي كېسەلنىڭ ئىلاجى: كىشى سەۋداۋىي بولۇپ ئەقىل ھوشىنى يوقاتقان (روھىي كېسەلگە دۇچار بولغان) بولسا، مۈشۈكنىڭ قېنىنى ئىستېمال قىلدۇرۇش لازىم، بۇنىڭ بىلەن روھىي كېسەل ساقىيىدۇ.
روھىي كېسەلىك، ئېلىشىپ قېلىشنىڭ ئىلاجى: مەجۇنى ئازاراقى سەۋداۋى مۇشەۋۋەش (ئېلىشىپ قېلىش) نىمۇ داۋالايدۇ. جويۇز، قاقىلە، دارىچىن، ئاق مۇچ (قارامۇچ)، قەلەمپۇر، لاچىندانە، ئۇزۇن پىلپىل، زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن 6 گرامدىن، زەپەردىن 3 گرام، كۇچۇلىدىن 375 گرام، قەنتتىن 12 گرام، ھەسەلدىن 250 گرام ئېلىنىدۇ، كۇچۇلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىخسىمان يېرى (زەھەرلىك قىسمى) ئىلىۋېتىلگەندىن كېيىن 250 گرام قوي مېيى قازانغا سېلىنىپ قىزىتىلىپ داغلىنىدۇ، ياغ سەل سوۋۇغاندىن كېيىن كۇچۇلا سېلىنىپ سارغايغىچە قورۇلۇپ سوقۇلىدۇ، ھەمدە يۇقىدىكى دورىلارمۇ سوقۇلغاندىن كېيىن كۇچۇلا بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ ھەسەلدە يۇغۇرۇلۇپ قوناق چوڭلۇقىدا كۇمىلاچ قىلىنىپ، ھەر كۈنى كەچقۇرۇن ئۇخلاش ئالدىدا 7 دانىدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
روھىي كەيپىياتنىڭ ئىلاجى: كىرپىنىڭ يۈرىكىنى يېگەندە، كىشى يۈرەكلىك بولىدۇ.
روھىي كەيپىياتنىڭ ئىلاجى: كىشى تولا يامانلىغاق، ئاسان خاپا بولىدىغان، كۆڭلى نازۇك بولۇپ قالغاندا، قارا قوينىڭ قۇيرۇق يېغىنى چامغۇر بىلەن بىللە پۇشۇرۇپ، ئۇدا ئۈچ قېتىم ناشتىدا يېگەندە، بۇ خىل كېسەللىكنى ساقايتقىلى بولىدۇ.
روھىي كەيپىياتنىڭ ئىلاجى: كۆكنارنى سۇ بىلەن ئىچسە، كۆڭۈلنى سۈزۈك قىلىدۇ.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 08:10:18

............تەجەللى كۆھتامغا كىلپ بىرىنجى بۇلۇپ داۋالىغان كىسەل كىلياڭنىڭ تۇۋەن چاقا دىگەن يىردىكى شەيدا باي ئىسىملىك كىشى بۇلۇپ، بۇ كىشى دەسلىۋىدە سەۋدايى بۇلۇپ .كىيىن ساراڭ بۇلۇپ قالغان .بۇ كىسەل ئىلىپ كېلىنگەندىن كىيىن تەجەلىلى ئۇنى ئۇيى ئالدىدىكى يۇغان ئۇجمە دەرخىگە ئۇرە پىتى تۇرغۇزۇپ ئارغامچا بىلەن باغلاپ .چاچلىرنى پاكىز چۇشۇرۇپ .ئاندىن مەستخۇش دۇرىسىنى ئىچكۇزۇپ ،بىشىنىڭ ھەممە يىرگە دۇرا سۇركەپ قاسساپ پىچاق( ئۇپىراتسىيە پىچىغى) نى ئۇتتا قىزدۇرۇپ ،پىچاقىنىڭ بىسگە دۇرا سۇركەپ ، شەيدا باينىڭ چىشدەك بىر قات تىرسىنى ئىلۋەتكەن.ئاندىن ھەرىگە ئۇخشايدىغان كىچك پىچاققا دۇرا سۇركەپ .مىڭە سۇڭكىنى ھەرىدەپ خۇدىدى قاپاقنىڭ ئىغىزنى ئاچقاندەك.ياڭاق پاتقۇدەك چۇڭلۇقتا تۇشۇك ئاچقان.بۇ يەردىن كىسىپ ئالغان تىرە ۋە سۇڭەكلەرنى .مەخسۇس دۇرا سىلنغان كۇمۇش قۇتىغا سىلپ قۇيغان. ئەتراپتارتۇرغانلار ئۇپىراتسىيە ئەھۋالىنى كۇرۇپ چىقىرشىپ كەتكەن .تەجەلىلى ئۇلارنى قۇرقماسلققا پاراڭ قلماسلققا دەۋەت قىلغان. ئوپىراتسىيە قىلىنىۋاتقان شەيدا باي توختىماستىن كۇلۇپ كەتكەن. تەجەلىلى شەيدا باينىڭ مىڭسىدىكى ئۇپىراتسىيە قىلىنغان تۆشۈك ئەتراپىغا بىر دۇرا سۇركەش بىلەن تەڭ تەپچىپ چىقۋاتقان قان تۇختىغان .شەيدا بايمۇ كۇلۇشتىن تۇختىغان . تەجەلىلى قولىغا ئالتۇندىن ياسالغان كىچىك بىر لاخشىگرنى ئىلپ (قسقۇچ)خۇددى كاماردىن قۇشقاچنىڭ بالىسنى ئالغاندەك شەيدا باينىڭ چوڭ مىڭە يىرىم شارىنىڭ بىر قىسمنى تارتىپ چىقىرىپ ، ئۇتقا قاقلاپ قويۇلغان كۇمۇش داغمال بىلەن ئاستى قىسمنى داغماللىغان ئۇرۇنغا دۇرا سۇركەپ بۇلۇپ .دەرھال مىڭە يىرم شارىنى ئۇز ئۇرىنىغا كىرگۇزۋەتكەن، ئارقىدنلا قاش تىشى لۇڭقا ئىچدىن ئالدىن تەييارلاپ قۇيۇلغان قوي قوزىسىنىڭ ئۇچىيى ۋە ئاتنىڭ قىلىدىن ئىشپ ئىشلەنگەن زەي يىپ بىلەن .مىڭە سۇڭەك پارچىسنى چىپسلاپ تىككەن ،ئۇستگە دۇرا سۇركەپ تىرە قىسمنى يەملەپ تىكىپ قۇيغان ،شۇنداق قىلپ شەيدا باي يىرىم ئاي ئىچدە ساقىيپ ھۇشىغا كەلگەن ھەمدە ئۇڭشىلپ 78يىل ئۇمۇر كۇرگەن

مەنبە ئۇيغۇر ئالىمى تەجەلىلى دگەن كىتاپ 335 بەت

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 08:14:28

ساراڭ بولۇپ قالغان ئادەمگە بۇغا مۈڭگۈزىنى يۇمشاق سوقۇپ ، سۇ بىلەن قۇشۇپ ئىچۈرۈپ بەرسە ، ئوڭشىلىپ قالىدۇ.

تېببى رەھمەت مۇندەرىجىسى:
ساراڭ، مالىخولىيا كېسەللىكلىرىنىڭ داۋاسى.
226)
        ساراڭنى داۋالاش.
227)
        دورا- دەرمەكلەر ئارقىلىق ساراڭنى داۋالاش.
228)
        جىننىڭ تەسىرىدىن بولغان ساراڭنى داۋالاش.
229)
        پىرىنى قوغلاش.
230)
        جىننىڭ تەسىرىدىن قوغدىنىش تەدبىرلىرى.
        ئەھدى سۇلايمان.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 08:14:50

ئىتىرپىل ئەپتىمۇن
ئۇيغۇر تىببى تورى www.uighurtibbi.com
تەركىبى: ھەليلە كابىلە پوستى، سېرىق ھەلىيلە پوستى، تۇربۇت، سانا، بىستى پايەنچ، نەمەك ھىندى ... ... قاتارلىقلار.
تەسىرى ۋە ئاساسىي داۋالايدىغىنى: قان تازلاش، نىرۋا قوزغىلىشىنى پەسەيتىش، تىنىچلاندۇرۇش، غەيرى تەبىئي بەلغەم ۋە سەپرا ماددىلىرىنى سۈرۈش تەسىرىگە ئىگە. ھەرخىل ئەسەبى كىسەللىكلەر، سوغۇقتىن بولغان ساراڭلىق، تۇتقاقلىق مىڭە كىسەللىكلىرى، مىڭە قان تومۇر قىتىش كىسەللىكلىرى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 08:16:14

ئايارەج جالىنۇس(گالىن ئىجاد قىلغان نۇسخا)
.........
يۇقىرىقى دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ،يۇمشاق سوقۇپ،كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
تەبىئىتى: ئىسسىق
تەسىرى: ئاغرىق توختىتىش،نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش،ھەر خىل جاراھەتلەرنى ساقايتىش،ھەيزنى راۋان قىلىش؛
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: تۇتقاقلىق،ساراڭلىق،تارتىشىپ قېلىش،تىترەش،پالەچ،لەقۋا،سەكتە،باش ئاغرىقى،شەقىقە،باش قېيىش،گاسلىق،قۇلاق ئاغرىقى،بۇغۇم ئاغرىقلىرى،يانپاش ئاغرىقى،چاچ چۈشۈپ كېتىش،جۇزام،يامان سۈپەتلىك جاراھەت،ئۆسمە،دوۋساق بوشىشىپ كېتىش،سۈيدۈك تۇتالماسلىق قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
كۈندە كەچتە 10گرام ،ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يەيدۇ

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 08:17:54

ئايارەج لوغانزىيا(لوغانزىيا ھەكىم ئىجاد قىلغان نۇسخا)
................. .
دورىلارنى قائىدە بويىچەسوقۇپ، ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ ئىمكان بولسا ئالتە ئاي ساقلاپ ئاندىن 3-12گرامغىچەبېرىلىدۇ،دورىنىڭ كەينىدىن ئەپتىمۇن سۈيى ئىچۈرۈلسە ياخشى.
بۇ دورىنىڭ مەنپەئەتى ناھايىتى كۆپتۇر ،بەدەندىن بۇزۇق ماددىلارنى تازىلايدۇ،بارلىق سوغۇقتىن بولغان ئاغرىقلارنى يەنى ساراڭلىق، تۇتقاقلىق، قۇلاق ئېغىرلىق، پالەچ،سەكتە كېسەللىكلىرىنى يوق قىلۇر،مەيدىنى پاك قىلۇر،جىگەرنىڭ،بالىياتقۇنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچۇر،ھەيزنى راۋان قىلۇر،نەپەس قىستاش،مۇپاسىل،نىقرەس،ئېرقۇننىسا،كونا جاراھەت،بەھەق،بەرەس،قۇبا،جۇزام،خانازىر،سەرتان،ئىستىسقا كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلۇر.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 08:22:40

قوغدىنىش كۈچى: بۇ ۋەھىمە كۈچى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ سېزىم ئارقىلىق ئىگىلىنىدىغان نەرسىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئىگىلەيدىغان بىر كۈچ بولۇپ، بۇ كۈچ مېڭىنىڭ ئوتتۇرا كاۋاك بولىدۇ.
قوغدىنىش كۈچى نەرسىلەرنىڭ مەنبەسى ۋە مەزمۇنىنى ئويلاش مەركىزى بولۇپ، ئۇ بىرخىل تەبىئىي سىرلىق كۈچ، ئۇ ئادەم ۋە ھايۋانلار پايدا − زىيان، ياخشى − يامان، ئارزۇ − ھەۋەس، مۇھەببەت − نەپرەت، قايغۇ − ھەسرەت، قورقۇش قاتارلىقلارنىڭ مەزمۇنى ۋە ماھىيىتىنى ھېس قىلىدىغان ئورۇن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئادەمنىڭ سۈرىتىنى ھۆكۈم قىلىش كۈچى ساقلىسا، ئۇنىڭ ئىسمى، سۈپىتى ۋە ئەخلاقىي پەزىلىتىنى قوغدىنىش كۈچى ھېس قىلىدۇ، بۇ تەبىئىي ھالدا بولىدۇ. مەسىلەن، قوينىڭ بۆرىدىن قورقۇشى، توخۇنىڭ قارچىغىدىن قورقۇشى، ئادەمنىڭ يولۋاس ۋە شىرلاردىن قورقۇشى قوغدىنىش قۇۋۋىتىنىڭ تەبىئىي كۈچىدىن بولىدۇ. ئادەملەرنىڭ مەسىلىلەرگە نىسپىي ھالدا قاراپ خىيالىي ئىشلار بىلەن ئەمەلىي ئىشلارنى پەرقلەندۈرۈشى، يامان ئىش ۋە زىيانلاردىن ئۆزىنى تارتىپ ئەقىل ئىشلىتىشى، دانا پىكىر قىلىشى ۋە تەپەككۇر قىلىشى ياكى خىيالپەرەس، مەجنۇن )ساراڭ(، ئەخمەق بولۇشىمۇ مەزكۇر قۇۋۋەتلەرنىڭ بىرخىل تەڭپۇڭلۇقتا تۇرغانلىقى ياكى سەلبىي تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلغانلىقىغا باغلىق. ئەپسانىۋى ھېكايىلەرنى تولا ئوقۇغان، زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى )نەشە، ئەپيۈن، خروئىن( چەككەن ۋە باشقا زەھەرلىك نەرسىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغان، قاتتىق روھىي ئازاب چەككەن، قورقۇنچلۇق ھادىسىلەرگە ئۇچرىغان ئادەملەرنىڭ ھۆكۈم قىلىش كۈچى، ھەتتا ئورتاق ھېس قىلىش كۈچى بۇزۇلۇپ ئۆزئارا ئارىلىشىپ كېتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر يېرىم ياكى پۈتۈن ساراڭ بولۇشى ۋە ئەقلىدىن ئېزىپ قېلىشى مۇمكىن.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 08:38:07

( جۇنۇن )ساراڭلىق(: جۇنۇن كېسەللىكىدە قاپاق ئىششىپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزگىرىشلەرنىمۇ پەيدا قىلىدۇ.
خام − خىياللارنى تولا قىلىش روھىي كېسەللىكنىڭ ئالامىتى بولۇپ، مېڭىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ بەلگىسىدۇر.
بىمارنىڭ كۆزىنى پات − پات يۇمۇۋېلىشى مېڭىنىڭ ئىسسىقلىقى ئارتىپ كەتكەنلىكنىڭ ياكى ساراڭلىقنىڭ بەلگىسى.
يالغاندىن ساراڭ بولۇۋالىدۇ.



كېرىيە خەلق ئەپسانە- رىۋايەتلىرى:
شاھ مەشرەپ كېرىيەدىن كەتكەندىن كېيىن، بىر كۈنى ئاخۇنلۇقۇم تاھارەت ئېلىپ ئولتۇرغا، تاھارەت سۈيى ئاققان كاتەكتىن بىر تۈپ بۇغداي بىلەن بىرتۈپ زاغۇن ئۈنۈپ چىقىپتۇ. ئاخۇنلۇقۇم ئۈنۈپ چىققان بۇغدايدىن ئۆزىدە پەرزەنت كۆرۈش ۋۇجۇدىنىڭ ھاسىل بولغانلىقىنى، زاغۇندىن شاھ مەشرەپتىكى ۋۇجۇت بىلەن قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ ساراڭلىقىمۇ ئۆتۈپ قالغانلىقىنى بىلىپتۇ.
شۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئاخۇنلۇقۇم كەينى كەينىدىن بىرقانچە پەرزەنت كۆرۈپتۇ. لېكىن پەرزەنتلىرىنىڭ بەزىسى كاتتا ئۆلۈما، بەزىسى غىژمال (ساراڭ قېتىش) بولۇپ قاپتۇ. كېيىنكى ئەۋلاتلىرىمۇ شۇنداق بولۇپ قاپتۇ.
مەتسەيدى ئاخۇنۇم 7 ياش ۋاختىدا قۇرئاننى تۈگۈتۈپ بولغان ئىكەن. بىر كۈنى دادىسى ھويلىدا تاھارەت ئېلىپ ئولتۇرۇپ قارىسا، 7 ياشلىق مەتسەيدى ئاخۇن كالتە تامنى ئات قىلىپ مىنىپ ئويناۋاتقان ئىكەن. ئۇ تامنى «چو! چو!» دەپ ساۋىسا، تام مېڭىۋاتقۇدەك. دادىسى بۇنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ئەۋلىياقى ئوغلىغا قالىدىغانلىقىنى بىلىپتۇ. لېكىن كىچىك تۇرۇپلا بۇ ئالامەت كۆرۈلسە چوقۇم ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ، دەپ بىر كېچە يەك تاپان تۇرۇپ ئاللادىن تىلىگەن ئىكەن. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن مەتسەيدى ئاخۇنۇم ساراڭ بولۇپ قالغان ئىكەن. ئۇ بىر ئېغىز گەپنى تەكرارلاپ كوچا ئايلىنىپلا يۈرۈيدۇ. ئۇ دىگەن گەپ يېقىن كەلگۈسىدىن بىشارەت بولۇپ، دىگەن ئىش ھامان يۈز بىرىدۇ. مەسىلەن: 1956- يىللاردا ئۇ «ئوڭنىمۇ تۈز، ساراڭنىمۇ تۈز، ھەممىسى كۇلا كىسۇن» دەپ يۈرگەن 1957- يىلى ئىستىل تۈزۈتىش باشلىنىپ، نۇرغۇن ئادەمگە قالپاق كەيگۈزۈلدى.
مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى دەۋرىدە، مەتسەيدى ئاخۇنۇم «سىكىرتارىم تارىمسىز، تار- تار …» دەپ يۈرۈپ، ئۇزۇنغا بارمايلا سېكرىتارلارنى تارتىپ چىقىرىپ كۆرەش قىلىش باشلانغان. «قان دورا بولدى، قان ئىچ» دەپ يۈرۈپ ئۇزۇنغا بارمايلا ئەلەم كۆرۈشى باشلىنىپ، نۇرغۇن قان تۆكۈلدى.
يەنە بىرى مىراپ بولۇپ، ئەسلى ئىسمى ئىنىق ئەمەس. بۇرۇن مىراپ بولۇپ سۇ باشقۇرغاچقا كىشىلەر ئۇنى «مىراپ» دەپ ئاتايتتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بىر يىلى كەلكۈن ئاپىتى يۈزبىرىپ، مىراپلارنىڭ ھەممىسىنى بىردىن زاكوغا مەسئۇل قىلىپ، كېچىسى زاكو ساقلاشقا قويغان ئىكەن. مىراپ شۇقېتىملىق زاكو ساقلاشتا بىر كېچىدىلا ساراڭ بولۇپ قالغان ئىكەن. قۇرغاقچىلىق يۈز بەرگەن يىللاردا ئۇنىڭ دەرياغا بېرىپ، تاغ تەرەپكە قاراپ ھۆڭرەپ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئادەملەر كۆپ. بىر كۈنى سۇ ئىدارىسىدىكى خادىملار توغراق زاكوغا بېرىش ئۈچۈن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، سۇ ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا چىقسا، مىراپ ئىدارە ئالدىدا كىچىك بالىلارغا تاماشا قىلىپ بىرىۋاتقان ئىكەن. ئۇلار شەنبازارغا بېرىپ، شەنبازار يولى بىلەن توغراققا قاراپ مېڭىپ، توغراققا يېقىنلاشقاندا دەريا بويىدىكى يولدا كېتىۋاتسا، مىراپ دەريانى بويلاپ تاغ تەرەپكە يۈگرەپ كېتىۋاتقۇدەك. سۇ ئىدارىسى بىلەن ئۇلار مىراپنى ئۇچراتقان جاي تۈز سىزىق بويىچە 60 كېلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، يول لېنيەسى بويىچە ماشىنا بىلەن بىر يېرىم سائەتلىك يول، پىيادە ئىككى كۈنلۈك يول ھىساپلىناتتى.

بوران
ئالەم ئۈچ قات (قەۋەت) بولۇپ، ئاسمان – تەڭرى، ئىلاھ، مۇئەككەل، پەرىشتە- مالائىكىلەرنىڭ تۇرار گاھى، يەر – ئىنسانلارنىڭ تۇرارگاھى، جەھەننەم (يەرنىڭ تىگى) جىن- شاياتۇن، ئالۋاستىلارنىڭ تۇرارگاھىدۇر. يەر تىگىدىكى جىن- شاياتۇن، ئالۋاستىلار يەر يۈزىگە چىقىپ يۈرۈش قىلسا، بۇران ھاسىل بولىدىكەن. يەر يۈزىگە چىققان جىن- شاياتۇنلار قانچە كۆپ بولسا، بۇران شۇنچە كۈچلۈك چىقىدىكەن. ئاز بولسا ئاجىز چىقىدىكەن. كۈندۈزى بىرلا جىن يەر يۈزىگە چىقسا، كىچىك قۇيۇن (ئايلانما شامال) بولۇپ كۆرۈنىدىكەن. بىر شاياتۇن يەر يۈزىگە چىقسا قارا قۇيۇن بولۇپ يۈرۈيدىكەن. شۇڭا بۇران چىققان كېچىلىرى سىرتتا يېتىش خەتەرلىك بولۇپ، جىن- شاياتۇنلار ئاپىتىنى سالسا ساراڭ بولۇپ قالىدۇ. قۇيۇن ئىچىدە قېلىشتىنمۇ ساقلانماق زۈرۈر.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 08:38:41

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hezret2011 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-1 08:40  

putboljan يوللىغان ۋاقتى  2014-4-30 01:44 static/image/common/back.gif
ساراڭلىق ئادەتتە نەچچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ؟

ئىنسان مەنىۋىيىتىدە كۆپ ئۇچرايدىغان تۆت خىل كېسەللىك مىكروبى بولۇپ، بۇنىڭ بىرىنچىسى، مال-مۈلۈك سۆيگۈسى؛ ئىككىنچىسى، ئەمەل-مەنسەپ سۆيگۈسى؛ ئۈچىنچىسى، رىياخورلۇق؛ تۆتىنچىسى ماختىلىشقا ئامراق بولۇپ، تەنقىتتىن قېچىش. بۇ تۆت خىل مىكروپ ئىنساننىڭ مەنىۋىيىتىنى كېسەل قىلىپ، ئاللاھتىن غەپلەتتە قالدۇرىدىغان بولغاچقا، بۇنى ۋاقتىدا بايقاپ داۋالاش زۆرۈر.

زوق - شوخ بىلەن ئېچىلىپ - يېيىلىپ كۈلگەن ئادەملەر جەمئىيەتتە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالمايدۇ، شۇڭا سىز سۈرلۈك قىياپەتتە يۈرۈشىڭىز، ئۆزىڭىزنى مەدەنىيەتلىك، ئەقىللىق قىلىپ كۆرسىتىشىڭىز كېرەك. دېمەك، ئۇلار كۈلۈش پەقەت بالىلارغا، ساراڭلارغا ۋە مەدەنىيەتسىز ئادەملەرگە مەنسۇپ، دەپ ھېسابلايدۇ.

داۋامى بار...

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 08:39:38

مالىخولىيا ۋە ساراڭلىقنى ئۇيغۇرتىبابىتىدە داۋالاش

بۇ بەدەن سەۋدا خىلىتى ياكى كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن بولىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى: بەدەندە سەۋدا خىلىتى ياكى كۆيگەن سەپرا خىلىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن، قان، بەلغەم، سەپرا خىلىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ۋە ئۇلارنىڭ كۆيۈپ سەۋداغا ئايلىنىشىدىن بۇ كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: بىمارنىڭ ئەقلى تەپەككۈرى يوقىلىدۇ. ئۇندىن باشقا سەۋدادىن بولغان بولسا، بىمارنىڭ بەدىنى ئۇرۇق، كۈچسىز، ئاجىز، كەم ماغدۇر بولىدۇ. تومۇرى كۈچ؛ۈك ۋە ئىگىز - پەس سالىدۇ. قاندىن بولغان بولسا كۆپ سۆزلەش، كۈلۈش، كۆزى قىزىرىش، چىرايى قارىغا مايىل قىزىرىش، تومۇرى چىڭ سېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. سەپرادىن بولغان بولسا بىمارنىڭ غەزىپى كۈچلۈك، بەدىنى ئىسسىق، رەڭگى سېرىق، مىجەزى چۇس بولۇپ قالىدۇ.

بەلغەمدىن بولغان بولسا بىمار بوشاڭ، كېسەلچان، بەدىنى سوغۇق بولىدۇ، تومۇرى بوش سالىدۇ.
داۋالاش: كېسەللىك قاننىڭ كۆپىيىشىدىن بولغان بولسا، بىماردا بىرەر توسالغۇ بولمىسا، ھەپتى ئەندام ۋە باسىلىق تومۇرىدىن قان ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئەھۋالغا قاراپ سافىت تومۇرىدىنمۇ قان ئېلىش لازىم. ئەگەر ھەيز، بۇۋاسىر، قېنى توختاپ قېلىش قاتارلىقلار كۆرۈلگەن بولسا يۇقىرقى قوللىنىلسا بولىدۇ. ئەگەر سەپرادىن بولغان بولسا سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچ ۋە مۇسھىللىرىنى بىرىپ سەپرا خىلىتىنى تەنقىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، سوغۇقلۇق يەتكۈزگۈچى ۋە ھۆللۈك يەتكۈزگۈچى تەرەپكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىش لازىم. بەلغەم ۋە سەۋدادىن بولغان بولسا ئالدى بىلەن بەلغەم ۋە سەۋدانىڭ مۇنزىچ ۋە مۇسھىللىرىنى بىرىپ تەنقىيە قىلىش لازىم.
ئاق سەندەلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ شەربەت ياساپ، بىمار ھەر كۈنى 2 قېتىم، ھەر قېتىمدا 36 گىرامدىن ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

سېرىق ھېلىيلىدىن 8 گىرامنى سوقۇپ قاينىتىلما ياكى چىلانما ياساپ بىمارغا ئىچۈرسە قاندىن بولغىنىغا شىپا بولىدۇ.
بىمار خام قاپاقتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ بادام يېغىدىن 24 گىرام ياكى بادام مېغىزى شىرىسىدىن 36 گىرام پىشۇرۇپ ھەركۈنى بىرۋاخ ئىستېمال قىلسا پايدىلىق.
يەرلىك ئاق ئالمىنى ئىستېمال قىلسا ياكى پۇرىسا بەلغەمدىن بولغىنىغا شىپا بولىدۇ.
ئوسۇڭدىن 9گىرامنىڭ شىرىسىنى چىقرىپ ئىچسە ياكى كۆكىنى پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلسا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
بىمار - پاقلان، ئوغلاق گۆشلىرىنى پالەك، سېمىز ئوت، تەرخەمەك قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ بىرەسى بىلەن پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلسا شىپالىق ھەم ئوزۇقلۇق تەسىرىنى بېرىدۇ.
مۇراببالاردىن- ھېلىلە مۇرابباسى، ئامىلە مۇرابباسى، لىمون مۇرابباسى، بىيە مۇرابباسى، زىرىق مۇرابباسى قاتارلىقلارنىڭ قايسىىسى تېپىلسا 24 گىرامدىن كۈندە 2 ۋاخ ئىستېمال قىلسا ئاجايىپ شىپالىق تەسىر بېرىدۇ.
ئۆچكە ياكى كالىنىڭ سۈتىدىن 100 گىرام ئېلىپ، قەلەيلەنگەن مىس قازان ياكى ساپال قازاندا يۇمشاق ئوت بىلەن بىر ئىككى قېتىم ئۆرلىتىپ ئۈزۈم سىركىسى، لىمون سۈيى ياكى غورا سۈيى قاتارلىقلارنىڭ بىرەرسىدىن 24 گىرامغا قوشۇپ، ئەنجۈر ياغىچى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سۈت پىشلاق بولغاندا ئوتنى توختىتىپ ئازراق ھورىنى چىقىرۋېتىپ، يېرىم ئىسسىق ھالغا چۈشكەندە ئۈچ قات رەخىتتىن ئۆتكۈزۈپ ئازراق تۇز سېلىپ، يەنە ئازراق قاينىتىپ مۇۋاپىق مىقداردا نىلوپەر شەربىتى، ئەفتىمۇن شەربىتى قوشۇپ، بىمار دەسلەپتە 84 گىرامدىن ئىستېمال قىلىشقا باشلاپ، ھەركۈنى 12 گىرامدىن ئاشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ، 500 گىرامغا يەتكۈزۈپ، ئاندىن مۇشۇ مىقداردا ئۈچ كۈن ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ھەركۈنى 12 گىرامدىن كەمەيتىپ ئىستېمال قىلىپ بىرىنچى كۈنىدىكى ئىستېمال قىلغان مىقدارغا بارغاندا يەنە ئۈچ كۈن شۇ مىقدار بويىچە ئىستېمال قىلسا ناھايىتى ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

پەرھىزى: كىيىك گۆشى، كالا گۆشى، تاغ ئۆچكىسىنىڭ گۆشى، بېلىق گۆشى، تۇز، شاراب، قۇرۇق نان، پىياز، سامساق، قىچا، شومشا، كۈدە، چەلەڭ، پىتىنگەن، ماش، پۇرچاق قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلىشى، ھەم ئۇندىن باشقا غەم - ئەندىشە، زىيادە - پىكىر خىيال قىلىش، قارا رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىش، قارا رەڭلىك نەرسىلەرگە قاراش، قاراڭغۇ ئورۇندا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش قاتارلىقلاردىنمۇ پەرھىز قىلىشى كېرەك.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 08:41:40

hezret2011 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-1 08:38 static/image/common/back.gif
ئىنسان مەنىۋىيىتىدە كۆپ ئۇچرايدىغان تۆت خىل كېسەللىك ...

نېرۋا كېسىلى، نېرۋا بۇزۇلۇش كېسىلى ۋە روھى كېسەلنىڭ پەرقى

ئارىمىزدا نۇرغۇن كىشىلەر نېرۋا كېسەل بىلەن روھى كېسەلنىڭ پەرقىنى بىلمەيدۇ، ھەتتا بۇ ئىككىسىنى بىر دەپ قارايدۇ، مەيلى نېرۋا كېسەل بولسۇن ياكى روھى كېسەل بولسۇن بىزدە ئورتاق "ساراڭ" دەپ بىرخىللا ئاتاش بىر قەدەر ئومۇملاشقان. توختىماي تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ زاماندا خىزمەت بېسىمى، ئۆگىنىش بېسىمى دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەتراپىمىزدىكى بەزى كىشىلەر ياكى ئۆزىمىز پىسخىكىلىق مەسىلىلەرگە ئۇچراپ تۇرىۋاتىمىز، پىسخىكىلىق بىلىملەرگە مۇھتاج بولىۋاتىمىز، ئۆزۈم كۆرگەن ماتىرىياللارغا ئاساسەن، يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن كېسەللىكلەرنىڭ پەرقى توغرىسىدا كۆپچىلىككە ئازراق بىرنەرسە دېگۈم كېلىپ قالدى.

1. نېرۋا كېسىلى (神经病): نېرۋا كېسىلى بولسا، نېرۋا سېستىمىسىدا يۈز بەرگەن ئورگانىزىم خارەكتىرلىك كېسەللىك. نېرۋىلارنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە ئىقتىدارىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، نېرۋا سېستىمىسىنى مەركىزى نېرۋا سېستىمىسى ۋە ئەتراپ نېرۋا سېستىمسىغا بۆلۈشكە بولىدۇ. نېرۋىلارنىڭ ئېدارە قىلغان ئوبىيكىتلىرىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن نېرۋا سېستىمىسىنى يەنە تەن نېرۋىسى ۋە ئىچكى ئەزا نېرۋىسىغا بۆلۈشكە بولىدۇ. نېرۋا كېسىلى بولسا، مەركىزى نېرۋا ۋە ئەتراپ نېرۋىسى ياكى ئىچكى ئەزالار نېرۋىسى ۋە تەن نېرۋىسى ئىپادىلىگەن ئاناتومىيىلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولىدۇ. نېرۋا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا باش ئاغرىش، باش قېيىش، ئۇيقىسى نورمال بولماسلىق، تىترەش، يول مېڭىشى مۇقىم بولماسلىق، بەدىنىنىڭ يېرىمى سەزمەسلىك، پارالىچ، مۆچىلەر ئۇيۇشۇش، تارتىشىپ قېلىش، ھۇشىدىن كېتىش، چوڭ - كىچىك تەرىتىنى باشقۇرالماسلىق، مۇسكۇل يىگىلەش ياكى كۈچسىز بولۇش قاتارلىق ئالامەتلىك كۆرىلىدۇ. ئەلۋەتتە بىرقىسىم نېرۋا كېسەللىرىدە بەلگىلىك دەرىجىدە روھى نورمالسىزلىقلارمۇ بىللە كېلىدۇ، بىراق بۇنداق روھى نورمالسىزلىقلارنىڭ روھى كېسەللەردىكى روھى نورمالسىزلىق بىلەن يەنىلا پەرقى بولىدۇ.

2. نېرۋا بۇزۇلۇش كېسىلى (神经症): نېرۋا بۇزۇلۇش كېسىلى يەنە نېرۋا فۇنكىسىيىسى بۇزۇلۇش كېسىلى، پىسخىك كېسەل ياكى روھى جەھەتتىكى نېرۋا كېسەل دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بىر تۈركۈم روھى توسالغۇلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. نېرۋا بۇزۇلۇش كېسىلىنى پىسخىكىلىق ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاساسى جەھەتتىن سۇبىيكتىپ تۇيغۇنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن ئىبارەت دېيىشكە بولىدۇ، مۇناسىپ ھالدىكى ئورگانىزىم خارەكتىرلىك زىيانغا ئۇچراش مەۋجۈت بولمايدۇ؛ ئۆزىنى بىلەلەيدۇ، ئۆزىدىكى بىنوماللىقلارنى ھېس قىلالايدۇ، ئادەتتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن داۋالىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

3. روھى كېسەل (精神病): روھى كېسەل بولسا ئېغىر بولغان پىسخىكىلىق توسالغۇ بولۇپ، كېسەل بولغۇچىنىڭ تونۇشى، تۇيغۇسى، ئىرادىسى، ھەرىكەت - قىلىقلىرى قاتارلىق پىسخىكىلىق پائالىيەتلىرىدە ئۇزاققا سوزۇلغان بىنورماللىق ئىپادىلىنىدۇ، نورمال ئۆگىنىش - خىزمەت قىلالمايدۇ، تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدۇ، ھەرىكەت - قىلىقلىرى ئاسانلىقچە ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشەلمەيدۇ، كىشىلەرگە غەلىتە، باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بىلىنىدۇ؛ كېسەللىك ھالىتىدىكى پىسخىكىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ياكى باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىش، زەخمىلەندۈرۈشتەك ھەرىكەتلەردە بولىدۇ؛ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئۆزىنى بىلمەسلىك كۆرىلىدۇ، كېسەل بولغۇچى دائىم ئۆزىنىڭ روھى كېسەللىك ئەھۋالىغا قارىتا ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ، ئۆزىنىڭ پىسخىكىسى ۋە قىلىقلىرىنى نورمال دەپ قارايدۇ، داۋالاشنى رەت قىلىدۇ. روھى كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا ئاساسلىقى روھى پائالىيەتلەر نورمال بولماسلىق، چۈشەنگىلى بولمايدىغان ئۆزىگە ئۆزى سۆزلەش، نورمالسىز بولغان يىغلاش - كۈلۈش، بەزى ۋاقىتلاردا تام ياكى ھاۋاغا قاراپ قاتتىق غەزەپلىنىپ كىملەرنىدۇ تىللاش، كىيىم - كېچىكى رەتسىز بولۇش، ھەتتا يالىڭاچلىنىۋېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.

روھىي كېسەل بىمارلىرىنى ئائىلىدە كۈتۈش

روھى كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئۆزىنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن داۋالاشنى رەت قىلىدۇ. مۇشۇنداق سەۋەب تۈپەيلىدىن بىر قىسىم يېنىكرەك روھى كېسەللەرنى ئائىلىدە داۋالاش، شۇ ئارقىلىق كېسەلنىڭ زىيادە ھاياجانلىنىشىنى ئازايتىش كېرەك. كېسەلنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئىشلارغا دېققەت قىلىش كېرەك.

        ئاغرىقنىڭ ھالىدىن ھەرۋاقىت خەۋەر ئېلىپ تۇرۇش، ئۇنىڭ ئىش - ھەرىكەتلىرىگە دېققەت قىلىش ۋە نازارەت قىلىش(بىماردا نەزەبەنت قىلىنغاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلىپ قويماسلىق شەرتى ئاستىدا)، بىمارغا كۆيۈنۈش، ئىدىيىۋىي خىزمەت ئىشلەش كېرەك. بىمارنىڭ ئالدىدا ئۆز - ئارا مەخپى پاراڭ قىلىش (پىچىرلىشىش) دېگەندەك بىماردا گۇمان پەيدا قىلىدىغان سۆز - ھەرىكەتلەردە بولماسلىق كېرەك، بۇنداق سۆز - ھەرىكەتلەر بىماردا ھاياجانلىنىش پەيدا قىلىپ، كېسەلنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كېسەلنى قوزغايدىغان ئامىللار ۋە كېسەل قوزغىلىشتىن ئىلگىرىكى ئىپادىلەرگە ئالاھىدە دېققەت قىلىش (مەسىلەن، ئۆز - ئۆزىگە سۆزلەش)، كېسەلنىڭ قوزغىلىش ئېھتىمالىنى بايقىغان ھامان ئالدىنى ئېلىش، بىمارنى تىنچلاندۇرىدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىش، ئېغىر بولغاندا تىنچلاندۇرۇش دورىلىرىنى ئىشلىتىش(ئەلۋەتتە بۇ خىل دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، چوقۇم دوختۇر شۇ كېسەلگە بۇيرۇپ بەرگەن، شۇ كېسەلگە ماس كېلىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىش كېرەك). ئۇنىڭدىن باشقا ئائىلىسىدە شۇ خىل بىمار بار كىشىلەر ئائىلىسىدىكى خەتەرلىك بويۇملارنى ئوبدان ساقلاش، بىمارنىڭ ئۆزىنى ياكى باشقىلارنى زەخمىلەندۈرۈپ قويىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

        بىمارنىڭ يېمەك - ئىچمىكىگە دېققەت قىلىش، قۇۋۋەتلىك يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا بېرىش. تاماق يېيىشنى رەت قىلىدىغان بىمارلارغا نەسىھەت، چىرايلىق گەپ - سۆزلەر ئارقىلىق مۇۋاپىق مىقداردا تاماق يېگۈزۈش، تاماقنى زىيادە كۆپ يەۋالىدىغان بىمارلارنىڭ تامىقىنى كونتىرول قىلىش. بىمارلارغا بېرىلىدىغان تاماقلاردا ئاسان ھەزىم بولىدىغان، يېنىك تاماقلارنى ئاساس قىلىش، ئۇستىخانلىق ياكى قىلتىرىقلىق يېمەكلىكلەرنى بېرىشتىن قەتئىي ساقلىنىش، دورا يەۋاتقان بىمارلارغا قارىتا "دورىنىڭ بەدەنگە ئەكىس تەسىرى بار، قۇۋۋەتلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ بېرىش ئارقىلىق دورىنىڭ ئەكىس تەسىرىدىن ساقلىنىمىز" دەيدىغان خاتا قاراشتا بولماسلىق، قۇۋۋەتلىك يېمەكلىكلەرنى بېرىشتە ئالاھىدە دېققەت قىلىش، ئادەتتىن تاشقىرى قۇۋۋەتلىك يېمەكلىكلەرنى بەرمەسلىك، كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا كۆكتات ۋە مىۋە - چىۋە بېرىش، نېرۋىنى ۋە مېڭىنى غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى  بەرمەسلىك، ھاياجانلاندۇرغۇچى ئىچىملىك(مەسىلەن قەھۋە، ئىسپىرتلىق ئىچىملىك، گازلىق ئىچىملىك) لەرنى قەتئىي بەرمەسلىك،  يەنە، بىمارنىڭ يېمەكلىكنى بەك تېز يەپ گېلىغا نەرسە تۇرۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

        بىمارنىڭ تازلىقىغا دېققەت قىلىش كېرەك، بىمارنىڭ تازلىقىغا دېققەت قىلىشتا ئائىلە ئەزالىرى چوقۇم سەۋىرچان بولۇش، بىمارنىڭ زىتىغا تېگىدىغان ياكى بىمارنى ھاياجانلاندۇرۇپ قويىدىغان سۆز - ھەرىكەتلەردە بولماسلىق كېرەك. كىيىم ئالماشتۇرۇش، ئىسسىق - سوغۇق ۋاقىتلاردا كىيىم - كېچىكىنى مۇۋاپىق كىيگۈزۈش، يوتقان - كۆرپىلەرنى ۋاقتى - ۋاقتىدا ئاپتاپقا سېلىپ تۇرۇش، چوڭ - كىچىك تەرىتىنىڭ قېتىم سانى قاتارلىقلارغا ئالاھىدە دېققەت قىلىش كېرەك.

        بىمارلاردا  كېسىلىنىڭ ساقىيىپ كېتىشىگە ئىشەنچ پەيدا قىلىش، دائىم كۆپچىلىك بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ تۇرۇش، ئائىلە ئەزالىرى بىمارغا يېقىنچىلىق قىلىش، بىمار بىلەن پاراڭلىشش، ئائىلىنىڭ كوللىكتىپ پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇش(چوقۇم بىرەيلەن ئالاھىدە ھەمراھ بولغان ئەھۋال ئاستىدا)، بىمارنى ئۆزى قىلالايدىغان ئاددىي ئائىلە ئىشلىرى ۋە ئەمگەكلەرگە قاتناشتۇرۇش، چىرايلىق يەرلەرگە ئاپىرىپ ئايلاندۇرۇش، روھىنى كۆتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بىمارنىڭ ھاياجانلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىشلارنى ئازايتىش كېرەك.

        بىمارنىڭ دورا يېيىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، بىمارنىڭ دورىنى ئاغزىدا ساقلىۋېلىش، كۆرمىگەندە تاشلىۋېتىشتەك ھەرىكەتلەردە بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
داۋامى بار...

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 08:42:47

putboljan يوللىغان ۋاقتى  2014-4-30 01:44 static/image/common/back.gif
ساراڭلىق ئادەتتە نەچچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ؟

مالىخولىيا كېسەللىكى
مالىخولىيا كېسەللىكى ئاساسەن ئەقلى ئېلىشىپ قېلىش ھالىتى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ خىل ھالەتنى ئەرەبچە »ئىختىلاتى فىكىر ۋە خىيال« دېگەن نام بىلەن ئۇقۇملاشتۇرىدۇ.
تېبابەت ئاتالغۇلىرىدا جۇنۇنلۇق، دېۋەڭلىك ۋە ساراڭلىق دېگەندەك ناملار بىلەن چۈشەندۈرۈلىدۇ.
مالىخولىيا كېسەللىكىدە بىمارنىڭ ئەقلى ۋە چۈشىنىشى بۇزۇلۇپ، پىكىر − خىيالى چېچىلىپ كېتىدۇ. تەبىئىتىدە داۋاملىق يوق ئىشلاردىن ئەندىشە قىلىش، گۇمانخورلۇق، ۋەسۋەسىگە چۈشۈش ئۇلغىيىپ كېتىدۇ. كەيپىياتىدا داۋاملىق باشقىلاردىن رەنجىش ۋە غەم يېيىش، قورقۇنچاقلىق كۆرۈلىدۇ.
خىلىتلار ئېتىبارى بىلەن مالىخولىيا تۆت خىلغا بۆلۈنىدۇ: )1( قان بۇزۇلۇشتىن بولغان مالىخولىيا؛ )2( سەپرايى مۇھتەرىقە )كۆيگەن سەپرا( دىن بولغان مالىخولىيا؛ )3( بەلغەم تەركىبىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن بولغان مالىخولىيا؛ )4( سەپرانىڭ كۆيۈشىدىن بولغان مالىخولىيا. مالىخولىيانىڭ يەنە ئۇنىڭدىن باشقا تۈرلىرىمۇ بار. ئۇ مالىخولىيا مىراقى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل كېسەللىك ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ھەزىمىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن، يەنى ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. مۇنداق كىشى ھەمىشە مىزاجى بوش، روھى چۈشكۈن، خاپا ۋە ئىچى پۇشۇق ھالەتتە يۈرىدۇ.
ئادەتتىكى ئىشلارنى ناھايىتى مۇبالىغە بىلەن گەۋدىلەندۈرىدۇ، ماختاشقا كۆنۈپ قالىدۇ. بۇ خىل كېسەللىك بەدەندە كۈچىيىپ كەتسە، يەللىك بوۋاسىرنىڭ بارلىق ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ.
ھاماقەتلىك، دېۋەڭلىك، ئىشىق − مۇھەببەت خاھىشلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مالىخولىيانىڭ ئالامەتلىرىدۇر.
ھاماقەتلىكتە بىمار ئۆز ئىشلىرىدا ئەخمىقانە، بۇزۇق، نالايىق ئىشلارنى قىلىدۇ. ھەر قانداق ئىشنى ئۆزى لايىقىدا ئادا قىلالمايدۇ. سۆز ۋە ھەرىكەتلىرى كىچىك بالىلارنىڭكىدەك بولۇپ قالىدۇ.
دېۋەڭلىكتە بىمار تولىمۇ ئەخمەق بولغانلىقتىن، ئۆزىنى ھەممىدىن زىيادە ئەقىللىق ۋە ئەلا دەپ چۈشىنىدۇ، قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشلارغا لاپ ئۇرىدىغان ئادەتكە كۆنۈپ كېتىدۇ. ئىشقىي خىيالى تۇتۇپ قالغاندا، بىمار ئۆزىنى كۆيگەن مەشۇقىنىڭ چىرايلىقلىقىغا پىدا قىلىدۇ. گەرچە مەشۇقى چىرايلىق بولمىسىمۇ، ھەر ۋاقىت باشقا پايدىلىق ئىشلارنى ئۇنتۇپ، ھامان ۋىسال كويىدا بولىدۇ.
جۇنۇنلۇق )ساراڭلىق( مۇ مالىخولىيانىڭ بىر تارمىقىدۇر. ئۇنىڭدا ئەقىل ۋە پاراسەت بۇزۇلغاندىن سىرت، ئۇنداق بىمار خۇي − تەبىئىتىدە بەزىدە قاتتىق قورقۇنچاق ۋە بەزىدە قوزغىلىشچان جۇدۇنى تۇتىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ياخشى ئەخلاق ۋە ئادەتلەرنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىدۇ. بارا − بارا بىھۇدە سۆز − ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا باشلايدۇ. باشقا ئادەملەردىن قاچىدۇ ياكى قورقۇپ، ئۇلارنى دۈشمەن چاغلاپ، ئۇرۇشقا باشلايدۇ.
بۇ كېسەللىك ماددىسىنىڭ بىر − بىرىگە قارىمۇقارشى بولۇشىغا ئاساسەن تۆت خىلغا بۆلۈنىدۇ.
)1( ياۋايى ساراڭلىق )مانىيا(: بۇنىڭغا مۇپتىلا بولغان بىمارنىڭ تەبىئىتىدە جۇدۇنلۇق ۋە غەمكىنلىك كۈچىيىپ كېتىدۇ. ئەسەبىيلەشكەندە ئادەملەرگە، چاپلىشىۋېلىپ،ئۇلارنى ئۇرۇپ − چېپىشقا، ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئەرەبچىدە »جۇنۇنى ھائيج«، يەنى قوزغىلىشچان ساراڭلىق دېيىلىدۇ.
)2( دائۇلكەلىبى )غالجىر ئىت كېسەللىكى(: بۇنىڭغا مۇپتىلا بولغانلار بەزى چاغلاردا مىزاجى ئىتتىك، تىللىغاق ۋە ئەندىشە قىلغاق بولىدۇ. بەزى ۋاقىتتا رەھىمدىل، خۇشخۇي، ئادەمگە كۈچۈكلىنىپ خۇشامەت قىلغاق بولۇپ قالىدۇ.
)3( قۇترۇب يەنى جۇنۇنى سەۋدايى: بۇ كۆيگەن غەيرىي تەبىئىي سەۋدادىن بولغان ساراڭلىقتۇر. بۇ خىل ساراڭلىققا مۇپتىلا بولغان بىمارنىڭ مىجەزى ناھايىتى توڭ، داۋاملىق غەمكىن كۆرۈنىدۇ، ھەمىشە ئاۋارە − سەرگەردان، ئاچ − يېلىڭ، ۋەيرانىلەردەك يۈرىدۇ، بىھۇدە ھەرىكەتلەرنى قىلىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا يېقىن ئادەملەرنى دۈشمىنى چاغلاپ، ئۇلاردىن قېچىشقا ئۇرۇنىدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا ئۇلارغا يېپىشىۋېلىپ ئۇرۇشقىلى قەستلەيدۇ.
)4( سەبارا يەنى جۇنۇنى سەپراۋىي. بۇ خىل ساراڭلىق كۆپىنچە سەرسام سەپرادىن كېلىدۇ. بۇ تۈردىكى ساراڭلىقتا بىمار ناھايىتى بىئارام، پاراكەندە ھالەتتە يۈرىدۇ. بەزىدە ئۇيقۇسىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىدۇ، شۇ چاغدا گەپ − سۆز سورىسا سوئالغا مۇۋاپىق جاۋاب بەرمەيدۇ.
مالىخولىيا ۋە ساراڭلىق كېسەللىكلىرىنىڭ سەۋەبلىرى: ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلەر ئومۇمەن روھى زەربىگە ئۇچراشتۇر. مەسىلەن، بىر ئەزىز كىشىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ياكى تەسلىكتە قولغا كەلتۈرگەن مال − مۈلكىنىڭ قولدىن چىقىپ كېتىشى، ياكى ئېغىر دەرىجىدىكى رەنج − مالامەتكە ئۇچراپ غەم − ئەندىشىگە مۇپتىلا بولۇش، مېڭە خىزمىتىگە ھېسابسىز كۆپ مەشغۇلات ئارتىۋېلىش، جىنسىي ھەرىكەتلەرگە ھەددىدىن زىيادە بېرىلىش، جەلەقكە ئادەتلىنىپ قېلىش، ھاراق − شارابنى كۆپ ئىچىش، ئۆتكۈر قىزىتمىلىق تەپلەر، قانلىق بوۋاسىر ياكى ھەيز توختاپ قېلىشى، مېڭىدىن ياكى بىرەر ئەزادىن قان ئېقىپ كېتىش، سىفلىس ۋە سۇزاك كېسەللىكى قاتارلىق سەۋەبلەردىن بولىدۇ.
مالىخولىيا ياكى ساراڭلىق كېسەللىكىنىڭ ئەسلىي سەۋەبلىرىدىن شۇ نەرسە مەلۇمكى، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قان سۇيۇقلۇقىنىڭ سۇ ماددىسى كېمىيىپ كېتىدۇ − دە، ئۇنىڭدا بىر قىسىم زەھەرلىك ماددا پەيدا بولىدۇ. بۇ خىلدىكى قاندىن مېڭە ياخشى پەرۋىش تاپالمايدۇ. نەتىجىدە، مېڭە بارغانسېرى ئورۇقلاپ كېتىدۇ ۋە ئۇنىڭ بەزى تارماق قىسىملىرى كېرەكسىز بولىدۇ. بىمارنىڭ جىسمانىي تۈزۈلۈشىدىمۇ بۇزۇلۇش پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ، بۇ خىل خەتەرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ نەتىجىسى شۇ بولىدۇكى، مېڭىنىڭ روھىي پائالىيەت خىزمەتلىرىدە ئېلىشىش، توغرا پىكىر ۋە مەسلىھەتلەردىن ئېزىش كۆرۈلىدۇ، ئەقىل − ئىدراك ۋە پەم − پاراسەت كۈندىن − كۈنگە بۇزۇلۇشقا قاراپ ماڭىدۇ. مېڭىنىڭ بىكار بولۇپ كەتكەن قىسىملىرىنىڭ ئۆزىگە تېگىشلىك بولغان خىزمەتلىرى ئادا بولماي، پۈتۈنلەي توسۇلۇپ قالىدۇ.

داۋامى بار....

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 08:45:35

جىما تەلەپ قىلىش ساراڭلىقى

تۇنۇش:
بۇ ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان كېلىنكىدا تولا كۇلىدىغان، ، تولا سۆزلەيدىغان، بىھايا قېلىقلارنى قىلىپ جىنسىي ئالاقە قىلىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالىدىغان ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى:
ئەرلەردە جىنسىي ئەزانى قوزغايدىغان دورىلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىۋىلىش مەسىلەن؛ كۈچۇلا جەۋھىرى، بۇغا مۇڭگۇزى، ئەنبەر، ئىپار قاتارلىقلارنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىۋىلىشتىنمۇ بۇخىل ئەھۋال كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ياش ئاياللاردا بولسا ھېستىرىيە كېسەللىكى، جىنسىي يول غىدىقلىنىش، قىچىشىش، مەنى يېغىلىپ قېلىش، بالىياتقۇ قۇرۇقلاش قاتارلىقلارمۇ سەۋەب بولىدۇ، شۇنىڭدەك ئەخلاقى ۋە خىيالى بۇزۇلۇش، شەھۋانىي تەسىراتقا يولۇقۇش قاتارلىق ئامىللارمۇ سەۋەب بولىدۇ.
ئالامىتى:
بۇنداق قوزغۇلۇش بەك ئەۋج ئېلىپ كەتكەندە جۇنۇن دەرىجىسىگە ئېىلىپ بارىدۇ، بولۇپمۇ ئاياللار  تولا سۆزلەيدىغان، تولا كۇلىدىغان ھاياسىز بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا كشىلەرگە كىمدە-كىم بولسۇن ئىزا تارتماستىن ئېسلىۋالىدۇ، جىنسىي ئالاقە قىلىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالىدۇ، خىجىل بولمايدۇ، بىھايا قېلىقلارنى قىلىپ كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتىدۇ، ھەر قانچە جىنسىي ئالاقە قىلسىمۇ يەنە ئالاقە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
http://bbs.eldawa.com/forum.php?mod=viewthread&tid=1116&highlight=%D8%B3%D8%A7%D8%B1%D8%A7%DA%AD

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 08:48:58

putboljan يوللىغان ۋاقتى  2014-4-30 01:44 static/image/common/back.gif
ساراڭلىق ئادەتتە نەچچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ؟

ساراڭلىق


1. بۆرىسىمان ساراڭلىق -بۆرە كېسىلى (ئىللىتىرەئىپ ياكى قۇترۇپ)

2.يىرىتقۇچسىمان ساراڭلىق

3.ئىشتسىمان ساراڭلىق

4.پەۋقۇلئاددە ساراڭلىق (سوبارا)

5.جىما تەلەپ قىلىش ساراڭلىقى

6.سوزۇلما شارابخورلۇق ساراڭلىقى
http://bbs.eldawa.com/forum.php?mod=viewthread&tid=1120&highlight=%D8%B3%D8%A7%D8%B1%D8%A7%DA%AD
بەت: [1]
: ساراڭلىق(جۇنۇن)