ئاشىقلىق-ئىشقى شەھۋانى
ئاشىقلىقئىشقى شەھۋانى
تونۇش: بۇمالىخولىيا كېسەللىكىگە ئوخشاش تەپەككۇر قالايمىقانلىشىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئاقنانچى، قاملاشقان كىشىلەرنىڭ چىرايلىق كىشلەر بىلەن كۆپ ئارىلىشىش ۋە ئۇلارنىڭ گەپ− سۆزلىرىنى كۆپ ئاڭلاش سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ.
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك سەۋدا خىلىتنىڭ نورمالسىزلىقى، مەلۇم شەخسنىڭ گۈزەللىكى ۋە ياخشى خىلىتلىرى ھەققىدە كۆپ ئويلىنىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامەتلىرى: بىمارنىڭ رەڭگى − رويى سېرىق، ئېغىزى قورۇق، ئۇيقۇسى ئاز بولىدۇ. بىمار مۇھەببەت دەردىدە يىغلايدۇ ۋە ئاھ ئۇرىدۇ، تومۇرى ئېگىز − پەس سالىدۇ. بولۇپمۇ مەشۇقىنى كۆرگەندە ياكى ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ۋە باشقىلارنىڭ ۋە ئۇنىڭ يۇرتى ھەققىدىكى سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا تومۇرى تېخىمۇ قالايمىقان سالىدۇ.
ئەگەر كىشىنى ئاشىقلىق ئىلكىگە ئالغان بولسا، مىزاجىنى قالايمىقان قىلىدۇ. ھازىق تېۋىپنىڭ قارىشىدا ئۇنىڭ ئىلاجى مەشۇقى بىلەن ۋىسال تاپقۇزۇشتۇر.
ئەگەر مەشۇقى بىلەن كۆرۈشتۈرۈش مۇمكىن بولمىسا، مەلۇم كىشىنى ئۇنىڭ مەشۇقىنىڭ يامان گېپىنى قىلىشقا، ئەيىبلىرىنى سۆزلەشكە بۇيرۇپ، ئۇنىڭ مەشۇقىغا بولغان كۆڭلىنى ياندۇرۇش ياكى شارائىت يار بەرسە، ئۇنى باشقا ئايال بىلەن توي قىلىشقا ئۈندەش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى سۇسلاشتۇرغىلى بولىدۇ. بەزى كىشىلەرمەلۇم كىشلەرگە خىيالەن ئاشىق بولۇپ قالىدۇ. بۇ ساختا ئاشىقلىق دەپ ئاتىلىدۇ.
http://bbs.eldawa.com/forum.php?mod=viewthread&tid=3132
بىر چاغلاردا بۇ كېسەل مەندىمۇ بار ئىدى. گەرچە ساقايغان بولساممۇ ئاسارىتى بار! :lol بويتاقلارنىڭ ھەممىسىدە با ھەقىچان uya_frozen يوللىغان ۋاقتى2014-4-29 13:17 static/image/common/back.gif
بويتاقلارنىڭ ھەممىسىدە با ھەقىچان
زىيالىيدا يوقتۇ.:P زادى خەتەرلىك كېسەل بۇ ... ئاخىرىدا كىشىنى ھەيران قىلىدۇ ... ئاللاھ پانا بەرسۇن ... ئۆزىدىن باشقىغا ئاشىق قىلمىسۇن زادى دىمىسىمۇكىسەل بۇ ...
مەلۇم كىشىنى ئۇنىڭ مەشۇقىنىڭ يامان گېپىنى قىلىشقا، ئەيىبلىرىنى سۆزلەشكە بۇيرۇپ، ئۇنىڭ مەشۇقىغا بولغان كۆڭلىنى ياندۇرۇش
مانداق قىلسا غەيۋەتبوپ قالامىكى مەنغۇ يىغلاپ ئاھ ئۇرۇپ باقمىدىم. :lol :lol{:92:}{:92:}{:92:}{:92:}{:92:}{:92:}{:92:}{:92:}{:92:} بۇ كىسەلدىن ساقايماق تەس جۇما......:lol:lol:lol:lol
ساقايدى دىگەن تەغدىردىمۇ ئاسارىتى قالىدۇ-دە.... ئاسارىتى قاچان يوقار؟ yanwar يوللىغان ۋاقتى2014-4-29 19:41 static/image/common/back.gif
ئاسارىتى قاچان يوقار؟
چىنە چىنداندىن چىقۇر،
كۇزا خۇمداندىن چىقۇر.
كۈيگى ئەمدى بېسىلدى،
دەردى ئۆلگەندە چىقۇر:lol paliwan يوللىغان ۋاقتى2014-4-29 21:29 static/image/common/back.gif
چىنە چىنداندىن چىقۇر،
كۇزا خۇمداندىن چىقۇر.
كۈيگى ئەم ...
:lol مەن رىۋايەتلردە ئاڭلىغان بۇنى……قارىغاندا راس ئوخشايدۇ:lol ياخشى كۆرۇش گۇنامۇ ئەمدى ؟ بۇگۇن بىر قىزنى كۆرگەن تېخى {:92:} ئەڭ ياخشى مەشۇقى بىلەن توي قىلىش ياكى بولمىسا ئۇنتۇپ كېتىش، ئۇمۇ بولمىسا ئەرگە بېرىۋېتىپ قۇتۇلۇش{:87:} بەندىگە بەك ئاشىق بوپ كەتسەخۇدايىم مۇرادىغا يەتكۈزمەيدىغاندەك ھېس قىلدىمغۇ ،مەندىن بەكرەك باشقىغا ئاشق بولامدىغان دەپچۇ :o
تېمىنىڭ ئىسمى بېشىمدىن تۈتۈن چىقاردى {:219:} مەنغۇ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ باقمىغان(خۇدايىم ساقلىسۇن!)لېكىن مېنىڭ بىر ئاغىنەم ھەقىقىي سەۋدالىق مۇقامىغا يەتكەن.:( ھېكايە رومانلارنى، كىنولارنى جىق كۆرىۋەتكەندە چىقامدىكىن دەيمەن بۇ كېسەلنى... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا atiyan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-30 11:04
مەن يىغلاپ باقمىدىم ، چىرايىم سارغايمىدى ، لىكىن باشقىلار كۆرسە ئاقىرىپ كىتىپسەن دەپ قويىدۇ . مەندىكى مۇھەببەتنىڭ ئاسارىتىمۇ ياكى ئاشىقلىقنىڭمۇ بىلمەيمەن . كوچىدا باشقا قىزلارنى كۆرسەممۇ كۆز ئالدىمغا ئاشۇ قىز كىلىۋالىدۇ ، كىنو كۆرسەممۇ شۇ ، ئۇخلىساممۇ شۇ . تىلفۇننى قولۇمغا ئالساملا تىلفۇن قىلغۇم كىلىدۇ ....
ھازىرقى قىز دوستۇم شۇنداق ياخشى بولمىسا ، ئىككى ئۆينىڭ چوڭلىرى تويغا رازىلىق بىرىپمۇ بولدى ، لىكىن خىيالىم ئاشۇ قىزدا ، بەش يىل بولاي دىدى ، لىكىن ئۇنتۇيالمىدىم.....
بۇ دەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كىرەك بىلمىدىم ، بەلكىم تويۇمنى قىلسام ساقىيىپ قالامەن ، بەلكىم بىر ئۆمۈر ئۇنتۇيالماسمەن .... paliwan يوللىغان ۋاقتى2014-4-29 21:29 static/image/common/back.gif
چىنە چىنداندىن چىقۇر،
كۇزا خۇمداندىن چىقۇر.
كۈيگى ئەم ...
جىڭ گەپ!