hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 08:20:01

يۈرەك قېپىغا سۇ يىغىلىش

يۈرەك قېپىغا سۇ يىغىلىش

بۇ خىل كېسەللىكتە يۈرەكنى ئوراپ تۇرغۇچى غىلاپ ئىچىگە سۇ يىغىلىدۇ. سۇنىڭ تەسىرى يۈرەككە يەتكەندە، يۈرەك بۇ غەيرىي تەبىئىي ئەھۋالدىن زەھەرلىنىپ، تىترەپ )ئىختىلاجلىق( ھەرىكەت قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بەزىلەر بۇنى تىترەشنىڭ بىر خىلى دەپ ئاتايدۇ.
ئالامىتى: خاپقاندىكى ئالامەتلەردىن باشقا، بىمار يۈرىكى ئەتراپىدا ئېغىرلىق باردەك ياكى يۈرىكى چۆكۈپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ، نەپىسى سىقىلىدۇ.
ئىلاجى: ئالدى بىلەن سۇيۇقلۇقنى تارقىتىش ئۈچۈن بىمارغا ئايارەج پەيقىرا ياكى ئايارەج لوغانزىيا بېرىش قىزىلگۈل، سۇمبۇل، زەپەر، بادرەنجىبۇيا، قەلەمپۇر، سەئىدە كوفى قاتارلىقلارنى سوقۇپ، تۇخۇم سېرىقى بىلەن يۇغۇرۇپ، يۈرەك ئەتراپىغا چېپىش لازىم. يۈرەككە مۇۋاپىق قۇرۇقلۇق پەيدا قىلغۇچى دورىلارنى بىمارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
http://bbs.eldawa.com/forum.php?mod=viewthread&tid=3289&highlight=%D8%B3%DB%87
بەت: [1]
: يۈرەك قېپىغا سۇ يىغىلىش