waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 02:07:19

28-ئاپرېل خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسى ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى خەۋىرى

     
  ئۇيغۇر ۋاسكىتبول تورىنىڭ 28-ئاپرېل خەۋىرى؛   2014-يىلى4-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچ،  خوتەن ۋىلايەتلىك ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتى، خوتەن ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتى تەشكىللىگەن  « خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » نىڭ ئىچىلىش مۇراسىمى خوتەن شەھرىدىكى خوتەن ۋىلايەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پەن تىخنىكا مەدىنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەت مەرگىزى ۋاسكىتبول مەيدانىدا ئىچىلدى.
ئېچىلىش مۇراسىمىغا خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمىنىڭ باش كاتىۋى غالىپ، خوتەن شەھرىنىڭ باشلىقى ئادىل نۇرمۇھەممەت، خوتەن ۋىلايەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى دىلشات، خوتەن ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتىنىڭ باش لىدىرى تۇرغۇنجان  قاتارلىق ئەمەلدارلار ۋە 2000 دىن ئارتۇق تاماشىبىنلار قاتناشتى. خوتەن شەھرىنىڭ باشلىقى ئادىل نۇرمۇھەممەت  « خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » نىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، خوتەن ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتىنىڭ باش لىدىرى تۇرغۇنجان ھاجىم مۇسابىقىنىڭ تۈنجى توپىنى باشلاپ بەردى.
  بۇ قىتىمقى ئەل ئىچى تەكلىپ مۇسابىقىسىگە، يىقىندا دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تاللانغان، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى،  پەخىرلىك ئۇيغۇر ۋاسكىتبول چولپانىمىز شىرئەلىجان مۇختەر، قىرغىز يىگىتى قىرانبەك،  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى مەردان تۇرسۇن، شەنشى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئۇيغۇر ئەزاسى مۇرات ئادىلجان،  قاتارلىق داڭلىق ۋاسكىتبولچىلىرىمىز تەكلىپ قىلغان كوماندىلارغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشتى.
بۈگۈن كەچ  ئىلىپ بىرىلغان  ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە  شىرئەلىجان مۇختەر، مۇرات ئادىلجان يىتەكچىلىگىدىكى  ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتى كوماندىسى 84-57 نەتىجە گۇما شاپتۇللۇق ئۈمىد كوماندىسىنى،  مەردان تۇرسۇن يىتەكچىلىكىدىكى خوتەن ئوۋلوبا ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى كوماندىسى 69- 51 نەتىجە بىلەن خوتەن پىداگوگىگا ئالى تىخنىكومى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.
  ئىگەللىنىشىچە؛   بۇ قىتىمقى مۇسابىقە ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بۇيىچە كۈلىمى چوڭ، سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقۇرى بولغان ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى بۇلۇپ قالىدىكەن.
مۇسابىقە ۋاقىت ئۇرۇنلاشتۇرۇشى ئۇرۈمچى ۋاختى ئەتتىگەن سائەت 00؛9 -00؛12 غىچە ئىككى مەيدان، چۈشتىن كىيىن 00؛2-00؛5 غىچە ئىككى مەيدان، كەچ 00؛7 - 30؛10 غىچە ئىككى مەيدان، پۈتۈن كۈندە جەمئى 6 مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بىرىلىدىكەن.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-30 07:47:33

ماۋۇ ئېگىز ئاغىنىمىز لىنكىن پاركنىڭ بىر ئەزاسىغا ئوخشايدىكەن:P
بەت: [1]
: 28-ئاپرېل خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسى ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى خەۋىرى