enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 21:20:09

گېورگې ئورۋېلل ۋە ئۇنىڭ «1984» ناملىق رومانى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   afiyfiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-28 22:15

گېورگې ئورۋېلل ۋە ئۇنىڭ «1984» ناملىق رومانى

ئىلاۋە: بۇ ماقالىنى «يازغۇچىلار مۇنبىرى»دىن ياقتۇرۇپ ئېلىپ كەلدىم، خەنزۇچە ۋېكىپىدىيا تورىدىن ئۇيغۇرچىغا تەييارلىغۇچى قەلەمداش دوستۇم تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار بولۇپ، مەن ئازراق مەزمۇن قوشۇپ «ئىزدىنىش مۇنبىرى»دە ئېلان قىلىشنىمۇ مۇۋاپىق كۆردۈم.
ئەسلىدە مەن بۇ كىتاپنى تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن 2010-يىلى تاللىغان ئىدىم، ئەمما نەشرىيات سودىگەرلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ بولالماي، شۇنداقلا تەرجىمە قىلغان تەقدىردىمۇ نەشرىياتنىڭ قۇم چايناپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ زورلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ قويۇپ تۇرغان ئىدىم. مەزكۇر «1984» دېگەن بۇ رومان دۇنيا تارىخىدىكى يۈز مەشھۇر ئەسەرنىڭ بىرى بولۇپ، خەنزۇچىغا قايتا-قايتا بېسىلغان. لېكىن ھازىرغىچە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمىدى. كارل پوپۇر مۇشۇ روماننى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىك ئەسىرى «ئېچىۋېتىلگەن جەمىيەت ۋە ئۇنىڭ دۈشمىنى»دېگەن كىتاۋىنى يېزىپ چىققان.
كىتاپخۇمار، بولۇپمۇ كىتاپنى تاللاپ ئوقۇيدىغان ساپالىق ئوقۇرمەنلەرگە بۇ كىتاپ بىر ياخشى تەۋسىيەدۇر.                                          

      گېورگې ئورۋېلل (George Orwell) 1901-يىلى ئەنگىلىيە مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ھىندىستاننىڭ موتىخارى دېگەن يېرىدە، بىر سودا ئاگېنتى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ھىندىستاندا ئەنگىلىيەلىكلەر ئاچقان ئەۋلىيا كىپىرىئان مەكتىپىدە ئوقۇپ، 1917-يىلى «ئەۋلىيا كىپىرىئان»نامىدىكى ئوقۇش مۇكاپا تىغا ئېرىشكەن.1921-يىلىغىچە ئىتان ناملىق تېخنىكومدا ئوقۇغان، 1922-يىلىدىن 1927-يىلىغىچە بىرماغا بېرىپ مۇستەملىكە ساقچىسى بولغان.كېين ياۋروپا، جۈملىدىن ئەنگىلىيەدە ياشىدى. شۇ مەزگىللەردە يېزىقچىلىققا كىرىشىپ، دەسلەپ نەسىر ۋە پوبلىستىك ماقالىلەرنى يازدى. 1935-يىلىدىن باشلاپ گېورگې ئورۋېلل دېگەن تەخەللۇسنى قوللىنىپ يېزىشقا باشلىدى. 1937-يىلى ئىسپانىيەدىكى فىرانكو پاشىستىك ھاكىمىيىتىگە قارشى پارتلىغان ئۇرۇشقا قاتناشتى.كېيى كۆپلىگەن ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھاياتقا مۇناسىۋەتلىك پوۋېست ۋە ماقالىلەرنى يازدى. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەنگىلىيە ب ب س رادىئوسى ئارقىلىق ئانتى پاشىستىك تەشۋىقاتلار بىلەن شۇغۇنلانغان.شۇ مەزگىلدە ئۇ «ئېغىل»(بەزى ماتېرىياللاردا «ماللار ھويلىسى»ەدپ تەرجىمە قىلىنغان).ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ چىقتى، بۇ ئەسەر روسىيەدىكى ئۆكتەبىر ئىنقىلابى تېما قىلىنغان ،بەلكى شۇ ئىنقىلاپنىڭ يىلنامىسى سۈپىتىدىكى ساتىرىك ئەسەر ئىدى.بۇ ئەسەردە ئىنقىلاپنىڭ پىراگىراممىسى ۋە پىرىنسىپلىرىنى قايتا تۇرغۇزۇپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «1984» ئانتىي ئوتوپپىيەلىك رومان بولۇپ، ھېساپتا بۇ ئەسەر «ئېغىل»نىڭ داۋامى ئىدى.ئۇ بۇ ئەسىرىدە كەلگۈسىدىكى دۇنيا جەمئىيىتىنى مۇستەبىت ئوگارخ تۇزۇمدىكى جەمئىيەت قىلىپ تەسۋىرلىگەن.ئۇ تەسۋىرلىگەن بۇ تۈزۈمدىكى جەمئىيەت قاتتىق روھىي ۋە جىسمانىي قۇللۇق جەمئىيىتى بولۇپ، كۈچلۈك ۋەھىمە ۋە نەپرەت بىلەن تولغان.

   گېورگې ئورۋېلل ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدە ئېغىر قوقاق (تۇبېر كىليۇز) كېسىلى بىلەن لوندوندا ۋاپات بولغان.

گەرچە، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى گېورگې ئورۋېللنى ئانچە تونىمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ خەنزۇ تىللىق ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدىكى تەسىرى خېلى زور، شۇڭا ئۇنىڭ خېلى كۆپ ئەسەرلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىغان.

    گېورگې ئورۋېللنىڭ1949-يىلى يېزىلغان «1984»ناملىق رومانىدا، مۇستەبىت ۋە پاشىست ئوكيانىيە دۆلەتىنىڭ ئىنسانلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىنى تىزگىنلەپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنىمۇ قانداق كونترول قىلغانلىقى تەسۋىرلەنگەن.بۇ روماندا، بىرى-بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا ئارانلا تۇرىدىغان ئوكيانىيە،ياۋرۇئاسىيا،شەرقىي ئاسىيادىن ئىبارەت ئۈچ قۇتۇپقا ئايلا نغان ئۈچ دۆلەتتىن سۆز ئېچىلسىمۇ،بىراق ئاساسلىقى ئوكيانىيە دۆلىتىدىكى ئىنسانلارنىڭ تراگىدىيىلىك سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتى تەسۋىرلەنگەن.

      بۇ ئۈچ دۆلەت ساقچى دۆلەتلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇش قىلىشتىكى مەقسىتى قانداقتۇر ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئەمەس،بەلكى ئىشلەپچىقىرىلغان قورال-ياراقلارنى خورىتىش.قىسقىسى، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگەك مىۋىلىرىنى يوق قىلىش.ئۇلار قورال-ياراقلارنى يېڭىلاش زۆرۈرىيىتى ئۈچۈنلا يۇقىرى تەخنىكىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ.20-ئەسردىكى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى مۇستەبىت دۆلەتلەرگە بەزى ئىمكانىيەتلەرنىمۇ ئاتا قىلغان.رادىئو بىلەن تىلېۋىزىيە دىكتاتورلارنىڭ مىزانلىرى ۋە ئاتالمىش مۇۋاپپىقىيەتلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ۋاستىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

       گېورگې ئورۋېللنىڭ «1984»ناملىق بۇ رومانىدا تەسۋىرلەنگەن خىيالىي ئوكيا نىيە دۆلىتى تىلېۋىزىيەنى تەشۋىقات ۋاستىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنى ئىنسانلارنىڭ ھۆرلۈكىنى بوغىدىغان ۋاستە سۈپىتىدە قوللىنىدۇ.ئوكيانىيە دۆلىتىگە بەگ بۇرادەر،يەنى چوڭ ئاكا، دەپ ئاتىلىدىغان بىرى ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.

       چوڭ ئاكا دۆلەتنىڭ ھەممىلا يېرىگە ئورنىتىلغان تىلېۋىزىيە ئىكرانلىرى ئارقالىق، ئىنسانلارنىڭ باسقان ھەر بىر قەدىمى، ئېغزىدىن چىققان ھەر بىر سۆزى، ھەتتا ئۇلارنىڭ نېمەلەرنى ئويلاۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى كۆزىتىدۇ ياكى ھەر ۋاقت بۇلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا بۇلار رەسمىي ئورگانلار تەرەپىدىن ئارخىپلاشتۇرۇلىدۇ.بۇ تىلېۋىزىيە ئىكرانلىرىنىڭ ئاستىغا «چوڭ ئاكا سىزنى كۆزەتمەكتە»دېگەن ئاگاھلاندۇرۇش خەتلىرىمۇ يېزىلغان بولىدۇ.بىراق، بۇ تىلېۋىزورلارنىڭ ئاۋازىنى تۆۋەنلىتىش ياكى ئۇنى ئۆچۈرۈش مۇمكىن بولمايدۇ.ھەتتا،ئىنسانلار چوڭ ئاكانىڭ كۆزىتىش ۋە نازارەتلىرىنى چىن كۆڭلىدىن خالايد ىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ.

   قىسقىسى،پۈتۈن ئوكيانىيەلىكلەر تىلېۋىزور ئىكرانلىرى ئارقىلىق تىز گىنلىنىدۇ، نازارەت قىلىنىدۇ. ئوكيانىيە بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى مۇستە بىت دۆلەت بولۇپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىڭسوس پارتىيەسى كىشىلەرنىڭ ئىنسانىي سەزگۈ-تۇيغۇلىرى ۋە ۋىجدانىنى يوق قىلىپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ئەقىل -ئىدراكىنى ئۆزلىرىنىڭ مىزانلىرىغا سالغانلىقتىن،بۇ ئىنسانلار ئادالەت، ھۆرلۈك -ئەركىنلىك، دۆلەت، ئىنقىلاب، ئىسيانغا ئوخشاش سۆز-ئىبارىلەرنىڭ ئەسلى مەنىسىنى زادىلا چۈشەنمەيدۇ ياكى بۇلارنى تەتۈر مەنىسى بىلەن چۈشىنىدۇ. پارتىيەنىڭ ئۈچ مۇھىم شۇئارى:«ئۇرۇش-تىنچلىق،ھۆرلۈك-قۇللۇق، بىلىمسىز لىك - كۈچ دېمەكتۇر». مەسىلەن، بۇ دۆلەتتە ئۇرۇشقا مەسئۇل ئورگىننىڭ ئىسمى «تېنچلىق مىنىستىرلىكى»،ھاكىمىيەتنىڭ يالغان-ياۋداقلارنى تارقاتىدىغان ئور گىنىنىڭ ئىسمى«ھەققانىيەت مىنىستىرلىكى»، ئىنسانلارغا قىيىن-قىستاق قىلىد ىغان ۋە ئۇلارغا جازا بېرىدىغان ئورگاننىڭ ئىسمى بولسا«سۆيگۈ مىنستىرلىكى»دۇر.ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ئادەتتە ئۆزلىرىنىڭ بۇ دۆلەتتە ئەڭ مۇكەممەل بىر دۇنيا قۇرۇپ چىققانلىقىنى ۋە ھەر يەرنى گۈل-گۈلىستانلىققا ئايلاندۇرغانلىقىنى ھەر زامان ئېغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ.

   گېورگې ئورۋېللنىڭ «1984»ناملىق رومانىدا بايان قىلىنىشىچە، ئوكيانىيە دۆلىتىدە ئەسلىدە بار تارىخ يوق قىلىنىپ،داۋاملىق يېڭىدىن يېزىلىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ تارىخ ئېڭى مەقسەتلىك زەئپلەشتۈرۈلىدۇ.چۈنكى تارىخ بىلىمى ئاز ياكى يوق بولغاندا، ئىنسانلارنى باشقۇرۇش ئاسانغا توختايدۇ.ئەگەر بىر پارتىيە ئەزاسى خاتالاشسا ياكى ئۇ يوقىتىلسا، ئۇنىڭ گېزىتتە ئېلان قىلىنغان بۇرۇنقى ماقالىلىرى ۋە رەسىملىرى شۇھامان ئۆچۈرۈلۈپ تاشلىنىدۇ. پارتىيەنىڭ ئىدولو گىيەسىگە ئازراقلا يات كۆزقاراش ئوتتۇراغا چىقسا، شۇ ھامان ئۆزگەرتىلىپ، ھاكىمىيەتكە پايدالىق نەرسەگە ئايلاندۇرىلىدۇ.

      قىسقىسى،ئۇلار تارىخنى ئۆزگەرتىش ئارقالىق، دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى قانۇنلاشتۇرىدۇ ۋە ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش مەقسىتىگە يېتىدۇ.بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ ئېغىر گۇناھ؛ئوي-پىكىر جىنايىتى، ئەڭ كۈچلۈك تەشكىلات _ئوي-پىكىر ساقچىلىرىدۇر.ئوي-پىكىر ساقچىلىرىنىڭ ھەممە يەردە كۆز-قۇلاقلىرى بار، ئۇلار بارلىق ئىنسانلارنىڭ تېلىفونلىرىنى يوشۇرۇن تىڭشايدۇ، ئىنسانلار خالىي يەرلەر دىمۇ كۆزىتىش كامىرالىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.پۇقرالارنىڭ رەسمىي ئىدولو گىيەگە بولغان ساداقىتى داۋاملىق تەكشۈرۈلىدۇ ۋە ئۇلار ئۆتكەمىلەردىن ئۆتكۈزۈ لۈپ،غەلۋىرلەردە تاسقىلىدۇ. چوڭ ئاكىغا قارشى كىچىك بىر ھەركەتتە ياكى باشقىچە پىكىردە بولغانلار ۋە دۆلەتنىڭ رەسمىي ئىدولوگىيەسىنىڭ سىرتىغا چىققانلار يۈزلىرىدىكى كىچىك بىر ئىپادىلەردىن بايقىلىپ، يوق قىلىنىدۇ.يوق قىلىنغان ئۆكتىچىلەرنىڭ ئۆتمۈشى دۆلەتنىڭ ئارخىپىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىنىپ، ئۇلار زادىلا مەۋجۇت بولۇپ باقمىغان قىلىپ كۆرسىتىلىدۇ.

    روماندا تەسۋىرلەنگەن ئوكيانىيەدە پەقەت بىرلا گېزىت چىقىدۇ. ئەمما، بۇ گېزىتتە راستقا ۋە ھەقىقەتكە ھېچ ئورۇن بېرىلمەيدۇ، ياكى ئۇ قىپ-قىزىل يالغان بىلەن توشتۇرۇلىدۇ.مەسىلەن، بۇ گېزىتكە چىققان بىر خەۋەر دۆلەت تەرەپىدىن توغرا ئەمەس دەپ قارالسا، ياكى ئۇلارنىڭ دىتىغا ياقمىسا، بۇ خەۋەر دەررۇ ئالماشتۇرۇلىدۇ ۋە خەۋەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق پاكتلار يوق قىلىپ تاشلىنىدۇ.بۇ سەۋەبتىن، ئىنسانلار نېمىنىڭ راست، نېمىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى زادىلا ئاڭقىرالمايدۇ. ئوكيانىيەدە ئىنسانلار 3تەبىقىگە ئايرىلغان، ھەر تەبىقىنىڭ ياشايدىغان ماكانلىرى، كىيىدىغان كىيىم-كېچەكلىرى ۋە يەيدىغان–ئىچىدىغا نلىرى بىرى-بىرىدىن روشەن پەرقلىنىدۇ.بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ تۆۋەن قاتلامنى يوقسۇللار (پرولتارىيات) تەبىقىسى تەشكىل قىلغان.

      ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بۇ كۆپ سانلىقنى ئىگەلەيدىغان يوقسۇللار تەبىقىسىنى، ھاماقەتلەر، دەپ قارايدۇ ۋە ئۇلارنى ھايۋان بىلەن ئوخشاش كۆرىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە يوقسۇللار سىنىپىنىڭ بىلىم سەۋىيىسى تۆۋەن بولغانلىقى ۋە ئۆپچۆرىسىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن خەۋەرسىز قالغانلىقى ئۈچۈن، ئىسيان كۆتۈرۈش ياكى قارشىلىق كۆرسىتىش ئۇلارنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايدۇ. بىراق، بۇ ئىنسانلارمۇ بۆشۈكتىن مازارغىچە كۆزەتىلىشتىن ۋە نازارەتتىن قۇتۇلا لمايدۇ. بۇ دۆلەتتە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار مەلۇم بىر ياشتىن كېيىن، ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېلىنىپ، دۆلەت ياتاقلىرىدا تۇرغۇزۇلىدۇ ۋە ئۇلار دۆلەتنىڭ تەشۋ ىقاتى ئاستىدا چوڭ قىلىنىدۇ.

    گېورگې ئورۋېللنىڭ رومانىدىكى ئوكيانىيە دۆلىتىدە ھاكىمىيەتنىڭ سىمۋو للۇق دۈشمىنى گولدستەىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ھەرقانداق بىر رەزىللىك بىلەن باغلىنىدۇ.بۇ دۆلەتتە ئىنسانلارنى ھەر زامان بېسىم ئاستىدا تۇتۇش ئۈچۈن، ھەر كۈنى«ئىككى مىنۇتلۇق نەپرەت»ياغدۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ، «گولدستە ىنئچىلارنى ئۈزۈل-كەسىل يوقىتىش»شۇئارلىرى توۋلىنىدۇ.يىلنىڭ ئىچىدىكى، «نەپرەت ھەپتىسى»دە، قولغا چۈشكەن دۈشمەنلەر ۋە ئوي-پىكىر جىنايە تچىلىر ىلىرىگە خەلقنىڭ ئالدىدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.بۇ تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىلىرى ياڭرايدۇ ھەمدە دۆلەتنىڭ خوجايىنى«چوڭ ئاكا» نىڭ ئادالىتىگە مەدھىيەلەر ياغدۇرۇلىدۇ...

   گېورگې ئورۋېللنىڭ 1949-يىلى يېزىلغان«1984»ناملىق بۇ سىياسىي روما نىدا،ئەينى ۋاقتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى كوممۇنىست مۇستەبىت تۈزۈمى ئوپراتسىيە قىلىنغان.
تەييارلىغۇچى: تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار.

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 22:45:55

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   AVAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-28 22:46

ھايۋانلار قورۇقى ئۇيغۇرچىسى بار.
ماۋۇ كىتابمۇ نوچى. غوجىكانى نى ئاجايىپ تەسەۋۋۇر قىپتىكەن . مىڭە يۇيۇش، گۇناھىنى تونۇتۇش، تۆۋە قىلدۇرۇشلىرى بەدەننى شۈركەندۈرىدۇ:funk:

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 23:01:34

بىر كېنو بار ئىدى، مەزمۇنى ئوخشاپ قالىدىكەن. ئىسىمىنى دەمال ئېسىمگە ئالالماي قالدىم.
جاھان ئۇرۇشى پارتىلاپ، يەرشارىدا پەقەت بىرلا دۆلەت قالىدۇ. تۈزۈمى تېمىدا تونۇشتۇرۇلغان كىتاپتىكى تۈزۈمگە ئوخشايدۇ. بارلىق ئادەملەر ھەر كۈنى ھېسياتنى كونترۇل قىلىدىغان بىر خىل دورىنى جەزمەن يىيشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەملەردە خوشاللىق، قايغۇ، غەزەپ-نەپرەت دىگەندەك ھېچقانداق تەبىئى ھېسىيات قالمايدۇ. مۇستەبىت ھۆكۈمەت ساقچىلار ئارقىلىق قارشىلىق قىلغانلارنى داۋاملىق يوقۇتۇپ قىرىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق كىتاپ، سەنئەت بويۇملىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈپ يوقىتىۋېتىدۇ.
جۇلا ئەپەندىمنىڭ بۇ تەرجىمە ئەسىرى نەشىردىن چىقسا، بىرنى ئېلىپ ساقلاپ قويسام بولغىدەك. ئالدىنقى قېتىم كۆرگەن تېمىدىن قارىسام جۇلا ئەپەندىمنىڭ تەرجىمىسى سۈپەتلىك ئىكەن.{:112:}

President يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 00:50:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   President تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-29 00:57

كىتابنىڭ ۋەقەلىكى قىزىقتۇرۇپ قويدى، ئىزدەپ يۈرۈپ تۈركچىسىنىمۇ تېپىۋالدىم، ياخشى كىتابلارنى تونۇشتۇرغانلىقىڭىزغا رەھمەت.

تۈركچە تەرجىمىسىنى تۆۋەندىكى ئادرېسدىن سېتىۋالساڭلار بولىدۇ:

http://www.kitapyurdu.com/kitap/default.asp?id=18793

President يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 00:56:14

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى2014-4-28 23:01 static/image/common/back.gif
بىر كېنو بار ئىدى، مەزمۇنى ئوخشاپ قالىدىكەن. ئىسىمىنى...

سىز دېگەن كىنو 2012-يىلىدىكى «تامامەن ئېسىگە كېلىش»(全面回忆) دېگەن كىنو بولسا كېرەك؟

مەنزىل:
http://movie.mtime.com/139718/

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 02:25:55

گىئورگى ئورۋىلنىڭ ياۋروپادىكى ياشلار ئارىسىدا تەسىرى خىلى كۈچلۈككەن دەپ ھىس قىلدىم. ھايۋانلار قورۇقى 1984 دىگەن رومانلارنى كۆپ قىسىم بالىلار ئوقۇغانكەن، ھەر قىتىم كومۇنىزىم، جۇڭگۇ..غا ئائىت پاراڭلار چىققاندا مۇشۇ رومانلار تىلغا ئىلىنماي قالمايدۇ.
ھايۋانلار قورۇقىنى ئوقۇپ چىقىپتىمەن، 1984 نى چۈشۈرۈپ قويغان ئوقۇيمەن دەپ تىخىچە ۋاقىت چىقرالمىدىم. ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنسا نەشىرياتتىن بىسىشقا رۇخسەت قىلاما؟

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 04:58:15

تەرجىمە قىلىنسىمۇ ، نەشىر قىلىشقا رۇخسەت قىلماسمىكى، چۈنكى ئاپشاركىلارنىڭ بۇرنى ھەددىدىن شىيادە سەزگۈر

taz يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 07:56:02

بۇ ئەسەې تەرجىمە قىلىنسىمۇ مەڭگۈ چىقىرىلمايدۇ

nasin يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 08:16:22

ياپۇنلۇق يازغۇچى مۇراكامى خارۇكىنىڭ 2009-يىلى ئىلان قىلغان 1Q84 ناملىق رومانىمۇ بەك زور داغدۇغا قوزغىۋەتكەنتى جۇڭگۇدا. ئاۋۇ Q دىگىنىنىڭ ئېنگىلىزچە ئوقۇلىشى بىلەن ياپۇنچە 9 دىگەن ساننىڭ ئوقۇلىشى ئوخشاش. شۇڭا بۇ روماننىڭ ئىسمىنىڭ مەنىسىمۇ 1984 بولىدىكەن.

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 08:57:05

ئەنۋەر ئەپەندى ،مۇشۇ نەشىرىياتچىلىق ئىشلىرىنى ئارقا ئىشىك قىلماي،بىر نەشىرىياتقا نەرسەكلا بىريىل ئىچىدە
قىلىپ بىرىدىغان ئىش يوقمۇ؟كۆرگەن-بىلگەنلىرىڭىزنى دەپ باقسىڭىز؟
سىزچە ژورناللار ئىچىدە ئەسەر بەرسەك ،ئادەمنى خۇش قىلىدىغانلار بارمۇ؟ئۆزگەرتىۋالماي،بېسىۋالماي،باسمىسا تېلفۇن قىلىپ سەۋەبىنى ئېيتىپ دېگەندەك.

alaibalai يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 10:37:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alaibalai تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-29 11:19

گىئورگى دەمدۇق ياكى جورجى دەمدۇق؟ «ھايۋانلار قورۇقى»دا جورجى ئورۋىل دەپ ئېلىنغان. بولسا مۇشۇ ئىسىملارنى قىلىپلاشتۇرۇپ ئىشلەتسەك.

tashway يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 11:33:35

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى2014-4-28 23:01 static/image/common/back.gif
بىر كېنو بار ئىدى، مەزمۇنى ئوخشاپ قالىدىكەن. ئىسىمىنى...

سىزدىگەن فىلىم ‹撕裂的末日›دىگەن فىلىم شۇ بۇ فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى ئىنتايىن ياخشى، كىشى چۇڭقۇر تەسىر قىلىدۇ....

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 11:47:46

alaibalai يوللىغان ۋاقتى2014-4-29 10:37 static/image/common/back.gif
گىئورگى دەمدۇق ياكى جورجى دەمدۇق؟ «ھايۋانلار قورۇقى»د ...

تورداشلار مەزمۇن قاتالايدىغان، قېلىپلاشقان ئاتالغۇلار تور بېتى بولسىمۇ بوپتىكەن.
ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئۆلچەملىك شەكلىنى تاپالماي كۆپ قىينىلىدۇ ئادەم.
ئىزدىنىشنىڭ ئۆزىگە شۇنداق سەھىپە قاتقىلى بولمامدۇ تېخنىكلار؟
لوغەت شەكلىدە تۈزەپ بىر بەت ئايرىم سەھىپە قىلىپ قويساڭلار. مەزمۇنىنى تورداشلار ئۆزى قاتالايدىغان بولسا. ئېنگىلىزچە، خەنچە، ئۇيغۇرچە ئۈچ تىللىق بولسا. ئىككى ئۈچ يىلدا مۇكەممەل لوغەت بولۇپ قالىدۇ. ئىقتىسادى ئۈنۈم يارىتىشىمۇ مۇمكىن.
مۇشۇ توغرۇلۇق بىر تېما يازايچۇ بىر كۈنى...

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 17:45:46

ئەسلى تەلەپپۇزى بويىچە جورجى دەيلى

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 23:06:50

ئاغىنىلكەر ھايۋاناتلار قورۇقى دىگەن ھىشقانداق كىتاپ ئەمەسقۇ .... ھەممىسىدە ئەنگىلىيەدىكى ھايۋانلار تەسۋىرلىنىدۇ ... بىكادىن بىكا خۇدىكسىرتىپ قويسىلەر ما ئاپشاركىلارنى .....ئىچىمىزدە بىلىلى ماندا ....
ياخشى قىزىقارلىق يىزىلغان كىتاپچىكەن ....

لىكىن مەن ھىش بىلمىدىم ، بۇ روماندا چوشقىلارنى ئەڭ ئەقىللىق قىلىپ تەسۋىرلەيدىكەن ....

erturk يوللانغان ۋاقتى 2014-4-30 10:19:28

مەندە بۇ كىتابنىڭ تۈركچىسى بار، تېخى ئوقۇغۇدەك بولمىدىم، ياخشى نىيەتلىك بۇرادىرىمدىن بىرى تەۋسىيە قىلغانىدى، خەنزۇچە نەشر قىلىنغان كىتاب ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنسا قانۇن جەھەتتىن بولمايدىغان يېرى يوق.
بەت: [1]
: گېورگې ئورۋېلل ۋە ئۇنىڭ «1984» ناملىق رومانى