bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 17:58:23

مەنزىلسىز مەكتۇپلار (2)







                                                   مەنزىلسىز مەكتۇپلار (2)
                                            
                                   ئىككىنچى قىسىم : رەيھانباغقا كەلگەن ئاخىرقى مەكتۇپ
                                    
                                            _  مۇھەممەتتۇرسۇن ئابلېكىم( بەگ ئالىپ )
      
                 تاڭ سۈزۈلۈشكە تېخى خېلى ۋاقىت بار ئىدى ، مەن تېلىپ كەتكەن كۆزلىرىمنى ئازراق دەم ئالدۇرىۋالدىم . ئەلۋەتتە قانچىلىك ئۇزۇن بولسىمۇ ھەممىنى تەپسىلى يېزىشىم كېرەك ئىدى چۈنكى   مەن  كېسەل كارۋىتىدا ياتقام ۋاقتىمدا  دوختۇر خاتىرىسىنى  يوقاتتى  دېگەن رەيھان ئىسىملىك قىز سەن بولۇپ قېلىشىڭ مۇمكىن ئىدى ، ھەم شۇنداق بولىشىنى ئۈمۈد قىلاتتىم .  مەن ساڭا ئاشۇ گۈزەل ھەم ئاچچىق خاتىرىلەرنى ئېيتىپ بېرىشىم، سەن بىلەن سىردىشىشىۋېلىشىم كېرەك ئىدى ، چۈنكى مېنىڭ سېنىڭدىن باشقا سىرداشقۇدەك ئادىمىم يوق .
        خەتنىڭ داۋامىنى يېزىشقا باشلىدىم :……
      - مەن ئۇ شەھەردىن ئاشۇ ماڭغانچە سەن يۇقاپ كەتكەن شەھەرگە باردىم، سانسىزلىغان قەبرىلەر ئىچىدە ئەرۋاھتەكلا ئەگىپ يۈرەتتىم، گەرچە سېنى كۆرەلمىسەممۇ، مېنى قېنىپ كۆرۈۋالسۇن دېدىم .   شۇ چاغدا مەندە بىر خىل ئاخىرلىشىش تۇيغۇسى پەيدا بولدى، ئەمدى مەندە كەلگۈسى دەيدىغان ئۇقۇم يوق ئىدى . مەن پەقەت سېنىڭ قېشىڭغا كېتىدىغان ۋاقىتنى كۈتۈپ ئۆتسەملا بۇلاتتى بۇلاتتى.    مەن  قەلبىمنىڭ بىر قەبرىستانلىققا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى قورقۇنۇچ ئىچىدە ھېس قىلدىم ، ئۇنىڭدا شۇ قەدەر مۇدھىشلىق ھۆكۈم سۈرەتتىكى؛ بۇ جىمجىتلىق ئىچىدە ئەرۋاھلارنىڭ ئىزلىرمۇ يوق ئىدى.
               كېيىن مۇشۇ كىچىك شەھەردە تۇرۇپ قالدىم. بىر كۈنى شەھەر قۇرلىشىغا ئىشچى ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر كەلدى، مەندە تۇيۇقسىز ئىشچى بۇلۇش ئۇيى تۇغۇلدى، بۇ ئوينىڭ نىمىشقا پەيدا بولۇپ قالغىنىنى ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتلاردىن ئاندىن غۇۋا چۈشەندىم، ئەسلىدە سېنىڭ كېتىپ قالغىنىڭنى قۇبۇل قىلالمىغان ئىكەنمەن  ، قۇرلۇشقا ئىشلەشتىكى مەخسىتىممۇ سېنى ئىزلەش ئىكەن.  بۇ يەردە نەچچە ئىشلەمچى يىگىت بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم.   قىشنىڭ قاتتىق سۇغۇق كۈنلىرىدە، يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقلىرىدىمۇ بىر كۈنمۇ دەم ئالمايتتۇق. كېيىن مەن تۇلا ئاغرىپ قالىدىغان بولۇپ قالدىم، تامىقىممۇ ئازلاپ كەتتى ، ئۇلار ماڭا تاماقنى كۆپرەك يە دەيتتى ، قاچىسغا ئېزىپ - تېزىپ چىقىپ قالىدىغان گۆشلەرنى قاچامغا ئىلغايتتى.   جىسمىم  قانچە خورىغانسىرى كۆڭلىمدە بىرخىل يۇشۇرۇن خاتىرجەملىك ئەكىس ئېتەتتى، چۈنكى بۇ سېنىڭ يېنىڭغا بۇرۇنراق كېتىدىغانلىقىمنىڭ بېشارىتى ئىدى.                                                                                                                        
           بۇ ئىشلەمچى يىگىتلەرنىڭ ئىچىدە بىر نەچچە ئۇستا سازچى بار ئىدى .  ھەر كۈنى ئىشتىن يانغاندا ئاچچىق موخرىكا ئىسلىرى ئارىسىدا ئولتۇرۇپ يۈرەكنى ئىزىدىغان كۈيلەرنى ئاڭلاپ ئولتۇراتتۇق .  بۇنداق ۋاقىتتا ئاشۇ ئاھۇ كۆزلىرىڭ ، ۋە پەرى سۈپەت سىمايىڭ قەلىب قەبرىستانلىقىمدىن چىقىپ كۆكۈش ئىسلار ئارىسىدا ناگان-ناگان كۆرۈنۈپ قالاتتى، ئاندىن ئاشۇ يوقلۇق ئىچىدىكى ئاچچىق ھىجراندا پۇرۇقلاپ قايناپ چىقاتتىم.  مۇشۇنداق چاغلاردا يەنە ئاشۇ قېتىمقىدەك يەر تەۋرىسە ،مۇشۇ پۇرسەتتە سېنىڭ قېشىڭغا كەتسەم دەپ قالاتتىم   .    رەيھانىم،  بەلكىم بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ :《ھۇ شۇم ئېغىز باندىت !يامان سۆز چىققان ئاغزىڭغا بىرنى ئۇرۇۋەت 》دېگەنسەن .  ئىلگىرىمۇ شۇنداق قىلاتتىڭ : ئېسىڭدمۇ ؟  ئاشۇ قېتىم مەن سېنى تۇنجى قېتىم كىنو كۆرۈپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدىم، بىلەت ئالاي دەپ بارسام تۈگەپ كەتتى دېدى ، شۇ چاغدا بىر بېلەت ھايانكىشى بېلەتنى خەخلەرگە تالاشتۇرۇپ سېتىۋاتقان ئىكەن ، سورىسام ناھايىتى يۇقۇرى باھانى ئېييتى ، ئالماي دېسەم باشقا يەردە بېلەت يوق ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر نەچچە ئادەم باھا تالىشىپ تۇرۇۋاتاتتى ، شۇڭا بىلەتنى دېگەن باھادا ئالماقچى بولدۇم .  بىلەتنى قۇلۇمغا ئېلىشىمغا ئارقامدىن بىرى كېلىپ بېلەتنى شارتىدە تارتىۋالدى، ئالدىمدا غىتمەكتەلەرچە ياسىنىۋالغان بىر گۇي تاماكىسىنى قىڭغىر چىشلەپ كۆرەڭلىك بىلەن قاراپ تۇراتتى. ئۇ ئاۋال ماڭا ئاندىن يېنىدىكى ئالۋاستىغا ئوخشاش ياسىنىۋالغان قىزغا تەكەبۇرلارچە نەزەردە قارىۋەتكەندىن كېيىن، بىلەتچىگە بىر تۇتام پۇل تۇتقۇزۇپ، يېتەمدۇ دېگەن مەنىدە قارىۋىدى ، بىلەتچى دېگەن كاززاپ خۇشامەت بىلەن باش لىڭشىتىپ قۇيۇپ تىكىۋەتمەكچى بولدى. ئاچىقىم غۇججىدە كېلىپ لۈكچەكلىكىم تۇتتى،  ئۇلرب بىلەن سۇقۇشۇپ  بىلەتنى تارتىۋالدىم .  راست گەپ قىلسام بۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى، لېكىن شۇ چاغدا كونا خۇيۇم تەبىيلا تۇتۇپ كەتتى ، مېنىڭ ئەزەلدىن سۈلى سالا بىلەن خۇشۇم يوق ئىدى .  لېكىن ئىككى ساقچى ئاسماندىن چۈشكەندەكلا كېلىپ قۇلۇمدىكى بىلەتنى مۇسادىرە قىلىپ ھېلىقى ھايانكەشنى ئېلىپ كەتتى .  ئاران ئالغان بىلىتىمنى ئېلىپ كەتكەن ساقچىلارغا جىلە بۇلۇپ: « خۇدايىم يولدا سىتولبىغا ئۈسسۈپ ئۈلەرسە »  دەپ قارغىۋەتتىم .  شۇ چاغدا سەن:- دەرھال ئاغزىڭغابىرنى ئۇر! ئادەمنىڭ ئېغىزىدىن سار چىقارمىش،- دېۋىدىڭ كۈلۈپ كەتتىم، ئاندىن ساڭا:- مېنىڭ  ئۆز  ئاغزىمغا ئۇرغۇم كەلمەيدىكەن .  سەن ئۇرۇپ قۇيە ،- دېۋىدىم، سەن ئېغىزىڭغا پاققىدە بىرنى ئۇردۇڭ، مەن جىلە بۇلۇپ ،- بۇ نىمە قىلغىنىڭ،-  دېسەم، سەن ئۇماق كۆزلىرىڭ بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ؛ - مېنىڭ ئېغىزىمغا ئۇرغۇنۇم سېنى ئۇرغىنىم ئوخشاش، چۈنكى مېنىڭ يۈزۈم ئاغرىسا سېنىڭ يۈركىڭ ئاغرىيدۇ . دېمەك مەن سېنى جازالاش مەخسىتمگە يەتتىم،-   دېدىڭ مەن بۇ گېپىكنى ئاڭلاپ كۈلكىدىن توختىيالماي ئولتۇرۇپ قالدىم، -، ۋاي توۋا نەدىن ئۈگەندىڭ بۇ ئادەم خوش قىلىدىغان گەپلەرنى دېگەنىدىم ، سەن:-  شۇ سەن ھىليىگەردىن  ئۆگەنمەي كىمدىن ئۆگىنەتتىم ، قازاننىڭ قېشىدا يۈرسەڭ قارىسى يۇقۇدۇ ئەمەسمۇ-،  دېگەن ئىدىڭ ………                                                                                                                                    



                   كېيىن مەنمۇ دۇتتار چېلىشنى ئۈگۈنىۋالدىم:

      يىراقلاردا ھەيۋەتلىك تاغلار                                                                                                                                                                       

خىيالىمنى كېلىدۇ بېسىپ                                                                                                                                                                           

ئۆتتى قانچە ئىنتىزار چاغلار                                                                                                                                                                        

ۋەسلىڭ ماڭا بولمىدى نىسىپ                                                                                                                                                                       

سەنسىز مەنمۇ باھارمۇ غېرىپ                                                                                                                                                                     

………………

                ئۇلار بەزىدە مەندىن نىمىشقا ئۆزىمنى جاپاغا مۇشۇنداق ئۇرۇدىغانلىقىمنى سورايتتى ، لېكىن مەن مۇ نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغىنىمنى ئۇقمايتتىم. ماڭا پۇل كېرەك ئەمەستى، ئايلىقىمنى ئالاتتىمدە، تاماققا يەتكۈدەك ئېلىپ قېلىپ قالغىنىنى ئالدىمغا ئۇچۇرغان ساھىللارغا بۆلۈپ بېرەتتىم، چۈنكى سەن يا يېنىمدا بولمىساڭ ئارتۇقچە پۇلنىڭ ماڭا لازىمى…… لېكىن ئۇلار ئوخشىمايتتى، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى بار ئىدى.  ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر ئاغىنەمنىڭ  نامرات بولسىمۇ بەخىتلىك ئائىلىسى بار ئىدى، ئۇ ھەممىمىزدىن تېجەشكىك ھەم ئىشچان ئىدى . چۈشلىكىدىن باشقىسىغا قۇرۇق نان يەپ ئىش قىلاتتى، بىر زىلۋا چوكان پات پات ئۇماق قوش كېزەكلەرنى باشلاپ كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈكىلى كېتەتتى، ئۇ ئاغىنەم پەقەت مۇشۇ ۋاقىتتىلا بۆلەكچىلا روھلىنىپ كېتەتتى . ئۇ  شۇنچە ھېرىپ كەتكىنىگە قارىماستىن باللىرىنىڭ بىرىنى ئوڭ مۈرۈسىگە يەنە بىرىنى سول مۈرىسىگە ئېلىپ ئوينىتاتتى ، ئاندىن ئايالى بىلەن ئاللىقانداقتۇر ئىشلار توغرۇلۇق مەسلەھەتلىشەتتى. (بەلكىم ئۇلارغا مەنلا دىققەت قىلىۋاتقان ھەم مەنلا ھەۋەس قىلىۋاتقان بۇلۇشۇم مۇمكىن ئىدى) ئۇلار پاراڭلىشىۋاتقاندا كۆزىدىن باشقىچە بىر خىل نۇر يېغىپ تۇرىدىغانلىقىنى غۇۋا ھېس قىلاتتىم، ئاخىردا ئۇ تىنماي ئىشلەپ تاپقان پۇللىرىنى ئايالىغا تۇتقۇزاتتى  ۋە نىمىلەرنىدۇر تاپىلاپ يولغا سېلىپ بۇلۇپلا قايسىدۇر بىر ناخشىنى غىڭشىغاچ ئىشلەشكە كىرىشىپ كېتەتى .
       يەنە بىر كېلىشكەن بەستلىك يىگىت بار ئىدى،ئارىمىزدا تېخنىكىسى ئەڭ ياخشىسى ھەم مائاشى ئەڭ يۇقۇرىسى شۇ ئىدى ،  سورىسام ئۇ قۇرلۇش ئورنىدا مۇشۇنداق تىنماي ئىشلەۋاتقىلى بەش يىل بۇپتۇ ، ئۈچ يىل ئىشلىگەن پۇلغا ئۆي ئاپتۇ، يەنە بىر يىل ئىشلىسە ياخشى كۆرىدىغان قىزىنىڭ تويلىقىنى غەملەپ بۇلۇدىكەن ……
         ئۇلار بەخىتلىك ئىدى ، چۈنكى ئۇلار سۆيىدىغان ئادەملىرى ئۈچۈن ياشاۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ گۈزەل كەلگۈسى بار ئىدى !مېنىڭچۇ رەيھانىم ئەگەر سەن يېنىمدا بولساڭ ئىدىڭ مەنمۇ جېنىمنى تىكىپ ئىشلەپ ساڭا ھېلىغۇ ئۆيكەن ئاسماندىكى ئاينى ئېلىپ بەر دىسەڭمۇ ئېلىپ بېرەتتىم ،تېخىم مەن ساڭا بىر چوڭ كىتاپخانا ئېچىپ بەرمەكچى ئىدىمغۇ! لېكىن ھازىر مېنىڭ ھېچ نىمەم يوق، ئاتا ئانام ، قېرىنداشلىرىم ئالىقاچان جاھان دىشۋارچىلىقلىرىغا چىدىماي ناتۇنۇش ئەللەرگە مۇساپىر بۇلۇپ چىقىپ كەتتى، مېنىڭ بۇ يەردە ئاشۇ سېنى يېتىۋاتىدۇ دەپ قاراۋاتقان قەبرىستانلىقتىن باشقا ھېچ نىمەم يوق ئىدى ، ……
           ئاشۇ كۈنلەردە ئۇنۋىرستىتىكى مۇئەللىمىم ماڭا تىلفۇن قىلىپ مۇشۇ شەھەردە بىر تەتقىقات ئورنى قۇرۇلىدىغانلىقىنى مېنىڭ مۇشۇ تەتقىقات ئورنىنىدا خىزمەت قىلىشىمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، مەنمۇ تارتىشىپ ئولتۇرمۇدۇم ، چۈنكى دادام مېڭىش ئالدىدا : - مەن ئۆمرىمدا كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن تۇپراققا ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمەپتىمەن، سېنىڭ قولۇڭدىن ئىش كېلىدۇ،شۇڭا سەن بولساڭمۇ مۇشۇ يەردە مېنىڭ ئورنىمدا يۇرتقا جاۋاپ قايتۇر ،- دەپ مېنى قۇيۇپ قويغان ئىدى. شۇلارنى ئويلاپ ئاسانلا ماقۇل بولدىم، ئاتامنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن بولسىمۇ ۋاقتىمنى چىڭ تۇتۇپ ئاشۇ مۇرەككەپ تەتقىقات تېمىسىنى ئۆز قۇلۇمغا ئېلىشقا قارارىغا كەلدىم .  لېكىن مەندىكى ئاخىرلىشىش تۇيغۇسى يەنىلا ماڭا ھەمراھ بۇلۇپ تۇرۇۋاتقان بۇلۇپ يەنىلا ئۇزاق قالماي يېنىڭغا كېتىدىغاندەك تۇيغۇ بار ئىدى. شۇڭا مەن ئالدىمدىكى رېئاللىقنى خۇددى ۋاقىتلىق مېھمانخانىغا كەلگەندەكلا ھېچ قانداق بېزەش خىيالىدا  بولمۇدۇم ……



         مېنىڭ يېڭىدىن ئىشقا چۈشكەن ئورنۇم ئۇنىۋىرسال خاراكتىردىكى تەتقىقات يۇرتى ئىدى، سانائەت پەنلىرى، ۋە گۇمانتار پەنلەرنىڭ تەتقىقات ئورۇنلىرى تەسىس قىلىنغان بولغاچقا بۇ يەرگە ھەر يەرلەردىن كەلگەن كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىم ، تەتقىقاتچى ئۇستازلار يىغىلغانىدى، ئۇلار بىلەن تەتقىقاتلاردا ، ئىلمى سۆھبەتلەردە بىللە بۇلاتتىم، بۇلارنىڭ ئىچىدە تىل -ئەدەبىيات پەنلىرى مەركىزىدىكى سۆھبەتكە قالماي قاتنىشاتتىم ، چۈنكى مەن ئۆزۈم ئىشلەۋاتقان فىزىكا پەنلىرى تەتقىقات مەركىزىدىكى ئايغى چىقماس جانسىز سان- سىفرلار، ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىڭمەيدىغان غەلىتە تەجىربە ھادىسىللىرى ۋە ماششىنا ئادەمگە ئوخشاش پاينەك باش تەتقىقاتچىلارنىڭ سۇغۇق كەيپىياتتىكى تالاش تالاشلىردىن زېرىككەن ئىدىم ،بۇ يەردە بولسا كىشلىك ھاياتنىڭ مەنىسى نىمە ، نىمىشقا ، نىمە مەخسەتتە يارالدىڭ ، ئادىمىيلىكنىڭ ئۆلچىمى ?دېگەندەك تېمىلاردا سۆھبەتلەر بۇلاتتى ، بۇلار مەن دەل ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان بىلىملەر ئىدى، بىر كۈنى سالاپەتلىك چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرۇدىغان بىر ئالىم سۈپەت كىشى ئىسمىمنى سورىدى: ——ھەبىبۇللا ، دېدىم مەن، ئۇ كىشى باش لىڭشىتىپ:ھەقىقىقەتەن مەنىلىك ئىسىمكەن ، بىلەمسەنكىن ئوغلۇم ، ئىسمىڭنىڭ مەنىسى ئاللاھنىڭ دوستى دىگەن گەپ بۇلۇدۇ، ياراتقۇچى تەقۋادار، ھەم ئىلىملىك كىشىلەرنى دوس تۇتۇدۇ ……

       مېنى ئۇلار ئاسپىرانتلارغا تەجىربە دەرىسى بېرىشكە ئۇرۇنلاشتۇردى دېمەك مەن ئوقۇتقىچى بولغانىدىم ، خوش بولدىم ، چۈنكى ئاناممۇ ئوقۇتقۇچى بولۇشمنى ئازۇ قىلاتتى.
       -ئوقۇتقۇچۇلۇق ئېسىل كەسىپ -،دېدى بىر ئۆلىما،- ياخشى قىلىپ بىلىم ۋە پەزىلەت ئىگىللىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقساڭ ھەسسىلەپ ساۋاپ ئالىسەن، ئەگەر ئوبدان قىلماي قولوڭدىن بىر توپ نادان ھەم پەزىلەتسىزلەر چىقسا ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھلىدا سېنىڭمۇ ئۈلۈشۈڭ بولىدۇدە ياراتقۇچىنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىسىەن .
        لېكىن مەن تۇنجى دەرىس ئۆتكەن ۋاقىتتا بۇيەرگە كەلگەنلەرنىڭ  كۆپىدە ئاسپىرانىتتا بولۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلدىم.  قىزلار گىرىمنى شۇنداق قېنىق قىلاتتى، بەلكىم بىر قېتىمدا بىر قۇتا ماي كېتىشى مۇمكىن ئىدى، كىيىنىشلىرمۇ ئالۋاستىدەك ئدى.   ئوغۇلارمۇ قېلىشمايتتى، بۇلۇپمۇ ئۇلارنىڭ كىيىۋالغان كىيىمنىڭ تارلىقى ھەم رەڭدارلىقى ئادەمنى ھەيرانۇ ھەس قالدۇراتتى، دەرىسكە دىققەت قىلىش  تۈگۈل بەزىدە دەرىسكىمۇ چىقمايتتى.مەن شۇ قېتىم بەكلا ئۈمۈدسىزلەندىم، :ئاسپىرانتلار سىنىپىىڭ ئۆگۈنۈش باشلىقى نىيوتۇننىڭ ئىككىنچى ھەركەت قانۇنىنىڭ فورمىلاسىنى يازالمىدى، ئىنتاھاندىن قانداق ئۆتىسىز دىسەم ؛-  خاتىرجەم بۇلۇڭ ، باشقا مۇئەللىملەر بىلەن دېيىشىپ قويدۇم ، بىزنى ئىنتاھاندىن پۇل ئۆتكىزىدۇ ،- دېۋىدى بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى .  كېيىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بايلار،  ئەمەلدارلارنىڭ باللىرى ئىكەنلىكىنى بىلدىم ……مەۋسۇم ئاخىردا ، ياتىقىم سوۋغا - سالامغا تۇشۇپ كەتتى .  ئۇلار پەقەت مېنىڭ دەرسىمدىنلا ئۆتەلمىدى، شۇنداق قىلىپ ھەمىسى سىنىپ قېلىشتى . ئۇزاق ئۆتمەي مەن ئۇلارغا دەرىس بېرىش ۋەزىپەمدىن يۆتكىلىپ مەخسۇس تەتقىقات قىلىش ۋەزىپىسىگە يۆتكەلدىم، كېيىن مېنىڭ ئوقۇتقۇچۇلۇق ئورنىمغا  باشقا بىرى كەلدى (كوچا خەۋەرلىرىگە قارىغاندا ئۇ شەھەر باشلىقىنىڭ ئايالىنىڭ ئاشنىسىنىڭ ئاكىسى ئىكەن )بۇ  يەردە  پەقەت تەتقىقات بىلەنلا شۇغۇللانغاندىن كېيىن ئارامچىلىق بولار دەپ خاتا ئويلاپتىمەن ، تەتقىقات نەتىجىسىنى پۈتتۈرۈپ ماقالە ئېلان قىلاي دېگەن ۋاقتىمدا چوڭ باش ئاغرىغى چىقتى :ماقالە ئاپتورىنىڭ ئىسمىنى يازىدىغان يەر بىر ، مۇئاۋىن باشلىق ئىككى ئىدى.  قايسىنىڭ ئىسمنى يېزىشنى بىلەلمەيلا قالدىم ، چۈنكى بىرى باشلىقنىڭ تاغىسى، يەنە بىرى باشلىقنىڭ قېيىن  ئاكىسى  ئىدى .  مەن ئاخىرى ئەقىلىمنى ئىشلىتىپ ئىش قىلىشنى قارار قىلدىم ، چۈنكى مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان خىزمەتتىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايتتىم. ئاخىرىدا ئېلان قىلىدىغان ماقالىنىڭ ئاپتورى دېگەن يەرگە باشلىقنىڭ تاغىسىنىڭ ئىسمىنى يازدىم، بۇنداق بولغاندا باشلىقنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بۇلاتتى . لېكىن پۈتۈنلەي خاتا ئويلاپتىمەن، ئەتىسى باشلىق مېنىڭ ئىش بۇزغانلىقىمغا كايىپلا كەتتى (ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇ ئايالىدىن دەشنەم يېگەندەك قىلاتتى) ، ۋە ئۆز بېشىمچى دەپ قالپاق كەيگۈزۈپ ئىجدىمايى پەنلەر مەركىزىنىڭ كۇتۇپخانىسىغا پالىۋەتتى، لېكىن بۇ قېتىم باشلىق يامان ئىش قىلمىغان ئىدى ، بۇ يەرنىڭ مۇھىتىنىڭ نەقەدەر پاكىز ئازادە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، كىتاپ ئوقۇدۇم، تىل ئۈگەندىم، ئالىم ئۆلىمالاردىن تەلىم ئالدىم ، شۇ چاغدا مەن ئۆزۈمنى تۇنۇدۇم، نۇرغۇن ئىشلارنىڭ تېگىگە يەتتىم، ھۇشۇمنى تاپتىم.

                لېكىن بۇ كۈنلەرمۇ ئۇزاققا بارمىدى. خىمىيە تەجىربىخانىسىغا يېڭىدىن يۆتكىلىپ كەلگەن بىرى ئەمەلگە تويمىدىمۇ شەھەر باشلىقىنىڭ ئۆيىگە خۇشامەت قىلىش ئۈچۈن تەجىربىخانىدا گاز ساقلايدىغان غاز بويۇن ۋارونكىنى باشلىقنىڭ ئۆيگە ئاپىرىپ بېرىپتۇ، ئۇلار تىل ئۇقۇشمىغاچقىمۇ شەھەر باشلىقى ئۇ كىشىنىڭ ئەكەلگەن نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرمەيلا ئېلىپ قاپتۇ. شۇ كېچىسى شەھەر باشلىقىنىڭ ئۆيىدىكىلەر ھەممىسى گازدىن زەھەرلىنىپ ئۆلۈپتۇ  .(شەھەر باشلىقى ئۆيدە بولمىغاچقا ساق قاپتۇ) ئەتىسى پۈتۈن شەھەردە تۇت تۇت باشلاندى، شەھەردىكى بارلىق خىمىيە تەتقىقاتچىللىرى تۈرمىگە ئېلىندى . بىزنىڭ تەتقىقات ئورنىمىزمۇ تاقالدى..

        مەن خىزمىتىمدىن ئايرىلىپ ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، مەن ئىنتاھاندىن ئۆتكۈزمەي ئۇنۋان ئالالمىغان «ئاسپىرانتلار » ئادەم سېلىپ مېنى قاتتىق ئۇرغۇزۇپ چالا ئۆلۈك قىلىپ تاشلاپ قويۇشتى. دوختۇرخانىدا ھوشۇمغا كەلگىنىمدە پۇت قوللۇرۇم ، قۇۋۇرغۇللۇرۇم سىنغان ھالەتتە ياتاتتىم ، دوختۇر ئەمدى  ھاياتىمنىڭ  ئاخىرقى يىللىرنىڭ  كېلىپ قالغان بولىشى مۇمكىنلىقنى ، مۆجىزە كۆرىلگەن ھالەتتىمۇ ئورنىمدىن تۇرۇپ ماڭالمايدىغانلىقىمنى ئېيتىۋېدى  ،كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى . ئەمدى بەرداشلىق بېرەلمىدىم ، ئۆلۈمنى كۆتۈپلا ياتتىم، شۇ چاغدا دوختۇر دېگەن كۈننىڭ بالدۇراق كېلىشىنى تىلىدىم. لېكىن تەقدىر قىسمەت دېگەن ئاجايىپ بولۇدىكەن ، تاماقتىن قالغان كۈنۈم بىر مويىسسىپىت دوختۇر يېنىمغا كىردى ، ئۇ مېنى  تاماق يېيىش ھاياتمنى قەدىرلەش توغرىلىق نەسىھەت قىلىۋېتىپ ، گەپ ئارلىقىدا نەچچە يىللار ئىلگىركى يەر تەۋرەشتە  بىر قىزنىڭ ماڭا ئوخشا پۇت قوللۇرىنىڭ سىنىپ  ، ماڭا ئوخشاش پالەچ بولغانلىقىنى ھەتتا ئېسىنىمۇ يۇقاتقانلىقىنى ،لېكىن ھايات قالغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. شۇ چاغدا مەن يەنە بىر قېتىم ھۇشۇمدىن كەتتىم،چۈنكى ئۇ دوختۇر ئاشۇ ھايات قالغان قىزنىڭ ئىسمىنى رەيھان دېدى.  كېيىن ھوشۇمغا كېلىپ سېنى قايتىدىن سۈرشتۈرۈشكە باشلىدىم. ،  قەبرىستانلىقتا ئىسمى يېزىلغان ئەمەس  ھايات قالغان رەيھان ئىسىملىك قىزنىڭ سەن بولۇشىڭنى ئۈمۈد قىلاتتىم،لېكىن ھېچكىمدىن ئېنىق جاۋاپ ئالالمىدىم. ئەمما ئۈمۈد ئۈزمۈدۈم ، دەل مۇشۇ ئۈمۈد مېنى نېمىلا بولمۇسۇن ھايات ياشاشقا تۈركە بولدى. مەن سېنى توختىماي ئىزدىدىم ؛ نەچچە يىل ئاۋال سەندىن ئوغرىلىقچە ئېلىۋالغان سۈرىتىڭنى چوڭايتىپ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ، كىشىلەردىن سۈرۈشتۈردۈم  ،ھېچكىم تۇنۇيالمىدى  .  ئۈمۈدلۈرۈم يەنە ئۈزۈلدى . لېكىن ئاشۇ يىلى ئائىلەمدىكىلەر يۈزىگە قارا سۈركىلىپ ،  ياقا ئەلگە سەرگەندار بولۇپ كېتىپ يالغۇز ،يار- يۈلەكسىز قالغىنىمدا،ھەممە دوسلىرىم ھەتتا بىر جەمەت تۇققانلىرىممۇ مەندىن كېچىشكەن ئىدى.  لېكىن سەنلا مېنىڭ قولۇمنى قۇيۇۋەتمىدىڭ  . ئاتا -ئاناڭنىڭ قارشى تۇرىشلىرىغا قاراپ چىدىماي مەندىن ۋاز كەچ دېگىنىمدە سەن شۇنداق دېگەن ئىدىڭ؛« - ياق،ھېبىيىم، بۇنداق ئاسان ۋاز كەچمە !  بىلىپ قوي ، ئۆلۈمدىن باشقا سەۋەپ بىلەن ئايرىلىشتىن باشقىللىرى ھەممىسى خائىنلىق،ئەگەر سەن ھايات تۇرۇپ مەندىن كەچمەكچى بولساڭ،سېنى مەڭگۈ كەچۈرمەيمەن».

            دەل مۇشۇ سۆزۈڭ مېنى بەل قۇيۇپ بېرىشتىن يەنە بىر قېتىم تۇسۇپ قالدى. بۇ شەھەردىن شۇنچە ئىزدەپمۇ سېنى تاپالمىدىم .   چۈنكى ئاشۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە بۇ شەھەردىكىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپى ئۆلگەن ، ساق قالدى دېگەنلىرمۇ باشقا شەھەرلەرگە كۆچۈپ كەتكەن ئىكەن   .ئەگەر سەنمۇ بۇ يەردىن كۆچۈپ كەتكەن بولساڭچۇ؟   مەن قايسى شەھەرگە كەتكىنىڭنى بىلمەيتتىم  ، ھەم بۇ ھالىتىمدە باشقا شەھەرگە سېنى ئىزدەپمۇ بارلالمايتتىم . ھەر كۈنىدىكىدەك سېنىڭ خەتلىرىنى ئوقۇۋېتىپ كاللامغا يالتىدە بىر خىيال كەلدى ؛ مەن  سېنى ئىزدەپ باشقا شەگەرگە بارالمىغىنىم بىلەن بىلەن قولۇم ساق ئىدى، ساڭا خەت يازالايتتىم. بىر كىشىنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ خەت ئەۋەتىش ناھايىتى ئەخمەقلىق ئىدى .لېكىن بۇنىڭدىن باشقا چارە يوق ئىدى. شۇنىڭدىن تارتىپ ساڭا كۈندە دېگۈدەك خەت يازدىم ئاندىن  سەن تۇرۇشۇڭ مۇمكىن بولغان شەھەرنىڭ ئاھالىلەر خەرىتىسىگە قاراپ تۇرۇپ  يازغان خېتىمنى خالىغان بىر ئادىرىسقا ئەۋەتتىم، لېكىن بۇ مەنزىلسىز سۆيگۈ مەكتۇپلىرىنىڭ ھەممىسى قايتىپ كەلدى،( پەقەت بىر قېتىملا پوچتالىيۇن ئېھتىياتسىزلىق قىلىپ بىر پارچە خەتنى چۈشۈرۈپ قويقانلىقىنى ھېساپقا ئالمىغاندا  )  لېكىن مەن ھامان بىر كۈنى سەن ھايات بولساڭلا خەنىڭ قولۇڭغا تېگىدىغانلىقىغا ئىشەندىم . مانا ھازىر بۇ مەكتۇپنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن .
     رەيھانىم، بۇخەتنى كۆرسەڭ چۇقۇم ئېسىڭنى تاپالايدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن .  خەنى ئوقۇغان ھامان چۇقۇم جاۋاپ قايتۇر، يېنىڭغا ھەر نىمە قىلىپ بولسىمۇ بارىمەن ، چۈنكى  ئۆلمەي تۇرۇپ ئايرلىش ئۇ بىر خائىنلىق. ھەراس ، سەن ئىلگىرى بىر بىزگە تەئەللۇق بىر گۈلى رەيھانلار بىلەن تولغان باغنىڭ بولىشىنى ، ئاشۇ باغ ئىچىگە بىر كۇتۇپخانا سېلىپ بېرىشىمنى ئۈمۈد قىلاتتىڭغۇ، مەن چۇقۇم دېگىنىڭنى قىلىپ بېرىمەن، مەن ئۇ باغنى شەھەرگە  سەن كىرىدىغان كۆۋرۈك بويىغا  سەن ئېيتقان رەيھانلار بىلەن تولغان باغنى بىنا قىلىمەن( بۇنداق بولغاندا  سەن بۇ شەھەرگە كىرسەڭ مېنى ئاسانلا تاپالايسەن) .   

           ئۇماق رەيھان ، تاڭ ئېتىپ قاپتۇ.   پوچتالىيۇن كېلىشتىن بۇرۇن خەتنى ساندۇققا سېلىۋەتمىسەم بولمايدۇ . شۇڭا ساڭا دەيدىغان گەپلىرىم تۈگۈمىگەن بولسىمۇ  مۇشۇنچىلىك يازاي . سالامەت بول.

                                                              
                                    سېنى  سېغىنىپ :
                                                                                                        خوش بولساڭ «ھېبىيىم»  ، خاپا بولساڭ «شادا پاچاق باندىت  » دەپ تىللايدىغان مەشۇقىڭدىن.



           خەتنى يېزىپ بولۇپ  ئۈستىگە  نامەلۇم ئادىرىس يېزىلغان كونۋېرتقا قايتا  سالدىم، ئاندىن ياراتقۇچىدىن بۇقېتىم يازغان خېتىمنىڭ چۇقۇم رەيھانغا تېگىشىنى تىلەپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، خەتنى پوچتا ساندۇقىغاسېلىۋەتتم . ئاندىن ئەتە رەيھانغا ئەۋەتىدىغان خەتنى يېزىشقا تۇتۇندۇم .

         

             *                                              *                                                    *                                     *

                             كىشىلەر  شەھەرگە كىردىغان كۆۋرۈك يېنىدىكى  بۇ باغنى «رەيھان باغ » دەپ ئاتىشاتتى، باغ ئىچى پۈتۈن گۈلى رەيھان بىلەن تولغان بولۇپ رەيفاننىڭ پۇرىقى نەچچە چاقىرىم يەرگىچە باراتتى ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، بۇ باغنىڭ ئىچىدە رەيھان نامى بىلەن ئاتالغان  بىر كۇتۇپخانا بار ئىدى،. بۇ باغدىن كۈندە دېگۈدەك قايسىدۇر بىر شەھەردىكى  نامەلۇم ئۆيگە مەنزىلى ئېنىق بولمىغان مكتۇپلار يولىنىپ تۇراتتى، باغدىكى رەيھانلار تالاي قېتىم ئېچىلدى تالاي قېتىم تۇزۇدى، لېكىن مەنزىلسىز مەكتۇپلار يېزىلىشتىن بىر كۈنمۇ توختىمىدى، مەيلى رەيھنلار ھۈپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن چاغلاردا بولسۇن ياكى قارلار زېمىنى كۆمىۋەتكەن چاغلار بولمىسۇن ، پوچتا ساندۇقىغا ھەر كۈنى بىر پارچە خەت سېلىنىپ تۇردى، لېكىن بۇ مەكتۇپلارنىڭ ھەممىسى  خاتا ئەۋەتىلگەنلىكى سەۋەبىدىن قايتىپ كېلەتتى.

بىر كۈنى چاچ ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان  ماغدۇرسىز قوللىرىدا خەت يېزۋاتقان بوۋاي نېمىشقىدۇر خەنى يېزىشنى توختاتتى، ئاندىن جەينامازغا چىقىپ نەچچە كۈن ئولتۇردى... شۇ چاغدا پوچتالىيۇن بىر پارچە خەت ئەكەلدى ، خەت يىراق بىر شەھەردىن قايتىپ كەلگەن بولۇپ خەتنىڭ پوچۇركىسى بوۋاينىڭ خېتىغا ئەسلا ئوخشىمايتتى. بوۋاي خەتنى ئۇقۇشقا باشلىدى:

     « - ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم . بۇ خەت قولۇمغا تەككەندە بەكلا ھەيران قالدىم ؛  خەت  يەر تەۋرىگەن يىلى ئۈلۈپ كەتكىلى ئاتا ئانامنىڭ يۇرتىدىن كەلگەن ئىكەن ، شۇڭا خەت ماڭا تەئەللۇق بولمىسۇمۇ ئېلىپ قالدىم، خەتنىڭ ئىگىسى بولىمىش رەيھان دېگەن ئىسىمنى ئاڭلاپ يۈرۈكۈم قارتىدە قىلدى،  چۈنكى مېنىڭ ھەدەمنىڭ ئىسمى رەيھان ئىدى، لېكىن خەتنىڭ كەينىنى ئۇقۇپ سىز ئىزلىگەن رەيھاننىڭ  مېنىڭ ھەدەم ئەمەس باشقا  بىر  ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلدىم .  يەر تەۋرىگەن  يىلى مەن ئەمدى ئون ياشقا كىرگەن ئىدىم ، شۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ھەدەم بىلەن مېنىڭ رىسقىم تۈگىمىگەنلىكى ئۈچۈن ھايات قالدۇق، لېكىن ھەدەم پالەچ بولۇپ قالدى ھەم ئېسىنىمۇ يۇقاتتى، شۇنداق قىلىپ بىز بۇشەھەردىكى تاغامنىڭ ئۆيگە كۆچۈپ كەلدۇق، سىز خېتىڭزدە دېگەن رەيھان بىلەن ھەدەمنىڭ فامىلىسى ئوخشىمايدىكەن ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ ھەدەم ئۇنۋىرستىتتا ئۇقۇپ باقمىغان....»



       خەت بۇۋاينىڭ قولىدىن  ئاستا سىيرىلىپ چۈشۈپ كەتتى.

             بۇۋاي جەينامازغا قايتىدىن چىقتى..

            شۇ كۈننىڭ ئەتىسى  بۇۋاي خەت سالغىلى پوچتا ساندۇقىنىڭ يېنىغا بارمىدى.

              ئۇ  ئەمدى رەيھاننىڭ  قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئىدى ، شۇڭا ئۇ رەيھانىنىڭ قېشىغا كەتتى ...
         
                                                                                          تۈگىدى
                                                                     2014  -يىل   28-  ئاپرېل
                                                                                   سانجى ئىنىستىتوتى   

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 19:44:24

‹‹ئۇ دۇنياغا يېزىلغان خەت››نى ئوقۇغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم.

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 20:19:43

http://bbs.izdinix.com/thread-58056-1-1.html   بۇ ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسىمۇ مۇشۇ ئادىرىستا
بەت: [1]
: مەنزىلسىز مەكتۇپلار (2)