hezret يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 08:36:31

سىركە ۋە تەجەللى

سىركە ۋە تەجەللى
تەجەللى ھەققىدە بىر ھېكايەت

كېچىكىمدە دادامدىن ئاڭلىغان بىر ھېكايەتنى سۆزلەپ بېرەي:
تەجەللى ھەزرىتىم ھىندىستاندا ئوقۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قاغىلىقتا تېۋىپلىق دۇكىنى ئېچىپتۇ. دۇكىنىغا خېرىدار جەلىب قىلىش مەقسىتىدە قىلدىمۇ ياكى ئۆزىنىڭ ئىلمى ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرىلىقىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈشىنى ئويلاپ قالدىمۇ؟ خېمىيە ئىلمىگە كامىل تەجەللى ھەزرىتىم  خام تۇخۇمنى چېقىۋەتمەستىن كىچىك ئېغىزلىق شېشىنىڭ ئىچىگە سېلىپ دۇكىنىنىڭ ئالدىغا ئېسىپ قويۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن كىشىلەر ھەيرانۇ-ھەس قىلىشىپ ياقىسىنى چىشلىشىپتۇ. ئىلىمنىڭ سىرلىرىدىن بىخەۋەر «چىچقاق موللىلار» بۇنى سېھرىگەرلىك - جادۇگەرلىك دەپ پەتىۋا چىقىرىشىپ تەجەللى ھەزرىتىمنى چالما كېسەك قىلىشماقچى بولۇشۇپتۇ. بىر جۈمە كۈنى ئىلىم سىرلىرىدىن بىخەۋەر قازى، ئەئلەم، مۇپتى قاتارلىق  «ئۆلىمالار» جۈمەدىن يانغان جامائەتنى باشلاپ تەجەللى ھەزرىتىمنىڭ كاسكى دېگەن يۇرتقا جايلاشقان ئۆيىنى مۇھاسىرە قىلىشىپتۇ، ھەزرىتىمنىڭ ئۆيى ئىچىدىن تاقاقلىق بولۇپ خېلى ئۇزاققىچە ئىشىكنى قاققان بولسىمۇ ئىچىدىن ئادەم چىقماپتۇ. ئىشىكنى ئاجرىتىپ ئۆي ئىچىگە كىرسە، ئۆيدە ئادەم يوق، ھەزرىتىمنىڭ سايىسىنىمۇ تاپالماپتۇ. بۇنىڭدىن جامائەت ھەيران قېلىشىپتۇ.
تەجەللى ھەزرىتىم ئەسلىدە جاھان غەۋغالىرى، جەمئىيەتنى پىتنە پاسادلىرىدىن خالى ياشاشنى ياخشى كۆرىدىكەن. شۇڭا جامائەت سورۇنلىرىغا كۆپ بارمايدىكەن. قىتىغور موللىلار بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تەجەللى ھەزرىتىمگە «بەدمەزھەب» ، مەسچىتكە چىقمايدۇ-دەپ بۆھتان قىلىشىدىكەن. بۇ قېتىم بولسا سېھرىگەر- جادۇگەر دەپ بۆھتان قىلىشىپ چالما كېسەك- تاش بوران قىلىش جازاسى بېرىش توغرىلىق پەتىۋا چىقىرىشقان ئىكەن. كۈچلۈك روھى سەزگۈگە ئىگە بۇ ئەللامە ھەزرىتىم، ئۆزىگە يېتىش ئېھتىمالى بولغان پالاكەتنى ئالدىن ھېس قىلىپ، جۈمەدىن ئىلگىرى ھىندىستاندا ئۈگەنگەن ئىلىم سىرلىرىدىن پايدىلىنىپ، يوشۇرۇنۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ كىشىلەرنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەي ئۆزىنى دالدىغا ئالغان ئىكەن.

شۇنىڭدىن كېيىن تەجەللى ھەزرىتىم توغرىلىق ئەپسانە تۈسىنى ئالغان مۇنداق رېۋايەت تارقىلىپتۇ:
تەجەللى ھەزرىتىم ھەر جۈمە كۈنى پاكىزە غۇسلى قىلىپ، يېڭى كېيىملىرىنى كېيىپ، ئىشىكنىڭ ئىچىدىن تاقاپ قازناق ئۆيىگە كىرىدىكەندە، ئىسمى ئەزەمنى ئوقۇپ ئۆزىگە ھۈرگەندىن كېيىن «كۆك كەپتەر» گە ئايلىنىپ ھەرەمگە بارىدىكەن. جۈمەنى ھەرەمدە ئوقۇپ، كەچ كىرگۈچە يۇرتىغا قايتىپ كېلىدىكەن.

matros5 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 11:32:01

نىمىشقا باشقىلارغىمۇ ئۆگىتىپ قويمىغان بولغىيتى ....  

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 13:08:21

شۇنى دەيمە

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 14:11:11

بۇ يازمىدىكى سىركە قانداق مەنىدە كەلدى؟
سىركىنى ئاچچىقسۇ دەپ چۈشىنەتتىم، ئۇنىڭدىنمۇ باشقا مەنىسى بارمۇ؟
بۇ يازمىدا سىركە دېگەن گەپ تېمىدىن باشقا يەردە ئۇچرىمايدىكەن.
تەجەللىنى خىمىيە ئىلمىگە كامىل دېگەندە ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيەسىدىكى سەۋىيەمىدۇ ياكى ئەينى دەۋرگە نىسبەتەن دوكتۇر ئۇنۋانىنى ئالغىچە ئوقۇغان سەۋىيەگە ۋەكىللىك قىلامدىغاندۇ؟

itarim يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 14:59:51

بۇ رىۋايەتنى قاغىلىق خەلقى دىگۈدەك بىلىدىكەن ، مەنمۇ شۇنداق ئاڭلىغان

esiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 18:55:12

تەجەللى ھەزرەت ھەقىقەتەنمۇ خىمىيە ئىلمىگە .ۋە تىبابەتكە كامىل كىشىكەنتۇق.بۇ زاتنى مىستىن ئالتۇن ئايرىغان دېگەندەك گەپلەرنى كىچىك ۋاقلىرىمىزدا چوڭلاردىن ئاڭلىغان.كېيىن باتۇر روزى  تەجەللى توغۇرلۇق يازغان كىتاۋىدا بۇ توغۇرلۇق توختالغان.لېكىن 1998-يىلىدىكى ئاسيا كىندىكى گېزىتىنڭ قايسى سانىلىقى نامەلۇم.شۇ گېزىتتا تەجەللىنىڭ تىبابەتتىكى كامىللىقى سۆزلەنگەن.يەنى تەجەللى ھەزرەتنىڭ ۋاقلىرىدا،بىر ئادەم تۇيۇقىسىز ساراڭ بوپ چىقىپ كېتىپ،كېيىن تەجەللى ھەزرەت شۇ كىشىنىڭ بېشىنى يېرىپ،مىڭە قىتىقنى ئالغانمۇ،قانداق بولغان بۇ ئادەم ساقىيىپ90 ياشقىچە ئۆمۈر كۆرگەنكەن.يەنە بىر ئادەم بولسا ئېگىزدىن يىقىلىپ قورغىسى سۇنۇپ كەتكەندە،تەجەللى ھەزرەت تەكلىماكانغا كىرىپ بىرخىل دەرخنىڭ  شېخىنى ئاچىقىپ 40 كۇن دورىغا چىلاپ.ئاندىن ئۇ بىمارنى ئوپىراتسىيە قىلىپ ،سېسىپ كەتكەن قوۋرۇغىسىنى ئەپ تاشلاپ.شۇ خىل ياغاچنى ئېگىپ قوۋرۇغا ھالەتكە ئەكەپ ،بېمارغا بېكىتكەنكەن.بۇ بىمارمۇ شۇ ياغاچ قوۋرۇغا بىلەن  خېلى ئۇزۇن ياشىغانكەن.شۇ چاغدا گېزىتتىن  يۇقارقىلارنى ئوقۇپ تاڭ قالغانتىم.بۇ زات دىننى ھەم پەننى ئىلىمدا مۇكەممەل يىتىشكەن كىشكەنتۇق.ئاللاھ ئاخىرەتلىگىنى ياخشى قىلغاي[ئامىن]

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 19:25:49

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2014-4-28 14:11 static/image/common/back.gif
بۇ يازمىدىكى سىركە قانداق مەنىدە كەلدى؟
سىركىنى ئاچچى ...

سىركىنىڭ يەنە بىر مەنىسى:پىتنىڭ ئىنىسى.{:90:}

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 21:01:58

putboljan يوللىغان ۋاقتى  2014-4-28 19:25 static/image/common/back.gif
سىركىنىڭ يەنە بىر مەنىسى:پىتنىڭ ئىنىسى.

ئۇ مەنىسىنى ئويلاشماپتىمەن راست. بىراق............

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 21:09:38

بۇ تېما بىلەن سىركىنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى بار زادى ؟
پىتنىڭ بالىسىنى سىركە ئەمەس سىيكە،سىكە دەيمىز

boran120 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 22:10:29

    سىركە دىگەننى مەن مۇنداق چۈشەندىم. سىركە(ئاچچىقسۇ)تەركىۋىدە باشقا ماددىلارنى ئىرىتىش، يۇمشىتىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ماددا بولدۇ. تۇخۇمنى سىركە ئىچىدە مەلۇم ۋاقىت قويغاندا تۇخۇم شاكىلى قاتتىقلىقتىن يۇمشاپ ئىلاستىك(ئەۋرىشىم) ھالەتكە كىلىدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتا تۇخۇمنى ئۆزىدىن كىچىك بولغان بوتۇلكا ئىغىزىدىن ئۆتكۈزگەندە تۇخۇم چىقىلىپ كەتمەي ئۆتۈپ كىتىدۇ.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 22:30:31

ھېي باللا، نەدە ئاچچىقسۇنى سىركە دەيمىز ھە،ئۇيغۇردەك گەپ قىلساڭلارچۇ …
سىركە دىگەننى توڭ ئۈزۈم يەنى غوراپنى سىقىپ سۈيىنى سىقىپ چىقىرىۋېلىش ئارقىلىق ئالىدۇ،تەپكە پايدا قىلىدۇ
يەنە جىگەر ھارارىتى ئېشىپ كېتىشكە بېرىلىدۇ.
ئاچچىقسۇنى ئاچچىقسۇ دەيمىز
سىركە دىگەن باشقا
سىكە دىگەن ئۇششاق پىت

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 23:46:27

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-4-28 22:30 static/image/common/back.gif
ھېي باللا، نەدە ئاچچىقسۇنى سىركە دەيمىز ھە،ئۇيغۇردەك  ...

غۇلجا ئاچچىقسۇنى سىركە دېيىش ئومۇملاشقان. ئاچچىقسۇنى ئانچە ئىشلەتمەيدۇ.

President يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 00:42:17

ئا يوقاپ كەتكەن ئىش راستمىكەن يا:funk:

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 13:48:04

President يوللىغان ۋاقتى  2014-4-29 00:42 static/image/common/back.gif
ئا يوقاپ كەتكەن ئىش راستمىكەن يا

بىر يەرگە مۆكۈۋالغاندۇ  ياكى كېتىپ قالغاندۇ، خەق بىلەن تالىشىپ يۈرگەندىن دەپ.
تەجەللى ھەزرەتنىڭ تېبابەت بىلىمى ھەقىقەتەن يۇقىرىتىكەن ئۇنىڭغا كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. بىراق ئۆگەنگەن بىلىمى بىلەن خەققە كۆرۈنمەسلىك، مىستىن ئالتۇن ئېلىش دېگەندەك گەپلەر خەقنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىدە.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 13:53:44

تەجەللى ھەزرەتنى شۇ دەۋر تەسەۋۋۇپ شەيخى دەپ بىلىمە ئۆز چۈشەنچەمدە. بەلكى شۇنداق  كارامەتلىرى باردۇ

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 14:43:20

مۇش مىستىن ئالتۇن ئايرىشنى تەپسىلىي بىلىدىغانلار دەپ باقساڭلار؟
تەجەللىنىڭ باشقا ئىشلىرىنى مەسلەن ئىلمى ئەمگەكلىرى،تىبابەت بىلىملىرى ھەققىدە قانداق مەزمۇنلار
بار؟

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 15:02:35

tagh يوللىغان ۋاقتى  2014-4-29 14:43 static/image/common/back.gif
مۇش مىستىن ئالتۇن ئايرىشنى تەپسىلىي بىلىدىغانلار دەپ  ...

يىرىك مىس (تەركىبىدە تۆمۈر، زىنىك، ئالتۇن، كۈمۈش، پىلاتىنا..... دېگەندەك ئارىلاشمىلار بار) نى ئېلېكتىرولىزلاپ ساپلاشتۇرۇش جەريانىدا ئانوداتىكى چۆكمىدىن (تەركىبىدە ئالتۇن، پىلاتىنا، كۈمۈش قاتارلىق مېتال ئاددىي ماددىلىرى بار) ئالتۇننى ئايرىۋالىدۇ. يەنى مىسقا ئارىلىشىپ قالغان بەكلا ئاز مىقداردىكى ئالتۇننى ئايرىپ چىقىدۇ. بىراق ئالتۇننىڭ مىقدارى بەكلا ئاز. ئاساسلىق مەقسەت ئالتۇن ئېلىش ئەمەس ساپ مىس ئېلىش. ئەگەر ئالتۇننىلا ئالاتتىم دەپ مۇشۇ مەشغۇلاتنى ئېلىپ بارسا گۇڭ كۆتەرمەسلىكى ئېنىق.
ماۋۇ تېمىدا دېيىلىۋاتقان ئالتۇندىن مىسنى ئايرىپ ئېلىش دېگەن. قەدىمقى خىمىيەچىلەرنىڭ مىسنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇش ئارزۇسىدىكى گەپ. بىراق ئۇ خىمىيەلىك رېئاكسىيە ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشمايدۇ. يادرو رېئاكسىيەسى ئارقىلىق مىس ئاتومىنى ئالتۇن ئاتومىغا ئايلاندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭدا تەننەرق بەك ئۆرە بولاپ كېتىدۇ.
تەجەللى ياشىغان دەۋردە قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ شارائىتىدىن قارىغاندا ھەر ئىككىلا ئۇسۇلنى قىلالماسلىقى مۇمكىن.

magma يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 21:32:03

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2014-4-29 15:02 static/image/common/back.gif
يىرىك مىس (تەركىبىدە تۆمۈر، زىنىك، ئالتۇن، كۈمۈش، پىل ...

مەن «يىڭى قاش تىشى» ژورنىلىدا تەجەللى ھەزرەتنىڭ 60- يىللاردا راكنى داۋالىغانلىغىنى  بۇ رىتسىپلار ئاساسەن پارىسچە يىزىلغان بولۇپ كىين مەركەزدىن كەلگەن بىر ئۆمەك بىز تەكشۇرۇپ دەلىللەيمىز دىگەندەك گەپلەر بىلەن ئىپ كەتكەنلىگىنى  ئۇ زات نىڭ داۋالىغان راك بىمارىنىڭ 70- يىللاردا ئالەمدىن ئۆتكەنلىگىنى، دورا سوققان ھاۋانچا،  قوشۇققا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ قاغلىق تەجەللى مۇزيدا ھازىرغىچە ساقلاغلىق ئىكەنلىگىنى  ئوقۇغان ئىدىم ياراتقان ئاللا پۇرسەت بەرسە شۇ مۇزينى كۆرۇپ شۇ كىشنىڭ تۇپرىقىنقىلغۇم بار     ئۇ ماقالىدە دىيلىشچە ئۇ  زاتنىڭ  تىبابەتچىلىكتىن سىرت خىمىيە، ئىلمى نۇجۇم‹ئاستىنومىيە› ۋە دىنىي بىلملەردە ئىلىمنىڭ يۇقۇرى پەللىسىگە يەتكەنلىگى قەيت قىلىنغان ئىكەن   ياراتقان ئاللا كىمگە قانچىلىك بىلىم بەرگۇسى كەلسە شۇ كىشىنىڭ  ئارزۇسىمۇ شۇ بولسا شۇنچىلىك بىرەلەيدۇ  ئىنسان ھەيران قالغۇدەك

magma يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 21:38:51

magma يوللىغان ۋاقتى  2014-4-29 21:32 static/image/common/back.gif
مەن «يىڭى قاش تىشى» ژورنىلىدا تەجەللى ھەزرەتنىڭ 60- يى ...

قىرىندىشىمىز بوران بلەن تادۇ بەگ نىڭ دىگەنلىرى تۇزۇك بوپتۇ ئەگشىمەن  

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 21:47:49

ئۇ ماقالىدە دىيلىشچە ئۇ  زاتنىڭ  تىبابەتچىلىكتىن سىرت خىمىيە، ئىلمى نۇجۇم‹ئاستىنومىيە› ۋە دىنىي بىلملەردە ئىلىمنىڭ يۇقۇرى پەللىسىگە يەتكەنلىگى قەيت قىلىنغان ئىكەن   ياراتقان ئاللا كىمگە قانچىلىك بىلىم بەرگۇسى كەلسە شۇ كىشىنىڭ  ئارزۇسىمۇ شۇ بولسا شۇنچىلىك بىرەلەيدۇ  ئىنسان ھەيران قالغۇدەك
تېبابەتتە سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرىلىقىغا گەپ كەتمەيدىكەن. ئەل ئىچىگە تارقالغان راكنى داۋالاش ھەققىدىكى رېتسېپلىرىمۇ باركەن. بىراق خىمىيە ئىلىمىدە يۇقىرى پەللىگە يەتتى دېگەن گەپ، شۇ مەزگىلدە دۇنياغا داڭلىق خىمىيە ئالىمى بولدى دېگەن. بىراق تەجەللىنىڭ شۇ دەۋردە نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان بىرەر پارچە ئىلمىي ماقالىسى ياكى كەشپىياتى خاتىرىلەنمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ گەپلەرنى بەك ئىشەنچلىك دەپ قارىغىلى بولماس دەپ ئويلىدىم. بىراق خىمىيە ئوقۇغانلىقى ئېنىقتەك قىلىدۇ.
بەت: [1] 2
: سىركە ۋە تەجەللى