waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 00:34:57

خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسى ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى باشلاندى

  
   ۋاسكىتبول تورىنىڭ 27-ئاپرېل خەۋىرى؛   2014-يىلى4-ئاينىڭ 27-كۈنى،، خوتەن ۋىلايەتلىك ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتى، خوتەن ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتى تەشكىللىگەن  « خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » خوتەن شەھرىدىكى خوتەن ۋىلايەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پەن تىخنىكا مەدىنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەت مەرگىزى ۋاسكىتبول مەيدانىدا رەسمىي باشلاندى.
بۇ قىتىمقى ئەل ئىچى تەكلىپ مۇسابىقىسىگە، يىقىندا دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تاللانغان، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى،  پەخىرلىك ئۇيغۇر ۋاسكىتبول چولپانىمىز شىرئەلىجان مۇختەر، قىرغىز يىگىتى قىرانبەك،  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى مەردان تۇرسۇن، شەنشى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئۇيغۇر ئەزاسى مۇرات ئادىلجان،  قاتارلىق داڭلىق ۋاسكىتبولچىلىرىمىز تەكلىپ قىلغان كوماندىلارغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشتى.
بۈگۈن كەچ  ئىلىپ بىرىلغان تۇنجى كۈنىدىكى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە   قىرانبەك يىتەكچىلىكىدىكى خوتەن دىلپاك كوماندىسى 91- 61 نەتىجە بىلەن گۇما تۇغراق كوماندىسىنى ، شىرئەلىجان مۇختەر، مۇرات ئادىلجان يىتەكچىلىگىدىكى  ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتى كوماندىسى 75-68 نەتىجە كائىنات ئائىلە ئىلىكتىر ئۈسكۇنىلىرى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.
   ئىگەللىنىشىچە؛  بۇ قىتىمقى مۇسابىقىگە خوتەندىكى يەرلىك مىللى كارخانىلار تەشكىللىگەن ئۇدۇن ۋاسكىتبول كوماندىسى قاتارلىق كوماندىلار قاتناشقاندىن سىرىت، يەنە شىنجاڭ ئۈنۋىرستىتى ۋاسكىتبول كوماندىسى، شىنجاڭ پىداگوگىگا ئۈنۋىرستىتى ۋاسكىتبول كوماندىسى، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ۋاسكىتبول كۇلۇبى ۋاسكىتبول كوماندىسى قاتارلىق كوماندىلار تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدىكەن.   بۇ قىتىمقى مۇسابىقە ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بۇيىچە كۈلىمى چوڭ، سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقۇرى بولغان ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى بۇلۇپ قالىدىكەن.
مۇسابىقە ۋاقىت ئۇرۇنلاشتۇرۇشى ئۇرۈمچى ۋاختى ئەتتىگەن سائەت 00؛9 -00؛12 غىچە ئىككى مەيدان، چۈشتىن كىيىن 00؛2-00؛5 غىچە ئىككى مەيدان، كەچ 00؛7 - 30؛10 غىچە ئىككى مەيدان، پۈتۈن كۈندە جەمئى 6 مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بىرىلىدىكەن.  

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php


Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 13:58:33

كوماندىلىنىڭ مۇسابىقە ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇلىشىنى بىر بىلسەك بولامدۇ؟

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 13:59:31

كوماندىلىنىڭ مۇسابىقە ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇلىشىنى بىر بىلسەك بولامدۇ؟

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 19:19:50

ئاللاھ بۇيرىسا ئەتە بىزنىڭ يۇرتتىمۇ ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى باشلىنىدۇ.ھالىمغا باقماي مەنمۇ قاتنىشىپ قويدۇمغۇ.{:92:}

laysu يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 09:06:28

مۇمكىن بولغان بولسا نەق مەيداندىن ئېلىنغان سىن ياكى كۆپرەك سۈرەتلىرىنى كەرسەك بوپتىكەن ...

ehsan99 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 18:35:38

Yaruq يوللىغان ۋاقتى  2014-4-28 13:59 static/image/common/back.gif
كوماندىلىنىڭ مۇسابىقە ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇلىشىنى بىر ب ...

مانا

kinglion يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 21:20:49

putboljan يوللىغان ۋاقتى  2014-4-28 19:19 static/image/common/back.gif
ئاللاھ بۇيرىسا ئەتە بىزنىڭ يۇرتتىمۇ ۋاسكېتبول مۇسابىق ...

تېپىپ سالماڭ پۇتبولجان:lol

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-30 00:50:23

kinglion يوللىغان ۋاقتى  2014-4-29 21:20 static/image/common/back.gif
تېپىپ سالماڭ پۇتبولجان

شۇ كەسپى كېسەل دەپ تېپىۋىتىپ يۈرمىسەم بولاتتىغۇ....

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-30 00:51:46

يامغۇر ئارىلاش قار ياغقانلىق سەۋەبىدىن بىزنىڭ مۇسابىقە كېچىكتۈرۈلدى.:(
بەت: [1]
: خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسى ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى باشلاندى