nawkeran يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 13:57:25

(نەۋقىران) ئۈچ دىھقان << يېڭى ھۆكۇمەت >> قۇرۇدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nawkeran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-27 14:22  

خېنەن ئۆلكىسىدە ئۈچ دىھقان شەھەرلىك ھۆكۇمەتنىڭ يېنىدا << يېڭى شەھەرلىك ھۆكۇمەت >> قۇرۇدى ،
                                                ئوندىن ئارتۇق سىتودىتنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلدى

    خېنەن ئۆلكىسنىڭ دېڭجۇۋ شەھىرى ۋېنچۈ يېزىسىدىكى  باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە بولغان ئۈچ دىھقان مەخپى پىلانلاش ئارقىلىق ، دېڭجۇۋ شەھەرلىك خەلىق ھۆكۇمىتىنى  كۆزگە ئېلماي ، تارقىتۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ ،  شەھەرلىك ھۆكۇمەت يېنىدا يېڭىدىن << يېڭى دېڭجۇۋ شەھەرلىك خەلىق ھۆكۇمىـــــــتى >> نى قۇرغان. بۇ تاغ - تۇرالىقلار قۇرغان يېڭى ھۇكۇمەتتە بىر يۇرۇش باشقۇرۇش سېستىمىسى ، قىزىل باشلىق ھۆججەت ، تامغا  بۇلۇپلا قالماستىن ،  يەنە ئۇلار ھەقىقى ئەھۋالنى بىلمەيدىغان  10 نەچچە  ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرنى خىزمەتكە قۇبۇل قىلغان . يىقىندا بۇ قانۇن بىلمەيدىغانلار ئۆزلىرى رېژىسورلۇق قىلىپ ئۆزلىرى رول ئالغان بىمەنە تىياتىرى خېنەن ئۆلكىسى دېڭجۇۋ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن دۆلەت ئورگانلىرنىڭ ھۆججەت ،تامغىلىرنى ساختا ياساش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلىدى.
       2013-يىلى 9- ئايدا خېنەن ئۆلكىسنىڭ دېڭجۇۋ شەھىرى ۋېنچۈ يېزىسى جاڭجۇاڭ كەنتى 6- گۇرۇپپىدىكى جاڭ فامىللىك ئايال ،شىرىكى  گاۋچۇ يېزىسىدىكى ما فامىللىك ئايال ۋە جىتەن بازىرىدىكى ۋاڭ فامىللىك ئۈچ كىشى ( ئىككى ئايال ، بىر ئەر) مەخپى پىلانلاش ئارقىلىق ،دېڭجۇۋ شەھەرلىك خەلىق ھۆكۇمىتىنى  كۆزگە ئېلماي ، تارقىتۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ ، شەھەرلىك ھۆكۇمەت يېنىدىكى كونا مەيداندان كۇچىسى 28- نۇمۇر نىڭ قارشى تەرپىدە  يېڭىدىن << يېڭى دېڭجۇۋ شەھەرلىك خەلىق ھۆكۇمىـــــــتى >> نى قۇرغان ، ھەم  قارمىقىدا ئۈچ يېزا بازار ( ۋېنچۇ يېزىلىق خەلىق ھۆكۇمىتى ، گاۋچۇ يېزىلىق خەلىق ھۆكۇمىتى ، جىتەن بازارلىق خەلىق ھۆكۇمىتى)  تەسىس قىلغان ، جاڭ فامىللىك دېڭجۇۋ شەھەرلىك خەلىق ھۇكۇمىتىنىڭ 1-مەسئۇللىقىغا تەيىنلەنگەن قۇشۇمچە ۋېنچۇ يېزىلىق ھۇكۇمەتنى باشقۇرغان ، ما فامىللىك بىلەن ۋاڭ فامىللىك ئايرىم - ئايرىم ھالدا گاۋچۇ يېزىلىق خەلىق ھۆكۇمىتى ، جىتەن بازارلىق خەلىق ھۆكۇمىتىنىڭ مەسئۇلى بولغان.
       بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار << دېڭجۇۋ شەھەرلىك خەلىق ھۇكۇمىتىنىڭ تامغىسى ، دېڭجۇۋ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسنىڭ تامغىسى ، گاۋچۇ يېزىلىق خەلىق ھۆكۇمىتىنىڭ تامغىسى ، گاۋچۇ يېزىلىق خەلىق ھۆكۇمىتى مالىيە مەخسۇس تامغىسى ، جىتەن بازارلىق خەلىق ھۆكۇمىتى تامغىسى ، جىتەن بازارلىق خەلىق ھۆكۇمىتى مالىيە مەخسۇس تامغىسى >>  ۋە كەنىت كوممتېتلىرنىڭ بىر يۈرۈش مۇناسىۋەتلىك تامغىلىرى قاتارلىقلارنى ئۇيۇپ چىققان ، ھەم مەركەز دىكى 9 مىنىستىرلىك ، كوممتېتلارنىڭ قىزىل باشلىق ھۆججەت نۇسخىسىدا ما شاڭلىيەن ۋە ۋاڭ لاڭشۇاڭلارغا ھۆججەت تارقىتىپ ، بۇ ئىككەيلەننى شۇ يەردە غوللۇق ئەزا قىلىپ تەرەققى قىلدۇرۇپ ،كوللىكتىپ ئىقتىزادى تەشكىلاتلارغا كىرگۇزۇپ ، يېزا يەر ھۆددىگەرلىك تىجارەت ھۇقۇقى كىنىشكىسى بىجىرىپ بىرىش  تەلەپ قىلىنغان.
         ئۇلار يەنە دېڭجۇۋ شەھەرلىك خەلىق ھۇكۇمىتىنىڭ نامىدا خادىم قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرىشى تارقىتىپ ، ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرنى ھۇكۇمەتكە بېرىپ ۋەزىپە ئۇتەشكە تەكلىپ قىلغان ، ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ ئۇلار يەنە  ھەقىقى ئەھۋالنى بىلمەيدىغان  10 نەچچە  ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى ئۆزىنىڭ ئالتىماسى ۋە قىسقىچە تارىخنى  كونا مەيداندان كۇچىسى 28- نۇمۇر نىڭ قارشى تەرپىدىكى دېڭجۇۋ شەھەرلىك خەلىق ھۇكۇمىتى ئىشخانىسىگە پوچتىدىن ئىۋەتىپ بەرگەن .
        سىتاستىكا قىلنىشچە ، جاڭ فامىللىك ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ ئويغان  تامغا  10  ، دېڭجۇۋ شەھەرلىك خەلىق ھۇكۇمىتىنىڭ نامىدا تارقاتقان ھۆججەت ، ۋەزىپىگە تەيىنلەش خېتى 40 پارچە ، تارقاتقان ئۇقتۇرۇش ، ئېلان 20 پارچە بۇلۇپ ، قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ ، 200 نەچچە ئائىللىك ئامما بۇ ئۇرۇندىن يېزا يەر ھۆددىگەرلىك تىجارەت ھۇقۇقى كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىپ بىجىرگەن . نەچچە ئايدىن كىيىن بۇ تەشكىلات ھۆججەت تارقىتىپ بىر قېتىملىق مەھەللىدىكى كىنىشكىسىز ئۆي سېلىش ئەنزىسىنىڭ يۇز بىرىشنى توسقان .

       ئالاقىدار قانۇنلار :
       دۆلىتىمىز جىنايى  ئىشلار قانۇنىنىڭ 280- ماددىسىنىڭ 1- تارمىقىدا دۆلەت ئورگانلىرنىڭ ھۆججەت ، كىنىشكە ، تامغا قاتارلىقلارنى يالغاندىن ياسىغان ،ئۆزگەرتكەن ، ئېلىپ ساتقان ، ئۇغۇرلىغانلارغا ئۈچ  يىلدىن تۈۋەن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بىرىپ سىياسى ھۇقۇقىدىن مەھرۇم قىلدۇ ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى 10 يىلدىن تۇۋەن  تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بىرلدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن.

   مەنبە : http://365jia.cn/news/2014-04-23/A0E9935743097E71.html
    نەۋقىران تەرجىمە قىلىپ يوللىدى

uqkuri يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 18:38:51

:lol:lol   قىززىق خەخكەن

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 18:51:50

ۋاي ماۋۇلارنىڭ يۈرىكى قاپتەك باركىنا...شۇنچە چوڭ ئىشقا چاقچاق قىلىپتۇ...

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 19:11:50

ھازىر ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر كامىردا ياتامدىغاندۇ ياكى ئايرىم-ئايرىم قاماپ قويغانمىدۇ؟{:92:}{:92:}

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 19:55:01

بۇ دۆلەت ئىچىدە ئايرىم دۆلەت قۇرۇش .:lol

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 20:18:45

بىر دۆلەتتە ئككى ھۈكۈمەت .

datman يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 20:26:09

شۇنچە ئىغىر گۇناھقا شۇنچە ئاز جازا بىرىدىكەن دىسە قاراڭلا 3 يىلدىن تۆۋەن دەپتىغۇ بۇلار قانۇننىڭ يۇچىقىدىن
خىلى ئوبدانلا پايدىلىنىپتۇ

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 20:44:55

بۇلارنىڭ ھېچقانچە ئەمەسكەن... گازارما قۇرۇپ نەچچە يىلدا ئاندىن پاش بولغانلار باركەن...ئۇلارمۇ شۇ ئالى مەكتەبلەرنى پۈتتۈرگەن ياشلاردىن نۇرغۇننى قوبۇل قىلىپ رەسمى بىر ھەربى بازىدىن بىرنى قۇرۇپتىكەن،نەچچىسى تېخى شۇ يەرگە ئىشقا ئورۇنلۇشۇپ ئالاھىدە ھەربى بولۇش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل تۆلىگەنلەرمۇ باركەن.قورال-جابدۇق،تامغا بەلگە كىيىم ھەممىسى تەلكەن...شۇ ياشلارنى كۈندە ھەربىچە چېنىقتۇرۇپ،مۇئاش بېرىپ بىر ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈپتۇ،باشلىقلىرىنىڭ ئەمەل بەلگىسى خېلى-خېلى مەنسەپتارلارنى قورقۇتىۋېتەلەيدۇ دەيدۇ...ھازىر توردىن ئىزدەپ بۇ خەۋەرنى تاپالمىدىم لېكىن...

kangasman يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 21:03:31

دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بۇ :lol

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 21:04:16

Comeon يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 20:44 static/image/common/back.gif
بۇلارنىڭ ھېچقانچە ئەمەسكەن... گازارما قۇرۇپ نەچچە يىلد ...

توۋا خۇدايىم جۇمۇ

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 21:37:22

توۋا خۇدايىم... چاقچاق قىلىۋاتامدىغاندۇ ما خەق!؟

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 21:41:40

  بىكارچىلار ئادەم چانىغۇچە ،شۇنداق ئىشلارقىلىپمۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلالەيدىكەنغۇ .

xaqanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 21:45:02

شەھەرلىك ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋەتكىنىدىن قارىغاندا،بۇ ئۈچ دىھقان ئۆزلىرىنى كاپىتالىستىك بىرەر دۆلەتنىڭ مىنىستىرى چاغلاپ قالغان چېغىۋا

bariber يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 21:53:45

ھىلىمۇ ياخشى بۇلارنىڭ ئىشى ۋاقتىدا پاش بولۇپتۇ.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 22:11:59

قويمىچىلىقنىڭ يېڭى شەكلىكەندە بۇ. تەسەۋۋۇرغا نېمانچە باي بۇلار.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

makansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 22:37:04

مۇشۇ خېنەنلىك دىگەننىزە......
ھۆكۈمەتنىڭمۇ ساختىسىنى ياساپ يۇرگىنىنى

jasur58 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 23:05:04

ھىچ ئۇلارنىڭ دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى ،جەمئىيەت تەرتىۋى ۋە ئامانلىقىنى بۇزغان دىگەنگە ئوخشاش جىنايەتلىرى تىلغا ئىلىنماپتىغۇ؟....

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 23:39:56

بۇندىن كېيىن گوڭۋۇيۈەن ئىمتىھان بېرىدىغانلار دىققەت قىلىپ... ھۆكۈمەتنىڭ ماركىسىغا قاراپ... سېلىشتۇرۇپ بېرىڭلار جۇمۇ...

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 23:58:05

توۋا خۇدايىم ئۆلمىسەك ئاڭلايدىغانلىرىمىز خېلى بار ئوخشايدۇ {:92:}{:92:}
بەت: [1] 2
: (نەۋقىران) ئۈچ دىھقان << يېڭى ھۆكۇمەت >> قۇرۇدى