bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 09:48:26

مەن قاتىل

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   adip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-27 16:05  

                                                           مەن قاتىل
                              ھېكايە
                  مۇھەممەتتۇرسۇن ئابلېكىم (  بەگ ئالىپ)

قەبرىستانلىقتا كېتىۋېتىپ ئالدىمغا بىر كونۋېرت ئۇچۇردى ،كونۋېرتنى ئېچىپ ئىچىدىكى خەتنى ئۇقۇشقا باشلىدىم . خەتنىڭ بىرىنچى بېتىگە خەتنى يازغان ئادەمنىڭ ئىىسمى يېزىلغان ئىدى ، خەت ئۈستىدىكى ئىسىمغا قاراپ چۆچۈپ كەتتىم ،چۈنكى خەت ئۈستىدە تۇرغان مېنىڭ ئىسمىم  ئىدى  .  تېخى ئىشەنمەي قالمىسۇن دەپ  ، كىملىك نۇمۇرىمنىمۇ  ئېنىق يېزىپ قويغان ئىدى .  لېكىن بۇ خەتنى ئېنىقلا مەن يازمىغان ئىدىم . قورقۇپ تۇرساممۇ خەتنىڭ ئىككىنچى بېتىنى ئۆرۈپ ئۇقۇشقا باشلىدىم : -مەن قاتىل !  مەن ئۆزىنى ئالداپ ياشاپ كېلىۋاتقان ، لېكىن بۇنى ئېتىراپ قىلىشقا پېتىنالمىغان بىچارە ئىنسانلارنىڭ يۈرىكىنى يېرىپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرنى كۆرسىتىپ قويدۇم. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ھەممىسى ئۆلۈپ قالدى، لېكىن ئۈلۈپ قالغانلارنىڭ بىرىمۇ مەندىن ئاغرىنماستىن ،ماڭا رەھمەت ئېيتىشتى.  ئاخىرىدا  ئۆزۈمنىمۇ ئۆلتىرىۋەتتىم ……
     خەتنىڭ كەينىنى داۋاملىق ئۇقۇشقا باشلىدىم:-مەن قاتىل!، دېدىم ، قېشىنىڭ ئۈستىدە تاتۇقى بار سوتچىغا .  ھەيۋەتلىك ،ئېگىز ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان  تېخى ئوتتۇزغىمۇ كىرمىگەن بەستلىك ھەم مەزمۇت سوتچى گېپمنى ئاڭلاپ قورقۇپ كەتتى . ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئېگىزئورۇندۇقى ۋە يوغان ئۈستىلىمۇ غۇلاپ چۈشتى ، ئاندىن پوڭڭىدە قىلغان ئاۋاز بىلەن بۇ دۇنيادىن غايىپ بولدى .  سوتچىنىڭ غايىپ بولغاندىكى تۇرىقى مەن كىچىك ۋاقىتلىرىمدا پۈۋلەپ ئوينايدىغان شارغا ئوخشايتتى ……
    چوڭ بالىلار جانلىرىنى قىيناپ كۈچەپ تۇرۇپ پۈۋلىگەن چوڭ ھەم ھەيۋەتلىك قىلىۋالغان شارلىرىنى بىزگە كۆز كۆز قىلاتتى، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆزىدىكى مەغرۇرلۇق ساقتا ئىدى.  ئەمەلىيەتتە شارلىرنىڭ پوڭڭىدە ئېتىلىپ كېتىشىدىن، ياكى بىرەرسىنىڭ ئۇچلۇق بېگىز سانچىۋېتىشىدىن قورقۇپلا تۇراتتى ،چۈنكى ئۇلار ئۆزىنڭ كەلمىشتىكى جىسمىغا ئوخشايدىغان بۇ بەھەيۋەت شارلارنىڭ ئىچىدە چەكسىز ھەم تولدۇرغىلى بولمايدىغان ھالاك قىلغۇچى ھاڭ بارلىقىنى ناھايىتى غۇۋا ھېس قىلغان ئىدى . شۇڭا شارلىرىنى بىزدىن يىراق قىلىپ ئېلىپ مېڭىشاتتى، بۇنداق بولغاندا كىچىكرەك بالىلارغا ئاشۇ شارلارنىڭ سىرلىق ھەم كەمكۈتىسىز ئىكەن دىگەن تۇيغۇ بىرەلەيتتى، شۇ چاغدا قۇلۇمدا ئاشۇ بەھەيۋەت ھەم سىرلىق شارنى ھالاك قىلايدىغان كىچىك بىر بېگىز بار ئىدى ، مەن شارغا بېگىزنى مۇنداقلا سانجىپ قويغان ئىدىم .  غايىپتىن غالىبانە بىر سادا كەلدى: مەن قاتىل! سوتچىغىمۇ شۇنداق قىلدىم ؛ ئۇنىڭ مەڭگۈ ھالاك بولمايدىغاندەك تۇرۇدىغان مەغرۇر روھىغا بىگىزنى سانجىپ ، ئۇ چۈشىدىمۇ كۆرىشتىن قورقىدىغان، ھەم ھەر قېتىم كالىسىغا يالتىدا كەلگىنىدە ئەزرائىلنى كۆرگەندەك قورقۇپ خىيالىنى دەرھال باشقا يەرگە يۆتكىۋالىدىغان ئاشۇ ھەممىدىن چىن ھەم ئىنكار قىلغۇسىز بولغان رېئالىقنى ئۆز كۆزىگە كۆرسىتىپ قويدۇم .   يۈرۈكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدا بۇنداق بىر ھالاك قىلغۇچى قاراڭغۇ ھاڭنىڭ بارلىقى چىن ھەقىقەت بولسىمۇ ، سوتچى  بۇنىڭ بىر قورقۇنۇچلۇق رىۋايەت بۇلۇپ قېلىشنى ئۈمۈد قىلاتتى.  لېكىن ئەمدى  ئۆزىنى ئۇزۇندىن بېرى ئالداپ كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى . شۇنداق قىلىپ ماڭا باياتتىن توختىماي سوئال ياغدۇرۇپ ئەيىپلەۋاتقان سوتچىنى ئۆلتۈرۈۋەتتىم . ئۇ قۇپقۇرۇق جىسمنى سۆرەپ ئاستا سوتخانىدىن چىقىپ كەتتى .ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ئۇ ئىشتىن چۈشسە ئۆيىگە قايتاتتى ، لېكىن ھازىر قاپقاراڭغۇ ئائىلىسىگە قايتىدۇ.
      شۇ چاغدا سوتخانا ئىچىدە پەقەت ئىكىمىزلا بار ئىدۇق.  چۈنكى باشقىلار قورقۇپ كىرىشمىگەنىدى، ئۇلار راك كېسىلى دەپ گۇمان قىلىنپ تەكشۈرلگەن بىماردەك تەكشۈرۈش نەتىجىسنى تىزراق چىقىشنى ئۈمىد قىلاتتىيۇ،  ئۆزىنىڭ راستىنلا راك كېسىلى بۇلۇپ چىقىشىدىن  قورقاتتى، ( بىمار ئاخىرى نەتىجىنى كۆردى ، ئۇ راك كېسىلى بولۇپ قالغان ئىدى .  ئەمەلىيەتتە ئۇ بۇرۇنلا مۇشۇنداق بولۇپ قالغانلىقىنى كۆڭلى تۇيغان، لېكىن ئىتىراپ قىلىشتىن قورققان ئىدى. ) ، ئاشۇ كىشىلەرنىڭ تەقدىرىمۇ مۇشۇ بىمار بىلەن ئوخشاش ئىدى، ئۇلار مېنىڭ گەپلىرىمنىڭ راست بۇلۇپ قېلىشدىن قورقاتتى ، شۇڭا ئاشكارە ھالدا سوتخانىغا كىرىپ ئاڭلاشقا پېتىنالمايتتى . لېكىن ماڭا ئايان ئىدى : ئۇلار ئۆزلىرىگە تەييارلاپ قويغان جەسەت ساندۇقىدا تۇرۇپ سوتچى بىلەن مېنىڭ گەپلىرىمنى ئوغرۇلىقچە ئاڭلايتتى.  ئۇلار سوتچىنىڭ مەن كۆرسىتىپ بەرگەن ئاشۇ قورقۇنۇچلۇق رېئالىقنى ئۆزلىرى ئىشەنگۈدەك ھالەتتە يالغانغا چىقىرۋېتەلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى ، لېكىن ئۇنداق بولماي قالدى، تۇرقىدىن باشقلاردىن پەرىقلىق ھالدا  ،جىسمىدىن مەغرۇرلۇق تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان سوتچىنىڭمۇ ئۆزلىرىدەكلا بىچارە ئىىكەنلىكىنى ئۇلار تەسەۋۇر قىلالمايتتى.  سوتچىنىڭ مېنىڭ ئالدىمدا تىلى تۇتۇلىشى بىلەن  ھەممە ئىش ئۆزگەردى.  ئۇلانىڭ كۆپلىرى جەسەت ساندۇقىدا كىملەرنىدۇر كۈتۈپ ئۇيقىغا كەتتى، ناھايىتى ئازلىرىلا سەپەر سومكىسىنى يۈدۈپ ئۆيىدىكى ئايالى بىلەن خوشلىشىپ ئائىلىسىنى ئىزدەپ كېتىپ قالدى .
     ئۇ چاغدا مەن ناھايىتى كىچىك ئىدىم ....
    قاراڭغۇ كېچىدە قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتقان ئىدى . ئالدىمىزدا غۇۋا بىر كۆلەڭگە پەيدا بولدى ، ئۇ ئاۋال ئاسمانغا قاراپ بىر كىملەرنى چاقىردى ، ئۇنىڭ ئاشۇ بىچارە ھەم سەت ئاۋازىنى ئۇزاققا بارمايلا قاراڭغۇلۇق يۇتۇپ كەتتى، ئۇ يەرگە موكلا تىزلاندى ، ئاندىن پۇتۇمغا ئېسلىپ تۇرۇپ :
- مەن سېنى…… مېنى تاشلاپ كەتمە، ……
  شۇ چاغدا ئۇ  بىرىنىڭ ئىسىمنى چاقىرغاندەك  قىلغان .  ئۇ ئىسىمنى مەن نەچچە ھەپتىنىڭ ئالدىدا قاۋاقخانىدا شىرە ئۈستىدە دۈم ياتقان بىر ئەرنىڭ ئاغزىدىن غۇۋا ئاڭلىغاندەكمۇ قىلغان،  ۋە قايسىبىر كىنودىكى ئېگىز بوي ، كۆزلىرىدىن مەغرۇرلۇق ئارلاشقان ياۋۇزلۇق چاقناپ تۇرىدىغان قان شورىغۇچى ئايال جادۇگەرنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگەن ئىدىم.     ئاكام  يولنىڭ يېنىدا تاشلىنىپ ياتقان بوتولكا بىلەن مېنىڭ پۇتۇمغا ئېسلىپ تۇرغان ئۇ  گەۋدىنىڭ بېشىغا بىرنى سالدى.  شۇ چاغدا ئۇنىڭ قېشى ئۈستىدىن ئاققان قاننىڭ مەينەت لايلار بىلەن بۇلغۇنۇپ كەتكەن يۈز-كۆزلىرى ئۈستىدىن سىرغىپ چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى غۇۋا كۆرۈپ قالدىم……   
       ئۇ كۈنى قار يېغىۋاتقان كېچىدە مەن بۇ شەھەردە ئايلىنىپ يۈرەتتىم.  كوچىدا ئادەملەر مەخسەتسىزلا ئالدىراش ھالدا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، ھەر بىر گەۋدە يېقىنلاشقاندا جىسمىمغا مۇزدەك سۇغۇق ئۇرۇلاتتى ،  ئاندىن يېنىمدىن ئۆتۈپ كېتىشىگە ئەگىشىپ روھىمنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمنىلا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان جىسمىم ئىسسىغاندەك بۇلاتتى.   بىرى مېنى سۇقۇۋەتتى ، غەزەپ بىلەن ئارقىمغا قارىدىم ، لېكىن مېنى سوقۇۋەتكەن گەۋدە ئاللىقاچان قاراڭغۇلۇق ئىچىدە غۇۋالىشىپ كەتكەن ئىدى.  دەل شۇ چاغدا يولنىڭ چېتىدىكى تاشتىن ياسالغان ھەيكەل ماڭا ئىللىققىنا كۈلۈمسىرەپ قويدى. مەن ھەيكەل تەرەپكە ئاستا ماڭدىم ، يەر تېگىدىن ئاۋاز كەلدى ،يەنىمۇ بەكرەك يېقىنلاپ باردىم ، يۇرۇقلۇق كۆرۈندى.  پەلەمپەي بىلەن ئىچىگە كىردىم.  بۇ باشقىچە بىر دۇنيا ئىدى . سانسىزلىغان كومپىيوتېر ئېكرانلىرىدا ھەر خىل شەكىلدىكى ئويۇنلار ئوينىلىۋاتاتتى.  بۇ يەردىكى كىشىلەر سىرتقى دۇنيانىڭ مۇدھىشلىقىدىن بىخەۋەر ھالدا ئېكران ئىچىدىكى قايناق دۇنياغا سىڭىپ كەتكەن ئىدى،  مەن ئايلىنىشقا باشلىدىم  بىر تۇنۇش گەۋدە  دىققىتىمنى بۇرىدى، ئۇ ئويون ئىچىدىكى رەقىبلىرىنى ۋەھشىلىك بىلەن توختىماي قىرغىن قىلاتتى. مەن ئۇنىڭ ئوت چاقناپ كەتكەن كۆزىگە سەپ سالدىم ،ئۇنىڭ كۆزى ئىچىدە بىر ئەر ۋە بىر چىرايلىق ئايال سەيلە قىلىپ كېتىۋاتاتتى ، ئۇ ئېكراندىكى ئەر رەقىبىنى چانىۋەتتى، لېكىن ھېلىقى ئەرنىڭ يېنىدىكى ئايال رەقىبىگە قاراپ :
- سەن مېنىڭ! ، سەن مېنىڭ !، مەن سېنى ئېلىپ كېتىمەن !!دەپ جار سالدى .
شۇ چاغدا ئېكران ئىچىدە تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بىر كۆرۈنۈش پەيدا بولدى : ئايال رەقىبى ئۇنىڭ ئېكراندىكى گەۋدىسىگە گاچچىدە تىغ ئۇردى، ئېكراندىكى گەۋدىسى يەرگە يىقىلىشى بىلەن ئۇ ئاچچىق بىر ئۇھ تارتتىدە ، سەت بىر تىل بىلەن كىملەرنىدۇر قارغىۋەتتى.  ئۇنىڭغا بىر قۇتا سۇغۇق ئىچىملىكنى سۇندۇم، ئۇ كۆتۈرۈپلا ئىچىۋەتتىدە سىرتقا ماڭماقچى بولدى . ئاندىن  ماڭا ياسالما كۈلكىسى بىلەن : -خوش ، قىز دوستۇم مېنى باغچىدا ساقلاۋاتىدۇ،  دېدى .  مەن سالماق قەدەملەر بىلەن ئاستا ئالدىغا باردىم ئاندىن — شۇنداقمۇ ?دېدىمدە، كۆكرىكىنى جارتتىدە يىرتىپ ئۇنىڭ يۈرىكىنى جايىدىن يۇلۇپ ئېلىپ  كۆزىگە يېقىن ئەكەلدىم .  شۇ چاغدا يۈرىكى ئىچىدە يىگىتى بىلەن تويلۇق ئۈزۈك ئېلىۋاتقان بىر قىزنىڭ سىماسى كۆرۈندى، لېكىن ئۆزىنى باغچىدا ساقلاۋاتقان قىزنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئۇ  بايامقى ئويۇن بىلەن قايتىدىن مەشغۇل بولۇشقا باشلىدى . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى سىرتتا كۆرمىدىم .ناھايىتى ئۇزاق يىللاردىن كېيىن كىشىلەر ئاشۇ ئويۇن ئوينايدىغان يەردىن ئون نەچچە ئادەمنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ چىقىشتى ، جەسەتلەر ئىچىدىن ئۇنى تۇنۇۋالدىم ، يېنىغا بېرىشىمغا ئۇ لاپىدە كۆزىنى ئاچتى ،ئاندىن ماڭا زەئىپ ئاۋازى بىلەن :
- ئۇنىڭغا دە ، مەن ئۇنى كۆرىۋالاي .
-ئۇ كېلەلمەيدۇ -،دېدىم مەن ، -ھازىر ئۇ ئۈچۈنچى بالىسىنى يەڭگىۋاتىدۇ . ئۇنىڭ چىرايى سېرىقتىن قارا رەڭگە ئۆزگەردى : -ئەمسە دەپ قويغىن ،مەن ئۇنى جەسەت ساندۇقى ئىچىدە ساقلايمەن،  دەپ  جەسەت ساندۇقى ئىچىگە كىرىپ جىمىپ قالدى .
        ئەتىسى مېنى سوتتىن چاقىرتتى. مېنى سوتلىماقچى بولغان سوتچىنىڭ قېشى ئۈستىدە يوغان تارتۇق بار ئىدى، شۇ چاغدا ئۇنىڭغا تېلفۇن كەلدى ، ئۇ تېلفۇن ئالغان ئادەمگە: - تاماقنى ئىسسىق قۇيۇپ قوي ، ھە راس بالىلارنى ئۆزۈم ئەكىلىمەن،  دېدىدە، ماڭا خۇنۈك ھەم نۇرسىز كۆزلىرى بىلەن تىكىلىپ قارىدى . شۇ چاغدا مەن ئۇنىڭ قېشى ئۈستىدىكى تارتۇققا قارىۋەتكەندىن كېيىن :- سەن كەچتە كەتمەكچى بولغۇنۇڭ ئائىلەڭ ئەمەس ، بەلكى ئۆيۈڭ ! سەن ئۇزاق يىللار ئىلگىرى مېنىڭ پۇتۇمغا ئېسىلىپ تۇرۇپ ئىسمىنى چاقىرغان قىز ھازىر ئىككى قېتىم ئەرگە تەگدى، بەش بالىسى بولۇپ بولدى  دېدىم . ئۇنىڭ پۈۋلەپ قويۇلغان شارغا ئوخشاش يۈرىكى ۋاڭڭىدە يېرىلدى ، ۋە ماڭا ئېلىشاڭغۇ كۆزلىرى بىلەن ئەلەڭلەپ قارىۋەتكەندىن كېيىن ، ئاشۇ قېتىمكى يامغۇرلۇق كېچىدىن كېيىن بىرەر قېتىممۇ قاراپ بېقىشقا پېتىنالمىغان يۈرىكى ئىچىگە سەپ سالدى ئۇنىڭ يۈرىكى ئىچىدە چوڭ ھەم قاپقاراڭغۇ بىر ھاڭ بار ئىدى  .  ھاڭنىڭ ئىچىدە ئاشۇ قېتىمدىكى يامغۇرلۇق كېچىدە ئۇ مېنىڭ پۇتۇمغا ئېسلىپ تۇرۇپ چاقىرغان ئىسىم لەرزان لەيلەپ تۇراتتى .
    ئاخىرى سوتخانىدىكى ئادەم يەيدىغان جىمجىتلىق ئىچىدە ئۆزۈم يالغۇز  قالدىم  .  شۇ چاغدا مەندە تۇيۇقسىز قورقۇنۇچلۇق ھەم ئەسەببىي بىر ئىستەك پەيدا بولدى:  مەنمۇ ئۈزۈمنىڭ يۈرىكىنى يېرىپ كۆرمەكچى بولدۇم ، يۈرۈكىمنى يېرىش بەكلا تەس بولدى ، ھەر بىر قېتىنى يارسام يەنە بىر قېتى چىقاتتى ، مەن خۇددى قۇدۇق قازغاندەك كىرىپ كېتىۋاتاتتىم ، ئاخىرى ناھايىتى چوڭقۇرلۇقتا بىر يۇرۇقلۇق كۆرۈندى، ئىچىگە قاراپ ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتلار ئىلگىركى بىر ۋەقەنى كۆردىم:
     ……بىر كىچىك بالا باغنىڭ تېمىدىن سەكرەپ چۈشتى ، ئاندىن باغنىڭ ئىچىگە سەپ -سېلىپ قارىۋەتتىدە ، باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۈرۈك دەرىخى تەرەپكە ماڭدى (شۇ چاغدا مەن ئۇ بالىنىڭ كۆزىنىڭ ماڭا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغانلىقىنى ۋە ئوڭ مەڭزىدە مېنىڭ ئوڭ مەڭزىمدىكىگە ئوخشاش بىر مەڭنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ) ئاندىن ئۈرۈك دەرىخى ئۈستىگە ئوغلاققا ئوخشاش تاقلاپ-تاقلاپ چىقىپ مەي باغلاپ كەتكەن ئۈرۈكلەرنى ھۇزۇرلىنىپ يېيىشكە باشلىدى ، بۇ ۋاقىتتا باغنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى رەيھانزارلىقتىن بىر ئۇماق ھەم چىرايلىق بىر قىزچاق كېپىنەكتەك چىقىپ كەلدى.  دەرەخ ئۈستىدىكى بالا رەيھانزارلىقتىن چىققان ئۇماق ھەم جاراڭلىق كۈلكىدىن ئەندىكىپ دەرەخ ئۈستىدىن چۈشۈپ كېتىشكە تاسلا قالدى. كۈلكە ئاۋازى باغانسىرى يېقىنلاپ كەلدى، دەرەخ ئۈستىدىكى بالىنى كۆرۈپ قىزچاقنىڭ چىرايلىق ھەم ئۇماق كۆزلىرى ھەيرانلقتىن چوڭ ئېچىلدىيۇ ، تېخىمۇ يۇقۇرى ئاۋازدا باغنى چاڭ كەلتۈرۈپ كۈلۈپ كەتتى، ئاندىن دەرەخ ئۈستىدىكى بالىغا قولىنى سۇندى، بالا دەرھال ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ ئۈرۈك دەرىخى ئۈستىگە چىقىرىپ قويدى. شۇنداق قىلىپ ئىككەيلەن ئۈرۈكلەرنى مەززە قىلىپ يېيىشكە باشلىدى ، ئۇلارنىڭ كۆزى دەرەخنىڭ ئەڭ چوقىسىدىكى چوڭ ھەم ساپسېرىق پىشىپ كەتكەن بىر تال ئۆرۈككە چۈشتى.  ئوغۇل بالا ئاستا دەرەخ ئۈستىگە سىلجىدى ، ئۈستىگە چىققانسىرى دەرەخنىڭ غۇلى ئىنچىكىلەپ شاخ تەۋرىنىشكە باشلىدى، قىز قورقۇپ يۈرىكى ئېغىزىغا قاپلىشىپلا قالدى .  بالا ئاخىرى ئۇ ئۆرۈك مېۋىسىنى  ئۈزۈۋالدىدە ، ئۇماق قىزچاققا ئۇنىڭ چىرايلىق ھەم چوڭ كۆزىگە ئوخشايدىغان ئۆرۈك مېۋىسىنى سۇندى. ئۇماق  كۆزلەر خوشلىقىتىن تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتتى .  دەل شۇ چاغدا ئاشۇ بۇلاقتەك كۆزلەر بىلەن ئۇماق سىما ئالدىدا تۇرغان بالىنىڭ يۈرىكىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىرىغا مەڭگۈلۈك سىڭىپ كەتتى . مەن يۈرىكىمنىڭ ئىچىدىكى مەنزىرىگە سىنچىلاپ قارىدىم:  ھېلىقى ئۇماق كۆزلەرنى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تويى بولغان يىگىت كېلىنچەكنىڭ چۈمبىلىنى ئاستا قايرىپ ئېچىۋاتقاندا تۇيۇقسىز كۆرۈپ قالغان ئىدىم.  ( بەلكىم بۇرۇتۇم ئەمدىلا خەت تارتىشقا باشلىغان ۋاقىتلاردا مەھەلەمنىڭ ئېغىزىدىكى ئۆستەڭ بويىدىمۇ نەچچە قېتىم كۆرگەن بولۇشۇم مۇمكىن ئىدى .) شۇ چاغدا چۈمبەلنىڭ ئاستىدىكى كۆزلەر ماڭا خۇددى بوۋاق ۋاقتىدا ئانىسى ئۈلۈپ كەتكەن بالىنىڭ ئۆز ئانىسىنىڭ سۈرىتىنى كۆرگەندە بولىدىغان ناھايىتى سىرلىق ۋە يېقىنلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلغان ئىدى.
    بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇميۇ ئاستا ھالسىزلىنىپ سوتخاننىڭ ئوتتۇرىسىدا يىقىلىپ قالدىم .  ئۇزاق ئۆتمەي كۆز قارچۇقۇم كېڭىيىپ تىنىقىم توختاپ قالدى…….
    مەن ئۆيىمدىكىلەرنىڭ مېنى قەبرىستانلىققا ئاپىرىپ كۆمۈپ قۇيۇشنى خېلى ئۇزاق كۈتتۈم.  بىراق ھېچكىم كەلمىدى ، ئامالسىز ئۆيگە ئۆزۈم بارماقچى بولدۇم، ئۆيدىكىلەر ئاچامنىڭ تويىغا تەييارلىق قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ ، ئانام بازارغا كەتكەن ئىدى .
  ھەدەمگە. - مەن ئۆلۈپ قالدىم ، مېنى قەبرىستانلىققا ئاپىرىپ قوي  دېدىم .ھەدەم ئەينەكتىن كۆزىنى ئۈزمەي ، ماڭا قاراپمۇ قويماستىن :- كۆرمۈدىڭمۇ ?ئەتىلا تويۇم بۇلۇدۇ، مېنى ئاۋارە قىلماي ئۆزۈڭ كەت دېدى. ئاكامنىڭ يېنىغا باردىم ،ئۇ يېڭى ئالغان ماششىنىسىنى پۇل بىلەن سۈرتۈۋاتاتتى . مەن ئىختىيارسىزلا ئاكامغا ياردەملەشتىم.
- تەگمە ،سىرىنى بۇزىۋېتىسەن ،- دېدى ئاكام.  (كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا مەن ئۇنىڭ ۋېلىسپىتىنى ھەركۈنى پاكىز سۈرتۈپ بېرەتتىم، ئاندىن ئاكام مېنى ۋېلىسپىتىغا مۈندۈرۈپ مەھەلىنىڭ توپىلىق يوللىرىدا پىدالنى كۈچەپ تېپىپ مېنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قوياتتى ) .
- ئاكا مەن ئۆلۈپ قالدىم ، دېدىم. ئۇ قولىدىكى ئىشنى توختاتماي تۇرۇپ :ھازىر مەن يەڭگەڭ بىلەن نەچچە ئايلىق ساياھاتكە تەييارلىق قىلىۋاتىمەن، ھەم سېنى  قەبرىستانلىققا ئالايىتەن ئۆزۈم ئاپىرىپ قويۇشمۇ ھاجەتسىز ، شوپۇرغا دە ، سېنى ئاپىرىپ قويسۇن،  دېدى.
  ئاخىرى ئۆزۈم يالغۇز قەبرىستانلىق تەرەپكە ماڭدىم كېتىۋېتىپ بىز شەھەرگە كۆچۈپ كېتىشتىن ئاۋالىقى مەھەلەمنى بىر قېتىم سەيلە قىىلىپ باققىم كەلدى .....
   نەچچە يىللار ئاۋال مەن ئېتىمنى سۇغارغاچ ئۇنىڭ كىچىك چېلىكىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتىم . ئاندىن ئۇنىڭ چىقىشىغا ئاتلارنى ئۆستەڭگە قۇيۇۋېتەتتىم ، ئۇ بولسا ئاتلىرىمنىڭ  ئۆستەڭدە سۇ ئىچىپ بولۇشىنى كۈتۈپ تۇراتتى .  مەن مۇشۇ پۇرسەتتە ئۇنىڭ چىرايلىق كۆزلىرىگە قانغۇچە قارىۋالاتتىم .   
     كېيىن بىز شەھەرگە كۆچۈپ كەتتۇق ، بۇ يەردە ھەپتىدە بىر قىز دوست  ئالماشتۇرساممۇ ئۆزىمنى تەنھا ھېس قىلاتتىم .  كېيىن بۇ  شەھەردىكى ئەڭ چىرايلىق قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم ،ئۇ مېنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرەتتى، بىر كۈن كۆرىشمىسەك كۆزلىرى ئولتۇرشۇپ، جۈدەپلا كېتەتتى.  لېكىن مەن داۋاملىق ئۇنى ئىزدەشنى ئۇنتۇپ قالاتتىم ، تويىمىزغا نەچچە كۈنلا قالغاندا ئۇنىڭغا ماششىنا ، داچا ئېلىپ بېرىپ ، ئايرىلىپ كېتەيلى دېدىم .  ئۇ قىزمۇ  تارتىشمايلا قۇشۇلدى .
     ئۆستەڭ بۇيىدا ناھايىتى ئۇزاق ساقلىغان بولساممۇ ئۇ ئۆستەڭگە چېلەك كۆتۈرۈپ چىقمىدى . ئاخىرى يولۇمنى داۋاملاشتۇردۇم، قەبرىستانلىق ئېگىز تاملار بىلەن قورشالغان ئىدى.  دەرۋازىدىن كىرىشىمگە بىرى ئالدىمنى توسۇپ ماڭا بىر جەدىۋەلنى تۇتقۇزدى ؛ جەدىۋەلدە  ياتىدىغان گۆرنىڭ باھاسى ۋە شارائىتى يېزىلغان ئىدى، لېكىن مەندە بىر پۇڭمۇ يوق ئىدى، پۇل بولمىسا گۆرگە  كىرگۈزمەيمىز دېدى ئۇ .مەن ئۇنىڭغا قول سائەتىمنى بەردىم، لېكىن سائەت گۆرنىڭ ئورنىغىلا يېتەتتى . ئۇ ماڭا گۆرىمنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ بەردى ، ئاندىم مەن گۆر ئىچىگە كىرىپ بولغاندىن كېيىن كۆمۈۋېتىدىغان بولدى. مەن گۈرجەك بىلەن  ئۆزىمگە تەئەللۇق بولغان گۆرىمنى كولاشقا باشلىدىم . گۆرنىمۇ كولاپ بولدۇم ،كولىغان گۆرىم كىچىك ۋاقتىمدىكى سەھرانىڭ تار كوچىسىغا جايلاشقان ئۆيىمدەك قاراڭغۇ ھەم كىچىك ئىدى ، گۆرىمگە جايلىشىپ بولغاندىن كېيىن گۆرنىڭ ئاغزى ئاستا ئېتىلدى.
گۆر شۇنچىلىك  ئىسىق ئىدى .
   ……ناھايىتى ئۇزاق يىللار ئىلگىرى مەن قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇقىدا دوسلۇرۇم بىلەن بىللە كۆل ئۈستىدىكى مۇزدا تېيىلىپ ئوينايتتۇق.  قاراڭغۇ چۈشكەندە ئاندىن تىتىرىشىپ ئۆيگە قايتىشاتتۇق، مەنمۇ سوغۇقتا مۇزلاپ كەتكەن كىچىككىنە جىسمىمنى سۆرەپ چىراق يېقىلمىغان قاراڭغۇ ئۆيۈمنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىشىمغا ئۆيدىكى مەشنىڭ ئىسسىق تەپتى ئۇرۇلاتتى، ئاندىن ھۇزۇرلىنىپ ئوت ئىسناتتىم . دەل شۇچاغدا ئانام قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئاستا پەيدا بۇلاتتى ، ئاندىن مېنى ئېرىتىپ ئۆز باغرىغا سىڭدۈرىۋەتمەكچى بولغاندەك چىڭ قۇچاقلىۋالاتتى .  مەن بولسام ئانامنىڭ يۈرەك سۇقۇشىدىن چىققان رىتىملىق ئەللەي ناخشىسىنى ئاڭلىغاچ دادامنىڭ ئىشتىن قايتىپ كېلىشىنى ساقلايتىم ، ئاندىن ئاستا ئۇيقىغا كېتەتتىم . ھازىرمۇ شۇنداق بولدى: مەن تۇپراقنىڭ ئىللىق قوينىدا ،  توي كۈنى كۆرگەن كېلىنچەكنىڭ ئاشۇ ئۇماق سىماسىنىڭ قېشىمغا كېلىشىنى كۈتۈپ خاتىرجەم ئۇيقۇغا كەتتىم .

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-4-27 16:17):
مەن قاتىل
مۇھەممەتتۇرسۇن ئابلېكىم  (بەگ ئالىپ)

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 12:02:59

مىنكاۋخەنسۇكەن دە بۇ كاتتا يازغۇچى.
دادىسى بىلەن ئۆزىنى ئارلىشىپ كېتىپ قالمىسۇن دەپ ئوتتۇرىغان چىكىت قويۇپتۇ.

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 12:47:01

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 12:02 static/image/common/back.gif
مىنكاۋخەنسۇكەن دە بۇ كاتتا يازغۇچى.
دادىسى بىلەن ئۆزىن ...

ئەسكەرتىپ قويغنىڭىزغا رەھمەت، بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىمەن. لېكىن مەن مىنكاۋ خەن ئەمەس ،  ئەسكەرتىش ئۇسسىلىڭىزغا دىققەت قىلىڭ،  خاتالىق بولسا چىرايلىق كۆرسىتىپ قويسىڭىز تۈزۈتۈۋالساق بولىدۇ.  بىر تال چېكىتكە قاراپلا ئادەمگە يوغان بىر قالپاق ئارتىپ قويۇش ،مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى سۇخەنچىلەردىن قالغان، ھازىرقى زامانغا ماس كەلمەيدۇ 。

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 13:21:50

قىرىنداشلانىڭ كۇڭلىگە ئازار بىرىپ  قۇيۇشتىن ساقلىنايلى باللار.

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 14:46:07

كەچۈرۈڭلار، بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىمەن، ……ئەمدى مېنىڭ چېكىت مەسىلىسىدە ئاتۇق مۇنازىرە قىلغىم يوق

tamqa1 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 14:54:44

‹مەنزىلسىز مەكتۇبلار›  نىڭ  ئايغىغا بەك قىززىقىۋاتقاندىم ،

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 14:58:31

bagalip يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 14:46 static/image/common/back.gif
كەچۈرۈڭلار، بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىمەن، ……ئەمدى مې ...

مەن ھېكايىڭىزنى ئوقۇپ باقاي دېگەن. ئىسمىڭىزنى كۆرۈپلا يالتايدىم.
بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىمەن دەپسىزيۇ ھازىرغىچە شۇ پېتى تۇرۇپتۇغۇ.
ئۆزگەرتىپ قويىڭە ئادەمنى بىئارام قىلماي.

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 16:21:58

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 14:58 static/image/common/back.gif
مەن ھېكايىڭىزنى ئوقۇپ باقاي دېگەن. ئىسمىڭىزنى كۆرۈپل ...

ئۆزگەرتىپ بولدۇم، پەرھات تۇرسۇن ئەپەندىم... ھېكايمنى ئۇقۇشنى خالىسىڭىز كۆرۈپ باققايسىز، تەنبىھلىرىڭىزنى ئايىماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن :P

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 16:26:18

tamqa1 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 14:54 static/image/common/back.gif
‹مەنزىلسىز مەكتۇبلار›  نىڭ  ئايغىغا بەك قىززىقىۋاتقان ...

  كەينىنى يېزىۋېتىپ يېزىۋېتىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن خېلى كۆپ قىسىمىنى ئۆچۈرۈپ سالدىم ، يەنە قايتا يېزىۋاتىمەن

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 17:11:01

bagalip يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 16:21 static/image/common/back.gif
ئۆزگەرتىپ بولدۇم، پەرھات تۇرسۇن ئەپەندىم... ھېكايمنى  ...

ھېكايىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم.
بەكلا ئاجايىپ غارايىپ قىلىشقا تىرىشىپ كېتىپسىز.
بورخېسنىڭ بىر گېپى بار: ھېكايە يېزىشتا ئەڭ قىيىنى ئەڭ ئاددى تىل بىلەن. ئەڭ ئاددى بايان بىلەن ئىنساننىڭ ئەڭ ئادەتتىكى مەۋجۇتلىقىنى ئىپادىلەش. ھېكايە يېزىشتا ئەڭ ئاسىنى ئاجايىپ غارايىپ تەسۋىرلەر ۋە قەدىمىي تىللار بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى ئالا چەكمەن قىلىش.
ھېكايىڭىزنىڭ بولىدىغان يېرىمۇ بار. ئۇ بولسىمۇ سىزدىكى تەسەۋۇرنىڭ بىر قەدەر ئەركىنلىكى.
كافكانىڭ «ئۆزگىرىپ كېتىش» دېگەن ئەسىرىدە كىشىنى تاڭ قالدۇرىدىغان جۈملىدىن پەقەت بىرسىلا بار. قالغان بارلىق تەسۋىر ۋە بايانلار ئىنتايىن تەبىئىي ۋە رېئال. دەل مۇشۇ تەبىئىي ۋە رېئال بايانلار ئاشۇ بىرىنجى جۈملىدىكى قىپ قىزىل يالغان گەپنى ھېچكىم گۇمانلانمىغۇدەك ياكى گۇمانلانسىمۇ رېئاللىققا ئوخشاش ھېس قىلغۇدەك ھالەتكە كەلتۈرگەن.
ھېكايىدا توقۇلما بولىدۇ. ئەپسانىۋىي بولغان، ئەقىلگە سىغمايدىغان تەسۋىرلەر بولسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. لېكىن ئەڭ مۇھىمى ئاشۇ توقۇلما ۋە ئەقىلگە سىغمايدىغان نەرسىلەرگە كىشىلەرگە رېئاللىق بىلەن ئوخشاشلا تۇيغۇ بېغىشلىيالىشى كېرەك. ياكى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا: سىز بازارغا ئالما سېتىۋالغىلى چىقتىڭىز. سىزنىڭ كاللىڭىزدىكى ئالما دېگەن ئۇقۇم بىر خىيال، يەنى رېئاللىقتا مەۋجۇت ئەمەس. سىز مىۋە چىۋە سېتىۋاتقان كىشىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭىزنىڭ تەسەۋۇرىدىكى ئاشۇ نەرسىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزنى ئېيتىسىز. سىز ئېيتقان سۆز رېئاللىقتىكى ئالما دېگەن سۆز بىلەن مۇناسىۋەت باغلىيالىسا ئالما سېتىۋالالايسىز، مۇناسىۋەت باغلىيالمىسا ئالما سېتىۋالالمايسىز. بۇ تەمسىلىمنىڭ مەنىسى شۇكى، ھېكايىدىكى توقۇلما _ تەسەۋۇرىڭىزدىكى ئالما، رېئاللىق _ مىۋە چىۋە دۇكىنىدىكى ئالما. سىز بۇ ئىككىسىنى مۇناسىۋەتلەشتۈرمىسىڭىز، ئالما يىيەلمەيسىز، يەنى ئەسەرەڭەز رېئاللىق بىلەن مۇناسىۋەتسىز سۆز دۆۋىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 14:17:38

جەسەت ساندۇقى:o
بەت: [1]
: مەن قاتىل