Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 00:42:25

كەچۈرۈم سوراش

«كەچۈرۈم سوراش» ناملىق قىسقا فىلىمىنى كۆرگەندىن كىيىن



توردىن Apologize دېگەن تېمىدىكى بىر قىسقا فىلىم كۆزۈمگە چىلىقىپ قېلىپ، قىزىقىپ كۆرۈپ باقتىم. گەرچە ئاددىيلا بىر ۋەقەلىك بولسىمۇ ماڭا ئالاھىدە تەسىر قىلغان بۇ فىلىمدىن ئالغان تەسىراتىمنى ئورتاقلاشقۇم كەلدى.

فىلىمدىكى ۋەقە ئامېرىكىدا مەلۇم بىر تاللا بازىرىدا 40 نەچچە ياشلاردىكى بىر دادا بىلەن،ئاقۇچ سېرىق چاچلىق، زۇمرەت كۆزلۈك، بىرى ئن ياشلاردا يەنە بىرى يەتتە ياشلاردا ئوماققىنە ئىككى قىزى بىلەن خېرىدار ھارىۋېسىنى ھەيدەپ نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىۋاتقان يېرىدىن باشلىنىدۇ. ئەر كىشى نەرسە تاللاۋاتقاندا تېلىفۇندا سۆزلەشكەچ بىرئايال كېلىدۇ ۋە ئەرنىڭ ئالدىدىكى جازىغا تىزىقلىق نەرسىنى پەرۋاسىزلارچە ئېلىپ سۋىتىگە سالىدۇ ۋە تېلفۇندا سۆزلەشنى داۋام قىلىپ كېتىپ قالىدۇ. بۇ ئارىدا بىر قانچە بۇيۇم يەرگە چۈشۈپ كېتىد، ئەر ئۇنى جايغا ئېلىپ قويىدۇ ۋە ئايالغا قاراپ ئەپسۇسلىنپ قويىدۇ..
بۇنى كۆرگەن كىچىك قىزى، نەرسە تاللاۋاتقان ھەدىسىنىڭ ئالدىدىن بىرنەرسىنى تارتىپ ئېلىپ ھەدىسىنىڭ تاللىغىننى يەرگە چۈشىرىۋېتىدۇ. بۇنى كۆرگەن دادا كىچىك قىزىنىڭ يېنىغا كېلىپ قىلغىننىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، دەرھال ھەدىسىدىن ئەپۇ سورىشى كېرەكلىكىنى دېگەندە كىچىك قىز ھېلقى ئايالنىڭمۇ ئەپۇ سورىماي كېتىپ قالغانلىقىنى ۋە ھېچنىمە بولمىغانلىقىنى دەپ تۇرىۋالىدۇ.. دادا گەپنى ئوڭشاشقا تېرىشىپ ئۇ ئايالنىڭ تېلفۇن سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى شۇڭا گەپ قىلالمىغانلىقىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە قەستەن بولمىغانلىقىنى خۇددى چوڭلار بىلەن سۆلەشكەندەك ئەستايىدىل ھالدا دەيدۇ..
لېكىن، قىزچاق قايىل بولمايدۇ، دومسىيىپ تۇرىۋالىدۇ، چوڭ قىزى يەنى ئۇ قىزچاقنىڭ ھەدىسى ھېچقىسى يوق دادا كەچۈرۈم سورىمىسۇن دېسىمۇ دادا زېرىكمەي تەكرار تەكرار كىچىك قىزىنىڭ كەچۈرۈم سورىشى كېرەكلىكىنى دەپ تۇرىۋالىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا ھەتتا قەستەنلىك بىلەن بولمىغان تەختىردىمۇ باشقىلارغا ئاۋارىچىنىق تۇغدۇرغاندا چوقۇم كەچۈرۈم سوراش كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. قىزچاق يەنىلا ھېلقى ئايالنى تىلغا ئېلىپ كەچۈرۈم سورىغىلى ئۇنىمايدۇ. قىزىنىڭ خاراكتىرىنىڭ تەربىيلىنىشىگە تولىمۇ ئەستايدىل بولغان سەبىرچان دادا قىزچاققا بىر شەكىلدە پەقەتلا «كەچۈرۈم سورايمەن» دېگەن بىر ئېغىز گەپنى دېسىلا بولىدىغانلىقىنى دەپ كىچىك قىزغا ئۇ گەپنى دېگۈزىدۇ...
دەل بۇ ئەسنادا ھېلقى تېلفۇن سۆزلىشىۋاتقان ئايال يەنىلا تېلفۇن سۆزلەشكەن ھالدا كېلىپ كىچىك قىزنى سوقۇپ يىقىتىۋېتىدۇ ۋە يەنە پەرۋاسىز كېتىپ قالىدۇ. قىزىغا ئەمەلىيەت بىلەن تەربىيە قىلىۋاتقان دادا ئۇ ئايالغا قىزىدىن كەچۈرۈم سورىمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىش قارارىغا كېلىدۇ ۋە ئۇ ئايالنى ئىزدەپ تېپىپ ئەھۋالنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئېيتىدۇ. لېكىن، ئۇھاكاۋۇر ئايال بۇ قەستەنلىك بىلەن بولمىغان تۇرسا دەپ، تېلفۇندا سۆزلىشىشنى داۋام قىلىدۇ، ئەر چوقۇم كەچۈرۈم سۆزى تەلەپ قىلغاندا ئۇ ئايال ئەرگە ئېغىزىنىڭ ئۇچىدا كەچۈرۈڭ دەپ قويىدۇ. ئەر ئۆزىدىن ئەمەس قىزىدىن كەچۈرۈم سورىشى كىرەكلىكىنى ئېىيتقاندا ئايال پەرۋا قىلمايدۇ.
ئەر تاللا بازىرىنىڭ مودىرىنى ئىزدەپ تېپىپ ئەھۋالنى ئېيتىدۇ. مودېر ئايالغا قىزدىن كەچۈرۈم سورىشى كېرەكلىكىنى دېگەندە بوينى قاتتىق ئايال رەت قىلىدۇ. مودېر گەپ قىلماي كېتىپ قالىدۇ ۋە بىردەمدىن كىيىن ئىككى ساقچى كېلىپ، ئايالنى قولغا ئالىدۇ. بۇنى كۆرۈپ تۇرغان كىچىك قىزچاق ساقچىلارغا ئۇنىڭ قەستەن قىلمىغانلىقىنى ئۇنى قويىۋېتىشىنى دەيدۇ، ئۇ ئايالغا بولسا دادىسىنىڭ ئۆزىگە دېگىنىدەك قەستەنلىك بولمىسىمۇ پەقەت « كەچۈرۈم سورايمەن» دېگەن بىر ئېغىز گەپنى قىلسىلا بولىدىغانلىقىن ئۆتۈنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بوينى قاتتىق ئايال چىدىماي يىغلاپ تاشلايدۇ ۋە كىچىك قىزدىن كەچۈرۈم سورايدۇ. ساقچىلار ئايالنى ئېلىپ ماڭىدۇ...




بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىدا ئىختىساد ۋە تېخنىكىدىن باشقا ئىچكى تاشقى سىياسەتلىرى مۇھىم رول ئوينىسا كېرەك. بولۇپمۇ ئۆز پۇخرالىرىغا قارىتا يۈزگۈزگەن سىياسەتنىڭ ئادىللىقى، قانۇننىڭ مۇكەممەللىكى شۇ دۆلەت ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ئامىللاردىن. گەپنى ئوچۇق قىلغاندا بىر دۆلەت ئۆز دۆلىتىنى سۆيىدىغان پۇخرالىرىنىڭ نىسبىتى قانچە يۇقىرى بولسا شۇنچە ساغلام ۋە مۇقىم بولىدۇ، ئەكسىچە بولسا نەتىجىمۇ ئەكسىچە بولىدۇ. قانۇن مۇكەممەل بولغاندا، مەيلى ئۇ قايسى قەۋمدىن بولسۇن، ئۆزپوقرالىرىنىڭ مەنپەئەتى ئەڭ بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلغاندا بۇ نىسبەت تەبىئىي ھالدا يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ. مىللەت، ئېرق، دىن ئايرىماي ئۆز تەۋەلىكىدىكى پۇقرالا بولىدىكەن ئادىل ۋە باراۋەر مۇئامىلە قىلغاندا دۆلەت تەرەققىياتنىڭ بۇ ئەڭ ئەقەللى ئاساسىنى ھازىرلىغان بولىدۇ. چۈنكى تەرەققىيات ئۈچۈن ئىچكى باش ئاغرىقلار ئازىراق بولىشى كېرەك بولىدۇ، ئۆز پۇقرالىرىنىڭ دۆلەتكە ئىشەنچى ۋە مۇھەببىتى بولىدىكەن بۇ باش ئاغرىقلارمۇ تەبىئىي ھالدا ئازىيىدۇ...

ئامېرىكىنىڭ تەرەققىياتى ئەلبەتتە ئۇنىڭ تارىخى ئەۋزەللىكى، تېخنىكا ۋە ئىختىسادتىن دېسەكمۇ ئارلاش ئېرىق، ئارلاش مىللەت ۋە ھەرخىل دىندىكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەڭ «ئەرزىمەس» ھوقۇقلىرىمۇ قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان بولغاچقا ئۆز دۆلىتى ئىچىدە يۈكسەك دەرىجىدە ئىشەنچكە تولغان ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ياشايدىكەن، شۇنداق بولغاچقا ئۆز ئىشەنچى ۋە ئۆزلۈك تۇيغۇسى كۈچلۈك بولىدىكەن. شۇڭا پۇخرالارنىڭ دۆلەتكە ئىشىنىشىدىن كەلگەن بۇ تەسىرلەرنى سانىماسلىققا بولمايدۇ.

يەنە بىر ئامىل مائارىپ، بولۇپمۇ باللارنىڭ خاراكتېر يىتىلىشىگە بولغان تەربىيە ئۇسۇلى. دېققەت قىلسام ئامېركىلىقلار كىچىك باللاردا تىرامما يارىتىپ قويۇش، خاراكتېرىنى بەلگىلەپ قويۇش ئېھتىماللىقى  بولغان ھەرقاندق نەرسىگە قاتتىق ئېھتىياتچانلىق ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلدىكەن. باللارنى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، مۇستەققىللىقى كۈچلۈك ۋە سەمىمىي قىلىپ تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بېرىدىكەن. بۇ قىسقا فىلىمدە دادا قىزىنىڭ شۇ ۋاقىتتا باشقىلارغا ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرۇپ تۇرۇپمۇ ئەپۇ سورىمايدىغان يامان قىلىقنى يىتىلدۈرىۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قەدئى ھالدا بۇ كىچىككىنە ئەپۇ سوراش سۆزى ئۈچۈن كىرىشىۋالىدۇ. ئەگەر ئۇ پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلغان بولسا ئۇ قىزچاق ھېلقى ئايالغا ئوخشاش ھاكاۋۇر چوڭ بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بولىشى مۇمكىن ئېدى. ئۇنىڭغا باشقىلاردىن كەچۈرۈس سوراشنى ئەستايدىل چۈشەندۈرگەن دادا بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرۈلمەي، قىزدا ئىشەنچسىزلىك پەيدا بولۇپ قېلىشتىن قاتتىق ساقلانغان.

بۇ قىسقا فىلىم رىئاللىقتىن مەلۇم دەرىجىدە ئۈستۈن تۇرسىمۇ ئامىرىكا جەمىيىتىنىڭ ئەمەلىيتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ دەپ قارايمەن. كۆپىنچە دۆلەتلەر بار، تاشقى سىياسەتتە يۇمشاق ۋە سىپايە، لېكىن ئۆز پۇخرالىرى ئۈچۈن مۇشۇنداق ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقلارغا ئەھمىيەت بېرەلمىگەن. تەرەققىياتقا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان ئامىللار كۆپ بولغان مەسىلەن،  پۇخرالار دۆلەتتىن نارازى، ئىچكى قالايمىقانچىلىق كۆپ يۈز بېرىدىغان بىر دۆلەتتە ئەگەر ئادىلسىزلىق، چىرىكىك ئالدى بىلەن ھەل قىلىنىپ،  ئىنسان ھوقۇقى، قانۇن مۇكەممەللەشتۈرۈلسە ھەرگىزمۇ ئۆز قىزىتمىسى بىلەن ھەپىلىشىپ زور دەرىجىدە ئىختىساد ۋە زىھىن سەرىپ قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالمايدۇ...

  


hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 09:02:27

كۆرمەي تۇرۇپلا جىق تەسىرلەندىم ....
مەنغۇ ئۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇقسام بەك ئاسان بەل قۇيۇۋېتىمەن ....

      پوچتا بانكىسىدىن بىر تال چەك كەپتىكەن ، ئالاي دەپ كىرسەم ، ئىككى ئۈچ قېتىم پىرىۋوت يوق دەپ تۇرۋالدى، شۇنداق بولغاندا پۇلنى ئالغىلى بولمايمىش ،،،
      ئاخىرى ئۆزەم پوچتا بانكىسى كارتىسدىن بىرنى بىجىرىپ ، ئۆزەمنىڭ كارتىسىغا پۇل پىرىۋوت قىلىپ ، پوختاخانىغا پىرىۋوت زاپاسلاپ ئاندىن نەق پۇلنى ئېلىپ ھىساۋاتنى ئۈزمەكچى بولدۇم ، مۇلازىمەتچى ئۇيغۇر قىز بالا ئۇيغۇرچە ئىمزا قويسڭىز پوچتىخانىدا ئۇيغۇرچە خەت ئۆتمەيدۇ دەپ تۇرۇۋالدى ...
     بىرىنچىدىن قىز بالا بىلەن تەڭ بولماسلىق ، ئىككىنچدىن ئىشنى تىزلىكتە بىجىرىش  ئۈچۈن خەنزۇچە ئىمزا قويدۇم ...
      ئۇيغۇرچە خەت نىمىشقا ئۆتمەيدۇ ، دىسەم ، خەنزۇلار ئۇقۇيالمايدۇ ، دەيدۇ ، ئۇقۇيالمىسا ئۇيغۇرلار ئۇقۇپ بەرسە بۇلىدۇ ،دىسەم ، ئىچكىرىدە ئۇيغۇر بولمىسا ،سىز بېرىپ ئىشلە دىسە ئىشلەمسىز ، دەيدۇ ، ئىچكىرىدىكىلەر ئۇقۇيالمىسا ئۆگەنسە بۇلىدۇغۇ دىسەم ، ئۇلار ئۆگىنەلمەيدۇ دەيدۇ ،،،
         ئۇنداقتا ما پىرىۋوت ئىچىكىرىگە بارمىغاندىكىن ئۇيغۇرچە قۇياي دىسەم ، يەنىلا ئۇنىمىدى .....
        ئاخىرىدا مىنىڭ نامىمدا بىجىرگەن كارتىغا پۇل پىرىۋوت قىلالمىدى ، سەۋەبى پوچتا پىرىۋوتىدا ئىسىمغا چىكىت قويغىلى بولماسمىش ، باشلىقى يولداش كىلىپ نەق پۇلنى بىرىپ چەكنى ئېلىپ قالدى ،،،
      
       مۇشۇنداق يەردە بىر دىيىشىپ كىتەي دەيمەن ، ئەمما تىنىمسىز جىددىيلىكتە ۋاقتىمنىڭ تېخىمۇ زايا بۇلۇپ كىتىشىدىن ، مۇلازىم قىزلارغا يامان كۈرۈنۈپ قېلىشتىن قورقىمەن ....

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 09:25:00

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parakende تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-27 09:27  

مەن ھەرقانداق بىر ئىش بىجىرىش ئورنىغا بېرىشنى قەتئىي ياقتۇرمايمەن . بۇلۇپمۇ ھۆكۈمەت ئورۇنلىردىكىلەنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى مىنى بەك ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
مەلۇم يىللار ئىلگىرى تۈرمدىن قۇيۇپ بېرىش ئىسباتىنى ئېلىپ ساقچىخانىغا بارسام بىر قىز باركەن . تۇرمىدىكىلەر ئىسباتنى بەرسەڭ ئۈزى نۇپۇسۇڭنى يۆتكۈۋېتىدۇ دىگەچكە ئىسباتنى بىرىپ تۇرمىدىلەر دىگەن گېپنى دىسەم ، مەن ئۇخمايمەن ساقچى ئىدارىسىغا بېرىپ سۇرۇشتۇرۇڭ دەيدۇ . ساقچى ئىدارىسىدىكىلەر تۇۇشلۇق ساقچىخانى بىجىرىدۇ دەپ يولغا سالدى . ئىسباتنى يەنە تەڭلسەم مەن ئۇخمايمەن ساقچى ئىدارىسىغا بېرىڭ دىدىمغۇ دەپ سەت ۋاقىرايدۇ . نەۋرە ئىنىم بىلەن بارغان ئىنىم بۇ ئىشنى بىجىرىش ئۈچۈن ئەمدى ماڭمايمىز ئەتە يا ئۆگۈن ئاكامنى ئۇنى قىلماپسە بۇنى قىلماپسە دەپ ئىزدەپ ئاۋارە قىلسا كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسىتىمەن. خەلق ئۈچۈن ئىشلەيمىز دەپ شۇئار توۋلىغىچە بېرىپ ئاناڭنىڭ ئۇمىچنى ئىچ ساراڭ خۇتۇن دەپ تىللىسا ساقچىخانىدىلەر مەجبۇرىي چىقىرۋەتكەنىدى . 10 كۈن ئىچدە يۆتكەيدىغان رەسمىيەت ئوندىن تېخى ئەمدى ئىككىنى ئاتلاپ يېرىم بولغان بىر قىزنىڭ ھاكاۋۇرلىقىدىن قېپقالدى . ئىشقىلىپ بەك ئۇزىنى چوڭ تۇتۇدىغانلار يوق ئەمەس جۇمۇ . ئۇلارنىڭ قۇلىدا بىرەر ئىشىڭنى پۇتتۇرۇش پىتىر خېمىردىن قىل سۇغۇرغاندەكلا تەس ئىش .

كەچۈرۈم سوراش دىگەن يىراقتىكى گەپ .

datman يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 10:57:00

بۇيەردە بىرسىنى تىللاش ئادەتتىكى ئىش بىرسىنى ئۇرۇشمۇ ئادەتتىكى ئىش بەكرەك ئۇرۇپ قويسىڭىز پەقەت دوختۇر پۇلىنى تۆلىسىڭىزلا سىزگە ھىچ ئىش بولمايدۇ شۇڭا  
قايسى كۇنى يولدا بىرتوپ ئادەم توپلىشىۋاپتىكەن بىرىپ باشقىلاردىن سۇرۇشتۇرۇپ بىلدىم بىرسى ئۇرۇشۇپ قاپتۇ باشتا تىللىشىپتۇ كىيىن خىلى بەك ئۇرۇشقان گەپ ئەگەر تىللاشقان ۋاختىدىلام  توسقان بولسا ئاقىۋىتىمۇ ئۇنداق ئىغىر بولماس ئىدى

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 14:49:53

كېسەل مۇھىتتا ساق ئادەم بولالمايسىز
بەك چىڭ تۇرۇۋالسىڭىز نورمالسىز،غەلىتە ئادەم سانىلىسىز
بەك نورمال بولسىڭىز يا ياشاشقا ئامالسىز قالىسىز ياكى ياتىدىغان يېرىڭىز ئۆيىڭىز بولمايدۇ

xaqanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 16:40:36

ئاپىسىنىڭ ئەمچىكىنى قانچە چىڭ چىشلىگەن بالا شۇنچە كۆپ سۈت ئىمىدىغان زامان بولدى،ئۆزىنى بىلەر دەپ يۈرىسەك يۈزىنى ئاپتۇۋۇزنىڭ چاقىدىىنمۇ قېلىن قىلىپ بىزەڭلىك قىلىپ، كۆرمەسكە،بىلمەسلە،ئاڭلىماسلىققا سېلىپ تۇرىۋالىدىغانلار بارچۇ.قايسى كۈنىدىكى  بىر ئىشتىن كېيىن قەتئي ئۇيغۇرچە يازىدىغان بولدۇم،شۇ كۈنىدىكى بانكىدىكى ھەدەشكە رەھمەت ئېيتىمەن،ئاددى خىزمەت ئورنىدا ئۇيغۇر تىلىنى كۆچىنىڭ بارىچە قوغداۋېتىپتۇ،بارىكاللا .

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 09:44:21

ئۇيغۇرچە يازمىساڭلار مەڭگۈ يازالمايدىغان بولۇپ قالىسىلەر.
بانكىلاردىكى ئىمزا دىگەن ئورۇنغا چوقۇم ئۇيغۇرچە يېزىڭلار،ئىسسىم فامىلىسى دىگەن يەرگە خەنزۇچە يازساڭلارمۇ.

Antonio يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 12:01:00

بۇ تىمىنى كۆرۈپ بۇ فىلىمنى بىر كۆرۈپ باقاي دىسەم ئىزدەپ تاپالمىدىم، bingدىن ئىزدىسەم ناخشىنى تىپىپ بەردى لىكىن ئۇ فىلىم يوق، شۇڭا فىلىمنىڭ ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قويغان بولساڭلار،
رەھمەت

xadiman0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 12:07:49

ئاپتۇماتىك پۇل بەرگۈدە زولاپ ئۇيغۇرچىنى تاللاپ مەشغۇلات قىلىدىغان بولىۋالدىم :)
بانكا ۋە ئىدارىدە،ياكى ئىمزا قويۇشقا توغرا كەلگەندە زولاپ ئۇيغۇرچە يازىدىغان بولدۇم ، خەنزۇچە يازمىسا بولمايدىغان يەرگە خەنزۇچە يازىمەن ،
مۇشۇ بانادا بىر ئەمەلىي ئىشنى دەپ باقاي
مەلۇم ئىككى كىشى ماۋۇ كىتاپنى سەن ئوقۇ دىسە، يەنە بىرسى سەن ئوقۇ دەپ تالىشىپ قالدى ،كىتاپ ئۇيغۇرچە مەلۇم مەزموندىكى كىتاپ ئىدى ، بىرى بۇ كىتاپنى خالغا ئەكىرىپ قويسا بولامدىغاندۇ دەپ سورىدى ، مەن گەپ قىستۇرۇپ بولىدۇ دەپتىمەن ،  يەنە بىرسى قوپۇپ ياق ھەرگىز بولمايدۇ ،مەزمونى قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرچە خەت بار ، مۇشۇ خەتنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ بولسىمۇ خالاغا قويۇپ قويماسلىق كېرەك دىدى .

بۇ گەپ ماڭا بەك تەسىر قىلىپ ئۇيغۇرچە يېزىققا تېخىمۇ ھۆرمىتىم قوزغالدى ،

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-4-28 13:52):
بۇ كىتاپنى خالاغا ئەكىرىپ قويسا بولامدىغاندۇ (ئىملا خاتا بوپتۇ،ئىنكاس تەھرىرلەش ئىقتىدارى باتىيا بۇنى...

asad يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 12:24:39

مەلۇم بانكىنىڭ كىچىك پونكىتىدا ئىش بىجىرىپ بىرەيلەننى ساقلاپ ھايال بوپ قالدىم.بىر ئايال چېچىغا ئاق سانچىلغان مۇلازىمەتىچدىن سوراپ قالدى.
--- مانىڭغا ئۇيغۇرچە يازىمەنمۇ خەنزۇچىمۇ؟
---ئۇيغۇرچىلا يېزىڭا،خەنزۇچىدا خەت ئوخشىماي،خەت ئوخشىسىمۇ  پەش چىكىت ئوخشىماي ئاۋارىچىلىق چىقىپ قالدىكەن-دېدى بانكا خادىمى.
    ئۇ ئايال بىر ئۇزۇندا  مۇلازىمەتچىنىڭ ئالدىغان كېلىپ توشقۇزغان جەدۋەلنى سۇندى.
جەدۋەلنى قىزغىنلىق بىلەن ئالغان مۇلازىمەتچىنىڭ چىرايى تۇتۇلدى.
---ئۇيغۇرچە يېزىڭ دېگەندەك قىلىۋىدىم ،خەنزۇچە يېزپسىزغۇ،،مېنى ئۇيغۇرچە ئۇقمايدۇ دەپ شۇنداق قىلىۋاتامسىز نىمە،قاراپ بېقىڭە،يا ئۇيغۇرچە يازساڭ بىرنىمە قىلىمەن دەپ چاپلاپ قۇيۇپتىمۇ......
   ئىش بىىجرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ پىخىلدىغان كۆلكىسى قۇشۇلۇپ ئۇ ئايالنى خېلى خىجىل قىلدى.

jesurmen يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 22:47:05

http://player.youku.com/player.php/sid/XNDIzNzQ5ODUy/v.swf

I'm a Mumbai

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 09:20:50

jesurmen يوللىغان ۋاقتى  2014-4-28 22:47 static/image/common/back.gif
I'm a Mumbai

I'm a Mumbai



نىمە گەپ ئۈزى ؟
ئاۋۇ سىندىمۇ خەنچىدە بىر گەپنى تەكرارلاۋەردى ھەممىسى ، مۇشۇ گەپنىڭ خەنچىسى بولسا كىرەك !

jesurmen يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 10:03:04

I'm Mumbai دىگەن گەپ، مەن بولسام بومباي، دىگەن گەپ
بۇ بومباي ئاۋازى دەمدۇ ئىشقىپ، بىر گىزىتنىڭ ئىجادى ئېلانى ئوخشايدۇ.
لىكىن مەزمۇنى بەكلا ياخشىكەن
بەت: [1]
: كەچۈرۈم سوراش