waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 18:19:42

ئۇيغۇر يىگىتى29 نۇمۇر ئىلىپ شىنجاڭ كوماندىسى چىمپىيۇن بولدى

  ئۇيغۇر ۋاسكىتبول تورىنىڭ 26-ئاپرېل خەۋىرى؛ ئۈرۈمچى ۋاختى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى،  2014-يىللىق مەملىكەتلىك ياشلار ۋاسكىتبول بىرلەشمىسىنىڭ (سانجى مۇسابىقە رايۇنى) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسدە،  شىنجاڭ گۈاڭخۈي ياشلار ۋاسكىتبول كوماندىسى ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىمىز ئابدىسالام ئابدىرىشىتنىڭ پۈتۈن مەيدان بۇيىچە ئەڭ يۇقۇرى بولغان 29 نۇمۇر ئىلىشى بىلەن ئاخىرى 107-91 نەتىجە بىلەن رەقىبى 1-ئاۋغۇست ياشلار ۋاسكىتبول كۇماندىسىنى زور نۇمۇر پەرىق بىلەن مەغلۇپ قىلىپ چىمپىيۇنلۇقىنى قۇلغا كەلتۇردى.
  بۇمەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىمىز ئابدىسالام ئابدىرىشىت پۈتۈن مەيدان بۇيىچە ئەڭ يۇقۇرى بولغان 29 نۇمۇر ئالدى؛ جۇچى بىلەن لوزۇڭسېن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 17 نۇمۇر ئالدى؛ دىڭ خاۋرەن 14 نۇمۇ، شى يى 12 نۇمۇر ئالدى.  1-ئاۋغۇسىت كوماندىسىدىن جاڭ زۇمىڭ 29 نۇمۇر، خەندېلۇڭ بىلەن ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىمىز ئارىسلان ئادىلجان 8 نۇمۇرغا ئىرىشتى.
بىرىنچى چارەك مۇسابىقە باشلىنىپلا 1-ئاۋغۇسىت كوماندىسى ئۈستۈنلىككە ئىرىشتى، ئالدىنقى ئىككى چارەكلىك مۇسابىقىدە 1-ئاۋغۇسىت كوماندىسى 37-40 نەتىجە بىلەن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئالدىدا تۇردى. كىيىنكى يىرىم مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ئىچكى سەپ ھۇجۇمىنى ئاساس قىلىپ ئوينىدى، نەتىجىدە ئىچكى سەپتىكى ئابدىسالام ئابدىرىشىت، جۇچى ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاخىرى شىنجاڭ گۈاڭخۈي ياشلار كوماندىسى 107-91 نەتىجە بىلەن 1-ئاۋغۇسىت كوماندىسىنى مەغلپ قىلىپ چمپىيۇنلقنى قولغا كەلتۇردى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە يەنە تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى شىنجاڭ گۇاڭخۇي ياشلار كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىمىز ئابدۇسالام ئابدىرىشىت مەيدانغا چىقىپ ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى نامايەن قىلىپ پۈتۈن مەيدان بۇيىچە ئەڭ يۇقۇرى بولغان 29 نۇمۇر ئالدى.
ئابدىسالام ئابدىرىشىت ئۇيغۇر، 1996-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى تۇغۇلغان، بەدەن ئىغىرلىقى 83 كىلوگىرام، بوي ئىگىزلىگى 2 مىتىر، ئالدى سەپ ھۇجۇمچى، 14-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.

سۈرەتتە؛ شىنجاڭ گۇاڭخۇي ياشلار كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىمىز ئابدۇسالام ئابدىرىشىت ( 14-نۇمۇر )



سۈرەتتە؛ 1-ئاۋغۇسىت كوماندىسىدىن ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىمىز ئارىسلان ئادىلجان


ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php

waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 18:20:44

  
  ئۇيغۇر ۋاسكىتبول تورىنىڭ 24-ئاپرېل خەۋىرى؛  خوتەن ۋىلايەتلىك ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتىدىن ئىگەللىشىمىزچە،  2014-يىلى4-ئاينىڭ 28-كۈندىن 5-ئاينىڭ 2-كۈنگىچە، خوتەن ۋىلايەتلىك ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتى، خوتەن ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتىنىڭ تەشكىلىشى بىلەن خوتەن شەھرىدىكى خوتەن ۋىلايەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پەن تىخنىكا مەدىنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەت مەرگىزى ۋاسكىتبول مەيدانىدا « خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » ئىلىپ بىرىلىدىكەن.
بۇ قىتىمقى ئەل ئىچى تەكلىپ مۇسابىقىسىگە، يىقىندا دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تاللانغان، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى،  پەخىرلىك ئۇيغۇر ۋاسكىتبول چولپانىمىز شىرئەلىجان مۇختەر، قىرغىز يىگىتى قىرانبەك،  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى مەردان تۇرسۇن، شەنشى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئۇيغۇر ئەزاسى مۇرات ئادىلجان، NBL   جىياڭسۇ توڭشى كوماندىسىنىڭ ئەزاسى مەۋلان تۇرسۇن قاتارلىق داڭلىق ۋاسكىتبولچىلىرىمىز ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدىكەن.
مۇسابىقىگە خوتەندىكى يەرلىك مىللى كارخانىلار تەشكىللىگەن ئۇدۇن ۋاسكىتبول كوماندىسى قاتارلىق كوماندىلار قاتناشقاندىن سىرىت، يەنە شىنجاڭ ئۈنۋىرستىتى ۋاسكىتبول كوماندىسى، شىنجاڭ پىداگوگىگا ئۈنۋىرستىتى ۋاسكىتبول كوماندىسى، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ۋاسكىتبول كۇلۇبى ۋاسكىتبول كوماندىسى قاتارلىق كوماندىلار تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدىكەن.   بۇ قىتىمقى مۇسابىقە ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بۇيىچە كۈلىمى چوڭ، سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقۇرى بولغان ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى بۇلۇپ قالىدىكەن.
خوتەندە ۋاسكىتبول قىزغىنلىقى بىر قەدەر يۇقۇرى بۇلۇپ، ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى  دائىم ئۆتكۈزۇلۇپ تۇرىدۇ. يىقىندىن بۇيان  « مۇبارەك لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى »، «خوتەن ھەرەمباغ لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى »، «خوتەن ئانا يۇرت لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » ئۆتكۈزۈلۇپ. پەخىرلىك ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىمىز، دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى شىرئەلىجان، شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسىنىڭ ئەزاسى مۇرات، مەۋلان قاتارلىق داڭلىق ۋاسكىتبولچى ئەزمەتلىرىمىز تەكلىپ بىلەن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، خوتەندىكى ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مەستانىلىرى ئۈچۇن ئىسىل ماھارەتلىرىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
  بىز ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مەستانىلىرىغا ۋاكالىتەن ئۇيغۇر ۋاسكىتبول ئىشلىرىغا كۈڭۇل بۆلگەن مىللى كارخانىلارغا تەشەككۇر بىلدۈرىمىز ۋە بۇ قىتىمقى  «خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » نىڭ مۇۋاپىقيەتلىك ئۆتكۈزۇلىشىگە تىلەكداشمىز.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 19:49:49

ئابدۇسالام ئۇكىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى كەسپىي ھاياتىدا پارلاق نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىگە تىلەكداشمەن!

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 19:54:31

ئاۋۇ ئوتتۇرىدىكى قىز ئەجەپ چىرايلىق خىيال سۈرۈپ تۇرۇپتۇ.

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 20:00:31

ئارسىلانىمىز نەقلا دادىسىنىڭ ئۆزىلىغۇ زادى.
ئەزىمەتلەرگە ئامەت تىلەيمەن!ئاۋۇ رەىسمدىكى قىزچاقنى تونىغاندەكلا قىلىمەن.:o

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 20:13:25

meyxor يوللىغان ۋاقتى  2014-4-26 19:54 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ ئوتتۇرىدىكى قىز ئەجەپ چىرايلىق خىيال سۈرۈپ تۇرۇپ ...

كۆزىڭىز چۈشتىما؟ئۇيغۇر ئىكەن ئەمەسمۇ؟

مەيخوركەن دەپ سىزنى ياراتماسمىكىن؟

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 20:41:42

خۇشخەۋەركەن،بىراق،مۇسابىقىگە مەملىكەت بويىچە قايسى قايسى كۇماندىلار قاتناشتى،مۇسابىقە قاچان باشلاندى،شىنجاڭ ياشلار كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىنىڭ باش ئاخىرىدىكى نەتىجىسى قانداق بولدى دېگەندەك مەلۇماتلار يوق ئىكەن،بولسا تەپسىيلىرەك مەلۇمات بېرىلسە دېگەن ئۈمدتىمەن،چۈنكى مەن بىر ۋاسكىتبول مەستانىسى،شىرئەلىجان قاتارلىق ئەزىمەتلىرىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاسكىتبول تارىخىدا بۆسۈش خاراكتىرلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.شىر ئەلىجان شىنجاڭدىن چىقىپ مەملىكەتكە تونۇلدى،يېقىن كەلگۈسىدە بىزدىنمۇ
ئامېرىكا ن ب ئا دا ۋاسكىتبول ئوينايدىغان ئەزىمەتلىرىمىز مەيدانغا كەلگۈسى
ئابدۇسالام،ئارسىلان قاتارلىق ياشلىرىمىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن،ھەممىمىز بۇ ئەزىمەتلىرىمىزنى قوللايلى

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 21:13:12

نىمىشقا خەقنىڭ ئاچچىغىنى كەلتۈرۈپ بۇنداق جىق نومۇر ئېلۋالىدىغاندۇ دەيمەن بىزنىڭ ئەزىمەتلەر . :lol{:258:}

karakhan07 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 21:42:09

يارايدۇ

karakhan07 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 21:55:47

باللا يېقىننىڭزى ئىزدىنىشتىن ئازراق چاتاق چىقتىمۇ نىمە، سۈرىتى ئاستىلاپ ، بەزىدە ئانچە مۇنچە خاتالىقمۇ چىقىۋېلۋاتىدۇ

TILSIMAT يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 22:07:35

سەۋىيەسى ھەقىقەتەن يۇقىرىكەن،مۇسابىقە نەخمەيدان فىلىملىرى بولغان بولسا تخىمۇ ياخشى بولاركەن!!!

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 09:02:35

ئۇيغۇر قىزلىرىغا چوقۇنغىدەك ئۇيغۇر چولپانلار بار بوپتۇ -ھە.

ئۇتۇقلار يار بولسۇن، ئاقار يۇلتۇز ئەمەس، چولپان يۇلتۇزلاردىن بولۇپ كەتكەي.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 21:49:26

شۇنداق ئوغلانلاربىزنىڭ پەخرىمىز .خوتىنلىكەر يارايدۇ .خەپ شۇ مۇسابىقىنى كۆرىمەن ،مەندېگەن ھازىر خوتەندە .

laysu يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 09:10:28

بارىكاللا،بولسا پۇتبولدىمۇ تېزراق ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرسە ئەزىمەتلىرىمىز .....
بەت: [1]
: ئۇيغۇر يىگىتى29 نۇمۇر ئىلىپ شىنجاڭ كوماندىسى چىمپىيۇن بولدى