Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 14:33:08

بۇ بەرەسكە داۋا تېپىلارمۇ؟



دېھقان تۇغقانلىرىمىزنىڭ ئىچىدە بىر سىڭلىمىز بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، 8-9يىل بوپتۇ،  ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ كۆپ دوختۇر ۋە تېۋىپلارغا كۆرسىتىپ دورىسىنى يىگۈزۈپتۇ لىكىن ياخشى داۋاسى بولماپتۇ، بەزىدە سەل كېڭىيىپ قالىدىكەن، دورا ئىشلىتىپ، پەرھىز قىلىپ بەرسە توختاپ قالىدىكەن، لىكىن يوقالماپتۇ. بۇ كېسەل ئۇ قىزغا ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە ئېغىر روھى بېسىم بوپتۇ. بۇنى كۆرگەندىن كىيىن بىز 2-ئايدا ئۆزىمىز خوتەنگە كېسەل كۆرسىتىشكە بېرىشقا بىرلەشتۈرۈپ بۇ قىزنى بىرلىكتە خوتەنگە ئېلىپ باردۇق ۋە بىر نەچچە تېۋىپقا كۆرسەتتۇق. تېۋىپلارنىڭ ئورتاق قارىشىدىن بىرى ھاۋا ئىسسىغاندىن كىيىن ئاپتاپ بىلەن بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش بولدى. ئىككى تېۋىپتىن دورا سېتىۋالدۇق ھەمدە ياز بولغىچە بۇ دورىلارنى يەپ تۇرىدىغان، ھاۋا ئىسسىغاندىن كىيىن قايتا ئاپتاپ بىلەن بىرلەشتۈرۈپ داۋالىتىدىغانغا كېلىشتۈق. ئۇ چاغدا بۇ ئاق قىزنىڭ ئىككى قېشىنىڭ ئارىلىقىدا بولۇپ، رەڭگىمۇ سۇسراق ئېدى. قايتىپ كەلگەندىن كىيىن بىر مەزگىل شۇ دورىلارنى يىدى. ئارىلىقتا يەنە بىر تېۋىپ دوستىمىزنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن قەشقەردىكى بىر تېۋىپقا كۆرسىتىپ باقتۇق، ئۇ كىشى كېسەلنى كۆرۈپ بىزنىڭ بايانىمىزنى ئاڭلىغاندىن كىيىن كېسەللىك ئەھۋالى توغرىسىدا بىر قاتار چۈشەنچىلەرنى بېرىپ، بۇ كېسەلنى مەلۇم دوختۇرخانىدا داۋالىتىشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى ئىكەنلىگىنى تەۋسىيە قىلدى. بىز بۇ كىشىگە قايىل بولۇپ، قىزنى شۇ دوختۇرخانىغا ياتاققا ئالدۇردۇق. ئۇندىن كىيىن ئالدىراشلىق تۈپەيلىدىن مەن كېسەلنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالالمىدىم. بۈگۈن سىڭلىمىز بىزنىڭ ئۆيگە كەپتۇ، قارىسام كېسەل ئىككى قېشىنىڭ ئۇچىغىچە تارقاپ، قېشىنىمۇ چۈشۈرۈۋىتىپتۇ. ئەھۋالىنى ئۇقسام دوختۇرخانىدا 49كۈن يېتىپتۇ، دورىسىنى بەلگىلىگەن بويىچە يەپتۇ، پەرھىزدە تۇرۇپتۇ (ئەمەلىيەتتە بۇ كېسەل پەيدا بولغاندىن بۇيان ئىزچىل پەرھىزدە تۇرۇۋاتقان) ھەمدە قىزىل ئېنفىرا نۇر ۋە ئاپتاپ بىلەن داۋالاشنى قوبۇل قىلىپتۇ. دوختۇرلار پات-پات تەكشۈرۈپ ياخشىلىنىش بولۇۋىتىپتۇ دەيدىكەن، لىكىن ئەمەلىيەتتە كېسەلنىڭ ئورنى كېڭىيىپ كېتىپتۇ. ئاخىرىدا دوختۇرلار «ئەمدى قايتىپ ئۆيىڭىزدە دورا يىسىڭىزمۇ بولىدۇ» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانىدىن قايتىپ چىقىپتۇ. ئەھۋالىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. ئەھۋالى ئۈستىدىكى رەسىمدىكىدەك.
   تىببى ساھەدىكىلەر ۋە بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ ساقايغانلاردىن سورايدىغان مەسلىھەتىم:
  1. كېسەلنىڭ داۋالاش جەريانىدا كېڭىيىپ كەتكەنلىگى ساقىيىۋاتقانلىغىنىڭ بىشارىتىمۇ ياكى يامانلىشىپ كەتكەنلىگىنىڭمۇ؟
  2. بۇ داۋالاش (دورا يىيىش)نى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكمۇ ياكى توختىتىش كېرەكمۇ؟
  3. بۇ كېسەلنى داۋالاپ ئۈنۈملۈك ساقايتقانلار ۋە ئۈنۈملۈك ساقايغانلار بارمۇ؟
   بۇ كېسەل گەرچە ئېغىر كېسەل بولمىسىمۇ لىكىن روھى ئازابى ۋە بېسىمى ھەرقانداق ئېغىر كېسەلدىن قېلىشمايدىكەن، ھەتتا ئادەمنىڭ تەقدىرىگە، ئىستىقبالىغا ئېغىر تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدىكەن. شۇڭا بەرەس بېمارلىرىنىڭ كېسەللىك ئازابىنى ئازراق بولسىمۇ يېنىكلىتىش ئۈچۈن بۇ جەھەتتە ئورتاقلىشىپ باقساق!

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 15:10:18

@tadubeg  

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 15:41:42

بىزنىڭ ئائىلىنىڭ بۇ كېسەلگە بولغان تەجىربىسىگە ئاساسلىنىپ ئازراق سۆزلەپ باقاي.
كىتابلاردىن كۆرۈشۈمچە ئەڭ ياخشى داۋالىنىش پەسلى، ئەتىياز پەسلى.
بۇ كېسەلنى پالانى تىۋىپ ياكى دوختۇر ساقايتىمىش دېگەن خەۋەر، ئۈنىمى كۆرۈلۈشتىن بۇرۇن يالغان، چۈنكى ھېس قىلىشىمچە بۇ كېسەلگە گرىپتار بولغۇچىنىڭ تەن ئالاھىدىلىكى بىلەن دوختۇرنىڭ داۋالاش ئۇسۇلى ماس كەلسە تىزلا ئۈنىمى كۆرۈلىدىكەن، ماس كەلمىسە قانچە داۋالىسىمۇ بىكار. ھەتتا دورىنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچىرىغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز كېڭىيىدىغان ئىشمۇ بولىدىكەن. شۇ سەۋەب بىلەن بىر كېسەلنى داۋالىغان دوختۇردا باشقا بىر كېسەل داۋالىنىپ ساقايماي، تىۋىپنى يامانلايدىغان ۋە بۇ كېسەل ساقايمايدۇ دەپ قارايدىغان كۆز قاراش شەكىللەنگەن بولىشى ئېھتىمال.
تەكلىپىم، مۇشۇ كېسەلنى داۋالاپ ساقايتالىغىنى ئېنىق بولغانلىكى تىۋىپ بولسا بىر مەگىل داۋالىنىپ سىناپ بېقىش، ئەگەر بىر ئاي ئىچىدە ئازدۇر كۆپتۇر ئۈنىمى بولمىسا دەررۇ باشقا دوختۇر ئىزدەش كېرەكمىكىن دەپ قالدىم.
بۇ خىل كېسەلنى داۋالاشتا ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ داۋالاش ئۈنىمى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ساقىيى نىسبىتى غەرب تىبابىتىگە قارىغاندا يۇقىرى ۋە ئۈنۈملۈكمىكىن دەپ قارايمەن.
قالغىنى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق ئىشلار.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 15:43:18

@tadubeg  تۇدانكام مۇشۇ يەرگە چىقىپ سۆزلەپ بەرسە ياكى كەسىپ ئەھلىلىىنى چاقىرتىپ سۆزلىتىپ بەرسە بولىدۇ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 15:43:22

@tadubeg  تۇدانكام مۇشۇ يەرگە چىقىپ سۆزلەپ بەرسە ياكى كەسىپ ئەھلىلىىنى چاقىرتىپ سۆزلىتىپ بەرسە بولىدۇ.

yanwar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 15:52:24

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yanwar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-26 15:53  

بىزنىڭ يېزىدا بىر تارماق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى بار ئىدى. بىر يىللىرى ئۇ ئادەم ئاق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قاپتۇ. ئۇ شۇ سەۋەبتىن مۇددەتتىن بۇرۇن دەم ئېلىشقا چىقىپتۇ. دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن قۇلىقى ئاڭلىغان بارلىق چارە-ئاماللارنى قىلىپ بېقىپتۇ. لېكىن كېسىلى بارا-بارا ئەدەشكە باشلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەم ماتېرىيال كۆرۈپ ئۆزىنى ئۆزى داۋالاشقا باشلاپتۇ. كېيىن كېسىلى ساقىيىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەم ئاق كېسەل داۋالايدىغان تېۋىپ بولۇپ يېزا بازىرىدا دۇكان ئېچىپتۇ...
2010-يىلى يەنە بىر ئىنى ئاغىنەمنىڭ باش تېرىسى ۋە يۈزىگە ئاق كېسەل پەيدا بولۇپ قالدى. بۇ بالا شۇ ھامان خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا بېرىپ 45 كۈن قوپماي يېتىپ داۋالانغان، كېيىن تەلتۆكۈس ساقىيىپ كەتتى...

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 16:30:56

خوتەنگە بېرىپ ۋېلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدىن مۇقىم بىرتىۋىپ بىلەن كۆرۈشۈپ ،شۇ تىۋىپتا مۇقۇىم داۋالانسا ،ئاندىن ياخشى ئۈنۈمى بۇلىدۇ ،ھېچ بولمىغاندا كېڭەيمەيدىغان ،پەرھىزنى چەكلىگىلى بۇلىدۇ .  
بولمىسا مەنمۇ ساقايتىمەن .پۇل بەرسىڭىز .

datman يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 17:52:29

مىنىڭچە ئەڭ ياخشىسى ئۇيغۇرتىبابىتى بىلەن داۋالىنىڭ قوشنىمىزنىڭ قىزىمۇ شۇنداق كىسەل بولۇپ قالغان
ئۇرۇمچىدە بىر دوختۇرخانىدا داۋالانغان سىز دىگەندەك ئاپتاپتا قاقلاپ داۋالايدىكەن لىكىن بۇ كىسەل تىخىمۇ بەك ئەدەپ كەتتى كىيىن قانداق دورا قىلغىنىنى بىلمىدۇق ساقىيىپ قالدىغۇ تاڭ  شۇنىڭغا قاراپ غەرىپ تىبابىتى تازا ئۇنۇملۇق ئەمەستەك بىلىندى

datman يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 17:53:07

مىنىڭچە ئەڭ ياخشىسى ئۇيغۇرتىبابىتى بىلەن داۋالىنىڭ قوشنىمىزنىڭ قىزىمۇ شۇنداق كىسەل بولۇپ قالغان
ئۇرۇمچىدە بىر دوختۇرخانىدا داۋالانغان سىز دىگەندەك ئاپتاپتا قاقلاپ داۋالايدىكەن لىكىن بۇ كىسەل تىخىمۇ بەك ئەدەپ كەتتى كىيىن قانداق دورا قىلغىنىنى بىلمىدۇق ساقىيىپ قالدىغۇ تاڭ  شۇنىڭغا قاراپ غەرىپ تىبابىتى تازا ئۇنۇملۇق ئەمەستەك بىلىندى

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 18:32:30

yanwar يوللىغان ۋاقتى  2014-4-26 15:52 static/image/common/back.gif
بىزنىڭ يېزىدا بىر تارماق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى ب ...

  سىلەرنىڭ يېزا قايسى يېزا ئېدى؟
  خوتەن ئۇيغۇر تىبابەت دوختورخانىسى ئىشەنچلىكرەكمۇ نىمە؟

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 18:35:40

dillani يوللىغان ۋاقتى  2014-4-26 16:30 static/image/common/back.gif
خوتەنگە بېرىپ ۋېلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى ...

ھۆددە قىلىپ داۋالاپ ساقايتالىسىڭىز پۇل بېرىمەن!

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 18:36:53

datman يوللىغان ۋاقتى  2014-4-26 17:52 static/image/common/back.gif
مىنىڭچە ئەڭ ياخشىسى ئۇيغۇرتىبابىتى بىلەن داۋالىنىڭ قو ...

ئاشۇ خوشنىڭىزنىڭ قىزىدىن سوراپ باقساق بوپتىكەن، قايسى تېۋىپتا داۋالانغىنىنى.

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 19:06:45

ئېھسان تېرە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنى  تەۋسىيە قىلاي. تور بېتىنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە شۇنداق ئىزدەپ كەتسەممۇ تاپالمىدىم.بۇرۇن نۇرغۇن تور بېكەتلەردە ئېلانى بولىدىغان...

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 19:33:41

Elqvn يوللىغان ۋاقتى  2014-4-26 18:35 static/image/common/back.gif
ھۆددە قىلىپ داۋالاپ ساقايتالىسىڭىز پۇل بېرىمەن!

   ۋاي قېرىنسىشىم !مەن پۇلنىڭ گېپىنى ئالدامچىلارغاقارىتا دېگەن .مىنىڭ ئۇنداق كېسەللەرنى ساقايتالايدىغان قابىلىيىتىم يوق .
   لىكىن بىرتىېىپتا مۇقىم ئۇزۇنراق داۋالانسا ئاندىن شۇكىشىنىڭ مىجەزىگە ماس رىتىسىپنى تىۋىپلار تاپالايدۇ،شۇ بويىچە دوراتەييارلاپ ،باشقا مۇۋاپىق ئۇسللارنى بىكىتىپ داۋالىسا ،ھېچ بولمىغاندا كېسەلنى كونتىرول قىلغىلى ھەم پەرھىز لەرنى ئازايتقىلى بۇلىدۇ . شۇنى ئۇنۇتماڭكى ياخشىسى ۋىلەيەتلىك ئۇيغۇر تىباباەت دوختۇرخانىسىدا ياكى باشقا مەخسۇس شۇكېسەلنىڭ تىۋىبىدا داۋالانسا ئىشەنچىلىكرەك چىقىدۇ .

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 19:36:15

dillani يوللىغان ۋاقتى  2014-4-26 19:33 static/image/common/back.gif
ۋاي قېرىنسىشىم !مەن پۇلنىڭ گېپىنى ئالدامچىلارغاقار ...

:D :D :D

  رەھمەت، پىكىرلىرىڭىز ئورۇنلۇق!

yanwar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 20:29:33

Elqvn يوللىغان ۋاقتى  2014-4-26 18:32 static/image/common/back.gif
سىلەرنىڭ يېزا قايسى يېزا ئېدى؟
  خوتەن ئۇيغۇر تىبابە ...

سىزگە ئەۋەتكەن كىتابنىڭ لىپاپىسىغا قاراپ باقسىڭىز بىلەلەيسىز!

jalinus يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 21:19:44

كېسەلنىڭ ئۇزانىدىن قارىغاندا سۇ كۈتەرتىدىغان ئاماللار كۆپرەك ئىشلىتىلىپتۇ. ئىنفىرا قىزىل نۇرغا قاقلىسا 10% ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە مەنپەئەت قىلىدىكەن، قالغان بىمارلارنىڭ تېرىسى تېخىمۇ قېتىۋالغاندىن باشقا، يانچۇقىغا بىرمۇنچە زىيانلارنى سالىدىغان گەپكەن. بولسا بۇ تۇققىنىڭىزنىڭ يۇزىنىڭ رەسىمىنىمۇ قۇشۇپ يوللىماپسىز، تەبئىيتى، كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەپلىرىگە قارىتا تېخىمۇ ئىلگىرلەپ ھۇكۇم قىلىشقا بۇلاتتى. ئاۋۇ داغلار دۇرا ئىشلەتكەندىن كىيىن چۈشكەن بولسا، دۇرا سەل پايدا قىپتۇ، ئەكىسچە، كىڭيىش جەرىيانىدا بەزى يەرلەر ئاقارماي قالغاندىن قالغان داغ بولسا ئېنىقلا زىيان قىپتۇ. ئاق بار جاينىڭ چۆرىسىگە قارىغاندا ھىچقانداق قارىداش ئەھۋالىنىڭ بولمىغىنىمۇ دۇرىنىڭ تازا مەنپەئەت قىلىپ كەتمىگىننى كۆرسىتىدۇ.
  ئىشقىلىپ بۇ جاھىل كېسەل، ئاۋۇ بىر توردىشىمىز دىگەندەك بىر ئايدا پايدا قىلمىسا دەرھال باشقا تېۋىپقا يۆتكىلىش كىرەك دىگىنى خاتا قاراش، دەل مۇشۇ خىلدىكى قاراشنىڭ تەسىرىدە جىق يۆتكىلىپ كەتكەن بىمارلارنىڭ كېسىلى تېخىمۇ جاھىللىشىۋالىدۇ. تېۋىپ ئەمدى بەدەندىكى بۇزۇق خېلىتلارنى تازلاپ رەسمى داۋالاش باسقۇچىغا ئۆتكەندە بىمار كىتىپ قالسا دۇرۇس بولمايدۇ. يەنە بىر تېۋىپنىڭ ئالدىغا بارسا قايتىدىن خىلىت تازلايمەن دەپ تازلاپ، تازلاپ ئۆتكۈزۋىتىدىغان ئىش چىقىپ قالىدۇ. خۇددى بۇننىڭ قاقىچىنى كولاۋەرسە بۇرۇنغا چاقا چىقىپ قالغاندەك:lol. چاقچاق.
  مەن داۋالاپ باقايمۇ يە، ئۈنىمى كۆرۈلمىسە پۇل ئالمايمەن جۇمۇ.

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 21:38:19

yanwar يوللىغان ۋاقتى  2014-4-26 20:29 static/image/common/back.gif
سىزگە ئەۋەتكەن كىتابنىڭ لىپاپىسىغا قاراپ باقسىڭىز بى ...

  بايا ئىسمىڭىز تونۇشچىرايلا كۆرۈندى، كىمدۇر دەپتىمەن، سىزكەنسىزغۇ كىتاپپۇرۇش! كىتاپلىرىمنى قاچان تاپشۇرۇۋالىمەن؟

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 21:38:45

ئېغىر كۆرمەي مەن يوللىغان ماۋۇ تىمىنى كۆرۈپ بىقىڭە.ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن.http://bbs.izdinix.com/thread-57577-1-1.html

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 21:42:09

jalinus يوللىغان ۋاقتى  2014-4-26 21:19 static/image/common/back.gif
كېسەلنىڭ ئۇزانىدىن قارىغاندا سۇ كۈتەرتىدىغان ئاماللا ...

ئەسلىدە ئىككى قېشىنىڭ ئوتتۇرىسىدا، ئۇزۇنلۇغى 3-4سانتىمىتىر ئەتراپىدىلا ئېدى، رەڭگىمۇ سۇس ئېدى، مەن دەسلەپتە كۆرۈپ تەمرەتكە ئوخشايدۇ دىگەن، كىيىن خوتەندىكى تېۋىپلار بەرەس دىگەن ئېدى. بۇ قېتىم دوختۇرخانىدا داۋالىنىش جەريانىدا كېڭىيىپ كېتىپتۇ. دەسلەپتە رەسىمگە ئېلىپ قويماپتىكەنمەن، پۇشايمان قىلىپ قالدىم.
بەت: [1] 2 3
: بۇ بەرەسكە داۋا تېپىلارمۇ؟