tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 12:01:23

بۆرەك تېشىنى پارچىلىغۇچى يەككە رېتسىپلار


بۇ ماقالە شەرق تىبابىتى خەزىنىسىدىكى ئاجايىپ تۆھپىلىرى بىلەن شەمسۇلئەتىببا (تېۋىپلار قۇياشى) نامى بىلەن ئاتالغان ھەكىم غۇلام جىلانىخان ھەزرەتنىڭ يەككە دورىلار بىلەن داۋالاش ناملىق ئەڭ كۆپ تارقالغان ئەسىرىدىن ئېلىندى.
بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش كېسەللىكى

بۇ بىر خىل ئۆتكۈر چىقىرىندى ماددىلارنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولغان زىيانلىق ھارارەتنىڭ قۇيۇق خىلىتلارغا تەسىر قىلىشىدىن ياكى باشقا ماددىلارنىڭ بۆرەكتە ئولتۇرۇپ قېلىشىدىن بولىدۇ.

سەۋەبى: بۆرەكتە قاتتىق ھارارەت، قۇيۇق شىلىمشىق خىلىتلارنىڭ تەسىر قىلىشى بىلەن بولىدۇ، ماددىلارنىڭ ھۆللۈكى يوقىلىپ ياكى قۇرۇپ تەدرىجى تاش پەيدا بولىدۇ.

ئالامىتى: بىمارنىڭ ئۇچىسىدىن باشلاپ، بۆرەكنىڭ ئورنىغىچىلىك قاتتىق ئاغرىش بولىدۇ،ئاغرىق نەشتەرنى سانجىغاندەك تۇيۇلىدۇ. ئۈچەيدە كېرەكسىز ماددىلار توختاپ قالغان ۋاقىتتا ئاغرىش كۈچىيىدۇ. كىچىسى سىيگەن سۈيدۈكنى قاچىغا ئېلىپ قويسا بىر قىسمى قىزغۇچ سېرىق قۇم ياكى تاشلار قاچىنىڭ تېگىگە ئولتۇرۇشىدۇ، ئىككى ساغرىنىڭ ئوتتۇرىسى ھەر ۋاقىت تارتىشىپ،تاش ئېسىپ قويغاندەك ئېغىر سېزىلىدۇ. دوۋساقتا تاش ۋە قۇم پەيدا بولغان بولسا ، ئۇنىڭ ئورنىدا ئېغىرلىق بولىدۇ، جىنسى ئەزانىڭ تۈۋىدە ياكى يېنىدا دائىم قېتىشىش سىزىمى بولىدۇ، سۈيدۈكىدە قارا ، كۈلرەڭ ياكى ئاق رەڭلىك قۇم تاشلار بولىدۇ.

داۋالاش:
غار دەرىخى يۇپۇرمىقى، يىلتىزى، قوۋزىقى قاتارلىقلاردىن ئالتە گرام ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە بۆرەكتىكى تاشنى پارچىلاپ چىقىرىدۇ.

ئەينۇلا يىلىمى، سېرىق ئۈرۈم يىلىمى قاتارلىقلادىن ئۈچ گرام ئېلىپ مۇناسىپ شەربەت بىلەن قۇشۇپ ئىچسە بۆرەكتىكى تاشنى پارچىلاپ چىقىرىدۇ.

15گرام قورۇلغان چامغۇر يىلتىزىنى ئىستىمال قىلسا بۆرەكتىكى تاشنى پارچىلاپ چىقىرىدۇ.
تۆت گرام ھەليۇن ئۇرۇقىنى بىلسان يېغى ۋە ھەسەل بىلەن ئىستىمال قىلسا ، بۆرەكتىكى تاشنى پارچىلاپ چىقىرىدۇ.

بەدىيان ۋە ئۇنىڭ يىلتىزىنى قاينىتىپ ئىستىمال قىلسا ، بۆرەكتىكى تاشنى پارچىلاپ چىقىرىدۇ.

تۇرۇپ ئۇرۇقىنى يۇمشاق سۇقۇپ، ئۈچ گرامدىن ئىستىمال قىلىپ بەرسە ، بۆرەكتىكى تاشنى پارچىلاپ چىقىرىدۇ.

كاللەكسەي ئۇرۇقىدىن ئۈچ گرامنى ۋە يۇپۇرمىقىدىن ئازراق قۇشۇپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە ، بۆرەكتىكى تاشنى پارچىلاپ چىقىرىدۇ.

تۇرۇپنى سىقىپ سۈيىنى ئىستىمال قىلىپ بەرسە تىز تەسىر قىلىدۇ.

4.5گرام ئىزخىر يېغىنى ئىستىمال قىلسا شىپا بولىدۇ.

پىرسىياۋشاندىن يەتتە گرام، ئاقلانغان ئارپىدىن ئالتە گرام ئېلىپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە ، بۆرەكتىكى تاشنى پارچىلاپ چىقىرىدۇ.

جىنتىيانادىن ئۈچ گرامنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە سۈيدۈكنى ھەيدەيدۇ ۋە بۆرەكتىكى تاشنى پارچىلاپ چىقىرىدۇ.

ئۈچ گرام سەكبىنەج قاينىتىلمىسىنى ئىستىمال قىلىپ بەرسە بۆرەكتىكى تاشنى پارچىلاپ چىقىرىدۇ.

قۇرۇتۇلغان سازاڭ قۇرىتىنى يۇمشاق ئىزىپ، ئالتە گرامىنى مۇناسىپ شەربەتلەر بىلەن ئىستىمال قىلسا بۆرەكتىكى تاشنى پارچىلاپ چىقىرىدۇ.

ئىككى گرام ئۇد سەلىپنى قاينىتىپ ئىستىمال قىلسا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

بىر گرام تۇخۇ تۇخۇمى شاكىلى كۈشتىسىنى ئىستىمال قىلسا بۆرەكتىكى تاشنى پارچىلاپ چىقىرىدۇ.

ئالتە گرام ئۆشنىنى ئىستىمال قىلسا شىپا تاپىدۇ.

تۇخۇ تاشلىقىنى كۆيدۈرۈپ ئىستىمال قىلسا ئۈنۈملۈك شىپا بولىدۇ.[

0.8گرام چايان كۈلىنى ئىشلەتسىمۇ شىپالىق تەسىرنى بىرىدۇ.
چايان يىغى سۈركەلسە ۋە ھۆقنە قىلىنسا دوۋساقتىكى تاشلارنى پۈتۈنلەي ئىزىپ چىقىرىدۇ.

بىر دانە تۇرۇپنى ئۇيۇپ ئۇنىڭغا قىزىل ماش ياكى چامغۇر ئۇرۇقىنى توشقۇزۇپ ، ئۈستىنى خېمىر بىلەن ئوراپ گېلى ھىكمەت قىلىپ پىشۇرۇپ ئاندىن ئىچىدىكى ئۇرۇقلارنى ئېلىپ، ئۈچ كۈنگىچە ئىستىمال قىلسا بۆرەكتىكى تاشنى سۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۈچ گرام زاراڭزا ئۇرۇقىنىڭ شىرىسىنى چىقىرىپ ناۋات بىلەن قۇشۇپ ئۈچ ھەپتىگىچە ئىستىمال قىلسا شىپا بولىدۇ.

پىلپىلدىن يەتمىش دانە ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، يەتتىگە بۆلۈپ مۇناسىپ سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار بىلەن يەتتە كۈنگىچە ئىشلەتسە شىپا بولىدۇ.
ھۆپۈپنىڭ گۆشى ۋە سۆڭىكىنى قاينىتىپ ئىچسە شىپا بولىدۇ.

ھەجەرۇليەھۇد ياكى قىزىل نۇقۇتنى ئىستىمال قىلسا شىپا تاپىدۇ.

مىسۋاك دەرىخى يۇپۇرمىقىدىن 12گرامنى بىر پىيالە كاۋا سۈيى، 85گرام كالا يېغى بىلەن قۇشۇپ ئىستىمال قىلسا بۆرەكتىكى قۇمسىمان تاشنى سۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئالتە گرام تاشئوتنى شىكەر قۇمۇشى سۈيى بىلەن ئىستىمال قىلسا شىپا بولىدۇ.

رازى دېگەن ئۆلىمانىڭ ئېيتىشىچە توشقاننىڭ گۆشىنى قىزىل نۇقۇت سۈيى بىلەن پىشۇرۇپ ئىستىمال قىلسا ، بۆرەكتىكى تاشنى پارچىلاپ چىقىرىدۇ.

سەنگى سەرمايىدىن مۇۋاپىق ئېلىپ، يۇمشاق سۇقۇپ ئىستىمال قىلسا ، بۆرەكتىكى تاشنى پارچىلاپ چىقىرىدۇ.

ئىككى دانە كەپتەر باچكىسى گۆشىنى تۇز ۋە ئىسسىق چاي دورىلار، كۈنجۈت يېغى بىلەن قورۇپ ئىستىمال قىلسا ، بۆرەكتىكى تاشنى پارچىلاپ چىقىرىدۇ.

يەككە دورىلار بىلەن داۋالاش كىتاۋىدىن ئېلىندى. بەزى كىتابلاردا بۇ كىتابتىكى مەزمۇنلار باشقىچە ئېلىنغان بولۇپ ئۇنى كېيىنچە يېزىشىم مۇمكىن.
مەنبە: www.4tadu.com

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 12:40:34

رەخمەت !

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 13:01:46

بۇ تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆپ قىسىم دورىلار ئىنىم يەۋاتقان دورىلارنىڭ تەركىبىدە بار ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە شىپاسى ئەڭ كۈچلۈك، چوڭ تاشلارنىمۇ ئېرىتىپ پارچىلىيالايدىغىنى قايسىدۇ؟ بۇ قارىغاندا ئەشۇ ئەشىيالارنىڭ دورىلىق خۇسۇسىيىتى ھەققىدىكى بايانلار ئىكەن، مىقدار، ئۇسۇل ۋە ۋاقتى ئېنىق بولغان پىشقان رېتسىپ بولغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى.........

atilla705 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 13:45:05

ئۈنۈمى ئەڭ ياخشسى، كىشىلەر كۆپ ئىشلىتىپ ئۈنۈمىنى كۆرگەنلىرى قايسىلىرى؟
يۇقارقى خام ماتىرىياللارنىڭ ھەممىنى تىۋىپلاردىن تاپقىلى بولامدۇ؟

osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 14:40:25

ئالدىنقى ھەپتە بىر تونۇشۇمنى بۆرىكىدە تاش بار دەپ چىقىرىپتىكەن شۇنىڭغا بىر يوللاپ بىرەي... كۆرەپ باقسۇن.....

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 18:20:37

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 18:22:35

خورمىنىڭ ئۇرۇقىنى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسىمۇ چۈشىدىكەن. سىناقتىن ئۆتكەن رېتسېپ. ئەلا سۈپەتلىك خورما بولسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن.

kirindax يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 20:47:46

ياخشى تىما {:112:}

428 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 01:31:51

ياخشى رىتسىپلار چىقىۋاتىدۇ جۇمۇ، بولسا ئۆت ياللۇغى ، ئۆتتىكى تاشنى چۈشۈرۈشنىڭ يەرلىك رىتسىپلىرىدىن يوللاپ قويغان بولساڭلار :):)

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 09:57:32

Elqvn يوللىغان ۋاقتى  2014-4-26 13:01 static/image/common/back.gif
بۇ تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆپ قىسىم دورىلار ئىنىم  ...

بۇ تاش قۇمسىمان ياكى كىچىك تاشلارغا ماس كېلىدىغان نۇسخا، ئىنىڭىزغا ماس كەپ كەتمەسلىكى مۇمكىن.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 09:57:59

428 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 01:31 static/image/common/back.gif
ياخشى رىتسىپلار چىقىۋاتىدۇ جۇمۇ، بولسا ئۆت ياللۇغى ، ئ ...

ئۆت ياللۇغىغا قارىتا دورىلارنى يوللاپ قوياي بىر كۈنى.

dilfuze يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 11:06:36

7-9mmتاشلارغا ماس كىلەمدۇ،قوغۇن ئۇرۇقى يېغىنىڭ تاش چۇشۇرۇش رولى بارمۇ؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 12:36:32

ماس كېلىدۇ، بولۇپمۇ ئۇ دائىرىدىكى تاشلارغا تۇرۇپ،بەدىيان،چاين،ھەجەرۇليەھۇد چۈشكەن  دورىلارنىڭ ئۈنۈى ياخشى
قۇغۇن ئۇرۇقى يېغىنى بىلمەيدىكەنمەن.

dilfuze يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 17:27:28

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 12:36 static/image/common/back.gif
ماس كېلىدۇ، بولۇپمۇ ئۇ دائىرىدىكى تاشلارغا تۇرۇپ،بەدى ...

بۇلارنى قانچە گىرامدىن قانداق ئىچىش كىرەك؟

akida525 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 18:17:15

رەھمەت، بۇ ئۇسۇللار بىلەن ئۆتتىكى تاشلارمۇ پارچىلىنىپ چۈشەلەمدۇ؟
بەت: [1]
: بۆرەك تېشىنى پارچىلىغۇچى يەككە رېتسىپلار