بىل گەيتس Windows 8 نى ئىشلىتەلمىدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-25 22:38نيۇيوركلۇقلار گېزىتىنىڭ مۇشۇ يىل فېۋرالدىكى (كونا) خەۋرىگە كۆرە، مىكروسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھېنرى ۋىليام گەيتس (بىل گەيتس) مىكروسوفت شىركىتىگە تېخنىكا مەسلىھەتچىسى سۈپىتىدە قايتىدىن خىزمەتكە كىرگەن بولۇپ، خىزمەتكە كىرگەن تۇنجى كۈنى كومپيۇتېرىغا Windows 8.1 نى قاچىلاش تەلەپ قىلىنغان. ئەمما Bill Gates تا ئىشقا چۈشكەندىن باشلاپ ھەپىلىشىپ، كەچتە ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىتقىچە ئوڭۇشلۇق قاچىلىيالمىغان، ھەم بۇ ئەھۋالدىن ناھايىتى نارازى بولغان.
مىكروسوفتنىڭ CEO سى بۇ ئەھۋالغا چۈشەنچە بېرىپ: «يېڭى خىزمەتچىلەرنىڭ سىستېما قاچىلىيالماسلىقى دائىم كۆرۈلىدىغان نورمال ئىش» دېگەن.
ئەمما بۇنداق ئەھۋال كىشىدە «بىل گەيتس مىكروسوفتتىن پېنسىيەگە چىققاندىن بۇيان كومپيۇتېر ئىشلەتمىگەنمىدۇ؟ ئەجەبا مىكروسوفت شىركىتى چىقارغان Windows 8.1 سىستېمىنى Bill Gates مۇ تېخى ئىشلىتىپ باقمىغانمىدۇ؟ Microsoft تەك بىر شىركەتتە، «سىستېما قاچىلىيالمايدىغان» تېخنىكلارمۇ بار ئىكەن؟... Windows سىستېمىسىنىڭ كەشپىياتچىسى بۇ سىستېمىنى قاچىلىيالمىسا، بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك...؟ دېگەندەك سوئاللارنى تۇغدۇرىدۇ.
Windows 8.1 سىستېمىنى ئوڭۇشلۇق قاچىلىيالمىغان Bill Gates ئەتىسىدىن باشلاپ، Windows 7 ئىشلەتكەن.
تىلىمىزنىڭ قاتقانلىقى ھەۋەبلىك win8نىڭ ھەقىقىي نۇسخىسىنى سېتىۋىلىپ ھازىرغىچە ئىشلىتىۋاتىمەن، لېكىن راستىنى ئېيتسام win8نىڭ يېڭى ئىختىدارلىرىنى تۈزۈك ئىشلىتىپ باقمىدىم، win7 گە ئوخشاپ كىتىدىغان ھالەتتە ئىشلىتىۋاتىمەن، قىسقىسى 7نى ئىشلەتكەندەك بەھۇزۇر ئىشلىتەلمىدىم. بەلكىم مۇنمۇ يېڭى ئارتۇقچىلىقىنىڭ تىگىگە يىتەلمىدىممۇ؟ تاڭەي مەنمۇ ۋېن8لىك خاتىرە كومپيۇتېرىمغا ۋېن7نى قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىمەنغۇ،ۋېن8دە دەھشەت تىز قوزغىلاتتى يامان يىرى كۈنەلمىدىم ماڭا ئوخشاش windows 8 نى ئەپ قويۇپ Windows 7 نى ئىشلىتىۋاتقانلاردىن قانچىسى باردۇ ھە؟
Windows 7 ئەڭ ئاخىرىقى WIndows ئۈستەل يۈزى مەشغۇلات سىستېمىسى تۇرسا.
Windows 8 دىن باشلاپ بۇلۇتقا يۈزلەندى، توختىماي قاتتىق دېسكىنى ئوقۇيدىغان بولدى...
مەن ئادەتتە Windows 7 بىلەن Ubuntu 14.04 نى قوش سىستېما قىلىپ ئىشلىتىمەن win8 نى قاچىلاپ پەقەت كۆنەلمەي يەنىلا win7 نى ئىشلىتىۋاتىمەن يېڭى خىزمەتچىلەرنىڭ سىستېما قاچىلىيالماسلىقى دائىم كۆرۈلىدىغان نورمال ئىش:lol نەچچە ئاي بۇرۇن تارقىلىپ يۈرگەن خەۋەرتى بۇ، تېخىچە قاچىلىيالماپتۇدە 8-ئايدا win8.1 گە win7 دىكى باشلاش تىزىملىكى تولۇق قايتىپ كېلەرمىشقۇ. شۇنداق بولسا 8 ئېپ قويۇپ 7 ئىشلەتكەنلەر شاش ئىشلىتىپ كەتكۈدەك ئەمىسە. يا يەنە ئۇ بۇ بانا سەۋەب بىلەن 7 گە چۈشۈۋالارمۇ:lol بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقى نۆل، win8 سېستىمىسى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى سېستىمىلارنىڭ بىرى بۇلۇپ ، قاچىلاش ئاسان،ھەم تېز قاچىلىنىدۇ، ئادەتتە بارلىق دېتاللارنىڭ قوزغاتقۇچلىرى ئۆزلىكىدىن قاچىلىنىدۇ،كۆرۈنمە يۈزى ناھايتى چىرايلىق ، توركۆرگۈسى ناھايتى تېز بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ، ۋىندوس ئەپ بازىرى ئۇنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بولۇپ ، بۇيەردىن نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتەلەيسىز، ئىشلىتىش ئۇنداق تەس ئەمەس، ئەگەر سىز ئۇنىڭ باشلاش سەھىپىسىگە كۈنەلمىسىڭىز ،قوزغالغان ھامان بىۋاستە ئۈستەل يۈزى ھالىتىگە كىرىدىغان قىلىپ تەڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ.ئۇسۇلى مۇنداق: ئۇستەل يۈزى ھالىتىدە ۋەزىپە ئىستونى مائۇس ئوڭنى چىكىپ خاسلىقنى تاللاپ كىرىپ 导航نى چىكىپ ئوتتۇردىن بىرىنچىسىنىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسىنى ئۇرۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. مۇشۇ ۋىندوۋىسنىڭ سېستىمىسىنى بۇرۇندىن باشلاپ ئىشلىتىپ كىلىۋاتقانلار يەنى ئەڭ دەسلەپ چىققان
نۇسخىسىدىن باشلاپ ئىشىتىپ باققانلار مۇشۇ جەرياندىكى ئىشلىتىش جەريانلىرىڭىلارنى دەپ باقساڭلار؟
مۇشۇ ۋىن باشقا سېستىما يوقمۇ ھازىر كومپيۇتېر دۇنياسىدا؟ كومپىيۇتېرنى يېرىم ياتە بىلىدىغان مەندەك ئادەملەر ئىشلىتىش تەس كەلمەمدۇ نىمە ؟ win7نى ئىشلىتىشنى تۈزۈك بىلىپ بولالماي مەشغۇلاتتىمۇ تولا قىيلىنىپ تولا ئىچىم سىقىلاتتى، كومپىيۇيېر ئالماشتۇرغاندا چوقۇملا win7 سېستىمىلىق كومپىيۇتېر ئالىمەن دەپ مەخسۇس DELLنىڭXPS 8500 كومپىيۇتېرىنى ئالسام ئۆيگە ئەكەلگەندە سېستىما win8 چىقىپ قالدى، سېستىمىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان بولساممۇ ،لېكىن يوقۇرى نەشىرنى تۆۋەن نەشىرگە چۈشۈرۈشتە قولايلىق ئەمەس دەپ تۇرىۋېلىپ ئاخىرى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولدۇم. بىر يىلدىن بېرى win8 نى ئىشلىتىۋاتىمەن ،ئانچىمۇ قىيلىنىپ كەتمىدىم . ياخشى بولىۋاتىدىغۇ . چاتاق يېرى win7نى تۈزۈك ئىشلىتىشنى بىلمەي تۇرۇپ چوڭ سەكرەپ كەتكىنىمگە ئۆزۈممۇ قايىل ئەمەس. لېكىن ھىس قىلسام win8 سېستىما win7 غا قارىغاندا كۆپ ئاسان ئىكەن ،مېنىڭ چۈشۈنۈشۈمدە win7 سىزنى ئاز تەپەككۈر قىلىشقا يېتەكلەيتى، ئەمما win8 بولسا ھازىر ماگزىنلاردا سېتىلىۋاتقان يىپ، يىڭنە ،رەخت، خەرىتىلىرىدىن تارتىپ ھەممە نەرسىنى تەييارلاپ بېرىپ سىزنىڭ رەختكە سىزىغلىق رەڭلەر بويىچە يىڭنىگە يىپ ئۆركۈزۈپ كەشتىلەپ چىقىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرغان تەييار كەشتە گۈلىگىلا ئوخشايدۇ . bahadirlarbiz يوللىغان ۋاقتى 2014-4-26 09:48 static/image/common/back.gif
بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقى نۆل، win8 سېستىمىسى تارىختىن بۇيان ...
ئاۋۇ نيۇيوركلۇقلار (The NewYorker) دېگەن ژۇرنال نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى... دېگەندەك ئاخباراتلار بىلەن بىر قاتاردىكى ئىشەنچىلىك ژۇرنال، ئەلۋەتتە خەۋەر دېگەننىڭ يالغىنى بولمايدۇ دەپ ئېيتالمايمىز.
مەنمۇ Windows 8 ئىشلىتىۋاتىمەن.... ئەمما ئويلاپ بېقىڭ، Windows 8 نى سىز دېگەندەك قىلىپ ئىشلەتسە، Windows 7 دىن نېمە پەرقى؛ ئۇنداق ئىشلىتىش يەنىلا Windows 7 نىڭ Windows 8 دىن ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟ بۇ پەقەت باشلاش سەھىپىسىنى يۇشۇرۇپ قۇيۇش. ئۇ يەنىلا ۋىن8 .
ۋىن7 دە 应用商店نى ئىشلىتەلمەيسىز . bahadirlarbiz يوللىغان ۋاقتى 2014-4-26 14:37 static/image/common/back.gif
بۇ پەقەت باشلاش سەھىپىسىنى يۇشۇرۇپ قۇيۇش. ئۇ يەنىلا ۋى ...
گەپ باشلاش كونۇپكىسىدىمۇ ئەمەس
قاتتىق دېتال مەسلىسى Windows 8 نىڭ ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقى.
قوزغىلىش سۈرئىتىنى ئاشۇرىمەن دەپ 固态硬盘 دېگەن نەرسىدە ياخشى ئىشلەيدۇ.
固态硬盘 بولمىسا شامالدۇرغۇچدىن ئوت چىقىرىۋىتىدۇ.
توردىن ئاختۇرسىڭىز بەك جىق Windows 8 نىڭ قاتتىق دېتال مەسىلىسى ۋىندوۋس 8 ئىشلەتكەن ۋاقتىمدا باشلاش كۇنۇپكىسى سەل بېشىمنى ئاغرىتقان، 8.1 گە كۆتۈرۈۋالغاندىن كېيىن باشقا مەشغۇلات سېستېمىلىرىنى ئىشلىتىش ئەمەس، كۆرسەممۇ بىر قىسما بولىدىغان بولۇپ قالدىم. ئىشقىلىپ تۇيغۇمدا ۋىندوۋس8.1 مىكروسوفت شىركىتىنىڭ مۇنەۋۋەر مەشغۇلات سېستېمىسى ئىكەن. ۋىندوۋس 8 گە جاۋا قاچىلاپ ئىشلەتكەنلەر ئېغىر كۆرمەي تەجىرىبەڭلەرنى دەپ بىرىڭلار. جاۋا قاچىلىيالماي نەچچە قېتىم ئۆچۈرۈۋەتتىم. مىنىڭچىمۇ ۋىندوۋس 8 نىڭ كۆنەلمىگىدەك يېرى يوق،بۇرۇنقىسىغا كۆنۈپ قالغانلار قوزغۇلۇپ بولغاندىن كىيىن ئۈستەل يۈزىنى تاللاپ ئىشلەتسەك بولىدۇ!!! yollugh يوللىغان ۋاقتى 2014-4-26 07:10 static/image/common/back.gif
يېڭى خىزمەتچىلەرنىڭ سىستېما قاچىلىيالماسلىقى دائىم ك ...
يېڭى خىزمەتچى ئەمەس مەخسۇس كومپيۇتېردا خىزمەت قىلىدىغانلار، كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭمۇ سىستېما قاچىلىيالمايدىغانلىرى نۇرغۇن. كۆپچىلىك بىر نەچچە كۈندىن بېرى تورخۇمار ئېچىلمايدا . بۇ تور بەتكە كۆز تەگدىما ؟ yolyar، دىگىنىڭىز ئورۇنلۇق.
ماڭا قىزىقارلىق تۇيۇلغىنى ئۇنىڭ گايتىس ئەپەندىنى 'يېڭى خىزمەتچى ' دىگىنى بولدى.
بەت:
[1]
2