Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-4-25 20:30:01

كەلگۈسىدە يان تېلفۇنلار كىيىمىڭىزگە تىكىلىشى مۇمكىن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilig تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-25 20:32  

يېڭى سىپەيزىر تېخنىكىسى



موناش ئۇنىۋېرستىتى  ئېلىكتر ۋە كەمپۈتەر سېستىملىرى ئېنژىنىرلىقى باشقارمىسى دىكى  تەتقىقاتچىلار يېپيىڭى «سىپەيزىر» تېخنىكا مودېلىنى ئوتتۇرىغا قويدى.  پۈتۈنلەي كاربوندىن-

كاربۇن نانو تۇربىسى ۋە گرافىت رېزونانىسلىغۇچتىن تۈزۈلگەن سىپەيزىر  ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئېلاستىك ۋە چىداملىقلىقى،  يۇقىرى تېمپراتۇرا شارائېتىدا ئىشلىيەلەيدىغانلىقى ۋە مۇھىتقا سەلبىي تەسىرى يوق بولغانلىقىدەك ئەۋزەللىكلىرى بىلەن كەلگۈسىدە  ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە باشقا ساھالەردە  مۇھىم قوللىنىشلىرىغا ئېگە بولىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ناھايىتى نېپىز ۋە ئىلاستىك يانفۇنلار ياسىلىپ ھەتتا كىيىملەرگە چاپلىنىپ تىكىلىشى مۇمكىن. ماقالە  23-فىئورال ، 2014  ACS Nano ژورنىلىدا ئېلان قىلىندى.  ماقالىنىڭ تور ئۇنىلىنىشى  بۇ يەردە .


ئەمدى ئوقۇرمەنلەرگە بىر ئاز چۈشىنىشلىك بولسۇن ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم پەننىي ئاتالغۇلارغا  قىسقىچە ئىزاھات بېرىمىز:


1. سىپەيزىر (Spaser): سىپەيزىر  ئېنگىلىزچە   Surface Plasmon Amplification by Stimulated Emission of Radiation  نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ،  بىر خىل نانومېتىر-چوڭلۇقتىكى ئېلىكتېر-ماگنېت مەيدانى بىلەن ئالاقىدار  قۇرۇلمىدىن ئىبارەت.  ئۇ ئوپتىكىدىكى لازىر  (ئېنگىلىزچىدىكى  نىڭ قىسقارتىلىمىسى Light Amplification by Stimulated Emission of Radiation )  بىلەن ئۇقۇم جەھەتتە تەڭ ھوقۇقلۇق قۇرۇلما بولۇپ، لازىر قۇرۇلمىسى فوتونلارنى ئېتىپ چىقارسا، سىپەيزىر قۇرۇلمىسى فوتون چىقارمايدۇ.

2. كاربون نانو تۇربىسى (Carbon nanotube): كاربوننىڭ بىر خىل ئاللىتروپى (خىمىيەدىكى ئوخشاش ئىلمىنتنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەكىللىرى، مەسىلەن، ئالماس، گرافىت قاتارلىق) بولۇپ، نانو مېتىر چوڭلۇقتىكى  سېلىندىرسىمان تۈزۈلۈشتىن ئىبارەت.  كاربون نانو تۇربىسى نۆۋەتتە ماتېرىيال ساھەسىدە ئەڭ دىققەت تارتىۋاتقان تېما بولۇپ،  يۈكسەك دەرىجىدىكى ئېلاستىكىلىقى ۋە كۈچلۈكلىكى،  ناھايىتى ياخشى ئېلىكتېر ۋە ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈشچانلىقى  قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن  دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ماتېرىيال ساھەسىدىكى تەجىربىخانىلاردا ئالدىنقى تەتقىقات ئوبىكتى بولۇپ تۇرماقتا...

3. گىرافىت رېزونانىسلىغۇچ (Graphene Resonator) گىرافىتتىن ياسالغان ئېلىكتىر-ماگنېت رېزونانىسلىغۇچ.  گىرافىت بولسا مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا «ئىككى ئۆلچەملىك كاربون پەردىسى» بولۇپ، ناھايىتى نېپىز، يەنى قېلىنلىقى بىر كاربون ئاتومى چوڭلۇقىدىكى كاربون ئاتوملىرىنىڭ مۇنتىزىم ئالتە تەرەپلىك تۈزۈلۈش شەكلى.  

سىپەيزىر «توك ئۆتكۈزۈش» كە ئائىت قۇرۇلمىلاردا، مەسىلەن مىكرو بىرتەرەپ قىلغۇچ، ئۇچۇرخاتىرلىگۈچ قاتارلىق قۇرۇلمىلاردا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئادەتتە سىپەيزىرلار كۆمۈش ۋە ئالتۇن نانو زەرىچىللىرى بىلەن  يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك كۋانت نوقتىسى دىن تۈزىلەتتى، بۇ خىل يېڭى سىپەيزىر  كاربون نانوتۇربىسى بىلەن گرافىندىن تۈزۈلگەن بولغاچقا مىخانىكىلىق، ئېلىكتىرىك خۇسۇسىيەتلىرى جەھەتتە ئالاھىدە ئەۋزەللىكلەرگە ئېگە بولىدىكەن.  بۇ خىل قۇرۇلما ناھايىتى چىداملىق ۋە يۇقىرى دەرىجىدە ئېلاستىك، توك ۋە ئىسسىقلىق ئۆتكۈزىشى ئالاھىدە بولۇپ، بىتوندىن 100 ھەسسە قاتتىق ۋە توك ۋە ئىسسىقلىق ئۆتكۈزىشى مىستىن كۆپ ياخشى بولىدىكەن.


تەتقىقاتتا كۆرسۈتىلىشچە كاربون نانوتۇربىسى بىلەن گرافىت نۇر ئارقىلىق تەسىرلىشىدىغان بولغاچقا ناھايىتى تېز ۋە ئۈنۈملۈك بولىدىكەن، شۇنداق بولغاچقا كەمپۈتەرنىڭ ئۇچۇر ساقلاش ئۈزەكلىرىدە قوللىنىلىشقا بولىدىكەن.  ھەجىمى ناھايىتى كىچىك، ساقلاش ئۈنۈمى يۇقىرى ۋە يۈكسەك دەرىجىدە ئېلاستىك بولۇش خۇسۇسىيتى بىلەن كەلگۈسىدىكى نىپىز رەخسىمان تېلفۇنلار ياسىلىپ، تېمىنىڭ بېشىدا دېيىلگىنىدەك كىيىملەرگە تىكىلىشىمۇ مۇمكىن.

ئۇنىڭدىن باشقا راكنى رادىئاتسىيە بىلەن داۋالاش  جەھەتتىمۇ  يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشى مۇمكىن...

تېخىمۇ كۆپ مەزمۇن ئىلىم-پەن تورىدا.






yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-25 23:07:49

بايا تېخى كورىيەنىڭ سۈزۈك يانفۇن تەتقىقاتىنى باشلىغانلىقىنى ئوقۇغانتىم.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 10:04:23

تىكمەيدىكەن توقۇيدىكەن دەڭلا.

ھازىرمۇ كىيىملەرگە يانفۇننى تىكىۋالسىڭىز بولېۋېرىدۇ.......

qarayuz يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 10:24:26

بىلىك:
سىزنىڭ ئوقۇغىنىڭىز فىزىكىدىكى نىمىنى تەتقىق قىلدۇ؟سىزچە فىزىكىنىڭ بۇنىڭدىن تەرەققىياتى قايسى يۆنىلىشتە
ماڭىدۇ؟سىز يۇرتتا قايسى ئونۋېرسىتىتنى ئوقۇغان ،دېمەكچى ئېمتىھان بېرىدىغان بالىلارغا تەۋسىيە قىلاي دېگەن
ماڭىمۇ ھەل تەس تۇيۇلىدۇ بۇ فىزىكا پېنى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە فىزىكىنىڭ ئورنى قانداق؟قانداق قىلغاندا تېخىمۇ
ياخشى ئۆگەنگىلى بۇلىدۇ؟
بەت: [1]
: كەلگۈسىدە يان تېلفۇنلار كىيىمىڭىزگە تىكىلىشى مۇمكىن